koksangun |
2013-05-07 23:30 |
خىلورنىڭ تەجرىبىخانىدا ئېلىنىشى ئەنۋەر چەرچەن
1.ئىشقارىي مېتال ئېلېمېنىتلارنىڭ ئېلېمېنت بەلگىسى ئايرىم-ئايرىم ____،_____،_____،_____،_____،____.2. ھىدروگىن گازى تەجرىبىخانىدا ______بىلەن ___________نى رېئاكسىيىلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئېلىنىدۇ.ھىدروگىن گازى ___________________سۇنى سىقىپ چىقىرىش ئۇسۇلىدا يىغىۋېلىنىدۇ.ھىدروگىن گازى ھاۋادىن يېنىك بولغانلىقتىن ___________________ئۇسۇلىدا يىغىۋېلىنىدۇ.3. كاربون(Ⅳ)-ئوكسىد تەجرىبىخانىدا _________بىلەن ________نى رېئاكسىيىلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئېلىنىدۇ. كاربون(Ⅳ)-ئوكسىد ________________بولغانلىقتىن،ھاۋانى يۇقۇرىغا ھەيدەپ چىقىرىش ئۇسۇلىدا يىغىۋېلىنىدۇ. تۆۋەندىكى سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىڭ 1. فىزىكىلىق خۇسۇسىيەت دىگەن نىمە؟مادىلارنىڭ قايسى خىل ىۇسۇسىيەتلىرى فىزىكىلىق خۇسۇىيەتكە كىرىدۇ؟ 2. مېتال ئېلېمېنت دىگەن نىمە؟سىز قايسى مېتاللارنى بىلىسىز؟ 3. مېتاللوئىد ئېلېمېنىت دىگەن نىمە؟ سىز قايسى مېتاللوئىد ئېلېمېنتلارنى بىلىسىز؟ خلورنىڭ فىزىكىۋى خۇسۇسىيىتى ۋە تەجرىبىخانىدا ئېلىنىشى بىلىم نىشانى 1.گالوگىن ئېلېمېنتلىرىنىڭ قايسى ئېلېمېنتلار نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئەستە ساقلاش. 2.خىلورنىڭ فىزىكىۋى خۇسۇسىيىتىنى بىلىۋېلىش. 3. تەجرىبىخانىدا خلور گازى ئېلىش پىرىنسىپى،يىغىۋېلىش ئۇسۇلى،قۇرۇتۇش ئۇسۇلى ۋە قالدۇق گازنى بىرتەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى ئىگىلىۋېلىش. ئىقتىدار نىشانى ھازىرغىچە ئۆگىنىپ ئۆتكەن ئوكسىگىن،ھىدروگىن،كاربون(Ⅳ)-ئوكسىد ،خلور قاتارلىق گازلارنى ئېلىش،يىغىۋېلىش ئۇسۇللىرىنى خۇلاسىلاپ چىقىش. ئەخلاقىي تەربىيە نىشانى خىلورنىڭ زەھەرلىك گاز ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش ئارقىلىق،ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇھىتنى ئاسراش ئېڭىنى يۇقۇرى كۆتىرىش ئوقۇتۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى خىلورنىڭ تەجرىبىخانىدا ئېلىنىشى ،يىغىۋېلىش ئۇسۇلى ۋە قالدۇق گازنى بىرتەرەپ قىلىش ئۇسۇلى ئوقۇتۇشنىڭ قىيىن نۇقتىسى ھازىرغىچە ئۆگىنىپ ئۆتكەن ئوكسىگىن،ھىدروگىن،كاربون(Ⅳ)-ئوكسىد ،خلور قاتارلىق گازلارنى ئېلىش،يىغىۋېلىش ئۇسۇللىرىنى خۇلاسىلاپ چىقىش. ئوقۇتۇش ئۇسۇلى بايان قىلىش ئۇسۇلى،مۇھاكىمە قىلىش ئۇسۇلى،خۇلاسىلاش ئۇسۇلى ئوقۇتۇش جەريانى 1. ئالدىن سىناق سۇئاللىرىنى خۇلاسىلاش ئارقىلىق،گالوگىنلارنىڭ قايسى ئېلېمېنتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بايان قىلىمەن ھەمدە ئۇلارنىڭ نامى ۋە ئېلېمېنت بەلگىسىنى ئېكران ئارقىلىق كۆرسىتىمەن. [ئېكران خېتى] گالوگىنلار------فىتور (F)،خلور (Cl)،بروم (Br)،يود (I)،ئاستاتىن (At) دىن ئىبارەت بەش خىل ئېلېمېنىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 2. خلورنىڭ فىزىكىۋى خۇسۇسىيىتى ئالدىن سىناق سۇئاللىرىدىكى فزىكىۋى خۇسۇسىيەت توغرىسىدىكى سۇئالنىڭ جاۋابىغا بىرلەشتۈرۈپ،خلورنىڭ فىزىكىۋى خۇسۇىيىتىنى بايان قىلىمەن. [ئېكران خېتى] خلور ئادەتتىكى ئەھۋالدا سارغۇچ يېشىل رەڭلىك ،كۈچلۈك غىدىقلىغۇچى پۇراققا ئىگە،ئۆتكۈر زەھەرلىك گاز.سۇيۇقلىنىش نۇقتىسى -34.6℃ ،قېتىش نۇقتىسى -101℃،ھاۋادىن ئېغىر (نورمال شارائىتتىكى زىچلىقى 3.169g/L،ھاۋانىڭ زىچلىقى 1.293g/L)، سۇدا ئېرىيدۇ.(1ھەجىم سۇدا 2ھەجىم خلور ئېرىيدۇ) 3. خلور گازىنى پۇراشتا دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلارنى ئەسكارتىمەن. [ئېكران خېتى] خىلور گازى ئۆتكۈر زەھەرلىك گاز. شۇڭا تەجرىبىخانىدا ئاز مىقداردىكى خىلور گازىنى پۇراشتا ،گازنى قولىمىز بىلەن يەلپۈپ ناھايىتى ئاز مىقداردىكى گازنى پۇراش كېرەك.ھەرگىز بىۋاستە پۇراشقا بولمايدۇ. تەجرىبىخانىدا خىلور گازى ئالغاندا ،ئارتۇق مىقداردىكى خىلور گازىنىڭ ئاتموسپىرانى بۇلغۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن،ئىشقار ئېرىتمىسىگە سۈمۈرتۈش كېرەك.چۈنكى خلورگازى ئاتمۇسفىرا قاتلىمىدىكى ئوزون قەۋىتىنى بۇزۇپ ، ئىنسانلارنىڭ سالاماتلىكىگە ئېغىرزىيانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ 4. خلورنىڭ تەجرىبىخانىدا ئېلىنىشى [ئېكران خېتى] خلور تەجرىبىخانىدا MnO2 بىلەن قويۇق تۇز كىسلاتانى رېئاكسىيىلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئېلىنىدۇ. 4HCl (浓)+MnO2 =MnCl2 + 2H2O+Cl2 ↑ خلور گازى ئۆتكۈر زەھەرلىك گاز بولغاچقا ،ئادەتتە دەرسخانىدا كۆرسەتمە قىلىپ كۆرسىتىشكە ئىمكانىيەت يوق.شۇڭا ،خلورنىڭ تەجرىبىخانىدا ئېلىنىش جەريانىنى Flash ماتىرىيالى ئارقىلىق كۆرسىتىپ چۈشەندۈرىمەن. [ئېكران خېتى] خلور گازى ھاۋادىن ئېغىر بولغاچقا ،ھاۋانى يۇقۇرىغا ھەيدەش ئۇسۇلىدا يىغىۋېلىنىدۇ. خلور گازىنى قويۇق سۇلفات كىسلاتادىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق قۇرۇتۇشقا بولىدۇ. تەجرىبىخانىدا ئارتۇق مىقداردىكى خلور گازى ئىشقار ئېرىتمىسىگە (ئادەتتە ناترىي ھىدروكسىدئىشلىتىلىدۇ)سۈمۈرتۈلىدۇ. 5.ھازىرغىچە ئۆگىنىپ ئۆتكەن ئوكسىگىن،ھىدروگىن،كاربون(Ⅳ)-ئوكسىد،خلور قاتارلىق گازلارنى ئېلىش ،يىغىۋېلىش ئۇسۇللىرىنى شۇ خىل گازلارنى ئېلىشنىڭ تەجرىبە قۇرۇلما ئىسخىمىسىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا خۇلاسە قىلغۇزىمەن. [ئېكران خېتى] 1. ئوكسىگىن----كالىي خىلورات ياكى كالىي پېرمانگىناتنى قىزدۇرۇپ پارچىلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئېلىنىدۇ.سۇنى سىقىپ چىقىرىش ئۇسۇلىدا يىغىۋېلىنىدۇ. 2KMnO4 K2MnO4 + MnO2 + O2 ↑ 2. ھىدروگىن ----سىنىك بىلەن سۇيۇق سۇلفات كىسلاتانى رېئاكسىيىلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئېلىنىدۇ.سۇنى سىقىپ چىقىرىش ئۇسۇلى ياكى ھاۋانى تۆۋەنگە ھەيدەپ چىقىرىش ئۇسۇلىدا يىغىۋېلىنىدۇ. Zn +2HCl =ZnCl2+H2 ↑ 3. كاربون(Ⅳ)-ئوكسىد------كالىتسىي كاربونات بىلەن سۇيۇق تۇز كىسلاتانى رېئاكسىيىلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئېلىنىدۇ.ھاۋانى يۇقۇرىغا ھەيدەپ چىقىرىش ئۇسۇلىدا يىغىۋېلىنىدۇ. CaCO3+2HCl=CaCl2 +H2O +CO2 ↑ مۇستەھكەملەش سۇئاللىرى بوش ئورۇنلارنى تولدۇرۇڭ 1. خلور ئادەتتىكى ئەھۋالدا _________ رەڭلىك ،___________ پۇراققا ئىگە،_______ گاز.سۇيۇقلىنىش نۇقتىسى _________ ،قېتىش نۇقتىسى ________،ھاۋادىن_________. 2. خلور تەجرىبىخانىدا________ بىلەن___________نى رېئاكسىيىلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئېلىنىدۇ.خلور ھاۋادىن ________بولغاچقا ،_______________ئۇسۇلىدا يىغىۋېلىنىدۇ.ئارتۇق مىقداردىكى خىلورگازىنى ئاتموسفىراغا بىۋاستە قۇيۇۋېتىشكە ________.ئارتۇق مىقداردىكى خىلور گازى ئادەتتە __________گە سۈمۈرتۈلىدۇ. 3. گالوگىنلار _____،_____،____،______،______دىن ئىبارەت بەش خىل ئېلېمېنىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4. خىلور گازى ________ گاز. شۇڭا تەجرىبىخانىدا ئاز مىقداردىكى خىلور گازىنى پۇراشتا ،گازنى قولىمىز بىلەن يەلپۈپ _________ گازنى پۇراش كېرەك.ھەرگىز بىۋاستە پۇراشقا ______. تەجرىبىخانىدا خىلور گازى ئالغاندا ،ئارتۇق مىقداردىكى خىلور گازىنىڭ ئاتموسپىرانى بۇلغۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن،ئىشقار ئېرىتمىسىگە سۈمۈرتۈش كېرەك.چۈنكى خلورگازى ئاتمۇسفىرا قاتلىمىدىكى__________نى بۇزۇپ ، ئىنسانلارنىڭ سالاماتلىكىگە ئېغىرزىيانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ تاللاش سۇئالى 1. تۆۋەندىكى گازلاردىن ھاۋانى يۇقۇرىغا ھەيدەپ چىقىرىش ئۇسۇلىدا يىغىۋېلىشقا بولىدىغىنى ( ) A. Cl2 B. H2 C. CO2 D. CH4 2. تۆۋەندىكى گازلاردىن سۇنى سىقىپ چىقىرىش ئۇسۇلىدا يىغىۋېلىشقا بولىدىغىنى ( ) A. Cl2 B. H2 C. CO2 D. O2 |
|