查看完整版本: [-- مۇنبىرىمىزگە يەنە بىر سەھىپە قوشولدى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبەر ئۇقتۇرۇشلىرى -> مۇنبىرىمىزگە يەنە بىر سەھىپە قوشولدى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tawpek 2013-03-24 20:15

مۇنبىرىمىزگە يەنە بىر سەھىپە قوشولدى

مۇنبىرىمىزنىڭ تۆھپىكار ئەزاسى ۋە تەۋپىقداشلارنىڭ خالىس يولباشچىسى پىشقەدەم ئۇستاز تۇنيۇقۇق مۇئەللىم خىلى بۇرۇنلا تەۋسىيە قىلغان بولسىمۇ بەزى سەۋەپلەر تۈپەيلى روياپقا چىقىرىشقا سەل كىچىككەن بولساقمۇ لىكىن ۋاختى سائىتى بۈگۈنگە توغرا كەلدىمۇ كىچىكىپ بولسىمۇ <<ئاتالغۇلارغا ئىزاھات >>دەپ يىڭىدىن بىر سەھىپە قىتىلدى.

مۇنبىرىمىز ئاساسلىقى ئاناتىل ئەدەبىياتىغا ئائىت ماتىرىياللار ئارقىلىق ئۆز خاسلىقىنى نامايان قىلىپ كەلگەن بولغاچقا چۈشىنىكسىز سۆزلەرگە ئىزاھات بىرىپ مىڭىشمۇ تىل-ئەدەبىيات دەرىسىمىزنىڭ ئاساسى نىشانلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى ھەممىمىزگە مەلۇم لىكىن ئىلگىرى بىرقىسىم مىھنەتكەشلىرىمىزنىڭ ئەجرى بىلەن بىر كىتاپتىكى سۆزلەرگە بولغان ئىزاھاتنى بىر تېما قىلىپلا يوللىنىپ بۇ بوشلۇق تولدۇرۇلغاچقا بۇ سەھىپىنىمۇ ئانچە ئويلاشمىغان ئىدۇق، لىكىن تور نازارەتچىلىكىنىڭ كۈچىيشىگە ئەگىشىپ بەزى سۆزلەر ئاپتۇماتىك سۈزلۈپ زىيارەت چەكلىنىدىغان بولغاچقا ئۇنچىۋالا كۆپ مەزمۇن يىغىلغان تېمنىڭ ئىچىلىپلا تاقىلىپ قىلىش ئەھۋاللىرى كۆرلۆپ ئۇ خىل تېمىلارنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى نىسبەتەن تۆۋەن بولدى.
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەخسۇس سەھىپە قۇرلۇپ مەلۇم بىر ھەجىم ۋە مەلۇم بىر دەرىسلىكنى بىرلىك قىلغان سۆزلەر ئىزاھاتىنى بىر تېما قىلىپ يوللاپ پايدىلىنىشىمىزغا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن بۇ سەھىپە قۇرۇلدى.

ئۇنىڭ ئۈستىگە يىقىندىن بىرى چ چ توپىمىزدىمۇ ساپلا سۆز مەنىسى ۋە سۆز تۈركۈمى ھەققىدىكى يەككە سۆزلەرگە بولغان تونوش بىرلىكى ھەققىدىكى ياردەم مەزمۇنلارمۇ كۆپىيىپ قالدى، شۇنداق نائىنىقلارنى مەنچە مۇشۇ سەھىپىگە يوللاپ ئورتاق كىڭىشىپ پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلساق چ چ توپتىكى بىرنەچچە ئادەمنىڭ بىلىشىدىن مۇنبەر كۆرىدىغان بىر توپ ئادەمنىڭ بىلىشى ئۈچۈن تىخىمۇ ياخشى شارائىت ھازىرلانسا ئەجەپ ئەمەس دەپ قاراپ مەزكۇر سەھىپە قۇرۇلدى.

ئاخىردا مۇنبىرىمىز ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ بۇ قىممەتلىك تەكلىپنى سۇنغان تۇنيۇقۇق مۇئەللىمگە تەۋپىقداشلار نامىدىن ئالاھىدە رەھمەت ئىيتىمەن.
ھەمدە مۇنبەرداشلارنىڭ ئورتاق باش قاتۇرۇپ مۇنبىرىمىزنى مائارىپىمىز ئۈچۈن تىخىمۇ پايدىلىق بولوش تەرەپكە ئاكتىپ بۇراپ مىڭىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

ozqan 2013-03-24 20:30
ياخشى سەھىپە بوپتۇ ، بۇ سەھىپىگە كۆپرەك ماتىريال يوللىساق ، ھەم بۇرۇن بار تېمىلارنى توپلاپ چىقساق بولغۇدەك ...
تەۋپىق ئىنىمىزغا  ۋە تۇنيۇقۇق مۇئەللىمگە رەھمەت ...

sebure 2013-03-24 22:18
ھەقىقەتەن ياخشى  بوپتۇ ،
تەۋپىق ئەپەندىم ۋە تۇنيۇقۇق مۇئەللىمگە رەھمەت .
تەۋپىق ئەپەندىم:مۇمكىن بولسا ئىملاغا بولغان تەلەپ كۈچەيگەن بولسا.

مەلىكەبېلقىس 2013-03-24 22:43
ناھايىتى ياخشى بوپتۇ .«مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا» ئەمەسمۇ؟

nadiraay 2013-03-24 22:47
ناھايتى ياخشى بوپتۇ.

ئەكبەرنىياز 2013-03-25 00:29
بۇ ئادەمنى سۆيۈندۈرگۈدەك ئىش بوپتۇ ، مۇمكىن بولسا تولۇق ئوتتۇرا دەرسلىكىمىزگىمۇ كۈچ چىقارساق دوستلار !!!
تەۋپىق ئەپەندىمگە ۋە تۇنيۇقۇق مۇئەللىمگە كۆپ رەھمەت !!!

tursun 2013-03-25 10:52
«ئىزاھات»نى تەستىقلاپ چىقتى تەۋفىق باش بولۇپ،
تۇنيۇقۇقمۇ بوش كەلمەي -ئىقىنلارغا قاش بولۇپ.
بارچە تورداش شادلاندى،بۇلبۇللاردەك شاش بولۇپ،
تەپەككۈرنىڭ قۇۋىتى ئۇ-كىلەر ئەمدى ئاش بولۇپ...!

بەك ياخشى باشلىنىش بولۇپتۇ، تۇنيۇقۇققا ۋە تەۋفىققا ئالىي تەشەككۈر...!
بۇ سەھىپىنى قوللاش ئۈچۈن سەپ تۈزۈپ راسلانغان تەۋفىق سەركىلىرىگىمۇ
ئالىي ئىھتىرام!   

yaxar 2013-03-26 10:31
http://saqiye.com/m/news_list.asp?id=424

tawpek 2013-03-31 00:03
سۆز ۋە سۆزلۆككە ئائىت ئىزاھات چۈشەنچىلەرنى يوللاپ ماڭساق دىگەن ئۈمىتتىمەن.

arzu 2013-04-06 00:35
ياخشى سەھىپە ئويلىشىپسىلەرغۇ.... بارغانسېرى مۇكەممەللىشىش دېگەن شۇدە...

tawpek 2013-04-13 01:40
ئىككىلى ئىسىمغا تەستىق چىقىپ قانۇنى جەھەتتىن مۇكەممەللەشتى،


باشقا ئىشلار داۋاملىق روياپقا چىققۇسى.

ئاسىيە1 2013-07-23 17:14
تەۋپىق ئەپەندىمگە ۋە تۇنيۇقۇق مۇئەللىمگە كۆپ رەھمەت !!!

ئەنۋەرچەرچەن 2013-07-23 22:25
ئادەمنى سۆيۈندۈرىدىغان ئىشتىن بىرنى قىلىپسىلەر جۇمۇ.

ئەنۋەرچەرچەن 2013-07-23 22:27
سۆزلۈكلەرگە ئىزاھات ئاز-ئازدىن توپلانسا بالىلارنى تەربىيلەشتە پايدىلىنىشقىمۇ قولاي بولىدۇ.بەزىدە بالىلار بەزى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى سورىسا تاپالماي قالىدىغان ئىشلارمۇ بوپ قالاتتى،ئەمدى مۇنبىرىمىزنى ئېچىپلا ئىزدىيەلەيدىغان بوپتۇق.

tawpek 2013-09-27 23:50
تۇراقلىق ئىبارىلەرگە مەخسۇس  مۇتەقىل بىر سەھىپە  قۇرۇلدى.

تەۋپىقداشلارنىڭ تىما يوللىغاندا ماس سەھىپىلەرگە يوللاپ مۇنبەرنىڭ تەرتىپلىك بولىشى ئۈچۈن  كۈچ  چىقىرىشىنى تەۋسىيە  قىلىمىز.

nadiraay 2013-09-27 23:58
    


查看完整版本: [-- مۇنبىرىمىزگە يەنە بىر سەھىپە قوشولدى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled