查看完整版本: [-- يۇمۇردەكلا يۇمۇرلار --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> كۆڭۆل ئىچىش -> يۇمۇردەكلا يۇمۇرلار [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

تۆتتاش 2013-04-21 02:13

يۇمۇردەكلا يۇمۇرلار

ما تېما چىرايلىق كۆرۈنۈپ يۆتكەپ قويدۇم. (مىسرانىم مۇنبىرىدىن) ^Ws~h\{%  
` jUn  
    1. باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقاندا دۆلەت رەئىسى بولۇشنى ۋە باۋما ماركىلىق ماشىنام بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتىم ، تولۇقسىزغا چىققاندا ئۆلكە باشلىقى بولۇشنى ۋە ئاۋتو ماشىنام بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتىم، تولۇق ئوتتۇرىغا چىققاندا ۋىلايەتنىڭ ۋالىسى بولۇشنى ۋە شاڭخەي داجۇڭ ماشىنام بولۇشنى ئارزۇ قىلدىم، كېيىن ئالىي مەكتەپكە چىققاندا بولسا كەنت باشلىقى بولۇشنى ۋە موتسىكىلىتىم بولۇشنى ئارزۇ قىلدىم، مانا ئەمدى جەمئىيەتكە چىققاندىن كېيىن بولسا ئائىلە باشلىقى بولۇشنى ۋە ۋېلىسىپىتىم بولۇشنى ئۈمىد قىلىپ يۈرۈپتىمەن، نەچچە كۈندىن كېيىن بۇ ئارزۇيۇم نېمىگە ئايلىنار؟؟ t]&n_]`{.  
3QR-8  
    2. مېنىڭ بىر ياتاقتا تۇرىدىغان ئاغىنەم تېخىچە بويتاقتى، ئۇ ياپونىيەنىڭ كارتون فىلىمىگە ھەددىدىن زىيادە قىزىقاتتى. بىر كۈنى ئۇ ئۆزى ياقتۇردىغان كارتوننىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن كۆينەكنى كىيىپ كەچلىك مۇزاكىرە قىلىۋاتقاندا تۆۋەن يىللىقتىكى بىر چىرايلىق قىز ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: «سىزمۇ بۇ فىلىمگە ئامراقكەنسىز دە، مېنىڭ تېلېفونۇمدا بۈگۈن يېڭى چىققان قىسىمى بار، بىز بىرلىكتە كۆرەيلىمۇ» دەپتۇ، لېكىن مېنىڭ بۇ لەقۋا دوستۇم قىزغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن: «تېلېفوننىڭ ئېكرانى بەك كىچىككەن، مەن ياتاققا قايتىپ كومپيۇتېردا كۆرەي» دەپلا كېتىپ قاپتۇ. 'Gt `3qG  
    مېنىڭ بۇ دوستۇمغا دەيدىغىنىم: بۇرادەر، سېنىڭ ھازىرغىچە يالغۇز يۈرگىنىڭگە خوپ بوپتۇ تازا!!  بەزنى ئېغىزىغا سېلىپ بەرسىمۇ يېمىگەن سەندەك مۈشۈككە سۆڭەك ئۇچرىغاي!!     )7`~U"r  
@%fkW"y:  
    3. بىزنىڭ بىر مۇئەللىمىز دەپ بەرگەن: yH"$t/cU"R  
    ئۇنىڭ بىر ئوقۇغۇچىسى بار بولۇپ، ئۇ دەرسلەردە ناھايىتى ياخشىكەن ، بولۇپمۇ ئېنگىلىز تىلىغا بەك ئۇستىكەن، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئېنگلىز تىلىدا 138 نومۇر ئېلىپ بېيجىڭ چەت ئەل تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنىپتۇ. [cL U*:  
    مەكتەپكە بېرىپ ئىككى ھەپتىدەك ھەربىي مەشىق قىلىش داۋامىدا ئۇ ئوقۇغۇچى ھەممە يېڭى ساۋاقداشلىرىغا دېگۈدەك «مەن ئېنگلىز تىلىدا 138 ئالغانتىم، سەن نەچچە ئالغانتىڭ؟» دەپ چىقىپتۇ، لېكىن ھېچكىم ئۇنىڭغا پەرۋا قىلماپتۇ. ئوقۇش باشلانغان كۈنى ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسىگە بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن: «بۇ يىل سىنىپىمىزنىڭ ئېنگلىز تىلى نەتىجىسى خېلى ياخشىكەن، پۈتۈن سىنىپتىكى 200 ئوقۇغۇچنىڭ ئىچىدە 140 تىن تۆۋەن ئالغاندىن ئىككسىلا باركەن، بىرسىنىڭ 139، يەنە بىرسىنىڭ 138» دەپتۇ. Zj+}T  
L3=YlX`UL  
    4. كىچىك ۋاقتىمدا ئاپام ئاچامغا ئۇكاڭغا ئوبدان قارا دەپ مېنى ئاچامغا بېرىپ قويۇپ ئۆزى ئىشلىگىلى كەتتى. ئاچام بولسا دوستلىرى بىلەن «مېھماندارچىلىق» ئوينىماقچى بولۇپ مېنىڭ قالايمىقانچىلىق چىقىرىپ ئۇلارنى ئوينىغىلى قويماسلىقىمدىن ئەنسىرەپ كۆمۈر دۆۋىسىدىن بىر نەچچە پارچە كۆمۈر پارچىسىنى ئېلىپ كېلىپ ماڭا: «ماۋۇلارنى پاكىز يۇيۇپ ئاقارتىپ بولۇپ كەلسەڭ ئاندىن سېنىمۇ قېتىپ بىللە ئوينايمىز» دېدى...  مەن بىچارە  ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن بىر چۈشتىن كېيىن كۆمۈر يۇيۇپ چىقتىم. ئەمدى چوڭ بولۇپ ھەممىنى چۈشنىپ يەتتىم. >]XaUQ-  
77&^$JpM  
    5. مەن باشلانغۇچتىن ھازىرغىچە 13 يىل مەكتەپتە ئوقۇپتىمەن. ئەگەر مەن 13 يىل ناخشا ئېيتىشنى مەشىق قىلغان بولسام مەن چوقۇم بىر داڭلىق ناخشىچى بولالايتىم؛ ئەگەر مەن 13 يىل توپ ئوينىغان بولسام چوقۇم بىر داڭلىق توپچى بولالايتىم؛ ئەگەر مەن 13 يىل مەخسۇس ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇق ئوينىغان بولسام چوقۇم دۇنياۋى مۇسابىقىلەرگە قاتنىشالايتىم، ئەمما ھازىر مەن پەقەت 13 يىللىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، سىرتقا چىقسام بېشىمنى تاشقا ئۇرساممۇ خىزمەت تاپالمايدىغان بىر ئاددىي كىشى خالاس، ئېسىت 13يىل!! tp0!,ne*  
%L\{kUam  
    6. تېلېفونۇمنىڭ پۇلى تۈگەپ قېلىپ بىر بۇرادىرىمگە ئۇچۇر يوللىدىم: مېنىڭ تېلېفونۇمغا 10 يۈەن قاچلىۋەتكىن، پۇلۇڭنى ئەتە قايتۇرۇپ بېرىمەن. ئېھتىياتسىزلىقتىن توپ ئۇچۇرى قىلىپ ئەۋەتىپ قاپتىمەن. ئەتىسى ئەتىگەندە قارىسام تېلېفونۇمغا 28 پارچە ئۇچۇر كەپتۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە 15 پارچىسىدا: «قايتۇرمىساڭمۇ بولىدۇ» دەپتۇ، 4 پارچىسىدا: «ئەتە قايتۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالما» دەپتۇ، قالغانلىرى: «قاچلىۋەتتىم» دەپتۇ. مېنى ئەڭ ھەيران قالدۇرغىنى بىر قىز: «سىزگە 20 يۈەن قاچلىۋەتتىم، يەنە بىر ئىش بار، مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن» دەپتۇ، شۇنداق قىلىپ مەن ئېھتىياتسىزلىقتىن بىر ئۇچۇرنى توپ ئۇچۇرى قىلىپ ئەۋەتىپ قالغان باھانە بىلەن 150 يۈەن سۆزلىشىش ھەققى ۋە بىر دانە قىز دوستقا ئىگە بولۇپ قالدىم. بۇنى ناھايىتى قاملاشقان مۇكەممەل خاتالىق دېيىشكە بولامدۇ - يوق؟ 8T.5Mhx0jS  
&DbGyV8d"|  
    7. ئەدەبىيات ئىمتىھانىدىن چىقىپ مەن ئازابلانغانلىقىمدىن يىغلىۋەتتىم، ئەتىسى ئالىي ماتېماتىكا ئىمتىھانىدىن چىقىپ مەن تۈنۈگۈن سەل بۇرۇن يىغلاپ قويغانلىقىمنى ھېس قىلدىم. C>`.J_N  
*/5<L99v  
    8. ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى بىزنى تېخىمۇ تىرىشىپ ئىشلەيدىغان قىلىش ئۈچۈن؛ |p8"9jN@}c  
ماي باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى بىزنى تېخىمۇ تېجەشلىك قىلىش ئۈچۈن؛ X~)V)'R  
گۆش باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى بىزنى تېخىمۇ ئورۇق - ساغلام قىلىش ئۈچۈن؛ l`M5'r]l  
گۆرلۈك ھەققىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى بىزنى ئۆلمەي تېخىمۇ ئۇزاق ياشاشقا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن. بىزنى خۇشال - خۇرام، بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن دۆلەت كۆپ بېشىنى قاتۇرۇپتۇ، پارتىيەگە رەھمەت، دۆلەتكە رەھمەت، ھۆكۈمەتكە رەھمەت! w[,?- Xm  
     cz7 CrK~5  
مەنبەسى: تىڭشۈن مىكروبىلوگى T]Tdx.B  
R%Ui6dCLo  

tawpek 2013-04-21 21:34
ھەقىقەتەن ياخشى بىر تېمىنى ئۇلىنىش قىلىپسىز، كۈلىۋالدۇق.

akida228 2013-04-21 22:01
ھاھاھاھاھاھاھا....نىمە دىگەن قىزىقارلىق ، تازا كۈلۈپتىمەن

tawpek 2013-04-21 22:46
تۆتتاشجان سىزمۇ توقوپ باقمامسىز تەقلىد قىلىپ ماۋۇرلارغا

akkax 2013-04-22 10:27
قىزىقارلىقى ئۈچىنجىسى ئىكەن. قالغىنىنىڭ كۈلىدىغان يېرىدىن ئۆتۈپ كەتكەن ئوخشايمەن.

gulhan 2013-04-23 12:43
مەن بۇ تېمىدا كۈلمەي  ويلڭنڭپ كاپتىمەنغۇ؟«مەن باشلانغۇچتىن ھازىرغىچە 13 يىل مەكتەپتە ئوقۇپتىمەن. ئەگەر مەن 13 يىل ناخشا ئېيتىشنى مەشىق قىلغان بولسام مەن چوقۇم بىر داڭلىق ناخشىچى بولالايتىم؛ ئەگەر مەن 13 يىل توپ ئوينىغان بولسام چوقۇم بىر داڭلىق توپچى بولالايتىم؛ ئەگەر مەن 13 يىل مەخسۇس ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇق ئوينىغان بولسام چوقۇم دۇنياۋى مۇسابىقىلەرگە قاتنىشالايتىم، ئەمما ھازىر مەن پەقەت 13 يىللىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، سىرتقا چىقسام بېشىمنى تاشقا ئۇرساممۇ خىزمەت تاپالمايدىغان بىر ئاددىي كىشى خالاس، ئېسىت 13يىل!!» ovwQ2TuK  
  تۆت تاشنىڭ ئەجرىگە رەھمەت.

لىللا 2013-04-23 13:26
راستلا، <<يۇمۇردەكلا يۇمۇركەنغۇ! >>بولۇپمۇ 4-سى.

ئوتقاشئەرقۇتى 2013-04-23 14:11
پەلسەپىۋىلىكى خېلى يۇقىرى يۇمۇرلاركەن جۇمۇ بۇ !

ئەكبەرنىياز 2013-04-23 22:07
ھا،ھا،ھا ، ياخشى، ياخشى ، يەنە بارمۇ بۇرادەر ؟!      

گۇلخان0903 2013-04-29 02:04
راست.پەلسەپىۋى يۇمۇرلار دىسەكمۇ بولغۇدەك. \  VJ3  
كۈلەي دىسە بىر يەرلىرى ئاچچىق،كۈلمەي دىسە بىر يەرلىرى تاتلىق....


查看完整版本: [-- يۇمۇردەكلا يۇمۇرلار --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled