查看完整版本: [-- تىل-ئەدەبىيات ئۇقۇتقۇچىلىرى ۋە ئىزدىنىش بوشلىقى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مائارىپ ۋە جەمىيەت -> تىل-ئەدەبىيات ئۇقۇتقۇچىلىرى ۋە ئىزدىنىش بوشلىقى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

نۇرلالە 2013-03-27 11:46

تىل-ئەدەبىيات ئۇقۇتقۇچىلىرى ۋە ئىزدىنىش بوشلىقى

تىل-ئەدەبيات ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئىزدىنىش بوشلۇقى iqsCB%;5  
پاتىگۈل ياسىن Z-%\  
  ScOK)nL"  
تىل-ئەدەبيات دەرسى ئارقىلىق ئوقۇغۇچلاردا ئانا تىلنىڭ يۈكسەك سېھرى كارامىتىنى ھىس قىلدۇرۇپ، ئانا تىلنى سۆيۈش، ئانا تىلدىن  ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇسىنى يىتلدۇرگىلى بۇلدۇ. بىز ئۇزۇن يىللىق تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ خېلى كۆپ بۇلۇشمىز مۇمكىن. { l/U6](  
ئەدەبيات دېگەن نېمە؟ دېگەن سۇئالغا كىتابتىكىدەك تۇلۇق جاۋاپ بېرەلمىگەن ناتىق ئوقۇغۇچلارنى ھامان
《دۆت》، 《ھېچنىمىنى بىلمەيدۇ》،《ئەدەبياتتىن خەۋىرى يوق》دەپ قاراپ كەلدۇق، شۇنداقلا تۆۋەن نۇمۇر قۇيۇش شەكلى ئارقىلىق جازالىدۇق؛ ئوقۇتقۇچلارنىڭ سۆزىدىن گۇمانلانغان، كېتاپتىن خاتالىق تاپقان ئوقۇغۇچلارنىڭ 《تىلى》نى《كەسمەكچى》بۇلۇشتۇق؛ مۇئەلىم ئېيتىپ بەرگەن سۆزنى خاتىرسىگە چىرايلىق كۆچۈرۈشنى، چېكىت بۇيىچە چۈشۈرۈپ قويماي يادلاشنى بىلگەن ئوقۇغۇچلارنى قالتىس تالانتىلىق ئوقۇغۇچى دەپ قاراپ موكاپاتلىدۇق. بۇلاردىن تىل-ئەدەبيات ئوقۇتۇشنىڭ مەقسىتىنى قانداق چۈشەنگەنلىگىمىزنى ھەممىدە بۇ مەخسەتكە يېتىش ئۈچۈن قانداق ۋاستە قوللانغانلىقىمىزنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ. `v!urE/gg%  
RNk\.}m  
 جۈمىلە دېگەن نېمە؟ دېگەن سۇئالغا100نۇمۇرلۇق جاۋاپ بەرگەن ئوقۇغۇچنىڭ ئوڭلاپ تۇرۇپ بېرەرمۇ جۈمىلە تۈزەلمگەنلىگىنى بايقاپ قالغىنمىزدا ئەپسۇسلىنىشنى، يېنىك ھالدا بولسىمۇ باش چايقاشنى بىلەرمىزمۇ؟! بىز ئاشۇ《جۈمىلە دېگەن نېمە؟》دېگەن سۇئالغا تولۇق جاۋاپ بېرەلمىسىمۇ لېكىن راۋان جۈمىلە تۈزەلگەن ھەم راۋان سۆزلىگەن، ئوقۇغۇچىغا خاتا باھا بەرگەنلىگىمىزنى 《مۇستەبىت》لەرچە مۇئامىلە قىلغانلقىمىزنى ئېتراپ قىلساقلا خاتلىقمىزنى تۇنۇپ يەتكەن بولىمىز.بىزنىڭ 《جۈمىلە》دېگەن دەرسىنى ئۆتىشتىكى مەخسىتىمىز جۈمىلىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىگە جاۋاپ تاپقۇزۇشمۇ ياكى راۋان جۈمىلە تۈزەلەيدىغان ماھارەتنى يىتىلدۈرۈشمۇ!؟ بۇ ھەر بىر تىل ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسىغا ئايان بولسا كېرەك. /8'NG6"H`  
,L2ZinU:  
ئۇنداقتا ئەدەبىياتنىڭ رولى نېمە ؟ دىگەن سۇئالغا يۈز نۇمۇرلۇق جاۋاپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ «ئەقىللىق» ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلسىمۇ، لېكىن باشقا جەھەتتە ئۆزىنىڭ «ئەقىللىق» ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالمىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئۇچىراتقىنىمىزدا ئەلۋەتتە ياقىمىزنى تۇتۇشقا مەجبۇر بۇلىمىز. 3DX*gsx(  
n&4N[Qlv,  
  دېمەك بىز تىل ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنىڭ مەقسىدىنى ئېنىق تۇنۇيالمىغاچقا، خاتا ئۇسۇل قوللىنىپ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشەلمىدۇق. ئۇنداقتا تىل ئەدەبىيات ئوقۇتۇشنىڭ مەقسىدى نېمە؟ QT5TE: D  
=ZznFVJ`={  
 ساپا مائارىپىنىڭ تەلىپى ۋە يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ روھىدىن مەلۇمكى، تىل ئەدەبيات ئوقۇتۇشنىڭ مەخسىتى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلەش، ئوقۇش، يېزىش قابىليتىنى ئۆستۈرۈش ھەم يىتىلدۈرۈشتىن ئىبارەت؛ ئۇنۇڭدىن باشقا ئۇقۇغۇچلارنىڭ ياشاش ئىقتىدارنىڭ يېتىلىشگە تەسىر كۆرسىتىش ياخشى خارەكتىر ۋە ئەخلاق پەزىلەتكە ئىگە قىلىش، كىشلىك قەدىر-قىمىتىنى ھىس قىلدۇرۇش، غورۇرىنى تاۋلاش، تۇرمۇش چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلارشتۇرۇش، ياشاش ئىشەنچىسىنى كۈچەيتىش، يۈكسەك ئىرادە، سۇلماس ئۈمۈد ئىشەنچ يىتىلدۈرۈشتىن ئىبارەت. شۇڭا بىز تىل ئەدەبيات ئۇقۇتۇشنىڭ مەقسىتىنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇپ، توغرا ۋاستە ۋە ئۇسۇل ئارقىلىق بۈيۈك مەقسەتكە يېتىشكە تىرىشىشىمىز لازىم. !qQl@j O  
1t~G|zhX  
 ئەدەبياتنىڭ رۇلى تولىمۇ مۇھىم. ئەمما بىزدە ئەدەبىياتنىڭ مۇھىم ئورنى ۋە رولىغا ئېتىبار بىلەن قارىيالايدىغان، ئەدەبيات ئۇقۇتۇشنىڭ ‹‹ ھىچقانداق بىر پەنگە  ئوخشىمايدىغان سېھرى كۈچكە باي ئالاھىدە بىر پەن›› ئىكەنلىكىنى ھىس قىلالايدىغان ئوقۇتقۇچىلار زادى قانچىلىك؟ بىزدە، «قۇرۇق سۆڭەكتىن ياغ چىقماس›› دەيدىغان ھېكىمەت بار، شۇنداق ساپاسىز ئوقۇتقۇچى ھەرگىزمۇ ساپالىق ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلىيەلمەيدۇ، ئەدەبيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ساپاسىنى يۇقۇرى كۆتۈرمەي تۇرۇپ مائارىپ سۈپىتىدىن تېخمۇ ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. بۇ خىل ھالەتنى ئۆزگەرتىش يالغۇز ئوقۇتقۇچلارنىڭ تىرىشچانلىق كۆرستىشىگە مۇھتاج بۇلۇپلا قالماستىن، بەلكى مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرنىڭمۇ كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشىگە مۇھتاج. ھالبۇكى ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ئىقتىدارسىز كەلدى. نەتىجىدە ئۇسۇلدىكى سەۋەنلىك ئەدەبيىات پېنىنى ‹‹سەنئەتلىك›› خاراتكتىردىن ياتلاشتۇردى. ئوقۇغۇچىلىرمىز ئەدەبيات پېنىنى پەقەت  نۇمۇر ئېلىش ئۈچۈنلا ئۆگەندى. ئەدەبىيات پېنى بىزنىڭ ئانا تىل-يېزىقىمىز بىلەن پەمبەرچەس مۇناسىۋەتلىك بۇلۇشىغا قارىماي ئۆگەنمىسىمۇ نۇمۇر ئالغىلى بولىدىغان‹‹يۇمشاق باش›› پەن بۇلۇپ قالدى. C[AqFo  
9 
 ئەدەبىيات پېنى ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى تولۇق ئادا  قىلالمىغاچقا، بۇ تەبىئى ھالدا ئوقۇتقۇچلارنىڭ ئومومىي ساپاسىغا تەسىر يەتكۈزدى. يەنە بىر تەرەپتىن بالىلارنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى يەنىلا ئىمتىھان ئارقىلىق بەلگىلىندىغان بولغاچقا، بالىلار مۇھاكىمىدىن كۆرە تەييار جاۋاپلارغا بەكرەك قىزىقتى.ئوقۇتقۇچىمۇ ئوقۇغۇچىلارنى گۈزەللىك ئالىمىدىن مۇھاكىمە سورۇنىغا تەشكىلىيەلمىگەچكە ئۆزلۈكىدىن قىزىقىش، كاللا ئىشلىتىش يىتەرسىز بولدى. ھالبۇكى، ئوخشاشمىغان تېكىستلەر ئارقىلىق ئوقۇغۇچلارغا ئۆزگىچە تەم ئاتا قىلىش-قىلالماسىلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتۇش ساپاسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. bHnT6Icom  
]jQ utlg|  
  ئەدەبىيات پېنى رىئال ئىجىتمائى تۇرمۇش بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بۇلۇش سۈپىتى بىلەن پەقەت دەرسلىكتە بېرلىگەن تېكىستلەر بىلەن چەكلىنىپ قالسا بولمايدۇ. ئوقۇغۇچىلاردا دەرسلىكتىكى بەزى تېكىستلەرگە قارىغاندا گېزىت ژورنالاردىكى رىئال ئۈلگىلەر، نادىر، ئەمما، سۇئال ئامبارلىرىدىكى سۇئاللارنىڭ ۋەھىمىسى بىزنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا تەبىئىي  ھالدا دەرسلىككە باغلاپ قويىدۇ. بۇ خىل قاتماللىق نۆۋەتتىكى‹‹ساپا مائارىپى›› بىلەن چىقىشالمايدۇ. ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى بۇ خىل قاتماللىق ئىچىدە ئۆز ئۈستىگە ئالغان ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن تېخىمۇ چىقالمايدۇ. iq8 
wU36sCo  
 مەنمۇ بىر تىل ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن ساپا مائارىپى قانۇنيىتىگە ماسلىشىپ تەربىيلەنگۈچلەرنى ئەتراپلىق بىلىمگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئوتتۇرا مەكتەپ تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى قانداق ساپالارنى يىتىلدۇرشى ھەققدىدە ئۆزۈمنىڭ قاراشلىرىنى كەسىپداشلىرىم بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن. $rBq"u=,0+  
Lg+Ac5y}`  
1.ئوتتۇرا مەكتەپ تىل –ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى نۇتۇق 76Cl\rV  
:pY/-Cgv  
ماھارتىنى يۇقىرى كۈتۈرۈپ ئوقۇتقۇچىلارنى جەلپ قىلىشقا ماھىر بۇلۇش كېرەك . تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىردا يۇقىرى ماھارەتلىك تىل سەنئتى بولمايدىكەن ، يەتكۈزمەكچى بولغان مەزمۇنلارنى جانىلىق ، تەسىرلىك ، جەلپ قىلارلىق يەتكۈزگىلى بولمايدۇ. Rok7n1gW  
H2 \;%K 2  
2.ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى خەتتاتلىق جەھەتتىن بەلگىلىك تەربىيگە ئىگە بولغان بۇلۇشى كېرەك.چۈنكى ،تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ دوسكا خېتى ئوقۇغۇچىلارغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.ئەگەر ئوقۇتقۇچىنىڭ خېتى سەت،ئملاسى خاتا بولسا ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلار قەلبىدىكى ئوبرازى خۇنۇكلىشىپلا قالماستىن ،بەلكى ئوقۇغۇچىلاردا ئۆز ئىملاسىنى ياخشىلاشقا تىرىشماسلىقتەك ھورۇنلۇق كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ . nHAS(  
mDABH@ R  
3.تىل –ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى مول ماتىرىيال ئاساسىغا ئىگە بۇلشى ھەم زامانىۋى يېڭى ئەدەبىي ئۇچۇرلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك ، چۈنكى ئەدەبىيات رىئاللىقنىڭ ئىنكاسى بولغاچقا ئەدەبىيات كۈنسايىن تەرەققى قىلىپ ئۆزگۈرۈپ ماڭىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەدەبىيات مىللىيلىككە ، سىنىپىلققا ھەم دۇنياۋىلىققا ئىگە بولغاچقا ئەدەبئى ئۇچۇرلاردىن خەۋەرسىز قالغان ئوقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچىلارنى زامانىۋى ئاڭغا ئىگە قىلالمايدۇ ،يەنە بىر تەرەپتىن يېڭىدىن مەيدانغا كېلىۋاتقان ئەدەبىيات ھادىسىلىرى ، نادىر ئەسەرلەر ، ئېقىملار ،ئاپتۇرلار ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزۈلشى زۆرۆر . `AtBtjs RV  
0S_~\t  
  )3}9K ^jS  
 
ئاپتۇرى : ئونسۇ ناھىيە گۈلئاۋات ئوتتۇرا مەكتەپ مۇئەلمەسى xb~yM%*c  
O)*+="Rg  
 مەنبە؛ئۇز ئجاديتىم. f!uwzHA`?  

xayda 2013-03-27 23:36
پەقەت تىل - ئەدەبىيات كەسپىنى چىن قەلبىدىن سۆيەلىگەن ئوقۇتقۇچى بۇ يولدا قانداق قۇربان بېرىشنى ياخشى بىلىدۇ.

natiwan 2013-03-28 01:31
تولىمۇ ئەتراپلىق بايان قىلىپسىز .

tawpek 2013-03-28 01:46
مەرھابا نۇرلالە مۇئەللىمە، مۇشۇنداق ئىسىل يازمىللىرىڭىز بىلەن تىل ئەدەبىيات ئوقوتقۇچىللىرى ئاساس قىلىپ توپلانغان بۇ مۇنبىرىمىزدىكىلەرنى مول ئىچكى ئىنىرگىيە بىلەن تەمىنلەپ مىڭىشىڭىزغا تەشنامىز. Wx%H%FeK  
5J.bD) yrP  
2.ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى خەتتاتلىق جەھەتتىن بەلگىلىك تەربىيگە ئىگە بولغان بۇلشى كېرەك IZ-1c1   
 R Z?jJm$  
بۇ جەھەتتە قىزىقىشىم بولسىمۇ ................... 7vKK%H_P  
fCn^=8KOZ  
ئېملا سەت ئەمەس جۇمۇ لىكىن.

ئەكبەرنىياز 2013-03-28 03:41
ھەقىقەتەن ئېسىل يازما ، ھارمىغايسىز !!!

چالاقۇش 2013-03-28 12:27
بۇ

tawpek 2013-03-28 23:02
ھەقىقەتەن ئادەمنى سۆيۆندۆرگىدەك تېما بوپتۇ بۇ.

gulnaz 2013-03-28 23:20
بەك ئېسىل تىما يوللاپسىز،كۆپ تەشەككۈر! ھارمىغايسىز.

koksangun 2013-03-29 15:59
ماقالە تولىمۇ ياخشى يېزىلىپتۇ ، ئەمما ئىملادىكى خاتالىقلار كۆڭلۈمنى غەش قىلدى ...

مەمەتئېلى 2013-03-29 16:39
تىل ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوقۇتۇش مەخسىدىنى ئايدىڭلاشتۇرىشى بىلەن ئۆزىنى شۇ مەخسەتكە لايىقلاشتۇرىشى، ئۆزىنى تىل ئەدەبىيات ئوقۇتىشىغا ئاتىغان پىداكارلارنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىشىنىڭ ئاساسى. ئەدەبىيات ئوقۇتۇشنىڭ نىشانىنى بىلمىگەن«ئەدەبىياتچى» دەرىس ئۆتۈش سۈرئەت كۆرسەتكۈچىنى ئۇرۇنلىغۇچى خالاس.

ماھى 2013-03-29 17:03
ماقالە ياخشى يېزىلىپتۇ.كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈپسىز،ھارماڭ... 0=1T.4+=  
كوكسانغۇن مۇئەللىم ئېيتقاندەك ئىملا خاتالىقى خېلى بار.تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى بولغان ئىكەنمىز ئالدى بىلەن ئۆز ئىملايىمىزنى توغرىلاپ ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا ئۈلگە بولىشىمىز كېرەك.بىز باشقۇرغۇچىلار ئوڭشاپ قويساقمۇ بولىدۇ،لېكىن تېما يوللىغۇچىنىڭ ئۆز ئەسەرلىرىنى ئۆزى تەھرىرلەش ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ،ئۆز خاتالىقىنى ئۆزىنىڭ تۈزەتكىنى ياخشمىكىن دەپ ئويلاپ، تەھرىرلىمىدىم.شۇنداق قىلغاندا بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ دىققەت قىلىدىغان بولىدۇ.

tawpek 2013-03-30 23:33
مائارىپ ئوتىدا كۆيۆپ يول باشلىغۇچى ماقامىغا يەتكەن ئۇستازدىن بىرسى قەدەم تەشرىپ قىپتۇ مانا.

ozqan 2013-04-03 17:06
نۇرلانە : تەۋپىققە باسقان قەدەملىرىڭىزدىن سۆيۈندۈم ، ئۆز نامىڭىزغا ماس ھالدا تەۋپىقتە نۇرلىنىپ ، ئەمگەك ئەجىر مېۋىلىرىڭىزدىن كۆپچىلىكنى دائىم بەھىرلەندۈرۈپ تۇرارسىز ... MAPGJ"?  
ئىزچىللىق سىزگە ھەمراھ بولسۇن ...

tawpek 2013-04-05 12:50
ھەقىقى بىر تىل-ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسىدىن بىرى قوشولغان ئوخشايدۇ ئارىمىزغا.

akqolpan 2013-04-19 12:38
ياخشى تېما. بىرلىكتە ئىزدىنىپ مائارىپىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن تىرىشايلى.

نەفىسە 2013-04-20 23:17
مائارىپىمىز  ئۈچۈن تىرىشايلى! [MY|T<q  
ماقالە تولىمۇ ياخشى يېزىلىپتۇ

tawpek 2013-04-21 23:20
نۇرلالە شىئىرلىرىڭىزغا قوشوپ مۇشۇنداق ماقاللىلەرنى يوللاشنىمۇ ئۇنۇتماڭ

13379705568 2013-05-13 01:20
ئەدەبيات دېگەن نېمە؟ )\$|X}uny&  
مىنىڭچە تىل -ئەدەبىيات دىگەن، تىل-ئەدەبىيات

xurat 2013-05-14 16:51
ناھايتى ياخشى يىزىپسىز رەھمەت

نازىنە 2013-05-15 09:50
ناھايىـتى ئېسىل يېزىلغان ماقالە ئىكەن. رەھمەت سىزگە.

tursun 2013-05-17 04:35
بىر قوشۇندا سەركە قانچە كۆپ بولسا ،قازىنىدىغان شان-شەرىپىمۇ شۇنچە J] r^W)O  
يۈكسەك بولىدۇ. بۇ ماقالە ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى سۆيۈدۈرىدىكەن،ئاپتورىغا ئالىي ئېھتىرام!       


查看完整版本: [-- تىل-ئەدەبىيات ئۇقۇتقۇچىلىرى ۋە ئىزدىنىش بوشلىقى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled