nefise |
2013-03-22 13:48 |
ئالتۇن بىلەيزۈك( ھېكايە)
ckBcwIXlP& >jME
== U0 <6)Ogv", 6UG7lH!M شەنبە كۈنى ئىدى. ئەتىگەندىلا ئىشىك قېقىلدى، كىچىك ئوغلۇم چىقىپ ئىشىكنى ئېچىۋىدى، قوشنىمىز سارىخان ھەدەم تارتىنغان ھالدا كىرىپ كەلدى. ئولتۇرۇپ ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن: 0+}42g|_ Z 75u/'0~5 −ئۇكام، خەۋەرلىرى بار، كىچىك كېلىنىمىزنىڭ قىرىقى توشقىلى بىر- ئىككى ھەپتە بولۇپ قالدى، شۇڭا چىرايلىق يارىشىقىنى قىلىپ ئەكېلىۋالايلى دەپ ئالدىنقى ھەپتە دادىسى بىلەن 1000 يۈەن پۇل ئېلىپ بارساق، «قىزىمىز مۇشتۇمدەك تۇرۇپ ھەر قايسىلىرىغا ئوماققىنا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى، شۇڭا، بىر تال بىلەيزۈك ئېلىشسىلا» دەپ ئاغزىمىزنى تۇۋاقلاپ يولغا سالدى. نەچچە كۈندىن بېرى سودا قىلىپ تاپقان پۇلىمىزنى يىغىپ 500 يۈەن قىپتىمەن، لېكىن بازاردا 1500 يۈەنگە ھەرگىزمۇ بىلەيزۈك كەلمەيدىكەن. يوتقانغا بېقىپ پۇت سۇنمىساق بولامدۇ، ئۇكام، مۇشۇ پۇل بىلەن بىر ئامال قىلىپ ياندۇرۇپ ئەكېلىلى دېگەن. ئايال قۇدام ئايشەمخان ئادەمگە گەپ بەرمەيدىغان بىر ئايال، شۇڭا ئۆزلىرى كادىر بولغاندىكىن گەپنى يارىشىقىدا قىلىپ، ئاسانراق بىر ياندۇرۇپ ئەكېلىدىغاننىڭ ئامالىنى قىلىشىپ بېرەمدىكىن دەپ كىرىۋىدىم،−دېدى. Kp'_lKW)]q uPr'by ـ قاچانراق بارىدىغان ئىشتى؟ - دەپ سورىدىم. lE=(6Q y[:\kI ـ سائەت بىرلەردە بارساق بولارمىكىن دەيمەن. 2a|9D\ {+%|nOWV -c|dTZ8D)8 ـ ماقۇل سارىخان ئاچا، مەن بىللە باراي، ئايال قۇدىلىرى بىلەنمۇ خېلى سالام-سائىتىمىز بار، يۈزۈمنى قىلار. r6S-G{o (8T36pt~ ـ رەھمەت ئۇكام، شۇغىنىسى ئاران بىر كەلگەن دەمئېلىشلىرىدە ئىشلىرىنى قىلغىلى قويماي... +a1Or /e5' YVP سارىخان ئاچا شۇنداق دېگەچ تۇتقىنىمغا ئۇنىماي خوشلىشىپ چىقىپ كەتتى. چۈشكىچە ئۆيلەرنى تازىلاپ، بالىلارغا چۈشلۈك تاماق ئېتىپ بەرگەندىن كېيىن، جابدۇنۇپ سارىخان ئاچامنىڭكىگە چىقتىم. ئۇلارمۇ تەييار بولۇپ تۇرۇشقانىكەن. yvR3| :DG7Z قۇدىلارنىڭ ئۆيىمۇ ئانچە يىراق بولمىغاچقا، ھايال بولمايلا بېرىپ بولدۇق. ئىشىك ئالدىغا بېرىشىمىزغىلا ھەشەمەتلىك ھويلىدىن ئايشەمخان ئاچا چىقىپ كەلدى. ھەممەيلەن بىلەن كۆرۈشۈپ سالاملاشقاندىن كېيىن بىزنى ئادەم ئەيمەنگىدەك ياسىداق ئۆيگە باشلىدى. 4`Ib wg6"B \"7U,y', قول سۈيى ئېلىنىپ، چاي تارتىلىپ بولغاندىن كېيىن، سارىخان ئاچام كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا ماڭا قارىدى، مەن «ئاۋۋال ئۆزلىرى گەپ باشلىسىلا» دېگەندەك كۆز ئىشارىسى قىلدىم. سارىخان ئاچا: v
qhu%ZyP o}b_`O −ئەمدى قۇدام، بىز ئۇششاق تىجارەتچى خەقنىڭ ھال كۈنى تايىنلىق بولىدىكەن، بىر ھەپتىدىن بۇيان، سودا-سېتىق قىلغان پۇلىمىزنى يىغىپ، ئۆتنە-يېرىم قىلىپ دېگەندەك ئاران دېگەندە 1500 يۈەن قىپتىمىز، ئاز بولسىمۇ...،− دەپ ئاغزىدىن چىقىرىپ بولغۇچە، ئايشەمخان ئاچا: (z.4er}o Nhtc^DX −نېمە دەۋاتىلا سارىخان، تىجارەتچىدەك گەپ قىلسىلا، 1500 يۈەنگە بىلەيزۈك ئەمەس، تۈزۈكرەك ئۈزۈكمۇ كەلمەيدۇ جۇمۇسىلا ھازىرقى بازاردا. QV
-ZP'e^ xPJ@!ks9 −بىزنى ئويلىمىدى دەمدىلا قۇدام، بىزمۇ ئويلىغان، ئەمدى، بالا بولغاندىن كېيىنمۇ پۇل كېتىدىغان گەپ، قولىمىزغا كۆپرەك پۇل كىرگەندە بىزمۇ قاراپ تۇرماسمىز،−دېدى سارىخان ئاچا قىزارغان ھالدا. <2wC)l3j* 1w+)ne_& −ئۆتكەندە بىز بىر ئامال قىلىلى دەپ كېتىۋىدىلە، ئامال قىلغانلىرى مۇشۇمىدى، مەن بارغۇ، بۇ بالىنى ئەتىۋارلاپ، كۆز قارىچۇقۇمغا دەسسىتىپ چوڭ قىلغان. ھەر قايسىلىرىغا بىر تال بىلەيزۈك ئېغىر كەلگەن بولسا قېپقالسۇن، بالا دېگەن ئاش-نان يەپ چوڭ بولىدۇ. T
*k}E Ac\e>N −ئايشەمخان ئاچا، بالىلار چىرايلىق ئۆتسە، قىلمىغاننى قىلىۋالغىلى بولار، ھەر قايسىلىرىمۇ پۇل-ئاش كۆرگەن ئادەم بولغاندىكىن،−دېدىم مەنمۇ گەپ قىستۇرۇپ. '@1C$0tx [4+I1UR` −ۋاي بۇلارنىڭ تولا تەرىپىنى ئالمىسىلا خانىم، تويدىمۇ قولىمىز قىسقا ئىدى، كېيىن ئېپبېرەرمىز دېسە ماقۇل دېگەن گۇناھ ئۆزۈمدە، شۇ چاغدىمۇ نىسىي قالغان بىلەيزۈك يەنە نىسىي قالسا قانداق بولىدۇ؟- دەپ توڭ تەگدى ئايشەمخان ئاچا. 4f{] <&tdyAT?& ئەمدى ماڭىمۇ گەپ قىلىشقا يول قالمىغان ئىدى. xRZ/[1f! BCX2C −بىزمۇ ئېلىپ بەرمەيدىغان يەردە ئەمەس قۇدام، ئىككى بالا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ، شۇڭا قولىمىز بەك قىسقا كېپقالدى. ئۇنداق تەڭلىكتە قويمىسىلا،−دەپ يېلىندى سارىخان ئاچا. D$VRE^k B &3sV+ ـ ۋاي قۇدام، تولا گەپنى يورغىلاتمىسىلا بولدى. ئاۋۇ مەرەمنىساخاننىڭ قىزى تۇغۇۋىدى، بىلەيزۈكتىن بىرنى، بىر جۈپ ئۈزۈك ئېلىپ يۆتكىدى. مەن بىر تال بىلەيزۈككە كۈچى يەتمەيدىغان قەلەندەرلەرگە قىز بەرگەن ئادەم بولغاندىكىن، ئۆزۈمنىڭ شورى، بولدى، قىزىمىزنىڭ خېتىنى بەرسىلە،−دېدى ئايشەمخان ئاچا تەرىنى تۈرۈپ. g*!1S 0D0uzUD- ـ ۋاي نېمە دېگەنلىرى بۇ، كىمكەن قەلەندەر؟ بالىمىزنىڭ كۆڭلىنى دەپ ئېگىز ئوقۇرغا ئېسىلغان گۇناھىمىز بار، نېمانداق قاملاشمىغان گەپ قىلىدىلا؟−دېدى سارىخان ئاچا ئۆڭسۈلى ئۆچكەن ھالدا. 55
=YM'5] h~O^~"jc −سىلى قەلەندەر، ئالتۇندەك ئوغۇل تۇغۇپ بەرسە بىر تال بىلەيزۈككە چىدىمىغان ئادەم قەلەندەر بولماي نېمىدى، بولدى، قىزىمنىڭ خېتىنى بەرسىلە. +^%)QH>9 f`8?]@y{ −ماقۇل، شۇنداق قىلىلى، قىزلىرىنى بايغا بېرىۋالارلا، يۈرسىلە خانىم، بۇ ئايالنىڭ ئۈنچىۋالا يۈزسىزلىكىنى بىلمەي، سىلىنىمۇ باشلاپ كەپتىمەن،−دەپ سارىخان ئورنىدىن قوزغالدى. 8t|?b yoz-BS −ۋاي، يول بولسۇن، تېزەكلىرى چۈشۈپقالمىسۇن، تېز بولۇشسىلا، −ئايشەمخان شۇنداق سېسىق گەپلەر بىلەن ئۇزىتىپ قويدى. '@5x=> W,:j>vg سارىخان ئاچاملار بىلەن ياقىمىزنى چىشلىگەن ھالدا يېنىپ چىقىشتۇق. قارىماققا خېلى ئوڭلۇق كۆرۈنىدىغان ئايشەمخان ئاچىنىڭ بۇنچىۋالا ئوسال مىجەزىنىڭ بارلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن.
(%G>TV TCi0]Y~a ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇلار ئاجرىشىپ بالىنى يېتىم قىلىشتى. 4tSh.qBht /=QsZ,~xo ھەي، بىزدە شۇنداق ئالتۇن بىلەيزۈك، ئالتۇن ئۈزۈكلەرنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان يېتىم بالىلاردىن يەنە زادى قانچىسى باردۇرـ ھە؟ ]qx!51S nN>Uh T )iZhE"?z
|
|