查看完整版本: [-- تىل –ئەدەبىيات8-يىللىق 2-قىسىم سۆزلۈكلەر ئىززاھاتى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئاتالغۇلارغا ئىزاھات -> تىل –ئەدەبىيات8-يىللىق 2-قىسىم سۆزلۈكلەر ئىززاھاتى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

نۇرمۇھەممەت 2013-04-25 23:01

تىل –ئەدەبىيات8-يىللىق 2-قىسىم سۆزلۈكلەر ئىززاھاتى

تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ تىل –ئەدەبىيات8-يىللىق 2-قىسىم t 
Px'%5TKN  
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! uVOOw&q_  
دوستۇم! ئۆچكىلىۋاتقان شامدەك نۇرسىز يېنىۋاتقان مىللىي مائارىپىمىزغا يەنىمۇ ئۈمىدۋارلىق روھى بىلەن قاراپ، ئورۇنسىز چىقىملارنى تەرك ئېتىپ، ئۈچ يىللىق مېھنىتىمنىڭ مېۋىسى بولغان ئۇشبۇ ئويغۇر تىل –ئەدەبىيات سۆزلۈكلەر لوغىتىنى تۈزۈپ چىقتىم .بىراق سىز بۇ تەييار لوغەتكە ئېسىلىۋېلىپ، قىممەتلىك ۋاقتىڭىز ۋە بىباھا ساغلاملىقىڭىزنى ئورۇنسىز ئىشلارغا سەرپ قىلسىڭىز، ئۇنداقتا سىز بۇنى نەچچە ھەسسە قىممەت باھادا سېتىۋالغان بولسىڭىزمۇ يەنىلا ئازغۇچى، يېڭىلگۈچىدۇرسىز. ئۈمىدىم شۇكى، بۇ مەزمۇنلار ئاساسىدا دەرسلىك ماتېرىياللارنى تېخىمۇ بېيىتىپ، ئۆز بىلىمىڭىز، ئەمەلىيىتىڭىزگە تەدبىقلاپ، مىللىي مائارىپىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىيات ئىستىقبالى ئۈستىدە توختاۋسىز ئىزدىنىپ، ئانا تىلىمىزنى قوغداپ قېلىش، مىللىي ئەدەبىياتىمىزنى زامانىۋىلىققا يۈزلەندۈرۈش يولىغا مەردانە قەدەم تاشلىشىڭىزنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن. PX(Gx%s|  
ئەگەر مەن بىلەن ئالاقە قىلىشنى ئويلىسىڭىز، بۇ «13579698455» نومۇرغا تېلىفۇن قىلسىڭىز ھەرقاچان قولۇم كۆكسىمدىدۇر.مەندە نۇرغۇن ماتىريال بار (ئۈچ يىللىق دەرىس تەييارلىق. تۇلۇقسىز 2-قىسىم كۆپ مۇھىتلىق سىنىپتا ئۈتىلىدىغان قىلىپ لايىھەلەنگەن پۈتۈن بىر كىتاب،.ئالتەقىسىم سۆزلۈكلەر ئىززاھاتى،ئەگەردە سىز ساۋاقدېشىم بولسىڭىز سىزنى ھەقسىز تەمىنلەيمەن  ) QT\S>}  
خەير، بەخت- ئامەت سىزگە مەڭگۈ يار بولسۇن! <;SMczR  
- تۈزگۇچىدىن gwR ^Z{  
قاراقاش ناھيە كاۋاك ئوتتۇرا مەكتەپتىن ؛نۇرمۇھەممەد مۇھەممەدئىمىن   [0F+ t,`  
2013- يىلى4—ئاينىڭ10-كۈنى j[) i>Qw  
5GT,:0  
f{WJM>$:  
بۇغۇرساق _  بوشراق بولدۇرغان ، ماي ، شىكەر ، ئارىلاشتۇرۇلغان خېمىردىن بارماقتەك توملۇقتا ، ئىككى سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا ئۈزۈپ ياغدا پىشۇرىلىدىغان يىمەكلىك . d*8 c, x  
قارىۋاي_  چىرايى ۋە بەدىنىنىڭ تېرىسى قارا ياكى قارىغا مايىل ، قارا تۈسلۈك ، قارىمۇتۇق . BP*gnXj  
ئوربىتا _   ① ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىكى باشقا بىر جىسىمنىڭ تارتىش كۈچى تەسىرىدە قىلىدىغان ھەرىكەت يۇلى . ② جىسىمىلارنىڭ بەلگىلىك قانۇنىيەت بۇيىچە قىلىدىغان ھەرىكەت يۇلى . tCtR(mG=A  
ھاڭگىت _ بىر خىل قۇش بولۇپ ، پەي تۈكلىرى بېغىررەڭ ، قۇرساق قىسمى ئاق ، تۇمشۇقى ياپىلاق ، پۇتلىرى قىسقا كىلىدۇ. بارماقلىرى ئارىسىدا ئۈزۈش پەردىسى بولىدۇ . سۇ بويلىرىدا توپلىشىپ ياشايدۇ . ئۇچقاندا رەتلىك سەپ ھاسىل قىلىدۇ . ئادەتتە ئۇ پەسىل قۇشى ھېسابلىنىدۇ. `=b*g24z[N  
خۇرجۇن _ ئىچىگە نەرسە – كىرەك قاچىلىنىدىغان ، ئۇلارغا ئارتىشقا باپ قىلىپ يىپ ياكى يۇڭدىن توقۇلىدىغان ئىككى باشلىق قاپ . XC0G5rtB  
قورۇت _ قوي ، ئۆچكە ، كالا سۈتىنى ئۇيۇتۇپ قورۇتۇش ئارقىلىق ياسىلىدىغان بىر خىل يىمەكلىك . / D#vs9S  
تامشىپ _ تاتلىق بىر نەرسە يىگەندىن كېيىن لىۋىنى يالاش ، شۈمۈش ھەرىكىتى . Nki18ud#  
تاۋار _  ① ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ئەمگەك مەھسۇلاتى . ② فابرىكىدا توقۇلغان ، تىگى بىلەن گۈللىرىنىڭ رەڭگى ئوخشاش بولغان يىپەك گەزلىمە . #B)/d?aa'  
كۆپتۈرۈش _ مۇبالىغىلەشتۈرۈش ، ئاشۇرىۋېتىش. >sPu*8D40a  
تاساددىپى _  ① كۈتۈلمىگەن ، تۇساتتىن يۈز بەرگەن ؛ ئۇشتۇمتۇت .   ② سەۋەبى نامەلۇم ، سەۋەپسىز . k$k (g  
سۇۋادان تىرەك _ تال تىرەك ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ . تۈز ئۆسىدۇ . ياغىچىدىن ئۆي جاھازلىرى ، سەرەڭگە تېلى ، پەنەركە ، قەغەز قاتارلىقلار ياسىلىدۇ . ئادەتتە ئىھاتە ئورمانلىقى ۋە مەنزىرە  ئۈچۈن ئۆستۈرىلىدىغان دەرەخ خىلىرىغا كىرىدۇ. 1Qhx$If~  
تەسۋىر _ ① بىرەر نەرسىنىڭ يازما ، ئويما ، قۇيما ، ياكى سىزما شەكىلى ؛ رەسىم ، سۈرەت . ② نەرسە ، ۋەقە ، ھادىسىلەرنىڭ بەدىئىي ئىپادىسى . qC.jXU?rO  
تەئەججۈپلىنىش _ ① ئەجەپلىنىش ، ھەيران قېلىش ، ② قىززىق ، ئەجەپ . J>] ' {!+  
غۇچچىدە _  ①زىچ ھالدا . ② كۆچمە . جېقلا . نۇرغۇن . ③ ھەممىسى ، پۈتۈنلەي . zrRt0}?xl  
جىلۋە قىلىش _ ① گۈزەل نازاكەتلىك ھەرىكەت . ② رەڭمۇ- رەڭ تاۋلىنىش ، كۆركەم  كۈرۈنۈش . #x)G2T'?  
نازلىق – باشقىلارغا يېقىش ئۈچۈن يۈز – كۆزىنى ئوينىپ قىلىنغان يەڭگىل ھەرىكەت ، ئەركىلىك . نازى بار . 5#$E4k:YV  
سۈرلۈك _ ① قورقۇنۇچلۇق ، ۋەھىمىلىك ، ② سۈرى بار ، سالاپەتلىك . [)Xu60? Q  
سىماسى _ كۈرۈنىشى ، ھالىتى ، چىرايى ( ئادەمگە قارىتىلىدۇ . ) K]N^6ome  
سىموۋۇل _  ① ئىسىتىستىكىلىق ۋاستىلەردىن بىر تۈرى . بۇنىڭدا بىرەر ئىش ، نەرسە ، ھادىسە قاتارلىقلار شەرتلىك ھالدا شۇلار ئىپادىلەپ بىرىدىغان ياكى ئەسلىتىدىغان تۇرمۇش ھادىسىلىرى ، ئۇقۇملار ۋە نەرسىلەرگە بەلگە قىلىنىدۇ ۋە تەققاس قىلىندۇ . ② بىرەر غايە ، چۈشەنچە ، ھادىسە ۋە شۇ قاتارلىقلارنى ئىپادىلەيدىغان ، ئەسلىتىدىغان باشقا نەرسە ، ھادىسە ، ياكى شەرتىلىك بەلگە . ZJ=-cE2n  
زۇمرەت _ ① تەركىبىدە خروم بولغانلىقى ئۈچۈن ياپيېشىل كۆرىنىدىغان بىر خىل قىممەت باھالىق تاش . ② ئاياللارنىڭ ئىسمى . 4kxy7] W  
سەدەپ _ بەزى يۇمشاق تەنلىكلەرنىڭ يالتىراق ، قاتتىق قاسرىقى . W(~G^Xu  
قەسىر _ ① پادىشاھلار ، خانلار ياكى فىئوداللارنىڭ ھەشەمەتلىك سارىيى . ② قەلئە ، قورغان . ③ ئومۇمەن ھەشەمەتلىك ساراي ، كاتتا ئۆي ، بىنا . *~prI1e(  
ئىزگۈ _  خەيرىلىك ، ياخشى . qaG%PH}a  
قۇندۇز _ سۈت ئەمگۈچى ھايۋان . چاشقانغا ئوخشايدۇ ، ئارقا پۇتىدا ئۈزگىچىسى بولىدۇ . قۇيرۇقى ياپىلاق ، تۈكلىرى ئۇزۇن  ھەم قېلىن ، دۈمبە تەرىپى قىزغۇچ قوڭۇر ، قۇرسىقى كۈلرەڭ ، چىشلىرى ئۆتكۈر كىلىدۇ . دەرەخلەرنى چىشلەپ ئۇشتالايدۇ . سۇ بۇيىدا ياشايدۇ . دەرەخ قوۋزاقلىرى ۋە نىلوپەر قاتارلىقلار بىلەن ئۇزۇقلىنىدۇ. تېرىسى ئەتىۋارلىق . ئەركەكلىرى قۇندۇز قەھرى ئاجىرىتىپ چىقىرىدۇ. ② ئاياللارنىڭ ئىسمى . uhQ3  
پەزلى  _  ئىجابى خىسلەت ؛ ئېسىل ئەخلاق ،  پەزىلەت . cV&(L]k>`  
تاۋاق _ Ⅰ ① ياغاچتىن ئۇيۇپ ، قىرىپ ياسالغان تەخسە شەكىللىك قاچا ، ئاياق . ② ھەر خىل لىگەنلەر . Ⅱ تاختا : باسما تاۋاق . s/`4]B;2U  
كۇرسى _ ① بەندىڭ ، ئۇرۇندۇق . ② باھاسى ، قىممىتى . i.0}qS?  
كۆپۈك _  گازلارنىڭ مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن سۇيۇقلۇق ئىچىدە قورشىلىپ قېلىشىدىن ھاسىل بولغان شارسىمان ھالىتى . .7+_ubj&,  
ۋەھشىي _ ئىنسانلىق قىياپىتىنى يۇقاتقان ، ئۆتۈپ كەتكەن زالىم ، قانخۇر . 8^c|9ow  
چۇقان  _  ۋاراڭ– چۇرۇڭ ئاۋاز ؛ سۈرەن . &>i+2c~  
جەڭگىۋار _ ① جەڭ ۋە كۈرەش قىلىشقا ھەر دائىم تەييار تۇرىدىغان ، كۈرەش قىلغۇچى ، كۈرەشكە قاتناشقۇچى ؛ كۈرەشچان . ② جەڭ ئورنى قىلىپ بەلگۈلەنگەن، جەڭ ئېلىپ بېرىلغان، جەڭ قىززىغان . ③ جەڭلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن، جەڭگە ئۆزىنى ئاتىغان، جەڭدىن قايتمايدىغان. ④ كۆچمە . كۈرەشكە تەييار، كۈرەش روھىغا ئىگە ، جەسۇر. ⑤ كۆچمە . ئىنتايىن مۇھىم، جىددى، كەسكىن، زۆرۈر. 8 E.u3eS  
ئوبىراز _ ① ئوبىيكتىپ شەيئىلەرنىڭ ئادەم مېڭىسىدىكى كوفىيسى: ئوبىراز ئارقىلىق تەپەككۇر قىلماق.  ② يازغۇچىنىڭ كۈزىتىشى، تاللاش، پىششقلاش ۋە يوغۇرۇشىدىن كىلىپ چىققان تۇرمۇش مەنزىرىسى.   |Wi$@sWO  
ناتىق  _ سۆزمەن ، نۇتۇق سۆزلەش ئىقتىدارى يۇقىرى گەپكە ئۇستا ، گەپدان . 9.#\GI ;  
دىئالۇگ _ ① ئەدەبى ئەسەرلەردىكى ئىككى ياكى ئونىڭدىن ئارتۇق پىرسۇناژ ئوتتۇرىسىدا بولغان سۆھبەت . ② ئىككى ياكى ئونىڭدىن ئارتۇق پىرسۇناژ ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت شەكىلىدە يېزىلغان ئەدەبى ئەسەر . XZ Z Ml  
ھېكىم _ ① ئۇستا تېۋىپ ، دۇختۇر . ② دانىشمەن ، پەيلاسوپ . ③ ئەرلەرنىڭ ئىسمى . CuT[V?^iD  
ياۋا _ ① ئۆزلەشتۈرلمىگەن ، ئادەمگە ئۆگىتىلىمىگەن . ② نۇرمال بولمىغان ، غەيرىي . ③ كىشلەرگە ئارىلاشمايدىغان . مىجەزى باشقىچە ، مىجەزى غەيرىي ، يىگانە . ④ غەيرىي ، يېقىمىسىز . (ئاۋاز ھەققىدە ) 8'Z9Z*^h#x  
ئول _  ئۇ . !<((@*zU  
تاڭغا _ تېرىلغۇ يەر . Eq~&d.j  
پەيلاسۇپ _ ① پەلسەپە ئالىمى ، مۇتەخەسسىس ؛ پەلسەپە بىلەن شۇغۇللانغۇچى كىشى . ② كۆچمە . دانالارچە مۇھاكىمە يۈرگۈزىدىغان كىشى . fCO!M1t  
شىكايەت _ ① بىرەر ئىش ياكى ئەھۋالنىڭ ئادىل بولمىغانلىقى ۋە ياكى ئۆز كۆڭلىدىكىدەك ئېلىپ بېرىلمىغانلىقى سەۋەپلىك ئېيتىلىدىغان نارازىلىق . ② شىكايەتنامە ، ئەرز . niqiDT/  
مۇناپىق _ ① تىلى باشقا ، دىلى باشقا ، سۆز – ھەرىكىتى بىر-  بىرىگە ماس كەلمەيدىغان ،  ئىككى يۈزلىمە ، سەمىيمىيەتسىز .   ② كۆچمە . « قارا يۈز » ، « ۋىجدانسىز » دېگەن مەندىكى تىل ھاقارەت سۆزى . s-o0N{b?#'  
ئالىيجاناپ _ ① بەك ئەدەپلىك ، ئادىمىگەرچىىلكى ئىنتايىن ياخشى ؛ ئۇلۇغ ، ئىسىل . ② ئىنتايىن ياخشى ، مىسىلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ياخشى . {j ${i  
پەسكەش _ ئىززەت ھۆرمىتىنى ، نۇمۇسىنى تۆكىدىغان ، نەزىرى پەس ، رەززىل ، ئىپلاس . Mm^o3vl  
ئىمپىراتۇر _ پادىشاھلىق دۆلەتلەردە پادىشاھنىڭ ، ئىمپىرىيە پادىشاھىنىڭ ئونىۋانى ۋە شۇ ئونىۋانغا ئىگە بولغان شەخىس . K}&|lCsb  
ئالىكساندىر _ رىم ئمپىرىيسىنىڭ ئىمپىراتۇرى . تۇلۇق ئىسمى ئالكساندىر ماكىدونىسكى  ( ئىسكەندەر زولقەرنەيىن ) . oBifESJ  
رەئىس _ ① بەزى دۆلەت، دۆلەت ئورگانلىرى، پارتىيە – گۇروھ  ياكى بەزى ئىدارە ، تەشكىلاتلار رەھبىرىنىڭ ۋەزىپە نامى ۋە شۇ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن كىشى، ② مەجىلىسنى باشقۇرغۇچى شەخىس، يىغىن رىياسەتچىسى. ③ دىننى مۇراسىم ۋە ئۆرىپ – ئادەتلەرنىڭ بىجىرىلىشىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچى كىشى ۋە شۇنىڭدەك جىڭ تېشى تارازا قاتارلىقلارنىڭ توغرىلىقىنى تەكشۈرۈپ تۇرىدىغان مەنسەپدار كىشى. ^3*/x%A,g  
ئىزتىراپ _  ① قاتتىق ھاياجان . ② روھىي ئازاپ ، روھىي ئىزىلىش ، ھەسرەت ، سىقىلىش ، ئەلەم . 6$ 9n_AS  
مەرتىۋە _ Ⅰ① جەمئىيەتتتە ، كىشلەر ئارىسىدا ئىرىشكەن ئابروي ، ئىبار ، نوپۇز ؛ ئىناۋەت . ② مەنسەپ ، ئەمەل . Ⅱ قېتىم ، نۆۋەت ، مەرتە . 9~ K 1+%!  
ئىللەت _ ① بەدەندىكى دەرە ، كېسەللىك ، كەمتۈكلۈك ؛ ئاغرىق . ② بىرەر ئشقا سەۋەپ بولغان كەمچىلىك ؛ ئەيىپ ، نوقسان . m~(]\  
تېئورېما _ توغرىىلىقى ئسپاتلانغان ، پىرىنسىپ ياكى قانۇنىيەت ئورنىدا ئشلىتىلىدىغان ھۆكۈم ياكى فورمۇلا . Z +(V'e;  
پەرىشتە _ ①  دىننى چۈشەنچە بۇيىچە ئاللانىڭ تاپشۇرۇقلىرىنى ئىجىرا قىلىدىغان ، جەننەت  ۋە دۇزاقىنى باشقۇرىدىغان ، قاناتلىق ، غەيرىىي تەبىئىيى مەخلۇق ؛ مالائىكە . ② كۆچمە . ياخشى خۇلىق – مىجەز ، ئەقىل پاراسەتكە ئىگە بولغان ۋە گۈزەللىكتە كامالەتكە يەتكەن كىشى . q 1Rk'k4+  
تىنچىق  _  شامالسىز ، ھاۋاسى نەپەسىنى بوغۇپ قويىدىغان ، نەم ئسسىق . \m*?5]m ;  
چامدام _ ① ئالغا ئىلىگىرىلەش ئۈچۈن تاشلانغان ھەر بىر قەدەم ، ماڭدام . ② ساناق سانلاردىن كېيىن كىلىپ ، قەدەم بىلەن ئۆلچەشكە بولىدىغان ئۇزۇنلۇقىنى بىلىدۈرىدۇ . ;ZFn~!V  
ۋەسۋەسە _ ① غەم – ئەندىشە ، تەشۋىش ؛ كىىشنى ۋەھىمىگە ، ھاياجانغا سالىدىغان ئوي - خياللار . ② كىشىنى يولدىن ئازدۇرىدىغان گەپ - سۆز ، ھەرىكەت . Ac^}wXp  
دەم تارتىش _ جانلىقلارنىڭ ئۆز كۈشەندىلىرىنى ناھايىتى تىز سۈرئەتتە كۈچ بىلەن يۇتۇشتىن ئىبارەت فىزىئولوگىيلىك ھادىسە . H}dsd=yO  
ئېكولوگىيلىك سېستىما  _ ئېكولوگىيلىك سېستىمدىكى ئورگانىزىملار بىلەن مۇھىت شارائىتى ئارسىدا ئۇزۇن تارىخى  دەۋىرلەر ئارقىلىق ئۆز- ئارا تەسىر قىلىپ ، ئۆز- ئارا تىزگىنلەپ ، ئەڭ ئاخىرىدا بىر مۇرەككەپ ، بىر پۈتۈن گەۋدە شەكىللىنىدۇ . مانا بۇ ئىكولوگىيلىك تەڭپۇڭلۇقتۇر . CJ {?9z@$.  
گۇئام ئارىلى _ تىچ ئوكياندىكى ئامرىكا ھامىيىلىقىدىكى بىر ئارال . r2M._}bF  
لىچىنكا _ ھاشاراتلاردىكى تۆرەلمە تۇخۇم ئىچىدە يىتىلىپ بولغاندىن كېيىن تۇخۇمىنى يېرىپ چىققان كىچىك ئورگانىزىم . :G9.}VrU  
ئاپپارات _ ① مەلۇم ئىشنى بىجىرىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئەسۋاپ ، مىخانىزىم . ② ئىدارە ، جەمئىيەت ، تەشكىلات قاتارلىق خىزمەت ئورگانلىرى . 6} K|eUak/  
كاۋاك _ ① چىقىرىش ، ئۇپىراش تۈپەيلىدىن نەرسىلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدا ھاسىل بولغان بوشلۇق ، تۈشۈك . ② ئۆپكە كېسىلى بولغان كىشلەرنىڭ ئۆپكە قىسمىدا پەيدا بولغان تۆشۈك . ③ ئادەمنىڭ بەزى ئەزا ياكى توقۇلمىلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئويمانلاشقان تۇيۇق كامار جاي . ])7t!<  
ئىسكىرىپكا  _  كامانچە بىلەن چېلىنىدىغان تۆت تارلىق ئەسۋابى . V`l.F" 
گارمۇن _ ئىككى يېنى قاتلانغان ، قول بىلەن تارتىپ ، تۈگمىلىرىنى بېسىپ چالىدىغان تىللىق مۇزىكا ئەسۋابى . =xS(Er`r  
كاربۇن _ مېتاللوئىد ئېلېمېنت . ئۈچ خىل ئاللوتروپىك شەكىل ئۆزگىرىىشى بولىدۇ . يەنى ئالماس ، گرافىت ، كىرستالسىز كاربۇن . كاربۇننىڭ خېمىيىلىك خۇسۇسىيتى تۇراقلىق ، ھاۋادا ئۆزگەرمەيدۇ . كاربۇن ئورگانىك بىرىكىمىلەرنىڭ مۇھىم تۈزگۈچىسى بولۇپ ، سانائەت ۋە دورىگەرلىكتە قوللىنىلىشى ئىنتايىن كەڭ . kK16+`\+  
ئاتۇم _ ① خېمىليىىك ئېلېمنتنى تەشكىل ھاسىل قىلىغۇچى ئەڭ كىچىك زەررىچە ، شۇنداقلا ماددىلارنىڭ خېمىيلىك رىئاكسىيگە كىرىشىتىكى  ئەڭ تۈپكى زەرىچە بولۇپ ، ئۇ مۇسبەت زەرەتلىك ئاتوم يادىرۇسى بىلەن ئۇنى ئايلىنپ ھەرىكەتلىنىدىغان  مەنفىي زەرەتلىك ئىلىكتىرونلاردىن تەشكىل تاپىدۇ ؛ ھەرخىل ئاتوملارنىڭ ماسسسى چوڭ – كىچىكىلىكى ۋە باشقا خۇسۇسىيەتلىرى ئۆز- ئارا ئوخشاشمايدۇ . ② يادىرو قۇراللىرىنىڭ بىر خىلى ، ئۇران ، پلوتونىي قاتارلىقلارنىڭ ئاتۇم يادىروسى پارچىلانغاندا ھاسىل بولىدىغان ئاتۇم ئېنىرگىيسدىن پايدىلىنپ قىرىش ، خاراپ قىلىش ئۈچۈن ئشلىتىلىدىغان قۇرال . پارتىلىغاندا زەربە دولقۇنى نۇر رادىئاتسىيسى ۋە رادىئوئاكتىپلىق بولغىنىش پەيدا قىلىدۇ. oi::/W|A+  
ئالماس _ ① سۈزۈك ، يالتىراق قىممەت باھالىق تەبئىيى تاش . ② شۇنداق تاش ئورنىتىلىغان كېسىش ئەسۋابى . q\x*@KQgM  
دىنوزاۋر _ قەدىمقى سۆرەلگۈچى ھايۋان . ئوتتۇرا ھايات ئىراسىدا ئەڭ تەرەققى قىلىپ ، زور دەرىجىدە كۆپەيگەن ، تۈرلىرىمۇ ناھايىتى  كۆپ بولغان چوڭلىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ھەتتا 30 مېتىرغا يەتكەن . ئوتتۇرا ھايات ئىراسىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە نەسلى قۇرۇپ كەتكەن . n,wLk./`  
بالقىپ _  ① كۈتۈرىلىپ چىقىش ، ئېتىلىپ چىقىش ، بەرق ئۇرۇپ كۆترىلىش ؛ ② يارقىن نۇر چېچىش ، يالتىراش ؛ پارلاش . {I@@i8)]  
فىزىئولوگىيلىك ئىھتىياج _ جانلىقلارنىڭ ھايات كەچۈرۈش جەرياندا زۈرۈر بولغان قوبول قىلىشقا ، چىقىرىشقا تىگىشلىك بولغان ئىھتىياجى . :cnH@:  
چاڭدان _ ئۈسۈملۈكلەر ئاتىلىقىنىڭ يوقىرى قىسمى . گۈل يىپىنىڭ ئۇچىدا ئۆسىدۇ . خالتىسىمان بولۇپ ئىچىدە گۈل چېڭى بولىدۇ . WW:@%cQ@  
نىل رەڭ _  ① قېنىق كۆك رەڭ . ② قېنىق كۆك رەڭلىك ئورگانىك بۇياق بولۇپ ئۈسۈملۈك يۇپۇرمىقىنى ئېچىتىش ئارقىلىق ياسىلىدۇ . رەختلەرنى بۇياشتا ئشلىتىلىدۇ . v< xe(dC  
خار _ Ⅰ  ئۆي ئۆگزىسىگە سېلىنغان جەگىلەرنى كۆتۈرۈپ تۇرۇش ئۈچۈن ، ئىككى ئۇچى تامنىڭ بېشىغا قويىلىدىغان چوڭ لىم ياغاچ . Ⅱ  ① ئىتىبارغا ، ھۆرمەتكە سازاۋەر ئەمەس ، ئىتىبارى يوق ، ئىتىبارسىز ، ئەزىز ئەمەس . ② قىممىىتى يوق ، قەدىرسىز. ③ گال بوغۇلغاندا ياكى خۇرەك تارتىقاندا ئېغىز بوشلۇقىدىن ئۈزۈك ھالەتتە چىقىدىغان ئاۋاز . ^; Nu\c  
ئاشىنا _ ① دوست ، يار- بۇرادەر ؛ تۇنۇش بىلىش . ② ئادىشى ، ئوينىشى . #c5G"^)z  
روياپقا چىقىش _ ئەمەلگە ئاشماق ، ئەمەلدە كۆرۈلمەك ، ۋۇجۇدقا كەلمەك ،ۋۇجۇدقا چىقماق ؛ ھەل بولماق . )U6T]1  
رىشتە _ ① يىپ ، شوينا ، تاناپ .  ② كۆچمە . نەرسىلەر ، كشلەر ۋە ھادىسە قاتارلىقلارنى ئۆز- ئارا مەھكەم باغلايدىغان ۋاستە ؛ باغلىنىش ، مۇناسىۋەت . XTG* 56IzL  
ئىزدىبان _ :K#'?tH  
ئاممىباپ _ ئومۇمغا ، ئاممىغا تېگىشلىك بولغان ؛ ئامما ئۈچۈن يارىتىلىدىغان ، ئاممىغا قارىتىلىغان ؛ ئامما چۈشىنەلەيدىغان . <*i '  
فورمات _ كىتاب ، گىزىت – ژورنال قاتارلىقلارنىڭ چوڭ – كىچىكلىك ئۆلچىمى . ئادەتتە ئۇ بىر پۈتۈن باسما قەغىزىنىڭ تەڭ ھالەتتە بۆلۈنگەن بۆلەكلىرىنىڭ سانى ئارقىلىق بەلگىلىنىدۇ .  )Jz L  
سەھىپە _ ① كىتاب ، گىزىت ،  ژورنال ۋاراقلىرىنىڭ ھەر بىر يۈزى ؛ بېتى . ②   كۆچمە . ئۇزۇن داۋاملاشقان ياكى داۋاملىشىدىغان ھادىسە ، ھايات قاتارلىقلارنىڭ ئايرىم دەۋرى ؛ قىسمى . $A`D p{e"  
يارماق _ Ⅰ ئازادلىقتىن بۇرۇن ئشلىتىلگەن ، ئوتتۇرىسى تۆشۈك ، سېرىق مىستىن ياكى تۇچىتن ياسالغان ، قىممىتى ئەڭ تۈۋەن بولغان پۇل . Ⅱ  ① پالتا ، ھەرە ، پىچاق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش تىغلىق ئەسۋاپلار بىلەن بۆلەكلەرگە ئايرىماق ، پارچىلىماق ، تىلماق ، كەسمەك .  ② يارىلاندۇرماق ، سۇندۇرماق ، جارائەتلەندۈرمەك ، ③ ناھايىتى قاتتىق ئاڭلانماق ، ئۇرۇلماق . ④ بىرەر توپ نەرسە ئىچىدىن ، ئوتتۇرىسدىن ئارىسىدىن بۆسۈپ ئۆتمەك ، كىسىپ ئۆتمەك ؛ بۆسمەك . ⑤كۆچمە . ناھايىتى تاتلىق ، شىرىن تۇيۇلماق ، سىزىلمەك ، تىلىدا قالماق . u%Bk"noCa  
تۈنىكە چەينەك _ نىپىز تۈمۈر تاختا ، قەلەيدىن ياسالغان چەينەك . y[UTuFv~Q  
بورناكۈن _ ئۆلۈشكۈننىڭ ئالدىنقى كۈنى ياكى ئىش – ھەرىكەت ، سۆزلىنىۋاتقان سۆزدىن ئۈچ كۈن ئىلىگىرىكى كۈننى كۆرسىتىدۇ . ytf.$P  
پەقىرلىك _ ① كەمبەغەل ، نامرات ، يوقسۇل  ② « كەمىنە ، مەن » مەنىسىدىكى ئۆزىنى كىچىك پىئل ۋە كەمتەر  تۇتىشنى بىلىدۇرىدىغان سۆز .     w^s|YF=c  
ئاقچا _  پۇل . T\eOrWt/  
پەيزى _ ① باشقىلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدىغان ، زوق – شوخ بېغىشلايدىغان ، كىشنى مەپتۇن قىلىدىغان خۇسۇسىيەت ، ئالاھىدىلىك . ② ھوزۇر ، راھەت .   C:\BvPoO  
گالۋاڭ _ ئەقلى تازا ئشلىمەيدىغان ، زېھنى قابىليىتى ئاجىز ، ئەقىلىسىز ، دۆت ، كومشا . aF7" 4^P  
تاتۇق _  جاراھەت ئىزى. .>%(bH8S  
گاداي _ ① يوقسۇل ، نامرات ، كەمبەغەل . ② كىشلەردىن سەدىقە سۇراپ  ، نەرسە - كېرەك تىلەپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان كىشى ؛ سائىل ، تىلەمچى ، دىۋانە . n dgG1v%  
زۇڭزى چاغىنى _ خەنزۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىنىڭ بىرى . '!>LF1W=  
رۇمان _ ھەجىمى چوڭ ، مۇرەككەپ سىيوژىتلىق ، ئادەتتە پروزا شەكىلى بىلەن يېزىلىدىغان ئەدەبى ئەسەر . ]|ew!N$ar=  
سەرگۈزەشتە _ ① باشتىن ئۆتكەن ۋەقەلەر ، باشتىن ئۆتكەن ئىش ، كەچۈرمىش . Hy`Ee7>  
تەپەككۇر _ ئادەم مېڭىسىنىڭ رېئاللىقنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئىنكاس قىلىشى ؛ ئوبىكتىپ ۋەقەلىك ھەققىدىكى چۈشەنچە ، تەسەۋۋۇر . ② پىكىر يۈرگۈزۈش ، مۇھاكىمە ؛ ئويلاش ، خىيال . 7SOi9JU_  
رىۋىزور _ بىرەر ئىش ياكى خىزمەتنىڭ قانداق كىتىۋاتقانلىقىنى تەكشۈرۈپ تۇرغۇچى  خادىم ؛ مۇپەتتىش . r9 G}[# DO  
كومىدىيە _ تۇرمۇشتىكى سەلبى ھادىسىلەر ۋە شەخىسلەر مازاق قىلىنىدىغان كۈلكىلىك سەنئەت ئەسىرى . FvQ>Y')R7Z  
قوپال _ ① گەپ –سۆز ، ھەرىكەتلىرى سىلىق ئەمەس ؛ كىشىگە قاتتىق تىگىدىغان .  ② يېقىمسىز ، سوغۇق ، توڭ ، ئاچچىق . ③ سىلىق ئەمەس ، سەت ، كۆرۈمسىز ؛ شەكىلى ، كۈرۈنىشى ناچار ، ئوڭغۇل – دوڭغۇل ( ھەر خىل نەرسىلەر ھەققىدە ) . ⑤ سەت ، كۆرۈمسىز ؛ رەتلىك ، چىرايلىق ئەمەس . 'yd< 
بەستى _ قەددى ، قامىتى ، تەقى – تۇرقى . ltRvNXx+]  
مىتال _ پارقىراق ، سوزۇلۇشچان ، ئېلىكىتىر ۋە ئسسىقىلىقنى ياخشى ئۆتكۈزۈش خۇسۇسىيەتلىرىگە ئىگە ماددىلار . wPdp!h7B~N  
رەنجىش _ دىلى ئازار يىيىش ، خاپا بولۇش ، نارازى بولماق .   %s<7 M@]f  
ئۈلپەت _ زىياپەت ، ئولتۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەردە بىللە بولىدىغان كىشى ؛ ھەمسۆھبەت .   w ryjs!  
ئەلەڭشىپ _ ئىككى تەرەپكە كۈچسىز چايقىلىش ، ئېغىناش . OE_;i}58  
كاسكا _   Ⅰ  ھەربىيلەر ۋە ئوت ئۈچۈرگىچىلەر ۋە شۇقاتارلىقلار كىيىدىغان مىتال قالپاق .  Ⅱ    ①  قۇرۇقىنى چاترىقىغا تىقىپ ، چىشلىرنى كاسىلىدىتىپ تۇرۇپ قاۋايدىغان .  ②  كۆچمە . ئاغىزى بېسىقماي ، تۇلا سۆزلەيدىغان . J;"66ue(d  
چىلبۆرە _ سۈت ئەمگۈچى ھايۋان . تەن شەكلى بۆرىگە ئوخشايدۇ لېكىن بۆرىدىن كىچىك ، ئۇزۇق ئوغرىلىيالايدۇ . ۋەھشىي كىلدۇ . دائىم توپلىشىپ كالا-  قوي قاتارلىق ھايۋانلارغا ھۇجۇم قىلىدۇ . }@JPvI E  
ساقىي _  ھاراق – شاراپ قۇيغۇچى . mT  enzIp  
پەلەك _  ① يەردىن گۈمبەز ، قازان شەكلىدە بولۇپ كۆرىنىدىغان ھاۋا بوشلۇقى ؛ ئاسمان ، كۆك . ②كۆچمە . تەقدىر ، قىسمەت ، شۈم پەلەك . R)4L]Z F  
دىبان _ ,.Xqb~  
ئىتىماد _ ئىشەنىچ . l!U F`C0g  
پاسات _ قەستەن ، مەقسەتلىك ھالدا قىلىنغان پىتنە –ئىغۋا ، ئويدۇرما . Tp7*T8  
تۈگۈل _ « . . .  لا ، ئەمەس ، بەلكى » ، « ئۇياقتا تۇرسۇن ، ھەتتا . . . » دېگەن مەنىدىكى ئالدىدىكى ئوقۇمنى ئنكار قىلىشنى بىلدۈرىدۇ . kC~\D?8E=  
شاللاق _ ئېغىر بېسىق ئەمەس ، تۇتۇرۇقسىز ، ئۈجمە كۈڭۈل . k4WUfL d  
سالاپەت _ ھەيۋەتلىك ، مەغرۇر تاشقى كۈرۈنىش ؛ سۆلەت . Z*,Nt6;e  
جۆندەك _ جۇل – جۇل ، يىرتىق . eAvOT$  
زەرگەر _ ئالتۇن ، كۈمۈش قاتارلىق تۈرلۈك قىممەت باھالىق مىتاللاردىن ھەر خىل زىننەت بۇيۇملىرىنى ياسايدىغان ئۇستا . i n}N[  
مەخلۇق _   ① ئىنسان ۋە پۈتۈن جانىۋارلارنىڭ،  تىرىك  مەۋجۇداتلارنىڭ ئومۇمىي نامى .  ②كۆچمە . بىر نەرسىگە ئوخشمايدىغان ، خۇنۈك ياكى ئەخلاقسىز ، نىيتى يامان ۋە شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ كۆڭلىگە ياقمىغان ، ئۆچ كۆرىدىغا كىشلەرنى كەمسىتىپ ئېيتىلىدۇ . p%MH**A  
ژاندارما _ ساقچى . zB,Vi-)vH  
توڭگۈز _  ① سۈت ئەمگۈچى ھايۋان . بۇرۇن ۋە ئېغىز تۇمشۇقلىرى ئۇزۇنچاق ، كۆزى كىچىك ، قولقى چوڭ ، پۇتى قسقا ، تىنى سىمىز ،  ②  كۆچمە . « ئەبلەخ »  ،  « ھايۋان » دېگەن مەنىدىكى تىل – ھاقارەت سۆزى . 4rpx  
ماگما _ يەر پوستىنىڭ چوڭقۇر قىسمى ياكى ئۈستۈنكى ئارا قاتلامدىكى ماددىلاردىن ئىرىپ پەيدا بولغان قىززىق ئىرىتمە . Z+# =]Kw)  
قىيامىغا يەتمەك _  تىكلەنگەن ، يۇقىرى پەللىگە يەتمەك ، ئەۋجىگە چىقماق ، ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسىگە يەتمەك . x+1Cs$E;  
سۇ ئامپىرى _ تۈرلۈك مىخانىزىملاردا ، ماشىنىلاردا سۇ مىقدارىنى كۆرسىتىدىغان كۆرسەتكۈچ مېتىر .   V(/ @$&  
رادىئاتۇر _ رادىئاتسىيە ، كونۋىكىسيە  ۋە ئۆتكۈزۈش رولىدىن پايدىلىنىپ ئسسىقلىق مىقدارىنى ئەتراپىدىكى بوشلۇققا تارقىتدىغان قۇرۇلما . AC`4n|,zJ;  
ئاكدىلاتۇر _ ئىچىدىن يانىدىغان دىۋىگاتىللارنىڭ ماي ياكى گاز مىقدارىنى تەڭشەيدىغان قۇرۇلمىسى . Sxn#  
زورۇقۇش _  ① كۈچىمەك . ② ئېغىر ئىش- ھەرىكەت قىلىش  ياكى باشقا سىرتقى تەسىردىن ئېغىرلاشماق . ?_hKhn%K9  
تەپتى _ ئىسسىقلىق ، ھارارەت . tXlo27J  
يىن _ ھايۋانلارنىڭ قېرىنى ئىچىدىن چىقىدىغان پوق ، گەندە . dS+/G9X^  
نارەسىدە _ قۇرامىغا يەتمىگەن ، بالاغەتكە يەتمىگەن . *OoM[wEY  
پىلتا _  ① دوپپىنىڭ تۈپىلىكى بىلەن ئەستىرى ئارىسىغا ياكى تونلارنىڭ قىرىغا پىلىك شەكىلىك قىلىپ بىرىلىدىغان پاختا ياكى قەغەز .   ② پارتىلىتىش بومبىلىرىىنىڭ ئوت ئېلىش نوقتىسىغا ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان ئىنچىكە بوغقۇچ ، يىپ . ③ سۇيۇقئاش ، لەڭمەنگە ئوخشاش غىزالاردا ئاۋۋال يۇغانلىقى ، تەخمىنەن بارماقتەك قىلىپ سىرتىغا سۇ مېيى سۈركەپ راسلىنىدىغان خېمىر . u1@&o9  
پەشتاختا  _ سۇدا دوكانلىرىدا ھەرخىل ماللارنى قويۇپ سېتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئۈستەلگە ئوخشاش جازا ؛ توسما . '{e9Vh<x  
سىكى- پىياز _  چىدىماس ، پىخسىق . j=&]=0F  
بىھۇش _  ھۇشسىز، خۇدىنى يۇقاتقان ، سىزىمىنى يۇقاتقان . Ib8*rL0p 
يىمىرىش _  ① خېمىر قاتارلىقلارنى قول بىلەن مۇجۇپ ئەيلىمەك ، پىشۇرماق ، ②  قاتتىق نەرسىلەرنى قول ياكى مۇناسىۋەتلىك ئەسۋابلار ئارقىلىق چىقىپ ، مۇجۇپ ، ئىزىپ ، ئۇۋىماق ، ئىزىلىگەن ، مۇجۇلغان .   ③ قاش ، كۆز ، لەۋ قاتارلىق ئەزالارنى پۈرۈشتۈرمەك . PT t#Ixn,  
داڭگال _  ① قاتقان ، قۇرۇغان لاي پارچىسى ؛  تۇپا ئۇيۇمى .    ②  كۆچمە . يېزىلىق ، سەھرالىق   ③ ئەرزىمەس ، پەس ، قىممىتى يۇق نەرسە . Bf)}g4nYn  
چاڭقاپ _ سۇغا تەشنا ، قاغجىرىغان ، سۇسىرىغان . MKl`9 Y3Ge  
سۈكۈت _  ئۈن- تىنسىز، جىمجىت تۇرغان ھالەت؛ جىمجىتلىق، 6"OwrJB  
دۇرەك _ ]RBT9@-:U  
كاساپەت _  ① يامان ئاقىۋەتلەرگە سەۋەپ بولغۇچى كىشى  ياكى نەرسە . ② « بالا تەگگۈر » ، « ئۆلگۈر » دېگەن مەنىلەردىكى ھاقارەت سۆزى . O)2==_f\  
ئاكسىلاتۇر _ d*}dM "  
چولۋۇر _  ① ئۇلاغنىڭ نوقتا ۋە يۈگىنىگە بىكىتىلىگەن ئۇلاغنى يىتىلەش ۋە باغلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان تانا .    ② كۆچمە . بىراۋنىڭ باشقۇرۇلىشى ، ئىختىيارى ، ئەركىنلىكى ، تەقدىرى . <`PW4zSI  
پىقىر _  ① كەمبەغەل ، نامرات ، يوقسۇل②  « كەمىنە ، مەن » مەنىسىدىكى ئۆزىنى كىچىك پىئل ۋە كەمتەر  تۇتىشنى بىلىدۇرىدىغان سۆز .     j=q*b Qr  
پىدال _ ھەرىكەت ئۇزاتقۇچى دەستە . %oee x1`=  
ئۇخچۇپ _  ① كۈۋەجەپ ،  بۇلدۇقلاپ يۇقىرىغا كۈتۈرۈلمەك ، تاشماق . ② كۆچمە . سەكرىمەك ، ئاتلاپ ئۆتمەك . 55%j$f  
پاينەك _  ① تۇخۇمنىڭ توم ، يۇغان تەرىپى . ② مىلىتىق ، ئاپتۇمات ، قېلىچ قاتارلىق قۇراللارنىڭ تۇتىدىغان سېپى ، دەستىسى .  ③ باشنىڭ چاچ ئۈنمىگەن ۋە چاچ چۈشۈپ كەتكەن ، ئۈنمىگەن غىلتاڭ قىسمى ، پارقىراق چوقىىسى .   ;?q>F3 n  
چەبدەس _ ئىش – ھەرىكىتى تىز ، چاققان ، تىتىك ، ئەپچىل . ekR/X  
بىشەم _ ئىزا تارتمايدىغان ، بەدىخۇي ، قىلىقسىز . Ro2Ab^rQ|  
قىيامەت قايىم بولۇش _  ① جىمى ئۆلگەنلەر تىرىلىپ بۇ دۇنيادىكى ئىشلىرىدىن ھىساپ بىرىش ئۈچۈن مەھشەرگاھقا يىغىلىدىغان ۋاقىت يىتىپ كەلمەك .  ②  كۆچمە .  ئۇرۇش – جىدەل بىلەن غوۋغا كۆتۈرمەك ، مالىمان بولماق . SV?^i`  
گەردىشى _  ① چەمبەر ، چەمبىرەك  ② ئايلانما شەكىلىدىكى نەرسە ، دائىرە . ③  كۆچمە . قاتقان ، قېتىپ كەتكەن نەرسە . Zy J-}[z  
چۇقچىيىپ _ بۆرتۈپ  ئېگىز بولۇپ كۆرىنىش ، دومبىيىپ چىقىش. $ ;J:kd;<  
زومچەك- زۇمچەك   _    توپ – توپ ، غۇژمەك – غۇژمەك . 5#Wy I#YNG  
سەيىر _ ھاردۇق چىقىرىش ، كۆڭۈل ئېچىش ، تاماشا قىلىش ئۈچۈن بىرەر جايدا ئايلىنىش ، كېزىش ، سەيلى – سايائەت . "p"M9P'  
بەزمە  _   دوسىتلار ،  يار- بۇرادەرلەر ياكى قۇرداشلارنىڭ نۆۋەت بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ ، يەپ – ئىچىپ ناخشا – ساز بىلەن قىلغان ئويۇن – تاماششىسى .   E!s?amM4  
ساماۋەر _  ① مەخسۇس چاي قاينىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئوتتۇرىسىدا كانايسىمان ئوتلۇقى بار مىس ياكى قەلەيدىن ياسالغان جۆمەكلىك ئائىلە بويۇمى . >V,i7v*?  
كەۋسەر _  ① ئىسلام دىننى ئىتىقادى بۇيىچە جەننەتتىكى بىر كۆلنىڭ نامى .  ② كۆچمە . ناھايىتى سۈزۈك ، پاك ھەم مۇزدەك تاتلىق سۇ . M^6!{c=MIi  
مەۋلۇت سوۋغىتى _  ① مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ توغۇلغان كۈنى ۋە ئۇنى خاتىرىلەپ ئوقۇلىدىغان مەسنەۋى ئوقۇش مۇراسىمىغا ئاتاپ تەييارلىغان سوۋغا . ② تۇغۇلغان كۈنىگە ئاتاپ قويۇلغان سوۋغات . <N~&Leh  
لەقەم _   ① مىجەز – خۇلىقى ، خۇسۇسىيتى ياكى جىسمانى جەھەتتىكى بىرەر بەلگىسىگە ئاساسەن كىشلەر تەرىپىدىن قويۇلغان نام .   ② تەخەللۇس . [YTOrN  
بالىخانا _ يەرلىك ئۇسۇلدا سېلىنغان ئىمارەتلەرنىڭ ئىككىنچى قەۋىتى ۋە شۇ ئىككىنىچى قەۋەتتىكى ئۆي ، ئۆگزىگە سېلىنغان كىچىك ئۆي . W3gBLotdg  
بۆلمە _ خانا ، ئۆي . K^yZfpa8  
تاپسا _  ئۆينىڭ ئىشىكى بىلەن سوپا ياكى كاڭ ئارىلىقىدىكى بوشلۇق . j@guB:0  
كاسا _ پىيالىدىن چوڭراق ، ئاساسەن سۇيۇقلۇق ۋە سۇيۇق نەرسە قويۇپ ئىچىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ياغاچ قاچا . جەنۇبى شىنجاڭ يېزىللىرىدا خېمىر يۇغۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ياغاچ داس . wvnuE 
چىكىلداق _ سەييارە مال ساتقۇچىلارنىڭ خېرىدار چاقىرىش ئۈچۈن چالىدىغان ۋە « چىك – چىك » قىلىپ ئاۋاز چىقىرىدىغان بىر خىل ئەسۋابى . `,7;2ZG~O  
گۈرۆتەن _  ئۆزىنى گۆرۈ بۇيۇمى سۈپتىدە گۈرۈ قويۇش ئارقىلىق قەرىز ئېلىش . بۇنىڭدا ئۆزىنى گۆرۈ قويغۇچىنىڭ ھاياتى ۋە ئەركىنلىكى گۆرۈخانا ئىگىسىگە تەۋە بولىدۇ. u,88V@^  
چايان _ بوغۇم پۇتلۇق ھايۋان . تېننىڭ رەڭگى كۆپىنچە سېرىق بېغىررەڭگە كىرىدۇ . قۇيرۇق تەرىپىدە زەھەرلىك ئىلىمىكى بولۇپ ، بۇنىڭ بىلەن مۇداپىئەلىنىدۇ  ياكى ئوزۇقلۇق تۇتىدۇ. -]-?>gkN5  
چۈشكۈن _  ① روھى كەيپىياتى تۈۋەن ، ئۈمىدسىز ، مەيۈس ، غەمكىن . ② سەپەر ياكى سايائەت قىلىش جەريانىدا ۋاقىتىلىق تۇرۇپ ئارام ئېلىپ ئۆتىدىغان جاي قۇنالغۇ .   .~C[D T+,  
چاچەپ _ ① نەرسە كىرەكلەرنى ئۈسىتگە ئېلىپ قويۇش ئۈچۈن ياسالغان ئۈچ پۇتلۇق ياكى تۆت پۇتلۇق ياغاچ جازا . ② مىيتنى ئۈستىگە قويۇپ يۇيۇشتا ئىشلىتىلىدىغان كىچىك جازا . SmMJ%lgA6  
كانارا _ گۆش ئاسىدىغان ۋە گۆش ئېسىپ پارچىلايدىغان ئىلىمەكلىك جاھاز . abczW[\  
پۇكانچى _ مەخسۇس مال سۇيۇش بىلەن شۇغۇللانغۇچى ئادەم . M!#[(:  
باسقاق بەگ _ كونا جەمئىيەتتىكى جايلارنىڭ ئامانلىقنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئەمەلدار . :&-j{8p-  
ئەمىر _  ① بۇيرۇق ، پەرمان ، يارلىق .  ②  ئىختىيار ، ئىختىيارلىق ؛ ئىلىك ؛ نىكاھ . B4/\RC2  
سەپراسى  ئۆرلەش _  بەك ئاچچىقى كەلمەك ، جۇدۇنى تۇتماق ، قاتتىق ئاچچىقلانماق . ;p] f5R^  
گەز _ Ⅰ  ① ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىدا مېتىر سېستىمىسى قوبۇل قېلىنىشىتىن ئىلىگىرى ئىشلىتىلىگەن تەخمىنەن 71 سانتىمىتىرغا تەڭ  ئوزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى .   ②   شۇ ئۇزۇنلۇقتىكى ئۆلچەش ئەسۋابى ، ياغاچ گەز ، پولات گەز .  Ⅱ  ① سۈتكە ئوخشاش نەرسىلەرنىڭ قازان تىگىگە يېپىشۋېلىپ قالغان قالدۇقى ، قىرماق . ② ئىسسىق تۇتۇپ قىلىشقا ئوخشاش سەۋەپلەر بىلەن ئادەمنىڭ لىۋىدە پەيدا بولغان قاسراقسىمان بىر خىل قېتىشما . 6d#:v"^,  
شىپقاپ  _  سۈرۈلۈپ يېقىنلاشماق ، يېقىنلاپ كەلمەك . qCUn. mI  
ماغزاپ _ كىر يۇيغاندا سوپۇنىدىن چىقىدىغان كۆپۈك . mcm8|@Y{  
شەلپەر _ پاختا ۋە يىپەكتىن توقۇلغان قىزىل رەخىت .   8(kP=   
ئالا- پاساق   _  ئالا بولىماچ  .   ,f3Ck*M  
ئەھيا _ بەرپا ، بىنا قىلىش . p J# 
ئېرىغ _  ① ساپ ، پاكىز ، تازا . ② پۈتۈنلەي ، ساپلا . [ KT1.5M[  
تۇپىلاڭ _ Ⅰ  ① قالايمىقان ۋاراڭ – چۇرۇڭ ، ئۇرۇش – ماجىرا . ② ئىسيان ، غەلىيان . Ⅱ يومشاق ، بوزاڭ توپا بىلەن قاپلانغان  ھالەت ۋە ئاشۇنداق جاي . v9S1<|jN  
ناباپ _ ① باپ كەلمەيدىغان ، مۇۋاپىق ئەمەس ، نامۇۋاپىق ، ماس ئەمەس ، ② يۈرۈش – تۇرۇش قىلىقى يامان ، يارىماس ، بۇزۇق ، ئەسكى . TxDzGC  
دەستەك _ Ⅰ ① تۇتقۇچ ، ساپ ، دەستە . ②كۆچمە . قولدا ئاساس بولىدىغان دەلىل ، سەۋەپ ، ۋاستە  ، باھانە . ③ قولدا ئېلىپ يۈرىدىغان ياكى ئاساس قىلىپ ساقلايدىغان ھۆججەت ، يارلىق ، بۇيرۇق . Ⅱ ئاياغ كىيىمىنىڭ پاشنىسىغا چاپلانغان باشلىققا ئۇلاپ تىكىلىدىغان قىسمى . U%zZw)  
ئىلتىپات _ كىشىلەرگە ياكى بىرەر نەرسىگە قىلىنغان ياخشى مۇئامىلە ، غەمخۇرلۇق ، مىھرىبانلىق ، نەزەر – ئىتىبار . %$3)xtS6  
پايلاقچى _ ① بىرەر نەرسە ياكى ئادەمنىڭ ئامانلىقىنى ، بىخەتەرلىكىنى ، ساقلاشقا كۈزىتىپ تۇرۇشقا قويۇلغان كىشى ؛ كۈزەتچى ، ساقچى . ② بىرەر كىشنىڭ ھەرىكىتىنى يوشۇرۇن كۈزىتىپ مەلۇم قىلىپ تۇرۇشقا قويۇلغان كىشى ؛ خائىن ، جاسۇس . *E1v  
بۇيۇنتاۋلىق _ ئىتائەت قىلىماسلىق ، بويسۇنماسلىق ؛ قارىشلىق قىلىش . (;1Pgh  
نۆكەر _  ① فىئوداللىق تۈزۈمدە ئەسكەر ، مۇھاپىزەتچى .  ② چاكار ، مالاي ، خىزمەتكار . qTd6UKg  
ھاممال _ يۈك قاچىلاپ ، يۈك چۈشۈرگۈچى ، يۈك تۇشۇغۇچى ئىشچى ؛ يۈكچى . p#6V|5~8  
چۇرۇق _ ① تىرىدىن پۇتىقا ئۆلچەپ تۇرۇپ كېسىپ ، ئۇياق – بۇ ياقتىن تانا بىلەن تارتىپ كىيىدىغان ئاددىي ئاياغ كىيىمى . ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى . Or9`E(  
كۆز باغلىغان _ ① بىر نەرسىنى بىراۋنىڭ كۆزىگە باشقا شەكىل ، قىياپەتتە كۆرستىش . سىھرىگەرلىك قىلىش ، ② قاراڭغۇ چۈشكەن پەيىت ، قاراڭغۇ چۈشكەن ۋاقىت .   1p]Z9$Y  
شىكايەت _ ① بىرەر ئىش ياكى ئەھۋالنىڭ ئادىل بولمىغانلىقى ۋە ياكى ئۆز كۆڭلىدىكىدەك ئېلىپ بېرىلمىغانلىقى سەۋەپلىك ئېيتىلىدىغان نارازىلىق . ② شىكايەتنامە ، ئەرز . #Emz9qTsce  
دەڭ _ يولۇچىلار چۈشىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ ئات – ئۇلاغلىرىمۇ تۇرالايدىغان مۇلازىمەت خاراكتىردىكى قۇنالغۇ جاي ؛ ساراي . H.R7,'9  
بىزە  _  بىرئاز ، ئازراق . cy+EJq I  
ساۋاب _ ① دىنىي ئەقىدە بويىچە خۇدانىڭ  مەرھەمىتىگە لايىق ئىش-  ئەمەل . ②  كۆچمە . ياخشى ئىش ، ياخشىلىق . ③ ئارتۇق ، ئەۋزەل ، ياخشى . JLZ=$d  
مەمەدان _ باشقىلارغا گەپ بەرمەيدىغان ، ھەممىنى مەن بىلىمەن دەيدىغان ، تۇلا سۆزلەيدىغان ؛ تەكەببۇر ، مەنمەنچى . 'z}Hg *  
ساۋاپ _  ئۇرۇش ، قامچىلاش . {g7[3WRy  
تومپاي _  ① قۇرساق بەدەنلىرى تومپايغان ، سەمىرىپ كەتكەن  .  ②  كۆچمە . قارا قۇرساق ، بىلىمىسىز ، ساۋاتىسز .  KO Q9K  
كەمچەن _  ①  دانلىق ئاشلىقلارنى كەملەيدىغان ئۆلچەش قاچىسى. شەكلى چارەككە ئوخشايدۇ. ئادەتتە ئون ئۇچۇم بىر كەمچەن كىلىدۇ. « شىڭ» مۇ دىيىلىدۇ. ②  ئۆتمۈشتە ماي، مەي قاتارلىق سۇيۇق ھالەتتىكى نەرسىلەرنى سېتىشتا ئشلىتىلىدىغان ئۆلچەم قىلىنىدىغان ئۆلچەملىك قۇتا. cIIt ;q[  
گىرى  _  گەپكە كىرمەيدىغان ، تەتۈرىگە تولغايدىغان ، كاج ، جاھىل . C 
سۇغا  _  ياغاچ چىلەك . +&p}iZp  
خەسە _  پاختا يىپىدىن سىلىق قىلىپ توقۇلغان بىر خىل ئاق رەخىت . v GT#BS%  
چامبىلكام _ ① تەخمىنەن ، ئالاھەززەل . ② ئازراق كەم . aB(6yBBoxj  
تۆپە _ ① يۇقىرى كۈتۈرۈلگەن ئېگىز جاي؛ ئېگىزلىك. ② دوپپىنىڭ ئۈسىتى قىسمى. TyCMZsvM,  
مېىتىن _  تاشنى چۇقۇش ۋە كىسىش ئۈچۈن ئشلىتىلىدىغان ئەسۋاب. gD\  =  
قاداق _  Ⅰ① ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى. مىقدارى 0.454 كىلوگىرامغا تەڭ كىلىدۇ. ② قاداقلاپ ئۆلچەيدىغان تارازا . Ⅱ نەرسىلەرنىڭ ئۇزاق ۋاقىت سۈركىلىش بىلەن تېرىدىكى مۈڭگۈز قەۋىتىنىڭ ئېشىشى نەتىجىسىدە پۇت ۋە قول ئالقانلىرى ياكى پۇت بارماقلىرى يۈزىدە پەيدا بولىدىغان قاتتىق ھالەتتىكى ئۇششاق قاپارتقۇ. باسقاندا ئازراق ئاغرىيدۇ. Ⅲ سۇنغان فارفۇر بۇيۇملىرىنى ياماش ئۈچۈن ئشلىتىلىدىغان بىر خىل مىخ. ئادەتتە مىس ياكى تۆمۈردىن ياپىلاق ھەم ئەگمەچ، ئىككى ئۇچى ئۇچلۇق قىلىپ ياسىلىدۇ.Ⅳ ئالتۇن ياكى كۈمۈشتىن ياسىلىپ ، باش كىيمگە تاقىۋېلىنىدىغان بىر خىل زىننەت بۇيۇمى.  
بەدەل _ ① بىر نەرسىنىڭ ئورنىغا بىرىلگەن ، بىر نەرسىنىڭ ئورنىنى باسىدىغان باشقا بىر نەرسە. ② بىرەر تەشكىلات، ياكى پارتىيە گۇرۇھ ئەزالىرى قەرەللىك تۈلەپ تۇرىدىغان پۇل. vIoV(rc+  
قەدىرى _ ① كىشىلەر ئارىسىدا ئېرىشىلگەن ئابروي ، ھۆرمەت ؛ جەمئىيەتتە تۇتقان ئۇرۇن ، نۇپۇز . ② ئەھمىيەت ، قىممەت . @Ik@1  
نىكەم _  ۋاقىتنىڭ قانچىلىك بولغانلىقىنى ،  ناھايتى ئۇزۇن ساقلىغانلىقنى ئىپادىلەيدىغان ئىپادىلەيدۇ . ,AC+s"VS  
دىمىق _ ① شامالسىز ۋە نەپەسنى  قىيىنلاشتۇرىدىغان دەرىجىدە ئىسسىق ، ئسسىق ھاۋا بىلەن قاپلانغان . ② ھاۋاسى يىتىشمەسلىك ياكى بەك بوزۇلغانلىقى سەۋەبىدىن نەپەسنى بوغىدىغان ، نەپەسنى قىيىنلاشتۇرىدىغان . 88dq8T4  
ئارىيە _  ئوپىرا ياكى ئومۇمىي خورلاردا  ، ئوركىستىرنىڭ تەڭكەش قىلىپ بىرىىشى بىلەن ئېيتىلىدىغان يالغۇز كىشىلىك ناخشا . mxYsP6&  
ئەرمەك _ ۋاقىتنى كۆڭۈللۈك ياكى زىرىكمەي ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بىرەر نەرسە ، مەشغۇلات . :>Gm&w (n  
چويلا توپ _ ئۇزۇن تۇتقۇچلۇق تور پالاق بىلەن ئوينايدىغان بىر خىل توپ تۈرى .   HqW|  
پالاق توپ _ ياغاچ ياكى مىتالدىن ياسالغان پالاق بىلەن ئۇرۇپ ئوينايدىغان توپنىڭ  بىر تۈرى . 4JTFdbx  
دومىلاتما توپ _ دوملىتىپ ئوينايدىغان بىر خىل توپ تۈرى . (9N75uCa  
قۇزغۇن _  قاغا تىپىدىكى بىر خىل تاپ قۇشى ، تېنى قاغىدىن سەل چوڭ ۋە ھەممە يىرى توم قارا كىلىدۇ . ئۆزى بىرەر جانلىقنى ئالالمايدۇ ، پەقەت ھايۋانلارنىڭ ئۆلۈكلىرى ئارقىلىقلا ئوزۇقلىنىدۇ . t(4%l4i;X  
غۇرۇر _ ① كىشىنىڭ ئۆز قەدىر – قىمىتىنى بىلىش ھىسىي ، ئىززەت - نەپسى . ② كىشىلەرنىڭ بىرەر نەرسىدىن مەمنۇن بولۇش ھىسىياتى ؛ پەخىر ، ئىپتىخار . ③ كىشلەرنىڭ پەخىرلىنشكە ئاساس بولىدىغان نەرسە . Y&O<A8=8  
بىھۇدە _ ① پايدىسىز ، مەنپەئەتسىز ، بىكار .  ② ئۇرۇنسىز ، ناھەق   ③  مەزىسىز ، كېلىشمىگەن ، ئاساسسىز ، بولمىغۇر . Tc6H%itV  
مۇتىھەم _ باشقىلارغا يولسىزلىق قىلىدىغان ؛ ئورۇنسىز بۇزەك قىلىشىغا ئۇرۇنىدىغان ، ئوششۇق . <;d? E%`  
رايى _  كىشى كۆڭلىنىڭ بىرەر ئىش ياكى مەسىلە توغرىسىدىكى مايىللىقى ؛ مەيىل ، خاھىش . eu(1bAfS&T  
سولتان _  ① ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى ئەڭ يۇقىرى ۋالىي ، ئەمىرنىڭ نامى ؛ پادىشاھ . ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى . 9-DDly [)4  
خىسلەت _ ① ئادەم ياكى نەرسىنىڭ مۇھىم ئىجابى بەلگىسى ، تەرىپى ، سۈپىتى ؛ خۇسۇسىيەت ، پەزىلەت . ② بىرەر يازغۇچىنىڭ تىل بايلىقىدىن ، ئۇنىڭ ئىپادىلەش  ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىشتىكى ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەتلىرى ۋە ئۇسۇل ، ئۇسلۇبلىرى ؛ پۇراق . S1pikwB  
مۇتەپەككۇر _ چوڭقۇر پەلسەپىۋى پىكىر قىلىش ئىتېداتىغا ئىگە بولغان كىشى ، تەپەككۇر ئىگىسى . '&5A*X]d  
پەۋەس _ توشۇپ كەتكەن ، لىق . 00'R1q4  
ياۋۇز _ ئۆتۈپ كەتكەن رەھىمىسىز ، شەپقەتسىز ، قەبىھ ،رەزىل ، يىرىتقۇچ . 7WG"_A~V  
تۆرە _ ① خانلىق تۈزۈمدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار . ② ھۆرمەت يۈزىسىدىن كىشلەرنىڭ نامىغا ، مەنسىپىگە قوشۇلۇپ كىلىدۇ ياكى ئىسىمنىڭ ئورنىدا ئېيتىلىدۇ . ③ كۆچمە . بيۇروكرات . ④ ئەرلەرنىڭ ئىسمى . )p7WU?&I  
چۆرە _ ① نوقتا قىلىنغان جاينىڭ يېقىن تەرەپلىرى ؛ ئەتراپى . ② سېتىۋېلىنغان ئايال قۇل . N3Ub|$}q  
رەپتارى _  ۋەزىيەت ، ئەھۋال ، ھالەت ؛  پەيىل ، ئەلپاز . S, LW/:,  
تىپىك_  ① مەلۇم تىپتىكى شەيئىلەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكىنى ۋە خۇسۇسىيەتلىرىنى ئۆزىدە ئەكىس ئەتتۈرگەن ؛ ②  ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان، خاراكتىرلىك . RSG\ 3(  
ئورىگىنال _ ① بىرەر ئەسەرنىڭ  ئاپتۇرى تەرپىدىن بىۋاستە يېزىلغان نۇسخىسى  ، ئەسلى نۇسخسى ، كۇپىيىسى .  ② بىرەر نەرسە ، ماقالە قاتارلىقلارنى يېزىش ئۈچۈن  ئىشلىتىلىدىغان  قەغەز ،ماقالە قەغىزى . 0[g8  
ۋىروس _  ① كىسەل مىكروبىدىن كىچىك ۋە ئىلىكتىرونلۇق مىكىروسكوپ ئارقىلىقلا كۆرگىلى بولىدىغان بىر خىل كىسەل غوزغاتقۇچى تەنچە . مىكىروپ سۈزگۈچتىنمۇ ئۆتۈپ كىتەلەيدۇ . چىچەك ، قىزىل ، مىڭە ياللۇغى ، كالا ۋاباسى قاتارلىق كىسەللەرنى ئوخشاش بولمىغان ۋىروسلار كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ② نۇرمال ئىشلەۋاتقان كومپىيوتۇر پىروگراممىلىرىنى ئۆزگەرتىۋىتەلەيدىغان ۋە بۇزىۋىتەلەيدىغان ئالاھىدە بىر خىل يۇمشاق ماتىرىيال پروگگراممىلىلىرىنىڭ ئوبىرازلاشتۇرۇپ ئاتىلىشى . >h/J{T(P>h  
نوقۇل _  ①   يالغۇز ، پەقەت ، ② تومتاق ، بىر تەرەپلىمە . p`-`(i=iJo  
رادىئوئاكتىپلىق _ بەزى ئېلېمېنتلارنىڭ ئاتۇم يادىروسىدىكى ماددىلارنى ئۆزلىكىدىن رادىئاتسىيە قىلىپ ۋە شۇ ئارقىلىق يىمىرېلىپ ، باشقا ئېلېمېنتلارغا ئايلىنىش خۇسۇسىيتى . S+A'\{f  
زاھىر بولۇش _  ①  سىرتىقى كۈرۈنىشى ئىپادىلىنىش . ② ئۇچۇق – ئاشكارا ، رۇشەن ، ئىنىق ، ③ ئەرلەرنىڭ ئىسمى . /w{DyHT  
كىنايە _ تەنە قىلىش ، مەسخىرە قىلىش . P]-d (N}/H  
پىشۋا _  مەلۇم بىر ساھە ياكى ئىشتا يولباشچى، يىتەكچى شەخىس. J]5 sWs  
مىستىك _ بىر خىل دىنىي ئىدىيالىزىملىق . ئۇ ئادەم بىلەن ئىلاھ  ياكى تەبىئەتتىن تاشقىرى كۈچ ئوتتۇرىسىدا بىۋاستە ئالاقە بولىدۇ ھەمدە  مۇشۇنداق ئالاقە ئارقىلىق ئالەمنىڭ سىرى بىلىنىدۇ دېگەننى تەرغىپ قىلىدۇ . $:w4_X5T  
فوند _  ① دۆلەت ياكى خەلقنىڭ مەلۇم بىر ئىش ئۈچۈن ئاجىراتقان پۇلى ، مەبلىغى . ② غەملەپ ، توپلاپ قويۇلغان بايلىق ياكى مەۋجۇت بار نەرسە . )s(J8J[b*L  
سېھرىگەر _ ① سېھىر قىلىغۇچى كىشى ، سېھىرچى ، ئەپسۇنچى ، جادۇگەر . ② مەھلىيا قىلىدىغان ، كىشىنى ئۆزىگە تارتىدىغان . q05_5  
كوللىيات _ بىر پۈتۈن ، تولۇق ، مۇكەممەل توپلام . _|rrl  
مەدىرىسە _ ئىسلام دىنى بۇيىچە ئىلىم تەھسىل قىلىدىغان ئالى مەكتەپ، بىلىم ئېلىش ئورنى. LJDX6]4n  
ئۆرنەك  _  ① باشقىلارنىڭ تەقلىد قىلىپ ياسىشىغا ، قىلىشىغا ، ئىشلىشىگە  ئەرزىيدىغان نەرسىلەرنىڭ ئۈلگىسى ۋە شۇنداق ئۈلگە بولىدىغان نەرسە . ② باشقىلارغا ئەگەشسە ، ئۆگەنسە ئەرزىيدىغان ئىش ياكى ھەرىكەت نەمۇنىسى  ياكى باشقىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە ئەرزىيدىغان ئىلغارلىق نەمۇنىسى ؛ ئۈلگە . A"FlH:Pn  
گۇمانتار _ گۇمانىسىت ، گۇمانىزىمنى ياقىلىغۇچى ، كىشلىك ئەركىنلىكنى ھىمايە قىلىشىنى ، ئىنسانپەرۋەرلىكىنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنىڭ يىغىندىسى . kxp$Nnk  
'`$a l7D  
V*xT5TljS-  
تەييارلىغۇچى :قاراقاش ناھيە كاۋاك ئوتتۇرا مەكتەپتىن؛نۇرمۇھەممەد مۇھەممەدئىمىن   j7=I! 
(خۇتەن ئالىي سىفەن تېخنىكۇمى تىل -ئەدەبىيات فاكولتىتى 2000ۋە2001-يىللق سىنىپلىرىدا ئۇقۇغان بارلىق  ساۋاقداشلىرىمغا ئالىي ئىھتىرام ....! Y%:FawR  
)[Bwr bn  

ozqan 2013-04-26 15:30
نۇرمۇھەممەت : تەۋپىققە باسقان قەدىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن ... TtEc~m  
يۇقىرقى بايانلىرىڭىزدىن ئىزدىنىشچان بىر ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكىڭىز  چىقىپلا تۇرۇپتۇ ... سىزنىڭ تەۋپىققە باسقان قەدەملىرىڭىزدىن گۈللەر ئۈنسۇن ... (v(!l=3  
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت ...

نۇرمۇھەممەت 2013-04-26 21:36
رەھمەت ،بۇندىن كىيىن داۋاملىق ياخشى تىمىلارنى يوللاپ مىللى مائارىپىمىزنىڭ تېخىمۇ راۋاجلنىشى .ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ يۇكىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن بىركىشىلىك ھەسسە قۇشىمەن .

مەمەتئېلى 2013-04-27 11:06
ئەجىرىڭىزگە كۆپ رەھمەت.

tursun 2013-04-27 11:06
نۇرمۇھەممەت مۇئەللىم  تولىمۇ خاسىيەتلىك قەدەملىرى بىلەن تەۋفىققا قەدەم تەشرىپ قىلىپ ،بىزنى تولىمۇ خۇشال قىلىۋەتتىلە...ئاپىرىن!   

ئاشىق 2013-04-27 22:08
رەھمەت.مەنمۇ تىرىشىمەن.

ئەكبەرنىياز 2013-04-30 19:27
(خۇتەن ئالىي سىفەن تېخنىكۇمى تىل -ئەدەبىيات فاكولتىتى 2000ۋە2001-يىللق سىنىپلىرىدا ئۇقۇغان بارلىق  ساۋاقداشلىرىمغا ئالىي ئىھتىرام ....! @n,V2`"  
W {A4*{  
بۇ قانداق گەپ ئەمدى ؟ 99-يىللىق سىنىپلىرىدىكىلەرگە ھېچبولمىغاندا ئېھتىراممۇ يوقما ؟

tutya 2013-05-25 00:52
ئەجرىڭىزگە رەھمەت

eltugh 2013-05-31 00:17
رەھمەت، ئەجىرىڭىزگە كۆپ رەھمەتلەر بولسۇن.


查看完整版本: [-- تىل –ئەدەبىيات8-يىللىق 2-قىسىم سۆزلۈكلەر ئىززاھاتى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled