تولۇقسىز 1-يىللىق تارىخ دەرسلىكى
12-دەرىس.مۇڭغۇللارنىڭ باش كۆتۈرۈشى ۋە يۇەن سۇلالىسىنىڭ قۇرۇلىشى
ئوقۇتۇش جەريانى :
چىڭگىزخانغا ئائىت قىسقا فىلىم كۆرسۈتىلىدۇ،
ئوقۇغۇچىلار بۇ ھەقتە پىكىر ئېلىپ بارىدۇ،ئوقۇتقۇچى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئاساسىدا مۇڭغۇللارنىڭ باش كۆتۈرۈشى ۋە يۇەن سۇلالىسىنىڭ قۇرۇلىشى ھەمدەتارىخى تۆھپىسى قاتارلىقلارغا ئائىت مەزمۇنلارنى ئۆگىنىپ ئۆتۈلدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويۇپ ،دەرسلىكنىڭ 93-94-بەتتىكى مەزمۇننى ئوقۇشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇلدۇ.
چىڭگىزخان قايسى مىللەتتىن؟ ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى نىمە ؟
[مۇڭغۇل مىللىتىدىن ،ئەسلى ئىسمى تۆمۈرچىن ]
چىڭگىزخان قايسى يىلى مۇڭغۇللارنى بىرلىككە كەلتۈردى ؟
[1206-يىلى بارلىق مۇڭغۇل قەبىلىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈردى]
ئوقۇتقۇچى بايان قىلىپ چۈشەندۈرىدۈ؛ چىڭگىزخانىڭ مۇڭغۇل قەبىلىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشىگە ئائىت مەزمۇنلارنى .................................
ئوقۇتقۇچى يىتەكلەيدۇ؛ چىڭگىزخان مۇڭغۇللارنى بىرلىككە كەلۈرگەندىن كىيىن ،يۇەن سۇلالىسىنىڭ قۇرۇلىشى ئۈچۈن قانداق تۆھپىلەرنى قوشتى ؟
ئوقۇغۇچى :چىڭگىزخان جىن سۇلالىسى ،غەربى شىيا سۇلالىسى ۋە جەنۇبى سۇڭ سۇلالىسىنى يوقىتىپ ،ياۋروپا رايونلىرىغا قەدەر ئۇرۇش قىلىپ كەڭ زېمىننى ئىگەللىدى.
ئوقۇتقۇچى :بىز چىڭگىزخاننىڭ قايسى روھىنى ھېس قىلالايمىز ؟
ئوقۇغۇچى :قەيسىرانە ئىرادىسى ، تەشكىلەش ئىقتىدارى ، تارىخى ئېقىمنى كۆزىتىش ئىقتىدارى .
ئوقۇتقۇچى ئۇمۇملاشتۇرۇش ئاساسىدا كىيىنىكى مەزمۇنىغا يىتەكلەيدۇ،
ئوقۇتقۇچى : يۇەن سۇلالىسى قاچان قۇرۇلدى؟ قۇرغۇچىسى كىم؟ پايتەختى قايسى جاي؟
ئوقۇغۇچى: [1271-يىلى ، قۇبىلاي ،خانبالىق ]
ئوقۇتقۇچى بايان قىلىدۇ: .............................
ئوقۇتقۇچى : يۇەن سۇلالىسىنىڭ قۇرۇلۇش جەريانى قانداق؟
ئوقۇغۇچى جاۋاپ بېرىدۇ: جىن سۇلالىسىنى يوقاتقاندىن كىيىن ،جەنۇبى سۇڭ سۇلالىسىنى قورشاۋغا ئېلىش ۋەزىيىتى شەكىللەندى،1276-يىلى جەنۇبى سۇڭ سۇلالىسىنى يوقاتتى.
[ئۇرۇش ۋەزىيەت خەرىتىسى ئوقۇغۇچىلارغا كۆرسىتىلىدۇ ھەمدە چۈشەندۈرىلىدۇ]
ئوقۇتقۇچى ؛يۇەن شىزۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە،يۇەن سۇلالىسىنىڭ ئىگىلىكى ۋە تاشقى سىياسىتىدە قانداق ئۆزگىرىش بارلىققا كەلدى؟
ئوقۇغۇچى :شىمالنىڭ ئىقتىسادى ئىگىلىكى ئەسلىگە كەلدى ۋە تەرەققى قىلدى .خۇاڭخې دەرياسىنى تىزگىنلىدى،پاختا تېرىش كۆلىمىنى كېڭەيتتى.قانالنىڭ قاپلىنىش دائىرسى كېڭەيدى.
تاشقى ئالاقە جەھەتتە؛ ماركىپوللو جۇڭگوغا كېلىپ ،شەرىق-غەرىب مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدا ۋە ئالاقە جەھەتتە مۇھىم رول ئوينىدى .
ئوقۇتقۇچى : يۇەن سۇلالىسى پۈتۈن مەملىكەتكە ئۈنۈملۈك ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۈچۈن قايسى خىل يېڭى سىياسەتنى يولغا قويدى ؟
ئوقۇغۇچى :مەمۇرى ئۆلكە تۈزۈمى .
ئوقۇتقۇچى : بۇ خىل تۈزۈم ئەينى ۋاقىتتا ،قانداق رول ئوينىدى ؟
ئوقوغۇچى :بۇ خىل تۈزۈم چىگرا رايونلار ۋە شىزاڭ ،تەيۋەن رايونلىرىنى باشقۇرۇشقا زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى .
[ئوقوتقۇچى ئۇمۇملاشتۇرۇش ئاساسىدا كىيىنىكى مەزمۇنغا يىتەكلەيدۇ،]
ئوقۇتقۇچى : يۇەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى مىللەتلەرنىڭ قوشۇلۇش ئەھۋالى قايسى تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدۇ؟
ئوقۇغۇچى :خەنزۇلارنىڭ چىگرا رايونلارغا بېرىشى ،ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىچكىرى رايونلارغا بېرىشى ،بەزى ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن خەنزۇلارنىڭ پەرقىنىڭ ئازىيىشى ،يېڭى مىللەت –خۇيزۇ مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشى .
ئوقۇتقۇچى:مىللەتلەرنىڭ قوشۇلىشى قانداق رول ئوينىدى ؟
ئوقۇغۇچى :ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئىقتىسادى ۋە مەدىنىيىتىنىڭ تەرەققى قىلىشى ھەمدە قوشۇلىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى .
[ئوقۇتقۇچى ئۇمۇملاشتۇرۇش ئېلىپ بارىدۇ .]
ئىقتىدار سىناش سۇئالى ؛
1.چىڭگىزخاننىڭ ئاساسى تۆھپىسىى ...( )
جىن سۇلالىسىنى يوقىتىش B مۇڭغۇللارنى بىرلىككە كەلتۈرۈشA
يۇەن سۇلالىسىنى قۇرۇش D جەنۇبى سۇڭ سۇلالىسىنى يوقىتىش C
2.شىزاڭنىڭ مەمۇرى ئۆلكە قىلىپ بىكىتىلگەن ۋاقتى ....( )
سۇڭ سۇلالىسى B تاڭ سۇلالىسىA
يۇەن سۇلالىسى D مىڭ سۇلالىسى C
3.ئېلىمىزدىكى مىللەتلەر ئىچىدە ئەڭ كىيىن شەكىللەنگەن مىللەت ( )
خەنزۇ مىللىتى B مۇڭغۇل مىللتى A
مانجۇ مىللىتى D خۇيزۇ مىللىتى C
|