查看完整版本: [-- مۇنبىرىمىزگە ئەزا بولوش ۋە كىرىش دەرىسلىكى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبەر ئۇقتۇرۇشلىرى -> مۇنبىرىمىزگە ئەزا بولوش ۋە كىرىش دەرىسلىكى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tawpek 2013-04-16 23:19

مۇنبىرىمىزگە ئەزا بولوش ۋە كىرىش دەرىسلىكى

بىر قىسىم تورداشلارنىڭ يىقىندىن بىرى ماتىرىيال ئىھتىياجى تۈپەيلى مۇنبەرگە ئەزالىققا تىزىملىتالمايۋاتقانلىق ۋە تىزىملاتقان ئەزالارنىڭ قايتا كىرەلمەسلىك ھەققىدىكى ئۇچۇرلىرى ئاۋۇپ قالدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن تۆۋەندە مۇنبىرىمىزگە ئەزا بولوش ئۇسۇللىرى ۋە قايتا كىرەلمەسلىك سەۋەپلىرى توغرىسىدا چۈشەنچە بىرىپ ئۆتمەكچىمەن.

كەڭ تورداشلارنىڭ مۇشۇ بويچە مەشخۇلات قىلىپ مۇنبىرىمىزنىڭ تەرەققىياتى جۈملىدىن درەىس بايلىقلىرىنىڭ ئىلىكتىرۇنلىشىشى ۋە مۇنبىرىمىزدە توپلىنىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىنى سەمىمى ئۈمىد قىلىمىز.

[attachment=589]

مۇنبىرىمىزنىڭ يۇقارقى رەسىمدىكى <<شەرىتلىك مەزمۇن كۆرۆش رايۇنى>>غا جايلاشقان سەھىپىلەردىكى مەزمۇنلارنى تىزىملاتمىغان ۋە مەلۇم جۇغلانمىغا ئىرىشمىگەن ئەزالارنىڭ كۆرۆش ھوقوقى چەكلەنگەن بولوپ مۇنبىرىمىزدىكى ماتىرىياللاردىن تولوق بەھرىمەن بولوش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋال تىزىملىتىشىڭىزغا ۋە مەلۇم جۇغلانمىغا ئىرىشىشىڭىزگە توغرا كىلىدۇ.


1.تىزىملىتىش (ئەزا بولوش )ئۇسۇلى.
مۇنبەرگە كىرگەندىن كىيىن دىققەت قىلىدىغان بولساق مۇنبەر ئوڭ تەرپىدە تىزىملىتىش ۋە كىىش ھەققىدىكى ئۇچۇر رايۇنىنى كۆرىمىز.يەنى تۆەندىكى رەسىمدىكىدەك.
[attachment=590]
تىزىملىتىش ئۈچۈن يەنى ئەزا بولوش ئۈچۈن رەسىمنىڭ ئوڭ تەەپ ئۈستى تەرەپتىكى <<تىزىملىتىش >>دىگەن خەتنى ياكى <<ئەزا بولوڭ>>دەپ خەت چىقىپ تۇرغان رەسىمدىكى يولباشلىغۇچى ئاكاشنى   چەكسەكلا تىزىملىتىش بېتى ئىچىلىدۇ.

تىزىملىتىش بېتى ئادىرىسى:
/bbs/register.php

[attachment=591]

يۇقارقى رەسىمدىكىدەك ئىچىلغان بەتتىكى مۇناسىۋەتلىك ئورونلارنى تەلەپ بويچە تولدۇرۇپ ئاخىرىدىكى <<تىزىملىتىش >> دىگەن خەتنى بىسىۋەتسىڭىزلا سىز مۇنبەر ئەزاسى بولوپ تەۋپىقداشلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدىڭىز دىگەن گەپ.
يەنى:
1- بولوپ سورايدىغىنى سىزنىڭ ئەزالىق نامىڭىز بولوپ ئەستائىدىل ئويلىشىپ ئىسىڭىزدىن چىقىپ كەتمەيدىغان  
مەدەنى يىقىشلىق سۆزلەرنى تاللىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.ئەگەر قالايمىغان ئىسىمدا ئەزا بولسىڭىز ئۆچۆرلۆپ كىتىسىز.

ئىسىم يازىدىغان كاتەكچىگە مائۇسنى چەكسىڭىزلا يان تەرەپتە شەرتىنى دەپ بىرىدۇ.

يەنى ئىسىم ئارلىقىدا بوشلۇق كۇنۇپكىسى بىسىلىپ قالماسلىقى،تىزىملىتىلىپ بولونغان بولماسلىقى دىگەندەك.
ئەگەر شەرىتكە ئۇيغۇن كەلمىسە ئەسكەرتمە ئۇچۇرىدا ئىيتىپ بىرىدۇ ، ئۇيغۇن كەلسە

مۇبارەك بولسۇن ،بۇ ئىسىم تىزىملىتىلمىغان،بۇ ئىسىمنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ!

دىگەن كۆرسەتمە ئۇچۇرى چىقىدۇ.

2- بولوپ شىفىر، يەنى مەخپى نومور سورايدىغان بولوپ ئىسىڭىزدە ساقلىيالايدىغان مەخپى نومورنى ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز، بۇ كىيىنكى مۇنبەرگە ئەزالىق سالاھىيتىدە نورمال كىرىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى.

3- شىفىر قايتا دىگىنىمۇ ئوخشاشلا تەكرار سۇئال بولوپ يەنە بىرقىتىم ئوخشاش كىرگۈزسىڭىزلا بولىدۇ.

4- بولوپ سورايدىغىنى: Email  ، بۇ ئىلىكتىرۇنلۇق خەت ساندۇقىنى كۆرسىتىدىغان بولوپ ئىشلىتىدىغان خەت ساندۇقى ئادىرىسىڭىزنى تولدۇرۇڭ. ئەگەر خەت ساندۇقىڭىز بولمىسا  كوت كوت نومىرىڭىزنى ياكى خالىغان ئىسىمنى ئاندىن shift نى بىسىپ تۇرۇپ 2 رەقىمىنى باسسىڭىز @ بەلگىسى چىقىدۇ ئاخىرىغا qq.com,sina.com,126.com,168.comدىگەندەك ئىلخەت بىلەن تەمىنلەيدىغان تور پونكىتلىرىنىڭ خالىغان بىرىنىڭ نامىنى يازسىڭىزلا تامام.
بۇ جەرياندىمۇ قەتئى بوشلۇق كۇنۇپكىسى ئۇرلۇپ قالماسلىقى كىرەك، ئەگەر توغرا كىرگۈزەلمىسىڭىز يان تەرەپتە خاتالىقىڭىزنىڭ سەۋەبىنى ئىيتىپ بىرىدۇ.

5- بولوپ سورايدىغىنى : تەپسىلى تىزىملىتىش  

بۇ يامان غەرەزلىك تىزىملاتقۇچىلارنىڭ ئالدىنى ئىلىش مۇداپىيەسى بولوپ <<تەۋپىق>>دىگەن خەتنى يىزىپ بەرسىڭىزلا ئىش تامام.
ئۇ كاتاكچىگە ئۇيغۇرچە تونومايدىغان بولوپ كومپىيۇتىرىڭىزدا ئۇيغۇرچە يىزىق قاچىلانمىغان بولسا كاتەكچە ئاستىدىكى شۇ خەتنى كۆچۆرۆپلا چاپلىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئىشقىلىپ شۇ كاتەككە <<تەۋپىق>> دىگەن خەت يىزىلىشى كىرەك.

ئاخىردا <<مەن ئوقۇپ بولدۇم تولۇق قوشۇلىمەن>>دىگەننىڭ ئالدىدىكى كاتەكچىگە بەلگە قويىۋىتىپ <<تىزىملىتىش>>دىگەن خەتنى بىسىۋەتسەكلا ئىش تامام.

ئەگەر ئوڭوشلۇق بولمىسا قەيەردە خاتالىق بولسا نۇر بەلگىسى شۇ كاتەكچىگە بىرىپ تۇرىدۇ.ياكى شۇ كاتەكچىنىڭ يىنىدا خاتالىق ئۇچۇرى چىقىدۇ.
ئەگەر ھەممە كاتەكچە يىنىدا توغرا بولغانلىق ئۇچۇرى كۆرۆنگەن پىتى تولدۇرۇپ ماڭالىغان بولسىڭىز ئوڭوشلۇق ھالدا مۇنبەر ئەزاسى بولىسىز.

ئاندىن سىزمۇ باشقىلارنىڭ تېمىسىغا ئىنكاس باھا سۆزلىرىڭىزنى يازالايسىز شۇندقلا ئۆزىڭىزبار ماتىرىيال ۋە ئەسەرلىرىڭىزنى يوللىيالايسىز.

قىنى ئەمىسە سىناپ بىقىڭ.سىپىمىزگە قوشولوپ ماتىرىياللاردىن ئورتاق بەھىرلىنەيلى!

ئەكبەرنىياز 2013-04-17 00:52
بەك ياخشى بولدى ، مۇنبەرگە كىرىش بۇرۇن ماڭىمۇ بەك تەسكە توختىغان ئىدى . ھەتتا ئەسەر يوللاشتا بەك قىينالغان ئىدىم (بەزىدە مەسخىرىلەرگىمۇ ئۇچرىغان ) .
ئىشىنىمەنكى بۇ تېما مۇنبىرىمىزگەيېڭى ئەزا بولۇش ئارزۇسىدا بولىۋاتقان دوستلارغا ئەمىلىي نەپ بەرگۈسى !!!

tawpek 2013-04-17 01:43
2- قەدەمدە ئاۋال تىزىملىتىپ بولغان ئەزالارنىڭ قايتا كىرەلمەسلىك مەسىلىسى توغرىسىدا ئازراق ساۋات سۆزلەپ ئۆتەي.

مۇنبىرىمىز تىزىملىتىپ قويغانلارنى ئەمەس ھەقىقى كۈچ چىقارغۇچىلارنى ئەزالار قاتارىدا سانايدىغان بولوپ گەرچە تىزىملاتقان ئەزا 40000 غا يەتكەن بولسىمۇ لىكىن كۆرۆنگەن سانى نەچچە ھەسسە ئاز.

دىمەكچى : مۇنبىرىمىزگە تىزىملىنىپ ئەڭ ئاخىردا كىرگەن ۋاختىنى ئاساس قىلغاندا كىرمىگەن ۋاختى بىر ئايغا يەتكەن  بولسا ئۆچۆرلىدۇ.
دىمەك ئەزالىق سالاھىتىڭىزنى داۋاملىق ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن تىزىملاتقاندىن كىيىن تېما ئىنكاس يوللىشىڭىز شەرىت ياكى پات-پات كىرىپ تۇرىشىڭىز شەرىت.ئەگەر بىرەرتال بولسىمۇ تېما ئىنكاسىڭىز بولسا ئەزالىق سالاھىيتىڭىز داۋاملق ساقلىنىدۇ.

شۇڭلاشقا قايتا كىرگەنلەر ئۆزىمىزنىڭ ئەزالىق سالاھىيتىنىڭ بار يوقلىقىنى بىر ئويلىشىپ بىقىشىمىز كىرەك.

ئەگەر ئەزا ،مەۋجۇت بولمىسا بۇ ئەزا مەۋجۇت ئەمەس دەپ چىقىدۇ.مەخپى نمورنى ئۇنتۇپ قالغان بولسىڭىز مەخپى نومر خاتا دەپ چىقىدۇ.

مەخپى نومورنى خاتا كىرگۈزگەن سانىڭىز بەلگىلەنگەن قىممەتتىن ئىشىپ كەتسە 15 مىنۇتقىچە توغرا بولغاندىمۇ كىرەلمەيسىز.

ئەزا مەۋجۇت ئەمەس دىگەنلىك بەلكىم ئۇ ئەزا مەۋجۇت بولماسلىقى ۋە ياكى ئەزالىق نامىڭىز ئىلگىرى تىزىملاتقاندىكى ئەزالىق نامىغا ئوخشىماي قالغان بولىشى مۇمكىن.

ھەقىقەتەن تېما ئىنكاس يوللىغانلىق خاتىرڭىز بولوپ كىرەلمىگەن بولسىڭز مەن بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز ئۇنتۇپ قالغان ئەزالىق نامىڭىز ياكى مەخپى نومورىڭىزنى تىپىپ بىرىمەن.

ئەگەر ئەزالىق نامىنى يىزىش كۆزنىكىگە لاتىنچە يازماقچى بولسىڭىز مۇنبەر باش بىتىدىكى ئەزا نامىنى تولدۇرىدىغان كاتەككە يازماي(ئەگەر پىنيىنچە يازالمىغان بولسىڭىز) ئوڭ تەرەپ ئۈستى تەرەپتىكى <<كىرىش>> دىگەن خەتنى چەكسىڭىز بىر كۆزنەك چىقىدۇ ئۇ يەرگە پىنيىنچە يازالايسىز شۇ بويچە تىزىملاتقان چاغدىكى ئىسىم ۋە مەخپى نومورنى يىىپ كىرىسىز.

ئەگەر ئەزالىق نامىڭىزنى يىزىشنى بىئەپ كۆرسىڭىز id  نومىرى ئارقىلىق كىرسىڭىزمۇ بولىدۇ.

يەنى مىنىڭ باش سۈرىتىم ئاستىدىكى id نومىرى دىگەن جايدا 2 دىگەن سان بار، بۇ مىنىڭ بۇ مۇنبەرگە 2- بولوپ تىزىملاتقىنىمنى بىلدۈرىدۇ.قىسقىسى مۇنبەردىكى يوقلام نومىرىمىز.

يوقلام نومىرى ئارقىلىق كىرمەكچى بولغاندا <<تىزىم نومىرى>> دىگەن خەتنىڭ ئالدىغا بەلگە ئۇرىۋىتىپ ئىسىم يازىدىغان جايدا ئۆزىمىزنىڭ شۇ نومىرىنى ئاستىغا مەخپى نومورنى يىزىپلا كىرسەكمۇ ئوخشاشلا ئوڭوشلۇق كىرەلەيمىز.
مەسىلەن مەن ئىسىمغا 2 رەقىمىنى يىزىپ مەخپى نومورنى بىسىپلا كىرەلەيمەن، بۇنىڭدا يىزىق چەكلىمىسى يوقايدۇ.
ئالدىنقى شەرىت تىزىم نومىرى دىگەننىڭ ئالدىغان بەلگە ئۇرلىشى كىرەك.

بۇ ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ مۇنبىرىمىزنىڭ نەچچىنچى بولوپ ئەزا بولوپ كىرگىنىڭىزنى بىلەلەيسىز، ھەم يىڭى تىزىملاتقان ئەزانىڭ id نومىرىغان قاراپ مۇنبىرىمىزگە نەچچە ئادەم تىزىملىنىپ بولغىننىمۇ بىلەلەيسىز.

بۇ ھەقتە چۈشەنمىگەن يەنە غۇۋا تەرەپلەر بولسا ئىنكاسقا قالدۇرساق تەپسىلى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىمەن.

ozqan 2013-04-17 11:10
تەۋپىق ئىنىم : بۇ تېمىنى يوللىغىنىڭىز بەك ياخشى بوپتۇ . كىرەلمەيۋاتقانلىقى ھەققىدە ئەرز ئېيتقان قېرىنداشلارنىڭ ئىنكاسىنى دائىم ئاڭلاپ تۇرىمىز ، بۇ قېىتىمقى ئۈرۈمچىنىڭ مۇھاكىمە يىغىنىدىمۇ نۇرغۇن ماتىرياللارنى تەۋپىقتىن كۆرسەڭلار بولىدۇ ، دېسەم كىرەلمەيۋاتقانلىقىنى ئېيتقانلار كۆپ .... بۇرۇن ئەزا ، ئەمما ھازىر كىرەلمەيۋاتقان ، تېما يوللىيالمايۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىرمۇنچىسىنى كۆردۈم ، ئەمدى بۇ يوللىغان دەرسىڭىزنىڭ خاسىيىتى بىلەن كۆپچىلىكنىڭ مۈشكىلى ئاسان بولىدىغان بولدى ...

تۆتتاش 2013-04-21 02:37
بۇ تېما ئارقىلىق مۇنبەرگە يېڭىدىن كىرگەنلەر ئاسانلا بىلىۋالدىغان  بولدى،ياخشى   ئىش قىلىپسىز.

tawpek 2013-04-22 00:31
يەنە چۈشەنمىگەن تەرەپلەر بولسا قالدۇرساڭلار جاۋاپ بىرىمەن.

مەلىكەبېلقىس 2013-04-28 19:48
تەۋپىق ئەپەندىم، ناھايىتى ياخشى قىلىپسىز، مەن ئىلگىرى باشقا بىر ئىسىم بىلەن ئەزا بۇلۇپ كىرىپ بەزى تېمىلارنىمۇ يولاپ ،دەرىجەم خېلى ئېشىۋىدى ، ئەمما مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بىر ئايدىن كېيىن ئاچسام ئۋچىلمىدى،ئىلگىركى ئەمگىگىمدىن مەھرۇم قالدىم. شۇنىڭ بىلەن يېڭىدىن ئەزا بولغان ئىدىم .بۇ ۋاقىتتا مەن «بىر يىل »دېگەن ۋاقىت تۇشۇپ ئۆچۈرۈلۈپ كەتكەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم .سىزنىڭ مۇنۇ ئەسكەرتمىڭىزنى كۆرۈپ« مۇنبىرىمىزگە تىزىملىنىپ ئەڭ ئاخىردا كىرگەن ۋاختىنى ئاساس قىلغاندا كىرمىگەن ۋاختى بىر ئايغا يەتكەن  بولسا ئۆچۆرلىدۇ» سەۋەبى مۇشۇ ئوخشايدۇ دېدىم.
ئەگەر بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلمىسە بىر يىلدىن ئاشسىمۇ ئەزالىق سالاھىيەت ساقلىنىپ قالامدۇ ؟

تاتلىق~ 2013-05-09 15:23
ئەجەپ قولايلىقكەن ھە؟

tawpek 2013-05-09 15:30
引用第6楼مەلىكەبېلقىس于2013-04-28 19:48发表的 : تەۋپىق ئەپەندىم، ناھايىتى ياخشى قىلىپسىز، مەن ئىلگىرى باشقا بىر ئىسىم بىلەن ئەزا بۇلۇپ كىرىپ بەزى تېمىلارنىمۇ يولاپ ،دەرىجەم خېلى ئېشىۋىدى ، ئەمما مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بىر ئايدىن كېيىن ئاچسام ئۋچىلمىدى،ئىلگىركى ئەمگىگىمدىن مەھرۇم قالدىم. شۇنىڭ بىلەن يېڭىدىن ئەزا بولغان ئىدىم .بۇ ۋاقىتتا مەن «بىر يىل »دېگەن ۋاقىت تۇشۇپ ئۆچۈرۈلۈپ كەتكەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم .سىزنىڭ مۇنۇ ئەسكەرتمىڭىزنى كۆرۈپ« مۇنبىرىمىزگە تىزىملىنىپ ئەڭ ئاخىردا كىرگەن ۋاختىنى ئاساس قىلغاندا كىرمىگەن ۋاختى بىر ئايغا يەتكەن  بولسا ئۆچۆرلىدۇ» سەۋەبى مۇشۇ ئوخشايدۇ دېدىم. ئەگەر بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلمىسە بىر يىلدىن ئاشسىمۇ ئەزالىق سالاھىيەت ساقلىنىپ قالامدۇ ؟

ئەزا بولوپ كىرىپ مۇنبەردە بىرەر تال تېما ئىنكاس قالدۇرغان تارىخىڭىز بولسىلا ئەزالىقتىن ئۆچۆرۆلمەيدۇ.

مۇنبەرگە ئاخىرىقى كىرىش ۋاختى دىگەندە ئاساسلىقى يازما يوللىمىغانلارنى كۆرسىتىدۇ.

قىسقىسى ئەزا بولوپ بىر ئاي ئىچىدە يازما يوللىغان تارىخىڭىز بولسىلا ئەزالىق سالاھىيتىڭىز ساقلىنىدۇ.

قارىغاندا سىز ئەزالىق نامىڭىزنى ياكى مەخپى نومىرىڭىزنى ئۇنتۇپ قالغان ئوخشايسىز.
مەن بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز مەخپى نومىرىڭىزنى ئىيتىپ بىرەتتىم.

mikray418 2013-09-15 19:16
    

پاتەمنىسا 2013-09-15 23:02
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مەن مۇنبەرگە يىڭى ئەزا بولۇپ كىرگەن. بىر قىسىم ماتىرياللارنى چۇشىرەي دىسەم  چۇشۇرەلمىدىم.جۇغلانما نومۇر يەتمەيدۇ دەپ ئۇچۇر  چىقىۋاتىدۇ. قانداق قىلسام جۇغلانما نومۇرغا ئىرىشىمەن؟ چۇشۇرمەكچى بولغۇنۇم جىددى لازىم  ماتىريال ئىدى.....

qirak 2013-09-16 21:41
يېڭى بىر بىلىمگە ئىگە قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت! كۆپرەك ئاددىي بولسىمۇ، موشۇنداق كومپىيۇتىر بىلىملىرىدىن پات -پات  خەۋەردار قىلىپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. خالىس نىيەتلىرىڭىز بەرىكەت تاپقاي!

مىېھرىما 2013-09-25 15:19
مەنمۇ بەكلا تەستە كىرگەن ئىدىم بۇرۇنراق شۇنداق قىلسىڭز بولمامتى . ھىلمۇ باشقىلاغا قولايلىق يارتىلىپتۇ .بىلمىڭىزنى باشقىلادىن ئايمىغايسىز       

مىېھرىما 2013-09-25 15:19
        

گۈلرۇز 2013-09-25 22:11
مەن بۇرۇن تەۋپىق تورىغا بىر نەچچە قېتىم كىرىشنى ئۇرۇنۇپ باققان بولساممۇ ئوڭۇشلۇق بولماي بەك ئاۋارە بولغانىدىم .رەھمەت سىزگە!

دىلخۇش 2013-09-27 18:24
    

ۋارىسىم 2013-12-16 20:44
بۇرۇن بىلگەن بولسەم بۇنچە جاپا تارتماستىم

نېرۋانا 2014-01-17 16:43
يېڭى ئەزا چەكلىمىسى بەك كۈچلۈك ئېكەن .

گۈلنىھال 2014-01-17 17:07
‏توغرا ، يېڭى ئەزانىڭ رىسمىلەشمىكى بەكلا تەسكەن . بىلىپ - بىلمەي تەۋپىق دوللىرىگە قەرىز بوپ قاپتىمەن ، شۇنچە تىرشىپمۇ ھېچ تۈگىتەلمەي قىيلىنىپ كېتىۋاتىمەن . مەكتەپتە دەرس يوق ، ئائىلىدە ئىشتىن بىكار بولغان ۋاقىتلارنىڭ ھەممىسىدە تىما يوللاش ، ئىنكاس يېزىش بىلەنلا بولىمەن . بۇرۇنقىدەك بازار ئايلىنىدىغان ، دوستلارنى ئىزلەيدىغان ئىشلار مەندە ئاساسەن يوق . لىكىن ، قەرزىم تۈگىمەي جاپادا قالدىم .
‏نىم سەۋەپتىن تەۋپىق دوللىرىگە قەرىز بولۇپ قالغانلىقىمنىڭ سەۋەبىنى بىلسەممۇ ھاردۇقۇم چىقىپ قالاتتى . لىكىن بۇنداق سۆزلەرگە ئىزاھات بېرىدىغانغا  باشقۇرغۇچىللىرىمىزنىڭ نەدىمۇ ۋاقتى بار دەيسىز . ئۇلارنىڭمۇ مىڭ تاغار ئىشى بار تۇرسا ، ھەي ......  

سەئىدىيە 2014-01-17 22:05
مەنمۇ يېڭى ئەزا ئىدىم . ماتىريال چۈشۈرەي دىسەم چۈشۈرەلمىدىم .

تىما يوللاي دىسەم ، تىما يوللايدىغان سەھىپىلەرمۇ ئېچىلمىدى. تىما يوللايدىغان سەھېپىلەر قانداق شەرىت ئاستىدا ئېچىلىدۇ ؟


سەئىدىيە 2014-01-17 22:11
يەنە بىر سۇئالىم بار ئىدى ، مەن ھەر كۈنى دىگۈدەك مۇنبەردە بار بولساممۇ ، لىكىن
‹‹ توردىكى ۋاختى ››  دىگەن يەردە ھېچقانداق ۋاختىم يوق ئىكەن .
يەنى ‹‹ توردىكى ۋاختى  0  سائەت ››  دەپ چىقىدىكەن . بۇنىڭ سەۋەبى نىمە ؟
زادى قانچىلىك ۋاقىت تۇرغاندا توردىكى ۋاختى چىقىدۇ ؟

قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ بەرگەن بولسىڭىز .   ئاۋارە قىلدىم . ھارمىغايسىز . رەھمەت !

قاراخان 2014-01-25 10:15
tawpek:يەنە چۈشەنمىگەن تەرەپلەر بولسا قالدۇرساڭلار جاۋاپ بىرىمەن. (2013-04-22 00:31) 

سۇئال قالدۇرساق جاۋاپ بەرمەيدىكەنسىز، بۇ تىما سۇئال بىلەن توشۇپ كېتىپتۇ.

ياسىنجان510 2014-01-25 15:27
بۇ دەرسلىك داۋاملىق كۆرۈنۈپ تۇرىشى كېرەك ئىكەن ،بولمىسا لازىم بولغاندا تېپىلماي قالىدىكەن.

قىز 2014-02-18 23:00
    

tawpek 2014-02-21 23:57
مەلىكەبېلقىس:تەۋپىق ئەپەندىم، ناھايىتى ياخشى قىلىپسىز، مەن ئىلگىرى باشقا بىر ئىسىم بىلەن ئەزا بۇلۇپ كىرىپ بەزى تېمىلارنىمۇ يولاپ ،دەرىجەم خېلى ئېشىۋىدى  .. (2013-04-28 19:48) 

ئىلگىركىدە كىرەلمىگەن بولسىڭىز بۇ ئۆزىڭىزنىڭ خاتالىقى ئوخشايدۇ،  يازما يوللىغان ئەزا ئەزەلدىن ئۆچۆرۆلمەيدۇ.

ئالاقىلاشقان بولسىڭز ئىسىم ۋە پارولنى تىپىپ بىرەتتىم.

ئۆچۆرۆلىدۇ دىگەن گەپ ھىچقانداق يازما يوللىمىغان ئەزالارغا قارىتىلغان.  

بىرەر تال تېما ئىنكاسىڭىز بولسىمۇ بولسا قەتئى ئۆچۆرۆلمەيسىز.

tawpek 2014-02-22 00:00
پاتەمنىسا:ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مەن مۇنبەرگە يىڭى ئەزا بولۇپ كىرگەن. بىر قىسىم ماتىرياللارنى چۇشىرەي دىسەم  چۇشۇرەلمىدىم.جۇغلانما نومۇر يەتمەيدۇ د .. (2013-09-15 23:02) 

جۇغلانمىغا ئىرىشىڭىز ئۈچۈن يەنى مۇنبەردىكى بەزى ماتىرىياللاردىن پايدىلىنىش ئۈچۈن  سىزمۇ ئۆزىڭىزدە بار ماتىرىيالنى ھۇزۇرىمىزغا سۇنسىڭىز جۇغلانمىڭىز ئۆزلىكىدىن ئاشىدۇ.


ياكى باشقىلارنىڭ يوللانمىللىرىغا سەمىمى تەكلىپ پىكىرلىرىڭىزنى بەرسىڭىزمۇ جۇغلانمىغا ئىرىشىسىز.

ئۇنىڭغىمۇ ۋاختىڭىز يەتمىسە مۇنبىرىمىزنى قوللاش يۈزىسىدىن ھەق تۆلەپ  ئالامس ئەزالىققا تىزىملاتسىڭىز شەرىتسىز كۆرەلەيسىز.

tawpek 2014-02-22 00:03
گۈلنىھال:‏توغرا ، يېڭى ئەزانىڭ رىسمىلەشمىكى بەكلا تەسكەن . بىلىپ - بىلمەي تەۋپىق دوللىرىگە قەرىز بوپ قاپتىمەن ، شۇنچە تىرشىپمۇ ھېچ تۈگىتەلمەي قىيلىنى .. (2014-01-17 17:07) 

تېما يوللاشتا ئۆز ئەجرىمىزگە، ئىنكاس يىزىشتا سەمىمىيەتكە ئەھمىيەت بەرسەك  قەرىزگە چۈشۈپ قالمايمىز.

يوللانسا جۇغلانما بىرىلىدۇ،  ئۆچۆرۆلسا تۇتۇپ قىلىنىدۇ.

ئەگەر ئىپادىڭىز ياخشى بولسا بىز مۇكاپاتلاش ئارقىلىق قەزىڭىزنى قىسقا مۇددەت ئىچىدە تۈگىتىشكە كاپالەت بىرىمىز.

tawpek 2014-02-22 00:05
سەئىدىيە:مەنمۇ يېڭى ئەزا ئىدىم . ماتىريال چۈشۈرەي دىسەم چۈشۈرەلمىدىم . تىما يوللاي دىسەم ، تىما يوللايدىغان سەھىپىلەرمۇ ئېچىلمىدى. تىما يوللايدىغان س .. (2014-01-17 22:05) 

تېما يولليدىغان مەخسۇس سەھىپە يوق،

ئەزالىق سالاھىيتىدە كىرىپ ھەر قانداق بىر تېمىنى ئاچسىڭىز   تېما  يوللاش،  ئىنكاس يوللاش   دىگەن خەتنى ئۇچرىتىسىز.

شۇنى بىسىپلا  تەلەپ بويچە مەشخۇلات قىلىڭ.

tawpek 2014-02-22 00:11
سەئىدىيە:يەنە بىر سۇئالىم بار ئىدى ، مەن ھەر كۈنى دىگۈدەك مۇنبەردە بار بولساممۇ ، لىكىن ‹‹ توردىكى ۋاختى ››  دىگەن يەردە ھېچقانداق ۋاختىم يوق ئ .. (2014-01-17 22:11) 

بۇ يىڭى  سىستىمىدا بەزى ئەزالارنىڭ شۇنداق ئىكەن،

پەرىزىمچە مۇنبەردە تۇرۇپ مەشخۇلات قىلمىغان ۋاختىمىكىن دەپ ھىس قىلدىم.

مەسىلەن  سىز ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يوللانمىڭىز خىلى كۆرىنەرلىك،

يوللانغان مەزمۇن بىلەن سىزنىڭ توردىكى ۋاختىڭىزنى ھىساپلاپ نىسبەتلەشتۈرگەندە ئاساسەن سىزنىڭ مۇنبەرگە كىرگەندە مەشخۇلات قىلماي قاراپ تۇرىدىغان ۋاختىڭىزنىڭ كۆپ ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدىغاندەك قىلىدۇ.


tawpek 2014-02-22 00:13
قاراخان:سۇئال قالدۇرساق جاۋاپ بەرمەيدىكەنسىز، بۇ تىما سۇئال بىلەن توشۇپ كېتىپتۇ. (2014-01-25 10:15) 

مۇنبىرىمىز تىخى مۇكەممەللىشىش  باسقۇچىدا بولغاچ،  باشقۇرغۇچىللىرىمىزدا ۋاختىنە  ئىنىق ۋەزىپە تەخسىماتى بولماسلىق تۈپەيلى بەزى تەرەپلەردە سەۋەنلىكلەر ئۆتۆلدى.

بۇندىن كىيىن تەۋپىق تور  ئىشخانىسى سەھىپىسىگە يوللانغان ھەرقاندان بىر تېما ئىنكاسقا ۋاختىدا جاۋاپ  بىرىشتە  كاپالەتلىك قىلىمەن.

قاراخان 2014-02-22 10:06
tawpek:بۇ يىڭى  سىستىمىدا بەزى ئەزالارنىڭ شۇنداق ئىكەن،پەرىزىمچە مۇنبەردە تۇرۇپ مەشخۇلات قىلمىغان ۋاختىمىكىن دەپ ھىس قىلدىم........ (2014-02-22 00:11) 

مېنىڭ توردىكى ۋاقتىممۇ ھازىرغىچە نۆل سائەت، بۇ ھېساپلاش ئۇسۇلى ئانچە ئىلىمي ئەمەس، نېمىشقا دېگەندە مېنىڭ مۇنبەردە مەشغۇلات قىلىدىغان ۋاقتىم كۈندە كەم دېگەندە ئىككى-ئۈچ سائەت ، قارىغاندا سېستىمىدىكى ئازراق خاتالىق بولسا كېرەك.

tawpek 2014-02-22 21:27
قاراخان:مېنىڭ توردىكى ۋاقتىممۇ ھازىرغىچە نۆل سائەت، بۇ ھېساپلاش ئۇسۇلى ئانچە ئىلىمي ئەمەس، نېمىشقا دېگەندە مېنىڭ مۇنبەردە مەشغۇلات قىلىدىغان ۋاقتى .. (2014-02-22 10:06) 

بۇ ئىش مىنىڭ دىققىتىمنى تارتىقىلى ئانچە ئۇزۇن بولمىدى.

بۇ بىرەر قانۇنىيەتكە چۈشمەيدىغان خاتالىقتەك قىلىدۇ.

مۇشۇنداق بولوپ قالغانلاردىن يەنە كىملەرنىڭ بارلىقىنى بىلىپ ئاندىن خاتالىق سەۋەبىگە دىئاگنۇز قويۇپ باقاي.

قاراخان 2014-02-22 21:53
tawpek:بۇ ئىش مىنىڭ دىققىتىمنى تارتىقىلى ئانچە ئۇزۇن بولمىدى. بۇ بىرەر قانۇنىيەتكە چۈشمەيدىغان خاتالىقتەك قىلىدۇ........ (2014-02-22 21:27) 

بولىدۇ، ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن.

salima119 2014-02-28 00:21
جۇغلانما نومۇرىنى قانداق ھىساپلايدۇ؟ چۈشەنچە بەرسىڭىز ؟ بىز ئاياللار مەكتەپتە خىزمەتچى ،ئائىلىدە ئانا ھەم ئاياللىق مەجبۇريىتىمىزنى ئۆتەيمىز دەپ تورغا چىقىشقا ۋاقتىمىز تازا يەتمەيدىكەن ،كىرەكلىك دىتاللارغا ئىھتىياجلىق بولغاندا جۇغلانما نومۇرىمىز يەتمەيدىكەن .شۇ سەۋەبتىن ماڭا قانداق ئۇسۇللاردا مۇشۇ جۇغلانما نومۇرنى كۆپ تاپىدۇ  شۇنى دەپ بەرسىڭىز؟ رەھمەت

ۋارىسىم 2014-03-03 09:43
ھەقلىق ئەزا بۇلۇشنىڭ ئۇسۇلى ۋە شەتلىرىنى ئېيتىپ بەرسەڭلا بوپتىكەن .

ۋارىسىم 2014-03-03 09:44
ھەقلىق ئەزا بۇلۇشنىڭ ئۇسۇلى ۋە شەتلىرىنى ئېيتىپ بەرسەڭلا بوپتىكەن .

گۈلقىز 2014-03-03 14:30
بۇ تېمىنى يوللىغىنىڭىزغا رەھمەت!  بەزى دەرس تەييارلىقلىرىنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن جۇغلانما نومۇرۇم يەتمەيدىكەن، شۇ مەسىلىنى ھەل قىلىۋاساملا ئىشلىرىم ئاسان بولغۇدەك!

tawpek 2014-03-03 17:17
salima119:جۇغلانما نومۇرىنى قانداق ھىساپلايدۇ؟ چۈشەنچە بەرسىڭىز ؟ بىز ئاياللار مەكتەپتە خىزمەتچى ،ئائىلىدە ئانا ھەم ئاياللىق مەجبۇريىتىمىزنى ئۆتەيم .. (2014-02-28 00:21) 

1.ئۆزىڭىزدە بار ماتىرىياللارنى سۇنۇڭ ، باشقىلارمۇ بەھىرلەنسۇن.
2.باشقىلارنىڭ يوللىغان تېما ئىنكاسلىرىغا قارىتا ئۆزىڭىزنىڭ قارىشىنى ئىنكاس سۈپىتىدە قالدۇرۇپ باھا يىزىڭ.
3.ئەگەر ۋاختىڭىز قىس بولوپ يۇقارقىلارغا ۋاقىت چىقىرالمىسىڭىز تور بېكىتىمىزنى قوللاش يۈزىسىدىن ئالماس ئەزالىققا ئىلتىماس قىلىپ ئىختىسادى جەھەتتتىن قوللاپ بىرىڭ  ھىساۋاتىڭىزغا تۆلىگەن پۇلىڭىزغا ئاساسەن جۇغلانما قاچىلاپ بىرىلىدۇ.

يۇقارقى ئۇسۇللاردا مۇنبەردىكى ماتىرىياللاردىن بەھىرلىنىش چەكلىمىسىنى بۇزالايسىز.

tawpek 2014-03-03 17:20
ۋارىسىم:ھەقلىق ئەزا بۇلۇشنىڭ ئۇسۇلى ۋە شەتلىرىنى ئېيتىپ بەرسەڭلا بوپتىكەن . (2014-03-03 09:44) 

مۇنبىرىمىزنى قوللاش يۈزىسىدىن خالاپ ھەق تۆلەيسىز،  تۆلىگەن ھەقكە ئاساسەن جۇغلانما قوشوپ بىرلىدۇ ۋە بىر يىلغىچە ئالاھىدە يازما كۆرۆش ھوقوقىدىن بەھرىمەن بولىسىز.

ھازىرچە 150  يۈەن، بۇ ھەقتىكى تەپسىلى تېما مۇنبەردە بار.

ئالاھىدە ھوقوق ئىمتىيازلارنى شۇ تېمىدىن كۆرۆڭ.

tawpek 2014-03-03 17:21
گۈلقىز:بۇ تېمىنى يوللىغىنىڭىزغا رەھمەت!  بەزى دەرس تەييارلىقلىرىنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن جۇغلانما نومۇرۇم يەتمەيدىكەن، شۇ مەسىلىنى ھەل قىلىۋاساملا ئ .. (2014-03-03 14:30) 

يوققا ئىرىشىش ئۈچۈن ئۆزىمىزدە بارنى يوللاپ ماتىرىيال مەنبەسىنى كىڭەيتىش مەخسىتىدە مۇشۇنداق قىلغان.

چۈشىنىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز.

ئەلدىيار 2014-03-17 23:27
مەنمۇ ئىلگىرى تىزىملاتقاندەك قىلىۋىدىم.تازا يادىمدا يوق.مەنمۇ مەخپى نۇمۇرنى ئۇنتۇپ قىلىپ كىرەلمىگەن ئىدىم.بۇتېمىنى بۇرۇنراق كۆرگەن بولسامچۇ

زىبا2 2014-05-13 18:00
بەك ياخشى يوللانما بوپتۇ...


查看完整版本: [-- مۇنبىرىمىزگە ئەزا بولوش ۋە كىرىش دەرىسلىكى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled