查看完整版本: [-- مېنىڭ يۇرتۇم --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئىپىك ئەسەرلەر -> مېنىڭ يۇرتۇم [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئالتۇنبۆشۈك 2013-03-20 17:42

مېنىڭ يۇرتۇم

مېنىڭ يۇرتۇم {[Vkht}  
ھېكايە b\H !\A  
ياقۇپجان يۈسۈپ ;H:+w\?8f$  
كەچلىك تاماقتىن كېيىن تاپشۇرۇق ئىشلەشكە ئولتۇردۇم. ماتىماتىكا تاپشۇرۇقىدىن كېيىن ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ يەنە ماقالە يېزىشنى تاپشۇرغانلىقى ئېسىمگە كەلدى. تاپشۇرۇقتا يېزا تۇرمۇشى تېما قىلىناتتى. قولۇمغا قەلەم ئېلىپ نېمە يېزىشنى، گەپنى نەدىن باشلاشنى بىلەلمەي بەك قىينالدىم. ھەرقانچە ئويلىساممۇ سەھرالىقلارنىڭ چىرايىدىن توپا ئۆرلەپ تۇرىدىغان نامرات ھالىتىدىن باشقا كۆرۈنۈشىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرەلمىدىم. گېزىت-ژورناللاردىن مۇشۇ ھەقتە ئاز-تولا بىر نەرسە تېپىپ ۋەزىپەمنى ئادا قىلماقچى بولدۇم. لىكىن شۇنچە ئىزدەپمۇ ھىچقانچە بىر نەرسىگە ئېرىشەلمىدىم. ئاخىرى زەردە بىلەن: Q]oCzSi  
{u,yX@F4l  
-بىز يا سەھرالىق بولمىساق، نېمە دەپ بۇ تېمىدا ماقالە يازدۇرىدىكىنە، يازىدىغانغا ھىچ نەرسە تېپىلمىغاندەك،-دېگىنىمچە دەپتەر-قەلەملىرىمنى ئۈستەلگە ئېتىپ ۋاقىراپ كەتتىم.   |37y ="  
cf ~TVa)M  
ياندىكى ئۆيدە تۇرۇپ مېنىڭ غودىراشلىرىمنى ئاڭلىغان دادام قېشىمغا چىقتى: .?NraydwV  
tjWf`#tH>H  
-نېمە بولدۇڭ، نېمىشقا بۇنچە ئاچچىقلايسەن؟ dOx0'q"Z  
m6iQB\ \  
-مەن ھېلىقى ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىمىزدىن خاپا بولىۋاتىمەن. ھېلى ئۇنى ياز دەۋاتقان، ھېلى بۇنى ياز دەۋاتقان. ئەمدى قوپۇپ:«<مېنىڭ يېزام> دېگەن تېمىدا ماقالە يېزىڭلا» دەيدۇ، خۇددى بىز بىر سەھرالىقتەك. ^wTod\y  
M_Z(+k{Gy  
-ھاي، ھاي، سەن سەھرالىق بولمىغان بىلەن مانا مەن سەھرادا تۇغۇلغان، ئاتا-بوۋىلىرىمىز سەھرادا ياشىغان. ئەسلىمىزنى ئۇنۇتساق گۇناھ بولىدۇ، بالام. مۇئەللىمىڭنىڭ ماقالە-ئەسەرلەرنى كۆپ يازدۇرۇشى يەنىلا سىلەرنىڭ يېزىقچىلىق ئىقتىدارىڭلارنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئەمەسمۇ؟ سەھرانىڭمۇ ئادەمنى ئۆزىگە جەلىپ قىلغۇدەك نۇرغۇن گۈزەل تەرەپلىرى بار. ھەجىبا، شەھەرلىكلەر سەھرا توغرىسىدا يازسا بولمامدىكەن؟ سەھرا توغرىسىدا يېزىش يازىدىغان نەرسە تېپىلمىغاندا قىلىدىغان ئىشمىكەن؟ O$, bNu/g  
"4[8pZO/  
دادامنىڭ ۋەزىنلىك گەپلىرى ۋە كۈچلۈك سۇئاللىرى ئالدىدا تەمتىرەپ قالدىم. Xn3 \a81  
'BmLR{[2L  
-ياق... مەن شۇ، سەھرانى چۈشەنمىگەندىن كېيىن... k< i#agq  
#Rx|oSc}  
-ھە، ما گېپىڭنىڭ ئاساسى بار. ناتونۇش شەيئىنى يازماق ئەلۋەتتە ئاسان ئەمەس. }=T=Z#OgH  
8\])p sb9  
-شۇ ئەمەسمۇ، بولمىسا يېزا تۇرمۇشى ھەققىدىكى تەسىراتىڭنى سۆزلەپ بېرەمسەن-يا؟ gSn9L)k(O  
i?0+f }5

 
دادام سەل ئويلىنىۋېلىپ: H)VzPe#{  
~8l(,N0  
-ئۆز تەسىراتىڭ بولمىسا مەن سۆزلەپ بەرگەن بىلەنمۇ ياخشى يازالماسلىقىڭ مۈمكىن، ئالدىمىزدىكى دەم ئېلىش كۈنى مەن سېنى ئاتا-بوۋىلىرىمىز ياشىغان ئاشۇ سەھراغا باشلاپ باراي، سەن ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرۈپ ئاندىن ماقالاڭنى ياز،-دېدى. jPc"qER!  
n4%ZR~9WH  
خۇشاللىقتىن سەكرەپ كەتتىم. چۈنكى بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم سەپەرگە چىقىشىم ئىدى. &'KJh+jJ  
Q! *}^W  
نەچچە كۈندىن كېيىن دادام بىلەن ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ يولغا چىقتۇق. شۇ كۈنى قانچىلىك خۇشال بولغانلىقىمنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن. يول بويى دېرىزىدىن بېشىمنى چىقىرىۋېلىپ ئەتراپقا زوق-ئىشتىياق بىلەن تويماي قارايتتىم. دادامدىن:« ئاۋۇ نېمە؟ بۇ قەيەر؟» دەپ توختىماستىن سورايتتىم. بوستانلار، ئىدىرلىقلار، تاغلارنى كۆرگەندە ھاياجانلىنىپ ۋاقىرايتتىم، كۈلەتتىم. ناخشا ئېيتاتتىم. قىسقىسى كەيپىياتىم تولىمۇ چاغ ئىدى. =&~7Q"  
:/ 
ئىككى سائەتتىن ئارتۇقراق يول يۈرگەندىن كېيىن، قاتمۇ-قات تاغلاردىن ھالقىپ كەڭرى بىر ئويمانلىققا-ياپيېشىل بىر دۇنياغا چىقىپ قالدۇق. قاقاس تاغ بىردىنلا يېشىللىق دۇنياسىغا ئايلىنىپ قالدى. بۇ خىل تۇيۇقسىز ئۆزگۈرۈشنى كۆرۈپ يۈرىكىم قەپىزىگە پاتماي ئويناقلاپ كەتتى. تاغدىن پەسكە ساڭگىلىغاندىكى ساي توپ-توپ جىغان، سۆزگەن، قارىقاتلار بىلەن تولغان بولۇپ شۇنداق پاكىز، شۇنداق ساپ بىر خىل ھاۋا بۇرنۇمغا ئۇرۇلدى. سايدىن چۈشكەندىن كېيىن شورلۇق تۇپراق باشلىنىپ ھەر خىل ئۆسۈملۈكلەر: يۇلغۇن، كۆۋرۈك، سۆكسۆك، ئازغان، يانتاقلار بىلەن بۇيا، چىغ، قومۇش، قامغاق، شاپ...لار گىرەلىشىپ كەتكەن تەبئىي ئورمانلىق بىزنى قىزغىن قارىشى ئالدى. يۇلغۇنلار ئارىسىدا بوتىلاقلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ ئوتلاپ يۈرگەن تۆگىلەر، يوغان بىر تۈپ چىغنىڭ كەينىدە قۇلاقلىرىنى دىڭگايتىپ بىزگە قاراپ تۇرغان توشقان، قومۇشلۇقلار ئارىسىدىن تۇيۇقسىز قاناتلىرىنى قېقىپ يۇقۇرى كۆتۈرۈلگەن قىرغاۋۇل، كەكىلىكلەر مېنى تېخىمۇ ھاياجانغا چۆمدۈردى. A}3dx!?7j  
uEui{_2$  
 بىز چوڭ يول بىلەن مەھەللە يولى كېسىشكەن تۆت كوچا ئېغىزىدا ئاپتوبۇستىن چۈشتۇق. قارىماققا بۇ يۇرت ئادەمگە ئۆزگىچە بىر مىھىر بېغىشلاپ تۇرىدىكەن. تۈپ-تۈز يوللار، يول بويىدا بىر-بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن رەت-رەت ئۆيلەر، قاتار-قاتار تېرەكلەر، جىگدىلەر، سۆگەتلەر، مەجنۇنتاللار؛ سالا-سالا ئېتىزلار، ئېتىزلاردا لەرزان دولقۇنلىنىۋاتقان بۇغدايلار؛ ئېرىق-ئۆستەڭلەردە شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان سۈپسۈزۈك سۇلار؛ ھەر خىل مىۋىلىك دەرەخلەرگە تولغان باغلار... مىسالى سۈرەتتەكلا گۈزەل بىر ماكان. قەيەردىندۇر كاككۇكنىڭ شاد ناخشىسى ئاڭلانماقتا. لەرزان چىقىۋاتقان مەيىن شامال دېمىغىمغا ۋايىغا يېتىپ پىشقان ئۈرۈك ھىدىنى ئېلىپ كەلدى. e%_J O7  
NpLZ ,|H  
مەن خوشلۇقتىن قىن-قىنىمغا پاتمايتتىم، دادامدىن توختىماستىن سۇئال سورايتتىم: W"n0x8~sV  
L6x ; 
-دادا، بۇ يەر راستىنلا سېنىڭ يۇرتۇڭما؟ سەن راستىنلا مۇشۇ يەردە تۇغۇلغانما؟ سىلەرنىڭ ئۆيۈڭلار قەيەردە ئىدى؟ Mj6 0?k  
/*2)|2w  
-شۇنداق، مەن راستىنلا مۇشۇ يۇرتتا تۇغۇلغان، قارا، بىزنىڭ ئۆي ئاۋۇ قارا سۆگەتنىڭ يېنىدا ئىدى. بىز شەھەرگە ماڭىدىغان چاغدا ئۇنى سېتىۋەتكەن. ئۇ يەرگە ھازىر باشقىلار ئۆي ساپتۇ. `Kbf]"4q  
s[bQO1g;*  
دادام مېنى يېتىلىۋېلىپ ئۆينىڭ ئەتىراپىنى بىر ئايلىنىپ چىقتى. بىزنىڭ ئۆيى ئەتىراپىنى ئايلىنىپ يۈرگەنلىكىمىزنى كۆرۈپ 70ياشلارغا كىرگەن، تەمبەل بىر بوۋاي ئالدىمىزغا چىقتى. ئۇ دادامنى كۆرۈپ: UR~s\m  
%uw7sGz\  
-ھوي، سەن مامۇت سۇچىنىڭ بالىسى ئەمەسمۇ؟ داداڭغا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىكەنسەن،-دەپ ۋاقىرىغىنىچە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتى ۋە بىزنى ئۆيىگە باشلىدى. Cto>~pV  
U"RA*|  
بوۋاي پۈتۈنلەي مىللىيچە ئۇسلۇپتا نەقىش چىقىرىپ بېزەلگەن كەڭ پىشايۋان ئاستىغا داستىخان سېلىپ بىزنى مىھمان قىلدى. تاماق يېگەچ دادام كېلىش مەقسىدىنى ئېيتىۋىدى، بوۋاي: {)(Mkm +d  
S!rVq,| d  
-بەك ياخشى بوپتۇ. تۇغۇلغان يۇرتىنى سېغىنىش ئادەمنىڭ تەبىئىتى. دادىڭىز بىلىملىك، ياخشى ئادەم ئىدى. يۇرتىمىزدىن ئەڭ دەسلەپ چىققان زىيالى ئىدى. سۇ ئىنژېنېرى بولغاچقا كىشىلەر ئۇنى مامۇت سۇچى دەپ ئاتىشىۋالغان. لىكىن ھەممە ئادەم ئۇنى ھۆرمەتلەيتتى، ئۇنىڭدىن پەخىرلىنەتتى. كېيىن خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن شەھەرگە كۆچۈپ كەتتىڭلار، شۇ چاغدا سەن بەش ياشتا ئىدىڭ. مانا ھەش-پەش دېگۈچە 35يىل ئۆتۈپ كېتىپتۇ. سەنمۇ چوپ-چوڭلا ئادەم بولۇپ كېتىپسەن،-دەپ ئىلگىرىكى ئىشلارنى ئەسلەپ كۆز يېشى قىلدى. f.E{s*z >  
EaH/G g3  
تاماقتىن كېيىن ئۇ بىزنى باشلاپ باغلىرىنى، ئېتىزلىقلىرىنى كۆرسەتتى، خوشنىلىرىنى باشلاپ كىرىپ، بىزنى ئۇلارغا تونۇشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن چوڭ دادامنى بىلگەن، تونىغانلار بىزنى بەس-بەستە ئۆيلىرىگە چاقرىپ مىھمان قىلىشتى. نېمە دېگەن مولچىلىق، نېمە دېگەن باياشاتچىلىق. تەبىئەت بۇ زىمىنغان ھەممە نەرسىنى ئايىماي بەرگەنىدى. خەلقىگە چەكسىز ئەقىل-پاراسەت،  ئاقكۆڭۈللۈك، مىھماندوستلۇق، كەڭ قوساقلىق ئاتا قىلغانىدى. مەن بۇ يەرنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم. بۇ يەر مېنىڭ ئانا يۇرتۇم. مەن بۇ يۇرتنى سۆيىمەن! ئۆزۈمنىڭ بۇ يۇرتلۇق بولغىنىدىن پەخىرلىنىمەن! f}ch1u>  
مەنبە: ئۆزۈم n* . 
i3Xo6!Q  


tursun 2013-03-21 10:31
بۇ ھېكايىڭىز ھازىرقى شەھەر بالىلىرىنىڭ تۇرمۇش،ئۆگىنىش ھېسىياتىنى تولىمۇ ئەپچىللىك بىلەن يورۇتۇپ بىرىپتۇ...تەشەككۇر!   

ئەكبەرنىياز 2013-03-22 14:15
بۇ يەر مېنىڭ ئانا يۇرتۇم. مەن بۇ يۇرتنى سۆيىمەن! ئۆزۈمنىڭ بۇ يۇرتلۇق بولغىنىدىن پەخىرلىنىمەن! Tj{3#?]Ho  
ھەممىمىزنىڭ يۇرتى تېگى - تەكترىدىن ئېيتقاندا قوينى كەڭ سەھرا !!!  ; (A-  
o*ucw3s>  
ئىجادىيتىڭىزگە يەنىمۇ بەركەت تىلەيمەن ، ھارمىغايسىز !!!

ئەركان 2013-03-30 14:17
مەن ئانا يۇرتۇمنى سۆيىمەن.ياخشى يېزىلىپتۇ.مەنمۇ سەھرادىن كەلگەن.

tawpek 2013-03-30 21:50
مەنمۇ ساپ سەھرا بالىسى ئىدىم، خىزمەت ئىھتىياجى بىلەن ناھيىدە ئولتۇرۇپ باشقا بىر يىزىدا خىزمەتتە بوپ قالدىم. L F} d  
&q9=0So4\  
ھىيىت بايراملاردا يۇرىتقا بارسام قىيمىغىنىمدىن بوينۇم قىسىلىدۇ، بالىنىڭ كىچىكى بولغاچ ئاتا-بوۋامنىڭ چىرىقىنى شۇ زىمىندا ياندۇرالمىغىنىمدىن سەل ئۇيىلىمەن. a]xGzv5  
&;)B qqXc  
بۇدا بىزنىڭ شۇ ئۆينىڭ ئورنىغىمۇ باشقىلارغا ئۆي سىلىۋەتمەكچى بوپتىكەنتۇق نەچچە كىچە كۆزۆمگە ئۇيقۇ كىرمىدى. gmgri   
u' Q82l&Y  
ئاخىرى ئۆزىنىڭ بىچارىلىكىدىن ئۆز زىمىنلىرىدىن ئايرىلىپ قىلىۋاتقان بىر نەچچە دىھقانغا باش بوپ ئەرزىيەت ئىدارىللىرىغا بىرىپ زىمىنىمىزنى ساقلاپ قالغىنىمىزدىن ئۇلار تولىمۇ سۆيۆنۆپ كەتتى، كۆڭلۆممۇ ئارامىغا چۈشتى. H{,1-&>|  
N3aqNRwlk  
يۇرىت ئۇقۇمى تۇغما بولامدىكىن، مەيلى قانداقلا ئىىل جايدا ياشىسۇن كىندىك قىنى تۆكۆلگەن تۇپراققا باشقىچە مىھرى بولىدىكەن ئادەمنىڭ.

بابۇر0725 2014-03-01 01:36
مەن ئانا يۇرتۇمنى سۆيىمەن.ياخشى يېزىلىپتۇ.مەنمۇ بەزىدە شۇ بالىلىقىمدىكى سەھرادىن پەرەقلەنمەيدىغان ھالەتتىكى يۇرتۇمنىڭ ئەسلى ھالىتىنى سېغىنىپ قالىمەن


查看完整版本: [-- مېنىڭ يۇرتۇم --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled