قەلبىنۇر4 |
2014-03-18 12:49 |
نورۇز بايرىمى ـــ ئەرگەنە قون بايرىمى H8o%
H=I% ئاپتورى: ئۇيغۇرغول 3wa<,^kqy QU,TAO بۈگۈن بىزنىڭ خاسىيەتلىك نورۇز بايرىمىمىز. دۇنيادىكى نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ يېڭى يىل بايرىمى بار. بىز ھازىر ئېيتىۋاتقان يېڭى يىل بايرىمى خىرىستىيانلارنىڭ كالىندارى، يەنى بۈگۈنكى بىز ئومۇميۈزلۈك قوللىنىۋاتقان مىلادىيە كالىندارى بويىچە ھېسابلانغان بولۇپ، ئۇلار ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى يېڭى يىل كۈنى قىلىپ بېكىتكەن. دۆلىتىمىزدە ئەڭ كەڭ كۆلەمدە، خەنزۇ ۋە باشقا بىرمۇنچە مىللەتلەر ئۆتكۈزىدىغان چاغان، ئۇلارغا نىسبەتەن ئۆزلىرىنىڭ كالىندارى بويىچە ھېسابلىغاندا يېڭى يىل ھېسابلىنىدۇ. بىراق نورۇز بىزنىڭ ئەنئەنىۋىي كالىندارىمىز بويىچە، بىز ئۈچۈن يېڭى يىلنىڭ بىرىنچى كۈنى ھېسابلىنىدۇ. دېمەك نورۇز بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ يېڭى يىل بايرىمىمىز. ئەجدادلىرىمىز كەڭ تەبىئەتنىڭ قىشنىڭ زۇلمەت ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىپ، باھاردىكى سالقىن شامالنىڭ چىقىشى، جانغا يېقىشلىق يامغۇرنىڭ چۈشىشى، يەرلەرنىڭ ئېرىپ دېھقانچىلىق پائالىيەتلىرىنىڭ باشلىنىشى ــ مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ يېڭى يىلىمىز باشلانغان كۈندىن باشلىنىدىغان يېڭى يىلدىكى يېڭىچە ھاياتنىڭ مۇقەددىمىسى. cV=_GE ئۇيغۇر خەلقى زېرىكىشلىك، ئۇزۇن قىش كۈنلىرىدە كۆك مىلىس ئوينايدۇ. ئۇنىڭ تەرتىپى: بۇغداينى قاپاق ئۈستىدە ئۈندۈرۈپ، ئۈنگەن مايسىنى «كۆك خېنىم» دەپ ئاتايدۇ. ئۇنى تويى بولغان قىزغا ئوخشاش ياساندۇرۇپ، قىز كۆچۈرگەندەك كۆچۈرۈپ ئۆيمۇ-ئۆي ئايلاندۇرىدۇ، ئۇنىڭ شەنىگە مىلىس ئويناپ كۆڭۈل ئېچىلىدۇ. ئۇ قەدىمدىن ئەجدادلىرىمىز ئويناپ كەلگەن ئەنئەنىۋى مەشرەپلىرىمىزدىن بىرى. ئۇنىڭ ئەھمىيىتى شۇ يەردىكى ئۇ قەدىمكى ئۇيغۇرلاردىكى كۆك مۇقەددەسلىكى چۈشەنچىسىنى ئۆزگىچە شەكىلدە بىزگە يەتكۈزۈپ كەلگەن. ئۇ تۇنجى قار چۈشكەن پەيتتە تاشلىنىدىغان قارلىقتىن ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسىدە ئوينىلىدىغان قارلىق مىلىسىدىن باشلىنىدۇ ۋە شۇ تەرتىپتە ھەممە ئۆيگە دېگۈدەك بىر قېتىمدىن ئايلىنىپ چىقىدۇ. كۆك مىلىس ئوينالغان پەيتتە، كۆك بېيىتلىرى كۆك خېنىمنىڭ شەنىگە ئوقۇلىدۇ. تۈرلۈك ئۇسسۇل ۋە نەغمە-ناۋا قىزىپ، قەھرىتان قىشتىمۇ «كۆكلۈك»كە، ھاياتلىققا سىمۋول قىلىنغان كۆك خېنىمنىڭ كۆركى ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ھاياتقا بولغان مۇھەببىتى ۋە قىزغىنلىقىنى ئاشۇرىدۇ. كۆك مىلىسى مانا بۈگۈنكى كۈندە نورۇز بايرىمى بولغان كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. يەنى بىر قىش كىشىلەرگە ھەمراھ بولۇپ، ئۇلارغا باھارنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرغان «كۆك خېنىم» ئاخىرى باھارنىڭ ۋەسلىگە يېتىدۇ. كىشىلەر ئۇنى ئۇلۇغ ئېقىنغا ئېقىتىۋېتىپ ئۇنىڭ كۆكلەمگە ئۇلاشقانلىقىنى ئېيتىشىدۇ. نورۇز بايرىمى كۈنى نورۇز مىلىسى ئويناپ، نورۇز كۈنىنى ئۆزئارا قۇتلايدۇ. چوڭلار توخو، قوشقار سوقۇشتۇرۇش، بەيگە قىلىش، ئوغلاق تارتىشىش قاتارلىق ئويۇنلارنى ئوينايدۇ. بالىلار سۆگەت چىۋىقلىرىدىن پۈرگۈچ ياساپ ئوينايدۇ. باشلىرىغا سۆگەتنىڭ يېڭى چىققان شۇڭلىرىدىن يۇمىلاق ھالقىلارنى ياساپ كىيىشىدۇ. تۈرلۈك ئويۇنلار قىزىپ كېتىدۇ. g.`t!6Hc نورۇز كۈنىدىكى نورۇز مىلىسىدا تۈرلۈك ناخشا-ئۇسسۇللار قىزىپ كېتىدۇ. نورۇز قوشاقلىرى ئوقۇلۇپ نورۇزغا مەدھىيە ئوقۇلىدۇ. ئاخىرىدا نورۇز ئېشى ئېتىلىپ ھەممەيلەن ئۇنىڭغا ئېغىز تېگىدۇ. نورۇز دېگەن سۆز ئەسلى پارسچە «نەۋ» يېڭى، «رۇز» كۈن مەنىسىدىكى سۆزلەردىن تۈزۈلگەن بولۇپ، يېڭى كۈن دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ دۇنيادىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، تاتار، تۈرك، ئەزەربەيجان، تۈركمەن قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەردىلا ئەمەس، تاجىك، پارس قاتارلىق ئىرانىي خەلقلەردىمۇ ئۆتكۈزىلىدۇ. بىراق بۇ بايرام خەلقىمىز ئارىسىدا نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى تەبرىكلىنىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ خەلقىمىز ئارىسىدا تۈرلۈك ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن، «ئەرگەنە قون بايرىمى»، «ئۇلۇغ كۈن» دېگەندەك ناملار بىلەن بۇ كۈننى خاتىرىلەپ بۇ بايرامنى تەبرىكلەشكەن. قىسقىسى بۇ ــ بىز ئۈچۈن تولىمۇ قەدىرلىك بايرام، ئەھمىيەتلىك بايرام. بۇ كۈنى پۈتۈن جاھان باھارنىڭ پەيزىنى سۈرىشىدۇ. قىشنىڭ ئاچچىق سوغۇقى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ ئەتىيازنىڭ ئىللىق ھىدلىرىغا تەسلىم بولىدۇ. hk lO:,` ھەر نەرسىنىڭ مەنبەسى، تارىخى بولغىنىدەك نورۇز بايرىمىنىڭمۇ كېلىپ چىقىش ھېكايىسى بار. قېنى ئەمىسە ھوزۇرۇڭلاردا بولغاي: 13>3R+o ھەر نەرسىنىڭ ساھىبى بولغان تەڭرى بىر كۈن ئۈستىدە كۆك ئاسماننى يارىتىپتۇ. كېيىن بۇ بۈيۈك دائىرىنىڭ ئىچىگە دۇنيانى يەرلەشتۈرۈپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئاۋۋال ئاسمان، ئاندىن قارا تۇپراق يارىتىلىپتۇ. بۇ ھەممە نەرسىنىڭ بولغىنىغا قارىماي، يەنە كەم قالغان بىر نەرسە قاپتۇ. بۇ يارىتىلغان دائىرىدە شۇ نەرسىنىڭ بولمىغانلىقى تۈپەيلى، يارىتىلغان نەرسىلەرنىڭ ئەڭ كاتتىسى، يەنى يارىتىلغان بۇ ئالەمنىڭ ھېچبىر مەززىسى بولماپتۇ. شۇنداق ئويلاپ تەڭرى ئاخىرى ئۆزىنىڭمۇ مەلۇم تەركىبلىرى قوشقان ھالدا يەر يۈزىگە ئىنساننى يارىتىپتۇ. تەڭرى ئىنسانلارنى پەرقلىق بولغان جىسمانىي ۋە روھىي ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە قىلىپتۇ. ئۇلارنى تۈرلۈك ئىرق، قەبىلىلەرگە بۆلۈپتۇ. ئۇ ئىنسانلارنىڭ بۇ شەكىلدە بىر-بىرلىرىنى تونۇشىنى ۋە ئالاقىىدە بولۇشىنى خالايدىكەن. %9-#` نەچچە مىڭ يىللار ئۆتكەندىن كېيىن، ئادەملەر يېڭى-يېڭى نەرسىلەر ئۆگىنىشىپتۇ. ئۆز-ئارا ئوخشاشمىغان ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپتۇ. بۇ ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن، ئۇلار ئۆز قەۋملىرىنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن پەرقلىق ئاتلار بىلەن بىر-بىرىنى چاقىرىشىپتۇ. بۇ ئاتلارنىڭ قويۇلىشىدىمۇ ئاجايىپ ھېكايىلەر بار ئىكەن. يەنى ئۇ زاماندا ھەممە قەۋمدىن ئىناق، ھەممە يەرگە ھاكىم بولغان بىر مىللەت بار بولۇپ ئۇلارنىڭ خانى ئوغۇز قاغان دەپ ئاتالغانىكەن. ئوغۇز قاغان ئانىسىنىڭ سۈتىنى بىر ئېمىپلا ئەمگىلى، ئۇنىماي، تاماق، گۆش يېگەنىكەن. ئۇ زاماندا بالا تۇغۇلۇپ بىر ياشقا يەتكەندە ئات قويار ئىكەن. شۇ چاغ كەلگەندە مەرىكە قىلىپ، ئۇنىڭغا ئات قويماقچى بولغاندا ئۇ:«مېنىڭ ئېتىم ئوغۇز بولغاي» دەپ ھەممىنى ھەيرەتتە قالدۇرغانىكەن. خالايىق بۇ ئوغۇل ئۆز ئېتىنى ئېيتىۋاتىدۇ، مۇنىڭدىنمۇ كاتتا ئات بولغايمۇ، دەپ ئۇنىڭ ئېتىنى ئوغۇز قويۇشقانىكەن. ئۇ چوڭ بولغاندىن كېيىن، شۇ زاماندا خەلققە بالايىئاپەت تۇغدۇرغان قىئات ئاتلىق ھايۋاننى ئۆلتۈرۈپ شەرەپ قازانغانىكەن. ئۇنىڭ ئاتىسى ئۇنىڭ ئەل ئىچىدە ئابرويىنىڭ ئۆسۈپ كەتكەنلىكىدىن تەختنى تارتىۋېلىشىدىن قورقۇپ، ئۇنى باشقا ئەلگە گۆرۈگە ئەۋەتىۋەتكەنىكەن. ئۇ ئەل قاغانى بىلەن ئوغۇز خاننىڭ ئاتىسى ئارىسىدا دۈشمەنلىك كېلىپ چىققاندا، ئۇ يات ئەل قاغانى ئوغۇز قاغاننى ئۆلتۈرمەكچى بولىدىكەن. بۇنىڭدىن بالدۇرلا خەۋەر تاپقان ئوغۇز قاغان ئۇچقۇر تۇلپارىغا مىنىپ، ئۆز ئېلىغا قايتىپ كېلىپ، بۇ ئىشلارغا ئاتىسىنى سەۋەبكار بىلىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ تەختنى تارتىۋالىدىكەن. بۇ جەرياندا بەزى قېرىنداشلىرى ئوغۇزخان تەرەپتە تۇرسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بىر نەچچە تاغىسى ئۇنىڭغا قارشى تۇرىدىكەن. ئۇ ئۆز ئەتراپىدىكىلەرگە تايىنىپ قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەرنى مەغلۇپ قىلىدىكەن. شۇنداقلا ئۆزىگە ياردەم بەرگەنلەرنى مېنىڭ ئەتراپىمدا ئۇيۇلتاشتەك ئىتتىپاقلىشىپ دۈشمەنگە قارشى تۇردۇڭلار، مېنىڭ غەلبەم سىلەرنىڭ ئۇيۇغانلىقىڭلاردىن بولدى دەپ، ئۇلارغا ئۇيغۇر نامىنى بېرىدىكەن. شۇنداق قىلىپ، بۇ قەۋم ئۇيغۇر دەپ ئاتىلىشقا باشلاپتۇ. ئوغۇز قاغان تەختكە چىققاندىن كېيىن ئەتراپىدىكى پۈتۈن ئەللەرگە شۇنداق يارلىق بىلەن ئەلچىلەر ئەۋەتىپتۇ:«مەن ئۇيغۇرنىڭ قاغانىمەن. دۇنيانىڭ تۆت بۇلۇڭىنىڭ ھەممىسىنىڭ قاغانى بولۇشۇم كېرەك. ماڭا بويسۇنۇپ، سېلىق تاپشۇرساڭلار، سىلەرگە ھېچ گەپ يوق، ماڭا دوست بولىسىلەر. مەن بىلەن قارشىلىشىپ دۈشمەن بولۇشنى خالىساڭلار، سىلەرنى مەغلۇپ قىلىپ باش ئەگدۈرىمەن». C$..w80/1 شۇ چاغدا، ئوڭ تەرەپتە ئالتۇن قاغان دېگەن بىرى بولۇپ، ئۇ ئوغۇز قاغانغا ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى ھەدىيە قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئوغۇزغا بويسۇنغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ. سول تەرەپتە ئۇرۇم قاغان دەپ بىرى بولۇپ، ئۇ ئوغۇز قاغاننىڭ ئەلچىسىنى قوپال، يامان سۆزلەر بىلەن قايتۇرۇپتۇ. ئوغۇز قاغان پۈتۈن خەلقىنى يىغىپ، ئۇرۇم قاغاننىڭ ئۈستىگە يۈرۈشكە ئاتلىنىپتۇ. ئۇلار ئۇزۇن يول يۈرۈپ، بىر يەرگە چۈشكۈن قىلىپتۇ. بىر كۈنى ئەتىگىنى ئوغۇز قاغاننىڭ چېدىرىغا كۈن نۇرىغا ئوخشاش يورۇق كىرىپتۇ. قارىسا ئۇ نۇرنىڭ ئىچىدە كۆك ياللىق، كۆك تۈكلۈك بىر بۆرە كۆرۈنۈپتۇ. ئۇ ئوغۇز قاغانغا ئۆزىنىڭ ئۇلارغا يولباشچى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار كۆكبۆرىنىڭ يولباشلىشىدا ناھايىتى تېزلا ئۇرۇم قاغاننىڭ ئېلىگە بېرىپ، ئۇنى مەغلۇپ قىلىپ، بويسۇندۇرۇپتۇ. شۇنداق قىلىپ، ئوغۇز قاغان دۇنيانىڭ ھەر بۇلۇڭىغا بېرىپتۇ. ئۆزىگە بويسۇنغانلارغا تەگمەپتۇ. بويسۇنمىغانلارنى باش ئەگدۈرۈپتۇ. ئوغۇز قاغاندىن كېيىن خېلى زامانلارغىچە بۇ ئەھۋال ئۆزگەرمەپتۇ. بۇ زامانلاردا ئۇيغۇرنىڭ ئوقى ئۆتمىگەن، ئۇيغۇر قولى يەتمىگەن، ئۇيغۇرغا بويۇن ئەگمىگەن بىر يەر يوق بولۇپتۇ. كېيىنچە بۇ ئەھۋالدىن چىدىمىغان باشقا پۈتۈن قەۋملەر بىرلىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈستىگە قاراپ يۈرۈش قىلىپتۇ. بۇنى بىلگەن ئۇيغۇرلار قاغانى ئۆز خەلقىنى بىر يەرگە توپلاپ، ئەتراپىغا خەندەك قېزىپ ئۇلارنى ساقلاپتۇ. دۈشمەن كەلگەندە ئۇرۇش باشلىنىپتۇ. ئون كۈنلۈك قاتتىق جەڭنىڭ بولۇپتۇ. ھەركۈنى ئۇيغۇرلار دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غالىب كەپتۇ. يېڭىلگەن دۈشمەن خەلقلەرنىڭ خانلىرى، بەگلىرى بىر يەرگە كېلىپ شۇنداق دېيىشىپتۇ: !EmR (x -ئۇيغۇرلارغا ئەمدى ھىيلە بىلەن تاقابىل تۇرمىساق ھالىمىز چاتاق! (zTI)EV ئۇلار شۇنداق مەسلىھەت قىلىشىپ، ئەتىسى تاڭ يورۇغاندا، ئۇرۇش باشلانمايلا ئۇلار خۇددى ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندەك، مال-پادىلىرىنى، نەرسە-كېرەكلىرىنى تاشلاپ قېچىپتۇ. ئۇيغۇرلار، بۇلارنىڭ كۈچى تامامەن تۈگىگەنلىكتىن قېچىشتى دەپ بىلىپ، ئاز بىر قىسمى ئۇلارنىڭ كەينىگە چۈشۈپتۇ، قالغانلىرى دۈشمەندىن قالغان ئەشيالارنى بۆلۈشۈشكە باشلاپتۇ. دۈشمەن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ھالىنى كۆرۈپ، تۇيۇقسىزلا كەينىگە يېنىپ، ئۇيغۇرلارغا قارشى شىددەتلىك ھۇجۇمنى باشلاپتۇ. ئۇيغۇرلار تەييارلىقسىز بولغانلىقتىن يېڭىلىپتۇ. دۈشمەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەر-ئايال دەپ ئايرىپ ئولتۇرماستىن ھەممىنى قىرىۋېتىشىپتۇ، كىچىكلىرىدىن چاكارلىققا يارىغۇدەك دېگەنلىرىنى ئۆزئارا بۆلۈشىۋېلىپ، قالغانلىرىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ. ئۇلار بۇ غەلىبىسىگە تەنتەنە قىلىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ مال-دۇنيالىرىنى بۆلۈشۈپ خۇشال ھالدا قايتىپ كېتىشىپتۇ. ئۇ چاغدا ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىدا ئوغۇزخاننىڭ ئەۋرىسى ئېلخان خان بار ئىكەن. ئېلخاننىڭ ناھايىتى كۆپ ئوغۇللىرى بولۇپ، بۇ دەھشەتلىك قىرغىندا بىر ئوغلىدىن باشقا ھەممە ئوغلى ئۆلۈپتۇ. ئىلخاننىڭ قىيان ئاتلىق بىر ئوغلى بولۇپ شۇ يىلى توي قىلغانىكەن. ئىلخاننىڭ ئىنىسىنىڭ نوكۇز ئاتلىق يەنە بىر ئوغلى بولۇپ، ئۇلار خوتۇنلىرى بىلەن بىر كىشىگە ئەسىر بولۇپتۇ. بىر كۈنى كېچىسى ئۇلار پۇرسەت تېپىپ، قېچىپ ئۆز يۇرتىغا كېلىپتۇ. ئۇلار ئۇرۇش ۋاقتىدا پىتراپ كەتكەن ۋە ياۋ كەتكەندىن كېيىن قايتا ئۆز ماكانلىرىغا قايتىپ كەلگەن ماللىرىنى قايتا توپلاپتۇ. ئىككىسى ئۆزئارا كېڭەش قىلىپ، شۇنداق دېيىشىپتۇ: باشقا بىر ئەلگە بارساق، تۆت تەرەپتىكى پۈتۈن ئەللەر بىزگە دۈشمەن، ئەگەر بارماي مۇشۇ يەردە ئولتۇرساق، ھامان بىر كۈنى ئۆتكەن-كەچكەن كىشىلەر تەرىپىدىن بايقىلىپ قالارمىز. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى مۇشۇ تاغلارنىڭ ئەڭ ئەڭ ئىچكىرىسىدىن كىشى قەدىمى يەتمەيدىغان بىر يەر ئىزلەپ كۆرەيلى! O.up%'%, ئۇلار ماللىرىنى ھەيدەپ، تاغ ئىچىگە كىرىپتۇ. بىر تاغنىڭ ئىچىدە ئارقارنىڭ ئىزىدىن پەيدا بولغان يولغا چۈشۈپ مېڭىپتۇ. تاغنىڭ ئۈستىگە چىقىپ يەنە تەرىپىگە ئۆتۈپ، يەنە بىر مۇنچە ئايلىنىپ كۆرگەن بولسىمۇ، شۇ بىر يولدىن بۆلەك يولنى پەقەت تاپالماپتۇ. بۇ ناھايىتى تار ۋە تىك يول بولۇپ، تۆگە بىلەن ئاتنىڭ يۈرىمىكى ناھايىتى تەس ئىكەن. ئەگەر ئازراقلا قىيا دەسسىلىپ سالسا، ياردىن چۈشۈپ پارە-پارە بولۇپ كېتىدىكەن. تاغنىڭ ئىچىنىڭ كەڭلىكىنىڭ ھېچ چېكى يوق ئىكەن. ئاقار سۇلار، بۇلاقلار، ھەر تۈرلۈك ئوتلار، مېۋىلىك دەرەخلەر، ھەر تۈرلۈك ئوۋ غەنىمەتلىرى بار ئىكەن. ئۇلار بۇ يەرنى كۆرگەندىن كېيىن، تەڭرىگە مىڭ مەرتىۋە شۈكۈر ئېيتىشىپتۇ. قىشلىرى ماللىرىنىڭ گۆشىنى يەپتۇ، يازدا سۈتىنى ئىچىپتۇ، تېرىسىنى كىيىپتۇ. ئۇلار بۇ يەرگە ئەرگەنە قون دەپ ئات قويۇپتۇ. «ئەرگەنە» ___ تاغنىڭ كامىرى دېگەنلىك بولىدىكەن، «قون» نىڭ مەنىسى___ تېز، ئۆتكۈر دېگەنلىك بولىدىكەن. قىيان بىلەن نوكۇز ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى بۇ يەردە ياشاپ ئاۋۇپتۇ. ئۇلار تۆت يۈز يىلدىن ئارتۇقراق ئەرگەنە قۇننىڭ ئىچىدە ئولتۇرۇپتۇ. تۆت يۈز يىلدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ماللىرى ۋە نەسلى شۇنداق كۆپىيىپتۇكى، ئەرگەنە قونغا سىغماي قاپتۇ. چىقىپ كېتەي دېسە بۇ شۇنداق تىك تاغ چوققىلىرىدىن تۈزۈلگەن پۈتەي بىر يەر ئىكەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئاقساقىلى بۆرتە چىنەنىڭ رەھبەرلىكىدە، بۇ يەردىن چىقىپ كېتىشنىڭ چارىسىنى ئىزلەپتۇ. بۇ چاغدا بىر تۆمۈرچى بىر تاغنىڭ تۆمۈر پوقى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئۇنى ئېرىتىپ يول ئاچسا بولىدىغانلىقى ئېيتىپتۇ. ئۇيغۇرلار ھەممەيلەن ئوتۇن-كۆمۈر يىغىپ كېلىپ، يەتمىش تېرىدىن كۆرەك ياساپ، يەتمىش يەردىن ئوت تۇتاشتۇرۇپتۇ. تەڭرىنىڭ قۇدرىتى بىلەن تۆمۈر پوقى ئېرىپ ئېقىپتۇ. ئۇلارغا يول ئېچىلىپتۇ. ئۇلار ئاي-كۈنگە قاراپ، نەق بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئەرگەنە قوندىن سىرتقا چىقىشىپتۇ. بۇ چاغدا كۆك ياللىق كۆكبۆرە يەنە پەيدا بولۇپ، ئۇلارغا يول باشلاپ، ئاتا-بوۋىلىرى ياشىغان زېمىنلارغا باشلاپ ئېلىپ بېرىپتۇ. ئۇلارنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ بەزى ئەللەر ياخشى مۇئامىلىدە بولۇپتۇ. بەزىلىرى ناچار پوزىتسىيەدە بولۇپتۇ. ئۇيغۇرلار ياخشى مۇئامىلىدە بولغانلىرى بىلەن ئەپ ئۆتۈپ، ناچارلىق قىلغانلىرىنى بويسۇندۇرۇپ، ئاتا-بوۋىلىرى ياشىغان بۇ تۇپراقلاردا قايتىدىن كۆكلەپ ياشناپ، تا بۈگۈنگىچە داۋام قىلغانىكەن. شۇڭا ئۇلار ئەرگەنە قوندىن چىققان بۇ خاسىيەتلىك كۈننى ئۇنتۇپ قالماي ھەر يىلى تۈرلۈك پائالىيەتلەر بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئىككىنچى قېتىم ھاياتلىققا ئېرىشكەن بۇ قۇتلۇق ۋاقىتنى خاتىرىلەپ كەلگەنىكەن. شۇندىن بۇيان بۈگۈنلۈكتە بىز نورۇز دەپ كەلگەن بۇ بايرىمىمىز، يەنى ھاياتلىق بايرىمىمىز، يېڭى يىلىمىز بولغان ئەرگىنە قون بايرىمىمىز خەلقىمىز تەرىپىدىن قۇتلۇقلىنىپ كېلىنىۋاتىدۇ. ھەممىمىزنىڭ نورۇز بايرىمىغا قۇتلار يار بولغاي! Uc4L|: Bg+]_:<U '__3[D
divZJc
|
|