查看完整版本: [-- مۇنبەرگە يەنە بىر تەكلىپ(ناتىۋان) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تورداشلار تەكلىپ-پىكىرلىرى -> مۇنبەرگە يەنە بىر تەكلىپ(ناتىۋان) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tawpek 2013-03-07 14:19

مۇنبەرگە يەنە بىر تەكلىپ(ناتىۋان)

مۇنبەرگە يەنە بىر تەكلىپ

         ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ، تەۋپىق باشلىق تەۋپىق تورىمىزدىكى بارلىق تورداشلار  :
     ئالدى بىلەن بىز تورداشلارنى ئۇيۇلتاشتەك بىر يەرگە يىغىپ بىزلەرنى مۇنازىرە قىلىش شەرىپىگە ئېرىشتۇرۇپ ۋە جاي-جايلاردىكى ئىدىيەداشلارنى ئۆز ئارا تونۇشتۇرۇپ ھەمدە بىر يەرگە يىغىپ بىزلەرنى ئالەمشۇمۇل خوشاللىققا ئېرىشتۇرگەن تەۋپىق تورىغا ۋە مۇشۇ مەنزىلگاھنى قۇرغان ئارسىلان سۇپەت تەۋپىق ئەپەندىگە ئەڭ ئالىي ئېھتىرام يوللايمەن.
مەقسەتكە كەلسەك :
   كەمىنە ناتىۋان ئالدىنقى قېتىملاردا مۇنبىرىمىزدە بىر نەچچە قېتىم مۇنبەر ئۇسلۇبى ھەققىدە سۆز قىلىپ كەلگەن ئىدىم . بۇ قېتىم يېڭى مۇنبەر سېستىمىسى ئىشلىتىلگەن بۇ ئۇسلۇپقىمۇ بىر قانچە تەكلىپ- پىكىرلەنى بەرمەكچى بولىۋاتىمەن . تورداشلارنىڭ مەندەك بىر «تەكلىپخور»نى كەچۈرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
بۇ قېتىملىق مۇنبەر سېستىما ئۇسلۇبى مەن تەۋپىق تورىغا ئەزا بولغاندىن تارتىپ تاكى بۇگۇنگىچە ئەڭ ياخشى ۋە قولايلىق ئۇسلۇپ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . بۇنىڭدىن تەۋپىق ئەپەندى ۋە مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ قانچىلىك ئەجىر سىڭدۇرگەنلىكى ماڭا بەش قولدەك ئايان. قىسقىسى بۇ ئۇسلۇپ نۇسخىسى تولىمۇ سېستىمىلىق ۋە مۇكەممەل چىققان . مەن تولىمۇ رازى بولدۇم .
    ئارتۇقچىلىقى دېگەندە :
   1. تورىمىزدا باشقۇرغۇچى تەستىقلاشتەك يېڭىچە بىر باشقۇرۇش ئۇسلۇبى تېخىمۇ مۇكەممەللەشكەن .
بۇنىڭدىن بەكمۇ خۇرسەن بولدۇم. چۇنكى بۇ ئارقىلىق تورىمىزدىكى بەزىبىر پۇچەك ، ئەھمىيەتسىز تېمىلارنىڭ چىقىشىغا ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ ئابرويىنى چۇشۇرۇشىنىڭ ۋاقتىدا ئالدىنى ئېلىشتا بەكمۇ مۇھىم . بۇ ئىش داۋاملىق ئېلىپ بېرىلسا . . .
   2. مۇنبەر يۇزىدىلا تېمىلارنىڭ قانداقلىقى ئېنىق بىلىنىپ تۇرىدىغان بوپتۇ .
مەسىلەن ، ياخشى باھالىق تېمىلار ، نادىرلانغان تېمىلار ، يېڭى يوللانغان ۋە يېڭى ئىنكاسلىق تېمىلار دېگەندەك . بۇ تۇلىمۇ كۆرسەتمىلىك بوپتۇ .
قالغان ئالاھىدىلىكلەرنى ئەڭ ئاۋال ئوتتۇرغا قويغان بولغاچقا يەنە قايتا دەپ يۇرمەي .
تەكلىپ-پىكىر دېگەندە :
   1. تېما يوللىغۇچى ۋە ئىنكاس قالدۇرغۇچىنىڭ تور نامى كىچىك بولۇپ قاپتۇ .
بۇ نوقتىنى  چۇقۇم تۇزەتسەك . ئالدىنقى ئۇسلۇپتا بۇ كۆرۈنۈش بەكمۇ ئوبدان چىقاتتى .
   2. بىز قاچانغىچە باشقا خەقلەرنىڭ بوشلۇقىغا دېتاللىرىمىزنى ئامانەت قويۇپ، ئۇلارغا يوللايمىز ۋە ئۇلاردىن چۈشۈرۈپ ئىشلىتىمىز ؟ بىزمۇ ئايرىم بوشلۇق ئېلىپ ئۆزىمىزنىڭكىنى ئۆزىمىزگە يوللاپ قوش ئۈنۈم ياراتمايمىز ؟ تەۋپىق ئەپەندىنىڭ بۇ ھەقتە تەپسىلىي ئويلىنىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
   3. رەسىملىك تېمىلار سول تەرەپتە بۇلۇپ قالسا  كىشىنى بىر ئاز غەلىتە قىلىپ قۇيىدىكەن . مېنىڭچە بۇ رەسىملىك تېمىلارنى بۇرۇنقى ئۇسلۇپتەك سول تەرەپتە كۆرۈلىدىغان قىلساق .
   4. «تەۋپىق مەخسۇس سەھىپىسى» بەكمۇ ئوبدان لايىھەلەنگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭدا يەنىلا مۇلۇم بىر تەم كەمدەك قىلىدۇ . بۇ دەل ــ سەھىپىلەرنىڭ چۇشەندۇرۇلۇشى . يەنى بۇ سەھىپىگە قانداق ئەسەرلەرنى يوللاشقا بۇلىدۇ دېگەن تەكلىپ كەم . بۇنداق بولسا ئۇسلۇپ دائىرىسى بەك ئۇزۇن بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن ، ئەمما يېڭى كىرگەن ئەزالارغا ۋە تور مېھمانلىرىغا قولايلىق ھەمدە جەلىپ قىلىش كۈچى بەرگەن بولاتتى . مەسىلەن ، بۇرۇنقى ئۇسلۇپنىڭ مۇشۇ ئالاھىدىلىكى بۇنىڭغا  بەكمۇ ماس كېلەتتى . بولسا شۇنداق قىلىپ باقساق .
   5. تورىمىزدا «دوستانە ئۇلىنىشلار» سەھىپىسى بار . ئەمما مۇشۇ ئۇلىنىشلاردىكى تورلاردا تورىمىزنىڭ نامى «دوستانە ئۇلىنىشلار»تا كۆرۈلمەيدىغان ئەھۋاللار بار . شۇڭا « قول قولنى يۇسا ، قول يۈزنى يۇيۇپتۇ» دېگەندەك ئۇسۇلنى قوللىنىپ، تەڭدە تەڭ تەشۋىق قىلساق.
   6. تېما يوللىغاندا يوللاش تاختىسىدا خەتلەر بەك كىچىك كۆرۈنۈپ قالىدىكەن. مۇشۇ خەت چوڭلىقىنى سەل چوڭايىتساق .
   7. مۇنبىرىمىزنى تېخىمۇ بەك كەڭرەك تۈردە تەشۋىق قىلساق . تېخىمۇ كۆپ تورداشلارنى تورىمىزغا مەھلىيا قىلساق .چۇنكى كۆپنىڭ كۈچى كۆپ ئەمەسمۇ . . . .
   مەن ھېس قىلغانلىرىم مۇشۇنچىلىك . قالغانلىرىغا بىزلەر بولغاندىن كېيىن داۋاملىق بىر نەرسە دېيىشەرمىز .
         ئالاھىدە ئەسكەرتىش ؛
    يۇقارقى پىكىر-تەلەپلىرىم كەمىنە ناتىۋاننىڭلا پىكرى بولۇپ ، باشقىلار بىلەن قىلچىمۇ مۇناسىۋەتسىز . شۇڭا تورداشلارنىڭ پىكرىمنى توغرا يۇسۇندا چۇشۇنىشىنى ئۇمىد قىلىمەن. بەلكىم مېنىڭ كومپىيوتېرىمدا نورمالسىزلىق كۆرۈلۈپ ماڭا مۇنبەر قالايمىقان كۆرۈنۈپ مېنى مۇشۇنداق ئويلارغا كەلتۈرۈپ قويغان بۇلۇشىمۇ مۇمكىن.
     قالغان گەپ-سۆزلەرنى مۇنبەر يۇزىدە دېيىشەرمىز . بولمىسا ئايرىم پاراڭلاشساقمۇ بولىدۇ .
         تېلفۇن : 18997869930       كىيۇ-كىيۇ : 1453156937  
                                           كامالىي ئېھتىرام بىلەن :    ناتىۋاندىن دەپ بىلگەيسىزلەر .
                                                 ۋىلايتى ئاقسۇ ناھىيەئى ئونسۇ يېزاكى ئارال
                                            2012- يىل 1-ئاينىڭ 14-كۈنى ئاران تورغا يوللاندى .

natiwan 2013-03-07 20:36
تورداشلار مەن يەنە قايتىپ كەلدىم.
تەۋپىنىڭ مېنىڭ يوقاپ كەتكەن تېمىلىرىمنى قايتىدىن تىرىلدۇرۇپ قويغىىغا رەخمەت.

قاراخان 2014-02-09 22:23
ياخشى تەكلىپ-پىكىرلەر ئىكەن، مېنىڭچە بۇ پىكىرلەرنىڭ كۆپ قىسىمى ھەل قىلىنىپ بوپتۇ، تەۋپىق ئەپەندى ۋە باشقا بارلىق باشقۇرغۇچىلارغا رەھمەت.

ئابدۇ 2014-03-20 20:57
   بۇ تور ئارقىلىق مىللى مائارىپمىزغا تۆھپە قوشۇۋاتقان   تەۋپىق ئەپەندى ۋە باشقا بارلىق باشقۇرغۇچىلارغا رەھمەت.

نۇرلالە 2014-03-27 13:15
باشقۇرغۇچىلارغا رەھمەت ،


查看完整版本: [-- مۇنبەرگە يەنە بىر تەكلىپ(ناتىۋان) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled