查看完整版本: [--   كىشلىك ھاياتتىكى تۆت دەرس --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى ->   كىشلىك ھاياتتىكى تۆت دەرس [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

istami 2013-03-08 01:41

  كىشلىك ھاياتتىكى تۆت دەرس

  كىشلىك ھاياتتىكى تۆت دەرس
  
  1- دەرس: ئەتىراپىمىزدىكى كىشلەرگە كۆڭۈل بۆلۇشنى ئۆگىنىۋېلىش.مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدىكى مەلۇم بىر كۈنى ئوقۇتقۇچىمىز دەرىستىلا بىزدىن بىر سىناق ئالدى.مەن سۇئاللارغا قىينالمايلا جاۋاپ بېرىپ كېلىۋىتىپ،ئاخىرقى بىر سۇئالغا كەلگەندە << ئوقۇتقۇچىمىز بىزگە چاخچاق قىلىۋاتامدۇ-نېمە ؟ >> دەپ ئۇيلاپ قالدىم.سۇئال مۇنداق قويۇلغاندى.<< مەكتىپىمىزدىكى تازلىق ئىشچى ھەدىمىزنىڭ ئىسمى نېمە ؟ >> مەن ئۇ ئايال تازلىق ئىشچىسىنى كۆپ ئۇچىراتقان،ئۇنىڭ تۇرقىنىمۇ سۈرەتلەپ بىرەلەيمەن.ئەمما ئۇنىڭ ئىسمىنى نەدىن بىلەي.شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ سۇئالغا جاۋاپ بەرمىدىم.كېيىنچە مۇئەللىم بىزگە : << سىلەر بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشۇڭلاردا نۇرغۇن ئادەمگە ئۇچىرايسىلە.سىلەر ئۇچىرغان شۇ ھەربىر ئادەم سىلەر ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.ئۇلار سىلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشۈڭلارغا ئەرزىيدۇ.ئەقەللىيسى،ئۇلارغا كۈلۈمسىرەپ قۇيۇشىڭلار ياكى ئۇلاردىن ئەھۋال سورىشىڭلار كېرەك.بۇ مېنىڭ مۇشۇ سۇئالىم ئارقىلىق سىلەرگە دېمەكچى بولغىنىم،دېدى.2 - دەرس : شارقىراپ يامغۇر يېغىپ كەتكەن بىر كېچىسى نېگىر موماينىڭ پىكاپى يولدا بۇزۇلۇپ قاپتۇ.يامغۇردا چىلىق-چىلىق ھۆل بولۇپ كەتكەن موماي بىرەر ئاق كۆڭۈل شۇپۇرنىڭ ئۆزىنى ئالغاچ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىپ،يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول بويىدا تىت-تىت بولۇپ تۇرۇپتۇ،ئەمما ئۆتۈپ كېتۋاتقان ماشىنىلارنىڭ بىرەرسىمۇ تۇختىماپتۇ.خېلى ۋاقىتلار ئۆتۈپ،موماي ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە قالغاندا،ياش بىر شۇپۇر يولدىن ئۆتۇپ كېتۋىتىپ موماينى كۆرۇپتۇ-دە،ماشىنىسىنى موماينىڭ يېنىغا ئەكىلىپ تۇختىتىپتۇ ۋە موماينى ماشىنىغا سىلۋاپتۇ.ئاندىن ماي قاچىلاش پونكىتىغا كەلگەندە موماينى بىر تاكسىغا سېلىپ قۇيۇپتۇ.خۇشلىشىش ئالدىدا،موماي ھېلىقى ياش شۇپۇرنىڭ ئۇنمىغىنىغا ئۇنىماي ئادېرسىنى يېزۋاپتۇ.ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتۈپ،ھېلىقى ياش شۇپۇر ھەيرانلىق ئىچىدە ئىنتايىن ئېسىل تېلېۋىزۇردىن بىرنى تاپشۇرۋاپتۇ.تېلېۋىزۇرغا يەنە << يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيۇلدا ماڭا قىلغان ياردىمىڭىز ئۈچۈن ئىنتايىن مىننەتدارلىق بىلەن رەھمەت ئېيتىمەن.سىزنىڭ ياردىمىڭىزدە سەكراتتىكى ئېرىم بىلەن دىدارلىشۋالدىم >> دېگەن خەتلەر يىزىلغان نەپىس ئىشلەنگەن بىر دانە كارتچكىمۇ چاپلانغانكەن.3 - دەرس : تۇسالغۇ ۋە پۇرسەت بۇرۇننىڭ بۇرنىسىدا بىز پادىشاھ يول ئۈستىگە يۇغان بىر تاشنى قويۇپ قويۇپ،بىر چەتكە يوشۇرنۇپ ئۆتكەن-كەچكەنلەرنىڭ ئىنكاسىنى كۆزىتىپ تۇرۇپتۇ.دەسلەپتە يولدىن ئۆتۈپ كېتۋاتقارنىڭ بەزىلىرى تاشنى ئايلىنىپ مېڭىپتۇ،بەزىلىرى ئاغرىنىپ،ئاللىنېمىلەرنىدۇر دەپ كېتىپتۇ.ئەمما ھېچقايسىسى تاشنى ئېلىۋېتەي دېمەپتۇ.خېلى بىر ۋاقىتتىن كېيىن،بىر مۇنچە كۆكتات قاچىلانغان سېۋەتلەرنى كۆتۈرگەن بىر قانچە دېھقانلار كېلىپ قاپتۇ ۋە تاشنى كۆرۈپ سىۋەتلىرىنى بىر ياققا قۇيۇپتۇ دە،تاشنى كۈچە-كۈچە ئىتتىرىپ چەتكە چىقىرىپ قۇيۇپتۇ.شۇ چاغدا دېھقان تاشنىڭ تىگىگە باسۇرۇپ قۇيۇلغان بىر خالتىنى كۆرۈپ قاپتۇ.ئۇ،خالتىنى ئاۋايلاپ ئېچىپ قارىسا،ئىچىدە لىق تىللا تۇرغىدەك،يەنە تىخى بىر باغاقچىمۇ بار ئىكەن،باغاقچىغا << كىمكى مۇشۇ تاشنى يولنىڭ چېتىگە ئاچىقۋەتسە،شۇ ئادەم مۇشۇ تىللاغا ئىگە بۇلىدۇ >> دەپ يېزىلغانكەن.4 - دەرس : ئۆزىنى قۇربان قىلىش رۇھىنى تۇرغۇزۇش.بىر سىڭىلچاق ئاكىسىنىڭ قان بېرىپ ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۋېلىشىغا ئېھتىياجلىق بولۇپ قاپتۇ.ئەمما،بۇ بالا تېخى گۆدەك بۇلغاچقا،دوختۇرلار قېنىمنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ سىڭلىمغا سېلىپ،ئۇنى قۇتۇلدۇرۇپ قالىدۇ.مەن بۇلسام ئۆلۈپ كېتىمەن،دېگەن خاتا ئۇيغا كەلگەن بۇلسىمۇ،يەنىلا قان بېرىشكە رازى بوپتۇ.قان ئېلىنۋاتقاندا، ئۇ بالا سىڭلىسىنىڭ يېنىدا يېتىپ،ئۇنىڭ چىرايىغا قان يۈگۈرگەنلىكىنى كۆرۈپتۇ.ئەمما ئۇنىڭ چىرايى ئاستا-ئاستا تاتىرىپ كېتىپتۇ ۋە تىتىرەپ تۇرۇپ دوختۇردىن:<< دوختۇر مەن ھازىر ئۆلۈپ كىتەمدېمەن ؟ >> دەپ سۇراپتۇ.شۇ يەردە تۇرغانلار بۇ ئوغۇل بالىنىڭ سىڭلىسىغا قان بېرىش ئۈچۈن ئۆلۈمگە تەييارلىق قىلىپ قۇيغانلىقىنى چۈشىنىپتۇ بۇ ئۇغۇل بالا ئۆزىنىڭ بارلىق كۈچ-قۇدرىتى بىلەن سىڭلىسىنى قۇتقۇزسا ئەرزىيدىغانلىقىنى ھېس قىلغىنى ئۈچۈن ھاياتىنى تەقدىم قىلىشتىمۇ باش تارتمىغانكەن.
ئاپتۇرى : لۇجيا   

ئەكبەرنىياز 2013-04-04 15:32
بۇ ھەقىقەتەن ئېسىل تېما ئىكەن . كۆپ رەھمەت ، ھارمىغايسىز !!!

تۇسالغۇ ۋە پۇرسەت بۇرۇننىڭ بۇرنىسىدا بىز پادىشاھ يول ئۈستىگە يۇغان بىر تاشنى قويۇپ قويۇپ،بىر چەتكە يوشۇرنۇپ ئۆتكەن-كەچكەنلەرنىڭ ئىنكاسىنى كۆزىتىپ تۇرۇپتۇ.دەسلەپتە يولدىن ئۆتۈپ كېتۋاتقارنىڭ بەزىلىرى تاشنى ئايلىنىپ مېڭىپتۇ،بەزىلىرى ئاغرىنىپ،ئاللىنېمىلەرنىدۇر دەپ كېتىپتۇ.ئەمما ھېچقايسىسى تاشنى ئېلىۋېتەي دېمەپتۇ.خېلى بىر ۋاقىتتىن كېيىن،بىر مۇنچە كۆكتات قاچىلانغان سېۋەتلەرنى كۆتۈرگەن بىر قانچە دېھقانلار كېلىپ قاپتۇ ۋە تاشنى كۆرۈپ سىۋەتلىرىنى بىر ياققا قۇيۇپتۇ دە،تاشنى كۈچە-كۈچە ئىتتىرىپ چەتكە چىقىرىپ قۇيۇپتۇ.شۇ چاغدا دېھقان تاشنىڭ تىگىگە باسۇرۇپ قۇيۇلغان بىر خالتىنى كۆرۈپ قاپتۇ.ئۇ،خالتىنى ئاۋايلاپ ئېچىپ قارىسا،ئىچىدە لىق تىللا تۇرغىدەك،يەنە تىخى بىر باغاقچىمۇ بار ئىكەن،باغاقچىغا << كىمكى مۇشۇ تاشنى يولنىڭ چېتىگە ئاچىقۋەتسە،شۇ ئادەم مۇشۇ تىللاغا ئىگە بۇلىدۇ >> دەپ يېزىلغانكەن.

ھەقىقەتەن تۇرمۇشىمىزدا بۇنداق تاسادىپىيلىقلار بەك كۆپ ، پەقەت نىيىتىمىز توغرا بولسىلا ئويلىمىغان خۇشاللىقلارغا ئېرىشىپ تۇرىمىز !!!

tuygun 2013-04-04 18:25
nahayety yahxi yazlepyu harmygay siz 。yana muxundak yahxi narselarny koplap yollap yurar siz           

tawpek 2013-04-04 23:01
ھەقىقەتەن ئىنساننىڭ ھاياتىنى بەركەتلىك قىلىدىغان دەرىسلەركەن بۇ.

رەيھان 2014-04-21 16:42
پىنيىندىمۇ ئىنكاس يازىدىغانلىرىمىز بار ئىكەنغۇ يا سىلەرنىڭ مەكتەپتە ئۇيغۇرچە سېستىمىلارنى ئۈزۈپ بىراق خەنزۇچە دەرسلەر ئۆيىلىۋاتامدۇ. ئانا تىل دەرسىنى ئۆتكەندە دوسكىغا لاتىن ھەرەپىنى يازامسىلەر


查看完整版本: [--   كىشلىك ھاياتتىكى تۆت دەرس --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled