tawpek |
2013-03-06 23:59 |
تۇلۇق1- يىللىقنىڭ فىزىكا 2- بۆلەك ئىمتىھان سۇئالى(نەرگىزە)
2012-2013-ئوقۇش يىلى 1- مەۋسۈملۈك 2-بۆلەك ئىمتىھان سۇئالى تولۇق 1-يىللىقلار ئۈچۈن . پەن تۈرى: فىزىكا ئىمتىھان ۋاقتى: 90 مىنۇت . تۇلۇق نۇمۇر : 100 نۇمۇر سۇئاللار Ⅰ Ⅱ Ⅲ Ⅳ Ⅴ Ⅵ Ⅶ جەمئى نۇمۇر ئېرىشكەن نۇمۇر 1 .يەككە تاللاش سوئالى: ( 40 = 5*8) (تاللانغان جاۋاپنىڭ ھەرىپ بەلگىسىنى تۆۋەندىكى كاتەكچىگە يازمىسىڭىز ئىناۋەتسىز) 1 2 3 4 5 6 7 8 نومۇر 1. ئىنىرتسىيىگە مۇناسىۋەتلىك تۆۋەندىكى ئېيتىشلاردىن توغرىسى:( ) Aجىسىمنىڭ تېزلىكى قانچە چوڭ بولسا، ئىنىرتسىيىسىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ. B جىسىم تىنچ تۇرغاندا ئىنىرتسىيىسى ئەڭ چوڭ بولىدۇ. C تىكتاك توپنىڭ ئىنىرتسىيىسى ئۇيۇل توپنىڭكىدىن كىچىك بولىدۇ. D جىسىم ئۇچرىغان سىرتقى يىغىندى كۈچ قانچە چوڭ بولسا، ئىنىرتسىيىسىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ. 2. بىر جىسىم گورىزىنتال ئۈستەل ئۈستىگە تىنچ قويۇلغان بولسا، تۆۋەندىكى ئېيتىشلاردىن توغرىسى:( ) A تىرەش كۈچى ئېغىرلىق كۈچىگە تەڭ بولىدۇ. بۇ ئىككى كۈچ بىر جۈپ تەڭپۇڭ كۈچ بولىدۇ. B تىرەش كۈچى بىلەن ئېغىرلىق كۈچى بىر جۈپ تەسىر ۋە ئەكس تەسىر كۈچ بولىدۇ. C تىرەش كۈچى ئېغىرلىق كۈچىگە تەڭ بولىدۇ. بۇ ئىككى كۈچ ئوخشاش خۇسۇسىيەتلىك كۈچ بولىدۇ. D تىرەش كۈچى بىلەن بېسىم كۈچى بىر جۈپ تەسىر ۋە ئەكس تەسىر كۈچ بولىدۇ. 3. مېخانىكىدىكى بىرلىكلەر سىستېمىسىغا مۇناسىۋەتلىك تۆۋەندىكى ئېيتىشلاردىن توغرا بولغىنى : ( ) A kg ، ,N، m/sبولسا كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان بىرلىكلەر. B kg ، m ، J بولسا ئاساسىي بىرلىكلەر. Cخەلىقئارا بىرلىكلەر سىستىمېسىدا، ماسسىنىڭ ئاساسىي بىرلىكى, kg gبولسىمۇ بولىدۇ . D پەقەت خەلىقئارا بىرلىكلەر سىستىمېسىدا، نيۇتوننىڭ ئىككىنچى قانۇنىنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى F=ma بولىدۇ. 4. ۋېرتىكال يۇقىرىغا ئېتىلغان ئوق، ئەڭ ئېگىز نوقتىغا چىققاندىن كېيىن قايتىپ چۈشۈش جەريانىدا ئۇچرىغان ھاۋانىڭ قارشىلىق كۈچى ئوقنىڭ سۈرئىتىگە ئوڭ تاناسىپ بولغان بولسا، ئۇ ھالدا : ( ) A ئوقنىڭ ئەمدىلا ئېتىپ چىقىرىلغاندىكى تېزلىنىشى ئەڭ چوڭ بولىدۇ. B ئوقنىڭ ئەڭ يۇقىرى نوقتىدىكى تېزلىنىشى ئەڭ چوڭ بولىدۇ. C ئوقنىڭ يەرگە چۈشكەندىكى تېزلىنىشى ئەڭ كىچىك بولىدۇ. D ئوقنىڭ ئەڭ يۇقىرى نوقتىدىكى تېزلىنىشى ئەڭ كىچىك بولىدۇ. 5. ماددى نوقتىنىڭ ھەرىكىتىگە نىسبەتەن تۆۋەندىكى ئېيتىشلاردىن توغرىسى ( ) A تېزلىنىشى تۇراقلىق بولغان ھەرىكەت ئەگرى سىزىقلىق ھەرىكەت بولىشى مۇمكىن. B ھەرىكەت تىرايىكتورىيەسى ھەر قانداق كۆزەتكۈچىگە نىسبەتەن ئوخشاش بولۇپ، ئۆزگەرمەيدۇ. C جىسىمنىڭ تېزلىنىشى تەدىرجى كىچىكلىگەندە، تېزلىكنىڭ تەدىرجى كىچىكلىشى ناتايىن. D ماددى نوقتىغا تەسىر قىلغان بارلىق كۈچلەر يوقالغاندىن كېيىن، ماددى نوقتىنىڭ ھەرىكەت تېزلىكى تەدىرجى كىچىكلەيدۇ. 6. ماددى نوقتا مەلۇم ئېگىزلىكتىن گورىزونتال ئېتىپ چىقىرىلغان. ھاۋانىڭ قارشىلىق كۈچى ئېتىبارغا ئېلىنمىغاندا، تۆۋەندىكى ئېيتىشلاردىن توغرىسى: ( ) A ماسسا قانچە چوڭ بولسا، گورىزونتال يۆنىلىشتىكى يۆتكىلىشىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ. B دەسلەپكى تېزلىكى قانچە چوڭ بولسا، يەرگە چۈشكەندىكى ۋېرتىكال يۆنىلىشتىكى تېزلىكىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ. C دەسلەپكى تېزلىكى قانچە چوڭ بولسا، بوشلۇقتىكى ھەرىكەت ۋاقتىمۇ شۇنچە ئۇزۇن بولىدۇ. D دەسلەپكى تېزلىك قانچە چوڭ بولسا، بوشلۇقتىكى ھەرىكەت ۋاقتىمۇ شۇنچە ئۇزۇن، يەرگە چۈشكەن تېزلىكىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ. 7. تۆمۈر يول ئايلانمىسىنىڭ رادىئوسى rيەر شەكلى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ئايلانمىدا، سىرتقى رېلىس ئىچكى رېلىستىن ئېگىز بولىدۇ. بۇ ئېگىزلىك پەرقى hنىڭ لايىھەلىنىشى r غا مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي يەنە پويىزنىڭ ئايلانمىدىكى تېزلىكى uبىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. تۆۋەندىكى ئېيتىشلاردىن توغرىسى: ( ) A uبەلگىلىك بولغاندا، rقانچە كىچىك بولسا، hنىڭ شۇنچە چوڭ بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. B uبەلگىلىك بولغاندا، rقانچە كىچىك بولسا، hنىڭ شۇنچە چوڭ بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. C rبەلگىلىك بولغاندا، uقانچە كىچىك بولسا، hنىڭ شۇنچە چوڭ بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. D rبەلگىلىك بولغاندا، uقانچە چوڭ بولسا، hنىڭ شۇنچە چوڭ بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. 8. جىسىم گورىزونتال قويۇلغان ئايلانما دىسكا بىلەن بىرلىكتە ئايلانغان، تۆۋەندىكى ئېيتىشلاردىن توغرىسى: ( ) A جىسىم تەڭپۇڭ ھالەتتە تورىدۇ. B جىسىم ئۈچ دانە كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. C بۇلۇڭلۇق تېزلىك تۇراقلىق بولغاندا، جىسىم ئوقتىن قانچە يىراق بولسا، شۇنچە ئاسان قوزغىلىپ كەتمەيدۇ. D جىسىم ئايلىنىش ئوقىدىن بەلگىلىك يىراقلىقتا بولغاندا، جىسىمنىڭ ئايلىنىش دەۋرى قانچە كىچىك بولغانسىرى، شۇنچە تەستە قوزغىلىدۇ. 2.تەھلىل سوئالى: ( 20 =10*2) 1. مەملىكىتىمىزنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنىدا، ھەر خىل كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ ئالدى رەتتىكى ئورۇندۇقلىرىدا ئولتۇرغان يولۇچىلار چوقۇم بىخەتەرلىك تاسمىسىنى باغلىۋېلىشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بەلگىلىمە چىقىرىلغان؟ 2. بىر شارچىنى ئەينەك ۋارۇنكىغا سېلىپ، ۋارۇنكىنى چايقاپ، شارچىنى سىلىق ۋارۇنكا دىۋارىنى بويلىتىپ مەلۇم بىر گورىزونتال تەكشىلىكتە چەمبەر بويلىما تەكشى ھەرىكەت قىلدۇرغىلى بولىدۇ. شارچىنىڭ مەركەزگە ئىنتىلمە كۈچىنى قانداق كۈچ تەمىنلىگەن؟ 3. ھىسابلاش سوئالى: ( 40 =10*4) 1. بىر جىسىم كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندا، ئۇنىڭدا تېزلىنىش ھاسىل بولغان، ئۇنىڭدا تېزلىنىش ھاسىل قىلىش ئۈچۈن، قانچىلىك چوڭلۇقتىكى كۈچنى تەسىر قىلدۇرۇش كېرەك؟ 2. تېزلىكتە كېتىۋاتقان تراللىبۇس ماتۇرىنى ئۆچۈرۈۋىتىپ، ئۆتكەندىن كېيىن توختاپ قالغان. تراللىبۇسنىڭ ماسسىسى بولسا، ئۇ ئۇچرىغان قارشىلىق كۈچىنى تېپىڭ. 3. مەلۇم بىر شوپۇر ئاپتوموبىلنى تېزلىكى تا چەكلەنگەن تاشيولدا ھەيدەپ كېتىۋېتىپ ئۇنى يول بويىدىكى توسالغۇغا سوقۇۋەتكەن. سوقۇلغاندا ئاپتوموبىلدىن بىر مىتال پارچىسى ئۇچۇپ چىقىپ گوروزېنتال ئارىلىقى ، ۋېرتىكال ئارىلىقى بولغان يەردىكى لايغا چۈشكەن. مۇشۇ سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن ئاپتوموبىلنىڭ دەسلەپكى تېزلىكىنىڭ بەلگىلەنگەن سۈرئەتتىن ئېشىپ كەتكەن كەتمىگەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىڭلار. 4. يەر شارىنىڭ ماسسىسى ، يەر شارى بىلەن قوياشنىڭ ئارىلىقى . يەر شارىنىڭ قۇياشنى چۆرىدەپ ئايلىنىش ھەرىكىتىنى چەمبەر بويلىما تەكشى ھەرىكەت دەپ قاراشقا بولسا، قۇياشنىڭ يەر شارىغا قارىتا تارتىش كۈچى قانچىلىك بولىدۇ؟
|
|