查看完整版本: [-- تىل – ئەدەبىيات دەرسخانا ئوقۇتۇشى ھەققىدە(ناتىۋان) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئوقوتوش ۋە ئىزدىنىش -> تىل – ئەدەبىيات دەرسخانا ئوقۇتۇشى ھەققىدە(ناتىۋان) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tawpek 2013-03-06 23:15

تىل – ئەدەبىيات دەرسخانا ئوقۇتۇشى ھەققىدە(ناتىۋان)

ئوتتۇرا مەكتەپ تىل – ئەدەبىيات دەرسخانا    ئوقۇتۇشى ھەققىدە qHGXs@*M&  
( دەرسخانا ئوقۇتۇش تەجرىبە – ساۋاقلىرىم ) =#@eDm%  
قومۇل ۋىلايەتلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپ "5]Fl8c?  
ئابلېز ھەسەن قۇتيار EK^B=)q6:W  
2011 يىل.ئۆكتەبىر biCX: m+_?  
qRg^Bp'VD#  
ئوتتۇرا مەكتەپ تىل – ئەدەبىيات دەرسخانا ئوقۇتۇشى ھەققىدە r7z8ICX'q  
       [C PgfVz  
         ھەممەيلەنگە مەلۇم، بۈگۈنكى جەمئىيەت ئۆگىنىش تىپىدىكى جەمئىيەت. موشۇ يەردە ئولتۇرغان ھەربىرىمىز ئۆگىنىپ، ئۆگىتىپ ھارمايدىغان، يېڭىلقنىڭ، تەرەققىياتنىڭ، مەدەنىيەتنىڭ ئاشنالىرى. ئەشۇ ئىشىق ۋە ئەۋلادلار ئالدىدىكى مەسئۇلىيەت بىزنى يەنە بىر قېتىم جەم قىلدى. مۆھتىرەم ئۇستاز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ سۆزى بىلەن ئېيىتسام، ‹‹ مائارىپ بىر – ئىككى يىل كۆڭۈل بۆلىنىدىغان سېغىن كالا ئەمەس، نەچچە ئون يىل مەشغۇل بولىدىغان بىناكارلىق. ›› شۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا، ئوقۇتقۇچىلار تولىمۇ ئۇزاق ۋە مۈشكۈل بىر سەپەرنىڭ كارۋىنى ھېسابلىنىدىكەنمىز. بىزنىڭ بۇ كارۋان توپىنى ئاخىرقى مەنزىلگە يەتكۈزۈپ قويالمايدىغانلىقىمىز ئېنىق. ئىزىمىز ئۆچۈپ قالمىسۇن دەپ، بارلىق قان – تەرىمىز، ئارزۇ – ئىستەكلىرىمىزنى شۇلارغا بېغىشلىدۇق. بىراق، ئۇلارنى ئۆتمۈشنى ئۇنتۇپ قالمايدىغان، بۈگۈننى قەدىرلەيدىغان، شۇنداقلا ئەتىنى كۆرەلەيدىغان  پەزىلەت ۋە نۇسىرەت ئىگىلىرىدىن قىلىپ چىقىشتەك تارىخىي بۇرچنى  ئادا قىلىش ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس. K-&&%Id6R  
        تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى ئۆزىنىڭ مىللىيلىكى، گۇمانىتارلىقى ۋە سەنئەتلىك ئالاھىدىلىكى بىلەن ئادەمنىڭ مەنىۋىيىتىنى نۇرلاندۇرۇپ، توغرا كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى تۇرغۇزۇشقا ياردەم بېرىدىغان، ساغلام پىسخىكا ۋە   ئىستىتىك زوق ئاتا قىلىدىغان ئەڭگۈشتەر ئىلىم. مىللەتنىڭ ئانا تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولغانلىقىدىن پەخىرلەنمەيدىغان تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولمىسا كېرەك. ئۇنداقتا، موشۇ شەرەپ ۋە بەختكە يارىشا ھېچقانداق ياتلىشىش ۋە غەيرىلىك بولمايدىغان ئانا تىل ۋاستىسى ئارقىلىق ئەشۇ قارا كۆز بالىلىرىمىزنىڭ قەلبىگە سىڭىپ كىرىپ، ئۇلارنىڭ ئاجىزلىقى ۋە مۇۋاپپەقىيىتىنى توغرا تونۇپ، ئۇلارغا ھەرتەرەپتىن تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ قەلبىدە  پەننى سۆيىدىغان، پەن ئارقىلىق ھاياتنى، ئۆزىنى سۆيىدىغان، ئاندىن كەلگۈسىنى، مىللەتنى، ۋەتەننى سۆيىدىغان غايىلىك، ئەخلاقلىق، مەدەنىيەتلىك روھ ئۈندۈرمىلىرىنى بىخلاندۇرالاۋاتىمىزمۇ؟ |s&jWM$  
مېنىڭچە نېمە قىلماقچى ئىكەنلىكىمىزنى، نېمە قىلىۋاتقىنىمىزنى بىلىپ تۇرالىساقلا، كۆزلىگەن مەقسەت، مەنزىللىرىمىزگە يېتەلەيمىز، دەپ قارايمەن. بۇ سۆزۈمنى دەرسخانا ئوقۇتۇشىغا قارىتايلى. @add'>)  
       ئوقۇتقۇچىلاردا بىلىمگە ئەھمىيەت بېرىش مۇقەررەرلىككە ئايلانغان. ھېچبولمىغاندا بۇنى ئىمتىھان بەلگىلەپ قويغان دېيىشكە بولىدۇ. سىنىپلاردا تەكرار – تەكرار سۆزلەش، ئۆلۈك يادلىتىش، بىر قېلىپتا مەشىقلەندۈرۈش... بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئوقۇغۇچىلاردىكى ئىچ پۇشىقى، زېرىكىش، بىزارلىق... `I(#.*  
      يېڭى دەرس دەسلەپ يولغا قويۇلغاندا، بىز جۈملىدىن مەن بەك ھاياجانلانغان. دەرسلەر ھاياجان بىلەن ئۆتىلەتتى. نېمىلەرنىدۇ تالىشىپ كېتەتتۇق، دەرسخانىلاردا قىزغىن مۇنازىرە سائەت – سائەتلەرگە سوزۇلاتتى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ‹‹ پىكرىگە ھۆرمەت قىلاتتۇق››. نەتىجىدە، ئورمانلىقتىكى قۇشلاردەك ھەركىم ھەرنېمە دەپ سايراۋېرىپ، گاھىدا كىمنىڭكىنى ئاڭلاشنى، كىمنىڭكىنى توغرا قىلىشنى بىلەلمەي قالغان چاغلىرىمىزمۇ بولغان. ئوقۇغۇچىلارغا ‹‹ يېڭى كۆك چۆچۈرىسى ›› بېرىمەن دەپ ھەركۈنى ئۆزۈمنى ئالدىرىتىپ، ئاخىر تېزلا ئىچىم قۇرۇپ قالغاندەك، ئەمدى دەپ بەرگۈدەك ھېچنېمە قالمىغاندەك ھېس قىلغان چاغلىرىمىز بولغان. بۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئىشلار ۋە تۇيغۇلار بەك كۆپ. ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىدا ئىشلەۋاتقان چاغلىرىمدا ئوقۇتقۇچىلاردىن مۇنداق ئىنكاسلارنى ئاڭلىدىم. {{b&l!  
A. يېڭى دەرسنى دەسلەپ يولغا قويغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ، مېنىڭمۇ قىزغىنلىقىم بەك يۇقىرى ئىدى. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى دەرسخانىدىكى بىرقاتار ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرى، ‹‹ بۇ تېكىستتىن نېمىنى ھېس قىلدىڭىز، ئۇنىڭ ئورنىدا سىز بولغان بولسىڭىز قانداق قىلاتتىڭىز؟ ›› دېگەندەك قېلىپلىشىپ قالغان سۇئال – جاۋابلاردىن مەنمۇ، ئوقۇغۇچىلارمۇ زېرىكىپ قالدى. adG=L9 "n  
B. يېڭى دەرسنى ئىشلەتكەندىن بۇيان پۇخادىن چىققۇدەك دەرس سۆزلەپ باقماپتىمەن. ھەدېگەندە ئوقۇغۇچىلارنى سۆزلىتىش كېرەك دەپ، ئۇلارنىڭ ئاغزىغا قاراپ، بىزگە سۆزلىۋالغۇدەك پۇرسەتمۇ يوق. $sDvE~f0n  
C. يېڭى دەرسلىكتىكى مەزمونلار بەك يىنىك، بەزىدە ئادەم نېمىنى قىيىن، مۇھىم نۇقتا قىلىشنىمۇ بىلەلمەي قالىدۇ. تېخى دەرسىم بالدۇر تۈگەپ قالسا، بالىلارنى تاپشۇرۇق ئىشلىتىمەن.   ]Mu + DZ  
. يېڭى دەرس ئوقۇتۇشى مېنى گاڭگىرىتىپ قويدى. قولىمىزدىكى تىل – ئەدەبىيات دەرسلىكىمۇ ياكى ئۇنىۋېرسال بىلىملەر توپلىمىمۇ؟ ئۇ مەزمونلارنى ئۆگىنىپ يىتىشىپ بولالمىغاننىڭ ئۈستىگە، دەرسلىكتە بۇرۇنقىدەك سېستىمىلق نەزىرىيىۋىي بىلىملەر بولمىغاچقا، ئۇلارنى تېپىپ، ئوقۇغۇچىلارغا يازدۇرۇپ، چۈشەندۈرۈپ قىلىپ بولغىچە، دەرس پىلانىمغا يىتەلمەي بەك ئارقىدا قېلىۋاتىمەن. ھازىر ماتېماتىكىچىلاردىن بەكرەك مەن دەرس تالىشىدىغان بولۇپ قالدىم. Mp=2}d%P  
     تىل – ئەدەبىيات گۇمانىتارلىققا، قۇراللىق ئالاھىدىلىككە، مىللىي خاسلىققا، شۇنداقلا ئىستېتىك گۈزەللىككە ئىگە پەن. بىز بايىلا دەپ ئۆتتۇق. بىز ئۆگىنىشكە تىگىشلىك نەرسىلەر بەك كۆپ. بىز ھەممىنى ئۆگىنىپ بولالمايمىز، بالىلارغىمۇ ھەممىنى ئۆگىتىپ بولالمايمىز. خۇلاسە شۇكى: c+PT"/3  
1. ئوقۇتقۇچى ئالدى بىلەن دەرسلىك كىتابنى، دەرسنى تەتقىق قىلىشى كېرەك. k r0PL)$  
2. ئوقۇتقۇچى يەنە ئۆزىنى، كۆز ئالدىدىكى ئوقۇغۇچىنى تەتقىق قىلىشى كېرەك. ?Z-(SC  
3. ئوقۇتقۇچى ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىشى، ئۆگىنىش روھى بولۇشى كېرەك. [Az QP!gi  
مەن يۇقىرىدا دېگەنلىرىمنى دەرسخانا ئەمەلىيىتىمدىكى بىرنەچچە سائەتلىك دەرسىمنىڭ ئوقۇتۇش لايىھىسى ئارقىلىق كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچى. ئەلۋەتتە، ئوقۇتۇش لايىھىسى ئوقۇتۇش شارائىتى، ئوقۇتۇش ئوبىكتى ۋە ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇش تەپەككۇر يۆنىلىشى بويىچە روياپقا چىقىدۇ. بىركىمنىڭ لايىھىسى ئەڭ قالتىس لايىھە ياكى ئەڭ ناچار لايىھە بولۇشى ناتايىن.  مۇھىمى ئوقۇتقۇچىنىڭ شۇ بىر سائەتلىك دەرستە نېمىلەرنى مۇھىم، قىيىن نۇقتا قىلىپ تاللىغانلىقى ۋە ئۇنى قانداق ئۇسۇل – چارىلەر بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا سىڭدۈرمەكچى بولغانلىقى. كىشى ھەمىشە مەشۇقىنىڭ كۆڭلىنى ئىزلەپ تۇرغاندەك، مەنمۇ دەرسخانا ئوقۇتىشىدا ھەمىشە ماڭا ھەمراھ بولۇپ تۇرىدىغان تىل – ئەدەبىياتتىن ئىبارەت بۇ گۈزەلنىڭ شۇ بىر سائەتتىكى خاسلىقى ئۈستىدە ئىزدىنىپ كەلدىم. 3,~M`~B  
1. دەرسخانا ئوقۇتىشىدا تىل – ئەدەبىياتنىڭ گۇمانىتارلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بەردىم. X {,OP/  
سىزگە ئىشىك ئېچىلدى TrxZS_  
     بۇ دەرسكە باشلاپ كىرىش ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن بۇ تېكىستنىڭ باشلىنىشى بولۇپلا قالماي، بۇ بۆلەكنىڭ، بۇ كىتابنىڭ، ھەتتا بۇ بىر يىللىق، شۇنداقلا پۈتكۈل ئوتتۇرا مەكتەپ تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار بۇ دەرسنى ئۆتۈشتە، يەنى ئوتتۇرا مەكتەپ تىل – ئەدەبىيات بوسۇغىسىدىن ئاتلاپ كىرىشتە ۋاقىت، ئۇسۇل ۋە باشقا بارلىق چەكلىمىلەر دائىرىسىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئۆز خاسلىقى، تېكىستنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تۇتقا قىلىپ، ئامالنىڭ بارىچە ئوبىكىتنى، ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلىش، ئۇلارنى قوزغىتىش، ئۇلارنىڭ تىل – ئەدەبىيات دەرسىگە بولغان ئىشتىياقى، ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتىرىش بىلەن بىرگە ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ، ئارىدىكى رىشتىنى چىڭىتىشقا ئاساس سېلىش لازىم. مەن بۇ دەرسنى ئۆتۈشتە دەل يۇقىرىقىدەك مەقسەتلەرنى ئاساس قىلىپ، ئوقۇغۇچىلار قىزىقىپ ئاڭلايدىغان رىۋايەت ئارقىلىق دەرسكە، ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىغا باشلاپ كىرىشنى پىلان قىلدىم. دەرس پىلانى تۆۋەندىكىچە: #J. v[bOWQ  
دەرس 3 سائەت ئۆتىلىدۇ. J/3qJst  
ئوقۇتۇش نىشانى: G}aw{Vbg_  
بىلىم نىشانى: 1) ئەسەر نامى، ئاپتورى، ژانىرىنى ئەستە ساقلاش. 2) ئەدەبىيات ۋە ئەدەبىياتنىڭ رولى ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش. TJ@@k SSbl  
ئىقتىدار نىشانى:  1) تېكىستنى راۋان، چۈشىنىشلىك، ھېسسىياتلىق ئوقۇيالايدىغان بولۇش.     2)ئەسەردە ئۇچرىغان چۈشىنىكسىز سۆزلەرنىڭ لۇغەت مەنىسى ۋە ئىشلىتىلىشىنى بىلىۋېلىش. 3) ئويلىغانلىرىنى ئوبرازلىق، لېرىك پارچە شەكلىدە ئىپادىلەپ يېزىش ماھارىتىنى يۇقىرى كۆتىرىش. 1:<=zqh0  
ھېسسىيات، پوزۇتسىيە، قىممەت قارىشى نىشانى: تىل – ئەدەبىيات دەرسىنىڭ قىزىقارلىقلىقى، جەلپكارلىقى ۋە سېھرى كۈچىنى نامايەن قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئىشتىياقى ۋە قىزغىنلىقىنى قوزغاش. 5~T`R~Uqb  
مۇھىم نۇقتا: تېكىستنى راۋان، ھېسسىياتلىق ئوقۇيالايدىغان بولۇش بىلەن بىرگە تېكىست مەزمونىنى ئەستە ساقلاش. 7;dTQ.%n  
قىيىن نۇقتا: ئوقۇغۇچىلارغا چۈشىنىكسىز سۆزلەرنىڭ مەنىسى ۋە ئىشلىتىلىشىنى بىلدۈرۈش، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش ئىشتىياقى ۋە قىزغىنلىقىنى قوزغاش. RXa&*Jtr -  
     ئوقۇتۇش جەريانى:   EL!V\J`S_  
    1 – سائەتلىك  دەرسكە باشلاپ كىرىش: x\t)uM%  
   ‹‹ فەرھاد – شېرىن ›› رىۋايىتى ئارقىلىق دەرسكە باشلاپ كىرىمەن. K8NoY6  
    ئۇسۇل: ئاۋال ئۆزۈم ۋەقەلىكنى باشلاپ بايان قىلىمەن. ئاندىن ئوقۇغۇچىلارنى قوزغىتىپ، ئۇششاق سۇئاللار ئاساسىدا تەپەككۇر، تەسەۋۋۇرغا يىتەكلەيمەن. بۇ مەزكۇر تېكىستنى ئوقۇتۇشتىكى قىيىن نۇقتىنى ھەل قىلىش بىلەن بىرگە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل - ئەدەبىيات سەۋىيىسىنى مۆلچەرلەش، ئۆز – ئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دەرسخانا كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتىرىشكە پايدىلىق.   Y1a[HF^-  
    1. فەرھاد بىرىنچى ئىشىكنى ئېچىپ نېمىنى كۆردى؟ نېمىلەرنى ئويلىدى؟ )i8Hdtn  
    2. فەرھادنىڭ قىزىقىش، جاسارەت، تەۋەككۈلچىلىك ۋە قاراملىق بىلەن داۋاملىق ئىلگىرلىشىگە قارىتا سىز قانداق ئوي – خىياللاردا بولدىڭىز؟ فەرھادنىڭ ئورنىدا سىز بولسىڭىز قانداق قىلغان بولاتتىڭىز؟ *yJCnoF  
       يۇقىرىقى ئىككى سۇئال ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ دادىل پىكىر قىلىش، مۇستەقىل كۆز قاراش تىكلىشىگە يول ئېچىپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ دۇنيا قارىشى ۋە قىممەت قارىشىغا ئىجابىي يىتەكچىلىك قىلغىلى بولىدۇ.   >|%dN jf@Q  
تاپشۇرۇق: كېيىنكى سائەتتە بىزمۇ بىرىنچى ئىشىكنى ئېچىپ باقايلى. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىڭلاردا ئاچقۇچ بولۇشى كېرەك. بۈگۈن قايتىپ ئويلىنىپ بېقىڭلار، ئاچقۇچ زادى نېمە؟ 3xS+Pu\)  
2 – سائەتلىك  دەرسكە باشلاپ كىرىش                                                   Jy&O4g/'5  
       فەرھاد قاتمۇقات سىرلىق ئىشىكلەرنى ئېچىپ، نۇرغۇن جەۋر – جاپالارنى يېڭىپ، ئاخىر بەخىتنىڭ ۋەسلىگە يەتتى. شۇ تاپتا سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردىمۇ بىر سىرلىق ئىشىك تۇرۇپتۇ. بۇ ئىشىكنىڭ ئىچىدىمۇ سىلەرنىڭ ئېچىشىڭلارنى كۈتۈپ تۇرغان، ئىرادەڭلار ۋە پاراسىتىڭلارنى سىنايدىغان نۇرغۇن سىرلىق ھېكمەتلەر ۋە سىلەرنىڭ ۋۇجۇدۇڭلار، ھايات يولۇڭلارنى نۇرلاندۇرغۇچى خىسلەتلىك مۆجىزىلەر بار. بۈگۈندىن ئېتىبارەن بىز بۇ قاتمۇقات ئىشىكلەرنى بىرلىكتە ئېچىپ، ئورتاق ئىلگىرلەيمىز. ئەمىسە، ئىشىكنى ئاچايلىمۇ، تەييارلىقىڭلار بارمۇ؟ om%L>zfB  
       دەرس ماۋزۇسىنى دوسكىغا يېزىپ، ئوقۇغۇچىلارغا ( قول كۆتۈرگەنلەرگە ) تېكىستنى نۆۋەت بىلەن ئىككى قېتىم ئوقۇتىمەن. چۈشىنىكسىز سۆزلەرگە ئىزاھات بېرىشتە كۆپرەك ئوقۇغۇچىلارغا تايىنىپ، سۆزنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىغا ئاساسەن پەرەز قىلىپ مەنىسىنى يېشىشكە يىتەكلەيمەن. بۇ دەرسنىڭ مۇھىم، قىيىن نۇقتىلىرىنى ھەل قىلىشتىكى ئەڭ مۇھىم ئۆتكەل ھېسابلىنىدۇ. ئوقۇش، چۈشىنىش ۋە قوللىنىشنى بىلىش ئەڭ ئاساس بىلىم. e?W-vi%  
                      مۇھاكېمە سۇئالى: ACQc 0:q  
    ئەسەردىكى سىز ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ، دەپ قارىغان جۈملىلەر قايسى؟ بۇ جۈملىلەردىن قانداق ئوي – خىياللارغا كەلگەنلىكىڭىزنى سۆزلەپ بېرەلەمسىز؟ P:GAJ->;]>  
    بۇ سۇئال مۇھاكىمىسى ئارقىلىق مەن دەرسخانا كەيپىياتىدىكى جىددىلىكنى پەسەيتىپ، يەنىلا ئوقۇغۇچىلارغا ئازادە سۆزلەش، ئۆگىنىش مۇھىتى يارىتىپ بەرمەكچى. h2kb a6rwk  
   تاپشۇرۇق: تېكىستنى پىششىق ئوقۇشنى مەشىق قىلىڭ ھەمدە ئەدەبىياتقا بېرىلگەن تەبىرلەر ئاساسىدا سىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى كۆز قارىشىڭىزنى يەكۈنلەپ كېلىڭ. 3vx5dUgl,  
3 – سائەتلىك  دەرسكە باشلاپ كىرىش p=F!)TnJN  
      سەن بىپايان زىمىن، چەكسىز ئاسمان... سەن كۆككە تاقاشقان تاغ، دولقۇنلۇق دېڭىز – ئوكيان... سەن ئۇزاق ئۆتمۈش، شۇنداقلا ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن تۆنۈگۈن...  سەن بىر سەمىمىي ۋە ۋاپادار دوست. سېنى سۆيگەنلەرگە ئۈن – تۈنسىز ئۆزۈڭنى تەقدىم قىلىسەن. ئۇلارنى بىپايان، گۈزەل دۇنياغا باشلاپ كىرىپ، دۇنيادىكى ئەڭ جەزىبىدار مەنزىرىلەرنى كۆرسىتىسەن. ئۇلارغا كىشىلىك ھاياتنىڭ ھەقىقىتىنى تونىتىسەن... IXE`MLc  
           مۇھاكىمە سۇئاللىرى: 0 p  6  
     1. ئويلىنىپ بېقىڭ، ئاپتور نېمىشقا ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى يۇقىرىقىدەك ئوخشىتىشلار ئارقىلىق ئىپادىلىگەن؟ =MQpYX  
     2. سىلەرچە ئەدەبىياتنى يەنە نېمىلەرگە ئوخشىتىش مۇمكىن، نېمىشقا؟ q-7C7q  
     بۇ سۇئاللار ئارقىلىق ئەدەبىيات ھەققىدىكى ئېنىقلىما، ئەدەبىياتنىڭ رولى ۋە ئەسەرنىڭ ژانىر ئالاھىدىلىكى ( ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر ) قاتارلىق نەزىرىيىۋى بىلىملەرنى خۇلاسىلەشكە ئاساس سالغىلى بولىدۇ. \o-9~C\c*  
       سوۋغا:     بۇ جاھان باغىدا بىر قۇش، بەلكى سۇمۇرغ ئەدەبىيات. ?`9XFE~a!  
                  پەلسەپە باشتۇر ئۇنىڭغا، تىل دېگەن گويا قانات. [k1N-';;;  
                  يۈرىكى تارىخى ئۇنىڭكى، قۇيرۇقى قالمىش ساۋات، i.QS(gM  
                  ئۇ شۇلار بىرلە مۇقەددەس، ئۇ شۇلار بىرلە ھايات.   Q]44A+M]  
     يىتەكلەش: يۇقىرىقى شېئىرغا باغلاپ ئەدەبىياتقا تەبىر بېرىپ بېقىڭلار.   E}^np[u7  
ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەرگەن تەبىرلىرى ئاساسىدا ئۆزۈممۇ چۈشەنچە بېرىپ، ئەدەبىيات ۋە ئۇنىڭ رولى ھەققىدىكى نەزىرىيىۋى بىلىمنى ئاددى قىلىپ يازدۇرۇپ قويىمەن. @zu IR0Gr)  
      مەشىق: بۇ تېكىستنى ئۆگەنگەندىن كېيىن نېمىلەرنى ھېس قىلدىڭىز؟ ‹‹ مېنىڭ نەزىرىمدىكى ئەدەبىيات ›› دېگەن تېمىدا قىسقا پارچە يېزىپ بېقىڭ.   e}@VR 
    دەرس ئاخىرىدا 4 – 5 كىچە ئوقۇغۇچىنى ئوقۇتۇپ، ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە پارچىلارنىڭ بەدئىلىك جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى خۇلاسىلايمەن، مۇئەييەنلەشتۈرۈش، ئىلھاملاندۇرۇشنى ئاساس قىلىمەن. ' 6^+|1  
   تاپشۇرۇق:  1) تېكىستنىڭ يادلاشقا تاپشۇرۇلغان قىسمىنى يادلاپ كېلىڭلار.     2) تىلى ئوبرازلىق، يىنىك يېزىلغان، قىسقا نەسىردىن بىرنى تېپىپ، تاپشۇرۇق دەپتىرىڭلارغا كۆچۈرۈپ يېزىپ كېلىڭلار. \<e?  
دەرستىن كېيىنكى ئويلىنىش: دەرسخانا كەيپىياتى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىكىر قاتناشتۇرۇش ئاكتىپلىقى ناھايىتى ياخشى بولدى. مۇھىم، قىيىن نۇقتىلارنى ھەل قىلىش مەقسىدىگە يەتتىم، دەپ قارايمەن. ئوقۇغۇچىلار قىينالغان، رازى بولمىغان نۇقتىلار بايقالمىدى. مېنىڭچە، ئوقۇتقۇچى بىلىمنىلا ئەمەس، ياخشى كەيپىيات، ياخشى ئۇسۇللانىمۇ دەرسخانىغا بىللە ئېلىپ كىرىشى كېرەككەن. { XI0KiE  
     ئوقۇغۇچىلار سوۋغىسى: 9Hu;CKs  
                              كۆسەينى ئۇزۇن قىل قولۇڭ كۆيمەيدۇ، ,=_)tX^  
                              تىرىشقىن،ئەمگەك قىل،نامىڭ ئۆلمەيدۇ. GtuA94=!V&  
                              فەرھادتەك سۇ باشلا چۆللەرگە تاغدىن،   >m$jJlAv8  
                              بولمىسا ياقتۇرۇپ شېرىن سۆيمەيدۇ. }l>\D~:M  
   ياخشىلىق ۋە يامانلىق توغرىسىدا 0Cg}yyOz  
    بۇ تولۇق ئوتتۇرا زۆرۈر دەرسلىك 2- قىسىم 2- بۆلەككە كىرگۈزۈلگەن قاراخانىلار خانلىقى دەۋرى ئەدەبىياتىغا مەنسۇپ ئەسەر بولۇپ، كىلاسسىك ئەدەبىيات نەمۇنىمىز ‹‹ قۇتادغۇبىلىك ›› ۋە پەخىرلىك بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپنى  ئوقۇغۇچىلارغا تېخىمۇ ئەتىراپلىق تونۇشتۇرۇپ، ئۇلاردا سۆيۈنۈش ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى قوزغاش بىلەن بىرگە، ئەسەر مەزمونىدىكى دىداكتىك تېمىلار ئاساسىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھىي دۇنياسىغا سىڭىپ كىرىپ، تېخىمۇ نۇرلۇق ۋە بۈيۈك بىر سىيما ئارقىلىق ئۇلارغا ھېسسىيات، پوزۇتسىيە ۋە قىممەت قارىشى تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشقا بولىدىغان ئېسىل تېكىست. بۇ تېكىستنى ئوقۇتۇشتا مەن شېئىرلار ھەققىدىكى بىرقىسىم نەزىرىيىۋى مەزمونلاردىن تاشقىرى ئاساسلىقى يەنىلا گۇمانىتارلىقنى گەۋدىلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بەردىم.     Z Zs@P#]  
                 دەرس پىلانى تۆۋەندىكىچە:   2Kkm-#p7  
  دەرس 3 سائەت ئۆتىلىدۇ. ئوقۇتۇش نىشانى: '2S/FOb  
بىلىم نىشانى: 1) ئەسەر نامى، ئاپتورى، ژانىرىنى ئەستە ساقلاش. 2) قاراخانىلار خانلىقى دەۋرى ئەدەبىياتى ۋە ئاپتورنىڭ شۆھرەتلىك ئەسىرى ‹‹ قۇتادغۇبىلىك ››كە مۇناسىۋەتلىك مەزمونلارنى ئەستە ساقلاش. ( بىلىم نىشانىنى دەرسنىڭ قىيىن نۇقتىسى قىلىپ تاللىدىم. ) 9T \uOaC"  
ئىقتىدار نىشانى:  1) تېكىستنى راۋان، چۈشىنىشلىك، ھېسسىياتلىق ئوقۇيالايدىغان، شېئىرغا مۇناسىۋەتلىك نەزىرىيىۋىي بىلىملەرنى توغرا تەھلىل قىلالايدىغان بولۇش.    2)ئەسەردە ئۇچرىغان چۈشىنىكسىز سۆزلەرنىڭ لۇغەت مەنىسى ۋە ئىشلىتىلىشىنى بىلىۋېلىش. 3) ئويلىغانلىرىنى ئوبرازلىق، لېرىك پارچە شەكلىدە ئىپادىلەپ يېزىش ماھارىتىنى يۇقىرى كۆتىرىش. k ~0#Iy_{M  
ھېسسىيات، پوزۇتسىيە، قىممەت قارىشى نىشانى: ئوقۇغۇچىلارغا يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ‹‹ قۇتادغۇ بىلىك ››نى بىلدۈرۈش، ئۇلاردا سۆيۈنۈش ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى قوزغاش، توغرا  ئادىمىيلىك تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش. ( ھېسسىيات نىشانىنى دەرسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ تاللىدىم. )   R7o'V* d  
ئاپتور ۋە ئەسەر ھەققىدە: CL|d>  
      يۈسۈپ خاس ھاجىپ (1020/1019 – 1086/1085) 11- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قاراخانىيلار پايتەختلىرىدىن بىرى بولغان بالاساغۇن شەھىرىدە تۇغۇلۇپ، قەشقەردە ياشاپ ئىلىم تەھسىل قىلغان ھەم ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. ‹‹قۇتادغۇبىلىك›› داستانىنى تەخمىنەن ( 1069 - 1070 ) يىللىرى يېزىپ بولغاندىن كېيىن، قاراخانىيلار ھۆكۈمدارى تاۋغاچ بۇغرا قاراخان ئەبۇئەلى ھەسەنگە تەقدىم قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ھەسەن بۇغراخان مۇئەللىپكە خاس ھاجىپلىق (ئارىچى، ۋەكالەتچى، خاننىڭ ئەڭ يېقىن مەسلىھەتچىسى دېگەن مەنىلەردىكى ئەرەبچە سۆز) ئۇنۋانىنى بەرگەن. <~ Dq8If  
      ‹‹قۇتادغۇبىلىك›› داستانىنىڭ ئەسلى قوليازمىسى تېخى تېپىلغىنى يوق. ھازىر ئىلىم دۇنياسىغا مەلۇم بولغىنى ئۆز زامانىسىدىن خېلى كېيىن باشقىلار تەرىپىدىن كۆچۈرۈلگەن ئۈچ قوليازمىسى يېتىپ كەلگەن. بۇلاردىن بىرى كونا ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن كۆچۈرۈلگەن ۋىنا نۇسخىسى (1939 – يىلى ھىراتتا كۆچۈرۈلگەن ھىرات ياكى ۋىنا نۇسخىسى)، ئىككىنچىسى ئەرەب يېزىقى بىلەن (14 – ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا) كۆچۈرۈلگەن قاھىرە ياكى مىسىر نۇسخىسى، ئۈچىنچىسى 12 – ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 13 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا كۆچۈرۈلگەن ئەڭ قەدىمىي ۋە تولۇق نۇسخا بولغان ئەرەب يېزىقىدىكى نەمەنگەن ياكى فەرغانە نۇسخىسىدۇر. .Ei#mG-=}&  
      ‹‹قۇتادغۇبىلىك›› — بەخت كەلتۈرگۈچى بىلىم دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. w4Uo-zr@  
‹‹قۇتادغۇبىلىك›› 82 باب، 6644 بېيىت (13288 مىسرا) تىن تەركىب تاپقان چوڭ ھەجىمدىكى دىداكتىكىلىق داستان بولۇپ، باشتىن – ئاخىر ئارۇز ۋەزنىنىڭ مەسنىۋى شەكلى بىلەن يېزىلغان. ئەسەردە ئاپتور ئاساسەن دۆلەتنى باشقۇرۇش يوللىرىنى ۋە ئۆزىنىڭ پەلسەپىۋى، ئەخلاقىي قاراشلىرىنى ئۆزىگە خاس بىر خىل بەدىئىي ئۇسۇلدا، يەنى ئادالەت ۋە قانۇنغا سىمۋول قىلىنغان پادىشاھ كۈنتۇغدى، بەخت – سائادەتكە سىمۋول قىلىنغان ۋەزىر ئايتولدى، ئەقىل – ئىدراكقا سىمۋول قىلىنغان ئۆگدۈلمىش، قانائەتكە سىمۋول قىلىنغان ئودغۇرمىشتىن ئىبارەت سىمۋوللۇق ئوبرازلار ۋاستىسىدە كۆركەم ئەدەبىي تىل بىلەن بايان قىلىدۇ. 9xN`  
     دەرس ماۋزۇسىنى دوسكىغا يېزىپ بولۇپ، تېكىستنى شەخىسلەر ئارا ئۈچ قېتىم، كوللىكتىپ بىر قېتىم ئوقۇتىمەن. چۈشىنىكسىز سۆزلەرگە ئىزاھات بېرىشتە كۆپرەك ئوقۇغۇچىلارغا تايىنىپ، سۆزنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىغا ئاساسەن پەرەز قىلىپ مەنىسىنى يېشىشكە يىتەكلەيمەن. بۇ ئارقىلىق دەرسنىڭ مۇھىم، قىيىن نۇقتىلىرىنى ھەل قىلىشقا ئاساس سالىمەن. &ggOm  
                مۇھاكېمە سۇئالى: en_W4\7^  
      ئەسەردىكى سىز گە تەسىر قىلغان مىسرالار قايسى؟ بۇ مىسرالاردىن قانداق ئوي – خىياللارغا كەلگەنلىكىڭىزنى سۆزلەپ بېرەلەمسىز؟ d[\$a4G+  
    بۇ سۇئال مۇھاكىمىسى ئارقىلىق مەن ئوقۇغۇچىلارنى  دەرس مەزمونىنى ئىگەللەشكە يىتەكلەپ، كېيىنكى سائەتلىك مۇھاكىمە ئۈچۈن يول ئاچىمەن. E5$Fhc   
   تاپشۇرۇق: تېكىستنى پىششىق ئوقۇشنى مەشىق قىلىڭ ھەمدە قاراخانىلار خانلىقى ۋە بۇ خانلىق دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەققىدە ئىزدىنىپ كېلىڭ. @CtnV|  
قاراخانىلار خانلىقى ھەققىدە: 0iAQ;<*xi  
        قاراخانىلار خانلىقى (مىلادى 870- مىلادى 1213-) شىمالدا يەتتەسۇ -ئالتاي تاغلىرىدىن، جەنۇپتا قۇرۇم ۋە ھىندىقۇش تاغلىرى، غەرپتە ئامۇ دەرياسى، شەرقتە ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن چېگرىلانغان، تۈنجى تۈرك – ئۇيغۇر ئىسلام خانلىقى بولۇپ،  ‹‹ قارا ››  - ‹ كۈچلۈك، باتۇر، ئۇلۇغ ›› دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. بۇ دەۋردىكى ئەدەبىيات خانلىقنىڭ نامى بىلەن ‹‹ قاراخانىلار ئەدەبىياتى ›› ياكى ‹‹ خاقانىيە ئەدەبىياتى ›› دەپ ئاتالغان. بۇ دەۋردىكى تىل ئەرەب – پارس تىللىرىنىڭ تەسىرىگە كۆپ ئۇچرىمىغان ساپ ۋە نەپىس ئۇيغۇر تىلى ئىدى. بۇ دەۋردە ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرى بىلەن ئەرەب يېزىقىنى قوللاندى. ئەدىب، ئالىملاردىن مەھمۇد قەشقەرى، فارابى، بىرۇنى، مەھمۇد يۈكنەكى... قاتارلىقلار بار.   ,rNv}  
– سائەتلىك دەرسكە باشلاپ كىرىش: h3[x ZJO  
      1. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە سوۋىت ئىتتىپاقى ئۇرۇش مەيدانىدا بىر گىرمانىيىلىك ئەسكەر بومباردىمان ئىچىدە يىغلاپ ئولتۇرغان بىر كىچىك بالىنى كۆرۈپ، ھۇشقىتىپ كېلىۋاتقان بىر بومبىنىڭ دەل بالا تۇرىۋاتقان جايغا چۈشۈش ئېھتىماللىقىنى پەرەز قىلغان ۋە ھېچنىمىگە قارىماي ئېتىلىپ بارغىنىچە بالىنى باغرىغا بېسىپ يېتىۋالغان. بومبا دەھشەتلىك پارتلاپ... Hmx Y{KB  
پەرەز قىلىپ بېقىڭلار: ئاقىۋەت قانداق نەتىجە يۈز بەرگەندۇ؟ FfX*bqy  
2. ئىككى دوست بولغانىكەن. ئۇلار ھەمكارلىشىپ بىللە قىلغان بىر قېتىملىق سودىدا نۇرغۇن پۇل پايدا ئاپتۇ. ئاندىن ئىككىسى خۇشال – خورام يۇرتىغا قايتىپ كىلىۋېتىپ، تاغ ئارىسىدىكى ئۆڭكۈرلەردە يۈرۈپ تىنەپ قاپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كەچ كىرىپ قالغاچقا، شۇ ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىدە ئۇخلاپ ئارام ئالماقچى بولۇشۇپتۇ. بىرى مەشئەل ياندۇرۇپ، پۇللارنى جايلاشتۇرىۋاتقاندا، يەنە بىرەيلەننىڭ نىيىتى بۇزۇلۇپ، ئۇنىڭ بېشىغا تاش بىلەن ئۇرۇپ ياتقۇزىۋەتكەندىن كېيىن، پۇللارنىمۇ، مەشئەلنىمۇ ئېلىپ بۇ يەردىن كەتمەكچى بولۇپ، ئالدىراش – تىنەش مېڭىپتۇ... K8JshF Ie  
پەرەز قىلىپ بېقىڭلار: ئاقىۋەت قانداق بولغاندۇ؟ eMLcm ZJR  
مۇھاكىمە سۇئاللىرى: 7.*Mmx~]=  
1. ئاپتور شېئىرىدا نېمىلەرنى ياخشىلىقنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە تەكىتلىگەن؟ نېمىلەرنى يامانلىقنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە كۆرسىتىپ بەرگەن؟ >x1yFwX}-f  
2. شائىر نېمە ئۈچۈن ئۆزۈمچىل قىلىقنى كىشىگە ئېغىر يۈك دەپ قارايدۇ؟ يەنە ھەسەتنى نېمە ئۈچۈن داۋاسى يوق كېسەل دەيدۇ؟ 6IJH%qUx'  
3. بىزدە ‹‹ياخشىلىققا ياخشىلىق ھەركىشىنىڭ ئىشى، يامانلىققا ياخشىلىق ئەر كىشىنىڭ ئىشى ›› دەيدىغان ماقال بار. بۇنىڭدىكى ھېكمەت نېمە؟ 4$y P_3  
4. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەجدادلاردىن ئۇدۇم بولۇپ كەلگەن قانداق ئېسىل ئەخلاقى – پەزىلەت قاراشلىرى ۋە ئادەتلىرى بار؟  بۈگۈنكى كۈندىمۇ بۇلارنى تەكىتلەشنىڭ زۆرۈرىيىتى، ئەھمىيىتى بارمۇ؟ n= q7* 
5. سىزنىڭچە ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇھاكىمە قىلىشقا تىگىشلىك يەنە قانداق مۇھىم ياكى گۇمانلىق مەسىلىلەر بار؟ ! mZWd'  
      يۇقىرىقى مۇھاكىمە سۇئاللىرى ئارقىلىق دەرسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ھەل قىلىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلار بۇ سۇئاللارنى مۇھاكىمە قىلىشتا، ئۆزى خالىغىنىنى تاللىۋالسا بولىدۇ. ئاندىن ھەممەيلەن مۇستەقىل ئويلىنىدۇ. ئايرىم ساۋاقداشلار بىر – بىرى بىلەن گۇرۇپپا بولۇپ، مۇزاكىرە ئېلىپ بارسا بولىدۇ. G+t=+T2m  
سوۋغا: 2Z-QVwa*U  
※ ناداننىڭ سۆھبىتىدىن زىنداننىڭ ئازابى ياخشىراق . *LEI@  
※ ئەقىلنىڭ ئالامىتى كەمتەرلىك،ئەخمەقلىقنىڭ بەلگىسى تەكەببۇرلۇقتۇر. txiX1o!/L  
※ ھاراقكەش ئادەم خۇددى ھاراق بوتۇلكىسغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ بوينى،   قورسىقى بار، لېكىن كاللىسى يوق. /bF>cpM  
※ دۇمباقنىڭ ئاۋازى يوغان، ئىچى بوش؛ ماختانچاقنىڭ گېپى يوغان، بېلى بوش. h!7Lvh`o  
※ يۈزى چىرايلىق، خۇلقى سەت كىشى ئىملاسى خاتا خۇشخەتكە ئوخشايدۇ. BdP+>Ij  
تاپشۇرۇق: 1) بۇ دەرستىن ئالغان تەسىراتىڭلارنى ‹‹ ئەخلاق – ئادەم زىننىتى ›› دېگەن ماۋزۇغا باغلاپ بىر پارچە مۇھاكىمە ماقالىسى يېزىپ كېلىڭلار.    2) ياخشىلىق ۋە يامانلىق ھەققىدە ماقال – تەمسىل ۋە ھېكمەت توپلاپ كېلىڭلار. 3a'#Z4Z-  
دەرستىن كېيىنكى ئويلىنىش:   Mzw:c#  
      دەرس مۇھاكىمىسى بەك قىزغىن، دەرسخانا كەيپىياتى ناھايىتى يۇقىرى بولدى. ئىككىلا سائەتتە دەرسكە باشلاپ كىرىشنىڭ مۇۋاپپەقىيىتى شۇ سائەتلىك دەرسخانا كەيپىياتى بىلەن دەرسنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى يۇقىرى كۆتىرىشكە پايدىلىق بولدى. مۇھاكىمە سۇئاللىرىدىكى 5 – سۇئال مۇنازىرە پەيدا قىلدى. مۇنازىرە داۋامىدا يەنە ‹‹ قورام تاش ›› نىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردىم. بۇ بىر سائەتلىك دەرسنىڭ ئومۇمىي نىشانىغا يەتتىم، دەپ قارايمەن. قىسمەن ئوقۇغۇچىلارغا قاراتمىلىق تەربىيە ئېلىپ بېرىش مەقسىدىگىمۇ يەتتىم. 8v)iOPmDC  
     دەرسخانىدا مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك سۇئالنى سوراپ تۇرۇشنى ئۇنۇتماڭ. +(Jh$b_  
1. بۇ بىرسائەتلىك دەرستىن نېمىنى ھېس قىلدىڭىز؟ قانداق قانۇنىيەتنى بىلىۋالدىڭىز؟ x->+w Jm@s  
2. سىزنىڭچە بۈگۈنكى دەرستە قايسى بىلىم سىزگە ئەڭ ئەسقاتىدىغان بىلىمكەن؟ ئاچقۇچلۇق يېرى نەدە؟ Q)=2%X  
3. سىزنىڭچە ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇھاكىمە قىلىشقا تىگىشلىك يەنە قانداق گۇمانلىق مەسىلىلەر بار؟ ئوتتۇرىغا قويۇپ بېقىڭ. BDCyeC,Q3  
2. دەرس بايلىقىنى قېزىشقا، تىل – ئەدەبىياتنىڭ قۇراللىق خارەكتىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزىرىيە ۋە ئەمەلىي بىلىمىنى تەڭ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بەردىم.   F<^f6z8  
پارىژغا ساياھەت Hp*N%  
ئەسئەت سۇلايمان 4HpKKhv"  
                 بۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تىل – ئەدەبىيات زۆرۈر دەرسلىك 3 – قىسىم 3- بۆلەككە كىرگۈزۈلگەن ساياھەت ئەدەبىياتى ئەسىرى بولۇپ، ئەسەردە بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ پارىژدىكى قىسقىغىنە ساياھەت جەريانىنى يىنىك، ئوبرازلىق ۋە ئاممىباب تىللار ئارقىلىق بايان قىلىش بىلەن بىرگە، قاراتمىلىق، چوڭقۇر مەنىلىك مۇھاكىمە تىلى ئارقىلىق كىتابخانلارنى نۇرغۇن مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلىنىشقا سېلىپ قويىدىغان ئىپىك نەسىر. ئۇنىڭدا گۈزەل مەنزىرىلىك جايلار، مەدەنىي يادىكارلىق ئورۇنلىرى بولۇپلا قالماي، يەنە مەدەنىيەتلىك پارىژلىقلار، شۇنداقلا تارىخ، ئەدەبىيات، جەمئىيەت بىلىملىرى، ئۆزلۈك ۋە كىملىك ھەققىدىكى بىشارەتلىك، ئىشارەتلىك ئوي – پىكىرلەرمۇ بار. ئەسەرنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى بولمىش ‹‹ ئۆزلۈك ۋە كىملىك ›› ناملىق كىتابنىمۇ ئاز – تولا ئىزاھلاشقا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر ئوقۇتقۇچى ئىچكىرىلەپ ئىزدەنسە، بۇ تېكىستنى تېخىمۇ چوڭقۇر قازالىشى مۇمكىن. مەن بۇ دەرسنى ئۈچ سائەت ئۆتۈشنى پىلانلىدىم.   A1*\ \[  
       ئوقۇتۇش نىشانى: y&V'GhW!dd  
    بىلىم نىشانى: xz~Y %Y|Z  
    1) ئەسەر نامى، ئاپتورى، ژانىرىنى ئەستە ساقلاش. 2) ساياھەت ئەدەبىياتى ھەققىدىكى نەزىرىيىۋىي بىلىملەرنى ئەستە ساقلاش. VB`% u=  
   ئىقتىدار نىشانى: yq1 G6hw  
   1) تېكىستنى راۋان، چۈشىنىشلىك، ھېسسىياتلىق ئوقۇيالايدىغان، ئەسەرنىڭ ژانىر ئالاھىدىلىكىنى توغرا تەھلىل قىلالايدىغان بولۇش.   2)ئەسەردە ئۇچرىغان چۈشىنىكسىز سۆزلەرنىڭ لۇغەت مەنىسى ۋە ئىشلىتىلىشىنى بىلىۋېلىش.   Mcq!QaO}&  
   ھېسسىيات، پوزۇتسىيە، قىممەت قارىشى نىشانى: ]^Xj!01~  
   ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزلۈك ۋە كىملىك ھەققىدە مۇنازىرە قىلدۇرۇپ، خەلقئارادىكى دۆلەتلەر، مىللەتلەر ئەھۋالىنى چۈشىنىشكە، جەمئىيەت، تەرەققىيات ۋە مەۋجۇتلۇق ھەققىدە ئويلىنىشقا يىتەكلەش. ~z,qr09  
  دەرسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئەسەر مەزمونى ۋە مەركىزىي ئىدىيىسىنى ياخشى ئىگەللەش. J/3$I  
  دەرسنىڭ قىيىن نۇقتىسى: ئەسەرنىڭ ژانىر تۈرى ۋە ژانىر ئالاھىدىلىكىنى تەھلىل قىلالايدىغان بولۇش. ئۆزلۈك ۋە كىملىك ھەققىدە ئويلىنىشقا يىتەكلەش. )[u'LgVN/L  
   1- سائەتلىك دەرسكە باشلاپ كىرىش: D;*cy<_K8  
ئىلگىرى ساياھەتكە چىقىپ باققان بولۇشىڭلار مۇمكىن، شۇ چاغدىكى بىرەر كەچۈرمىشىڭلارنى ئاساس قىلىپ، ساياھەت تەسىراتىڭلارنى بايان قىلىپ بېقىڭلار.   i52JY&N  
ئاپتور ھەققىدە: nwzyL`kF  
     ئەسەت سۇلايمان 1969-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى قۇمۇلدا تۇغۇلغان . 1986-يىلىدىن 1991-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان . 1991-يىلىدىن 1994-يىلىغىچە يەنە شۇ فاكۇلتېتتا ئۇيغۇر فولكلور مەدەنىيىتى يۆلىنىشى ماگىستىر ئاسپىرانتلىقىدا ئوقۇغان 1996-يىلى جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاسپىرانتورىيىسىگە قوبۇل قىلىنىپ دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇغان . 1999-يىلى ئوقۇشنى تاماملاپ ئەدەبىيات پەنلىرى بۇيىچە دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن . 2003-، 2004-يىللىرى شۋېتسىيىنىڭ ستوكھولم ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىر يىل ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، يەنە ياپونىيە ، شۋېتسىيە ، ئەنگىلىيە ، گېرمانىيە، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتناشقان ھەمدە ئىلمىي لېكسىيىلەردە بولغان . gvD*^  
       ئۇنىڭ ھازىرغىچە «تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ» ، «ئۇيغۇر توتېم مەدەنىيىتى» ، «تارىم قوۋىقى چېكىلگەندە» ، «ئەلىشىر ناۋايى» ، «خەمسىچىلىك ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» قاتارلىق ئىلمىي ئەسەرلىرى نەشر قىلىنغان . مەملىكەت ئىچى ۋە چەت ئەللەردىكى ئىلمىي ژۇرناللاردا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتىگە دائىر 40 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان . 2000-يىلىدىن بۇيان ، مەملىكەت ، ئاپتونوم رايون ۋە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل – ئەدەبىياتى بويىچە بىر قانچە تەتقىقات تۈرىگە يېتەكچىلىك قىلغان . FMhuCl 2  
      2001-  يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بۇيىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلار يېتەكچىسى بولغان ھەمدە بىر قانچە قارار ماگىستىرلارنى تەربىيىلىگەن . 2005-يىلى پروفېسسورلۇق كەسپى ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن . 200-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرى بۇيىچە «كۆزگە كۆرۈنگەن 10 چوڭ ياش» ، 2006-يىلى ئاپتونوم رايون بۇيىچە «مۇنەۋۋەر پوستدوكتور» بولۇپ باھالانغان. FjLMN{eH/  
دەرس ماۋزۇسىنى دوسكىغا يېزىپ، تېكىستنى ئوقۇغۇچىلارغا بىر قېتىم ئوقۇتىمەن. 4sW~7:vU  
    تاپشۇرۇق:  ls7P$qq  
      1. تېكىستنى قايتا ئوقۇپ، ئەسەر مەزمونىنى پىششىق ئىگەللەڭ ھەمدە ئۇچرىغان چۈشىنىكسىز سۆزلەرنىڭ ئاستىغا سىزىپ، لۇغەت مەنىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ كېلىڭ. r*  l c#  
     2. ئەسەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ساياھەت ئەدەبىياتىغا مەنسۇپ بولىدىغانلىقىنى ئويلىنىپ بېقىڭ ؟ B#35)QI  
                    2- سائەتلىك دەرسكە باشلاپ كىرىش: !_;J@B  
         ئاپتورنىڭ ‹‹ ئۆزلۈك ۋە كىملىك ›› ناملىق كىتابى ۋە تېكىست مەزمونىدىكى پارىژ ساياھىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئازراق چۈشەنچە بىرىش بىلەن دەرسكە باشلاپ كىرىمەن. ئاندىن ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە چۈشىنىكسىز سۆزلەرگە ئىزاھات تاپىمىز.   m~fDDQs  
         سۇئال: {MTtj4$  
         مەزكۇر ئەسەرنى نېمىشقا ساياھەت ئەدەبىياتى دەيمىز؟  ساياھەت ئەدەبىياتى قايسى          ژانىرغا تەۋە ؟   +P,ic*Kq*  
         قىيىن نۇقتا ھەم نەزىرىيىۋى بىلىم ھەم مۇھاكىمە قىلىدىغان چوڭ مەسىلە بولغاچقا، ئىككىنى ئايرىم – ئايرىم تەھلىل قىلىش ئۈچۈن ئاۋال بۇ سۇئالنى مۇھاكىمە قىلىشنى ئويلاشتىم. Jf\`?g3#  
ئەدەبىيات نەزىرىيىسى: bZK ^q B  
        ساياھەت ئەدەبىياتى ژانىر نۇقتىسىدىن مۇھاكىمىلىق نەسىرنىڭ ‹‹ئەدىبىي خاتىرە ››، ‹‹ ساياھەت خاتىرىسى ›› ياكى ‹‹ سەپەر خاتىرىسى ›› دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان بىر تۈرى . <*-8E(a  
      مۇھاكىمىلق نەسىر - مۇئەييەن ئوبىكىتقا بولغان كۆز قاراش ۋە باھا  لىرىك مۇلاھىزە  ئارقىلىق   ئىپادىلىنىدىغان   نەسىر  تۈرى  بولۇپ ،  ئۇنىڭدا  ئوبرازنى تەسۋىرلەش  بىلەن  ھېسسىياتنى  ئىزھار  قىلىش  ئاساسىدا  مۇھاكىمە  ئېلىپ بېرىلىدۇ. Z,81L3#6  
       ساياھەت ئەدەبىياتى -  مەشھۇر  تارىخىي  جايلار،  مەدەنىيەت  ئورۇنلىرى ۋە ئالاھىدە  تەرەققى  قىلغان   رايونلار   ھەمدە  مەنزىرىلىك  جايلارنى  ساياھەت قىلىشنى  ئاساسىي  تېما  قىلىپ،  ئاپتورنىڭ   باھاسى،  كۆز قارىشى  ۋە ھېس - تۇيغۇسىغا بىرلەشتۈرۈپ،  مەلۇم  ئىدىيىنى  گەۋدىلەندۈرىدىغان  ۋە  تەشەببۇس  قىلىدىغان  ئەدەبىي ئۇسۇلدا يېزىلىدىغان ئەسەر. LnN:;h  
مۇھاكىمە سۇئاللىرى: w"#rwV&  
   1. ئاپتور نېمىشقا پارىژغا ساياھەتكە بارماقچى بولۇپ قالدى ؟  بارغاندىن  كېيىن قانداق جايلارنى زىيارەت قىلدى؟ ( كەينىدىكى سۇرەتلەر كۆرسىتىلىدۇ.) {?EmO+![}  
  2.  تېكىست  ئىچىدىكى سىزگە  ئەڭ  تەسىر قىلغان جاي قايسى ؟   ئۆزىڭىز ئۈچۈن پايدىلىق بىلىم بولالايدۇ دەپ قارىغان مەزمونچۇ؟  تەسىراتىڭىزنى ئوبرازلىق، ئەتىراپلىق بايان قىلىپ بېقىڭ. PMW@xk^ 
  يۇقىرىقى سۇئاللار ئاساسىدا ئوقۇغۇچىلارنى پىكىر قىلىشقا، تېكىستنى قېزىشقا يىتەكلەيمەن. D/%v/mpj$  
تاپشۇرۇق:  ئىمكانىيەت بولسا، ئاپتورنىڭ ‹‹ ئۆزلۈك ۋە كىملىك ›› ناملىق كىتابىنى كۆرۈپ، ئوقۇپ بېقىڭلار. ئۆزلۈك ۋە كىملىك ھەققىدە ئويلىنىپ بېقىڭلار. ko'V8r `V  
                   3 سائەتلىك دەرسكە باشلاپ كىرىش: x2aG5@<3  
   ئوقۇغۇچىلارغا تۆۋەندىكى خەرىتىنى كۈزىتىپ، فىرانسىيە ۋە پايتەختى پارىژنى تېپىش مەشىقىنى ئورۇنلاشتۇردۇم. بۇنىڭدىكى مەقسەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەرىتىدىن پايدىلىنىش سەۋىيىسىنى سىناش ۋە دەرسخانا كەيپىياتىنى جانلاندۇرۇش. \F\7*=xk  
ماتېرىيال Ⅰ 1&7?f  
     جېئان دوئال ئەپەندى ئىشىك ئالدىدا ساقلاپ تۇرغانىكەن. بىزنى كۆرۈپلا راۋان ئۇيغۇرتىلىدا سالام بەردى: )FIFf;r  
    - ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! خۇش كەلدىڭلار مېھمانلار، قېنى ئۆيگە كىرىڭلار. h ^`@%g9 S  
    - سىز ئۇيغۇرمۇ؟ - دەپ سورىدى قىزىم ئۆزى بىلەنمۇ ئۇيغۇرچە ئەھۋاللاشقان بۇ ئەپەندىگە ھەيران قېلىپ. {)!ua7GF0H  
    - شۇنداق، مەنمۇ ئۇيغۇر، - دېدى دۇئال ئەپەندى قاقاھلاپ كۈلۈپ، - ئۇيغۇر تىلى مېنىڭمۇ تىلىم. GkU$Z @  
جېئان دوئال ئەپەندى ئىگىز بوي، گەۋدىلىك كىشى ئىدى. ئۇ خەنزۇچىنىمۇ سۇدەك سۆزلەيىتتى. ئۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارغا تەرجىمان بولۇپ بىر نەچچە قېتىم جۇڭگوغا بارغان، شىنجاڭنىمۇ كۆپ قېتىم زىيارەت قىلغانىكەن. ئۇ تاماق پىشقىچە بىزگە ئۆزىنىڭ ‹‹ كىچىك جەننەت ››ىنى زىيارەت قىلدۇرماقچى بولدى. ۋاھ، كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيلا قالدىم. پۈتۈن ئۈستۈنكى قەۋەت گويا بىر فولكلور ۋە سەنئەت مۇزىيىنىڭ ئۆزى ئىدى. يەردىكى تۈرلۈك گىلەم - زىلچىلار، تامدا ھەرخىل ئەنئەنىۋى كىيىم - كېچەكلەر، تۇرمۇش ۋە زىننەت بويۇملىرى، ئىشقىلىپ ئوتتۇرا ئاسىيا  ۋە يىپەك  يولىنى بويلاپ ياشىغان خەلقلەرنىڭ   فولكلور   ئۈلگىلىرىنىڭ   ھەممىسى  بار   ئىدى.  باش كىيىملەر  ئىشكابىدا   ھەتتا  كىرىيىنىڭ   كىچىك تەلپەكلىرىگىچە، ھۈنەر- سەنئەت بويۇملىرى ئىشكابىدا قامچا - خۇرجۇن، مەسە - كالاچ، ئاپتۇۋا- چىلاپچىغىچە رەتلىك تىزىلغانىدى. Nl%5OBm  
   - بۇ مېنىڭ قىزىقىشىم، مەن بۇلارنى خۇددى چۈمۈلە توختىماي  دان يىغقاندەك بىرتال - بىرتالدىن يىغىپ  توپلىدىم. ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار جۈملىدىن ئۇيغۇرلار سەنئەتكە ئەڭ باي خەلقسىلەر. ھەربىر خەلقنىڭ ئۆزىنى ئىپادىلەش ئۇسۇلى بولىدۇ. سىلەرنىڭ قولۇڭلاردا قەلەم توختىمىغىنى بىلەن ھۈنەر- سەنئەت توختىماي داۋاملىشىپ كەلگەن. شۇڭلاشقا ئۆز دۇنيايىڭلارنى  ھۈنەر - سەنئەت  بويۇملىرى  ئارقىلىق ئىپادىلەپ  كەلگەنسىلەر.-  دېدى ئۇ  گويا  بىزنىڭ  مويسىپىت ئاتىلىرىمىزدەكلا  ۋەزمىن ئاھاڭدا. ئۇ  تېخى بىزگە  ئۆزىنىڭ  ئۇيغۇرچە  - ئىنگىلىزچە  ئىككى تىللىق  ھۈنەر - كەسپ ئاتالغۇلىرى لۇغىتى ئىشلەۋاتقانلىقىنى دەپ بەردى. w T_l>u  
             سۇئال: بۇ پارچىنى ئوقۇغاندىن كېيىن قانداق تەسىرات ئالدىڭىز؟ Nt?=0X|M  
ماتېرىيال Ⅱ .Zs.O/  
       نەۋرە ئاچام بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرساق، ئوغلى سەمەرجان بىر ھارۋا گىزىتنى سۆرەپ كىرىپ كەلدى. ئەمدىلا 15 ياشقا كىرگەن بۇ بالا دانىيىلىك بالىلارغا ئوخشاشلا مۇستەقىلى تۇرمۇش كەچۈرۈش روھىنى يىتىلدۈرگەن بولۇپ، ئادەتتە ھەپتىدە   ئۈچ  قېتىم  گېزىت  تارقىتىدىكەن.  بۇنىڭ  بىلەن  ئۆزىنىڭ  بىر  ئايلىق  ئۇششاق  - چۈششەك  خىراجىتىنى تېپىۋالىدىكەن.  ھارۋىدىكى  گىزىتلەرنى  ئۆيگە توشۇدۇق.  ئاندىن  ھەربىر پارچە گىزىتنىڭ  ئارىلىقىغا ھەپتىلىك مال سېتىۋېلىش ئېلانلىرىنى قوشۇپ رەتلىگەندىن كېيىن، گېزىتلەرنى قايتىدىن ھارۋىغا  بېسىپ تارقىتىشقا ئېلىپ  ماڭدۇق. a[ sdYZ  
مەن سەمەرجانغا ياردەملىشىپ گېزىت تارقىتىشىپ بەرمەكچى بولدۇم. ئۇ موشۇ ئەتىراپتىكى بىر ئائىلىلىكلەر رايونىنىڭ گېزىتلىرىنى تارقىتىش  ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغانىكەن.  بىز گېزىتلەرنى  ھەربىر  ئائىلىنىڭ  خەت ساندۇقىغا  ياكى ئىشىكلەردىكى گېزىت تاشلايدىغان تۆشۈككە سېلىپ ماڭدۇق. تەخمىنەن بىر يېرىم سائەتلەردىن كېيىن  گېزىتلەرنى تارقىتىپ بولدۇق. پەمىمچە يۈزدىن ئارتۇق  ئۆيگە تارقاتقان بولساق  كېرەك. ھەر ئىككىمىزلا ئالدىراش ئىشلىگەچكە، چىلىق- چىلىق تەرلەپ كەتكەنىدۇق. ھارۋىنى سۆرەپ قايتىپ كېلىۋېتىپ، ئۈرۈمچىدىكى ھەممە نەرسىسىنى ئاتا - ئانىسى تەييار قىلىپ بېرىدىغان، ھەتتا توي قىلىپ ئۆي ئايرىپ كەتكەندىن كېيىنمۇ مائاشىنى يەتكۈزەلمەي ئاتا - ئانىسىغا تايىنىپ  ياشايدىغان  بىر قىسىم  ياشلارنى  كۆز ئالدىمغا  كەلتۈردۈم. سەمەرجان 15 ياشقا كىرگەن بىر بالا بولۇشىغا قارىماي، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل قاراشقا ئىگە، ھەركەتچان ۋە تىرىشچان بالا بولغانىدى. مەن شۇندىلا  غەربتە ئۆسۈپ يىتىلگەن  بالىلارنىڭ  مۇستەقىل  ياشاش  روھى ھەمدە  ئىجادىيەت  ئىقتىدارىنىڭ  بالا ۋاقتىدىن  باشلاپلا ئىجرا قىلىنىشقا باشلايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتىم. R3)ccom  
    سۇئال: بۇ پارچىنى ئوقىغاندىن كېيىن قانداق تەسىرات ئالدىڭىز؟   xt`a":lru  
مۇھاكىمە سۇئالى:  ئۆزلۈك ۋە كىملىك ھەققىدە ئويلىغانلىرىڭلارنى دەپ بېقىڭلار. =T?Xph{  
         ئۆزلۈك- مەلۇم بىر ئەل، مەلۇم بىرخەلقتىن ئىبارەت غايەت زور گەۋدىگە تەۋە يۈكسەك مەنىدىكى ئادەمنىڭ ئۆز-ئۆزىنى بىلىش جەريانىدىكى تاكاممۇللىقى. {CVZ 7tU7]  
     كىملىك- ئاشۇ تاكاممۇللۇقنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىپادىلىنىشى، نامايەن بۇلىشىدۇر. يەنە كېلىپ، ئۆزلۈك- ئادەمنىڭ ئۆزىنى بىلىشىدىكى ئىچكى ماھىيەت بولسا، كىملىك-ئۆزىنى بىلىشتە ئىپادىلەنگەن باشقىلارنىڭ نەزىرىدىكى سالاھىيەتتۇر. gf4Hq&Rf  
      بۇ سۇئال مۇھاكىمىسى ئارقىلىق دەرسنىڭ قىيىن نۇقتىسى ھەل قىلىنىدۇ. h2:TbQ  
  تاپشۇرۇق: مەزكۇر تېكىستنىڭ يېزىلىش ئالاھىدىلىكىنى ئۈلگە قىلىپ، سىزمۇ ئىلگىرى بارغان بىرەر قېتىملىق ساياھىتىڭىز ھەققىدىكى تەسىرات، ئويلىرىڭىزنى قىسقىچە ساياھەت خاتىرىسى قىلىپ يېزىپ بېقىڭ. بىرەر مەسىلىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاددىي مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ بېقىڭ. |N 2r?b/g  
   دەرستىن كېيىنكى خۇلاسە:   ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساياھەت ئەدەبىياتى ھەققىدىكى  نەزىرىيىۋىي چۈشەنچىسى ۋە تېكىست مەزمونىنى، ئەسەرنىڭ مەركىزىي ئىدىيىسىنى چۈشىنىشى خېلى ئەتىراپلىق بولدى. ئەسئەت سۇلايمان ۋە ئۇنىڭ ‹‹ ئۆزلۈك ۋە كىملىك ›› ناملىق كىتابىغا بولغان تونۇشى ۋە ھۆرمىتىمۇ خېلى چوڭقۇرلاشتى. دەرسنىڭ مۇھىم، قىيىن نۇقتىلىرىنى خېلى ياخشى بىرتەرەپ قىلدىم، دەپ ئويلىدىم. K!E\v4  
بايان خارەكتىرلىك ئەسەرلەردە لېرىكا بىلەن مۇھاكىمىنى بىرلەشتۈرۈش wXBd"]G)C  
       بۇ تولۇقسىز تىل – ئەدەبىيات 8 – يىللىقلار 1 – قىسىم كىتابنىڭ  5- بۆلىكىگە كىرگۈزۈلگەن يېزىقچىلىلق مەشىقى دەرسى. بۇ بۆلەكتە ئوقۇغۇچىلار ‹‹ تەبىئەت دۇنياسىنى ھۆرمەتلەيلى ››، ‹‹ دەريا بويى قەدىمكى مەدەنىيەت ئارىلى ››، ‹‹ لوپنۇر – يوقالغان كۆل ››، ‹‹ كامالتۈرۈك ۋە ئۈرۈمچى ›› قاتارلىق بايان خارەكتىرلىك ئەسەرلەر ( ئىپىك ۋە مۇھاكىمىلىق نەسىرلەر )نى ئۆگەندى. ئۇ ئەسەرلەرنىڭ يېزىلىش ئالاھىدىلىكى بىر – بىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرسىمۇ، چوڭ جەھەتتىن بايان ئاساس قىلىنغان، مۇھاكىمە بىلەن لىرىكا ئارقىلىق ئاپتور ئۆزىنىڭ ئوي – خىياللىرى ۋە تەشەببۇسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بەلگىلىك ئىدىيىنى ئالغا سۈرگەن ئەسەرلەر بولغاچقا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بايان خارەكتىرلىك ئەسەرلەرنى يېزىش ماھارىتىنى ئىگەللىشى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق. uOKdb6]r6  
      مەزكۇر يېزىقچىلىق مەشىقى ئوقۇغۇچىلارلا ئەمەس، ئوقۇتقۇچىلارمۇ سەل قاراپ قالىدىغان مەزمون. ئەمەلىيەتتە، بۇ مەشىق ئارقىلىق بىز يۇقىرىقى ئەسەرلەرنىڭ يېزىلىش ئالاھىدىلىكىنى يەنە بىرقېتىم ئورتاق خۇلاسە قىلىش يولى بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا بايان خارەكتىرلىك ئەسەرلەرنى يېزىش ئۇسۇلى ۋە ماھارەتلىرىنى ئىگەللىتىپ قويالايمىز. ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇرتىلى بىلىملىرىدىكى سۆز تۈركۈملىرى بىلەن جۈملە بۆلەكلىرىنى دائىم ئارىلاشتۇرۇپ قويغاندەك، ئەدەبىياتتا ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى بىلەن ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنىمۇ كۆپ ھاللاردا ئارىلاشتۇرۇپ قويىدۇ. مەزكۇر باپتىكى تېكىستلەرنى ئوقۇغۇچىلار يېڭىلا ئۆگەنگەن بولغاچقا ئەسەر مەزمونى، قۇرۇلمىسى، يېزىلىش ئالاھىدىلىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېسىدىن كۆتىرىلىپ كەتمىگەن بولىدۇ. ئۇنداقتا، بىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەزكۇر تېكىستلەر ھەققىدىكى تەسىرات، ئىلھاملىرى ئاساسىدا قاراتمىلىق، ئەمەلىي ۋە ئۈنۈملۈك يېزىقچىلىق مەشىقى تەربىيىسى ئېلىپ بارالايمىز. .uN(44^+x  
   بۇ دەرسنى ئىككى سائەت ئۆتۈشنى پىلانلىدىم. بىرىنچى سائەتى يېزىقچىلىققا يىتەكلەش، ئىككىنچى سائەتى ئوقۇتۇش ۋە تەھرىرلەش. ئوقۇتۇش نىشانى تۆۋەندىكىچە: "l#"c{ee{  
بىلىم نىشانى: ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىنى ئەستە ساقلاش، قانداق ئەسەرلەرنىڭ بايان خارەكتىرلىك ئەسەر بولىدىغانلىقىنى بىلىش. ( مۇھىم نۇقتا ) SVV-zz]3M  
ئىقتىدار نىشانى: ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىنى جانلىق، ئەمەلىي قوللىنالايدىغان بولۇش، ئۈلگىلىك بايان خارەكتىرلىك ئەسەرلەرنى يازالايدىغان بولۇش. ( قىيىن نۇقتا ) p2+K-/}ApP  
ھېسسىيات، پوزۇتسىيە، قىممەت قارىشى نىشانى: ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى بەدئىي ئەدەبىياتنىڭ ئومۇرتقىسى. ئۇ بولمىسا بىر پارچە ئەسەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا، ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىنى ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشنى بىلىش يېزىقچىلىق ئىشلىرىنىڭ يېرىم مۇۋاپپەقىيىتى. c  
                      1- سائەتلىك دەرسكە باشلاپ كىرىش: AB 
   كۈلكىلىك چۈشەندۈرۈشلەر: 9}q)AL-ga  
  ‹‹ پۇرلاش ›› ماركىلىق دەزمال: ئۇچىڭىزدىكى كىيىملەرنى دەزماللىماڭ. @;S)j!m`  
  ‹‹ خامۇش ›› ماركىلىق ئۇخلىتىش دورىسى: ئاگاھلاندۇرۇش: ئۇيقۇڭىزنى كەلتۈرىشى مۇمكىن. zMO xJ   
  ‹‹ خاسىڭ ›› ماركىلىق خاسىڭ:  دىققەت، ئىچىدە خاسىڭ بار. IiX2O(*ZE  
   يەنە قانداق كۈلكىلىك چۈشەندۈرۈشلەرنى بىلىسىلەر؟ ئىجادىي دېسەڭلارمۇ بولىدۇ. ]RF(0;  
سۇئال: ئەدەبىي ئەسەرلەردە ئاساسلىق قوللىنىلىدىغان ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى قايسىلار؟ قانداق ئەسەرلەرنى بايان خارەكتىرلىك ئەسەرلەر دەيمىز؟ I}]UQ4XJ  
     بۇ سۇئال مۇھاكىمىسى ئارقىلىق مەن دەرسنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئاۋال ھەل قىلىۋالماقچى.  ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى ھەققىدىكى بىلىم ئوقۇغۇچىلارغا ناتونۇش ئەمەس. بۇنى ئالدىنئالا تاپشۇرۇق بىرىپ، تەكرارلاپ كېلىشنى تاپشۇرۇپ قويۇشقىمۇ بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلار بايان خارەكتىرلىك ئەسەرلەر (^<skx>  
بىلەن بايان ماقالىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى ئايرىۋالسىلا، بۇ مەسىلىمۇ ھەل بولۇپ كېتىدۇ. بايان خارەكتىرلىك ئەسەرلەر – بايان ئاساسلىق ئىپادىلەش ئۇسۇلى قىلىنغان ماقالىلەر ( بايان، مۇھاكىمە ماقالىلىرى )، نەسىرلەر ( ئىپىك ، مۇھاكىمىلىق نەسىرلەر )، بىر قىسىم نۇتۇق ئورگىناللىرى قاتارلىقلاردۇر.   kn& BGYt  
                       يىتەكلەش:  4NIb_E0  
   بايان ئاساس قىلىنغان تۆۋەندىكى جۈملە ۋە پارچىلارغا ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىدىن لىرىكا ياكى مۇھاكىمىنى مۇۋاپىق كىرىشتۈرۈپ ئوبرازلىقلىقىنى ئاشۇرۇپ ئىپادىلەڭ. m*KI'~#$%  
   1. مېھىر – مۇھەببەتنىڭ قۇدرىتى چەكسىز. ئالەم مۇھەببەتتىن بىنا بولغان. ( لىرىكا ) gf/ 
>aCY  
   2. تاتلىق سۆزلۈك سويار دۈشمەن پوستىنى، ئاچچىق سۆزلۈك دۈشمەن قىلار دوستىنى. ( مۇھاكىمە ) xp]9Z]J1l  
]BmnE#n&  
   3. ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى يۇرت بېگى ئالتۇن قەدەھتە، ئاۋام پۇقرالار ساپال قاچىدا ئىچىدۇ. ھېچنىمىسى يوق كەمبەغەللەر بولسا قوللىرىدا ئۇچۇملاپ ئىچىدۇ. تۇرمۇشمۇ شۇنداق... ( لىرىكا، مۇھاكىمە ) h6;zAM}  
مۇھاكىمە سۇئاللىرى: TR'_v[uK3  
      1. بايان خارەكتىرلىك ئەسەرلەردە نېمە ئۈچۈن لىرىكا بىلەن مۇھاكىمىنى قوللىنىمىز؟ باشقا ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىنىمۇ قوللىنىشقا بولامدۇ؟ xb&,9Lxd|  
      2. مەزكۇر بۆلەكتە ئۆگىنىپ ئۆتكەن بايان خارەكتىرلىك ئەسەرلەردىكى لىرىكا بىلەن مۇھاكىمە قوللىنىلغان جۈملە، پارچىلارنى تېپىپ، ئىپادىلەش ئۈنۈمى ھەققىدىكى تەسىراتىڭلارنى سۆزلەپ بېقىڭلار. _gl1Qtv@rf  
     ( يۇقىرىقى مەشىق ۋە سۇئاللار مۇھاكىمىسى داۋامىدا قىيىن نۇقتا تەدرىجى ھەل قىلىنىدۇ. ) Ghar hJ>v  
      تاپشۇرۇق: 9N6 \Ou~  
    1. ‹‹ ئۇ مەڭگۈ مېنىڭ قەلبىمدە›› دېگەن ماۋزۇدا بىر پارچە بايان خارەكتىرلىك ئەسەر يېزىڭ. ئەسەردە زۆرۈر بولغان لىرىكا ۋە مۇھاكىمىنى قوللىنىڭ. dl3}\o_  
    2. ‹‹ ئىناق...›› دېگەن ماۋزۇدا ئۆزىڭىزگە قاتتىق تەسىر قىلغان ئادەم ۋە ۋەقەلەرنى ئاساس قىلىپ، بىر پارچە بايان خارەكتىرلىك ئەسەر يېزىڭ. r,P`$-  
    3. تۆۋەندىكى پارچىغا لىرىكا ۋە مۇھاكىمە ئۇسۇللىرىنى مۇۋاپىق كىرىشتۈرۈپ، كېڭەيتىپ يېزىڭ. Nc?'},  
    ‹‹ قىزلار تۇرمۇشىمىزنىڭ گۈل – غۇنچىلىرى، كەلگۈسىنىڭ ئانىلىرى، قىزلار تەربىيىسى مىللەتنىڭ كېلەچەك ئىستىقبالى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئىش. ئۇيغۇر قىزلىرى ئومۇمەن گۈزەل، نازاكەتلىك، پەزىلەتلىك كېلىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە دەۋر تەلىپىگە ماس كېلىدىغان مىللەت قىزلىرىدىن بولۇشتا ئىلىملىك بولۇش ئەڭ ئالدىنقى شەرت. nt%p@e!,  
2- سائەتلىك ئوقۇتۇش جەريانى:  ( ئوقۇش، باھالاش، تۈزىتىش ) (?"z!dgc  
       ئوقۇغۇچىلارنى يېزىپ كەلگەن ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ بېقىشقا تەشكىللەيمەن ھەمدە ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە ئەسەرنىڭ ئۇتۇقلۇق تەرەپلىرى بىلەن نۇقسانلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، مۇئەييەنلەشتۈرۈش ياكى تەكلىپ – پىكىر بىرىش يولى بىلەن  خۇلاسە چىقىرىمەن. =RQI5 nHdw  
     ماقالە يېزىقچىلىقىغا قويۇلىدىغان تەلەپلەر: d *#.(C9^  
1. خەت چىرايلىق، ئىملاسى توغرا، تىنىش بەلگىلەر جايىدا قويۇلغان بولۇش. j@{dsS: 6  
2. ئەسەر ماۋزۇسى ئەسەر مەزمونى، ژانىر ئالاھىدىلىكىگە ماس ھالدا قويۇلغان، ژانىرى ئەسكەرتىلگەن بولۇش. @R(Op|9  
3. ئەسەر تىلى راۋان، قۇرۇلمىسى مۇكەممەل بولۇش. يەنى، ئابزاسلارغا ئايرىلغان، باش قۇرى چىقىرىلغان، ھەجىم تەلەپكە لايىق بولغان بولۇش. K@ a#^lmd  
4. ئىپادىلەش ئۇسۇلى ۋە ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان بولۇش. Fe.90)  
5. ئەسەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان كۆز – قاراشلار تۇرمۇش ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن، يېڭى، ئىجادىي بولۇشى، ئەسەر مەزمونى لوگىكىلىق باغلىنىشقا ئىگە بولۇش. 2HF`}H)H  
6. ئورگىنال يۈزى پاكىز، رەتلىك، بويالمىغان بولۇش. $KlaZ>D h  
7. ئەسەرنىڭ قۇرۇلما ياكى مەزمونىدا خاسلىق ( ئۆزگىچىلىك ) يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىش.   d qO]2d  
    تاپشۇرۇق: vJS}_j]_@  
         1.  يۇقىرىدا بېرىلگەن تەكلىپ – پىكىرلەر ۋە باھالاش ئۆلچىمى ئاساسىدا يازغان ئەسەرلىرىڭلارنى قايتا تۈزىتىپ كېلىڭلار.     s_e*jM1  
      2. ئۆتۈلمەكچى بولغان ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە تەييارلىق كۆرۈڭلار. KL$>j/qT  
    دەرستىن كېيىنكى ئويلىنىش:   دەرسكە باشلاپ كىرىشكە تاللىغان ‹‹ كۈلكىلىك چۈشەندۈرۈشلەر ›› دەسلەپتىلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەيپىياتى ۋە قىزىقىشىنى يۇقىرى كۆتىرىپ، تەپەككۇرى ۋە تەسەۋۋۇرىنى قوزغىدى. ‹‹ ئەدەبىي ئەسەرلەردە ئاساسلىق قوللىنىلىدىغان ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى قايسىلار؟ قانداق ئەسەرلەرنى بايان خارەكتىرلىك ئەسەرلەر دەيمىز؟ ›› دېگەن مۇھاكىمە سۇئالى ئارقىلىق مۇھىم نۇقتىنى ھەل قىلىۋالغاندىن كېيىن، جۈملە ۋە پارچىلار ئارقىلىق ئايرىم يىتەكلەش ئېلىپ بارغانلىقىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇشۇ قېتىملىق يېزىقچىلىقى ئۈچۈن بىلىم ۋە ماھارەت ئاساسى بولۇش رولىنى ئۆتىدى. ماقالا يېزىقچىلىقى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ھەم چوڭ ھەم قىيىن ئىش. ئۇنى ئالدى بىلەن قەدەم – باسقۇچلارغا بۆلۈپ يىنىكلىتىپ، ئاسانلاشتۇرۇپ ھەل قىلىۋالغاندىن كېيىن، ئاندىن چوڭ گەۋدە بويىچە ئويلاشقاندا ئوقۇغۇچىلارغىمۇ بىرقەدەر ئاسان تۇيىلىدىكەن. كۆپ سانلىق ئوقۇغۇچىلار بۇ قېتىم خېلى ياخشى يازغان. خاسلىق يارىتىشقا يۈزلەنگەنلەرمۇ بار. *B9xL[}  
    ساقلانغان مەسىلىلەر:  ماقالە مەزمونى تېمىدىن چەتنەپ كېتىش، ژانىر ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەنمەسلىك ئەھۋالى ئېغىر، ئەسەرنىڭ باش – ئاخىرى ماسلاشماسلىق، سۆز – جۈملىلەردىكى ئىملا ۋە لوگىكىلىق مەسىلىلەر يەنىلا مەۋجۇت.   6\`8b&'n  
. تىل – ئەدەبىياتنىڭ مىللىيلىكى، سەنئەتلىكلىكى ۋە تۇرمۇشلۇقلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە، ئوقۇغۇچىلارنى تەتقىقاتلىق ئىزدىنىشكە يىتەكلەپ، ئۇلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەدەبىي ساپاسىنى يۇقىرى كۆتىرىشكە ئەھمىيەت بەردىم. ,s2C)bb-  
                            فولكلور T8x8TN"  
             فولكلور بىر دۆلەت ياكى بىر مىللەتنىڭ ئىچىدىكى كەڭ ئامما تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان، ئىشلىتىلگەن ۋە ۋارىسلىق قىلىپ كىلىنگەن تۇرمۇش مەدەنىيىتىدۇر. فولكلور ئىنسانلارنىڭ كوللىكتىپ تۇرمۇش ئېھتىياجىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ئۇ مەلۇم مىللەت ئىچىدە مەلۇم زامان ۋە ماكاندا شەكىللىنىپ، تارقىلىپ ۋە ئۆزگىرىپ، ئاممىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. فوكلور كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتى، سۆزى ۋە پىسخىكىسىنى ئۆلچەملەشتۈرىدىغان بىرخىل ئەندىزە، مەدەنىيەت. ئۇ مۇنداق تۆت چوڭ تۈرگە بۆلىنىدۇ. CF@*ki3X  
   1. ماددى فولكلور      2. ئىجتىمائىي فولكلور     3. مەنىۋىي فولكلور B<n[yiJ}  
   4. ئەدەبىيات – سەنئەت فولكلورى.    yK$aVK"  
       يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، فولكلور ئىنسانلارنىڭ كوللىكتىپ تۇرمۇش ئېھتىياجىدىن كېلىپ چىققان بولغاچقا، ئۇ كوللىكتىپنىڭ ئەقىل – پاراسەت جەۋھىرى. ئۇنىڭدا شۇ مىللەت ۋە خەلق توپىنىڭ نۇرغۇن خاسىيەتلىك مەدەنىيەت جەۋھەرلىرى بار. ئۇنداقكەن ئۇنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشمۇ نۇرغۇن بىلىم ۋە مەدەنىيەت توپلاش جەريانىدۇر. OK YbEn#  
  تولۇق ئوتتۇرا تىل – ئەدەبىيات تاللىما دەرسلىك 5- قىسىمغا يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەن فولكلور بىلىملىرى ناھايىتى تەپسىلى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، تۆت بۆلەك مەزمون بىر چارەك ئۆتۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغانكەن. زۆرۈر دەرسلىك 5- قىسىم تىل – ئەدەبىيەت دەرسلىكىمىزنىڭ ‹‹ ئىزدىنىشلىك ئۆگىنىش ›› بابىدا ئىلگىرى فولكلور ھەققىدىكى بىلىملەرنى ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزۈپ بولغانىدۇق. تاللىما دەرسلىككە بېرىلگەن بۆلىكىدىمۇ ئەمەلىي تەتقىقات نەتىجىلىرى ياكى شۇ توغرىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر بېرىلگەن بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى تونۇشىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئەمەلىي چۈشەنچىگە ئىگە قىلىشتىكى ياخشى مەزمونلار ئورۇنلاشتۇرۇلغانىكەن. ;jN1n xF  
       بىز ئوقۇتقۇچىلار دەرسلىكنى قولىمىزغا ئېلىپلا، بۇ مەزمونلارنى ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغان ئالاھىدە ئۇسۇلدا ئۆتۈپ بېقىشنى مەسلىھەت قىلىشتۇق. يەنى ھەربىر فولكلور تۈرىنى ( ماددى فولكلور تۈرى تاللاپ ئۆگىنىدىغان مەزمون بولغاچقا، تاللىمىدۇق ) بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ئىجتىمائىي فولكلور ( ئىككى ھەپتە )، مەنىۋىي فولكلور ( بىر ھەپتە ) ۋە ئەدەبىيات – سەنئەت فولكلورى ( ئىككى ھەپتە ) ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا تېما تەتقىقاتى شەكلىدە تەييارلىق قىلىپ بىزگە دوكلات بېرىشىنى ئورۇنلاشتۇردۇق. بۇ جەرياندا دەسلەپكى ھەپتىسى تەييارلىق، كېيىنكى ھەپتىسى دوكلات بېرىش ۋاقتى قىلىپ بېكىتىلدى. ئوقۇغۇچىلار بۇ پىلانىمىزغا ئىنتايىن قىزغىنلىق بىلەن ئاۋاز قوشتى. F w t  
     تەييارلىق جەريانى: GIn%yB'  
  1. ئوقۇغۇچىلارنى گۇرۇپپىلارغا ئايرىش. ( ھەربىر فولكلور بابىدا ئايرىم – ئايرىم كىچىك تۈرلەر بولغاچقا ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزلىرى خالىغان كىچىك تېمىلارنى تاللاپ، گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈشكە ئورۇنلاشتۇردۇق. ) K<`W>2"  
. ھەرقايسى كىچىك تېمىلار بويىچە گۇرۇپپىلارغا ئايرىۋالغاندىن كېيىن، گۇرۇپپا باشلىقى تۇرغۇزۇپ، شۇنىڭ يىتەكچىلىكىدە، ئوقۇغۇچىلارنى كونكىرت خىزمەت تەقسىماتى  بويىچە ئىزدىنىشكە تەشكىللىدۇق. مەسىلەن:  Fq5u%S  
  1) كىتابخانا، تورخانىلاردىن ماتېرىيال توپلاش گۇرۇپپىسى    2) شەخىسلەر ۋە ئىدارە – ئورگانلارنى زىيارەت قىلىش گۇرۇپپىسى     3) توپلانغان ماتېرىياللارنى رەتلەش، پىششىقلاش گۇرۇپپىسى   4) تەتقىقات جەۋھەرلىرىنى نامايەن قىلىش يەنى ئىپادىلەش گۇرۇپپىسى    5) ئارقا سەپ خىزمىتى گۇرۇپپىسى   6) باھالاش گۇرۇپپىسى... قاتارلىقلار. *+2_!=4V  
3. ھەربىر تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئۈچۈن بىرسائەت دوكلات بېرىش ۋاقتى بەردۇق. ھەپتىلىك دەرس ۋاقتىمىز بەش سائەت بولغاچقا، بىر ھەپتىدە بەش تېمىنى تاللىۋېلىپ، سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنى موشۇ بەش تېمىدىن بىرنى تاللاشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ چېچىلىپ كېتىشى ياكى تەتقىقات تېمىلىرىنىڭ تەكرارلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالدۇق. TW70z]B  
4. دوكلات بېرىش ئۇسۇلىغا چەك قويمىدۇق. بەزى گۇرۇپپىلار تەتقىقات نەتىجىلىرىنى شەخىسلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ، كۆپچىلىككە ئوقۇپ، ئىزاھلاپ بېرىش شەكلىدە ئېلىپ باردى. بەزى گۇرۇپپىلار دەرسخانىدىكى ئوقۇ – ئوقۇتۇش شەكلىدە سۇئال – جاۋاب بىلەن يەتكۈزدى. يەنە بەزى گۇرۇپپىلار رىياسەتچى بەلگىلەپ، سەھنىدە ئەدەبىيات – سەنئەت تۈسىنى ئالغان ( تەتقىقاتمۇ، كۆڭۈل ئېچىشمۇ بولغان ) كۆڭۈللۈك، قىزىقارلىق دوكلات بىرىش ئۇسۇلىنى قوللانغان. بەزى گۇرۇپپىلار ھەتتا ئەمەلىي تەتقىقات جەريانىنى كۆرۈنۈشلەرگە ئېلىپ، ئۇنى سەنئەتلىك ئىپادىلەش يولى بىلەن خۇددى  كەسىپ ئىگىلىرى ياكى سەنئەتكارلاردەك ئاجايىپ ماھارەتلىك ئۇسۇللاردا دوكلات بەردى. :N"&o(^  
5. تەتقىقات تېمىسىغا تەشكىللىنىشتىن تارتىپ، دوكلاد بېرىش جەريانىغىچە ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى تەشكىللىنىپ، مۇستەقىل ئىش ئېلىپ باردى. دوكلاد بېرىش ۋاقتىدا يىللىقتىكى ئوقۇتقۇچىلارنى تەتقىقات جەريانىنى باھالاپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدۇق.   4 z26a  
پائالىيەت مەقسىدى ۋە جەريانى: @TX@78fWz=  
        ئۇيغۇر ئىجتىمائىي فولكلور تەتقىقاتى كەڭ دائىرىلىك چوڭ تېما. بىز بۇ تېما ئىچىدىن مېھماندارچىلىق ۋە ياراش – تۇرۇش ئۆرپ – ئادەتلىرىنى مەركەز قىلىپ، مىللىتىمىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى مەدەبىيەت ئۆرنەكلىرىنى قېزىش، تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنى ئۆز تۇرمۇش ئەمەلىيىتىمىزگە تەدبىقلاپ، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ئېڭىمىزنى يۇقىرى كۆتىرىش، ئېسىل مىللىي مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىمىزنى ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بۇخىل قىممەتلىك، گۈزەل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىمىزنى كەڭ ۋە ياخشى ئىجتىمائىي ئاساسقا ئىگە قىلىش، ساۋاقداشلارنىڭ ئۆز – ئارا ھەمكارلىشىپ، قول سېلىپ ئىشلەش، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى جانلىق بىرتەرەپ قىلىش، ياشاش قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتىرىش مەقسىدىدە بۇ تېما تەتقىقات پائالىيىتىنى ئېلىپ بەردۇق. &=$f\O1Ty  
         ئۇيغۇر ئىجتىمائىي فولكلور مەدەنىيىتى ھەققىدىكى مەزمونلار بىزنىڭ تىل – ئەدەبىيات دەرسلىكىمىزدىكى سەرخىل، ئاممىباپ ئوقۇشلۇقلار بولۇپ، بۇ تېمىنى ئىشلەش ئاساسىمىزنى چىڭىتتى ۋە قىزغىنلىقىمىزنى يۇقىرى كۆتۈردى. تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىمىز ئابلېز مۇئەللىمنىڭ يىتەكچىلىكىدە ساۋاقداشلار تۆت چوڭ گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، 5 – ئاينىڭ بېشىدىكى ھەپتىدىن باشلاپ بۇ تېما تەتقىقاتىغا كىرىشتۇق. تەتقىقات گۇرۇپپىلىرىمىز ئىزدىنىش گۇرۇپپىسى، تەھرىرلەش گۇرۇپپىسى، ئىپادىلەش گۇرۇپپىسى ۋە باھالاش گۇرۇپپىسى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە سۇنماقچى بولىۋاتقان بۈگۈنكى كۆڭۈل سوۋىلىرىمىز ئىزدىنىش گۇرۇپپىسىدىكى ساۋاقداشلارنىڭ كىتابخانا، كۈتۈبخانىلارغا بېرىپ كىتاب – ماتېرىيال كۆرۈش، بۇ ساھەدىكى بىرقىسىم نوپۇزلۇق شەخىسلەرنى ۋە چوڭلارنى زىيارەت قىلىش، ئىنتىرنېت تورىنى كېزىش، شۇنداقلا جەمئىيەتكە، تۇرمۇشقا يۈزلىنىپ ئىزدىنىش نەتىجىسىدە توپلىغان ماتېرىياللىرىنى تەھرىرلەش گۇرۇپپىسىدىكى ساۋاقداشلار ئونىكتىپ ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، ئىلمىي، ئىجادىي پوزۇتسىيە بىلەن تاللاش، تەھرىرلەش ۋە جەۋھىرىنى سۈزۈش جەريانى ئارقىلىق ئىپادىلەش گۇرۇپپىسىدىكى ماھارەتلىك ساۋاقداشلىرىمىز ئىجادىيەت دۇنياسىغا ئېلىپ كىردى. ئاخىرىدا كۆپچىلىكنى قىممەتلىك تەكلىپ – پىكىر بېرىشكە تەكلىپ قىلىمىز.   A#19&}  
   پائالىيەت كۈنتەرتىپى: 9p3~WA/M@  
  . پائالىيەت باشلانغانلىقىنى جاكارلاش ^_DwuY  
2. پائالىيەت كۈنتەرتىپىنى ئۇقتۇرۇش. !6RDq`  
3. كۆڭۈلدىكى سۆز - ئىجتىمائىي ئەخلاق مەجمۇئەسى ھەققىدە سۆھبەت . 9&. md,U'  
4. ئىجتىمائىي فولكلور ئادەتلىرىمىز ھەققىدە ماقال- تەمسىل . ruB D ^-  
5. كوللىكتىپ دېكلاماتسىيە _ ‹‹ بولسۇن ›› 5;p|iT  
6. ئېتوت _ ‹‹ مېھماندارچىلىق ››. 0H^*VUyW/  
7. شېئېر _ ‹‹ يۈرۈش- تۇرۇش ھەققىدە ئۈگۈتلەر ›› . PsXCpyY!s  
8. ئەدەپ – قائىدە ھەققىدە ئۈگۈتلەر. 5|K[WvG@Co  
9. ئۇسۇل _ ‹‹ ئارزۇ›› . } f&=}  
10. پائالىيەت خۇلاسىسى . (ub(0 h0j  
پائالىيەت خۇلاسىسى: `Tyd1!~  
       بۇ قېتىمقى ئۇيغۇر ئىجتىمائىي فولكلورى – مېھماندارچىلىق ۋە يۈرۈش – تۇرۇش ئۆرپ – ئادەتلىرى تەتقىقاتىمىز ساۋاقداشلارنىڭ بىر ئايدىن بۇيانقى تىرىشچانلىقى ۋە بۈگۈنكى ئورتاق ھەمكارلىقى ئاستىدا ناھايىتى مۇۋاپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلدى. تەتقىقات پائالىيىتىمىزگە نىسبەتەن باھالاش گۇرۇپپىسىدىكى ساۋاقداشلارمۇ ناھايىتى يۇقىرى باھالارنى بەردى. M NwY   
      خۇلاسىمىز تۆۋەندىكىدەك : e8xq`:4Y  
     1. بۇ قېتىمقى تەتقىقات پائالىيىتى ئارقىلىق ساۋاقداشلار ھەمكارلىقنىڭ سېھرى كۈچىنى، ئىزدىنىش ۋە تەتقىقاتلىق ئۆگىنىشنىڭ ئەھمىيىتىنى تونۇدى. #vyf* jPr  
     2. ساۋاقداشلار تۈرلۈك بىلىم ۋە ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولۇپلا قالماي، قانداق ئۇچۇر توپلاش، قانداق ئۆگىنىش ۋە ئۇچۇرلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ماھارىتىنى ئىگەللىۋالدى. *.>@  
     3. ساۋاقداشلار ئۆزلىرىنىڭ خاسلىقى بىلەن ئارتۇقچىلىقىنى نامايەن قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى،  كۆپچىلىكنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇشقا پۇرسەت يارىتىلدى. bs ~P  
     4. ۋاقىتنىڭ قىس، شارائىتىمىز ۋە سەۋىيىمىزنىڭ چەكلىكلىكى سەۋەبلىك تەتقىقات تېمىلىرىمىزنىڭ مەزمونى، تەتقىقات سەۋىيىسى، قوللانغان ئۇسۇل – چارىلەر ۋە تېخنىكىلىق ئىپادىلەش قاتارلىق تەرەپلەردە بىرقىسىم سەۋەنلىك ۋە يېتەرسىزلىكلەر كۆرۈلدى. K\U`gTGc  
    5. تەتقىقات تېمىلىرىنى ئىشلەش داۋامىدا بىز يەنە كىشىلىك ئالاقە بىلملىرى ۋە ئىش بىجىرىش ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىۋالدۇق.   ,Owk;MV@  
ئەمەلىيەتتە، بىز ئۆگىنىشكە تىگىشلىك نەرسىلەر بەك كۆپ. بىز ھەممىنى ئۆگىنىپ بولالمايمىز، بالىلارمۇ ھەم شۇنداق. 21 – ئەسىر بىلىم ئىگىلەش ۋە تەرەققىيات پۇرسىتىنى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىلغار ۋە قۇلاي ۋاستىلەر بىلەن تەمىن ئەتتى. بۇنىڭ بىلەن مائارىپنىڭ ئالدىغا زىددىيەتلىكتەك كۆرىنىدىغان مۇنداق قوش تەلەپ قويۇلدى. بىرى، مائارىپ ئەۋلادلارغا بارغانسېرى كۆپ ۋە ئۆزلۈكسىز تەرەققى قىلىدىغان، دەۋر تەرەققىيات سەۋىيىسىگە ماس كېلىدىغان بىلىم ۋە ماھارەتنى يەتكۈزۈپ بېرىشى، يەنە بىرى، شەيئىلەرگە ھۆكۈم قىلىشنىڭ ئۆلچىمىنى تېپىپ چىقىپ، كىشىلەرنى ئەشۇ يېڭىلىق ۋە ئۇچۇرلار ئارىسىدا قايمۇقۇپ، نىشانىدىن ئادىشىپ قالمايدىغان قىلىش كېرەك. يەنى، مائارىپ ئەۋلادلارنى ئۆزلۈكسىز ئۆزگىرىۋاتقان، مۇرەككەپ دۇنيانىڭ خەرىتىسى بىلەن تەمىنلىشى، ھەم بۇ دۇنيادا سەپەر قىلىشقا ئەسقاتىدىغان كومپاس بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. بۇ دەل بىز تەكىتلەۋاتقان بىلىم بىلەن ئىقتىدارنى، نەزىرىيە بىلەن ماھارەتنى ئورگانىك بىرلىككە ئىگە قىلىش مەسىلىسى بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئومومىيۈزلۈك، ئۆمۈرلۈك تەرەققىياتقا يۈزلەندۈرۈش تەلىپىنىڭ ئىپادىسى.  ) تەۋپىق ) 1%B9xLq  
        ئۆگىنىشنى ئۆگىنىۋېلىش، ئىش بېجىرىشنى ئۆگىنىۋېلىش، ھەمكارلىشىشنى ئۆگىنىۋېلىش، ياشاشنى ئۆگىنىۋېلىش ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ ئۆمۈرۋايەت تەرەققى قىلىشىدىكى تۆت چوڭ تۈۋرۈك ئىكەن.  بۇ دەل بىزنىڭ يېڭى دەرس  ئوقۇتۇشىدا تەكىتلىنىۋاتقان تەلىم - تەربىيە نىشانىمىز ئەمەسمۇ!؟ گۇمانىتار پەن ھېسابلىنىدىغان تىل – ئەدەبىيات دەرسى بۇ تۆت مەنىۋى تۈۋرۈكنىڭ ئۇلىنى سالىدىغان ئاساس پەن ھېسابلىنىدۇ. ئۇنداقتا، بىز تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا، جۈملىدىن تىل –ئەدەبىيات دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا بۇ تۆت ماھارەتنى يىتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرەلەۋاتىمىزمۇ؟! نۆۋەتتە، بۇ بىز 21- ئەسىر كىشىلىرى ئۈچۈن ئەڭ زۆرۈر بىلىم بولۇپ قالدى. دېمەك، بىلىملا ئەمەس، ئىقتىدارمۇ بولۇشى، كەچۈرمىشلا ئەمەس، تەجرىبە – ساۋاقلارمۇ بولۇشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنى مۇكەممەللىك ئىزلەيدىغان غايىپەرەسلەردىن ئەمەس، مۇۋاپپەقىيەت ئىزلەيدىغان، ئۆز خاسلىقى بولغان، دادىل، تىرىشچان ئىز باسارلاردىن قىلىپ تەربىيلىشىمىز لازىمكەن. e3CFW_p  
-kLBq :M  
ئەسكەرتىش : q5e(~@(z<`  
تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يېڭىدىن كۆزگە كۆرۈنۈۋاتقان پىسخلوگ ۋە مائارىپشۇناس، قۇمۇل ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئابلىز ھەسەن مۇئەللىمنىڭ ئوقۇتۇش تەجىربىسىنى يوللاپ قويدۇم، مۇۋاپىق پايدىلىنارسىلەر . n8;L_43U  
g{}<ptx]  

ozqan 2013-03-15 16:18
بۇ بەك ئەھمىيەتلىك ، قىممەتلىك بىر ماقالە ، بۇ ماقالىنى ئابلىز ھەسەن مۇئەللىم بۆرتالادىكى مۇھاكىمە يىغىنىدا لېكسىيە قىلىپ سۆزلىگەن ۋاقتىدىمۇ بەك قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن .  ماقالىدە  مىسال ئېلىنغان دەرس لايىھەلىرى دەرسخانا ئەمەلىيىتىمىزگە بەك پايدىلىق . . .  ئابلىز ھەسەن مۇئەللىمنىڭ دەرسكە باشلاپ كىرىش ، سوئال لايىھەلەش ۋە دەرسخاندىكى ئىجادچانلىقى بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ .

نەبىجان 2013-03-23 20:29
مەن ئوزۇمنى تىىمۇ ئويغاتسام بوغۇدەك     رەخمەت

tawpek 2013-04-05 18:34
ناتىۋانننىڭ يوللانىسى ئىدى، مۇنبەر كۆچكەندە يۆتكەپ قويغانتىم.

tawpek 2013-04-21 23:08
ئابلىز مۇئەللىم مۇنبىرىمىزەىمۇ ئەزا بولوپ كىرگەن، 4M>]0%3.D  
(NnE\2  
ئاۋازلىق لىكسىيەلىرىنى يوللاپ بىرىدىغاندى يوقاپ كەتتى.

saba2 2013-12-27 23:14
ماقالىدە  مىسال ئېلىنغان دەرس لايىھەلىرى دەرسخانا ئەمەلىيىتىمىزگە بەك پايدىلىق .سىزگە كۆپ رەخمەت.


查看完整版本: [-- تىل – ئەدەبىيات دەرسخانا ئوقۇتۇشى ھەققىدە(ناتىۋان) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled