查看完整版本: [-- ئەدەپسىز«شاھزادە» --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئىپىك ئەسەرلەر -> ئەدەپسىز«شاھزادە» [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

mazargojam 2013-04-12 16:14

ئەدەپسىز«شاھزادە»

ئەدەپسىز«شاھزادە» s]F?=yEp  
(ھېكايە) q#Yg0w~  
تاھىرجان نىياز VGTeuu5i  
مەن بۆگۈن نۆۋەتچى بولغاچقا،چۈشتىن كېيىنكى ئاخىرقى دەرىس ۋاقتىدا ھەر قايسى سىنىپلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنى ئالغىلى سىنىپلارغا كىردىم. EaM"=g  
بىر سىنىپقا كىرسەم سىنىپتا ئوقۇتقۇچى يوق،ئوقۇغۇچىلار ئىختىيارى ئۆگىنىش قىلىۋاتقان ئىكەن. q19k 
مەن ئوقۇغۇچىلارغا «ئورنۇڭلاردا جىم ئولتۇرۇپ تۇرۇڭلار،سانىڭلارنى ئېلىۋالاي»دەپ قويۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى بىر باشتىن ساناشقا باشلىدىم. 9D{u,Q V  
شۇ جەرياندا بىر ئوقۇغۇچى خۇددىي مايمۇندەك سەكىرەپ بىر دەم ئۇ تەرەپتىن بۇ تەرەپكە،بىر دەم بۇ تەرەپتىن ئۇ تەرەپكە  ئۆتۈپ ئولتۇرۇپ ،ساننى زادىلا تولۇق ئالغىلى قويمىدى. Xmf  
مەن تېرىككەن بولساممۇ يەنىلا ئۆزۈمنى تۇتىۋېلىپ،ئۇنىڭغا:«نىمە ئىش قىلىۋاتىسىز؟»دېسەم،ئۇ«بالىلارنى باشقۇرىۋاتىمەن»دەيدۇ.«ئۇكام،بىر دەم جايىڭدا جىم ئولتۇرۇپ تۇرغىن،ساننى ئېلىۋالاي»دەپ قويۇپ يەنە بالىلارنى سانىسام،يەنە ئۇ ياق بۇياققا يۈگىرەپ بالىلارغا ئويۇن قىلغىلى تۇردى.مەن سەل جىلى بولۇپ؛«ھەي جايىڭدا ئولتۇر دەيمەن.مايمۇنمۇ سەن؟»دېسەم،ئۇ«كىم مايمۇن ئىكەن؟ قانداق سولامچى  ئوغرى ماۋۇ....»دەيدۇ.شۇئان بۇ ھاقارەتتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ،كۆزۈمگە ھىچنىمە كۆرۈنمىگەن ھالدا «نىمە دېدىڭ؟»دېگىنىمچە شاپىلاق بىلەن بىرنى سېلىپ،پاتتاڭدىن تۇتۇپ سىرىتقا ئېتىۋەتتىم.ئۇ ھەم يىغلاپ ھەم مېنى سەت تىللار بىلەن ھاقارەتلىگىنىچە كەتتى.   {+ @ms$z  
         غۇرۇرۇمغا ئېغىر تەگكەن بۇ ھاقارەتتىن كۆڭلۈم بىئارام بولۇپ ھەم ئوقۇتقۇچى بولغانغىمۇ تويۇپ،كېچىچە ئۇيقۇم كەلمىدى.ئەتىسى ئىشقا كېلىپ ئىشخانىدا دەرىس تەييارلاپ ئولتۇرسام مەكتەپ مۇدىرى چاقىرىدۇ.ئىشخانىسىغا چىقسام؛«تۆنۈگۈن كىمنى پاتتاڭدىن تۇتۇپ ئېتىۋەتتىڭلار؟ »دەيدۇ.دەرھال تۆنۈگۈنكى ئىش ئېسىمگە كېلىپ جۇدۇنۇم ئۆرلىدى ۋە«بىر تۇڭگۇزدىن توغۇلغان ھاراملىقنى »دېدىم. مۇدىر؛«نىمە دەيسىلەر،سىلەر ئۇرغان بالا ناھىيەمىزنىڭ ھاكىمىنىڭ ئوغلى ئىكەن،ھازىر ئاپىسى ئەرىز ئېيتىپ كەپتۇ«دەيدۇ.بۇ گەپنى ئاڭلاپ سەل ئەنسىرەپ قالدىم ۋە يەنە ئۆزۈمنى تۇتىۋېلىپ؛«كەلسە كېلە،مەندەك دىلىغا ئىلىم سالىدىغان ئوقۇتقۇچى ئۇنىڭ نەزىرىدە ئوغرى،سولامچى ئىكەنمەن.تويدۇم بۇنداق خىزمەتتىنما»دەپ قاينىدىم.ئويلاپ يەتتىمكى؛ئەسلىدە ئۇ ئۆزىنى «شاھزادە »ھېساپلاپ،ھېچكىمنى كۆزگە ئىلماي يوغانچىلىق قىلىپ يۈرۈيدېكەن.   `YFkY^T  
       مۇدىر ماڭا بىر دەم نەسىھەت قىلىپ ،مېنى باشلاپ ئىلمىي مۇدىر ئىشخانىسىغا ئېلىپ چىقتى.ئىشخانىدا سېمىزىرەك،پاكار بىر ئايال ‹‹قانداق ساۋاتسىز ئوقۇتقۇچى ئۇ،ئوقۇغۇچىنىمۇ ئۇرامدۇ.ئاشۇنداق ھايۋان ئوقۇتقۇچىنىمۇ مۇشۇنداق نوقتۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىشلىتىدىكەن....دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپ،ئىلمىي مۇدىرغا قايناپ بەرگىلى تۇرۇپتۇ.بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ مېنىڭ يەنە ئوغام تېشىپ؛«تۆنۈگۈن مېنى ئوغرى،سولامچى دەپ تىللىغان تۇڭگۇز بالىنى تۇغقان خوتۇن مۇشۇ ئوخشىمامدۇ؟»دېيىشىمگە ؛«مۇشۇ ئىكەن دە؟»دەپ يەنە قاينىغىلى تۇردى.مەنمۇ بوشىمىدىم.ئىشخانىدىكى رەھبەرلەر ئوتتۇرغا كىرىپ  مېنى چىقىرىۋەتتى....   >Jm-2W5J  
         ئىككى كۈندىن كېيىن مۇدىر مېنى چاقىرىپ،‹‹سېلىنى ھاكىم ئىشخانىسىغا چاقىرىدۇ،بېرىپ كېلىڭلار››دېدى.مەن ‹‹ئەمدىغۇ مەن ھاكىمدىن بىر مۇنچە تىل ئىشتىدىغان  ھەم يىراق مەكتەپكە سۈرگۈن قىلىنىدىغان بولدۇم››دېگەنلەرنى ئويلاپ ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە باردىم ۋە ئىزدەپ-سوراپ ھاكىم ئىشخانىسىنى تېپىپ ئىشىكنى چەكتىم.ئىجازەت بەرگەندىن كېيىن ئىشخانىغا ئاستا كىردىم.ئىشخانىدا بىر نەچچە ئادەملەر بار ئىكەن. «مېنى چاقىرتىپتىكەنلا»دېسەم،«1-ئوتتۇردىن كەللىمۇ؟»دەپ ناھايىتى سىلىق سورىدى ۋە «سىرىتتا سەل تۇرۇپ تۇرسىلا ھە؟،ماۋۇلار بىلەن دېيىشىدىغان گەپ تۈگەي دېدى«دېدى.مەن«ھاكىم مېنى چوقۇم غەزەپ بىلەن كۈتىۋالىدۇ »دەپ ئويلىغان.بىراق ،بۇ سىلىق سىپايە مۇئامىلىسىدىن ئەنسىرىشىم تۈگىدى.بىركەمدە كىشىلەر ئىشخانىدىن چىقىپ كەتتى.ھاكىم«مۇئەللىم،ئەمدى كىرسىلە!»دەپ چاقىردى.مەن ئىشخانىغا كىرگەندىن كېيىن ھاكىم مەن بىلەن قىزغىن كۆرۈشۈپ،ماڭا چاي،تاماكا تۇتتى.مېنىڭ ئىسمىمىنى سوراپ،«سىلىنىڭ ناملىرىنى ئاڭلىغان ھەم كۆرۈپتىكەنمەن.سىلى پىشىقەدەم ھەم ئېقتىدارلىق ئوقۇتقۇچى ئىكەنلا.ئەسلى قاشلىرىغا مەن بارسام بولاتتى.ئىش بەك كۆپ بولغاچقا ،ئۆزلىرىنى ئىشخانامغا چاقىرتقان» دېدى.بۇ ئىللىق مۇئامىلىدىن مەندەك بىر ئاق كۆڭۈل مۇئەللىمنىڭ دىلى ئېرىپ،ۋۇجۇدۇمغا يىغا ئولۇشۇپ كېتىۋاتاتتى. شۇ تاپتا ھاكىم بىلەن ئۇنىڭ ئاڭسىز خوتۇنى ۋە ئەدەپسىز ئوغلىنى سېلىشتۇرماقتا ئىدىم. ھاكىم:   cwH,l$  
   ــ بىزنىڭ ئوغۇل سىلىنىڭ چىشلىرىغا تېگىپ قويۇپتۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپىسىمۇ بېرىپتۇ.مەن بەك خىجىل بولدۇم.زادى نىمە ئىش بولغانىدى؟ــ دېدى.مەن ئوغلى ۋە خوتۇنى بىلەن بولغان كۆڭۈلسىز ئەھۋالنى تولۇق دەپ بەردىم. c^ixdk  
ــ  مېنىڭ بۇ ئوغلۇم ئاشۇنداق سەل ئوسال چوڭۇپ قالدى.ئاپىسى ئۇنىڭ رايىغا بېقىپ ،ئەركىلىتىپ ئاشۇنداق قىلىپ قويدى.ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا بېرىشىدىن ئۈمۈدۈم يوق دېسلە ــ دېدى. p&k 0Rx0Q3  
ــ  ئۇنداق دېمىسلە،ياخشى تەربىيە قىلساق ئوڭشۇلۇپ كېتىدۇ.مەنمۇ سەل ئۆزۈمنى تۇتالماي ئاشۇرىۋېتىپ قاپتىمەن.خاپا بولمىسلا ــ دېدىم. K:}h\ In  
ــ ياق،ياق،بالام سىلىنىڭ غورۇرلىرىغا تېگىدىغان گەپلەرنى قىلىپ،كۆڭۈللىرىنى بەك ئاغىرتىپتۇ.خاپا بولمىغان بولسىلا.ئوغلۇمغا ئۆزۈم تۈزۈك  تەربىيە قىلىمە نــ دېدى ھاكىم.  O]e6i%?  
بىز شۇنداق چىرايلىق خوشلاشتۇق.ئوقۇتقۇچىنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنگەن بۇ ھاكىمدىن بەك رازى بولدۇم ھەم ئىلگىرى مەن  ئانچە چۈشەنمەيدىغان بۇ  ھاكىمنى كۆرسەملا ھۆرمەت نەزىرىم بىلەن قارايدىغان بولدۇم.   M?E9N{t8)a  
ھاكىمنىڭ ئوغلى يەنە مەكتەپكە قايىتىپ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇردى.   R19'| TJ  
     بىر كۈنى ئەتىگەندە مەكتەپ مەيدانىدا«ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم»دېگەن ئاۋازنى ئاڭلاپ قالدىم ۋە ئاۋاز چىققان تەرەپكە قارىسام،ھېلىقى ھاكىمنىڭ ئوغلى ئىكەن.ئۇ ماڭا سالام قىلىپ كەپتۇ.مەنمۇ سالىمىنى ئىلىك ئېلىپ ئەھۋال سورىدىم.چىرايلىق خوشلاشتۇق.بۇ خىل سالام قىلىش كۈندە داۋاملىشىدىغان بولدى.شۇ تاپتا ئۇنىڭ ئەدەپلىك مۇئامىلىسىدىن سۆيۈنمەكتە ئىدىم.قىسقىسى ،بىر قېتىملىق كۆڭۈلسىز توقۇنۇشتىن كېيىن بۇ«شاھزادە»مۇ ياخشى تەرەپكە قاراپ ئۆزگەرگەن،ئوقۇشتىمۇ ئلگىرلىگەنىدى.سىنىپىغا سان ئالغىلى كىرسەممۇ جايىدا ئەدەپلىك ئولتۇراتتى.ئەمدىلىكتە ئىلگىركى بۇ «ئەدەپسىز شاھزادە»نىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ساۋاقداشلىرىغا قىلىدىغان ئەدەپسىزلىك قىلمىشلىرىدىن ئەسەرمۇ قالمىغاندەك قىلاتتى.كوچىدا بىر نەچچە قېتىم ھاكىمنىڭ ئايالى بىلەن ئۇچۇرۇشۇپ قالغاندا سەل ھودۇقتۇم ،لېكىن ھاكىمنىڭ خوتۇنى مېنى كۆرۈپ ئىللىق تەبەسسۈم بىلەن سالام قىلدى.قارىغاندا ھاكىم ئائىلىسىدە خېلى ئوبدان ئىدىيۋى تەربىيە خىزمىتى ئىشلىگەندەك قىلاتتى.مەن ھازىر بۇ ئوقۇغۇچى ھەم ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن دوست بولۇپ قالدىم.ئويلاپ قالدىم،ئائىلە تەربىيەسى بىلەن مەكتەپ تەربىيەسى بىرلەشسە ئۆنۈمى نىمە دېگەن ياخشى ھە؟  

تۆتتاش 2013-04-12 17:44
تەۋپېققە قەدەم باسقىنىڭىدىن خۇشالمىز.داۋاملىق ئىجادىيەتلىرىڭىزنى سۇنۇپپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

mazargojam 2013-04-12 17:52
قانداق چىقىپ قالدى بۇ؟ قەتئىي چۈشەنگىلى بولمىغىدەك. ئەگەر تۈزىگىلى بولمىسا ئۆچۈرۋېتىش كېرەككەن.

tawpek 2013-04-12 18:24
بەت لاھىيلەشكە دىققەت قىلىڭ. fQP,=  
>IBTBh_ka  
ئوڭشاپ قويدۇم.

mazargojam 2013-04-12 19:16
ۋاي،تەۋپىق ئەپەندىم ئەمدى ئوڭشىۋېتىپسىزغۇ؟ بېشىغا ئالماشتۇرۇپ قويغىلى بولماسمۇ؟ ئامال بولمىسا مۇشۇنداق تۇرسىمۇ مەيلى. G5;V.#"Z[  
يەنە تېما يوللىسام يەنە مۇشۇنداق قالايمىقانچىلىق،ئاۋارىچىلىق بولارمۇ ئەمدى؟

tawpek 2013-04-12 23:05
بىزدىمۇ بىرسىنىڭ بالىسى بولىدىغان، ئۇنچىۋالا ناچار ئەمەس، لىكىن دەرىستەئۇخلاپ ئولتۇرىدىغان ساۋاتسىز ئىدى.ئويلىمىغان يەردىن ئىچكىرى تولوق ئىمتاھانغا قاتناشتۇرۇش توغرىسىدا ئۇختۇرۇش كەلدى. nE7JLtbH  
دەرىس ئوقوتقۇچىللىرى ھەيران قىلىپ ئازراق گەپ قىلىپ سالغىنىغا چوڭام مەكتەپكە كىلىپ تەربىيە قىلغان مۇئەللىمەگە سۆزلەپ كەتتى. g z4UV/qr/  
'evv,Q{87  
مۇئەللىم ئۆزىنىڭ ئۇنىڭ كەلگۈسىنى دەپ ئۈگىنىشكە زورلاپ سالغان خاتالىقىنى ئىيىتقىنىدا: >0T Za  
--بالامنىڭ كەلگۈسىدىن ئەنسىرىمەي ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسىدىن ئەنسىرسىلە ، بالامنىڭ ئۆلۆپ كەتسە ياتىدىغان گۆرىدىن باشلاپ تەييار .  دىگەن گەپنى قىلغان ئىدى. NnOI:X {  
ھەتتا ئۆزىنىڭمۇ خىزمەتكە چىقىپ بولغاندىن كىيىن ئىلىپبە كىتاپتىن بىرنى سىتىۋىلىپ ساۋادىنى چىقىرىۋالغانلىقىنى ئىيىتقانتى. "lrA%~3%[P  
nh0&'hA  
خىلى يىللار بوپ قاپتىكەن، ھىلىقى شاھزادىنى ئالدىنقى ھەپتە يىزىلىق قوراللىق بۆلۆمدە پاگونلۇق كىيىملەرنى كىيىپ <<يەرلىك ئەسكەر>>لىرىمىزنى چىنىقتۇرىۋاتقان يەردە كۆردۆم.

gulhan 2013-04-13 02:38
ئەسەردە ياخشى مەزمون ئەكىس ئېتىپتۇ. *~;8N|4<  
شۇنداق ھاكىملار كۆپلەپ ھۇقۇق تۇتقاي... !FP"M+  
2LK]Q/WG,+  
ئەمدى ئەسەرنىڭ بەدئىيلىكىگە كەلسەك تىل جەھەتتىن تىخىمۇ پىششىقلانسا بىر نادىر ھىكايە بوپ قالغۇدەك. @woC8X  
مۇنبەردىكى قەدەملىرىڭىزدىن گۈللەر ئۈنۈپ تۇرسۇن.

tawpek 2013-04-13 02:46
گۈلخان توغرا ئىيتىدۇ، مەركىزى ئىدىينى گەۋدىلەندۈرۈپ ئازراق پەي قاناتلىرىنى قىرقىپ تاراشلاڭ.

ئەكبەرنىياز 2013-04-14 00:50
قەدەملىرىڭىزگە مەرھابا !!! O9*p0%ug  
بىزدە دەل سىزدەك پىروزا ئەسەرلىرى بىلەن ھەپىلىشىدىغان قەلەمكەشلەر بەكلا كەم ئىدى . ئەمدى ياخشى بولدى !!!

بابۇر0725 2014-03-01 01:28
ئەسەردە ياخشى مەزمۇن ئەكىس ئېتىپتۇ


查看完整版本: [-- ئەدەپسىز«شاھزادە» --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled