attila |
2013-04-19 12:11 |
(ئاتتىلا) 16.كەچكۈزدىكى غېرىبلىق (لاھىيە)
9-يىللىقنىڭ 201-يىلى -ئاينىڭ -كۈنىدىكى -سائەتلىك ئەدەبىيات دەرس لايىھەسى دەرس تېمىسى: 16.كەچكۈزدىكى غېرىپلىق تۇرسۇن لېتىپ ئوقۇتۇش نىشانى: 1›بىلىم ۋە ئىقتىدار- تېكىستنى چۈشىنىش، ژانېرى ۋە ئاپتورى، ماۋزۇ تەھلىلى. 2›ئۇسۇل ۋە جەريان- تېكىستنى بىرلىكتە ئوقۇش، نۇقتىلار بويىچە مەسىلە ھەل قىلىش. ئوقۇتقۇچىنىڭ ياردىمىدە ئومۇملاشتۇرۇپ، خۇلاسىدىن ئەستە ساقلاش. 3›ھېسسىيات، پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشى- ئاتا-ئانىلارنى ھۆرمەتلەش ۋە ئۇلارغا كۆيۈنىش. مۇھىم نۇقتا: تېكىستنى چۈشىنىش، ژانېرى ۋە ئاپتورى، ماۋزۇ تەھلىلى. قىيىن نۇقتا: تېكىستنى چۈشىنىش، ماۋزۇ تەھلىلى. تىپى، ۋاقتى: تېكىست خارەكتېرلىك تەھلىل دەرسى. 1 سائەت ئوقۇتۇش ۋاستىلىرى: دەرسلىك، دوسكا، بور، ئاپتورنىڭ سۈرىتى. ئۇسۇل: تېكست ھەم ئوقۇتقۇچى بايانى ئاساسىدا قوزغۇتۇش، چۈشەنچە بېرىپ خۇلاسىلەش. يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش: ئاپتورنىڭ سۈرىتى ئاساسىدا يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىلىدۇ. يېڭى دەرس ئوقۇتۇش جەريانى: 1› چۈشەنمىگەن سۆز-جۈملىلەرنى ئوتتۇرغا قويۇڭ؟ بۇ ئارقىلىق تېكستتىكى مەنىسى چۈشۈنىكسىز ياكى نائېنىق سۆزلەرنىڭ مەنىسى توغرا ئىزاھلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېكستنى توغرا چۈشۈنىشى ۋە مۇھاكىمە قىلىشى ئۈچۈن ئاساس سېلىنىدۇ. 2› بۇ تېكىستنىڭ ژانېرى نېمە؟ ئاپتورى كىم؟ ئوقۇغۇچىلار دەرسلىكتىكى ئۇچۇرلاردىن ئوتتۇرغا قويىدۇ. ئوقۇتقۇچى ئومۇملاشتۇرۇپ چۈشەنچە بېرىپ، قىسقىچە خۇلاسىلەيدۇ. خۇلاسە: ژانېرى دىرامما. ئاپتورى تۇرسۇنجان لېتىپ 1945-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. دىرامماتۇرۇگ. «ئېزىتقۇ» ناملىق دىراممىلار توپلىمى نەشىر قىلىنغان. «مېھمان»، «كۆپۈك»، «يولدا» قاتارلىق ئېتوتلىرى، «قېرى يىگىتنىڭ تويى»، «تانسىكەش تۆمۈر خوتۇنلار» قاتارلىق دىراممىلىرى مەشھۇر. 3› ئەسەرگە نېمە ئۈچۈن «كەچكۈزدىكى غېرىپلىق» دەپ ماۋزو قويۇلغان؟ ئوقۇتقۇچىنىڭ «كەچكۈز» سۆزىنىڭ سىمىۋوللۇق مەنىسى ئاساسىدا يېتەكلىشى ئارقىسىدا ئوقۇغۇچىلار قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئوقۇتقۇچى چۈشەنچە بېرىپ ئومۇملاشتۇرىدۇ ھەم قىسقىچە خۇلاسىلەيدۇ. خۇلاسە: ماۋزودىكى «كەچكۈز» سۆزىنىڭ سىمىۋوللۇق مەنىسى ئادەمنىڭ ئۆمۈرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئانىنىڭ ئۆمۈرىنىڭ ئاخىرىدىكى يالغۇزسىراش، مۇڭسىراش ھەم غېرىپسىنىشىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھەم ئوبىرازلىق ئېچىپ بېرىش، ئەسەر باش تېمىسىنى ماۋزۇ ئارقىلىق گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن بۇ ماۋزۇنى قويغان.
دوسكا لاھىيەسى: 16.كەچكۈزدىكى غېرىپلىق تۇرسۇن لېتىپ
1› تېكىستنى چۈشىنىش. 2› ژانېرى دىرامما. ئاپتورى تۇرسۇنجان لېتىپ 1945-يىلى ئۈرۈمچى. دىرامماتۇرۇگ. «ئېزىتقۇ» ناملىق دىراممىلار توپلىمى. «مېھمان»، «كۆپۈك»، «يولدا» قاتارلىق ئېتوتلىرى، «قېرى يىگىتنىڭ تويى»، «تانسىكەش تۆمۈر خوتۇنلار» قاتارلىق دىراممىلىرى مەشھۇر. 3› «كەچكۈز»-ئادەمنىڭ ئۆمۈرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى. يالغۇزسىراش، مۇڭسىراش ھەم غېرىپسىنىشىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھەم ئوبىرازلىق ئېچىپ بېرىش. تاپشۇرۇق: «مەشق» قوللانمىسى ئىشلىنىدۇ. تەكشۈرۈلۈپ نومۇر قويۇلۇپ، دەرسخانىدا كوللىكتىپ خۇلاسىلىنىدۇ. دەرس تەستىقلىغۇچىنىڭ پىكىرى:
دەرس تەستىقلىغان ۋاقىت: 201-يىل -ئاينىڭ -كۈنى.
دەرستىن كېيىنكى ئويلىنىش:
9-يىللىقنىڭ 201-يىلى -ئاينىڭ -كۈنىدىكى -سائەتلىك ئەدەبىيات دەرس لايىھەسى دەرس تېمىسى: 16.كەچكۈزدىكى غېرىپلىق تۇرسۇن لېتىپ ئوقۇتۇش نىشانى: 1› بىلىم ۋە ئىقتىدار: بالا تەربىيلەشتىكى سەلبىي تەسىرلەر توغىرىسىدا ئويلىنىش. ئىككى ئەۋلاد ئوتتۇرىسىدىكى نازۇك مۇناسىۋەتنى توغىرا بىر تەرەپ قىلىش. قاتارما سۆزلەرگە دائىر بىلىملەر. 2›ئۇسۇل ۋە جەريان- تېكىست ۋە ئەمىلىيەتنى ئاساس قىلىپ، ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكلىشىدە نۇقتىلار بويىچە مەسىلە ھەل قىلىش. ئوقۇتقۇچىنىڭ ياردىمىدە ئومۇملاشتۇرۇپ، خۇلاسىدىن ئەستە ساقلاش. 3›ھېسسىيات، پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشى- ئاتا-ئانىلارنى ھۆرمەتلەش، پەرزەنتلەرنى توغرا تەربىيلەش قارىشىغا ئىگە بولۇش. مۇھىم نۇقتا: بالا تەربىيلەشتىكى سەلبىي تەسىرلەر توغىرىسىدا ئويلىنىش. ئىككى ئەۋلاد ئوتتۇرىسىدىكى نازۇك مۇناسىۋەتنى توغىرا بىر تەرەپ قىلىش. قاتارما سۆزلەرگە دائىر بىلىملەر. قىيىن نۇقتا: بالا تەربىيلەشتىكى سەلبىي تەسىرلەر توغىرىسىدا ئويلىنىش. قاتارما سۆزلەرگە دائىر بىلىملەر. تىپى، ۋاقتى: تېكىست خارەكتېرلىك تەھلىل دەرسى. 1 سائەت ئوقۇتۇش ۋاستىلىرى: دەرسلىك، دوسكا، بور، ئاپتورنىڭ سۈرىتى. ئۇسۇل: تېكست ھەم ئوقۇتقۇچى بايانى ئاساسىدا يېتەكلەش ۋە قوزغۇتۇش، چۈشەنچە بېرىپ خۇلاسىلەش. يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش: ئالدىنقى دەرس ئاساسىدا دەرسكە باشلاپ كىرىش. يېڭى دەرس ئوقۇتۇش جەريانى: 1› دىراممىدا بوۋاي نېمە ئۈچۈن ئانىنى «ھىم،... مانا شۇنداق كۆڭلى يۇمشاقلىق قىلىپ، بالىلارنىمۇ يامان ئۆگۈتىۋەتتىڭ. ئەمدى ئۇلار ئۆزلىرىنىلا ئويلايدۇ.» دەيدۇ؟ بوۋاينىڭ بۇ سۆزىدىن سىز بالىلارغا، نەۋرىلەرگە زىيادە كۆيۈنىشنىڭ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئەكس تەسىر ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئويلاپ يەتتىڭىزمۇ؟ ئوقۇغۇچىلار تۇرمۇش ئەمىلىيىتى بىلەن تېكىستنى بىرلەشتۈرۈپ ئوتتۇرغا قويىدۇ. ئوقۇتقۇچى چۈشەنچە بېرىپ، ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئورتاقلىشىدۇ ھەم خۇلاسىلەيدۇ. خۇلاسە: بوۋاينىڭ بۇنداق دېيىشىدىكى سەۋەب، ئاتا-ئانىسى نەچچە بالىلىرىنى شۇنداق كۆيۈنۈپ بېقىپ چوڭ قىلىپ قاتارا قوشقان بولسىمۇ، ئۇلار ياشانغاندا بالىلار ئۇلارنى يوقلاپ كەلمىگەن، مۇڭداشمىغان، يالغۇز تاشلاپ قويۇپ، غېرىپسىندۇرغان. بالىلار ۋە نەۋرىلەرگە زىيادە كۆيۈنىش ئۇلارنى ئەركە، ھەممىدە ئۆزلىرىنىلا ئويلايدىغان، باشقىلارنىڭ ھەممىسى ماڭىلا كۆيۈنسە، ماڭىلا كۆڭۈل بۆلسە دەپ قارايدىغان، شەخسىيەتچى، ئۆكتەم، راھەتپەرەس، ھورۇن قىلىپ قويىدۇ. 2› بىر ئانا شۇنداق جاپالىق يىللاردا بىرنەچچە بالىلارنى قاتارغا قوشقان. ئەمما، بۇ بىرنەچچە بالىلار ياشانغان ئانىسىنى غېرىپسىندۇرۇپ قويدى. بۇنى قانداق چۈشۈنۈش كېرەك؟ ئوقۇغۇچىلار دەرسلىكتىكى ئۇچۇرلار ۋە ئەمىلىيەت ئاساسىدا قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ. ئوقۇتقۇچى ئومۇملاشتۇرۇپ چۈشەنچە بېرىپ، قىسقىچە خۇلاسىلەيدۇ. خۇلاسە: بۇ مەسىلە «مەن كۆيەرمەن بالامغا، بالام كۆيەر بالىسىغا» دېگەن خەلىق ماقالى ئاساسىدا چۈشەندۈرۈلىدۇ. 3› تېكىستتىن قاراتما سۆزلەرنى تېپىپ چىقىڭلار؟ ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىنىڭ نەزىريىۋى يېتەكلىشىدە تېكىستتىن تېپىپ چىقىدۇ. ئوقۇتقۇچى دوسكىدا كۆرسەتمە قىلىپ، ئومۇملاشتۇرىدۇ ھەم خۇلاسىلەيدۇ. خۇلاسە: 1› ئاپا، بىزمۇ سىزنى كۆپ خاپا قىلدۇق. (185-بەت) 2› چۈشەندىم، سۆزلىرىڭىز توغىرا، ئاپا. (186-بەت) 3› ئاتىسى، قاچان كەلدىلە؟ (188-بەت) 4› ياق، خاسىيەتخان، ئۇ تېخى كىچىك. (184-بەت)
دوسكا لاھىيەسى: 16.كەچكۈزدىكى غېرىپلىق تۇرسۇن لېتىپ
1› ئاتا-ئانىسى نەچچە بالىلىرىنى بېقىپ چوڭ قىلغان. بالىلار ئۇلارنى غېرىپسىندۇرغان. بالىلار ۋە نەۋرىلەرگە زىيادە كۆيۈنىش ئەركە، شەخسىيەتچى، ئۆكتەم، راھەتپەرەس، ھورۇن قىلىپ قويىدۇ. 2› «مەن كۆيەرمەن بالامغا، بالام كۆيەر بالىسىغا» دېگەن خەلىق ماقالى ئاساسىدا چۈشەندۈرۈلىدۇ. 3› 1› ئاپا، بىزمۇ سىزنى كۆپ خاپا قىلدۇق. (185-بەت) 2› چۈشەندىم، سۆزلىرىڭىز توغىرا، ئاپا. (186-بەت) 3› ئاتىسى، قاچان كەلدىلە؟ (188-بەت) 4› ياق، خاسىيەتخان، ئۇ تېخى كىچىك. (184-بەت) تاپشۇرۇق: «مەشق» قوللانمىسى ئىشلىنىدۇ. تەكشۈرۈلۈپ نومۇر قويۇلۇپ، دەرسخانىدا كوللىكتىپ خۇلاسىلىنىدۇ. دەرس تەستىقلىغۇچىنىڭ پىكىرى:
دەرس تەستىقلىغان ۋاقىت: 201-يىل -ئاينىڭ -كۈنى.
دەرستىن كېيىنكى ئويلىنىش:
|
|