natiwan |
2013-03-13 14:43 |
بۇگۇن ئا. ئۇيغۇر قەتىل قىلىنغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى
بۈگۈن ئاتاقلىق شائىرىمىز ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ قەتىل قىلىنغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى. شۇ ۋەجىدىن شائىرىمىزنى ياد ئېتىمىز. )7q$Pc
Y j0
=6B ئابدۇخالىق ئۇيغۇرىنىڭ قىسقىچە ھاياتى 6W1GvM\e _\!]MV تالانتلىق شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئابدۇراخمان ئوغلى 1901- يىلى 2 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تۇرپان شەھىرىدە سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . ئۇنىڭ ئائىلىسى ئۆز دەۋرىگە نېسبەتەن مەرىپەتلىك ئائىلە ئىدى . ئابدۇخالىقئۇيغۇر 5 يېشىدىلا ساۋادىنى چىقارغان بولۇپ، 12 ياشلارغا كەلگەندەدىنىي مەكتەپتە ئوقۇپ، ئەرەپ، پارس تىللىرىنى ئۆگەنگەن ۋەكىلاسسىك شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇشقا باشلىغان . Mk!Fy]3
CEy\1D 1916- يىلىچوڭ دادىسى مىجىت ھاجى سودا بىلەن روسىيىگە بارغاندا، ئۇمۇ بىللە بېرىپ، روسىيىنىڭ شەمەي(ھازىرقى سمپىلاتنىسكى) شەھىرىدە رۇس تىل- يېزىقىنى ئۈگىنىدۇ . تۇرپانغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يەنە تۇرپان يېڭى شەھەردىكى شۆتاڭغا كىرىپ خەنزۇ تىل يېزىقىنى ئۆگۈنىدۇ ۋە ئەلا نەتىجە بىلەنمەكتەپنى تاماملايدۇ . بۇ جەرياندا ئۇ خەنزۇ كىلاسسىك ئەدەبىياتى بىلەنتونۇشۇپلا قالماي، ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى توغرىس, ىدىمۇمۇئەييەن ساۋاتقا ئىگە بولىدۇ . ئەينى دەۋىردەئۇ دوست بۇرادەرلىرىگە خەنزۇ كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ « سۇ بويىدا » ، « قىزىلراۋاقتىكى چۈش » رومانلىرىنىڭ مەزمۇنىنى سۆزلەپ بەرگەن ۋە سۇن جوڭشەن ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ، دېمۇگراتىيىگە نىسبەتەن تونۇشىنى ئۆستۈرگەن . ئەنە شۇ مەزگىللەردىلا ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئىدىيىسىدە فىئوۋدال كونىلىققا، خۇراپاتلىققا ۋە نادانلىققا قارشى تۇرۇپ، ئىلىم - پەننىئوموملاشتۇرۇش ئارقىلىق جەمىيەتنى ئۆزگەرتىش غايىسىتۇغۇلغان . C=D* IUMv{2C 1923 - يىلى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر مەخسۇت مۇھىتى قاتارلىقلار بىلەن بىرگە 2 - قېتىم سوۋىت ئىتتىپاقىغا بېرىپ، يەنە 3 يىل ئىلىم تەھسىلقىلىدۇ . بۇ جەرياندا ئۇ پوشكىن، لېرمۇنتوۋ، تولوستوي ۋە گوركىئەسەرلىرىنى ئوقۇپ رۇس ئەدەبىياتى بىلەن تونۇشىدۇ . شۇنداقلائۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ غەلىبىسىنى ئۆز كۆزى بىلەنكۆرۈپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ . 1926 – يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپلا يېڭىچە ئىلىم - پەننى تەرغىپ قىلىپ، خەلقنى ئويغىتىش ئۈچۈن گېزىت ژۇرنال نەشر قىلىشقا ھەرىكەتلىنىپ، تۇرپاندا باسما زاۋۇتى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ . لېكىن ئەكسىيەتچى، مىللىتارست ياڭ زىشىڭ ھۆكۈمېتى بۇنىڭغا يولقويمايدۇ . شۇنىڭدىن كېيىن ئابدۇخالىق ئۇيغۇر تۇرپان ئاستانىدىكىمەخسۈت مۇھىتى، پىچاندىكى ئىسكەندەر خۇجا قاتارلىقكىشىلەر بىلەن 1927 – يىلى « ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى » نامىدا بىر مەرىپەت جەمىيىتى قۇرۇپ، ئىئانە توپلاپ تۇرپان يېڭىشەھەردىكى نىياز سەيپۇڭ دېگەنكىشىنىڭ قوروسىدا بىر يېڭى مەكتەپ، كېيىنكى يېلى يېڭىشەھەر ئاقسارايدا « ھۆرىيەت مەكتىپى »، كونا شەھەر جەنۇبىي قۇۋۇقتا يەنە بىر مەكتەپ ئاچىدۇ . . &AiAd6 +{UY9_~\3 بۇ دەۋىردە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئىجادىيىتىدە زورئىلگىرىلەشلەر بولىدۇ . ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى چوڭقۇرسىياسىي مەزمۇن، ئۆتكۈر ئىسيانكارلىق سادالىرى ھەتتا ئەينى دەۋىردىكىمۇستەبىت ھاكىميەتنى ئەندىشىگە سالىدۇ . ھۆكۈمەت ئۇنى شېئىر يېزىشتىن، خەلقنى ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇشتىن چەكلەيدۇ . I{Du/"r# fk*(8@u> ئۆز غايىسى يولىدا تېز پۈكمەس روھقا ئىگە ئابدۇخالىقئۇيغۇر 1932 - يىلى 11- ئايدا « ئويغان » ، « ئاچىل » دېگەن شېئىرلىرىنىئاق رەختكە چوڭ خەتلىك قىلىپ يېزىپ، كوچىلارغا چاپلاپ، ئەكسىيەتچىھۆكۈمەتنىڭ ھەيۋىسىگە تاقابىل تۇرىدۇ . 1932- يىلى 12- ئاينىڭ بېشىداتۇرپان ۋە قۇمۇلدا دېھقانلار زۇلۇمغا قارىشى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ . قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشقا بارغان شىڭ شىسەي 1933 - يىلىنىڭبېشىدا ئۈرۈمچىگە قايتىشىدا تۇرپانغا كەلگەندە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرۋە ئۇنىڭ بىرقانچە سەبدىشىنى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ مەنىۋىتەرغىباتچىسى دەپ قاراپ تۇتقۇن قىلىپ تۇرمىگەتاشلايدۇ . جاللات شىڭشىسەي 1933 - يىلى 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى ئۇنى سەبداشلىرى بىلەن قوشۇپ تۇرپان شەھىرىنىڭ يېڭى شەھەر قازىخانا مەسچىتىنىڭئالدىدا قەتلى قىلىدۇ . ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بوينىغا قىلىچتەڭلەنگەندىمۇ دۈشمەنگە باش ئەگمەي، باتۇرلارچە كۆكرەك كېرىپ، خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە يالقۇنلۇق نۇتۇق سۆزلەيدۇ . بوينىغاقىلىچ ئۇرۇلغاندا « ياشىسۇن ئەركىنلىك! » ، « ياشىسۇن ئازادلىق! » دەپ ياڭراق شۇئار توۋلاپ قەھرىمانلارچە شېھىت بولىدۇ...... >?g@Nt8 WjD885Xo مەنبە: N8A)lYT]_u R hWQ:l] باغداش مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈپ ئەكەلدىم.
]b-2:M (
/y8KG3 شائىرىمىزنى ئەسلەش بىلەن بىرگە، ئەل سۆيگەن كىشىلەرنىڭ ئەبەدى ئۇنتۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكچىمىز. s'HsLe0|
|
|