tawpek |
2013-03-21 23:47 |
قىسقا نۇتۇق ئورىگىنالى يېزىش
قىسقا نۇتۇق ئورىگىنالى يېزىش
2007- يىلى - ئاينىڭ – كۈنى (3 سائەتلىك دەرس) يېزىقچىلىق قىسقا نۇتۇق ئورىگىنالى يېزىش
1 –بىز ئۆگىنىپ ئۆتكەن نۇتۇقلار ئىچىدە قايسى نۇتۇقنى ياخشى يېزىلغان دەپ قارايسىز؟ نېمە ئۈچۈن؟ 2- سىز بىرەر قېتىم ساۋاقداشلىرىڭىز ئالدىدا نۇتۇق ئوقۇپ باققانمۇ؟
چۈشىنىش:قىسقا نۇتۇق ئورىگىنالىنى قانداق يازىدىغانلىقىنى چۈشىنىش. ئەستە ساقلاش:قىسقا نۇتۇق ئورىگىنالى يېزىشتا قانداق تەلەپلەرنىڭ بارلىقىنى ئەستە ساقلاش. قوللىنىش:ئۆزلىرى قىسقا نۇتۇق يازالايدىغان بولۇش. ئوقۇتۇش قوراللىرى:دەرسلىك كىتاب، ئۆلگىلىك ماقالىلەر. ئۆگىنىش ئۇسۇلى:ئوقۇش، تەشكللەش، شەخسلەر ئارا مۇزاكىرىگە تەشكىللەش، گورۇپپىلار ئارا مۇزاكىرىگە تەشكىللەش، يېتەكچىلىك قىلىش،قوزغىتىش، ئىلھاملاندۇرۇش. مۇھىم نوقتا: قىسقا نۇتۇق ئورىگىنالىنى قانداق يازىدىغانلىقىنى چۈشىنىش. قىيىن نوقتا: ئۆزلىرى قىسقا نۇتۇق يازالايدىغان بولۇش.
بۇ بىر پارچە يېزىقچىلىق مەشىقى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىككە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى، « ئىسلام ئازاتلىق پارتىيىسى» نىڭ زىيىننى تۇنۇش ئىقتىدارىنىڭ قانچىلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكى، ۋە بۇ تەربىيىنى چۈقۈم ئىددىيىسى ۋە ھەركىتىنىڭ قىبلىنامىسى قىلىپ، « ئۈچنى قۇغداپ، ئىككىگە قارشى تۇرۇش» ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش تەربىيىسى كۆچايتىلىدۇ. 1- تەييارلىق سىنىقىدىكى سوئاللار ئارقىلىق يېڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىلىدۇ.
2- نۇتۇقنىڭ مەزمۇننى قاراتمىلىققا ئىگە قىلىپ يازىدىغانلىقىنى ،نۇتۇق سۆزلىگۈچى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ كىملەر ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئىددىيىۋى ھالىتى، مەدەنيەت سەۋىيىسى، كەسىپ ئالاھىدىلىكىنىڭ قانداقلىقىنى، پىسخىكىسى، ئارزۇسى ۋە تەلىپىنىڭ قانداقلىقىنى بىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە ئوقۇغۇچىلارغا چۈشەنچە بېرىلىدۇ.
3- ئوقۇغۇچىلارغا نۇتۇق يازغاندا نۇتۇقنىڭ ئىددىيىسى ئېنىق، قاراشلىرى روشەن، تىلى ئاممىيباپ، چۈشىنىشلىك، جانلىق، ھېسىياتقا باي بولۇشى، نۇتۇقتا جەزمەن ئاممىيباپ، چۈشىنىشلىك تىللار بىلەن قائىدە سۆزلەپ باشقىلارنى قايىل قىلىش ۋە چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەكلىكىنى ئەستە ساقلاشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.
4- ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى يېزىشى ئۈچۈن پايدىلىنىش ماتېرىياللىرىدىن تاللاپ ياخشى يېزىلغان نۇتۇقلار ئوقۇپ ئۆتۈلىدۇ.
5-ھەر بىر ئوقۇغۇچى ئۆزلىرى خالىغان بىر تېمىدا نۇتۇق يېزىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. بۇنىڭ تېمىسى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، « ئىسلام ئازاتلىق پارتىيىسى» نىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى تۇنۇپ يېتىش، مۇھىت تازلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش ھەققىدە يېزىلىشقا دەۋەت قىلىنىدۇ.بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ نۇتۇق يېزىش ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. 6-يازغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ نۇتۇقلىرى تاللاپ، سىنىپتا قايسىسىنىڭ ياخشى يېزىلغانلىقى تاللىنىدۇ.ياخشى يېزىلغانلىرى ئاغزاكى مۇكاپاتلىنىدۇ ۋە ياخشى يېزىشقا ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ.
ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئۆلگە: مەن شۇنداق گۈزەللىكنى سۆيىمەن مەن ئىلگىرى ئىزچىل تۈز سىزىققا ھېرىسمەن ئىدىم، ھەمىشە « بىردىنلا يۇقىرى مەرتىۋىگە ئېرىشش» دېگەندەك گۈزەل چۈشلەرنى كۆرەتتىم. بىراق، رېئاللىق بۇ « چۈش»لىرىمنى بۇزۇپ، قەلبىمدىكى « تۈز سىزىق» نى بىتچىت قىلىپ، مېنى ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدا قويدى. كېيىن شۇنى چۈشەندىمكى، ئەگرى سىزىقلار ھەممىلا يەردە بار ئىكەن، ئۇ تۈز سىزىققا قارىغاندا سېھرى كۈچكە تېخىمۇ باي ئىكەن. قاراڭ، ئەگرى ، بۇرالغان، دولقۇنسىمان رىتىم نەزىرىڭىزنى چەكسىز ئۆزگىرىش ئىچىگە باشلايدۇ، كۆپ مەنبەلىك مۇلاھىزىلىرىڭىزنى قوزغايدۇ... ئەگرى سىزىق گۈزەل، ھالبۇكى، گۈزەل نەرسىلەر ھامان ئەگرى سىزىقتىن تۈزۈلىدۇ. ئەگرى سىزىقنىڭ گۈزەللىكى تەبىئىيلىكىدە. ھەيۋەتلىك تاغلار ئەگرى سىزىق ھالىدە بولىدۇ؛ مەۋج ئۇرۇپ تۇرغان دەريالار ئەگرى سىزىق ھالىتىدە بولىدۇ؛ نۇر ھەم ئىسىقلىقى چەكسىز بولغان قۇياش ئەگرى سىزىق ھالىتىدە بولىدۇ؛ سۈپسۈزۈك تولۈن ئاي ئەگرى سىزىق ھالىتىدە بولىدۇ؛ دولقۇنلاپ تورغان دېڭىز ئەگرى سىزىق ھالىتىدە بولىدۇ؛ زىلۋا ساھىبجامالمۇ ئەگرى سىزىق ھالىتىدە بولىدىغۇ؟... ۋەھالەنكى، ئەگرى سىزىقنىڭ گۈزەللىكى بۇلارلا ئەمەس. ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ تەرەققىياتىدا چوققىلارمۇ، چوڭقۇر جىلغىلارمۇ بولغان، بۇنى بىر ئەگرى سىزىق، شەكىلسىز ھەم چەكسىز ئۇزارغان ئەگرى سىزىق دىيىشكە بولىدۇ. خان، پادىشاھلارمۇ بۇ يەردىن ئۆتىدۇ، ئاددىي ئادەملەرمۇ مۇشۇ جايدا كۆپىيىدۇ. « تارىخ ئوقۇسا ئەقىللىقلىشىدۇ». ئىنسانىيەت تارىخىدىن ئىبارەت بۇ ئەگرى سىزىق كىشىلەرگە ئىلھام بېرىدۇ، كىشىلەرنى سەگەكلەشتۇرىدۇ. ئۇ خۇددى سۈپسۈزۈك ئەينەكتەك ھەر بىر ئادەم، ھەر بىر دەۋىرنىڭ گۈزەللىكى، سەتلىكى ۋە گۈللىنىشى، خارابلىششىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ. تارىخنىڭ داۋالغۇشى تەبئىي بولىدۇ، چۈنكى، ئىنسانلار ياۋايى دەۋىرلەردە تۇرۇۋاتقان ۋاقىتلاردىن باشلاپلا تارىخنىڭ يولى كەڭ ھەم داغدام كەتكەن ئەمەس، كىشىلەر قاقاسلىقلاردا ئىلگىرلىدى، ئېگىز تاغلاردىن ھالقىدى، بەزىدە پاتقاقلىق- سازلىقلاردىن ئۆتتى، بەزىدە ئورمانلار ئىچىدە ماڭدى. تارىختىن ئىبارەت بۇ ئەگرى سىزىق ھەيۋەتلىك گۈزەللىكىنى نامايەن قىلدى. كىشىلىك ھايات يولىمۇ بىر تال ئەگرى سىزىق بولۇپ، ئوڭغۇل- دوڭغۇل، ئەگرى- توقاي بولىدۇ. ئۇنىڭدا غالىبلارنىڭ شادلىقلىرى، مەغلۇب بولغۇچىلارنىڭ كۆز ياشلىرى بولىدۇ؛ ھەم ئوڭۇشلۇق ماڭغۇچىلارنىڭ خوشاللىقى، ھەم ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغانلارنىڭ ھەسرىتى بولىدۇ. كىشىلىك ھايات يولىدا ئىشلىرى ئوڭدىن كەلگەن تەلەيلىكلەر بولۇشىمۇ مۇمكىن، بىراق ئۇلار ئىنتايىن ئاز. ۋەھالەنكى، كىشىلىك ھايات ئەگرى سىزىققا ئوخشىغانلىقى ئۈچۈنلا ھايات مۇكەممەل بولغان ھەم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان.ئادەم ئۆزىنىڭ ئەگرى- توقاي ئابستىراكىت ئىزلاردىن شادلىنىپ، بىپايان دۇنياغا رازىمەنلىك بىلەن نەزەر تاشلايدۇ... كىشىلىك ھاياتنىڭ ئەگرى سىزىقى كىشىگە ئۈمىد ئاتا قىلىپ، ئادەمنى ئۆزىگە ئىشىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ ئىنسانىيەتنىڭ كۈرەش كۈچى ۋە كۈچ گۈزەللىكىنى نامايەن قىلىدۇ. « گۈزەللىك- تۇرمۇش»، ھالبۇكى، تۇرمۇشتا بەزى نەرسىلەر تەسەۋۋۇرىمىزدىكى تۈز سىزىق ئەمەس،بەلكى جاپا- مۇشاققەتكە ۋە ئەگرى – توقايلىققا تولغان ھەققىي ئەگرى سىزىقلاردۇر.بىر ياش يازغۇچى مۇنداق دېگەن: « كۆكتە يۇلتۇزلار چاقناپلا تۇرسا تۇرمۇشتىكى ئەگرى- توقايلىقلاردىن قورقۇشىمىزنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق». دەرۋەقە، كىشىلىك ھايات ئەگرى سىزىق بولغانكەن، بېشىمىزنى تىقىۋېلىشىمىزنىڭ نېمە پايدىسى؟ئۇنىڭدىن كۆرە بېشىمىزنى تىك تۇتۇپ، چوڭ قەدەملەر بىلەن ئىلگىرلىگىنىمىز ياخشى. شۇڭا، مەن گۈزەللىك دەل تۇرمۇشتىكى ئەگرى سىزىق، مەن ئەنە شۇنداق گۈزەللىكنى، ئەگرى سىزىق گۈزەللىكىنى سۆيىمەن، دەيمەن.
نۇتۇق سۆزلەش ← تەييارلىقسىز سۆز قىلىش ← تەييارلىق قىلىپ سۆز قىلىش سۆزلەش ۋە يېزىش قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇش
بىرپارچە نۇتۇق يېزىڭ.
تەستىقلىغۇچى: 2007-يىل - ئاينىڭ – كۈنى
|
|