查看完整版本: [-- بىخلىنىپ قالغان سامساقنى ئېستىمال قىلىشقا بولامدۇ؟ --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ساغلاملىق بىلىملىرى -> بىخلىنىپ قالغان سامساقنى ئېستىمال قىلىشقا بولامدۇ؟ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

تۆتتاش 2013-04-21 01:05

بىخلىنىپ قالغان سامساقنى ئېستىمال قىلىشقا بولامدۇ؟

سامساقنى ئۆيدە بىر مەزگىل قويغاندا بىخلىنىپ قالىدۇ. ئادەتتە بەرەڭگە بىخلىنىپ قالسا ئىستېمال قىلىشقا بولمايدىغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان. لېكىن بىخلىنىپ قالغان سامساقنى ئىستېمال قىلسا بولامدۇ -بولمامدۇ؟
سامساق يىغىۋېلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ساقلىنىش مەزگىلى 3ئايغىچە بولىدۇ. ساقلىنىش مەزگىلىدىن كېيىن سامساق تېزدىن بىخلىنىپ يۇپۇرماق چىقىرىدۇ. غولىدىكى قۇۋۋەت خورايدۇ. مەيلى سامساقنىڭ غولى، چىشى، كۆكى بولسۇن ئۇلارنىڭ بىخلىنىش جەريانىدا زەھەرلىك ماددا ھاسىل بولمايدۇ. شۇڭا سامساق بېشىنىڭ رەڭگى ئۆزگەرمىسە كۆكىرىپ قالمىسىلا بىخلىنىپ قالغان تەقدىردىمۇ ئىستېمال قىلسىمۇ ھېچقانداق زىيىنى بولمايدۇ. لېكىن سامساق بىخلانغاندا ئۇنىڭ چىشىدىكى قۇۋۋەت بىخقا ئۆتۇپ كەتكەچكە قورۇلۇپ قۇرۇپ  قالىدۇ. شۇڭا بىخلىنىپ قالغان سامساقنى يېگەندىن كۆرە، ئۇنى تىكىپ سامساق مايسىسى ئۆستۈرگەن ياخشى.
سامساقنى بىخلاندۇرماسلىقنىڭ ئامالى بارمۇ؟ سامساقىنى يالتىراق خالتىغا سېلىپ ئۇنىڭ ئاغزىنى مەھكەم ئېتىپ، قۇرغاق، سالقىن جايغا قۇيۇپ قويساق سامساق چىقارغان كاربون تۆت ئوكسىدى تارقىلىپ كەتمەيدۇ. شۇنداقلا يەنە خالتىدىكى ئوكسېگىن مىقدارى ئازىيىدۇ، ھەمدە سۇ مىقدارىمۇ توسقۇنلۇققا ئۇچراپ سامساق ئوبدان ساقلىنىدۇ.


مەنبە:ساقلىقنى ساقلاش ژورنىلى

  
  

ئەكبەرنىياز 2013-04-22 23:00
ھارماڭ بۇرادەر ، بۇندىن كىيىن سامساق يېيىشتە دىققەت قىلساق بولغۇدەك !
مەنغۇ سامساق دېگەنلەرنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيمەن .

gulhan 2013-04-23 12:37
تۆت تاش مۇنبەرنى سەرخىللاشتۇرۋاتىسىز ، جۇمۇ.
  ھارمىغايسىز ...


查看完整版本: [-- بىخلىنىپ قالغان سامساقنى ئېستىمال قىلىشقا بولامدۇ؟ --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled