سۆيگەن كىشىڭىزدىن مەڭگۈ ۋاز كەچمەڭ (دەرس دېتالى)
سۆيگەن كىشىڭىزدىن مەڭگۈ ۋاز كەچمەڭ HRX}r$
تەرجىمە قىلغۇچى : خالىزاتگۈل ئەبەيدۇللا |~)!8N.{ u7Z-kZ =3
K}]3f
تۆۋەندە كۆپچىلىككە سۆزلەپ بەرمەكچى بولغىنىم تەيۋەندە راست بولغان ۋەقە . بىر كىشى ئۆيىنى زىننەتلىمەكچى بولۇپ تامنى بۇزماقچى بوپتۇ . تام ياغاچ جازا بىلەن قوپۇرۇلغان بولغاچقا ، ئىككى تەرىپى ئېتىۋېتىلگەن بولسىمۇ ، ئوتتۇرىسى بوش ئىكەن . ئۆي ئىگىسى تامنى بۇزۇۋېتىپ ، تامنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بوش يەردە بىر پاتمىچۇقنىڭ ھايات تۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. ئەسلىدە ، بۇ پاتمىچۇقنىڭ بىر پۇتى سىرتتىن قېقىلغان بىر تال مىخ بىلەن مىخلىنىپ قالغان ئىكەن . ئۇ كىشى بۇنى كۆرۈپ ھەيران قاپتۇ سىنچىلاپ قارىسا بۇ مىخ بۇنىڭدىن 10يىل ئىلگىرى ئۆينى يىڭى سالغاندا قېقىلغان مىخ ئىكەن . «بۇ قانداق ئىش ؟بۇ پاتمىچۇق تامنىڭ ئارىسىدا 10يىل ياشىدىمىكىنە ؟ قاپقاراڭغۇ تام ئىچىدە 10يىل ياشاش ئاسان ئىش بولمىسا » دەپ ئويلاپتۇ ئۆي ئىگىسى . «لېكىن پاتمىچۇق نىمە يەپ بۇ 10يىلنى ئۆتكۈزگەندۇ ؟ » .بۇ نۇقتا ئۆي ئىگىسىنى بەكلا ھەيران قالدۇرۇپتۇ . شۇنىڭ بىلەن ، ئۆي زىننەتلەشنى توختىتىپ پاتمىچۇقنى كۈزىتىپتۇ . ئۇزاق ئۆتمەي ، قاياقتىندۇر يەنە بىر پاتمىچۇق پەيدا بولۇپ ، ئۆزى چىشلەپ ئەكەلگەن ئوزۇقلۇقنى ھېلىقى بىر پۇتى تامغا مىخلىنىپ قالغان پاتمىچۇققا يېگۈزۈشكە باشلاپتۇ . بۇ نىمە كارامەت ! ئۆي ئىگىسى بۇنى كۆرۈپ داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قاپتۇ . ئېنىقكى ، 10يىلدىن بۇيان بىر پاتمىچۇق بىر پۇتى تامغا مىخلىنىپ قالغان يەنە بىر پاتمىچۇققا ئوزۇقلۇق توشۇپ يېگۈزۈپ كەلگەن . ئۇلار زادى قانداق مۇناسىۋەتتە ؟قېرىنداشمۇ ياكى دوستمۇ ؟ ياكى ئاشىق-مەشۇقمۇ ؟ مەيلى نېمىلا بولسۇن ، ئۇلار 10يىلدىن بۇيان بىر-بىرىدىن ۋاز كەچمىگەن مانا مۇشۇنداق رىشتە پۇتى تامغا مىخلىنىپ قالغان پاتمىچۇقنىڭ 10يىلدىن بېرى ھايات ياشىشىغا تۈرتكە بولغان . ئەگەر ئۇ ئۆزىگە ئوزۇقلۇق توشۇپ بېرىۋاتقان ھەمراھىدىن ۋاز كەچكەن بولسا ئىدى ، بۇ ۋاقىتقىچە ھايات قالمىغان بولاتتى . بىز ئىنسانلارچۇ ؟ ئاشۇ پاتمىچۇقچىلىك قىلالايمىزمۇ !؟مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ، ھەر قانداق شارائىتتا سۆيگەن كىشىڭىزدىن مەڭگۈ ۋاز كەچمەڭ ! {lv@V*_Y0 Ql 2zC9C b!lS=zIN
مەنبە : تۇرپان گېزىتى 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى سانىدىن ئېلىندى .ئومۇمىي 4294-سان . |