ozqan |
2013-04-26 12:55 |
سۆز تۈركۈملىرىدىن مەشىقلەر
سۆز تۈركۈملىرىدىن مەشىقلەر :
ئىسىملار ھەققىدە مەشىق : 1. تۆۋەندە بېرىلگەن سۆزلەرنى ئوقۇپ ، ئىسىملارنى ئايرىڭلار: قىزىل ، سەھەر ، قادىر ، ئون ، مىلتىق ، ئىشلە ، دوسكا ، نۇرغۇن ، يازلىق ، چىمەنزار ، ئۇخلىدى ، بۇلبۇل ، چوڭ ، مەن ، كېپىنەڭ ، بەش ، كۆك ، سائەت ، مېتىر ، يامغۇر ، كىچىككىنە ، ئىنقىلاب .
2. تۆۋەندىكى پارچىدىن ئىسىملارنى ئايرىپ يېزىڭلار ئاندىن خاس ۋە ئومومىي ئىسىملارنى ئايرىپ گۇرۇپپىلاڭلار : سىر دەرياسى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ ئاتاقلىق دەريا ھېسابلىنىدۇ ، ئۇ تەڭرى تاغلىرىدىن باشلىنىپ ، ئارال دېڭىزىغا قۇيۇلىدۇ . سىر دەرياسى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۈچۈن چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە .
3. تۆۋەندە بېرىلگەن ئىسىملارنىڭ قايسى كېلىشتە كەلگەنلىكىنى ئىزاھلاڭ : بېشىمغا ، باغدا ، شەھەرگە ، نەشپۈتنىڭ ، گۈلنى ، كىتاب ، مەكتەپتىن ، سۆزۈمدە ، تاغنىڭ ، باغ ، بولۇتنىڭ ، ئورماندىن تۇرمۇشنى ، ئالمىدىن ، تىلەككە .
تاغقا خۇددى قاردەك ئاقاردى چېچەك ، خىرەلەشتى كۆزۈڭدىن زىيا، قورۇقلاغا تولدى چىرايىڭ ، قەددىڭ ئېگىلىپ بولدى مىسلى يا .
4. تۆۋەندىكى ئىسىملارنى بىرلا ۋاقىتتا شەخس ھەم كېلىش قوشۇمچىلىرى بىلەن تۈرلەپ جۈملە تۈزۈڭلار : باغ ، تاغ ، بوستان ، ھارۋا ، ئائىلە ، مەكتەپ.
5. تۆۋەندىكى ئىسىملارنى تۈپ ئىسىملارنى بىر گۇرۇپپىغا ، ياسالما ئىسىملارنى بىر گۇرۇپپىغا ئايرىڭلار : زىمىن ، ئوتلاق ، باغۋەن ، چۆل ، ھارۋىكەش ، ئىلمەك ، ئاش ، ئاشلىق ، بېلىقچى ، ساندۇق ، ئاچقۇچ، باشلىق ، ھېسابسىز ،
6. تۆۋەندىكى پارچىنى ئوقۇپ ئىسىملارنىڭ ئاستىغا سىزىڭلار ، ئاندىن ئۇلارنىڭ قايسى ۋەزىپىدە كەلگەنلىكىنى ئىزاھلاڭلار : بىزنىڭ شەھىرىمىز ئەتراپىدىكى يېزىلاردا مىۋىلىك دەرەخلەر ناھايىتى كۆپ ، تېرىلغۇ يەرلەردىن باشقا بوش يەرلەرنىڭ ھەممىسىدە ئالما ، ئۆرۈك ، نەشپۈي ، ئالۇچا، ۋە باشقا مىۋىلەر ئۆسىدۇ ، مىۋىلەر پىشىپ كەتكەچكە بالىلار باغلاردىن چىقمايدۇ ، ئۇلار سالقىنى باغدا مىۋىلەرنى يىغىدۇ ، دېھقانلار باغلاردىكى يەل-يىمىشلەرنى قاق قىلىۋالىدۇ . ئەتىيازلىقى بۇ باغقا كىرسە كىشىنىڭ چىققۇسى كەلمەيدۇ ، خۇش پۇراق گۈللەرنىڭ ھىدى دىماقلارغا ئۇرۇلۇپ تۇرىدۇ .
سۈپەتلەر ھەققىدە مەشىق : 1. تۆۋەندىكى پارچىنى ئوقۇپ تەركىبىدىكى سۈپەتلەرنى ئايرىپ يېزىڭلار : ئىللىق شامال گۈزەل ۋادىلاردىن ئۇچۇپ ئۆتكىنىڭدە ياپيېشىل مايسىلارنى ، قىزىل ، سېرىق ، ئاق ، ئېچىلغان چىرايلىق گۈللەرنى ئەركىلتىسەن ، ئۇلارنىڭ يۇمران بەرگىلىرىدىكى ئاق مارجاندەك تاڭ شەبنەملىرىنى تەۋرىتىسەن ، كۆركەم، گۈزەل گۈل تاجىلىرىنىڭ سەگەك قۇلاقلىرىغا نېمىلەرنىدۇر شىۋىرلايسەن ، ئۇلار ساڭا تاتلىققىنە تەبەسسۇمىنى تارتۇق قىلىدۇ ،سېنى تەبرىكلىگەندەك لەرزان ئىگىلىدۇ .
2. تۆۋەندىكى سۈپەتلەرنى تۈپ ، ياسالما ، قوشما سۈپەتلەر بويىچە گۇرۇپپىلاڭلار : ئاق ، ئورۇنسىز ، تۈزلەڭ ، بەك ، يوغان ، كۆڭۈلچەك ، تاتلىق ، ئالا-بۇلا ، تارتىنچاق ، ئېگىز ، ئاچ سېرىق ، كۈچلۈك ، ئويمان ، سىلىق ، بېغىررەڭ ، يۇمشاق ، قىپقىزىل ، كۈرەشچان ، ئىرادىلىك ، ئۈنۈمسىز ، ئويمان-چوڭقۇر ، قويۇق ، دەھشەتلىك ، قارامتۇل . 3. تۆۋەندىكى سۈپەتلەرنى سۈپەت دەرىجىلىرىنىڭ تۈرى بويىچە گۇرۇپپىلاڭلار : بەك چوڭ ، ئاپئاق ، ئەپچىلگىنە ، كۆكۈچ ، قىپقىزىل ، چوپچوڭ ، ئازغىنە ، قىزغۇچ ، ئوبدان ، ئاقۇچ ، قىلىنراق ، ئېگىز ، تارغىنە ، خويمۇ تاتلىق ، يۇمشاق ، ئورۇققىنە ، تازا ، چىداملىقراق ، قاپقارا .
ئالىي مەكتەپ سوئال شەكلى : تاللاش سوئالىنىڭ تارمىقىنىڭ توغرا-خاتالىقىغا ھۆكۈم قىلىڭلار : 1. <ئاتىنىڭ ئىللىق كۈلۈمسىرىشى قەھرىتان قىش قۇچىقىدا تاتلىققىنە ئۇخلاۋاتقان يىپيېڭى باھارنى ئويغاتتى . > دېگەن جۈملىدە ئەسلىي دەرىجىدە كەلگەن سۈپەتتىن ئىككىسى ، ئەركىلەتمە دەرىجىدە كەلگەن سۈپەتتىن بىرسى ، ئاشۇرما دەرىجىدە كەلگەن سۈپەتتىن بىرسى بار .
2. <ئوقۇتقۇچى قىپقىزىل قېنىدىن ئاپئاق سۈت ئايرىپ سۆيۈملۈك پەرزەنتىنى پەرۋىش قىلغۇچى ئەزىز ئانا > دېگەن جۈملىدە ئېنىقلىغۇچى ۋەزىپىسىدە كەلگەن تۆت سۈپەت بولۇپ ، ئىككىسى ئاشۇرما دەرىجىدە كەلگەن ، ئەسلى دەرىجىدە كەلگەن ئىككى سۈپەتنىڭ بىرى ياسالما سۈپەتتۇر .
سانلار ھەققىدە مەشىق :
1. تۆۋەندىكى سانلارنى تۈرلەرگە ئايرىڭ : ئىككى يۈزچە ، يەتتىنچى ، مىڭ ، ئون، تۆتىنچى ، ئونلارچى ، يىگىرمە ، قىرىقچە ، ئوتتۇزبەش ، يىگىرمە بەشىنچى ، يۈزلەپ ، بەشەيلەن ، مىڭلىغان ، بەشلەپ ، ئوندىن بىر ئوتتۇزچە ، ئۈچتىن ئىككىسى .
تۆۋەندىكى جۈملىلەردىكى سانلارنىڭ قانداق ۋەزىپىدە كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىڭلار : 1. كېلىۋاتقانلاردىن ئۈچى بىزنىڭ مەكتەپتە ئوقۇيدۇ . 2. ئۇ بۇ يىل بەش ياشتىن ئالتە ياشقا قاراپ ماڭدى . 3. بۈگۈن تۆتەيلەن ئەمگەك قىلدۇق . 4. بالىلارنىڭ بىرىنچىسى ئالى مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدۇ . 5. رەنا سىنىپىمىز بويىچە ئۆگىنىشتە بىرىنچى . 6. يىگىرمە بەشكە كەسىرسىز بۆلىنىدۇ . 7. بۇ يىل ئالى مەكتەپكە ئۈچكۈن ئىمتىھان بەردۇق . 8. قادىر ئون ئىككىنچى قەۋەتتە ئولتۇرىدۇ .
تۆۋەندىكى پارچىدىكى سانلارنى ئايرىڭ ، ئاندىن تۈرى ۋە ۋەزىپىسىنى ئېيتىپ بېرىڭ : ۋەتەنپەرۋەر دېموكرات ، ئوت يۈرەك شائىر ئابدىخالىق ئۇيغۇر 1901-يىلى تۇرپاندا تۇغۇلغان . سەككىز-توققۇز يېشىدىن باشلاپ مەكتەپتە ئوقۇغان . 10قېتىم روسىيە ۋە سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىغا بارغان . ئۇ ئالتە خىل تىل بىلەتتى . ئۇ 20 يېشىدىن باشلاپ شىئېر يېزىشقا كىرىشكەن . شائىر قىسقىغىنە ھاياتىدا 200 پارچىدىن ئوشۇق شىئېر يېزىپ قالدۇرغان . شائىر ئابدىخالىق ئۇيغۇر 1933-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى ئالەمدىن ئۆتتى .
ئالى مەكتەپ سوئال شەكلى : تۆۋەندىكىسى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا چىققان تاللاش سوئالىنىڭ تارمىقى بولۇپ ، توغرىمۇ خاتا ؟ <تەخمىنەن 300 ئىشچى 40كۈن جاپالىق ئىشلەپ 1- باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى غەلىبىلىك تاماملىدى > دېگەن جۈملىدە ساناق سان ، تەرتىپ سان ،كەسىر سان ، مۆلچەر سانلاردىن بىردىن بولۇپ ، ھەممىسى جۈملىنىڭ ئەگەشمە بۆلىكى بولۇپ كەلگەن .
مىقدارلار ھەققىدە مەشىق :
تۆۋەندىكى سۆز بىرىكمىلىرىنى ئوقۇپ ئالدى بىلەن مىقدارلارنى ئايرىڭ ، ئاندىن خاس مىقدار ۋە كۆچمە مىقدار بويىچە گۇرۇپپىلاڭ : بەش جىڭ ، ئىككى تاغار ، ئون غۇلاچ ، بىر سىقىم ، يىـگىرمە كىلومېتىر ، قىرىق دانە ، بىر چىنە چاي ، بىر سىنىپ ئوقۇغۇچى ، يەتتە مو يەر ، بىر باغ بېدە ، سەككىز توننا ، ئالتە سانتىمېتىر
تۆۋەندىكى سۆزلەرنى ئىسىم ، سۈپەت ، سان ، مىقدار بويىچە گۇرۇپپىلاڭلار :
سۆلەتلىك ، بەشىنچى ، جىڭ ، چىشلەم ،ئالما ، ئويمان ، مىڭچە ، توننا ، بولۇت ، چاقىرىم ، سېمىز ، ئون ئۈچ ، تۇزلۇق ، غېرىچ ، ئاق ، چىمدىم ، سەككىزىنچى ، بىر قوشۇق ، چاقماق ، بەش تاغار ، توقسان ، سۆزمەن ، يەتتىنچى ، ياشلىق ، قارىغاي ، ئەللىكچە ، سەر ، گۈزەل ، پارتا ، كۆڭۈللۈك ، لېتىر ، مىڭ
ئالماش ھەققىدە مەشىق :
1. پارچىنى ئوقۇپ تەركىبىدىكى ئالماشلارنى ئايرىڭ : شامال سەن تەبىئەتنىڭ ئەركىسى . قەيەرنى خالىساڭ ، شۇ يەرگە بارالايسەن ، ئەركىن ، خوشال ساياھەت قىلالايسەن . سەن تەبىئەتنىڭ ئەلچىسى ، گۈزەل ۋادىلارنى ، گۈل-گىياھلارنىڭ خۇش ھىدىنى قاياقلارغىدۇ ئەكىتىسەن ، كىملەرنىڭدۇ قەلبىگە ھوزۇر ئاتا قىلىسەن ، شامال سەن مېنىڭ بەخىتسىز قىسمىتىمگە ھېسداشلىق قىلارسەنمۇ ؟ ئەگەر ماقۇل كۆرسەڭ مەن ساڭا ئۇنى سۆزلەپ بېرەي .
2. تۆۋەندىكى ئالماشلارنى تۈرلىرى بويىچە گۇرۇپپىلاڭلار : سەن ، ئاشۇ ، كىم ، بارلىق ، مېنىڭكى ، ھېچنېمە ، قانداقتۇر ، ئۆزىنىڭكى ، قانداق ، ئاللىكىم ، ھېچقاچان ، ئۇ ، ھەممە ، بىر نەرسە ، پۈتۈن ، شۇنداق ، ھېلىقى ، ھەر قاچان ، قايسى ، ئۇلار ، ئەنە ، ئۆزۈڭ ، قانچە ،
تۆۋەندىكى جۈملىلەردىكى ئالماشلارنى تېپىڭلار ، ئۇلارنىڭ تۈرىنى ، ۋەزىپىسىنى ئېيتىپ بېرىڭلار : 1.بۇ باغدىكى مىۋىلەرنى ئۆزۈم ئۆستۈرگەن 2. كىمدۇ بىرى ئۆينىڭ ئشىكىنى قاتتىق ئۇردى 3.خاتىرجەم بول ھېچقانداق ئىش بولمىدى . 4. مەن ئەتە سىلەرنىڭكىگە بارىمەن . 5.سىنىپىمىزدىكى بارلىق ساۋاقداشلار ئىمتىھانغا ياخشى تەييارلىق قىلىۋاتىمىز . 6. ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ . 7. ئەلقەم سىزنى كۆپ ساقلاپ كەتتى . 8. سەن ئوقۇغان كىتابلارنىڭ كۆپى مەندە بار . 9. قار تازىلاشقا پۈتۈن شەھەر ئاتلاندى . 10. ھېلىقى كۈنى سېنى ئىزدەپ تاپالمىدىم. 11. يولدا كېتىۋېتىپ قانداقتۇر بىر شەپنى ئاڭلاپ قالدىم . 12. بۇ ئاياغ مېنىڭ پۇتۇمغا كىچىك كېلىپ قالدى .
رەۋىش ھەققىدە مەشىق :
1. تۆۋەندىكى رەۋىشلەرنىڭ مەنە جەھەتتىكى پەرقىگە قاراپ قايسى رەۋىش تۈرى ئىكەنلىكىنى ئايرىپ بېرىڭ : ئاۋۋال ، يىراقتا ، راسا ، ئاستا ، ئەتەي ، ئالدى-كەينى ، تۇيۇقسىز ، ئانچە-مۇنچە ، مەشەدە ، سەل-پەل ، ئەتىلىككە ، مەقسەتلىك ، ئۈزۈل-كېسىل ، ئەپچىل ،قىسقىچە ، تۆۋەندىن ، ئۇشتۇمتۇت
2. تۆۋەندىكى رەۋىشلەرنى ئوقۇپ ، ئاددىي رەۋىش ، ياسالما رەۋىش ۋە قوشما رەۋىشلەرگە ئايرىڭ : ئاستا ، باتۇرانە ، نۇرغۇن ، ئەتەي ، سەل-پەل ، قەھرىمانلارچە ، تاسادىپىي ، بالدۇر، ئىلگىرى-كېيىن ، سەل ، كەچلەپ ، بىردەم ، ھازىر ، ئوپۇل-توپۇل ، چاپسان ، كەلسە-كەلمەس ، بىر يولى ، تېز ،باتۇرلارچە ، ئىلاج قىلىپ ، چۈشتە، پەس
3. تۆۋەندىكى جۈملىلەردىن رەۋىشلەرنى تېپىپ چىقىپ ، تۈرگە ئايرىڭ :
1.ئۇ ئالدىراپ سۆزلەۋاتاتتى ، ئالدىدىكى ئادەمنى كۆرۈپ بىردىنلا توختاپ قالدى . 2.ئۇ مەقسەتلىك ھالدا بېشىنى لىڭشىتتى . 3.دىلمۇرات خېلى ئىشلارنى قىلالايدۇ . 4.ئۇ ۋەتەننى قوغداش يولىدا باتۇرلارچە قۇربان بولدى . 5.بېشىم سەل-پەل ئاغىرۋاتىدۇ . 6.ئازاتلىق ئارمىيە دۈشمەن ئىستىھكاملىرىنى ئۈزۈل-كېسىل تارمار قىلدى . 7.بىز بۇ مەكتەپكە بۇلتۇر كەلگەن . 8.ئۇلار كېتىپ قالدى ، بىز تېزراق ماڭايلى . 9. مەن ئاتايىن سىزنى يوقلاپ كەلدىم . 10.ئاشخانىمىز ياتىقىمىزنىڭ كەينىدە . 11. تۇرسۇن تېخى ھازىرلا كەلدى ، شۇڭا ئۇلارنىڭ يېنىغا سەل تۇرۇپ كىرەيلى . 12. مەن بەك ھاياجانلىنىپ كەتسەم ، ئىتتىك سۆزلەپ كېتىمەن . 13.ھاشىم شەھەرگە تۈنۈگۈن كەتتى . 14. سەن ھەر كۈنى ئۇ ياقتىن كېلىسەنغۇ ؟ 15.لۇتپۇللا مۇتەللىپ دۈشمەن ئالدىدا مەردانە تۇرۇپ كۈرەش قىلدى . 16. ئۇ ئېتىزدا كەچكىچە ھارماي ئىشلىدى . 17. ئۇنىڭ ئۆيى مەھەلىنىڭ يۇقۇرسىدا .
پىئېللار ھەققىدە مەشىق :
1. پارچىنى ئوقۇپ پىئېللارنى تېپىپ چىقىڭلار : بىر كۈنى كەچ قوشنىمىز تۇيۇقسىز قاتتىق ئاغرىپ قېلىپ ، ئۆيىدە باشقا ئادىمى بولمىغاچقا ، دوختۇرخانىغا ئاپىرىشقا توغرا كەلدى ، ئۇنى بالنىستقا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ قايتقۇچە كۈن نىسبىدىن ئېشىپ كەتتى ، مەن ئەتىكى خىزمەتكە ئالدىراپ تېزلىكتە ئۆيگە قايتىپ كەلدىم ، كەلگۈچە يولۇققان ئۇ ئىش زادى ئىسىمدىن چىقماي ، مېنى ئىزچىل ھالدا ئازاپلاپ كەلمەڭتە ئىدى .
2. شېئىردىكى پېئىللارنى تېپىپ چىقىڭلار : ھايات ماڭا لەززەت بېرەر ھەر كۈنى ، يېڭى –يېڭى تۇيغۇلارنى ئويغىتىپ . ئىجادىيەت بوستانىغا باشلايدۇ ، تەپەككۈرنىڭ گۈل بېغىدا ئوينىتىپ .
ھايات ماڭا لەززەت بېرەر ھەر كۈنى ، سۆيگۈ ئاقار بۇلاق بولۇپ توختىماي. ئېچىلماقتا مانا ھايات گۈللىرىم . مەن ئاسرايمەن ئۇنى ھەرگىز قۇرۇتماي.
3. تۆۋەندە بېرىلگەن رەۋىشداشلارنى تۈرلىرى بويىچە گۇرۇپپىلاڭلار:
كۆرۈپ ، بەرگەچ ، يەتكىچە ، ئوقۇلۇپ ، يانغاچ ، سېلىپ ، كۆرگىچە ، سۆزلەشكىچە ، توختىغاچ ، ئالدۇرۇپ ، ئىشلەپ ، قانغۇچە ، بارغىلى ، ئۇخلىماقچى ، كۆزلىگەچ ، چاقىرغىلى ،
4. تۆۋەندىكى پىئېللارنىڭ ئىچىدىن سۈپەتداشلارنى ئايرىڭ :
كەلتۈرۈپ ، توشقىچە ، ئاقارغان ، ئۆتكەچ ، كۆرگىلى ، تۈزلەۋاتقان ، ئالدۇرۇپ ، يىغلاۋاتقان ئالمىشىپ ، سۆزلىگەن ، ئالغاچ ، بېرەر ، كەلمەس ، ئوقۇيدىغان ، كۆرمەك
5. تۆۋەندىكى پىئېللارنىڭ ھەر بىرىنى سۈپەتداش ، رەۋىشداش ، ئىسىمداشلارغا ئايلاندۇرۇڭ : بەر ، بار ، كەل ، بىل ، ئال ، تۇر ، قوي ، سال ، تاشلا ، كەت ، ياز ، كۆتۈر .
6. تۆۋەندىكى قوشۇمچىلارنىڭ ھەر بىرىدىن پايدىلىنىپ ئىككىدىن ئىسىمداش تۈزۈڭ : ش ، ىش ، ۇش ، ۈش ، ماق ، مەك ، غۇ ، قۇ ، گۈ ، كۈ سۈپەتداشلارغا لىق ، لىك قوشۇمچىسىنى قوشۇش ئارقىلىق :
7. تۆۋەندىكى پىئېللارنىڭ شەخىسسىز پىئېلنىڭ قايسى تۈرىگە كىرىدىغانلىقىنى ئايرىپ گۇرۇپپىلاڭ : سېزىپ ، ئىشلەش ، بىلگەن ، كۈلۈش ، تەپكەن ، سەكرىتىپ ، كۆزلىگەن ، تەلمۈرۈش ، كولاش ، كۆرۈش ، تېپىش ، قىچىش ، كۆمۈلگەن ، ئېچىش ، سالغاچ ، قوغلاش ، خەجلەيدىغان ، يانجىش ، ۋارقىرىغان ، قالدۇرۇپ ، تۇرغىچە ، ئويلاپ ، ئۆمىلەش ، يەتكىچە ،تولۇقلاش
تەقلىد سۆزلەر ھەققىدە مەشىق :
تۆۋەندىكى جۈملىلەردىكى تەقلىد سۆزلەرنىڭ قايسى تۈرگە تەۋەلىكىنى ھەمدە قانداق ۋەزىپىدە كەلگەنلىكىنى ئايرىپ بېرىڭ : 1. بۇ ئورۇندۇق غىچ-غىچ قىلىپ مېنى تولىمۇ بىزار قىلدى . 2. قورسىقىم ئېچىپ پىژ-پىژ قىلىپ كەتتى. 3. بۇ چىراغ ھېلىلا ساق ئىدى ، لىپ-لىپ قىلىپلا ئۆچۈپ قالدى . 4. پاڭ ! قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ كەپتەرلەرنىڭ ھەممىسى ئۇچۇپ كەتتى . 5. ئۇلار سىنىپ مەسئۇلىنى كۆرۈپ ئوپۇر-توپۇر بولۇپ كەتتى . 6. ئاسماننىڭ ئۇ يەر - بۇ يەرلىرىدە يۇلتۇزلار ئىمىر-جىمىر قىلىپ نۇر چاچاتتى . 7. كوچىدىكى ۋاراڭ-چۇرۇڭلار ئەمدى بېسىلدى. 8. غىچ-غىچ ئادەمنى بىزار قىلىدىغان ئاۋازلاردىن بىرى . 9. بىزنى بەك بىزار قىلىدىغىنى دىققەتنى بۇزىدىغان ۋاراڭ –چۇرۇڭ . 10. گۈر-گۈر شامال تېنچلىقنى بۇزۇپ تۇراتتى . 11. مەن ئۇنىڭ خور-خور تىنىقلىرىدىن بىزار بولدۇم . 12. ھۆڭ-ھۆڭ يىغلاپ تۇرغان ئۇ بالا ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغانىكەن. 13. شەھەر كوچىلىرىدىكى پوجاڭزىنىڭ پاڭ-پۇڭ ئاۋازلىرى كىشىگە ئاراملىق بەرمەيتتى . 14. جىرىڭ-جىرىڭ قىلغان قوڭغۇراق ئاۋازى ئۇنى سەگەكلەشتۈردى. 15. بىر دەستە چىنە جاراڭ-جۇرۇڭ قىلىپ چېىقىلىپ كەتتى . 16. تۈنۈگۈندىن بېرى بېشىم زىڭ-زىڭ قىلىپ ئاغرىۋاتىدۇ . 17. ئۇ ئىشىكنى تاك-تاك قىلىپ چېكىپ كىرىپ كەلدى . 18. قورۇققىنىمدىن يۈرۈكۈم گۈپ-گۈپ قىلىپ جىددىي سوقاتتى . 19. ئاسماندا يالت-يۇلت چاقماق چېقىلدى ، ھاۋا بۇزۇلۇپ سىم-سىم يامغۇر يېغىشقا باشلىدى .
ئىملىق سۆزلەر توغرىسىدا مەشىق :
تۆۋەندىكى جۈملىلەردىن ئىملىق سۆزلەرنى تېپىڭ ھەمدە تۈرىنى ئايرىڭ : 1. پاھ-پاھ ! نېمىدېگەن گۈزەل مەنزىرە-ھە. 2.ھاي-ھاي !بىز بۇ يەردە ، بۇ ياققا كېلىڭلار. 3. ئۇ ھويلىدىكى توخۇلارنى تۈ-تۈ-تۈ دەپ چاقىرۋاتاتتى . 4.ۋايجان ! ئادەم بارمۇ ؟ مېنى قۇتۇلدۇرۇڭلار 5. ھەي بالىلار ، نەسىھىتىمگە قۇلاق سېلىڭلار 6.ئۇھ ، ئەجەپمۇ ھېرىپ كەتتىم ، بىردەم ئارام ئېلىۋالاي 7. ھەي ئىسىت ، بالدۇرراق تىرىشسام بوپتىكەن . 8. ئەي ساۋاقداشلار ، ھازىر قىلىۋاتقىنىڭلارنىڭ ھەممىسى ئۆزەڭلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئۇنتىماڭلار . 9. ھەببەللى ، بۇ ئىشنى كۆڭلۈمدىكىدەك ئورۇنداپسىز . 10. ھوي بوۋا ، سىز ئەجەپمۇ كۆپ نەرسىلەرنى بىلىدىكەنسىزغۇ !؟ 11. ۋاي-ۋۇي ، چوپچوڭلا بالا بولۇپ كېتىپسىزغۇ ! 12. ھوي بالا ، نېمىگە كەتمەي ھاڭۋېقىپ قاراپ تۇرىسەن ، ئىتنىمۇ چاغ دېسە كېتىدۇ . 13. مە ، بۇ سېنىڭ كىتابىڭ 14. تېنچ ، بۇ دېگەن دوختۇرخانا . 15. خەپ ! ساڭا يالغانچىلىقنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىر كۆرسىتىپ قويمىسام . 16. بەس ، بېشەملىكنىڭمۇ چېكى بار ، ئۆزۈڭنى بېسىۋالساڭ بولارمىكىن . |
|