ئە.نىياز:بىر ئادەم كېلىۋاتقۇدەك...
بىر ئادەم كېلىۋاتقۇدەك ... X1wlOE (نەسىر ) J~jxmh مۇنبىرىمىز ئۇستاز يازغۇچىسى ئاتىللانىڭ «ئابدۇخالىق ئويغۇر ئۈستىدە قايتا ئويلىنىش » ناملىق ئەسىرىدىن ئىلھام W'98ues% بىر ئادەم كېلىۋاتقۇدەك ، بىر قولىدا قان تامچىپ تۇرغان قېلىچ ، ھۇۋلاۋاتقۇدەك خۇددى كۆك بۆرىدەك !!! يەنە بىر قولىدا قەلەم ، تۆكۈلۈۋاتقۇدەك خەلقى ئۈچۈن جەڭگىۋار مىسرالار ، تاشنىمۇ ئېرىتىۋەتكۈدەك !!! k_,wa]ws$ كۆزلىرىدە ئوت ، يۈرىكىدە ئوت ، قىلىچىدا ئوت ، قەلىمىدە ئوت ...!!! nuvRjd^N كۆيدۈرۈۋاتقۇدەك ئېتىقادسىزلارنى ، خورلۇقنى ھېس قىلالماس بولۇپ قالغان زۇلمەت دىللارنى ، كۆزى تۇرۇپ كۆرەلمەيدىغان ئەمالارنى !!! B8G9V6KS- چېپىۋاتقۇدەك قولىدىكى «ئويغان » سۆزى ئويۇلغان مىسران قىلىچىدا -ئادەم سۆرەتلىك يەتتە باشلىق يالماۋۇزلارنىڭ ئاسىي باشلىرىنى !!! =!R+0 يېزىۋاتقۇدەك ھازازۇل دەۋرنىڭ پىشانىسىگە قان بىلەن «غەزەپ ۋە زار» ىنى ، 1s "/R ئېيتىۋاتقۇدەك ئاجايىپ سېھېرلىك بىر تۈگىمەس ناخشا جەڭگاھلار ئارا : !et[Rdbu يار دەردىدە خۇن بولدۇق ئاچىل ، $qp,7RW تۈگمەنلەردە ئۇن بولدۇق ئاچىل . B|pdqSI ... iC`mj بىر ئادەم سوراۋاتقۇدەك روس جاللىتىنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ ساپ روس تىلىدا : -سەن ئۆز خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ، خاتىرجەملىكى ، ...ئۈچۈن ئادىللىق تەلەپ قىلغانلارنىڭ بېشىغا قىلىچ ئۇرماقچى بولىۋاتىسەن ، ئېيتقىنا، ئاناڭ ساڭا شۇنداق ئۈگەتكەنمۇ ؟! 9FKowF_8 ئۆز قېرىنداشلىرىڭ پارچە نانغا زار بولۇپ يىغلاۋاتسا ، ئۇلارغا نىمىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ، ھەقىقىي باياشاتچىلىقنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇش شۇنچە ئېغىر گۇناھمۇ ؟! ...؟! ;Q{~jT جاللات قىلىچى ئىختىيارسىز تىترەۋاتقۇدەك ! بىر ئادەم سوراۋاتقۇدەك خەنزۇ جاللىتىنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ ساپ خەنزۇ تىلىدا : M[}aQWT$v - ئېيتقىنا ، ئاتا-ئاناڭ نىمە ئىش قىلىدۇ ؟ - جاپاكەش دېھقان . /t$J<bU -ئاتا-ئاناڭنىڭ يىل-بۇيى ئىشلەپ ئاخىردا يەنە ئاچ قۇرساق زار-زار يىغلاۋاتقان ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇرۇپمۇ كارى بولماي كۈنبۇيى ئەيش-ئىشرەتتە ياشاپ ، ئۇلارنىڭ بېشىدا قامچا ئوينىتىۋاتقانلارنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ يەنە ئۇلارنى ماختاپ ، ئۇلار ئۈچۈن ئىشلەمسەن ؟ ! !J/fJW>m6 ئېزىلىۋاتقانلارغا نېمىنىڭ ھەقىقىي ياشاش يولى ئىكەنلىكىنى ، ھەقىقىي بەخت-سائادەتنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ، يول باشلاۋاتقانلارنىڭ بېشىنى كېسىش ئۈچۈن قىلىچ كۆتۈرۈۋاتقانلىقىڭنى ئاتا-ئاناڭ ئاڭلىسا سەندىن رازى بولارمۇ؟! قېرىنداشلىرىڭ سېنى يەنە ماختارمۇ؟! بالىلىرىڭغا ھازىرقى قىلمىش-ئەتمىشلىرىڭنى قانداق چۈشەندۈرەرسەن ؟! ...؟! جاللات قىلىچى ئىختىيارسىز تىترەۋاتقۇدەك ! بىر ئادەم سوراۋاتقۇدەك ئويغۇر جاللىتىنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ ئانا تىلىدا : - كەل قېرىندىشىم ، كەل !!! MzP
q(`W مىللىتىم دەپ ياشاپتىمەن ، مىللىتىم دەپ يېزىپتىمەن ، قېرىنداشلىرىمنىڭ ئىنسان ئىكەنلىكىنى ، ئىنساندەك ياشاش ئەركىنلىكىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈش يولىدا كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئىشلەپتىمەن ! بالىلىرىمىزنىڭ قۇل كەبىي خارۇ-زارلىقتا قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇلۇغ يوللارغا ئات ساپتىمەن ! ... Q[Xh{B بۇنىڭ بەدىلىگە بۈگۈن ئۆز قېرىندىشىمنىڭ قانسىرىغان قىلىچىنىڭ بېشىمدا ئايلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ نىمە دېيىشىمنى بىلمىدىم . na)-' ئېيتقىنا قېرىندىشىم ، ئاتا-ئاناڭ ھازىر ئېتىزدا ئاچ قورساق كەتمەن چېپىۋاتامدۇ ؟ $T-Pl57 ئىنىڭ ھازىر كىملەرنىڭ يۇندىسىنى تۆكۈپ ، دەشنام يەۋاتقاندۇ ؟ سىڭىللىرىڭ ھازىركىملەرنىڭ قولىدا غورۇرى پايخان بولۇپ، سېنىڭ ئىسمىڭنى چاقىرىپ ئاچچىق چېقىراۋاتقاندۇ ؟ ئىككى دۇنيالىق ھالال جۈپتىڭ قارا كۆز بالىلىرىڭنىڭ قۇرسىقىنى توقلاش ئۈچۈن كىملەرنىڭ ئىشىكى ئالدىدا تىزلىنىپ سەدىقە تىلەۋاتقاندۇ ؟ NKX62 ZC
قولۇڭدىكى بۇ قېلىچ ئەسلىي كىملەرنىڭ بېشىغا چېپىلىشى كېرەك ئىدى، قېرىندىشىم ؟ساڭا شىئېر ئوقۇپ بېرەيمۇ ؟ ئەي پېقىر ، ئويغۇر ئويغان ،ئۇيقۇڭ يېتەر ! $eQf 5)5 سەندە مال يوق ئەمدى كەتسە جان كېتەر . r}%2;!T بۇ ئۆلۈمدىن ئۆزۈڭنى قۇتقۇزمىساڭ ، uNoP8U%* ئاھ، سېنىڭ ھالىڭ خەتەر ، ھالىڭ خەتەر !!! vk>EFm8l جاللات قىلىچى زەرپ بىلەن ئۇرۇلغاندا، قۇياشمۇ بۇ قەدەر ۋەھشىيلىككە چىدىماي ئاستا بولۇت كەينىگە مۆكۈۋاتقۇدەك ! D&C83^m يالقۇنتاغ بۇ قەدەر ئاڭقاۋلىقنى كۆرۈپ قاتتىق بىر سىلكىنىپ ئاھ ! دېگەنچە جېمىپ قاپتۇدەك ! زەمزەم كەبىي كارىز سۇلىرى بولۇتلارنىڭ كۆزلىرىدىن يېپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلۈپ بۇ قەدەر ئېچىنىشلىق قىسمەتكە پەرياد ئۇرۇۋاتقۇدەك ! %'`L+y ھەيھات ، يەردە دومىلاۋاتقان باش زەمزەم كەبىي يامغۇر تامچىسىدا يويۇنۇپ تېخىمۇ كۈچلۈك ئاۋازدا شىئېر ئوقۇۋاتقۇدەك : ئەي پېقىر ، ئويغۇر ئويغان ،ئۇيقۇڭ يېتەر ! T x
6\ سەندە مال يوق ئەمدى كەتسە جان كېتەر . C#3K.0a بۇ ئۆلۈمدىن ئۆزۈڭنى قۇتقۇزمىساڭ ، 898=9`7e ئاھ، سېنىڭ ھالىڭ خەتەر ، ھالىڭ خەتەر !!! j7u\.xu9 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى . لۈكچۈن . مەنبە : ئۆز ئىجادىيىتىم . AhauNS^"{R
|