تۆتتاش |
2013-04-21 01:37 |
ھاراقنىڭ يامانلىقى ھەققىدە
ھاراق گۇناھى كەبىرلەرنىڭ ئەڭ چوڭى ۋە ھەممە نىجىس، پاسكىنا ئىشنىڭ ئانىسى. ھەممە گۇناھلارنى جەمئىي قىلغۇچى. ھاراق ئىچكۈچى بۇتقا ئىبادەت قىلغان بىلەن ئوخشاش. بىر كىشىنىڭ قورسىقىدا ھاراق بىلەن ئىمان ھەرگىز جەمئىي بولمايدۇ. ھاراق ئىچكۈچى خۇدايىتائالاغا يۈزى قارا بولغان ھالدا ئۇچرىشىدۇ. تىلى كۆكسىگە چۈشۈپ، ئاغزىدىن قان _يىرىڭ ئاقىدۇ. ھاراقكەشكەئارىلاشمىغاي، قىز بەرمىگەي، بۇ ھەقتە ھەدىس سەھىھتۇر. ھەركىم قىزىنى ھاراقكەشكە بەرسە گوياكى زىنا قىلماق مۇسابىقىسىنى ئېلان قىلىپ زىناغا مەجبۇرلىغاندەك بولۇر. يەنە بىر ھەدىستە قايسى بىر خاتۇن ھاراقكەشكە تېگىشكە رازى بولسا گۆردىن قوپقاندا، ئىككى كۆزنىڭ ئارىلىقىغا "سەن خۇدانىڭ رەھمىتىدىن نائۈمىد بولغۇچى خوتۇن" دېگەن خەت يېزىقلىق قوپىدۇ. ھاراقكەش بىلەن باردى _كەلدى قىلمىغاي، قەرز سورىسا بەرمىگەي، بەرسە بىر مۆئمىننى ئۆلتۈرۈشكە ياردەم بەرگەنگە ئوخشاش بولۇر، ئۇنىڭغا بىر لوقما تائام بەرگۈچىنىڭ جەسىدىنى يېيىشكە گۆرىدە بىر يىلان پەيدا بولۇر. ھاراقكەش بىلەن بىر جايدا ئولتۇرغۇچىنىڭ ئىككى كۆزىنى ئاللاھتائالا كور قىلىپ قوپۇرىدۇ. بىر مەررە ھاراق ئىچكۈچىگە 80 قامچا ئۇرۇش ۋاجىپ بولۇر، 40 كۈنگىچە قىلغان ئىبادىدى قوبۇل ئەمەس. بىر راىۋايەتتە"40 كۈنكىچە تەۋبەسىز ئۆلسە كاپىر كېتىدۇ'" دەپتۇ. ھاراقنى ھالال دەپ ئېتىقاد قىلغۇچىنى ئۆلتۈرۈش ۋاجىپ. ھاراق ئىچكۈچى خۇداغا شېرىك كەلتۈرگەن بىلەن ئوخشاش، بىر مەررە ھاراق ئىچكۈۋى ئادالەتتىن چىقىدۇ، گۇۋاھلىقى قوبۇل قىلىنمايدۇ. سۇنى ھاراققا ئوخشۇتۇپ ئىچسە، شۇ سۇ ھارام بولۇر. مەسلىكتە ئۆلگۈچى سۇئال -سۇراق ئالدىدىمۇ مەس، مەھشەرگاھ مەيدانىدىمۇ مەس، تاكى شۇ مەسلىك بىلەن دەۋزەخكە كېتىپ قالىدۇ. ھاراق قاچىسىنى ئالغان زامان ئاسمان -زېمىن، پەرىشتىلەر نالە قىلدۇ، ھاراق ھەممە گۇناھنىڭ ئىشىكىنى ئاچىدۇ. ھەر بىر ئادەمنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان پەرىشتە بار، ھاراق ئىچكۈچىدىن ئۇ پەرىشتە بىزار. ھاراق ئىنساننىڭ ئالدى -كەينىدىن چىققان نەرسە بىلەن ئوخشاش. كىيمگە تەگسە پاكلىمىغىچە ناماز دۇرۇس ئەمەس. ھاراق ئاداۋەتنى پەيدا قىلىپ خوتۇنىنى تالاق قىلدۇرىدۇ، ئۇنى ئۆزى ئوقمايدۇ، تۇغۇلغان بالىسى ھارامدىن تۇغۇلىدۇ. گۇناھ ئىچىدە ھاراقكەشلىكتەك پەس گۇناھ يوق. سەن" دۈشمەنگە باش قويامسەن؟"دىسە "ياق، ئىللا بىللا باش قويمايمەن" دەيدۇ. ھاراققا بېرىلىش دۈشمەن ئايىقىغا ئۆزىنى ئاتقانغا ئوخشاشتۇر. ھاراق ئەقىل بىلەن بىلىمنىڭ دۈشمىنى، بارلىق ياۋۇزلۇقنىڭ سەۋەبچىسى، ئۆمۈرنى نابۇت قىلىپ، كۆرىدىغىنى رەسۋاچىلىق. كۆپ ئىنسانلار مۇشۇ يامان ئىللەتنىڭ قۇربانى بولدى. قانچىلىغان كېرەكلىك كىشىلەر ئىچىملىك تۈپەيلى نابۇت بولدى. ھەر قانداق جىنايەت ئىنساننى ھاراقكەشلىكتەك ۋايران قىلمايدۇ. ئاقىۋەتتە ۋەھشىيلىكنى كەلتۈرۈپ جەمئىيەت ۋە دۆلەتنىڭ دۈشمىنى بولۇپ چىقىدۇ. شۇنداقلا ئائىلە ۋەيرانچىلىقى، كىشلەتنىڭ نەپرىتىگە ئۇچراش، رەھىمسىزلىك، يۈزى قېلىنلىق قاتارلىق ئىللەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەڭ دەھشەتلىكى ئادەمنىڭ قەلبىنى ئۆلتۈرۈپ، ئەۋلادلارنى نابۇت قىلىدۇ. ئىنساننىڭ روھىنى ئۆلتۈرىدۇ. ھاراقكەشتە ھايا- نۇمۇس دىگەن نەرسە بولمايدۇ. ئادەمنىڭ روھى دۇنياسىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىدىن، ھايا، نۇمۇشنىڭ يوقىلىشىدىن زىيانلىق نەرسە يوق. ھاراقكەشكە يورۇق كۈنمۇ زۇلمەتتۇر. ھاراقكەش سىر ساقلىمايدۇ، ۋەدىسىدە تۇرمايدۇ. يانچۇق قۇرۇغدالغانسىرى روھى ئازاب پەيدا بولۇپ، ۋاقىتسىز ئۆلۈمگە ئۇچرايدۇ. ئىچىملىك ۋابا كېسىلىدىنمۇ نەچچە ھەسسە يامانراقدۇر. ھاراقكەش ئاخىرى نېرۋا كېسىلىگە دۇچار بولۇپ، بىر ئىشقا زوق -شەۋقى بولمايدۇ. يولسىزلىق بىلەن ئاچچىقلىنىپ، كىشىلەر بىلەن دەۋا، ئىختىلاپلارغا سەۋەب بولىدۇ. خۇدانى ئەسلەيدىغان ئاڭ يوقىلدۇ. ھاراق ئىچىپ مەس بولغۇچى مايمۇندەك قىلىقنى قىلىدۇ. مەسلىكى كۈچەيسە ، يولۋاستەك غەزەپ قىلىدۇ. ئاندىن چوشقىدەك ئۇخلايدۇ. مەستلىكتە ئۇخلاپ ئويغانغۇچىغا غۇسلى تاھارەت ئېلىش لازىم بولىدۇ. جازانىخور، ھاراقكەش خۇدانىڭ دۈشمىنىدۇر. ھاراق ئىچكۈچى، ئەكىلىپ بەرگۈچى، ساتقۇچى، ياسىغۇچى، ياسايدىغان نەرسىنى تەييارلاپ بەرگۈچى، سورۇن ھازىرلاپ بەرگۈچى قاتارلىقلار گۇناھتا شېرىكتۇر
مەنبە:كەڭساي تورى
|
|