r.muhemmet |
2013-04-16 16:37 |
«قارمۇ قارشى » سۆزلەردىن چىققان جاۋاب ...
ئىشتىن يېنىپ كېلىپلا تېخى ئايىغى چىقمىغان ماتېرياللىرىمنى ئىشلەشكە كىرىشىپ كەتكەن ئىدىم. ئانام ھاردۇق ئېلىشنى ئۇنتۇپ ئىش باشلىغىنىمنى كۆرۈپ رەنجىپمۇ قويدى... مەن بۇلارغا كۆنۈك بولغاچقا بىرنى كۈلۈپ قويۇپ . ماتېريال ئىزدەش بىلەن ئاۋارە بولۇشقا باشلىدىم... شۇ تەرقىدە بىر قانچە سائەت ئىشلەپ، يورۇق تاڭنى ئۇزۇتۇپ، كېچىنىمۇ كۈتىۋالغان ئىكەنمەن. قېتىپ قالغان مۇرىلىرىمنى قىسىپ، قولۇم بىلەن شاپىلاقلاپ قويۇپ، ئىشنى داۋام قىلاي دەپ تۇرۇشۇمغا تېلفۇن كېلىپ قالدى. تەپەككۇرىمنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ تېلفۇننى ئالماسلىقنى ئويلىدىم، لېكىن بۇنچە كەچتە تېلفۇن قىلغىنىدىن قارىغاندا بىرە مۇھىم ئىشى بار بىرسى بولسا كېرەك، دېگەن خىيال بىلەن قارىسام، رايون نومۇرى « كۈيتۈن ... » ئىكەن. بۇ كىمدۇ ؟ ساۋاقدىشىم ئەمەس، ئۇنداقتا بۇ ... مۇشۇلارنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزگەچ تېلفۇننى ئالدىم. PB BJ.!Pb ــ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ياخىشمۇ سىز... ``{GU}n قارشى تەرەپ بىر ئوقۇغۇچى ئىدى، مەن ئۇياقنىڭ سالامىنى ئېلىك ئالغاندىن كېيىن كىملىكىنى، تېلفۇن قىلىشتىكى مەقسىدىنى سورىدىم. ئۆزىنى قىسقىلا تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر تىلىغا ئائىت بىر مەسلىنى بىلىۋىلىش ئىستكىدە تېلفۇن ئالغانلىقىنى ئېيتتى. qn}VW0! «قارمۇ قارشى » دېگەن سۆزنى تۈزۈلۈشىدىن قانداق سۆز دېسەك بولىدۇ؟ ــ دەپ سورىدى ئۇ. A4KkX ئۇنىڭ سوئالىنى ئاڭلغاندىكى بىرىنچى ئىنكاسىم « مۇ » يۈكلىمىسىدە بولدى - دە، ئىسىملارنىڭ گرامماتىكىلىق خۇسۇسىيتىدە كۆرسىتىلگەن بىر قائىدىنى ئېسىگە سالدىم. « ئىسىملارغا ‹ مۇ › يۈكلىمىسى قوشۇلۇپ، تەكرارلانسا ھالەت رەۋىشى بولىدىغانلىقىنى، بۇ خىل سۆزلەرنىڭ ياسىلىش يولىنى شۇ قىسىمدا سۆزلىگەنلىكىنى ئېسىگە سالغاندىن كېيىن، بۇ سۆزنىڭ ياسىلىشى ھەققىدە چۈشەنچە ئايدىڭلاشتى. ئەمدىكى گەپ بۇ سۆزنىڭ تۈزۈلشىنى ئايرىش ئىدى. *Z2Ko5&Y2 جۈپ سۆز بولۇش ئۈچۈن ئوتتۇرسىغا سىزىچە قويۇلۇشى كېرەك ، بىرىككەن سۆز بولۇشى ئۈچۈن سۆزلەر قوشۇپ يېزىلغاندىن باشقا، بۇ سۆزنىڭ مەنىسى ئىككى سۆزنىڭ مەنە يىغىندىسى بولماسلىقى كېرەك، ياسالما سۆز بولسا ياسىلىش يولى قانداق( سۆز تومۇرى قايسى، قوشۇمچە قايسى ) ئىزتىراپلىق سوئاللارغا جاۋاب چىقىدىغاندەك قىلمايتتى. ئېنىقىنى قىلىپ ئېيتقاندا « يۈزمۇيۈز، قارمۇقارشى، ئارقىمۇئارقا، يانمۇيان ...» دېگەندەك سۆزلەرنىڭ تۈزۈلۈشى ھەققىدە ئويلىنىپ باقمىغانلىقىم ئېنىق ئىدى. شۇڭا كەسىپداشلار بىلەن پىكىرلىشىپ، ماتېريال كۆرۈش ئارقىلىق جاۋاب بېرىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ، خوشلاشتىم... Vk[M .=J ھەيرانمەن، بۇ خىلدىكى سۆزلەرنى دائىم ئىشلىتىپ تۇرىمەن، « مۇ » يۈكلىمىسىنى قوشۇش ئارقىلىق ئىسىملاردىن رەۋىشلەرنى ياساپ چىقىشنى سۆزلەپتىمەنمۇ، ھەجەپ بۇ سۆزنىڭ تۈزۈلۈشىدىن قانداق سۆز بولىدىغانلىقىنى ئويلىشىپ باقماپتىمەن... قىززىق مەن بىپەرۋالىق قىلدىممۇ؟ ياكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىزدىنىشى، مېنى غىدىقلىشى يېتەرلىك بولماي مۇشۇ كۈنگە كەلدىممۇ ...؟ D& &71X ' شۇنداق قىلىپ بىر كۈن ماتېريال كۆردۈم، كەسىپداشلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق بۇ خىلدىكى سۆزلەرنىڭ تۈزۈلۈشىنى ئايرىش ــ بىكىتىشكە ئاساس تاپتىم. شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئوقۇغۇچىغا تېلفۇن قىلىپ ئېرىشكەن جاۋابىمنى يەتكۈزدۈم. $uRi/%Q9 ئۇستازىمدىكى مەزكۈر مەسىلىدىكى قارىشى « مۇ » يۈكللىمىسى بىلەن كەلگەن سۆزلەرنى تۈزۈلۈشىدىن جۈپ سۆز دەپ قاراشقا بولىدۇ. دېگەندىن ئىبارەت بولدى. ئۇنداقتا جۈپ سۆز بولسا ئوتتۇرغا سىزىقچە قويۇلۇشى كېرەك ئىدى. بۇ قانداق قۇرۇلمىدىكى جۈپ سۆز؟ دېگەن سوئالنى قويدۇم. شۇنىڭ بىلەن بىر ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىزاچلىق لۇغىتىگە مۇراجەت قىلدۇق. N!-P2) @ 1998- يىلى نەشىردىن چىققان « ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى » دە بۇ خىل قۇرۇلمىدىكى سۆزلەرنى « جۈپ سۆز » بولىدۇ، بۇ سۆزلەرنىڭ قۇرۇلمىسى ــ تۈزۈلۈشى ئالاھىدە بولغانلىقى ئۈچۈن سىزىقچە قويۇلمايدۇ. دەپ بىر قانچە سۆزنى مىسال قىلىپ بەرگەن. GR 1%(, 2008- يىلى نەشىردىن چىققان « ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى » دە بولسا بىرىككەن سۆزلەر قاتارىدا تەھلىل قىلىنىپ، بىرىككەن سۆزلەرنىڭ ھەققىدىكى تالاش - تارتىش بولىۋاتقان مەسىلىلەر ئەسكەرتىلگەندىن كېيىن « مۇ » يۈكلىمىسى بىلەن كەلگەن سۆزلەر بىرىككەن سۆز بولىدۇ، ئۇلار قوشۇپ يېزىلمىسىمۇ، ئەمما يېقىن يېزىلىدۇ. دەپ كۆرسىتىلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا بىرىككەن سۆزلەر قاتارىغا «ئۇ » باغلىغۇچىسى بىلەن كەلگەن سۆزلەرنىمۇ مىسال قىلغان يەنى باغۇبوستان، يەرۇزېمىن، تاغۇتاش، ئاسمانۇپەلەك... دېگەندەك سۆۆزلەرنىمۇ بىرىككەن سۆز بولىدۇ، بۇ سۆزلەرنىڭ يېزىلىشىدىمۇ ئوخشاشلا يېقىن يېزىش ئۇسۇلى بىلەن ئىپادىلىنىلىدۇ، دەپ كۆرسىتىلگەن. x>T+k8[n خۇلاسە قىلغاندا، بىر قىسىم سۆزلەرنىڭ يېزىلىشى ھەم تۈزۈلۈشى ئالاھىدە بولغانلىقى ئۈچۈن ياسىلىش، تۈرلىنىش يولىنى ئايرىش بىزە قىيىن، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا نوپۇزلۇق قورال كىتاپ ھەم پايدىلىنىش ماتېرياللىرىنى ئاساس قىلىپ جاۋاب ئىزدەشكە، سۆزلەرنى تۈپ سۆز ھەم قوشۇمچىلارغا ئايرىپ قايتىدىن بىرىكتۈرۈش، سۆزنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئېنىقلاش ئارقىلىق ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇنىسى ئېسىمىزدە چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەككى، ئۇيغۇر تىلىدىكى قائىدە قانۇنىيەتلەر كۆپ قىسىم تىل مەسىللىرىنى تەھلىل قىلىش، ھەل قىلىشقا ئىمكانىيەت بەرسىمۇ، بىر قىسىم سۆزلەر ئومۇمىي قائىدە-پىرىنسىپلارغا چۈشمەي قالىدۇ. ^}J,;Zhu5 ھاسىلاتىم شۇ بولدىكى، « مۇ »يۈكلىمىسى بىلەن كەلگەن سۆزلەرنىڭ تۈزۈلۈشىگە قايتىدىن قاراپ، بىرىككەن سۆز بولىدىغانلىقىنى بىلىۋالدىم، يەنە بىرى بۇ ھەقتىكى پىكرىمنى كەسىپداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش ئىستىكىدە مۇنبەرگە سۇندۇم. قىممەتلىك پىكىرلىرىڭلارنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتۈشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. |
|