查看完整版本: [-- مەشھۇر ئەسەرلەرنى تۇنۇشتۇرۇش ـــ ئەنجانباي --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئاتالغۇلارغا ئىزاھات -> مەشھۇر ئەسەرلەرنى تۇنۇشتۇرۇش ـــ ئەنجانباي [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tawpek 2013-04-15 10:56

مەشھۇر ئەسەرلەرنى تۇنۇشتۇرۇش ـــ ئەنجانباي

مەشھۇر ئەسەرلەرنى تۇنۇشتۇرۇش ـــ ئەنجانباي yDk|ad|  
ھالاكەت ـــ ئۆلۈم، قېرىلىش، يۇقىلىش، مەغلۇب بولۇش. '1o1=iJN@$  
شىتاب ـــ ① ھەربىي قىسملارنىڭ قۇماندانلىق ئورگىنى. ② يەرلىك ئۇرۇنلاردىكى بىرەر ئىنشائات ياكى قۇرلۇش ئىشلىرىغا يىتەكچىلىك قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان فونكىسىيلىك ئورگان، رەھبەرلىك ئاپاراتى.   s*blZdP  
غەشلىك ـــ بىرەر نەرسىدىن تەشۋىشلىنىش، بىئاراملىق. ~[E@P1  
بىرىگادا ـــ بىر نەچچە پولىك، باتالىئۇن ياكى دىۋىزىيەدىن ، دېڭىز فىلوتىدا بولسا نەچچە تۈردىكى ھەربىي كىمىلەردىن ئىبارەت ھەربىي قۇشۇلما. KZK9|121  
پولىك ـــ دېۋىزىيەدىن ياكى بىرگادا سوستاۋىغا كىرىدىغان بىر نەچچە باتالىئۇن ۋە روتىدىن تەشكىل تاپقان ئالاھىدە ھەربىي قىسىم. fa~u<m   
كوماندىر ـــ ھەربىي قىسىم ھەر خىل توپ كوماندىسى قاتارلىقلارنىڭ باشلىقى. b7X-mkF  
خادىم ـــ مەلۇم بىر ئىدارە ياكى مۇئەسسەسىدە ئىشلەيدىغان كىشى. y-Xd~<*Ia  
گېنىرال ـــ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەل ۋە شۇ ئەمەلگە ئىرىشكەن كىشى؛ جىياڭجۈن. h}vzZZ2,  
لىيتنانت ـــ جۇڭۋىي، ھەربىي قىسىمدا مايۇردىن يۇقىرى ، ئىككىنچى دەرىجىلىك ھەربىي ئونېۋان. UIpW#t  
لېنىيە ـــ ① ئېلىكتىر ئېقىمى، سۇيۇقلۇق، پار، قاتناش ۋاستىلىرى، شۇنىڭدەك ھەرىكەتچان جىسىملار بېسىپ ئۆتىدىغان يول؛ سىم. ② سىزىق، رەت، سەپ. ③ يۈنىلىش، تەرەپ.   Y5J}*`[Mr  
ئىسكىلات ـــ ئاشلىق ياكى زور مىقداردىكى ماددىي ئەشيالار ساقلىنىدىغان ئۆي، ئامبار. m -{t%[Y  
كىپىللىك ـــ بىرەر ئىشنىڭ ئەمەلگە ئېششىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان شارائىت، ۋاستە. 8XwZJ\5  
ئوچۇم ـــ ① ئىككى ئالقاننى بىرلەشتۈرۈپ، بارماقلارنى ئۈستىگە قارىتىپ سەل يىغقاندا، ھاسىل بولغان بوشلۇق. ② ساناق سانلار بىلەن كىلىپ « سېغىمى ئۇچۇم كىلىدىغان » « ئۇچۇمغا باراۋەر » دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. ③ بىر سۈزى بىلەن بىرىكىپ بەزى، قىسمەن، ئاز ساندىكى دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. T?p' R  
مۇشتۇمزور ـــ يوقسۇل، نامرات، كەمبەغەللەرنى رەھىمسىزلەرچە ئىكىسپولاتاتسىيە قىلىدىغان، ئېىزىدىغان زوراۋان. )p,uZ`~v  
مەلئۇن ـــ لەنەت قېلىنغان، لەنىتى، ئۆلگۈر. jGM+  
بىشەم ـــ ئىزا تارتىمايدىغان بەتخۇي، قېلىقسىز. i\4Qv"%  
پود پولكوۋنىك ـــ پولكوۋنىكلىق ئونېۋانىدىن تۈۋەن بولغان ئوفىتسىرلىق ئونېۋانى ۋە شۇ ئۇنىۋانغا ئىگە ھەربىي ئادەم.   w&A &BE^O/  
كالتە پەم ـــ ئەقىلسىز، ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلىماي قىلىدىغان، كەم ئەقىل، پەمسىز. بىرەر ئىشقا پەمى يوق، پاراسەتسىز. .d\<}\zZ7J  
ئالىتاغىل ـــ ① ئاق داغلىرى بولغان ھەر خىل رەڭ ئالغان. ② بىر خىل بولمىغان، تەرتىپسىز، قالايمىقان، ئېگىز- پەس، يۇقىرى- تۈۋەن. ER z@o_  
جاۋىلىداش ـــ ئاغىزى بېسىلماي سۆزلەش، توختىماي گەپ قىلىدىغان قىلىق. Hh/Z 4`&yi  
قارام ـــ ① ھەر قانداق ئىشنى تەۋەككۈلىگە قىلىدىغان، تەۋەككۈلچى. ② باتۇر، قۇرۇقماس.   =1rq?M eX  
دېۋىزىيە ـــ بىر نەچچە باتالىئۇن ۋە روتىدىن تەشكىل تاپقان، تۈرلۈك قۇراللار بىلەن قۇراللانغان ھەربىي قىسىم. oiG@_YtR  
سۈيىقەسىت ـــ بىراۋغا روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن زىيان- زەخمەت يەتكۈزۈش، ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن قېلىنغان ھەرىكەت، قەسىت. Ol;}+?[Q  
ئىشپىيۇن ـــ دۆلەتنىڭ مۇھىم ئاخباراتىنى ۋە ھەربىي سىرلىرىنى مەخپىي ھالدا ئىگەللەپ، ئۇنى ئوغرىلاپ باشقا مەملىكەتكە، دۈشمەن تەرەپكە يەتكۈزۈپ بىرىدىغان شەخىس، جاسۇس. MX3ss,F  
مۇناپىق ـــ ① تىلى باشقا، دىلى باشقا، سۆز- ھەرىكىتى بىر- بىرىگە توغرا كەلمەيدىغان سەمىيمىيەتسىز، ئىككى يۈزلىمە. ② قارا يۈز، ۋىجدانسىز دېگەن مەنىدىكى تىل- ھاقارەت سۆزى. M6ol/.G [  
غالچا ـــ باشقىلارغا خىزمەت قىلىدىغان كىشى، مالاي، چاكار، يالاقچى. \M ]w I  
زومىگەر ـــ زورلۇق كۈچىگە تايىنىپ بىرەر جاي ياكى ساھەنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان، خەلقنى بۇزەك قىلىدىغان، ھەمدە باشقىلارنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىش بەدىلىگە ھايات كەچۈرىدىغان ئەكسىيەتچى ئونسۇرلار. tDuQ+|~M  
رىزىق ـــ ① دىنىي چۈشەنچىلەرگە ئاساسلانغاندا خۇدا ھەر بىر كىشى ھەر بىر جان ئۈچۈن ئاتىغان نېسىۋە. ② ھايات كەچۈرۈش، تىرىكىچىلىك ئۈچۈن زۈرۈر بولغان ئۇزۇق- تۈلۈك، ئوقەت. #}^ kMD >  
چاڭ سېلىش ـــ قول ئۇزاتماق، قول سالماق، چېقىلىش. # ;,b4O7@  
تەكەببۇر ـــ  ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان، كىبىرلىك. sLx!Do$'  
مۇستەبىت ـــ زالىم ھۆكۈمران، ئىستىبىدات. G0sg\]  
بوھتان ـــ ئاساسى بولمىغان پىكىر ، تۆھمەت . `jR = X  
تراگىدىيە ـــ ① باش قەھرىمان بىلەن رېئال مۇھىت ئوتتۇرىسىدىكى مۇقەررەر تۇقۇنۇشتا ، باش قەھرىمان بەخىتسىزلىككە ئۇچىراپ ، پاجىئە بىلەن ئاخىرلىشىدىغان بىر خىل تىياتىر تۈرى. ② دەھشەتلىك ۋەقە ، ھادىسە؛ پاجىئە؛ ~lx5RTkp  
تۈس ـــ ① رەڭ بۇياقلارنىڭ بىر- بىرىدىن پەرىقلىنىدىغان ئايرىم تۈرى؛ رەڭ. ② تاشقى كۈرۈنىش، قىياپەت، تەقى- تۇرقى. ③ خاراكتىر. ④ پېئىلدا ئىپادىلىنىدىغان گرامماتىكىلىق كاتىگورىيىلەرنىڭ بىر تۈرى. z 3IQPl^  
بېتىم ـــ كېلىشىم، توختام، قارار، پۈتۈم. }r&^*" 2=  

مەمەتئېلى 2013-04-15 12:13
تەۋپىق ئەپەندىمگە رەھمەت. نۇرغۇن جايلىرىدىن پايدىلىنىۋالدىم

ئەكبەرنىياز 2013-04-15 13:41
مۇشۇ سەھىپىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقى بەكلا ياخشى بوپتۇ ، ئەمدى ھەر قايسى  تېكىستلەردىكى چۈشىنىكسىز سۆزلەرگە ئىزاھات بېرىشتە قىينالمايدىغان بولدۇق . _KC)f'Cx  
كۆپ رەھمەت ، جاپا چېكىۋاتىسىز !!! Q+)fI  
-fuSCj  
ئەدەسسىز مۇكەممەلكەنيا بۇ ماتىريال ، قولىڭىزغا ھۆددەس دەرت كەلمىسۇن ماقىما !؟  

tawpek 2013-04-22 01:04
ئەتە ئۆتىمەن بۇ دەرىسنى. لىكىن ئارانلا ئىككى سائەت. #>GUfhou)  
Kf2*|ZHj  
ئاۋازلىق ئەسىرىنى ئاڭلىتىپ قويسام بولغۇدەك. {uh]b (}s)  
]Gm,sp.x  
ئەپسۇس كىتابى يوق. hL~@Ah5&t  
`DIIJ<;g  
))cL+ r  
ئىلكىتابى بارمىدۇ؟

خىيالىي 2014-03-03 18:25
رەھمەت سىزگە،ئىزدىنىشچانلىقىڭىزغا ئاپىرىن!

بابۇر0725 2014-03-13 23:55
بەكمۇ ياخشى بولدى رەھمەت سىزگە

ئارزۇيۇم 2014-06-09 12:27
بەك ياخشى بوپتۇ.تىرىشچانلىقىڭىزغا قايىلمەن. zJWBovT/  

نىھان 2014-06-09 17:49
رەھمەت سىزگە ماڭا بەك لازىمتى


查看完整版本: [-- مەشھۇر ئەسەرلەرنى تۇنۇشتۇرۇش ـــ ئەنجانباي --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled