查看完整版本: [-- «قىز دوست7.0» يۇمشاق دېتالى ۋە «خوتۇن1.0» دېتالى(لىللا نونى) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> كۆڭۆل ئىچىش -> «قىز دوست7.0» يۇمشاق دېتالى ۋە «خوتۇن1.0» دېتالى(لىللا نونى) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tawpek 2013-03-07 00:01

«قىز دوست7.0» يۇمشاق دېتالى ۋە «خوتۇن1.0» دېتالى(لىللا نونى)

«قىز دوست7.0» يۇمشاق دېتالىنى «خوتۇن1.0» نەشىرىگە كۆتۈرگەندىن كېيىن چىققان خاتالىق M=x/PrY"R  
*r?g&Vw$m  
vy[*xT]  
  مەلۇم بىرەيلەن، باشقىلاردىن ھازىر بازاردا مودا بولىۋاتقان «خوتۇن1.0» پروگراممىسىنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپتۇ ۋە ئۆزىدە بار «قىز دوست7.0» پروگراممىسىنى «خوتۇن1.0» گە يۇقىرىلاتقىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىپ، دەرھال مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەر بويىچە پروگراممىنىڭ نەشىرىنى يۇقىرى كۆتۈرىۋاپتۇ، بىراق پروگراممىدىكى مەسىلىمۇ ياكى باشقا سەۋەپتىنمۇ، «خوتۇن1.0» يۇمشاق دېتالىدىن بىر قىسىم Bug(خاتالىق)لار كۆرۈلۈشكە باشلاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇياق تېخنىك مۇلازىمغا تۆۋەندىكىدەك بىر پارچە خەت يېزىپتۇ. .O3i"X]  
;q6: *H/  
ھۆرمەتلىك مۇلازىمەت تېخنىكى: bb$1RLyRL  
^%)'wDK  
مەن سىزنىڭ جىددى ياردىمىڭىزگە مۇھتاج بولۇپ قالدىم. مەن يېقىندا «قىز دوست7.0» نىڭ نەشىرىنى «خوتۇن1.0»گە كۆتۈرگەن ئىدىم، كېيىن بايقىشىمچە، بۇ پروگرامما تاساددىپىي ھالدا پەرزەنت كۆرۈش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ سېلىپ، زور مىقداردىكى بوشلۇق ۋە سېستىما بايلىقىنى ئىگەللىۋاپتۇ، بۇ مەھسۇلات قوللانمىسىدا تىلغا ئېلىنمىغان ئىش ئىكەن. iPa!pg4m  
u<]-%ha$  
بۇنىڭدىن سىرت، «خوتۇن1.0» ئۆزىنى ئاپتوماتىك ھالدا باشقا بارلىق پروگراممىلارنىڭ ئىچىگە قاچىلىۋاپتۇ، تېخى سېستىما بىلەن تەڭ قوزغىلىپ، پۈتكۈل سېستىمىنى نازارەت قىلىپ تۇرىدىكەن، شۇ سەۋەپتىن «ئەرلەرنىڭ كېچىلىك تاماشىسى 2.5» ۋە «كېچىلەپ بلوگ يېزىش 3.0» پروگراممىلىرى قوزغىلىشقا ئامالسىز قالدى، بىر ئاماللارنى قىلىپ بۇ پروگراممىلارنى قوزغاتقان بولساممۇ، بىراق «خوتۇن1.0» پروگراممىسى بىراقلا پارتىلاپ پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى…«ھەپتە ئاخىرىدىكى شېرىن ئۇيقا6.3» نى قوزغىتىپ باقاي دېسەممۇ قوزغىلالماي قاراپ تۇردى، بۇنىڭ ئەكسىچە، «يەكشەنبىلىك بازار چۆرگىلەش7.1» پروگراممىسى ئۇنىڭ ئورنىغا قوزغىلىدىغان بولىۋاپتۇ! قارىغاندا مەن «خوتۇن1.0» پروگراممىسىنى داۋاملىق ئىشلىتەلمىگۈدەكمەن، چۈنكى بۇ پروگرامما مەن ياخشى كۆرىدىغان باشقا ھەرقانداق پروگرامما بىلەن پەقەت ياخشى سىغىشالمايدىكەن، مەن «قىز دوست7.0» سېستىمىسىغا ياناي دېگەن، بىراق بۇ «خوتۇن1.0» نى يۇيۇپ تاشلاش ئۇنچە ئاسان ئەمەسكەن، ماڭا بىر ياردەم قىلىۋەتسەڭلار بوپتىكەن. }C}~)qaZv+  
?>1AT ==wI  
ھۆرمەت بىلەن: ئىخلاسمەن ئابونتىڭلار XQ GL cf'$l  
" nq4!  
سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەتچى XQ نىڭ خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن تۆۋەندىكىدەك بىر پارچە خەت قايتۇرۇپتۇ. %+L:Gm+^g#  
o*_[3{FU  
ھۆرمەتلىك XQ: L Bb&av  
D(Pd?iQIO  
بۇ بىر ئىنتايىن ئادەتتىكى مەسىلە ئىكەن، سىزنىڭ بۇ پروگراممىنىڭ ئاساسى پرىنسىپىغا بولغان چۈشەنچىڭىزنىڭ يېتەرسىزلىكى تۈپەيلى بۇ مەسىلە كېلىپ چىقىپتۇ. نۇرغۇن ئەرلەر «قىز دوست7.0» نى «خوتۇن1.0» گە كۆتۈرگەندىن كېيىن، خىيالىدا «خوتۇن1.0» دېگەن بۇ پروگراممىنى بىر قوللىنىشچان ۋە كۆڭۈل ئېچىش پروگراممىسى دەپ قارايدۇ، ئەمىلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. «خوتۇن1.0» ئەمەلىيەتتە بىر مەشغۇلات سېستىمىسى بولۇپ، باشقا بارلىق پروگراممىلارنى خىزمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن. سىز «خوتۇن1.0» نى يۇيىۋېتەلمەيسىز، ياكى «قىز دوست7.0» گىمۇ قايتالمايسىز، چۈنكى «خوتۇن1.0» نىڭ سېستىما يادروسىدا بۇ ئىقتىدار تەمىنلەنمىگەن. _ "&b%!  
\L}Soe'  
ئىلگىرى بەزىلەر «قىز دوست8.1» ياكى «خوتۇن2.0» نى قاچىلاشقا ئۇرۇنۇپ باققان، ئاقىۋەت تېخىمۇ كۆپ مەسىلىلەر كۆرۈلگەن(قوللانمىدىكى ئاجرىشىش تۆلىمى/بالىلارنى تەربىيلەش ھەققى/ئادۋوكات ھەققى قاتارلىق پارامېتىرلارغا دىققەت قىلىڭ). مەنمۇ «خوتۇن1.0»نى قاچىلاپ ئىشلىتىپ باققان، تەۋسىيەم، سىز سېستىمىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ياخشى ساقلاڭ، كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى پۇختا ھەل قىلىڭ. 'v GrbmK  
skh6L!6*<  
پروگراممىدا ھەرقانداق خاتالىق كۆرۈلگەن چاغدا، مەيلى قايسى سەۋەپتىن كۆرۈلگەن بولسۇن، چوقۇم C رايون ئىچىدىكى «exe.مېنىڭ كەچۈرۈمنامەم» پروگراممىسىنى قوزغىتىڭ، ھەمدە چېكىنىش كۇنۇپكىسىنىڭ بېسىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى قەتئىي ئېلىڭ. زۆرۈر بولغاندا «exe.مېنىڭ كەچۈرۈمنامەم» پروگراممىسىنى تەكرار بىر قانچە قېتىم قوزغىتىپ سىناڭ، تاكى ئومۇمى مەشغۇلات سېستىمىسى نورمال ھالەتكە قايتقۇچە داۋاملاشتۇرۇڭ. Ck%nNy29  
8)s}>:}  
«خوتۇن1.0» پروگراممىسى گەرچە بىر تۈرلۈك يۇقىرى كۈتۈنۈش تەلىۋىگە ئىگە پروگرامما بولسىمۇ، ئەمما ئادەمگە بولغان پايدىسى ئىنتايىن زور. بۇ پروگراممىدىن تولۇق پايدىلىنىش ئۈچۈن، يەنە بىر قىسىم قوشۇمچە يۇمشاق دېتاللارنى سېتىۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن، «ئەتىرگۈل2.0»، «يېڭى كىيىم6.0» ياكى «ئالتۇن زەنجىر 3.0» دېگەندەك… ts`c_hH,1'  
]R32dI8N  
ئەڭ ئاخىرىدا شۇنى سەمىڭىزگە سالىمىزكى، ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا «كاتىپ(كالتە يوپكا نەشىرى)» يۇمشاق دېتالىنى قاچىلاپ سالماڭ، چۈنكى «خوتۇن1.0» بۇ پروگراممىنى قوللىمايدۇ، ئەكسىچە بۇ پروگرامما مەجبۇرى ئورنىتىلغان چاغدا، كۆپىنچە ئەھۋالدا سېستىمىدىن ئېغىر كاشىلا كۆرۈلىدۇ، ئېغىر بولغاندا ھەتتا سېستىما قايتا قوزغالماسلىقىمۇ مۇمكىن. *v 1hMk  
{'C PLJ{R  
ئاخىرىدا سىزنىڭ تېنىڭىزگە سالامەتلىك، ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق، ئائىلىڭىزگە خاتىرجەملىك تىلەيمىز ! S@* lI2  
m^Qc9s#D  
مەنبە : بايقاش تورى a'u:1C^\  
lqh+yX%*  


查看完整版本: [-- «قىز دوست7.0» يۇمشاق دېتالى ۋە «خوتۇن1.0» دېتالى(لىللا نونى) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled