查看完整版本: [-- قايغۇرما،قاينۇق! --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> باشقا ئىجادىيەتلەر -> قايغۇرما،قاينۇق! [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

مەھەممەتجان 2013-03-29 19:24

قايغۇرما،قاينۇق!

                                         قايغۇرما،قاينۇق! jn+BH3e  
                                                   ObSRd$M  
Fm4)|5  
                                             (<<ق>>ھەرىپى بىلەن باشلانغان سۆز ئويۇنى) d#-'DO{k  
                                                                           t>JPK_b0  
yhh\?qqy  
                                                                   مەھەممەتجان ساۋۇت xL$7bw5fY  
         AI#.G7'O  
        قايغۇرۇش - قورقۇنچاقلارنىڭ قەدىمدىن قالغان قانلىق قىساسلاردىن قورقۇش قانۇنىيىتى. pYz\GSd  
        قايغۇرۇش - قاناتسىزلانغان قۇشلارنىڭ،قانسىزلانغان قويلارنىڭ،قاۋانلاردىن قورقۇپ قاچقان قوتازلارنىڭ قاباھەت قاينىمىدا قانخۇرلارغا قىلغان قەسىمى.  ,$(a,`s)  
        قەسەم قىلىمەنكى،قېرىنداشلىرىم،قاينۇق قايغۇرمايدۇ.قايغۇرۇش قاينۇقنى قەتئىي،قەتئىي قورقۇتالمايدۇ. D.*o^{w|  
        قاينۇقنىڭ قالاق قىياپىتى قاينۇقلۇقلارنىڭ قۇياشنىڭ قىززىق - قىززىق قىزدۇرۇشلىرىدىن قورقۇپ قاچقانلىقىدىن قالغانمۇ؟! _*f On@Vwo  
JS^!XB' !  
        قارىغۇلارچە قاۋاۋەرمەڭلار،قاچان قاينۇقلۇقلار قۇياشنىڭ قىززىق - قىززىق قىزدۇرۇشلىرىدىن قورقۇپ قېچىپتىكەن؟قايسى قارا قىشتىن قاينۇقلۇقلار قورقۇپ قاپتىكەن؟!قاينۇقلۇقلارنىڭ قاداق قاپلىغان قوللىرىغا،قورۇق قاپلىغان قىياپەتلىرىگە قارىغىن.قارىساڭ قورقىسەن،قاداق قاپلىغان قاۋۇل قوللار قانداقلارچە قاينۇقلۇقلارنىڭ قوساقلىرىنى قامدىيالمىدى؟قانداقلارچە قاينۇقلۇقلارنىڭ قەتئىيلەشكەن قوشۇنىنى قامدىيالمىدى؟قانداقلارچە قاينۇق...؟قاينۇقنىڭ قالاق قىياپىتى قەيەردىن قالغان؟ nd~O*-uYg  
        قاينۇقنىڭ قالاق قىياپىتى قۇرغاقچىلىقتىن،قاينۇقتىكى قارا قورساقلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن قالغان. kK/( [!  
        قاينۇق قۇرغاقچىلىقتىن،قارا قورساقلاردىن قۇتۇلالارمۇ؟ 4(&sw 
        قۇتۇلىدۇ. t&Jrch k  
        قارا قېرىندىشىم،قاينۇق قەدىمدىن قالغان قارام،قاۋۇل،قورقۇمسىز قىياپەتتە قارا قورساقلارغا قارىتا قارشىلاشماقچى.قىپ - قېزىل قانلىرىدا قىسسىلەرنى قالدۇرماقچى.قارا قازاندا قورۇلغان قوماچتەك قايمۇققان قەدەملەرنى قاراڭغۇلۇقتىن قۇتۇلدۇرماقچى؟قانداق،قاينۇقنىڭ قىلىۋاتقانلىرى قاملىشىپتىمۇ؟ 9k;%R5(  
        قاملىشىدۇ،قانداقچە قاملاشمىسۇن؟ Qrw:Bva)  
        قۇرغاقچىلىق قاينۇقنى قەتئىي قورقۇتالمايدۇ.قۇرغاقچىلىق قاينۇقنىڭ قوتىنىدىكى قويلارنى،قونداقلىرىدىكى قۇشلارنى،قېپقېزىل قوناقلىرىنى قۇرۇتالىسىمۇ،قاينۇقلۇقلارنى قۇرىتالمايدۇ.قاينۇقلارنىڭ قەدىمدىن قالغان قىززىق - قىززىق قىلىقلىرىنى،قاردەك قەلبىنى قۇرىتالمايدۇ! RMlx[nsq  
        قۇرغاقچىلىق،قاينۇقنى قۇرۇتقىچە،قاينۇقنىڭ قالاقلىقىنى،قاينۇقتىكى قارا قورساقلارنى قۇرۇتقىن!قۇرۇتۇپ قاخشال قىلىۋەتكىن،قاخشاللارنى قالاپ - قالىۋېتەيلى،قاينۇقتا قىلچىكلىكمۇ قالاقلىق قالمىسۇن! +NTC!/  
cnB:bQQK8  
auAwZi/  
m8Rt>DY  
   <<ئىلى كەچلىك گېزىتى>>نىڭ 1996-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى سانىدىن ئېلىندى.

مەھەممەتجان 2013-03-30 00:04
                      قايىلمەن،قەلىمىڭگە قاينۇقلۇق قېرىندىشىم                                           4ULdf|oP"  
{ }P~nP  
W>u{JgY  
                                         (‹‹ق››دىن قۇراشتۇرۇلغان قىسقىچە قەسىدە) %0vWyU:K9  
$)6x3&]P  
C%#u2C2  
                                                               ئەكرەم ئابدۇمىجىت ViU5l*n;  
W9S6 SO^\  
        قاچانكى قەلبتە قان قىزىپ قاينىغاندا،قەھىرلىك قەسەم،قايىللىق قەسىدە قەغەز قۇرلىرىغا قۇيۇلىدۇ. #Fkp6`Q$x  
        قاينۇقلۇق قېرىندىشىمنىڭ قاتار - قاتار ‹‹ق››لاشتۇرۇلغان ‹‹قايغۇرما،قاينۇق››قىغا قاراپ،قەلبىمنى قايىللىق قاپلىدى.‹‹قايغۇرما،قاينۇق››تا قۇرغاقچىلىقتىن قۇتۇلۇشچۈن قار قورساقلىقنىڭ،قالاقلىقنىڭ قاباھەتلىك قارا - قۇرتلىرىدىن قۇتۇلۇش قەيت قىلىنغان.  p+-IvU  
        قارىغاندا،قاينۇقلۇق قېرىندىشىم قاينۇقنىڭ قۇرغاقچىلىقتىن قۇتۇلۇشىنىڭ قاتلام - قاتلام قاپتاللىرىنى قايتا - قايتا قېزىپ - قىدىرىپ،قاينۇقنى قۇدرەتلىك قاينۇق قىلىپ قۇرۇشنىڭ قازانلىرىنى قايناتقاندەك قىلىدۇ. %8>0;ktU  
        قىزىقتىن قورقۇپ،قالپاقنى قىرلاپ،قوغۇن - قاپاق،قىزىلچا،قوناق،قەلەمچىلرىنى قۇرۇتىۋېتىپ،قاينۇق قانداق؟قارا ياغاچ،قوتانتام،قىزىلبۇلاق... قاتارلىقلار قانداق؟قارىماستىن قارىسىغا قۇرۇقتىن - قۇرۇق قايغۇرۇش،قاخشاش،قارغاش قەتئىيكى قالاق،قارا قورساقلارنىڭ قىلىقى.قارا قورساقلارغا قاچانلا قارىماڭ قازىنى قۇرۇق.قالاقلىق قاراڭغۇلۇققا قىستايدۇ.‹‹قايغۇرما،قاينۇق›› تا قالاقلىقتىن قۇتۇلۇش قەسىمى قايتا - قايتىلانغان.قالغىنىنى قاينۇقلۇق قاۋۇل،قەيسەر،قىززىقچى قېرىنداشلارنىڭ قۇدرىتىنىڭ قەيەردىن قەيەرگىچىلىكىگە قارايلى! %q6I-  
   tjQ6[`  
   <<ئىلى كەچلىك گېزىتى>>نىڭ 1996-يىلى8-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى سانىدىن ئېلىندى.

tawpek 2013-03-30 00:09
96- يىلى مەتبۇئاتتا بۇنى ئىلان قىلغان بولسىڭىز سىزمۇ خىلى كاتتا قەلەم ساھەىپلىرىدىن ئوخشايسىز. 0qm CIcg  
kIRjoKf 
ئىسىل يازمىللىرىڭىزنى تەۋپىقداشلاردىن ئايىمىغايسىز. `/ 
R7c42L\QA  
مۇشۇ خىلدىكى ئەسەرلەرنى كۆرسەم تولىمۇ قايىللىقىم تۇتىدۇ، ئوقوشنىڭ ئۆزىمۇ بىر لەززەت، تىل كۆندۆرۆش مەشىقىنىڭ ئۆزى دىسە. [7  t  
%v UUx+  
قاينۇق دىگەن بىر جاينىڭ نامى ئوخشىمامدۇ؟

nadiraay 2013-03-30 00:32
ئادەتتىكى يېڭىلىتماقلارنى دېيەلمەيۋاتقان بالىلىرىمىزغا ئوقۇپ بەرسەك ئاغزىنى ئېچىپلا قالغۇدەك.       

مەھەممەتجان 2013-03-30 00:36
引用第2楼tawpek于2013-03-30 00:09发表的  :96- يىلى مەتبۇئاتتا بۇنى ئىلان قىلغان بولسىڭىز سىزمۇ خىلى كاتتا قەلەم ساھەىپلىرىدىن ئوخشايسىز.ئىسىل يازمىللىرىڭىزنى تەۋپىقداشلاردىن ئايىمىغايسىز.مۇشۇ خىلدىكى ئەسەرلەرنى كۆرسەم تولىمۇ قايىللىقىم تۇتىدۇ، ئوقوشنىڭ ئۆزىمۇ بىر لەززەت، تىل كۆندۆرۆش مەشىقىنىڭ ئۆزى دىسە........
: 17ee  
~:R4))qpg  
{\ A _%  
4S d+"3M  
F Bd+=bx,Z  
?z*W8b]'  
        ئىلھامىڭىزغا رەھمەت. \ x>NB  
        بىر چاغلاردا يازغاندەك قىلغان بىر نەرسىلەرنى،كېيىن جىممىدە بولۇپ قالدۇق. UHTb61Gs  
        قاينۇق يېزىسى ئىلى دىيارىدىكى قەدىمىي يېزىلارنىڭ بىرسى بولۇپ،يەرلىك ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بىر يۇرت.

ئەكبەرنىياز 2013-03-30 15:38
ياخشى چىقىپتۇ ، ھارماڭ بۇرادەر !!!

tawpek 2013-03-30 21:10
ئىجادىيەتلىرىڭىز توختاپ قالمىغاي داۋاملىق سۇنۇپ تۇرۇڭ. _&8KB1~  
T`0`]z!~  
مەنمۇ ئەدەبى دىتنىڭ شۇ يىرىگە ھەيران، 10 يىل ئىلگىركى خاتىرەمدىكى ئەسەرلەرنى ئوقوسام ئۆزۆمنىڭلىكىگە ئىشەنمەيمەن ھازىر.

ozqan 2013-04-03 15:51
بەك ياخشى چىقىپتۇ بۇ سۆز ئويۇنى ، ھارمىغايىسز، ھەم قەلىمىڭىزنى توختاتمىغايسىز ، مۇھەممەتجان ...

tawpek 2013-04-05 12:54
يەنە باشقا ھەرىپلىردىمۇ توقوپ قويمامسىز aNh1e^j  
,YuWz$aF{  
بۇ خىلدىكى ئەسەرلىرىمىز ئانچە مولچىلىق ئەمەسقۇ ئەدەبياتىمىزدا.

xurat 2013-05-14 12:00
ق ۋە ك  ھەرپىدىن بۇنداق يازمىلار كۆپىرەك چىقىدۇ .


查看完整版本: [-- قايغۇرما،قاينۇق! --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled