查看完整版本: [-- ھۆرمەت ئىززەتتىن كېلىدۇ --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئوقوتوش ۋە ئىزدىنىش -> ھۆرمەت ئىززەتتىن كېلىدۇ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

layli 2010-07-22 10:59

ھۆرمەت ئىززەتتىن كېلىدۇ

ھۆرمەت ئىززەتتىن كېلىدۇ
=JqKdLH  
 غالىب مۇھەممەت قارلۇق
  bJ~@ k,'  
  =54"9*  
كەسىپداشلىرىمنىڭ ئاغزىدىن پات – پات: ‹‹ ھازىرقى بالىلار ئىلگىرىكى بالىلاردەك گەپ ئاڭلاپ كەتمەيدۇ، بۇرۇن ئوقۇتقۇچىنىڭ سۈرى ھەم ھۆرمىتى زىيادە ئىدى، ھازىر ئۇنداق ئەمەس ›› ، دېگەندەك خاپىلىق ئارىلاش ئۇھسىنىشلىرىنى ئاڭلاپ قالىمەن. ھازىرقى دەۋر بىلەن ئىلگىرىكى دەۋر ئوخشىمايدۇ، ھازىرقى بالىلار بىلەن ئىلگىرىكى بالىلار ئوتتۇرىسىدا ئىدىيە، ھېسسىيات، خاراكتېر جەھەتلەردە مەلۇم پەرقنىڭ بولۇشى مۇقەررەر. ھازىر ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىنىڭ مۇناسىۋىتىمۇ باراۋەر، ئورتاق ئۆگىنىدىغان، بىللە ئالغا باسىدىغان ئۇستاز – شاگىرتلىق مۇناسىۋەتكە قاراپ تەرەققىي قىلماقتا. بۈگۈنكى ساپا مائارىپى، دەرس ئىسلاھاتى دېگەنلەرمۇ دەل مۇشۇنداق ئۆزگىرىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىنىڭ ھۆرمىتى سۇسلىشىپ كېتىدۇ؟
   ھازىر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولىسى ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قەدىمدىن تارتىپ مىللىي ئەخلاقىمىزدا ئوقۇتقۇچى – ئۇستازلارنى ھۆرمەتلەش ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ. بىزدە: ‹‹ ئىززەت قىلساڭ ھۆرمەت تاپارسەن ›› دېگەن گەپ بار. بۇ گەپنى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتىگە تەتبىقلىساق، ئوقۇغۇچىنى ئىززەتلىگەندىلا، ئوقۇتقۇچىنىڭ ھۆرمىتى بولىدىغانلىقى ئاياندۇر. ئۆزىنى ئېگىزگە قويۇۋېلىپ ‹‹ مەن دېگەن ئوقۇتقۇچى، سەن نېمىلا دېگەن بىلەن ماڭا شەرتسىز بويسۇنۇشۇڭ كېرەك ›› دەپ ئوقۇتقۇچىلىق كىبىرى ۋە ھەيۋىسىگە تايىنىپ، ئوقۇغۇچىنى باشقۇرىمەن، دېيىلسە ھەرگىز بولمايدۇ.
   مائارىپ مۇتەخەسسىسلىرى ۋە پىسخولوگلار ‹‹ ئوقۇغۇچىنى ئىززەتلەش ›› دېگەن ئۇقۇمنى ھەرگىزمۇ تار دائىرىدە چۈشىنىۋالماسلىقنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. قانداقتۇر، ئوقۇغۇچىغا مۇئامىلىدە ئىللىق بولۇشلا ئىززەتلەشنىڭ بىردىنبىر مەزمۇنى ئەمەس، بەلكىم تەلىم – تەربىيە جەريانىدىكى ھەر بىر ھالقىدا ئۇنى نامايان قىلىش كېرەك. بۇ نۆۋىتىدە ھەر بىر ئوقۇغۇچى ئۈستىدە خاس پىكىر يۈرگۈزۈشىمىزنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاسلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشىمىزنى، قىزىقىش – ئارتۇقچىلىقلىرىنى بايقىشىمىزنى، غۇرۇرىغا ئەھمىيەت بېرىشىمىز لازىملىقىنى ئەسكەرتىدۇ. دۇنيادا مۇكەممەل ئادەم بولمىغىنىغا ئوخشاش، گەپ ئاڭلىمايدىغان، تىرىشمايدىغان ‹‹ يامان ›› ئوقۇغۇچىمۇ بولمايدۇ. ئوقۇتقۇچى چېۋەر بولمىسا، پەمسىزلىكى ۋە دىتسىزلىكىدىن ئۆزى بىلەن ئوقۇغۇچى ئارىسىدا پاسىل پەيدا قىلىپ قويىدۇ، بۇ، ماھىيەتتە، شۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ پاراسەتسىزلىكىنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ، خالاس. مەسىلەن: ھازىر ئوقۇغۇچىنى ئالاھىدىلىكى بويىچە تەربىيەلەش تەشەببۇس قىلىنىۋاتىدۇ، مەلۇم بىر ئوقۇغۇچىنىڭ رەسساملىق جەھەتتە ئالاھىدە تالانتى ۋە قىزىقىشى بولۇپ، فىزىكا دەرسىدە ئاجىز بولسا، شۇنىڭغا قاراپلا فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى ئۇنى: ‹‹ دۆت ئىكەنسەن، قولۇڭدىن ھېچ ئىش كەلمەيدىكەن ›› دېسە، بۇ ئېنىقلا شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ غۇرۇرىغا تېگىدۇ – دە، ئاخىر ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى يوقىتىپ قويۇشىغا سەۋەب بولۇپ قالىدۇ. دەرسخانىدا سورالغان سوئالغا قول كۆتۈرۈپ ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئامراق ئوقۇغۇچىلار بولىدۇ. بۇنداق ئوقۇغۇچىلار سوئالغا خاتا جاۋاب بېرىپ قالسا، ئوقۇتقۇچى قوپاللىق بىلەن: ‹‹ توغرا جاۋاب بېرەلمەيدىغان ھالىغا قول كۆتۈرۈپ كەتكىنىنى ›› دەپ خاتا جاۋاب بەرگەن ئوقۇغۇچىنىڭ دەككىسىنى بەرسە ھەرگىز بولمايدۇ. بۇنداق چاغدا ئوقۇتقۇچى بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ خاتا جاۋابىغا ئېسىلىۋالماي، بەلكى ئۇنىڭ جۈرئىتىگە، مەسىلىگە ئىنكاس قايتۇرۇش ئاكتىپلىقى ۋە قىزغىنلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇپ، ئۇنىڭغا ئىلھام بەرسە بولىدۇ. دەرسخانا دېگەن شۇنداق خاتا جاۋابلارغا ئاۋۋال ئورۇن بېرىپ، ئاندىن قايىل قىلىش يولى بىلەن توغرا جاۋابنى شەكىللەندۈرىدىغان جاي. ئوقۇغۇچى ھەممىگە توغرا جاۋاب بېرىپ كەتسە مەكتەپكە كېلىپ نېمە قىلىدۇ؟
   ئوقۇغۇچىنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلىش، يوشۇرۇن ئىقتىدارىغا ھۆرمەت قىلىش، مىجەز – خاراكتېرىگە ھۆرمەت قىلىش، ئەمەلىيەتتە، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا ھۆرمەت تېپىشىنىڭ ئاساسى. نۆۋىتىدە ئوقۇتقۇچى يەنە مۇناسىۋەتلىك قانۇن – نىزاملاردىن خەۋەرداربولۇشى، پىسخولوگىيەلىك ۋە پېداگوگىكىلىق ماتېرىياللارنى كۆپرەك كۆرۈپ ئۇنىۋىرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى، تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزى بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى مېھىر – مۇھەببەت كۆۋرۈكىنى مۇستەھكەملىشى لازىم.
 
  *!~jHy8F  
  4Jf6uhaE  
مەنبە: تەڭرىتاغ  تورى

tawpek 2010-08-01 21:44
توغرا گەپ ئالدى بىلەن بىزدە مۇئەللىملىك كىبىرى يوقىشى كىرەك.

yadekar 2010-08-01 22:03
توغرا ئالدى بىلەن بىزدە ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش خاھىشى يوقولىشى كىرەك. 7%%FYHMO:  
چەينەك چىغىدا پىيالىگە ئىگىلەلەيدۇ ئەمەسمۇ؟

tawpek 2011-08-10 17:52
باشلانغۇچتا  خىلى يۈزى تۆۋەن  ئوقوغانلارمۇ ئوتتورا مەكتەپە بىرلا  چىقسا ئاجايىپ  ئۆزگىرەيدىكەن، 4X()D {uR  
U#7moS'r  
باشلانغۇچ مەكتەپكە  بىرىپ  بىر  سائەت  كۈزىتىدىغان بولسا قەلىبلەر ھاياجانغا تولىدىكەن.  لىكىن  ئوتتورا مەكتەپكە  چىقىپلا ......................... 7 [b]%i  
G;'=#c ^  
U,Duq^l~s  
بۇ  نىمىڭ  تەسىرىدۇ؟

ماھى 2011-08-10 18:10
ئۇ چاغدا بالىلارنىڭ خاراكتىرى تولۇق يىتىلمىەەن بولغاچقا مۇئەللىمنىڭ سۆزىنى مۇقەددەس بىلىدۇ.سەل چوڭ بولۇپ جەمىيەتنى ئازراق بولسىمۇ چۈشىنىپ قېلىپ،«مەجبۇرىي مائارىپ »دېگەننىڭ قانداقلىقىنى بىلىۋېلىپلا ئۆزگۈرۈشكە باشلايدۇ.ئائىلىدىمۇ ئۇ بالا ئازراق بولسىمۇ كارغا كەلسىلا ئۆينىڭ ئىشىنى قىلىپ ،بىزنىڭ قۇلىمىزنى سوۋۇت دەپ  تەربىيىسىگە سەل قارايدۇ.بۇ يەردە ئاڭ مەسىلىسىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

tawpek 2011-08-11 14:32
باشلانغۇچتا  يالۋۇرۇپ  ئوقوتىدىكەن،  چۈنكى  ساۋاتسىزلىقنىڭ زىينىنى بولسىمۇ  تونوپ  يەتكەن  چىغى، ھەم  ئۇ چاغدا مەكتەپ  ئوبدان بىقىپ  بىرىدىكەن ئائىلىدە ئىش قىلىپ بىرەلمىگەچ.   0D\b;ju<  
7n_'2qY  
تولوقسىزدا ئاقسۇغا بىرىپ پاختا تىرىيدۇ ئەمەسمۇ.

danix 2012-09-10 10:14
    لەيلى ، بەكمۇ تاتلىق ئەسەرلىرىڭىزگە ئۈگىنىپ قاپتىكەنمىز . ئەمدى يۇقاپ كېتىۋىدىڭىز مەجنۇندەك بولۇپ قالدۇق . تېما دىدارىڭىزنى بىر كۆرسەتسىڭىز بوپتىكەن !

tawpek 2013-05-11 19:18
لەيلىخان مەن ئوقوتقۇچى بولمىغانكىن دەپلا قاچتى بولغاي.

مىېھرىما 2014-03-13 13:42
كۆپ رەھمەت . خېلى ئەجىر قىپسىز .

ئەلدىيار 2014-03-14 00:08
ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھۆكۈمرانى بولماسلىقى كېرەك،بەلكى مەسلىھەتچىسى،مۇشاۋۇرى بولۇشى كېرەك.

قارار1 2014-07-19 17:09
ياخشى چىقىپتۇ


查看完整版本: [-- ھۆرمەت ئىززەتتىن كېلىدۇ --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled