natiwan |
2013-05-02 20:14 |
تولۇق 1-يىللىقنىڭ تارىخ 1-بۆلەكلىك ئىمتىھانى
ئارال بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپ 2012-2013-ئوقۇش يىلى 2- مەۋسۈم 1-بۆلەك ئىمتىھان سۇئالى تولۇق ئوتتۇرا 1-يىللىق ئۈچۈن . پەن تۈرى: ( تارىخ ) ۋاقتى: ( 90 ) مىنۇت . تۇلۇق نۇمۇر : 100 نۇمۇر سۇئاللار Ⅰ Ⅱ جەمئى نۇمۇر ئېرىشكەن نۇمۇر 1.سۇئال: توغرا جاۋاپنى تاللاش (1×2.5≡50 نومۇر) 1) ئېلىمىزنىڭ قەدىمقى زامان تارىخىدا دېھقانچىلىقتا تۆمۈر قوراللار بىلەن كالا ئىشلىتىشكە باشلىغان دەۋىر ( ) A. شاڭ، جۇ سۇلالىلىرى دەۋرى ، B. چىن-خەن سۇلالىلىرى دەۋرى C.شىيا-شاڭ سۇلالىلىرى دەۋرى، D. ئەمنىيە-يېغلىق دەۋرى 2) ئېلىمىزنىڭ قەدىمقى زامانىدا سودا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا پاسسىپ تەسىر كۆرسەتكەن ئەڭ چوڭ ئامىل ( )؛ A. فىئوداللىق تۈزۈم، B. ئېغىر-باج سېلىق، C.دۆلەت ئىچى بازىرنىڭ تار بۇلۇشى، D. سودىنى چەكلەپ، دېھقانچىلىققا ئەھمىيەت بېرىش سىياسىتى. 3) يەرگە بولغان خۇسۇسى ئىگىدارچىلىق تۈزۈمنى تۇنجى قېتىم قانۇنلاشتۇرۇپ، فىئوداللىق يەر مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىنى شەكىللەندۈرگەن ئامىل بولسا ( ) A. يېغىلىق دەۋرىلىرىدىكى چاسا يەر تۈزۈمىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرشى B. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققى قىلىشى، تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرلىشى C.خۇسۇسى يەرنىڭ بارغانسىرى كۆپىيىشى D. يەر بېجى تۈزۈمىنىڭ يۈرگۈزۈلۈشى 4) 16-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا دۇنيا سودا مەركەزلىرىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز رايۇنلىرىدىن ئاتلانتىك ئوكيان بويلىرىغا يۆتكىلىشىگە تۈرتكە بولغان ئەڭ مۇھىم ئامىل بولسا ( ) A. ماركىپولونىڭ ئامېرىكا قىتئەسىنى بايقىشى B. تاۋار ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتى C.دۇنيا بازىرنىڭ شەكىللىنىشى D. يېڭى دېڭىز يوللىرىنىڭ ئېچىلىشى 5) سانائەت ئىنقىلابىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەشكىلى شەكىلىدە بارلىققا كەلتۈرگەن ئەڭ روشەن ئىپادىسى( ) A. قول سانائەت ئىشخانىسى، B. شەھەرلىشش، C.دېھقانچىلىق مەيدانى D. زاۋۇتلىشش 6) سانائەت ئىنقىلابىنىڭ كىشلەرنىڭ ئىجتىمائى تۇرمۇشىغا (ياشاش شەكىلىگە) كۆرسەتكەن ئەڭ زور تەسىرى ( )؛ A. زاۋۇتلىشش، B. ئۇچۇرلىشش، C.كۈنسىرى شەھەرلىشش، D. كۈنسىرى بىر گەۋدىلىشش. 7) 2-قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابىدىكى ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىك ۋە ئەڭ زور ئەھمىيەتلىك مۇۋاپىقىيەت بولسا ( )؛ A. پار ماتورى، پاراۋۇز، B. تەبئى پەن نەتىنجىلىرى، ئىلمى ھۆكۈم، C.ئېلىكتىر ئېنىرگىيىسىنى كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىش ۋە گېنراتور، D. ئېلىكتىر ئېنىرگىيىسىنى كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىش ۋە ئىچىدىن يانىدىغان دىۋىگاتىلنىڭ كەشىپ قىلىنىشى 8) ئېلىمىزنىڭ ناتۇرال ئىگىلىكنىڭ يىمىرلىشىنى تېزلەتكەن ئەڭ تۈپ سەۋەپ ( ) A. تاۋار ئىگىلىكىنىڭ گۈللىنشى، B. مىللى كاپىتالىزىمىنىڭ پەيدا بۇلىشى، C.چەتئەلنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىكى تاجاۋۇزچىلىقى، D. ئىچكى بازارنىڭ كېڭىيىشى 9) ئەجنەبىيچىلىك ھەركىتىنىڭ تۈپ مەقسىدى ( )؛ A. غەرىپنىڭ ئىلغار تېخنىكىسىنى ئۆگىنىش ، B. كاپىتالىستىك خاراكتىرىدىكى سانائەتنى بەرپا قىلىش C.قۇدىرەت تېپىش ۋە بېيىش، D. قۇدرەت تېپىش ئارقىلىق چىڭ سۇلالىسىنى قوغداش 10) جۇڭگو يېقىنقى زامان تارىخىدا مىللى كاپىتالىزىمىنىڭ تەرەققىياتىدىكى توسالغۇنى يوقاتقان ئەڭ تۈپ ئامىل ( )؛ A.چەتئەلنىڭ تاجاۋۇزى, B.دۆلەت ئىچى بازىرىنىڭ كېڭىيىشى C.ئوبىكتىپ جەھەتتىن تاۋار ئىگىلىگىنىڭ تەرەققى قىلىشى، D.شىنخەي ئىنقىلابى. 11) ئېلىىزنىڭ سانائەتتىكى قالاق ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ سوتسىيالىستىك سانائەتلەشتۈرۈشكە دەسلەپكى قەدەمدە ئاساس سالغىنى ( ): A. ئۈچ چوڭ ئۆزگەرتىشنىڭ ئورۇندىلىشى، B. 1-بەش يىللىق پىلاننىڭ ئورۇندىلىشى C . خەلق ئىگلىگىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەركىتى، D. ج ك پ نىڭ مەملىكەتلىك8-قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشى. 12) ئېلىمىزدە خۇسۇسى مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىنىڭ ئورنىغا سوتسىيالىستىك ئومۇمى مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىنىڭ ئورنىتىلغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ( )؛ A. ئۈچ چوڭ ئۆزگەرتىشنىڭ ئورۇندىلىشى، B. 1-بەش يىللىق پىلاننىڭ ئورۇندىلىشى، C. خەلق ئىگلىگىنى ئومۇميۈزلۈك تەڭشەش فاڭجىنىنىڭ يولغا قۇيۇلىشى، D. يېزا ئىگلىگىنى سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش ھەركىتى. (13 پارتىينىڭ 14-قۇرۇلتىيىدا ئېلىمىز ئىقتىزادى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ نىشانى( ) بەرپا قىلىش دەپ ئېنىق بىكتتى بىكىتتى؛ A. سوتسىيالىستىك بازار ئىگلىگى تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىشنى، B. ئسلاھات ئېلىپ بېرىشنى، C. ئىشىكنى ئېچىۋىتىشنى، D. ئالاھىدە ئىقتىزادى رايۇن قۇرۇشنى . 14) ئېلىمىز سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىگى تۈزۈلمىسى نەزەريىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان قۇرۇلتاي( )؛ A. پارتىيىنىڭ 13-قۇرۇلتىيى،B. پارتىيىنىڭ 14-قۇرۇلتىيى، C. پارتىيىنىڭ 16-قۇرۇلتىيى، D. پارتىيىنىڭ 15-قۇرۇلتىيى 15) ئىقتىزادى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئالدى بىلەن باشلانغان ساھە( )؛ A. شەھەرلەردە، زاۋۇت- كارخانىلاردا، B. ئالاھىدە ئىقتىزادى رايۇنلاردا، C. يېزىلاردا-يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا، D. دېڭىز بۇيىدىكى ئېچىۋىتىلگەن شەھەرلەردە. 16) ئېلىمىزدە ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچقان تارىخى بۇرۇلۇش( )؛ A. پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك 8-قۇرۇلتىيى، B. 11-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمى يىغىن، C. مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ ئاخىرلىشىشى، D. پارتىيەنىڭ 14-قۇرۇلتىيى. 17) 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن 70-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە خەلق ئىگىلىگىنى ئاپەت خاراكتىرلىك ۋەيرانچىلىققا ئۇچراتقان خاتا ھەركەت( )؛ A. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى، B. چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش، C. خەلق گوڭشېسىنى ئومۇملاشتۇرۇش، D. ئۈچ چوڭ ئۆزگەرتىش ھەركىتى. 18) ئېلىمىزنىڭ 1-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىنجىلىرىگە تەۋە بولمىغىنى( )؛ A. ئازات ماركىلىق ئاپتۇمۇبىل، B. تۇنجى رىئاكتىپ ئايرۇپىلان، C. شېنياڭ ئىستانوك زاۋۇتى، D. سەنشىا ئېلىكتىر ئستانسىسى. 19) شەرقى شىمالدىن باشقا جايلاردا پۈتۈن لېنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلغان تۆمۈر يول غول لېنىيەسى يوق مەزگىل( )؛ A. يېڭى جوڭگو قۇرۇلۇش ھارپىسى، B. سوتسىيالىستىك ئۈچ چوڭ ئۆزگەرتىش ھارپىسى، C. ئىسلاھات-ئېچىۋىتىش مەزگىلى، D. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلى. 20) جوڭگودا مىللى كاپىتالىزىمنىڭ قىسقا مەزگىللىك گۈللىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان مەزگىل( )؛ A. 1-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلى، B. نەنجىڭ مىللى ھۆكۈمىتى ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلى، C. جىياۋۇ ئۇرۇشىدىن كېيىنكى مەزگىل، D. ئەجنەبىچىلىك ھەركىتى مەزگىلى. 2-سۇئال جاۋابى يېزىلىدىغان سۇئاللار: 21) جوڭگو مىللى كاپىتالىزىمىنىڭ قىسقا مەزگىللىك گۈللىنىشنىڭ سەۋەبىنى خۇلاسە قىلىڭ (8نومۇر).
.22) ئەجنەبىچىلىك ھەركىتى جوڭگونىڭ يېقىنقى زامانلىشىش مۇساپىسىگە ئاكتىپ تەسىر كۆرسەتكەن ھەركەت. سىز بۇ ھەركەتنىڭ ئارقا كۆرنىشى، مەقسىدى، مەزمۇنى، مىللى كاپىتالىزىمغا كۆرسەتكەن تەسىرى، ۋە بۇ ھەركەتنىڭ مەغلۇپ بولۇش تۈپكى سەۋەبىنى، مەغلۇپ بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسىنى ئايرىم-ئايرىم تەھلىل قىلىپ خۇلاسىلەڭ. ھەر بىر تۈرگە بىرىلىدىغان نومۇر ؛ 4 : 4 : 8 : 6 : 6 ؛ 4 ؛
23) ج ك پ 11-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتىتى 3-ئومۇمى يىغىنىنىڭ نىمە ئۈچۈن ئۇلۇغ تارىخى بۇرۇلۇش دىيىلىدىغانلىقىنى يىغىن مەزمۇنى ۋە يىغىندىن كېيىنكى دۆلەت ئەمەلىيتىگە بىرلەشتۈرۈپ چۈشەندۈرۈڭ (10 نوم
|
|