tawpek |
2013-03-03 23:21 |
مىللىي مائارىپىمىزنىڭ چىقىش يولى(ناتىۋان)
مىللىي مائارىپىمىزنىڭ چىقىش يولى- ئانا تىل ئوقوتىشىدا 0F+zG)G" |"R_-U (مەخمۇت ئېلى ئاتتىلا) Y$`eg|$ 2$
|]Vj*Zs :xFu_%7 > -y&$1 i كۆڭۈل غەزىنىسىنىڭ قۇلىپى تىلدۇر، (#!]fF"!x ۋە ئۇل قۇلۇپنىڭ ئاچقۇچى تىلدۇر. C$<"w
,
دۇردانىلەر دېگەن سۆزنى ئەپسانە بىل، y=AsgJ جاھان دېڭىزىدا سۆزنى دۇردانە بىل. YijMF/Uyb ئىنساننى سۆز ئەيلىدى جۇدا ھايۋاندىن، B%tIwUE2 بىلكىم گۆھىرى شەرفىراق يوق ئاندىن. z %x7fe yu)q4C7ek «ئەلشىر ناۋائى» P|e`^Frxt *q0`})IQ w
|_GV}#_ c=6ahX}d تىل ئەقىلنىڭ كۆركى ھەم تىلماچىدۇر. AZ[75> «يۈسۈپ خاس ھاجىپ» Z@3l%p6V #G_F`& m0|K#^ B'-I{~'/ ۋاقىت پويىزى گۈدۈك ياڭرىتىپ 21- ئەسىرگە كىرىپ كەلدى. يېڭى دەۋىر بىزدىن يېڭىچە قىياپەت، يېڭىچە ئىستەك بىلەن ياشاشنى؛ قاتمال ئادەت ئەنئەنىلىرىنى بۇزۇپ تاشلاپ، مىللىيلىك بىلەن زامانىۋىيلىق بىر گەۋدىلەشكەن يېڭىچە تەپەككۇر، يېڭىچە نۇقتىنەزەر، يېڭىچە قىممەت قارىشى، يېڭىچە ئىنسانلىق ئۆلچىمى، زامانىۋى ئاڭ، زامانىۋى ئەنئەنە، زامانىۋى پىسخىكا، زامانىۋى قۇرۇلما بەرپا قىلىشنى؛ پۈتكۈل مىللەت دائىرىسىدە ئومومىيۈزلۈك بۇرۇلۇش ياساپ، زامانىۋى مىللەتلەر قاتارىدىن ئورون ئېلىشنى تەلەپ قىلدى. دۆلەت ۋە ھەر دەرىجىلىك پارتىيە- ھۆكۆمەت ئورگانلىرىمۇ دەۋىرگە ياندىشىپ، تەرەققىيات پىلانلىرىنى ئوتتۇرغا قويوپ، مىللەت، جىنىس، ياش چەكلىمىسىگە قارىماي سوتسىيالىزىمنى ھىمايە قىلىدىغان پۈتكۈل خەلقنىڭ ئومومىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېزرەك ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى چاقىرىق قىلدى. بۇ خىل تارىخىي يۈزلىنىش ئالدىدا جۇڭگودىكى نوپوسى بىر مىليوندىن ئاشىدىغان، دۇنيادا 94- ئوروندا تۇرىدىغان ئاساسلىق مىللەت بولوش سۈپىتىمىز بىلەن «مەركەزنىڭ غارىبىي رايونلارنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش» چاقىرىقىغا يېقىندىن ئاۋاز قوشوپ، جۇڭگونىڭ غەرىبىي شىمالدىكى بىرمىليون 660 مىڭ كۋادىرات كىلومېتىر زېمىنىنى گۈللەندۈرۈشكە ئاتلاندۇق. J$F nm\ ئەمما بىزدە ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق بولوپ چىقتى. بىزنىڭ دەرمانغا كېلىشىمىز، قۇدىرەت تېپىشىمىزدىكى ئاچقۇچ مائارىپ ئىدى. بۇ ئاچقۇچ قولىمىزدا بولسىمۇ، بىزنىڭ مائارىپ قارىشىمىز ۋە مائارىپ توغرىسىدىكى تەپەككۈر يۆنىلىشىمىزنىڭ قاتماللىقى سەۋەبلىك بىز مائارىپنىڭ توغرا يولىنى، تەرەققىيات مۇساپىسىنى، ئاخىرقى مەنزىلىنى كۆرەلمىدۇق. ئىلمىي، توغرا بولغان ئۇزاق مۇددەتلىك مائارىپ تەرەققىيات پىلانىنى تۈزۈپ چىقالمىدۇق. قارىغۇلارچە ئىش كۆرۈش، ئۋقىمغا يانداشقان قەھرىمان بولوش، يېڭى ئەندىزىنىڭ تەشۋىقاتچىلىرى، كونا ئەندىزىنىڭ ھامىيلىرىدىن بولوش، باشقۇرۇشتىكى چوڭ ھوقوق مونوپوللىقى، دېموكىراتىيە ئېڭىنى بوغوپ، دادىل بۆسۆپ ئۆتمەسلىك، ئىلمىي بولغان ئىسلاھات تەدبىرلىرى ۋە باشقۇرۇش ئۇسۇللىرىنى بەرپا قىلالماسلىق مائارىپىمىزنى ئىزىغا دەسسەيدىغان، ھەتتا، كەينىگە يانىدىغان ھالەتكە باشلاپ قويدى. مائارىپىمىز 21- ئەسىرگە كەلگەندە ئۆزىنىڭ 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللارىنىڭ كېيىنكى يېرىمى ۋە 90- يىللارنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى پارلاش ھالىتىنى يوقوتوپ قويدى. بىر قىسىم يۇقۇرى قاتلام زىيالىلىرىمىزنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىدا ئىلگىرلەش بولغاندەك قىلسىمۇ، كەلگۈسىنىڭ ئىگىلىرى بولمىش ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپىدا تەتۈر يۆنىلىشلىك سۈپەت مەسىلىسى كېلىپ چىقتى. كىشىلەر ئارىسىدا ياتلىشىش، پۇل- بايلىققا بېرىلىش، مېھىر- شەپقەت، ئەخلاق- دىيانەت، كىشىلىك ئىشەنچ، ئۆزئارا ھۆرمەت تۇيغۇسىنىڭ يوقولىشى، تەقسىمات ئۈچۈن ئوقوش ۋە ئوقوتوش قارىشىنىڭ يامراپ كېتىشى ئوقوغۇچىلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىقىنى، غايە ۋە ئەخلاق قارىشىنى، گۈزەللىك ئۆلچىمىنى، ئوقوش ئىرادىسىنى پۈتۈنلەي ئاستىن- ئۈستىن قىلىۋەتتى. مىللىي مائارىپىمىز بىر قېتىملىق كىرىزىس دەۋرىگە قەدەم قويدى. بىز مىللىي مائارىپىمىزنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئۇنى توغرا يولغا سېلىش ئۈچۈن كۆپ ئىزدەنگەن، مىللىي مائارىپىمىزنىڭ چىقىش يولى مەسىلىسىدە كۆپ باش قاتۇرغان، نۇرغۇن ئىلمىي تەتقىقات ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلغان بولساقمۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە «مىللىي مائارىپىمىزنىڭ چىقىش يولى- ساپا مائارىپىنى يولغا قويوش ۋە ئۇنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇشتا» دېگەنلەردىن ئىبارەت چاقىرىق كۈچى يۇقۇرى بولغان ئىككىلەمچى جاۋاپقىلا ئېرىشتۇقكى، مائارىپنىڭ ئەمىليەتتە تىلنى ۋاستە قىلغان ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ئىكەنلىكى ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلۇنۇپ كۆرمىدۇق. بىز يۈزەكى، بىر تەرەپلىمە، تەشۋىقاتقا يانداشقان تەپەككۈر ئادىتىمىزدىن قۇتۇلۇپ، ئەستايىدىل ئويلانساق « مىللىي مائارىپىمىزنىڭ چىقىش يولى نەدە؟» دېگەن سوئالنىڭ بىرلەمچى جاۋابى، پۈتۈن مىللەتنىڭ تىل- يېزىق ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتە؛ ئۇلارنىڭ تەپەككۈر بوشلۇقىنى، پىكىر قىلىش ۋە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش يوللىرىنى، مەنا غەزىنىسىنى، ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى كېڭەيتىشكە ياردەم بېرىدىغان سۆز دۇردانىلىرى بىلەن تەمىنلەشتە. بارلىق كىشىلەرنى تىلىمىزدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم سۆزلەرنى بىلىش، ھەر بىر سۆزنىڭ ئەڭ كەڭ دائىرىدىكى مەناسىنى، ئىشلىتىش يوللىرىنى چۈشىنىش؛ تىلىمىزدىكى سۆزلەرنىڭ مەنا مۈمكىنچىلىكىنى قېزىپ چىقىش، سۆز بايلىقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئۆزىنى ئەركىن ئىپادىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشتا؛ ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنىڭ يەر شارىلىشىشىغا ئەگىشىپ، يېڭى تەرەققىيات تەلىپىگە ماس كېلىدىغان تىل ئېلېمېنىتلىرىنى ياساپ چىقىشتا. Vtb1[cnna تىل ئىنسانلارنىڭ تەپەككۈر قىلش، پىكىر قىلىش، ئالاقىلىشىش، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش قورالى؛ جەمىئىيەت تەشكىل قىلىشنىڭ، مىللىي بىرلىكنىڭ مەنىۋىي ئاساسى، تەرەققىياتقا قەدەم بېسىشنىڭ داغدام يولى؛ ئىلىم- پەن دەرۋازىسىنى تېشىپ ئۆتكۈچى كاتيۇشا؛ بىلىم ئىگىلەشتىكى ئالتۇن ئاچقۇچ؛ پەن- مائارىپ ئارقىلىق قۇدىرەت تېپىشتىكى كەم بولسا بولمايدىغان ئەڭگۈشتەر. ئۇ ئۆزىگە يوشۇرۇنغان مەنا قاتلاملىرى ئارقىلىق كىشىلەرنى تەھلىل قىلىش، پىكىر قىلىش، تەپەككۈر قىلىش، ئۆزىنى ئىپادىلەش، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش، كۆز قارىشىنى يېڭىلاش، يېڭىلىقلارنى بايقاپ ئوتتۇرغا قويوش؛ تەبىئەت ھادىسىلىرىدىن ئىجتىمائى سادىسىلەرگىچە، تاشقى كۆرۈنىشتىن ئىچكى ماھىيەتكىچە، ئىجتىمائى كۆز قاراشلاردىن تەبىئىي پەن قانۇنيەتلىرىگىچە چۈشۈنۈپ تەھلىل قىلىش، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. ھەتتا بىزنىڭ يات تىللارنى ئۆگۈنىشىمىز ئۆز نۆۋىتىدە ئانا تىلىمىزنى ئارقا كۆرۈنىش قىلغان بولىدۇ. بىز پەقەت ئانا تىلىمىزنىڭ ياردىمى ئارقىلىقلا يات تىللارنىڭ مەنا دائىرىسىنى، مەنا مۇناسىۋىتىنى، سۆز- جۈملىلەرنىڭ ئىشلىتىلىش يوللىرىنى، فونېتىكىلىق، لېكسىكىلىق، گىرامماتىكىلىق قانۇنيەتلىرىنى بىلەلەيمىز؛ يات تىللاردىكى نامى ئاتالغان شەيئى، ۋەقە، ھادىسىلەرنىڭ، ئىش- ۋەقەلەرنىڭ ئەسلى ھالىتىنى چۈشۈنىپ يېتەلەيمىز. بىز ئەنە شۇ تىلنىڭ ياردىمى ئارقىلىقلا ئۆز كەسىپىمىز ساھەسىدە «ھېلىقىنى نېمە دەيتتۇق؟»، «بۇنى نېمە دەيتتۇق؟»، دەيدىغان تىل نامراتلىقىدىن، تىل قىسىلچىلىقىدىن ئازاد بولالايمىز. نۆۋەتتە بىزدە شۇ نەرسە كۆز يۇمۇشقا بولمايدىغان ھەقىقەتكى، بىزنىڭ خېلى تەربىيە كۆرگەن، ئىنسان روھىنىڭ ئىنژېنىرلى، مىللەتنىڭ سەرخىللىرى ھېسابلانغان ئوقوتقۇچىلىرىمىز ئانا تىلىدىكى بارلىق سۆزلەرنىڭ ئەمەس، ئۆز كەسپى ساھەسىدىكى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنىمۇ تولوق ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ، ئاتالغۇ- تېرمېنلارنى توغرا ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ، مەۋھۇم تىل مۇھىتى پەيدا قىلىپ، ئۇقۇملارنى پۈتۈنلەي ئاستىن- ئۈستىن قىلىۋېتىدۇ. ئىلمىي بولغان نۇتۇق سەنئىتى ئارقىلىق ئوقوغۇچىلارنى قايىل قىلىپ، توغرا يولغا سالالمايدۇ. _%y4q%# تىل بىزنى ئوقوغۇچىلارغا بىلىم دۇردانىلىرىنى، زامانغا لايىقلاشقان يېڭى چۈشەنچىلەرنى توغرا، جانلىق، سەنئەتلىك ھالدا، ئىلمىي يەتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. بىلىش كېرەككى، ئوقوغۇچىلاردىكى توغرا ئوقۇيالماسلىق، توغرا يازالماسلىق، توغرا چۈشىنەلمەسلىك، ئۆگەنگەننى ئەستە ساقلىيالماسلىق، توغرا ئانالىز قىلالماسلىق، توغرا ئىپادىلەپ بېرەلمەسلىك، ئىجادىي مەسىلىلەرنى توغرا بىرتەرەپ قىلالماسلىق، تەبىئىي پەن ئەسەرلىرىنى توغرا چۈشىنىپ، مەسىلىلەرنى توغرا ھەل قىلالماسلىق تىل نامراتلىقىدىن كېلىدۇ. ئېلىمىزنىڭ مەشھۇر ماتېماتىكا ئالىمى سۇ بوچېڭ ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك كۆزىتىشىنىڭ نەتىجىسى بولغان «تىل- ئەدەبىيات ۋە ماتېماتىكا» ناملىق ماقالىسىدە تىل- ئەدەبىياتنىڭ رولىنى ئىلمىي نۇقتىدىن شەرھىلەپ، «ماتېماتىكا ئۆگۈنىشنىڭ ئاچقۇچى تىل- ئەدەبىياتنى ياخشى ئۆگۈنىشتە» دەپ كۆرسەتكەن. fkjeR
B شۇڭا بىز 21- ئەسىردە پۇت تىرەپ تۇرالايمىز، زامانىۋى مىللەتلەر قاتارىدىن ئورون ئالالايمىز دەيدىكەنمىز، چوقوم، مائارىپ قارىشىمىزنى ئىسلاھ قىلىپ، ئۆزىمىزنىڭ ئانا تىلىنى ئوقوتۇشنى چىڭ تۇتىشىمىز، ھەر بىر دەرس مەزمۇنىدىكى چۈشىنىكسىز سۆز- جۈملىلەرنى ئوقوغۇچىلارغا ۋاقتى- ۋاقتىدا ھەل قىلىپ بېرىشىمىز، يالغۇز راۋان، چىرايلىق يېزىشنىلا ئەمەس، مۇھىمى، تېز، توغرا، راۋان، مەنىسىگە يېتىپ سەنئەتلىك ھالدا ئوقوش ۋە سۆزلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز، بۇنى باشلانغۇچ مائارىپىدىن باشلىشىمىز لازىم. hN 5t\HJ`C1Z مەنبە: قەلىمىم 6 i?>tgmu. F; 8*H1 ئەسكەرتىش: بۇ يازما ساپا مائارىپى كۈچەپ كۆككە كۆتۈرلۈپ، مائارىپتا ئۇقۇم ياساش ئەۋج ئالغان، قوش تىللىق (مەنچە كۆچ تىللىق مائارىپ دەپ ئاتىساق مۇۋاپىق بولغۇدەك) مائارىپ يولغا قويۇلۇپ، سەرخىللارنى قوش تىللىق مائارىپقا سەپلەش ئارقىلىق قوش تىللىق مائارىپنىڭ سۈپىتى داغدۇغا قىلىنىۋاتقان دەۋردە يېزىلغان بولغاچقا بۈگۈنكى دەۋرنىڭ كۆزى بىلەن قارىغانلارغا باشقىچە تۇيغۇ بېرىشى مۈمكىن. شۇنداق بولسىمۇ ئەستايىدىل قاراپ، ئۇنىڭدىن ئانا تىل ئۆگۈنىشنىڭ پايدىسىنى ۋە ئانا تىلدىن ئايرىلىپ يات بىر تىلنى ئۆگەنسە تەپەككۈرگە ۋە چۈشۈنىشكە قانچىلىك زىيان كەلتۈرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن. %'bJ
:
|
|