查看完整版本: [-- ئە.نىياز:ئوتقاش،توغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك !!! --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> كۆڭۇلدىكى سۆز -> ئە.نىياز:ئوتقاش،توغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك !!! [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئەكبەرنىياز 2013-05-03 07:15

ئە.نىياز:ئوتقاش،توغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك !!!

ئوتقاش،توغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك !!! (YKkJ  
  +je{%,*  
     «ھاراق يىغلايدۇ»،« بولدى قىل»،«بالىلىقتىكى ئەسلىمە»،«تاشلاندۇق كىتاپ» ،«يوق سىنىڭ سۆيگۈڭدە قىلچىلىك بەركەت»  ، «تەنھايىگىت» ،« ئىتقادىم »،« دارغا ئاسسا چىقارمۇ  جىنم»، «سەھرالىق» ، «ئىسىڭدىڭمۇ ؟» ،« جوڭگودىكى تۇنجى نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى»،«ئاق كۆڭۈللۈك» ، «كونا خاتىرە »، «كۆرمىدىم»، «ئازاب بانكىسى »،« ئايرىلىش»،« ئايرىلدىم »،«مۇبارەك بولسۇن ھېيتىڭغا ئانا» ، «قۇرىغان يۈرەك» ، «تۆتتاشقا» ،«ئۆزەڭنى ئاسرىغىن ئەزىز ئۇستازىم»، «ئەمەل بار »،جىق ئوينا، «خەيرگە »، «بىر قىزغا» ، «يىراق كەت »،« ئۇستازىمغا »، «مۇنبەرداشلارغا »، «مەن قانداق ئادەم ؟» ، «مۇشۇ ئىشقا بەكمۇ ھەيرانمەن »،«بولدى ئەمدى بولما ئىنتىزار» ، «ئېھتىمال2 »،« تەۋپېق شائىرلار مەشرىپى »، «تەكلىپنامە» ، «ئامان بولغىن تەۋپىق مۇنبىرىم»، «قالمىغىن »،« جۇدالىق »، «مۇئەللىم قەلبى» ، «سەن شامال مەن دەرەخ» ، «ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئوقۇتقۇچى ئەمەس »، «مۇنبەردە »،« كىملەر بار ؟» ،«ھامان قايتىپ كېلىدۇ» ، قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپى ، مۇنبىرىمىزنىڭ ئەڭ جانلىق ئەزالىرىنىڭ بىرى ، ئەڭ مۇھىمى قەدىناس ئاغىينەم ئوتقاش ئەرقۇتى  تۇغۇلغان كۈنىڭگە مۇبارەك بولسۇن !!! بۇ دۇنيادىكى جىمى بەخت –ئامەت ، سالامەتلىك ، خاتىرجەملىك ساڭا يار بولسۇن !!! S^*ME*DDz  
        سەن بىلەن قانچە قېتىملاپ پىشانەمنى پىشانەڭگە تىرەپ ئولتۇرۇپ ھايات ، مۇھەببەت ، كەسپ ، ...توغۇرلۇق پاراڭلىشىپ تۈننى تاڭغا ئۇلىغانلىقىمنى ساناپ بېرەلمەيمەن .  ئويلاپ باقسام ، سەن ئاللىبۇرۇنلا مىنىڭ تۇرمۇشۇمنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلانغان ئىكەنسەن !  ھەر ئىككىلىمىز كىچىك تۇرۇپلا ئاتا مېھرىدىن مەھرۇم قالغانلارمىز ،... (7J (.EG2e  
بەزىدە سېنى ئىزلەپ ئۆيۈڭگە بارغانلىرىمدا سېنىڭ ئاپاڭغا تاماق ئېتىپ بېرىۋاتقانلىرىڭنى كۆرسەم ئىچ –ئىچىمدىن سۆيۈنۈپ كېتىمەن ، ئاشۇنداق چاغلاردا پۈتۈن دۇنياغا ۋارقىراپ تۇرۇپ : - ئەي دۇنيا ، كۆرۈۋاتامسەن ، سەن بۇ ئاجىزەنىڭ يۆلەنچۈكىنى تارتىۋالغىنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قۇلىغا قول ، پۇتىغا پۇت بولالايدىغان ، ئۆيدە قىزى ، سىرتتا تاغدەك يۆلەنچۈكى بولالايدىغان رۇستەم دەستەم كەبىي بەقۇۋۋەت بىر پالۋانىنى تارتىۋالالمىدىڭ !؟ بۇ ئاجىزە ئايال مۇشۇنداق ئوغلى بولغاچقىلا بەش ئەزاسى ساق نى-نى ئەرلەر قىلالمىغان ئىشلارنى قىلىپ قىلچىلىك غېرىبسىنىپ قالماي ، خاتىرجەم ياشاۋاتىدۇ ، مۇشۇنداق بىر ئوغلى بولغاچقىلا پۈتۈن يۇرت ئىچىدە يۈكسەك قەدىرلىنىپ ، ھۆرمەت-ئىززەت تېپىپ رەھىمسىز تەقدىرلىرىگە ھومىيىپ قاراۋاتىدۇ ، قانداق يېڭىلگىنىڭگە تەن بەردىڭمۇ ؟ سەن ھەرگىز بىزنى يېڭەلمەيسەن ، چۈنكى بىزنىڭ قەلبىمىزدە پەرىشتە سۈپەت ئانىلىرىمىز تېرىپ غۇچچىدە ئېچىلدۇرىۋەتكەن ۋاپا ، ئېتىقاد ، ئەقىدە گۈللىرى تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە جۇلالىنىپ تۇرىدۇ ،بىزگە ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن تۈگىمەس بايلىق ھېسابلىنىدىغان ئالتۇن –كۆمۈش قالمىغىنى بىلەن بىزدە ھەر ۋاقىت بىز ئۈچۈن بەدەل تۆلىگەنلەرگە تەڭلەپ تۇرىدىغان ئىسسىق بىر يۈرەك قالغان . بىزگە ئۇندىن باشقىسى لازىم ئەمەس ، لازىم ئەمەس ! چۈنكى ئانىلىرىمىز بىزگە شۇنداق ئۈگەتكەن ! تىرىشچانلىقنى ، كەمتەرلىكنى ، سېخىيلىقنى ، قىيىنچىلىق ئالدىدا قەتئىي باش ئەگمەيدىغان باتۇرلۇقنى ئانىلىرىمىز دەل مۇشۇ ئانىلىرىمىز ئۈگەتكەن ! ئەي دۇنيا سەن بىزنى يېڭەلمەيسەن ، ئەمدى بولدى قىل ! دېگۈم كېلىدۇ . `;\~$^sj}  
        راست ئەمەسمۇ ئاغىينە ، دۇنيا ساڭا يەنە بىر قېتىم ئېغىر چاخچاق قىلدى ، تويۇقسىز ئاناڭنىڭ مېڭىسىگە قان چۈشۈپ ، بىر تەرىپى تۇتماس بولۇپ قالدى ، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىدەك بولغاندا ئەڭ تېز بولغاندا 6ئايدا ماڭالايدىغان بۇ بىمار سېنىڭ كېچىلىرى ئۇخلىماي ، كۈندۈزلىرى دەرسىڭنى ھەم قالدۇرماي ، كۈندە ئالتە قېتىمدىن ئۇۋۇلاپ بېرىشىڭ ،  توختىماي رىغبەتلەندۈرۈشۈڭ نەتىجىسىدە 45-كۈنى ئورنىدىن دەست تۇرۇپ مېڭىپ كەتتى ، مانا بۇھازىرقى زاماندىكى  مۆجىزە بولماي نىمە ؟ مانا بۇ پەرزەنتلىك مېھىر-مۇھەببەتنىڭ كۈچى بولماي نىمە ؟ پەرزەنت ئۈچۈن بۇنىڭدىنمۇ كاتتا خۇشاللىق بارمۇ ؟ ئانا ئۈچۈن ئۆز پەرزەنتىنىڭ يۈرىكىدىن چىقىۋاتقان كۈلكە ئاۋازىنى ئاڭلاشتىنمۇ ئارتۇق بەخت بارمۇ ؟ بۇ بەخت ساڭا ئوخشاش ئانا قەرزى يۈرىكىدە يالقۇنلاۋاتقان ئوت يۈرەك ئوغلانلارغىلا مەنسۇب ، بۇ بەخت ئاناڭغا ئوخشاش ياراملىق ، ۋاپادار پەرزەنت تەربىيلىيەلىگەن ئۇلۇغ ئانىلارغىلا مەنسۇپ !!! fs;pX/:FR  
سەن پەخىرلىنىشكە ھەقلىق ئاغىينە *e}1KcJ  
        چۈنكى سەن ئائىلەڭدىلا ۋاپادار ئوغۇل بولۇپ قالماي ، مەكتەپتىمۇ تىرىشچان ئۇستاز ، سېخىي ساخاۋەتچى ، مەن سەن بىلەن بىرگە ئىشلىگەندىن بۇيان نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلىرىڭنىڭ ئاغزىدىن مۇئەللىم ماڭا دەرس تەكرارلىشىپ بېرىدۇ ، مۇئەللىم ماڭا قىشلىق چاپان ئېلىپ بەردى ، مۇئەللىم بىزنىڭ ...پۇلىنى تۆلەپ قويۇپتۇ ، دېگەندەك گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇردۇم . ئەمما سېنىڭ بىرەر جايدا بۇنداق ئىشلارنى بىرەر قېتىم تىلغا ئالغىنىڭنى بىلمەيمەن ھەمدە ئۆزۈڭگە ئۇنچىلىك سېخىيلىق قىلىدىغانلىقىڭنىمۇ كۆرمىدىم .  مەكتىپىمىزدىكى ھەر قېتىملىق ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا ئىسمى ھەيۋەت بىلەن ئوقۇلۇپ ، پۈتكۈل ئوقۇتقۇچى -ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا ئۈگىنىشتە ياخشى ئەمما ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا مۇكاپات پۇلى تارقىتىۋاتقان ئۇستازلىرىمىزنى كۆرسەم سەن بىلەن سىلىشتۇرۇپ تەگسىز خىياللار قاينىمىغا غەرق بولىمەن . راست دەۋاتىمەن ئاغىينە ، سەن پەخىرلىنىشكە ھەقىقىي ھەقلىق!!!    AxZaV;%*  
        ھەر قېتىم ئۆيۈڭگە بارغىنىمدا 5ياشلىق قىزىڭ بىلگىنۇرنىڭ ماڭا چاڭىلداپ سۆزلەپ بېرىدىغان چۆچەكلىرىنى ، ئېيتىپ بېرىدىغان ئويغۇرچە-خەنزۇچە ناخشىلىرىنى ، يادلاپ بېرىدىغان قوشاقلىرىنى ئاڭلىغىنىمدا بىردە ئۇنىڭ شۇ قەدەر زېرەك ، چېچەنلىكىگە قايىل بولسام بىردە سېنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن قانچىلىك بەدەل تۆلىگەنلىكىڭنىڭ تېگىگە يېتىپ ساڭا باشقىدىن بىر قايىللىق نەزىرىمدە قارىۋالغۇم كېلىدۇ . « باشقىلارغا تىلىڭ بىلەن ئەمەس ئەمىلىي ئىش ھەركىتىڭ بىلەن نەسىھەت قىل !»دەپتىكەن ئۇلۇغ ھەزرەت نەۋائىي .  قىزىڭنىڭ ئاشۇ كىچىك، ئۇماق قوللىرىدا گاھىدا ئاناڭنىڭ قېشىدا ئولتۇرۇپ سۈرە يادلىغاچ بەل-پۇتلىرىنى تۇتۇپ قويۇۋاتقانلىقىنى ، گاھىدا تاماق قاچىسىنى يۇيۇش ئۈچۈن زوڭزۇيۇپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرگىنىمدە ئۇ كىچىك بالا ئەمەس بەلكى بىر پەرىشتە بولۇپ كۆرىنىدۇ ! ئۇنىڭغا شۇنداق ۋاپادار بولۇشنى ، ئىشچان بولۇشنى سەن ئۈگەتكەن ، ئېغىزىڭدا ئەمەس ئۆز ئەمەلىيىتىڭدە ئۈگەتكەن ، سۇمرۇغنىڭ بالىسى سۇمرۇغ بولىدۇ ! سەن پەخىرلىنىشكە ھەقلىق ئاغىينە!!!   . P[ 
     بۈگۈن سېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭ ئاغىينە ! سەن كۈلگىن ئاغىينە ، دائىم تۈرۈلۈپ تۇرىدىغان قاپىقىڭ 32يېشىڭدىكى تەۋەللۇت كۈنىڭدە بولسىمۇ بىر ئېچىلسۇن !!! چۈنكى بۇ دۇنيادا ھەقىقىي خۇشال بولۇشقا تېگىشلىك ئادەم مېنىڭچە پەقەتلا سەن !!! تۇغۇلغان كۈنىڭگە مۇبارەك بولسۇن ئاغىينە ! ئاناڭنىڭ سەندەك بىر ئىسمى-جىسمىغا لايىق ئوغۇلنى تۇغقان كۈنىگە مۇبارەك بولسۇن !!! +!Lz]@9K  
قاراپ باققىنە ئاغىينە ،  پۈتكۈل مەۋجۇدات سەن ئۈچۈن،  سېنىڭ خۇشاللىقىڭ ئۈچۈن تۇغۇلغان كۈن ناخشىسى ئېيتىۋاتىدۇ ! ئەڭ ئالىي تىلەكلىرىدە ساڭا سالامەتلىك ، خاتىرجەملىك ، بەردەملىك تىلەۋاتىدۇ ! يەنىمۇ بەردەم بول ئاغىينە !!! Egr'IbB  
  mj _ V6`m4  
2013-يىلى 3-ماي . لۈكچۈن . مەنبە : ئۆز قەلبىم . `;H3['~$  
  c?XqSK`',Z  

تۆتتاش 2013-05-03 10:25
سىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە، ئانىڭىزنىڭ سىزنى تۇغقان قۇتلۇق كۈنىگە مۇبارەك بولسۇن !!! F-I\x  
يېشىڭىزغا بىر ياش قۇشۇلدى،ھايات كالىندارىڭىزدىن بىر ۋاراق يىرتىلدى... بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت-ئۈگىنىش ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەش بىلەن بىرگە، تۇرمۇشىڭىزغا شاد-خۇراملىق ، خاتىرجەملىك ۋە بەخت تىلەيمەن. چۇقۇم خۇشال ياشاڭ سەمىمى ۋاپادار دوستۇم.  

تۆتتاش 2013-05-03 10:28
قۇرۇق قول كەلدىممەن قۇتلۇق كۈنۈڭگە، |{JJ2c\W  
گۈل دەستە تۇتالماي قالدىم ھەسرەتتە. IWD21lS  
تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك دوستۇم، -|x YT+?%  
بولمىسۇن نا ئۈمىد ساڭا ھەمدەمدە.

تۆتتاش 2013-05-03 10:29

natiwan 2013-05-03 11:17
سىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە، ئانىڭىزنىڭ سىزنى تۇغقان قۇتلۇق كۈنىگە مۇبارەك بولسۇن !!!

ozqan 2013-05-03 14:32
ئوتقاشئەرقۇتى :  تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن ! % B{NH~  
ئەكبەر نىيازنىڭ قەلىمى ئاستىدا تەرىپلەنگەن ــ سىز  ھەممىنى قايىل قىلىدىغان ياخشى بىر ئوقۇتقۇچى ، تولىمۇ  ۋاپادار بىر بالا ، كۆيۈمچان ، تەربىيەلەشكە ماھىر ئۈلگىلىك بىر ئاتا ئىكەنسىز ، خۇدايىم سىزگە سالامەتلىك ، خاتىرجەملىك ، بەخت ، يەنىمۇ ياخشى پەزىلەتلەرنى داۋاملىق ھەمراھ قىلسۇن ... [6Nw)r(a(  
ئىككىڭلارنىڭ دوستلۇقىغا ھەم كىشىنىڭ مەستلىكى كېلىدىكەن ، كۆز تەگمىسۇن ... '5n67Hl 1  
ئەكبەر نىياز :  سىزنىڭمۇ قەلىمىڭىز بارغانچە پىشىلىپ كېتىۋاتىدۇ ، بۇ نەسىرمۇ چىن كۆڭلۈڭىزدىن چىققاچقا تولىمۇ ياخشى تەبئىي ، راۋان ، تىلى گۈزەل چىقىپتۇ ، ھارمىغايسىز .

گۈلزىبا 2013-05-03 22:24
ئەسسالامۇ  ئەلەيكۇم! مەن بىلەن ئوخشاش يىل ، ئوخشاش ئايدا تۇغۇلىۋالغان ئوتقاش ئەرقۇتى ، تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە ، ئانىڭىزنىڭ  سىزنى تۇغقان كۈنىگە  مۇبارەك بولسۇن ، تېنىڭىزنىڭ  سالامەت ، ئۆمرىڭىزنىڭ ئۇزۇن بولۇشىنى تىلەيمەن .   H!NyM}jsr  
دوستىڭىز ئە .نىيازنىڭ  قەلىمىگە ئۆتكۈرلۈك تىلەيمەن .

گۈلزىبا 2013-05-03 22:37
كەچۈرۈڭلار ، تولۇقسىز 9-يىللىققا كىرگۈزۈلگەن  <<مەھمۇد غەزنەۋىگە ھەجىۋى>> نى  شەكىل جەھەتتىن قانداق شېئىر دەيمىز؟

akida228 2013-05-03 23:48
ئوتقاش ئەرقۇتى ، توغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن ، ئەكبەر نىيازنىڭ تەبرىكنامىسىنى ئوقۇپ شۇنداق تەسىرلەندىم ، كۆز تەگمىسۇن ، مەڭگۈ مۇشۇنداق ۋاپادار پەرزەنت ، مەسئۇلىيەتچان ،كۆيۈمچان ، تەلەپچان ئەر ۋە دادا بولۇپ ئۆتكەيسىز    

ئوتقاشئەرقۇتى 2013-05-04 00:23
       پىقىر ئوتقاشئەرقۇتىدىن مۇنبەرداشلىرمغا سالام ،ئوتلۇق تىلەكلەر ۋە چەكسىز  مۇنبەرداشلىق مىھرى يۈرەككە تەگدى .كۆپتىن-كۆپ رەھمەت! /h]#}y j  
        بۇرادىرىم ئەكبەر نىيازنىڭ قەلىمى ئارقىلىق يېزىلغان تەبرىكنامە  بىر غايىۋى ئوتقاشئەرقۇتىنى روياپقا چىقارغان بولسىمۇمەن بىرئاددى خەلق ئوقۇتقۇچىسى ،پەرزەنىت ۋە ئاتا . 6"o,)e/z  
تەبىرىكنامىدىكى سۈپەتلەرگە لايىق كەلمىسەممۇ ،شۇنداق بىر ئادەم بۇلۇپ ياشاش ئۈچۈن تىرىشىمەن ،تىرىشۋاتىمەن . r(ZMZ^  
       ھەقىقى دوستلۇق مېھرى ،مۇنبەرداشلىق مېھرى ئاداققىچە داۋاملاشسۇن !ھەممىزگە ،خۇشاللىق ،غەيرەت- جاسارەت،مېھىرمۇھەببەت يار بولسۇن!

پىدا0909 2013-05-04 11:29
  

gulhan 2013-05-04 16:10
كىچىكىپ كۆرگەن بۇ تېمدىن نۇرلانغان ئوتقاشنىڭ ئوبرازىنى كۆرگەندەك بولدۇم.  ھالال ئەمگىكى، تىنماس پەرزەنتلىك بۇرچى، ئۈستىگە ئالغان ئەرلىك مەسئولىيىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن كىتۋاتقان ئوتقاش ئەرقۇتى تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن!!!دۇنيا سىزدەك ھالال ئىنسانلار بىلەن گۈزەلدۇر. YM&i  
  ئەكبەرجان دوستلۇق مېھرى تامچىلغان نەسىرىڭىز تۇلۇمۇ تەسىرلىك، مېھىرلىك چىقىپتۇ. تىرىشچانلىقىڭىزغا  قايىلمەن. بەردەملىك يار بولغاي ئەزىز ئۇكۇلىرىمغا...  

danix 2013-05-08 10:48
ئە . نىيازنىڭ ئوتقاشنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە ئاتاپ يازغان ئەسىرىنى ئۇقۇپ ، ئۇتقاشنىڭ ئانا ، پەرزەنت ، مائارىپ دەپ يالقۇنجاۋاتقان يۈرۈگىنى كۆرگەندەك بولدۇم ھەم ئە.نىياز بىلەن ئوتقاشنىڭ ھەقىقى چىن دوستلاردىن ئىكەنلىكىنى كۆرۇپ، ئۇلارنىڭ دۇستلۇقىدىن بەكمۇ سۈيۈندۈم . كىشىلەر ئۇتتۇرسىدىكى مۇشۇنداق چىن دوستلۇق بۇلغاندىلا ھەر قانداق قىيىنچىلىقنى يىڭەلەيمىز !!! >9,LN;Ic  
دۇستلۇقىڭلارغا كۆز تەگمىسۇن .

tursungul 2013-05-24 10:06
ياخشىلارغا  ناخشىلار تولا ئىكەن.......... ss4YeZa  
ئانىنى ئەزىزلىگەنلەر ئىككىلا دۇنيا فىردەۋىس جەننىتىدە بولسۇن! قىزىنى ئەزىزلىگەنلەر ئەزىزلىك مۇقامىغا يەتسۇن.كەسپىى ئۈچۈن مەيدىسىگە ئۇرۇپ ياشىيالىغانلار غا  چىن سۆيگۈنىڭ مۇھەببەتلىك قۇچاقلىرى  ھامىي بولسۇن! P=m l;xp  
تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە ئەمەس،ھەر بىر كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن يىگىت!!!

ئەكبەرنىياز 2013-05-27 01:07
قىززىق ئىش ، ئوتقاشنىڭ شائىرلىقىغا ، ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىستىداتىغا ھېچكىم بىر نەرسە دېمەپتىغۇ ؟!  

مەمەتسالى 2013-05-27 15:04
تىرىشچانلىق ، ۋاپادارلىق ياشىسۇن !!!

ئەكبەرنىياز 2013-06-22 00:06
چۈشىنىش ، قوللاشمۇ ياشىسۇن !!!  

ئىدىقۇت 2013-12-24 14:39
سىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە، ئانىڭىزنىڭ سىزنى تۇغقان قۇتلۇق كۈنىگە مۇبارەك بولسۇن !!! $)c[FR~a   #=czqZw  
يېشىڭىزغا بىر ياش قۇشۇلدى،ھايات كالىندارىڭىزدىن بىر ۋاراق يىرتىلدى... بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت-ئۈگىنىش ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەش بىلەن بىرگە، تۇرمۇشىڭىزغا شاد-خۇراملىق ، خاتىرجەملىك ۋە بەخت تىلەيمەن. چۇقۇم خۇشال ياشاڭ سەمىمى ۋاپادار دوستۇم.

ئەكبەرنىياز 2014-01-30 15:00
دوستلۇق مېھرى باغلىنىپ  مەھكەم ، K#[ z5  
ۋاپادارلىق ياڭرىسۇن ھەردەم . Kk6i  
قۇتلۇق بولسۇن ھەر بىر كۈنلىرىڭ ، )CG,U du  
تىلىدۇق بىز يەنە بول بەردەم !!! ;oVFcZSA  

گۈلنىھال 2014-01-31 16:33
ھەقىقەتەنمۇ تەسىرلەندىم . مۇنداق ئانىسىغا كۆيۈنگەن ئەرلەر ئايالىغا ھەم كۆيۈنەلەيدۇ ! بىر قىسم ئەرلەر ئۈگەنسە بولغۇدەك جۇمۇ !


查看完整版本: [-- ئە.نىياز:ئوتقاش،توغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك !!! --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled