tursun |
2013-03-15 09:54 |
ئىشقار،كىسلاتا ۋە ساغلاملىق
ئىشقار،كىسلاتا ۋە ساغلاملىق (ئىزدىنىش ۋە بايان) تۇرسۇن ھۆسەيىن بۇژغۇن ئادەم بەدىنى ئەسلىدىنلا تەڭپۇڭلۇق ھالىتىدە يارىتىلغان بولۇپ،كىسەللىك كۈشەندىلىرىگە بىمالال قارشى تۇرالايتتى.ئەپسۇس،جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تىزلىشىشى،ئىستىمال سەۋىيەسىنىڭ يۇقۇرى كۆيۈرۈلىشى،ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان يېمەكلىك تەركىۋىنىڭ رەڭدارلىشىشى،شۇنداقلا،خىمىيەلىك ھەم قەنت تەركىپلىرىنىڭ ھەددىدىن زىيادە سىڭىپ كىرىشى بىلەن ئادەم بەدىنىنىڭ تەڭپۇڭلۇق ھالىتى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلۇپ،تۈرلۈك كىسەللىكلەرنى پەيدا قىلىپ،دوختۇرخانىلار ۋە داۋالاش خادىم- لىرىغا زور بىسىم ئىلىپ كېلىۋاتىدۇ.بۇ خىل ھالەتنى ئۆزگەرتىش-يەنىلا ھەر بىر ئەقىل ئىگىسىنىڭ قولىدا... ئادەم بەدىنىدە ئىشقارلىق ماددا بىلەن كىسلاتالىق ماددا تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.بۇ ئىككى خىل ماددا تەڭپۇڭ ھالىتىنى ساقلىغان چاغدا،ئادەم ئاسان كىسەل بولمايدۇ،يەنى بەدەننىڭ ئىمونىت كۈچى (كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى) كۈچلۈك بولىدۇ.چۇنكى،خىمىيە پەنلىرىدە ئىشقار بىلەن كىسلاتا رىئاكسىيەلەشسە-تۇز ھاسىل بولىدۇ ئەمەسمۇ؟ رۇشەنكى،ئىشقارلىق ماددا بەدەننىڭ ئاكتىپ قوغدىغۇچىسى. ئۇ ئاساسەن ئادەم يېگەندە چىشىنى قاماشتۇرىدىغان ياكى ئادەمنى بىر خىل غىدىقلايدىغان-ئاچچىق ئانار،لىمون،ئاچچىق-چۈچۈك مىۋىلەر ۋە تۇرلۇك ئاچچىق مېغىزلار تەركىۋىدە ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق كۆپ خىل ئاكتىپ ئىشقارلىق تەركىپلەربار. ئەگەر، ئادەم بەدىنىدە كىسلاتالىق تەركىپ ئىشىپ كەتسە،بەدەننى تۈرلۈك كىسەللىكلەر چېرمىۋالىدۇ.كىسلاتا-ئادەم بەدىنىگە ناھايىتى كۈچلۈك پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ.بىز ھازىر يەۋاتقان يېمەكلىكنىڭ80%تىدە كىسلاتالىق (تاتلىق تەركىپ ۋە قەنت تەركىپلىرى...)ماددىلاركۆپ.ئۇنى ئاز دېگەندەك ،يېڭىدىن دۇنياغا ئاپىرىدە بولغان پەرزەنتلەر«چاي،سۈت.....»قاتارلىقلارنى ئىچكىلى ئۇنىمىسا،«بالىلار شىكىرى ياكى چاقماق قەنت»كە زورلايمىز.يۇقارقىدەك ئوخشاش بولمىغان تەركىپلەر چوڭلار ۋە بالىلاردا ھەر خىل كىسەللىكلەرنى پەيدا قىلىۋاتىدۇ. بۇ تولىمۇ ئازاپلىق ئىش ئەمەسمۇ؟.... ئىسىمىزدە بولسۇنكى،مەيلى چوڭلار بولسۇن،ياكى بالىلار بولسۇن كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئوزۇقلىنىش تەرتىۋى،مىقدارى،ئوزۇقلۇق تەركىۋى،ئوزۇقلۇقنىڭ بەدەنگە كۆرسىتىدىغان ئاكتىپ ۋە پاسسىپ تەسىرلىرى،بەدەننىڭ ھەرقايسى ئەزالىرىغا قارىتا تەسىرى قاتارلىق تەرەپلەرنى(ئىشقارلىق ۋە كىسلاتالىق تەركىۋى قانچىلىك؟) ئوبدان كۈزۈتۈپ،بەدەننىڭ تەڭپۇڭلۇق ھالىتىنى ساقلاشقا ئالاھىيدە دىققەت قىلىش لازىمدۇر. مەسىلەن:لىموننىڭ ئىشقارلىق تەركىۋى ناھايىتى يۇقۇرى بولۇپ،ئۇنى ئادەتتە پاكىزە يۇيۇۋىتىپ،قۇرۇغاندىن كىيىن پوستى بىلەن «بال ھەسەل»(ئەپجەش مايغا ئوخشايدىغان ساپ ھەسەل)گە قەلەمچە شەكىلدە توغراپ،«بال ھەسەل»نىڭ ئاستىغا چىلاپ ،بوتۇلكا ئاغزىنى مەھكەم ئېتىپ بىر-ئىككى كۈن قويۇپ قويسا،بوتۇلكىدىكى ھەسەل ئېرىپ ،سۈپسۈزۈك ھالەتكە كىلىدۇ،ئۇنىڭدىن كۈندە ئەتىگەن ناشتىدىن بۇرۇن بىر قوشۇقنى سوۋۇتۇلغان(40گىرادۇس ئەتراپىدىكى) قايناقسۇغا(100گىرام قايناقسۇغا)ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىپ بەرسە،جىگەر كىسىلى،بۆرەك ئاجىزلىق،يۈرەك،قان تومۇر،سىمىزلىك ۋە بەدەن ئاجىزلىق كىسەللىكلىرىگە پايدا قىلىشتىن سىرت،يەنە يۈزدىكى سەپكۈن،داغ قاتارلىقلارغىمۇ شىپا بولىدۇ ھەمدە يۈزنى ئاقارتىپ،پارقىراقلىققا ئىگە قىلىدۇ،قىرىشنىڭ ئالدىنىمۇ ئالغىلى بولىدۇ.يەنى پۈتۈن بەدەننىڭ كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى(ئىمنوت كۈچى)نى كۈچايتىدۇ.چۇنكى،لىمون تەركىبىدە ئىشقارلىق تەركىپ يۇقۇرى،ھەسەل تەركىبىدە كىسلاتالىق(قەنت تەركىۋى)تەركىپ يۇقۇرى بولىدۇ.بۇ بەدەنگە ئەڭ پايدىلىق بولغان ياخشى ئوزۇقلۇقتۇر. كونىلار:«بەدەننىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاشتىكى بىردىن-بىر ئامىل-ئوزۇقلۇق ۋە مۇۋاپىق ھەركەت؛ئوزۇقلۇق-كىسەل داۋالاشنىڭ ئەڭ ئېسىل دورىسىدۇر» دەپ ناھايىتى توغرا ئىيتقان. ئومۇمەن ئىيتقاندا،بىز كۇندىلىك ئوزۇقلۇنۇش ئادەتلىرىمىزدە ئۆزىمىزنىڭ ئەتراپىدىكى بار بولغان ئىشقارلىق ماددىلار ۋە كىسلاتالىق ماددىلار مول بولغان يىمەكلىكلەردىن تەڭپۇڭ ھالەتتە پايدىلىنىپ،ئىستىمالىمىزدا «ئاچكۆزلۇك»تىن ساقلىنىدىغانلا بولساق،ساغلام بولغان ئەمگەكچىلەرگە ئايلىنالايمىز.ئەلۋەتتە.!
پوچتا نومۇرى:830013 ئۈرۈمچى شەھرى يېڭىشەھەر رايۇنى سېفىڭ يولى 831-نومۇر: ئۈرۈمچى شەھەرلىك 37-ئوتتۇرا مەكتەپ تىل ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى: 吐尔逊.玉赛音 电话:13639905412
|
|