=>m<GvQz يۇقارقى قىسقا تەرجىمھالىدا غۇجامنىياز ئاخۇنلۇقۇمنىڭ چۈشىدە كۆرگەن بىشارەتتىن ئىككىسى تىلغا ئىلىنىدۇ. غۇجامىياز ئاخۇنلۇقۇم دىننىي مۆتىۋەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. كىچىكىدىن دىن تەربىيىسى ئالغان، ياشلىق مەزگىلىدە ئالتە-يەتتە يىلنى يەكەندە ئۆتكۈزگەن. بۇ مەزگىل سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئاغدۇرۇلۇپ جۇڭغارلار ھامىيىلىقىدىكى خۇجىلار ھۆكۈم سۈرگەن سوفىزىم تازا ئەۋەج ئالغان مەزگىل بولۇپ، يەكەن سوفىزىمنىڭ شىنجاڭدىكى مەركىزى ئىدى. بىز غۇجامنيياز ئاخۇنلۇقۇمنىڭ بۇ مەزگىلدىكى ئىدىيىسى تۇغرىسىدا ھىچقانداق مەلۇماتقا ئىگە بولمىساقمۇ شۇنى جەزىملەشتۈرەلەيمىزكى ياش غۇجامنىياز ئاخۇنلۇقۇم يۇقارقى ئوبىكتىپ ۋە سوبىكتىپ ئامىللار بىلەن تەسەۋۋۇپ تەسىرىدە(سوفىزىم تەسىرىدە)تەركىي دۇنيا بولۇپ كەتمىگەن بولسىمۇ يەنىلا تەسەۋۋۇپنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىغان. بۇ ئۇنىڭ مازارلارنى بايقىشىغا تەسىر كۆرسەتكەن. &T#;-`' y\/1/WjBn «يەتتە قىزلار مازىرى» نىڭ ھازىرقى شەيىخى ۋە شەيىخ ئەۋلادلىرىنىڭ دىيىشىچە: غۇجامنىياز ئاخۇنلۇقۇم يەتتە قىزلار مازىرىنى تۇرپان ئۆرتەڭ ئارىشىڭىنى بايقاشتىن بورۇن ئاشكارلىغان ئىكەن. x'8x ,V7nzhA2 يۇقارقىلار بۇيىچە ھېساپلىغاندا، «يەتتە قىزلار مازىرى» نىڭ ئاشكارلىنىپ، رەسمىي مازار بولۇپ ئاتالغانلىقىغا ۋە بۇ يەردە تاۋاپ پائالىيىتى ئىلىپ بېرىۋاتقانغا تەخمىنەن 280يىل ئەتىراپىدا بولىدۇ. 0-B5`=yU u2tfF qv-8)MSr 3. «يەتتە قىزلار مازىرى» غا تاۋاپ قىلىشنىڭ سەۋەبى ۋە مەنبەسى. F|`Hm ~?l | [ «يەتتە قىزلار مازىرى» ئەتىراپىدا ناھايتى بۇرۇندىن باشلاپلا ئەجدادلىرىمىز ياشاپ كەلگەن. بۇ يەرنىڭ بىر كېلومېتىر غەرىپىدىكى قىزىلقۇم يېڭى تاش قۇراللار خارابىسى، مىلادىيⅥئەسىرىگە تەۋە قارا تۇپىلىق قەدىمىي قەبرىستانلىقى، مىلادىي Ⅵئەسىردىن Ⅴئەسىرگىچىلىك بولغان ئارلىققا تەۋە بولغان ئېغلىتام بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى ۋە مازارنىڭ شەرق تەرىپىدىكى مىلادىدىن ئىلگىرىكىⅦ - Ⅲ ئەسىرگىچە بولغان ئارلىققا تەۋە دۆڭ مەھەللە خارابىسى قاتارلىقلار بۇنى ئىسپاتلايدۇ. شۇڭا «يەتتە قىزلار مازىرى» غا تاۋاپ قىلىشنىڭ شەكىللىنىشىنى بىلىش ئۈچۈن ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىپتىدائىي ئېتقادلىرىدىن سۆز باشلاشقا تۇغرا كىلىدۇ. Xu{1".\ ::`HQ@^ قەدىمىي دەۋىرلەردە ئەجدادلىرىمىزنىڭ تەبىئەتكە بولغان تۇنۇش چۈشەنچىسى چوڭقۇر بولمىغانلىقتىن ئۆزلىرىنىڭ ئىپتىدائىي چۈشەنچىلىرىگە تايىنىپ ئىگىز تاغلارنى مۇقەددەس بىلىش بىلەن تاغلار ئولۇغلانغان. تۇرپان ئۇيغۇرلىرىغا نىسبەتەن ئوت ئېتىقادچىلىقنىڭ قۇشۇلۇش بىلەن يىراقتىن قارىسا لاۋۋۇلداپ كۆيىۋاتقان ئوتتەڭ كۆرۈنگەن يالقۇنتاغ تېخىمۇ ئۇلۇغلىنىپ، «ئىدىقۇت تېغى» دەپ ئاتالغان. ئۇلۇغ «ئىدىقۇت تېغى» ئۈستىدىكى ئالاھىدە كۆزگە چىلىقىدىغان ئالتە چوققا ئەجدادلىرىمىز ئېڭىدا بىر مۇنچە سۇئاللارنى تۇغدۇرغان. گەرچە بۇ چوققا ئالتە چوققا بولسىمۇ ئەجدادلىرىمىزدىكى «يەتتە مۇقەددەس سان» چۈشەنچىسى بۇيىچە «ئالتە چوققانى يەتتە چوققا» دەپ ھېسابلىنىپ، بۇلار تۇغرىسىدا گۈزەل رىۋايەتلەرنى شەكىللەندۈرگەن. «يەتتە يىگىت، يەتتە قىزلارنىڭ تاشقا ئايلىنىشى تۇغرىسىدىكى رىۋايەت»تىمۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ تاغقا چۇقۇنۇش ئېتقادى ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. مەسىلەن: «يەتتە قىزلارنىڭ قىيىن ئەھۋالدا قىلىپ تاغقا چىقىشى، تاغ ئۈستىدە تۇرۇپ تەڭرىدىن ئۆزلىرىنى تاشقا ئايلاندۇرۇشىنى تىلىشى»......قاتارلىقلار. چۈنكى قەدىمقى ئۇيغۇر خانلىرى «ئاقساقاللار كېڭىشى»، «دۆلەت مەجلىسى»قاتارلىق مۇھىم ئىشلارنى مۇقەددەس تاغلار ئۈستىدە ئۆتكۈزەتتى.① Usvl}{L[ TP* hd ھازىرمۇ يەتتە قىزلار ئەتىراپىدا ياشايدىغان ياشانغان كىشىلەر يەتتە قىزلار جايلاشقان ئىدىقۇت تېغىنى كۆرسىتىپ «بۇ تاغ بىزنىڭ ئانىمىز، ئۇ بىزنى چۆلتاغدىن كەلگەن قۇم – بورانلاردىن ساقلايدۇ» دەيدۇ. بۇلارمۇ تاغنى مۇقەددەس بىلىش ئېتقادىنىڭ بۈگۈنكى داۋامى. 9i:L&d N _O?`@g?i «يەتتە قىز، يەتتە يىگىتنىڭ تاشقا ئايلىنىشى تۇغرىسىدىكى رىۋايەت» ئىسلامىيەتتىن كىيىن ئاز-تۇلا «ئىسلام يىپىنچىسى»ئارتىۋالغان. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئارىسىدا كەڭ تارقالغان. $t+,Tav [NTzcSN. ئىسلام دىنى بارلىققا كىلىپ ئىككى ئەسىردىن كىيىن تەسەۋۋۇپچىلىق (سۇفىزىم) پەيدا بولدى. تەسەۋۋۇپچىلار بىۋاستە سىزىم ۋە ئىچكى تەسىرات ئارقىلىق ئاللاھقا يىقىنلىشىش، ئادەم بىلەن ئاللاھنىڭ بىرلىشىشى دىگەن سىرلىق ئەقىدىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بۇنىڭغا يىتىش ئۈچۈن پىر-ئۇستازلارغا مۇرت بولۇپ، ئۇلارنىڭ يىتەكچىلىكىدە روھنى چىنىقتۇرۇپ، قەلبىنى پاكلاشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇلار خانقا، مازارلاردا ئاللاھقا ھەمدۇ-سانا ئېيتىپ، زىكرى قىلىشىدۇ. مازار تاۋاپ قىلىش تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ بىر ئەنئەنىۋىي ئادەتلىرىدىن بىرى ئىدى. 2Ah# FaAC&F@u تەسەۋۋۇپچىلىق شىنجاڭغا ئىسلام دىنى بىلەن بىرلا ۋاقىتتا كىرگەن بولۇپ، ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. تەسەۋۋۇپچىلىقنىڭ تەسىرى ئىسلام ئەقىدىلىرىگە خېلى زور دەرىجىدە سېڭىپ كەتكەن. لىكىن ⅩⅥ ئەسىردە تەڭرى تېغىنىڭ جەنوبىي ۋە شىمالىدا ئۆزگىچە يۆنىلىش ۋە نىشانغا قاراپ تەرەققىي قىلىپ، ئېچىنىشلىق ۋەقەلەرنى پەيدا قىلدى. بۇخارادىن «ئەۋلىيا»، «سەئىد»ئاتاق نامى بىلەن (1533-1534يىللار ئارلىقىدا) شىنجاڭغا كىرگەن مەخدۇم ئەزەم (تۇلۇق ئىسمى—خۇجا ئەھمەد كاسانى) ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئۆزلىرى «مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ئەۋلادى» دەپ ئاتاپ ئاممنى ئۆزىگە چۇقۇندۇرغان ۋە «خۇجىلار دەرگاھىغا كىلىپ مۇرت بولغۇچىلارنىڭ گۇناھى ھەر قانچە ئېغىر بولسىمۇ خۇدا مەغپىرەت قىلىدۇ.②» دىگەننى تارقىتىپ تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدا سۇپى-ئىشتان سۈلۈكلىرىنىڭ پەيدا قىلىپ سۇپىزىمنى مىسىلسىز ئۇلغايتقان. مەخدۇم ئەزەمنىڭ 7- ئوغلى ئىسھاقىيە سۈلىكىنىڭ تەشكىللىگۈچىسى خۇجا ئىسھاق ۋەلى «سەئىدىيە خانلىقى تەۋەسىدە 40مىڭ مۇرت قۇبۇل قىلغان» جايلارغا 64خەلپەت تەيىنلىگەن③. مەخدۇم ئەزەمنىڭ چەۋرىسى ئاپاق خۇجا ئازكەم يۈزمىڭ كىشىنى ئۆز مەزھىپىنىڭ ئېتقادىغا بەيئەت قىلدۇرغان④. شۇنىڭ بىلەن ئاپاق خۇجا جۇڭغارلارنىڭ ھەربىي كۈچىگە تايىنىپ ھەم ئۆز مۇرىتلىرىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن سەئىدىيە خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدا جۇڭغارلارغا بىقىندى ھاكىمىيەتنى تىكلىگەندىن ئۇلارنىڭ مۇرىتلىرى تېخىمۇ كۆپەيگەن. ئۇلارنىڭ مازارلارغا تاۋاپ قىلىشىنى كۈچەپ تەشەببۇس قىلىشى بىلەن مازارلارغا تاۋاپ قىلىش، مازارلاردىن مەدەت تىلەش تازا ئەۋەج ئالغان. شۇنىڭ بىلەن مازارلار تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ مۇھىم پائالىيەت سورۇنى بولۇپ قالغان. شۇ مەزگىللەردە ئاپاق خۇجا پىچان لۈكچۈنگە كىلىپ تۇيۇق «ئەسھابۇلەھف» مازىرىنى ئېنىقلاپ⑤ بۇ جايدا ئەسھابۇلەھف سۈلىكىنى تەسىس قىلىپ خۇجىلار تەسەپىدىن بولغان سۇپى خۇجىنى بۇ سۈلۈككە باش قىلىپ تەيىنلىدى. شۇندىن باشلاپ پىچاندىكى لۈكچۈن، تۇيۇق، دىغار، لەمجىن ۋە باشقا جايلاردىكى «ئۇلۇغلارنىڭ قەدىمى يەتكەن جاي»لارنىڭ ھەممىسىگە گۈمبەز ئورنىتىلىپ مازارلار بارلىققا كىلىشكە باشلىدى⑥. «ئەسھابۇلەھف»سۈلىكىنىڭ باشلىقى سۇپى خۇجا ۋە ئۇنىڭ ئۇغلى نىيازخۇجا تۇرپان، پىچاندىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا «جەۋھىرى سۈلۈك» ۋە تەسەۋۋۇپ يولىنى چىڭ تۇتۇپ، سۇپىلىق تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ ئۆزلىرىگە نۇرغۇن مۇرت توپلىدى. شۇنىڭ بىلەن تۇرپان، پىچانلاردىمۇ سۇپا-ئىشانلار سىرتمىقى ئاستىدا نۇرغۇن ئىتائەتمەن مۇرىتلار پەيدا بولدى. كىيىن سۇپى خۇجىنىڭ نەۋرىسى، نىيازخۇجىنىڭ ئوغلى ئىمىن ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ، سۇپىلىق تەرغىباتىنى كۈچەپ تەشەببۇس قىلىپ، كۈچ توپلاپ تۇرپاننىڭ قارانچۇق سۇلتانى ئەھمەد باقى بەگنىڭ لۈكچۈن ئوردىسىغا باستۇرۇپ كىرىپ، ھوقوق تارتىۋالدى ۋە ئۇنى ئۆلتۈرۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن تۇرپان، پىچاندا تەسەۋۋۇپچىلىق تېخىمۇ كەڭ تارقالدى. مۇشۇ دەۋىرلەرنى باشتىن كەچۈرگەن غۇجامنىياز ئاخۇنلۇقۇممۇ تەسەۋۋۇپ ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىماي قالمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ خەلق ئىچىدىكى رىۋايەت ۋە ئىمىن خۇجىنىڭ قوللىشىغا تايىنىپ، «يەتتە قىزلار مازىرى»نى ئشكارلاپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن «يەتتە قىزلار مازىرى»غا تاۋاپ قىلىش رەسمىي شەكىللەندى. مانا بۇ «يەتتە قىزلار مازىرى»نى تاۋاپ قىلىشنىڭ تارىخىي مەنبەسى ۋە سەۋەبىدۇر. hPkp;a # }rUN_.n4z 4. «يەتتە قىزلار مازىرى»بىلەن مۇناسىۋەتلىك يادىكارلىقلار ۋە جايلار: <_L,t 1H{ >58YjLXb «يەتتە قىزلار مازىرى»نىڭ كۈلىمى 150مىڭ كۇۋادرات مېتىر كىلىدۇ. يەتتە قىزغا ئاتاپ سىلىنغان يەتتە گۈمبەزنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئايلانمىسى 2.05×4 مېتىر، ئىگىزلىكى 2.09 مېتىر، خانقانىڭ كۈلىمى 10×15.40 كۇۋادرات مېتىر، تىلاۋەتخانا 10×9.3 كۇۋادرات مېتىر كىلىدۇ، بۇلار مۇكەممەل ساقلىنىپ كىلىۋاتىدۇ. ,Zx0%#6 n&4N[Qlv, مازارنىڭ سۇپىسى، سائىللار ئۈچۈن سېلىنغان بىر قانچە گۈمبەزلىرى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دا چىقىۋىتىلىپ تۇپىسى ئېتىزلارغا تۈكۈلگەن يالغۇز گۈمبەز: غۇجامنياز ئاخۇنلۇقۇم دەسلەپ ياساتقان گۈمبەز كىشىلەر تەرىپىدىن يالغۇز گۈمبەز دەپ ئاتالغان. گۈمبەزنىڭ خارابىسىدىن قارىغاندا ئىككى ئېغىزلىق بولۇپ، كۈلىمى 8.20×6 كۇۋادرات مېتىر كىلىدۇ. گۈمبەز ئۆرۈلۈپ كەتكەن بولسىمۇ تاملىرى ۋە تامدىكى ئەگمە ئۇيۇقلار ساقلىنىپ قالغان. مازارنىڭ غەرىپ تەرىپىدە شامالنىڭ ئۇپىرىتىشىدىن شەكىللەنگەن چۇقچىيىپ تۇرغان چۇققىلار بولۇپ، كىشىلەر بۇلارنى «يەتتە قىزلارنىڭ تاشقا ئايلانغان تۆگىسى ۋە يۈكلىرى»دەپ ئاتايدۇ. =j_4S< nF]W,@u"h غەربىي تاغدىكى يەتتە يىگىتلەر ئەتىراپىدا تاش غارلار، مېۋە شەكلىدىكى (ئالما، ئۆرۈك، شاپتۇل......) تاشلار، بۇغداي، گۆرۈچ شەكلىدىكى تاشلار، ھورنان پىرەنىكلەرگە ئوخشاش تاشلار ئۇچىرايدۇ. كىشىلەر بۇلارنى «يەتتە قىزلار تەڭرىدىن تىلەپ تاشقا ئايلانغان ۋاقىتتا ئۇلار بىلەن تەڭ تاشقا ئايلىنىپ كەتكەن مېۋە ۋە باشقا نەرسىلەر»دەپ چۈشەندۈرىدۇ. p$c6<'UqH $rBq"u=,0+ ياڭاق بۇلاق: «يەتتە قىزلار مازىرى»نىڭ شەرقىي شىمال تەرىپىدىكى يار ئىچىدە «ياڭاق بۇلاق» دەيدىغان بىر بۇلاق بولۇپ، بۇ بۇلاقنى كىشىلەر «يەتتە قىزلار تەھھارەت ئالىدىغان جاي» دەيدۇ، كۆز ئاغرىقىغا گىرىپتار بولغانلار بۇ بۇلاققا كىلىپ يۈز-كۆزلىرىنى يۇيۇپ قايتىدۇ. k"%~"9 +o{R _ مازارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر قۇدۇقلۇق كارىز بولۇپ، بۇ كارىز تۇرپان كارىزلىرى تەتقىقاتىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان كارىز ئىدى. بۇ كارىزنىڭ سۈيى 1950- يىلى ئەتىراپىدا ئۈزۈلۈپ قالغان. كارىز سۈيىنى قايتا باشلاپ چىققانلىق تۇغرىسىدا كىشىلەر ئارىسىدا رىۋايەت بار. بۇ قۇرۇق كارىزنىڭ ئېغىزى ئىككى يىل بۇرۇن يەرلىك (گۆر) چاپقۇچىلار تەرىپىدىن ئېتىۋىتىلدى. مازارنىڭ شەرق تەرىپىدىكى ئىلگىرى مازار شەيىخلىرى تېرىقچىلىق قىلغان، كىيىن بۇلاق سۈيىنىڭ ئازىيىپ كىتىشى بىلەن تاشلىۋەتكەن يەرنى ئىككى يىل بۇرۇن قۇتۇبي ناھىيىسىدىن كەلگەن بىر ئايال «مۇللا» «بۇ جايغا يەتتە قىزلارنىڭ قەدىمى تەككەن، بۇلاق سۈيى تاغدىكى يەتتە قىزلارنىڭ تاپىنى ئاستىدىن سىرغىپ چۈشىدۇ، بۇنى ماڭا پىرلىرىم بىشارەت قىلدى......»دەپ بۇ يەرنى «چىڭگىل غۇجام» دەپ ئاتىدى. كىيىن قەشقەردىن «يەتتە قىزلار مازىرى»نى تاۋاپ قىلغىلى كەلگەن «مۇللىلار»مۇ بۇ يەر ھەقىقەتەن «چىڭگىل غۇجام» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشتى. شۇنىڭ بىلەن يەتتە قىزلارنىڭ «قەدىمى يەتكەن جاي»دىن يەنە بىرى ئاشكارلىنىپ، كىشىلەر تاۋاپ قىلىدىغان جاي بولۇپ قالدى. bH9kj/q\b HWrO"b*tO 5. تاۋاپ پائالىيەتلىرى: Fyx|z'4b XEp{VC@= تاتار تارىخچىسى قۇربان غەلىي غالىدى 1887- يىلى پىچان لۈكچۈنگە كەلگەندە، يەتتە قىزلار مازىرىنىڭ تەرىپىنى ئاڭلاپ، بۇ مازارنى ۋە يەتتە قىزلارنىڭ تاشقا ئايلانغان ئاجايىپ شەكىللىرىنى تاۋاپ قىلىشنى پىلان قىلغانلىقىنى ئۆزىنىڭ ساياھەت خاتىرىسى «كىتابۇ تارىخ جەرىيىدەئى جەدىيىدە» دە ئالاھىدە تىلغا ئالىدۇ. nnEgx;Nl0 %N6A+5H يەتتە قىزلار مازىرى شەكىللەنگەندىن باشلاپ كىشىلەر ئىزچىل تۈردە بۇ جايدا تاۋاپ پائالىيىتى قىلىپ كەلدى. بۇ پائالىيەتلەردىن مۇھىمراقلىرى: %nZo4hnr$r bHYy }weZ 1) ھەر يىلى ئىككى قېتىملىق ھېيتتا يۇرت خەلقى بۇ مازارغا يىغىلىپ ناماز ئوقۇيدۇ. 8 +/rlHp K(rWNO 2) مازاردىكى خانقا ۋە تىلاۋەتخانىلاردا ئولتۇرۇپ قۇرئان ئوقۇپ يەتتە قىزلارئارقىلىق ئاللاھتىن مەدەت تىلەيدۇ. }O5i/#.lR P>C~ i:4n 3) مۇۋاپىق پەيتلەرنى تاللاپ بولۇپمۇ ھەر يىلى مۇھەررەم ئېيدا (ھىجرىيە 1-ئاي) بۇ جايدا قۇربانلىق قىلىنىپ، داش قاينىتىپ ھەممە كىشىگە ئاش – تاماق بېرىلىدۇ. بەزىلەر ئەھۋالىغا قارىتا سەرىقە تارقىتىدۇ، بۇ ئىشتا ئىلىم-ئەھلىلىرى بىلەن يېتىم يېسىرلارغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىلىدۇ. بۇ يەرگە كەلگەنلەر مازارغا كىلەلمىگەنلەرگە ئاتاپ نەزىر نانلىرى ۋە ئاشلىرىنى ئىلىۋالىدۇ. U^%Q}'UYym Q#X8u-~ 4) ھەر ھەپتىنىڭ پەيشەنبە، شەنبە كۈنلىرى نۇرغۇن كىشىلەر بۇ مازارغا كىلىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىپ قايتىدۇ. F?*-4I- wLH>:yKUU 5) بىر قىسىم كىشىلەر بۇ يەردە قۇربانلىق قىلىپ «نىيازمەنلىك نەزىرىسى» (كىچىك بالىلارغا چۇققىسىغا كۇكۇلا چاش قۇيۇش نەزىرىسى) ئۆتكۈزۈپ بالا-ۋاقىلىرىنىڭ بىرەرسىنىڭ ئىسمىنى نىيازغا ئۆزگەرتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ. شۇڭا بۇ جايدا نۇرغۇن قۇشقار، سەركە مۇڭگۈزلىرى ۋە كالتە ئۆرۈلگەن چاچلار ساقلىنىۋاتىدۇ. )3}9K ^jS Egp/f|y 6) ئۇزۇنغىچە پەرزەنت يۈزى كۆرمىگەن ئاياللار بۇ مازارغا كىلىپ تاۋاپ قىلىپ، سەدىقە –ساخاۋەت قىلىدۇ، ھەمدە بەل تاڭدۇرۇش، تۈنەپ تەلەپ قىلىش، چىراق يىقىش پائالىيەتلىرىنى ئىلىپ بارىدۇ. 0/MtYIYk ?k&Vy بۇ يەردىكى بەل تاڭدۇرۇش مۇنداق بولىدۇ: شەيىخلەر پاختا رەختتىن يىپ ئىشىپ، يەتتە تۈگۈن تۈگىدۇ، ئاندىن تۇغمىغان ئاياللارنىڭ بېلىگە «ياخشى پەرزەنتلىك بولغايسىز، يەتتە قىز، يەتتە يىگىتلەردەك پەرزەنتلىك بولغايسىز»دەپ تىلەك تىلەپ باغلايدۇ. ئاندىن يەنە بىر پەيشەنبىدە ئايالنىڭ بېلىدىكى تېڭىقنى يېشىپ ئىلىپ مازاردىكى چىراقلارغا پىلىك قىلىپ، مازارغا چىراق ياقىدۇ، گۈمبەز ئىچىدىكى تۇقماققا يۇپۇق ياپىدۇ، بۇ جايدا ھازىرغىچە نۇرغۇن يۇپۇقلار ساقلانماقتا. Y0@"fU35 zuad~%D 7) يۇقارقىلاردىن باشقا يەنە ماغدۇرى يەتكەنلەر تاغ بېشىغا چىقىپ تاشقا ئايلانغان يەتتە قىزلارنى تاۋاپ قىلىدۇ، چىراق ياقىدۇ، چوكان(شەددە)باغلايدۇ ۋە باشقىلار. 9igiZmM M*, -zGr يەتتە قىزلار تۇغرىسىدا كىشىلەر ئارىسىدا يەنە بىر قانچە رىۋايەتلەر بولۇپ، كىشىلەر ھازىرمۇ «يەتتە قىزلار ھايات»دەپ ئىشىنىدۇ ۋە سەھەردە يۈزىنى يۇيماي «يەتتە قىزلار مازىرى» تەرەپكە قارىمايدۇ. «تاشقا ئايلانغان يەتتە قىزلار» نى قول سانجىپ ئىشارەت قىلمايدۇ. '(f* 2eE: ]d0BN`*U. تۈگەللىمە، يەتتە قىزلار مازىرى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىگىز تاغلارنى مۇقەددەس بېلىشىدىن شەكىللەنگەن تەبىئەت ئېتقادچىلىقى ئاساسىدا پەيدا بولغان «يەتتە قىز ۋە يەتتە يىگىتنىڭ تاشقا ئايلىنىشى» تۇغرىسىدىكى رىۋايەتنىڭ ئىسلامىيەتتىن كېيىن «ئىسلام يىپىنچىسى» بىلەن تارقىلىشىنى ئاساس قىلىپ، خۇجىلار دەۋرىدە مازارلارغا تاۋاپ قىلىشنىڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىشى، ئىمىن خۇجىنىڭ تۇرپاندا ھاكىمىيەت ئىگەللىشى، تۇرپاندا تەسەۋۋۇپنىڭ تېخىمۇ كەڭ تارقىلىشى ئارقىسىدا غۇجامنىياز ئاخۇنلۇقۇمنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن شەكىللەنگەن مازار. ]Ji.Zk ThajHK|U ئىلىم-پەن تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ كىشىلەرنىڭ ئىلىم-پەنگە بولغان تۇنۇشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئاڭ سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى كۆتىرىلىشى بىلەن، كىشىلەر «يەتتە قىزلار مازىرى» تۇغرىسىدا ئېنىق، توغرا يەكۈننى قوبۇل قىلالايدۇ. EzM ?Nft Z, Y b&b %9F([K F2LLN Eex~xiiV ئىزاھلار: MDZ640-Y ArI2wM/v (1) ئابدۇكېرىم راخمان: ئۇيغۇر فولىكلورى ھەققىدە بايان «شىنجاڭ ئونۋىرستىتى نەشىرىياتى 1989- يىل ئويغۇرچە نەشىرى، 455- بەت. l|JE# *e TqVG. (2) ھاجى نۇرھاجى: «يەكەن سەئىدىيە خانلىقى قىسقىچە تارىخى»، «شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1993- يىل ئۇيغۇرچە نەشىرى، 201- بەت. S}m)OmrmA )1J R# (3) (4) ھاجى نۇرھاجى، چىن گۇگۇڭ: «شىنجاڭ ئىسلام تارىخى»، مىللەتلەر نەشىرىياتى، 1995- يىلى ئۇيغۇرچە نەشىرى 256، 290- بەتلەر. H7&8\FNa m{Wu" ;e (5) نىياز كېرىمى: «تۇيۇقتىكى ئەسھابولكەھف غارى» تۇغرىسىدا مۇھاكىمە شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋىرستىتى ئىلمىي ژۇرنىلى ئىجتىمائى پەن قىسمى 2002- يىللىق3- سان، 79- بەت. TVtvuvQ2K 5,lEx1{_ (6) ئابدۇرىشىت ئەھمەد: «لۈكچۈن تارىخى» پىچان تارىخى ماتىرىياللىرى 16- قىسىم، پىچان ناھىيىلىك سىياسى كېڭەش تارىخى ماتىرىياللىرى كومىتېتى نەشىر قىلدۇرغان 2000- يىل نەشىرى 158- بەت. e\`&p 5K1)1E/Fu (7) قۇربان غەلىي غالىدى: «كىتتابۇ تارىخ جەرىيىدەئى جەدىيىدە» شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1989- يىل ئۇيغۇرچە نەشىرى 130- بەت. ,GhS[VJjR y4 #>X پايدىلانمىلار: ~f&E7su-6+ 38Mv 25N (1) ھاجى نۇرھاجى، چىن گۇگۇڭ: «شىنجاڭ ئىسلام تارىخى»، مىللەتلەر نەشىرىياتى، 1995- يىلى ئۇيغۇرچە نەشىرى ^KnU4sD ?um;s-x) (2) پىچان تارىخ ماتىرىياللىرى 4-، 16- قىسىملىرى. &)# ihK_ W @M:a (3) ئابلىم قېيۇم: «تۇرپان ئاسارە ئەتىقىلىرى» شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1997- يىل ئۇيغۇرچە نەشىرى. Di,^% KC*e/J (4) «يەتتە قىزلار مازىرى» شەيىخلىرىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ھازىرقى شەيىخ سىتنىياز ھىزىمەت (74ياش)، ھەمدۇل ھىزىمەت، ئىلنىياز نەمەت، شازادىخان سىتنىياز قاتارلىقلار تەمىنلىگەن ئاغزاكى ماتىرىيال ۋە كىشىلەر ئارىسىدىكى رىۋايەتلەر. UP$.+ =g7x' kN F$y$'Rzu_B بۇ ماقالە «تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى»ژۇرنىلىنىڭ 2006-يىل2-سانىدىن ئېلىنغان.
ئوتلۇق:بۇ دەرىسكە {ئاپپاق خۇجىنىڭ ئەپتى -بەشرىسى }دىگەن ئاۋازلىق ئەسەرنى قۇشۇپ ئاڭلىتىپ ئۆتسە تېىخمۇ ياخشى چىقامدىكىن دەيمەن . (2012-09-24 01:43)
tawpek:پىچاندىكى يەتتە قىزلار مازىرى توغرىسىدا ئىزدىنىشئەھمەد ئىمىن ئەلنەزەر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنوم رايونى تەۋەسىدە بىر قانچە جايد .. (2012-07-17 11:21)