查看完整版本: [-- تورغا چىقىدىغان دوستلار چوقۇم بىلىشكە تىگىشلىك بىلىم --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش -> تورغا چىقىدىغان دوستلار چوقۇم بىلىشكە تىگىشلىك بىلىم [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ستۇدېنت 2013-05-02 20:11

تورغا چىقىدىغان دوستلار چوقۇم بىلىشكە تىگىشلىك بىلىم

ھەممەيلەنگە مەلۇم، يۇكۇ،تۇدۇ، 56 قاتارلىق فىلىم توربېكەتلىرىدە كىنو كۆرگەندە باشلىنىشتىن بۇرۇن 40 نەچچە سېكونتلۇق ئېلان چىقىۋىلىپ كىشىنى بىزار قىلىدۇ، بۇنى يوقىتىشنىڭ ئۇسۇللىرى يوقمۇ ئەمەس، بىراق قىسمەن ئۇسۇللارنى ئىشلىتىش ئۈچۈن سىزنىڭ كومپىيۇتېر جەھەتتىكى بىلىمىڭىز خىلى ياخشى بولۇشى كىرەك.ئۇنداقتا بۇنىڭ باشقا ئاددىي ئۇسۇلى يوقمۇ؟ 
مىنىڭچە  ئەڭ ئاددىي ئۇسۇل كومپىيۇتېرىڭىزدىكى توركۆرگۈچنى يەنى 浏览器 نى ئالماشتۇرۇش.چۈنكى نۆۋەتتە ئوتتۇرىغا چىققان تور كۆرگۈچلەرنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ، ھەرخىل تور كۆرگۈچلەرنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق ئالاھىدىلىكى ۋە خاسلىقى بار. ئۇنداقتا قايسى تور كۆرگۈچنى ئىشلەتكەندە بۇ مەسىلىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلغىلى بولىدۇ؟
تەۋسىيە قىلىدىغان تور كۆرگۈچنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ:
(باسسىڭىزلا چۈشىدۇ، چۈشۈرۈۋالغاندىن كىيىن، مائۇسنى قوش چېكىپ قەدەم-باسقۇچلار بىلەن كومپىيۇتېرىڭىزغا قاچىلاڭ)
يۇقارقى توركۆرگۈچنى چۈشۈرۈپ كومپىيۇتېرىڭىزغا قاچىلىغاندىن كىيىن، يۇكۇ،56، تۇدۇ قاتارلىق تورلارنى ئېچىپ خالىغان بىر فىلىمنى قويۇپ كۆرۈپ بىقىڭ، فىلىم باشلىنشىتىن بۇرۇنقى ئېلاننىڭ يوقالغانلىقىنى بايقايسىز.
بۇندىن باشقا، يۇقارقى تور كۆرگۈچ يەنە توربەتكە قىستۇرۇلغان سەكرىمە ئېلان (弹窗广告) لارنىمۇ ئۈنۈملۈك توسالايدۇ، توسۇش ئۈنۈمى %100 گە يىتىدۇ. قېنى چۈشۈرۈپ سىناپ كۆرۈڭ.ئەگەر ياقتۇرسىڭىز دوستلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىپ قويۇڭ.

tawpek 2013-05-02 23:05
چۈشۈرۈشكە بۇيرۇق بىرىپ قويدۇم. EE'2<"M  
0N1t.3U  
2345_k198413_browser [+WsVwyf?  
f,ro1Nke  
Z.${WZW  
مىنىڭغۇ ئانچە خۇشۇممۇ يوقتى بۇنىڭ بىلەن . يەنە بىر سىناپ باقاي

tawpek 2013-05-02 23:11
قاچىلىدىم ھەقىقەتەن بوپ قويىدىكەن. دىتال چۈشۈرۈش تور بەتلىرىدىكى ناچار ئىلانلارنى چەكلەپ بەرسە تەۋپىقداشلارنىڭ تور بىتىمىزدىكى دىتاللاردىن پايدىلانمىقىمۇ قولايلاشقۇدەك. gNr4oOR{  
<);j5)/  
تور كۆرگۈچتىكى مەسىلە تۈپەيلى نۇرغۇن تورداشلار مۇنبىرىمىزدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنالمايۋاتقان ئىدى. S:!5 |o|  
4s m [y8  
مەنمۇ بۇنى تەۋسىيە قىلدىم ئەمىسە.

ئەكبەرنىياز 2013-05-02 23:13
مەنمۇ سىناپ باقسام بولغۇدەك ، كۆپ رەھمەت !!!

گۇلخان0903 2013-05-02 23:23
بۇمۇ بۇلىدىغان گەپكەن.مەن بىر قېتىم شۇنداق سەتلەشتىم بالىلار ئالدىدا.....دەرىسلىك دىتالىنى چۈشۈرىمەن ھەپىلىشىپ ئولتۇرسام ،بالام يېنىمدا تۇرۇپتىكەن،بىمەنە ئېلاندىن بىرسى سەكرەپ چىقماسمۇ  ئىكراننى ئۈچۈرۈپ ئاران ئۈلگۈردۈم.خەنزۇچە تور بەتلىرىدە پايدىلىنىدىغان نەرسىلەرمۇ جېق،بىمەنە ئېلانلارمۇ شۇنداق جېق....رەھمەت تېما يوللىغۇچىغا.

arkzat 2013-05-03 01:49
ناشايان، بەتبەشىرە يېرىم يالىڭاچ جىن-شاياتۇنلار بىلەن خوشلىشىدىغان بوپتۇق-تە ئۇنداقتا! ئاۋۋال بىر سىناپ باقاي.

پىدا0909 2013-05-04 11:33
بىلىۋالدىم، رەھمەت.

gulhan 2013-05-04 16:35
ئەجرىڭلارغا كۆپ رەھمەت دوستلار.

گىتلېر 2013-05-11 23:41
ياخشى ئۇچۇركان پايدىلانغۇچىلارغا نەپ تېگىشىدە گەپ يوق.قېنى سىزمۇ سىناپ كۆرۈڭ؟

دوكو 2013-05-28 20:40
بىلگەنلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز

tutya 2013-05-28 23:08
مەنمۇ كومپىيۇتىرغا قاچىلۋالدىم رەھمەت سىزگە


查看完整版本: [-- تورغا چىقىدىغان دوستلار چوقۇم بىلىشكە تىگىشلىك بىلىم --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled