查看完整版本: [-- بىر تامچە سۇ -بىر تامچە قان ( گۈلخان) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> دەرىس دىتاللىرى -> بىر تامچە سۇ -بىر تامچە قان ( گۈلخان) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

gulhan 2013-04-18 22:18

بىر تامچە سۇ -بىر تامچە قان ( گۈلخان)

بۇ _ مەخسوس تېمىلىق سىنىپ يىغىنى دىتالى .
مەخسوس تېمىلىق سىنىپ يىغىنىنىڭ ئۇقۇغۇچىلارنى تەربىيلەشتە ئەھمىيىتى چوڭدۇر.
مەن بۇ يىغىننى مەكتەپتە ئۈلگە قىلىپ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا ئاچقان. باشقىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن.
مۇنبەرداشلارغا پايدىسى تىگىپ قالار.

http://good.gd/2517987.htm

ئەكبەرنىياز 2013-04-18 22:48
مۇۋاپىققىيەت ھامان تىرىشچانلارغا، ئىزدەنگۈچىلەرگە مەنسۈپ ! سىزنىڭ تىرىشچانلىقىڭىزغا ھەممە قايىل ، يەنىمۇ پارلاق ئەتىلەر ئۈچۈن ھارماي تىرىشىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن !!!

gulhan 2013-04-18 22:49
يىغىن لاھىيەسى:

1-باشلاش سۆزى__
ساۋاقداشلار ، بىز ئەگەر بىرەر يېرىمىز يارلىنىپ قىلىپ قېنىمىز ئاقسا قانداق تويغۇدا بولىمىز؟
  كىچىك ۋاقتىڭلاردا قان چىقسا قورقامتىڭلار؟ نىمە ئۈچۈن قورقۇسىلەر؟

________ دىمەك، قان دىمەك_ جان دىمەكتۇر. قاننىڭ ئازلاپ كېتىشى جاننىڭ قىينىلىپ ، ھاياتىمىزغا خەۋەپ كېلۋاتقانلىقىنىڭ بىشارىتىدۇر.قان ئازلىقتىن كىلىپ چىقىدىغان كىسەللەر ئەجەللىك كىسەللەردۇر.
ئەگەر دۇختۇر سىزگە قېنىڭىز ئازلاپ قاپتۇ دىسە سىز قانداق قىلىسىز؟قانداق ئامال بىلەن قان كۈپەيتىسىز؟
......
2- بىز كۈندە موھتاج بولىدىغان ، بىزلا ئەمەس پۈتكۈل مەۋجودات ئۇنىڭسىز ياشالمايدىغان بىر قان بار ئىدى. بىز ئۇنى «سېخىيلىق» بىلەن، «مەردلىك »بىلەن ئىشلىتىپ كېلۋاتىمىز، ئورۇنسىز تۈكۈلسە ، زايا بولسا بىپەرۋا قاراپ كېتۋاتىمىز. قان دىگەن جان ئىدىغۇ ساۋاقداشلار ؟! بىز ھازىرغا قەدەر  بۇ جان تۇمۇرىمىزنىڭ ئۈزۈلمەسلىكىگە ئىشىنىپ كەلگۈسىمىزگە بىخودلارچە مۇئامىلە قىلۋاتىمىز.  
ئۇنداقتا ھەقىيقەتەن بۇ ھاياتىمىزنىڭ كاپالىتى بولغان ، قىنىمىز بولغان تاتلىق سۇ تۈگمەسمۇ؟ رايونىمىزنىڭ سۇ بايلىقى قانچىلىك؟
  بىز قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟
  نىمە ئۈچۈن ھازىر دۇنيا ھەم دۆلىتىمىزدە سۇنى تىجەش يوقىرى دۇلقۇنغا كۈتۈرۈلدى؟
3-   ......
( دىتاللار كۆرسىتىلىپ، مۇۋاپىق كىرىشتۈرۈلۈپ ئوقۇغۇچىلارنى مۇلاھىزىگە تەشكىللەش ئىلىپ بېرىلىدۇ)
.....
لۈكچۈننىڭ 20 -30 يىل بۇرۇنقى سۇ بايلىقى ئەھۋالى سۆزلەپ بېرىلىدۇ. ھەمدە ئۇقۇغۇچىلارنى ئەگەر مۇشۇنداق سۇنى تىجىمەي كېتىۋەرسەك 30 يىلدىن كىيىنكى ئەھۋالنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدۇ.( مەن بۇ يەردە ئۇقۇغۇچىلارنى ئىتوت ئوتۇنلاتتقۇزغان. مەزمونى سۇ تىجىمىگەن رايوننىڭ  سۇ دەپ قىينىلىۋاتقان ئەھۋالى مەزمون قىلىنغان. بەك تەسىر لىك بولىدىكەن) ( ئوقۇتقۇچىلار بولسا سىناپ باقسا بولىدۇ)
ئاندىن مەملىكىتىمىزدىكى سۇ قىس رايونلاردىكى مەنزىرە كۆرسىتىلىدۇ.
4- سۇ تىجەشنىڭ  ئۇسوللىرى مۇلاھىزە قىلىنىدۇ.
مەكتىپىمىزدىكى ، ئۆزىمىزدىكى سۇ ئىسراپخورلىقى ئوتتۇرغا قويىلىدۇ.
5- سۇ تىجەش، سۇنى سۈيۈش، سۇنى قۇغداش پىدائىلىرىدىن بولۇشقا چاقىرىق قىلىنىدۇ.
خۇلاسە:
تاما_ تاما كۆل بۇلار.
نېمىنى خارلىساڭ شۇنىڭ خارچىلىقىدا قالىسەن.
بىر تامچە   سۇ _ بىر  تامچە قان.

( ئۆزەمنىڭ يىغىن ئاچقاندىكى لاھىيەمنى قىسقا يېزىپ قويدۇم ، پايدىسى بوپ قالار)

gulhan 2013-04-24 23:53
قارىغاندا بۇ مۇنبەردە سىنىپ مەسئوللىرى ئازمۇ نىمە؟
بۇ ياخشى دىتال ئىدى ، جۇمۇ...

ئايوپ 2013-05-07 17:59
بەك ياخشىكەن،رەھمەت.

gulhan 2013-05-08 00:54
ھە نىمە بولسا بىرىمۇ بولسا پايدىلىنىپتۇ. ئەجرىم يەردە قالماپتۇ دىسە

danix 2013-05-08 09:18
    گۈلخان ئاچقان بۇ مەخسۇس تېمىلىق سىنىپ يىغىنى پايدىلىنىش قىممىتى زور بولغان بىر قېتىملىق يىغىن ئىكەن . گۈلخاننىڭ بىزنى مەنپەئەتتىن تەڭ بەھرىمەن قىلىش روھىغا ئاپرىن !

13379705568 2013-05-11 00:24
ئىزىڭدىن تىكەن ئۈنسە ، ئەۋلادىڭ پۇتىغا سانچىلۇر

ھاجىمەممەت 2013-05-16 22:32
راسىت ياخشى ئكەن....

55689308 2013-07-25 15:51
چۈشۈرگىلى بولمىديا؟؟

گۈلزىبا 2013-07-25 18:45
مەن بۈگۈن كۆردۈم . بەك ياخشىكەن .رەھمەت.

ئەنۋەرچەرچەن 2013-07-25 18:55
قېلىپلاشقان سىىنىپ يىغىنىغا قىلىنغان ھۇجۇم بوپتۇ بۇ.كۆپ رەخمەت.

ئەنۋەرچەرچەن 2013-07-25 19:09
ئادەتتىكى سىنىپ يىغىنلىرى ئاساسەن ساقلانغان مەسىلەرنى بىرتەرەپ قىلىش،تەربىيە بېرىش،ئىش ئورۇنلاشتۇرۇش،ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىشلارنىڭ سۈرۈشتۈرمىسىنى قىلىش ...قاتارلىق شەكىللەردە ئېچىلىدۇ.سىز بىر ئۈلگە كۆرسىتىپ بېرىپسىز،رەخمەت.

ئايبىكە 2013-07-25 23:33
ھەقىقەتەن بۇ يىغىننىڭ ئۈنىمى زور بولغان.كەسىدىشىم،ھارماڭ.ئىزچىللىق يار بولسۇن.

مىېھرىما 2013-09-14 00:45
بۇ مۇنبەردە سىنىپ مەسئوللىرى ئا ز ئەمەس ئچلماتدۇ

مىېھرىما 2013-09-14 00:46
بۇ مۇنبەردە سىنىپ مەسئوللىرى  ئاز ئەمەس دىتال ئېچلمىدى شۇ

مىېھرىما 2013-09-14 00:47
    

مىېھرىما 2013-09-14 00:48
        


查看完整版本: [-- بىر تامچە سۇ -بىر تامچە قان ( گۈلخان) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled