سىنىپ كوللىكتىۋى توغرىسىدا(ئەنۋەرچەرچەن)
ساغلام سىنىپ ئىستىلىغا ئىگە سىنىپ كوللىكتىۋى بەرپا قىلىش توغرىسىدا ئوقۇتقۇچى ئىنسانلارنىڭ مەدەنىيەت بىلىملىرىنى تارقاتقۇچى،ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەمگىگى مۇرەككەپ ئەقلىي ئەمگەك بولۇپ،ئۇلارنىڭ خىزمىتى ئوقۇغۇچىلارنى ئەخلاقىي،ئەقلىي،جىسمانىي جەھەتلەردىن ئەتراپلىق تەرەققى قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.بولۇپمۇ سىنىپ مۇدىرى پۈتۈن سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسلىق تەربىيىچىسى ،سىنىپ كوللىكتىۋىنىڭ تەشكىللىگۈچىسى،رەھبىرى،شۇنداقلا ئوقۇغۇچىنىڭ ياخشى ئۇستازى ۋە دوستى.سىنىپ مۇدىرى سىنىپ خىزمىتىگە ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئومۇميۈزلىك مەسئۇل بولىدۇ.بىر سىنىپ قىياپىتىنىڭ قانداق بولىشى زور دەرىجىدە سىنىپ مۇدىرىنىڭ خىزمەت پوزىتسىيىسى ،تەلىم-تەربىيە سەنئىتى،تەلىم-تەربىيە ئۇسۇلى،تەشكىللەش ،باشقۇرۇش ئىقتىدارى ۋە ئۆزى نەمۇنە بولۇپ ئۈلگە بولۇشقا باغلىق. Zzzi\5&gU سىنىپ كوللىكتىۋىنى تەشكىللەش ۋە تەربىيىلەش سىنىپ مۇدىرى خىزمىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ،ساغلام سىنىپ كوللىكتىۋى سىنىپ مۇدىرىنىڭ تەلىم-تەربىيە جەريانىدا يېتىدىغان مەقسىتى بولۇپلا قالماستىن بەلكىتەربىيە ئېلىپ بېرىشتا پايدىلىنىدىغان مۇھىم ۋاستىسى.ساغلام سىنىپ كوللىكتىۋى توغرا سىياسىي يۆنىلىشكە ،ئورتاق كۈرەش نىشانىغا ،كۈچلۈك سىنىپ يادروسىغا ،ئاڭلىق ئىنتىزامغا ،توغرا جامائەت پىكرى ۋە ئىسىل سىنىپ ئىستىلىغا ئىگە بولىشى كېرەك. @a{v>) ,J4a~fPf ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا ساغلام سىنىپ ئىستىلىغا ئىگە ياخشى سىنىپ كوللىكتىپىنى بەرپا قىلغىلى بولىدۇ؟ S4AB tKG ?R~Ye 1. ئوقۇغۇچىلارنى چۈشىنىش ۋە تەتقىق قىلىش _jI)!rfb E*#60z7F ئوقۇغۇچىلارنى ئوبدان تەربىيىلەش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇلارنى چۈشىنىش كېرەك.ئوقۇغۇچىلارنى كۆپ تەرەپلىمە چۈشىنىش ۋە تەتقىق قىلىش سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى.مۇشۇنداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىيىتىنى ئاساس قىلىپ،ئۇلارنى تەربىيىلەشتە نىشانلىق ئوق ئاتقىلى بولىدۇ.بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى كۆزىتىش ،سكھبەتلىشىش ،ئائىلەسۆھبەت ئېلىپ بېرىشنى دائىملىق خىزمەت سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇش كېرەك. 5=;I|l, K,T]Fuy 2. ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ئەخلاقىي تەربىيىنى كۈچەيتىش كېرەك. BsG[#4KM: ,)\5O0 D6 ئوقۇغۇچىلارغا ئىدىيىۋى ئەخلاق پەزىلەت تەربىيىسى بېرىش سىنىپ مۇدىرىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى.سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارغا ۋەتەننى سۆيۈش ،ئىنقىلابىي غايە تىكلەش ،كوللىكتىۋىزىملىق كۆزقاراشنى كۈچەيتىش ،ئەمگەكنى سۆيۈش ،ئەمگەك مىۋىلىرىنى قەدىرلەش تەربىيىسىنى ئەمەلىي ئېلىپ بېرىش،ئالىجاناپ ئىنقىلابىي خىسلەتنى يېتىلدۈرۈش توغرىسىدا تەربىيىنى داۋاملىق ئېلىپ بېرىش كېرەك. B7^n30+L jjlCi<9CQ^ 3.ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم ئۆگنىشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. x>/@Z6Wxz */
m~m? سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارغا تىرىشىپ ئۆگنىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىپ ،ئۇلاردا بىلىمگە بولغان كۈچلۈك تەشنالىقنى يېتىلدۈرۈپ،ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ياخشىلىشىغا ھەرجەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىپ ،ئۇلاردا ياخشى ئۆگىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ،ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش ئۈچۈن بىرقەدەر ياخشى بولغان ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلاردا كەلگۈسىگە بولغان ئۇلۇغۋار غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ ئۆگىنىش لازىملىقىنى تونۇتۇش كېرەك. o\Vt $ rG'k<X~7 4 .سىنىپ ھەيئەتلىرى ،ئىتتىپاق ئەزالىرى ۋە پېئونىرلار ئەترىتىنىڭ خىزمەتلىرىگە ياخشى يېتەكچىلىك قىلىپ ،ئۇلارنىڭ رولىدىن تولۇق پايدىلىنىش كېرەك. V?pO ~qo @9Pn(fd] سىنىپ ھەيئەتلىرى سىنىپ مۇدىرى خىزمىتىنىڭ ياخشى ياردەمچىسى،سىنىپ كوللىكتىۋىنىڭ يادروسى.ئىتتىپاق ئەزالىرى ۋە پېئونىرلار ئالدىنقى قاتاردىكى ئوقۇغۇچىلار .شۇڭا سىنىپ ھەيئەتلىرى بىلەن ئىتتىپاق ئەزالىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىپ ،سىنىپ ھەيئەتلىرىنىڭ ئىدىيىۋى ساپاسى،خىزمەت قابىلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ خىزمەت ئۇسۇلىغا يىتەكچىلىك قىلىش ،ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا ياردەم بېرىش ۋە ئۇلارغا بارلىق ساۋاقداشلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ ،ئورتاق ئالغا بېسىش ھەققىدە تەربىيە بېرىش كېرەك. 0BZOr-i LfSUY 5.ئوقۇغۇچىلارنى دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەر ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا ياخشى تەشكىللەش كېرەك. I&@@v\$* oN}j <6s
سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارغا ئۈلگە بولۇپ ،ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشىگىلا كۆڭۈل بۆلۈپلا قالماستىن ،بەلكى ئۇلارنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقنى ئاساس،ئەقلىي ساغلاملىقىنى يېتەكچى قىلىپ،ئۇلارنى دەرستىن سىرتقى كۆڭۈل ئېچىش ،تەنتەربىيە پائالىيىتى ۋە مەكتەپ سىرتىدىكى پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا تەشكىللەپ ،ئۇلارنى كۆپ تەرەپلىمە چېنىقتۇرۇش كېرەك.يەنە بىرتەرەپتىن ئوقۇغۇچىلارنى ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا ئاكتىپ تەشكىللەپ ،ئۇلارغا ئەمگەك كۆز قارىشى تەربىيىسى ئېلىپ بېرىپ ياخشى ئەمگەك كۆز قارىشى ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ،ئەمگەك مىۋىسىنى ئاسرايدىغان ،ئەمگەك ئىنتىزامىغا رېئايە قىلىدىغان ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. Xg)FIaw]eT u>Kvub 6.پىسخىك ئالاھىدىلىكىنى ياخشى ئىگىلەپ ،ئاكتىپ ئامىللارنى سەپەرۋەر قىلىش كېرەك. hA19:H=7R0 #6Ph"\G/ سىنىپ مۇدىرى ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارغا بىرنىڭ ئىككىگە بۆلىنىش نۇقتىئنەزىرى بويىچە مۇئامىلە قىلىش ،ئۇلارنىڭ كەمچىلىكىنى كۆرۈپلا قالماستىن،بەلكى تېخىمۇ مۇھىمى ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدا چاقناپ تۇرغان ئارتۇقچىلىقلارنى بايقاشقا ماھىر بولۇپ،ئۇلارنىڭ ئالغا ئىلگىرلەش ئىشەنچىسىنى چىڭىتىش ،ئۇلارنىڭ ئۆزگىرىدىغانلىقىغا ئىشىنىش كېرەك. -5B([jHgR DcM+K@1E4^ 7.سىنىپ مۇدىرى سىنىپتىكى ئومۇمىي ئەھۋال ۋە ئايرىم ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا خۇلاسە قىلىپ تۇرۇش ،ۋاقىتنى مۇۋاپىق تاللاپ،ياخشى تەرەپلەرنى ۋاقتىدا مۇئەييەنلەشتۈرۈش ،يامان،يېتەرسىز تەرەپلەرگە قارىتا ۋاقتىدا تەربىيە بېرىپ ئۆزگەرتىش ،ناچار قىلمىشلارنىڭ سۆرىلىپ مېڭىۋىرىشغا يۇچۇق قالدۇرماسلىق كېرەك. Q&\ksM [vT,zM
"qp_*Y LKG|S<s
|