查看完整版本: [--
9-يىللىق 2-مەۋسۇم تىل-ئەدەبىيات مەزمۇنلىرى(لىللا نونى)
--]
تەۋپىق مۇنبىرى
->
ئەدەبى بىلىملەر
->
9-يىللىق 2-مەۋسۇم تىل-ئەدەبىيات مەزمۇنلىرى(لىللا نونى)
[打印本页]
登录
->
注册
->
回复主题
->
发表主题
tawpek
2013-03-03 22:31
9-يىللىق 2-مەۋسۇم تىل-ئەدەبىيات مەزمۇنلىرى(لىللا نونى)
下载地址:koxtil 9-yillik 2-mawsum adabiyat paydilinix.rar
|8m;}&r$
بۇ ماتىرىيال ــــ قوشتىل 9-يىللىقلارنىڭ 2-مەۋسۇمى ئۈچۈن ئەدەبىيات پايدىلىنىش ماتىرىيالى بولۇپ ، مەن بۇ ماتىرىيالنى بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ، قولۇمدىكى 5-6 خىل ماتىرىيالنى سېلىشتۇرۇش ۋە ئىزدىنىش ئاساسىدا تۈزۈپ چىقتىم . ھەر بىر تېكىست ـــ تېكىست ژانېرى، ئاپتورى ۋە ئۇنىڭ تەرجىمىھالى ، يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسى ۋە تېكىستتىكى مۇھىم مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. ئىشىنىمەنكى ، بۇ ماتىرىيال ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇشتىكى ياردەمچىسى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشتىكى كۈچلۈك قورالى بولالايدۇ.
?2#MU
بۇ ماتىرىيال بايقاش تورى ۋە تەۋپېق تورىغا مەنسۇپ . ھەرقانداق كىشىنىڭ رۇخسەتسىز باشقا تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىشىغا بولمايدۇ. ئەگەر ، شۇنداق ئەھۋال بايقالسا ، مەن شۇ تورغا كىرىپ ، كۆچۈرىۋالغۇچىنىڭ تېمىسىنىڭ ئاستىغا ئىنكاس يېزىپ يەرگە قارىتىپ قويىمەن.
U2 u\Q1
تېمىدىن پايدىلانغاندا ، ئىنكاس ئارقىلىق ئاپتورنىڭ ئەجرىگە رەھمەت ئېيتىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
*?a rEYc8
([r4N#lx
قوشتىل 9-يىللىق 2-مەۋسۇم تىل-ئەدەبىيات مۇھىم مەزمۇنلىرى
:QGd/JX$n`
3:Mq40]x
QU]&q`GE
ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك
rff=ud>Jf
1.ژانېرى:
x +=zG4Hm
داستان1979-يىلى يېزىلغان.مەسنىۋى شەكلىدە،تەرتىپلىك بايان ئۇسۇلىدا، 3-شەخس تىلىدا ، رومانتىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىدا يېزىلغان
Nq`@ >Ml
2.ئاپتورى
8 z) K
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر(1923-1995)قۇمۇلدىن.شائىر .يازغۇچى،ئالىم.ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن«ئۆمۈر مەنزىللىرى»ناملىق شېئىرلار توپلىمى،«ئىز»،ئويغانغان زېمىن»قاتارلىق رومانلىرى،«قۇتادغۇ بىلىگ» ھەققىدىكى ئىلمى ماقالىلىرى بار. بۇ داستان ئۇنىڭ «ئۆمۈر مەنزىللىرى» ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىن ئېلىنغان.
`OL@@`'^{S
3.يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسى:
raWs6b4Q
ئىن(ئۇۋا)،مۇشتاق(تەشنا)،ياياق(پىيادە)،چۈشكۈن(قونالغۇ)،مەغرىپ(غەرپ)،مۆھتەرەم(ھۆرمەتلىك،ئۇلۇغ)،كاشانىسى(كۇلبە ،ئۆي)،مەۋج(دولقۇن)،شامۇ-سەھەر(ئەتىگەن-كەچ)،رەشىك(قىزغىنىش ،كۈنلەش)،ھىندۇ-ئەجەم(ھىندىستان ۋە ئىران)،مەسرۇر(خوشال)،ئىقبال(بەخت)،تاۋغاچ(ئۇيغۇر، ھەممىدىن چوڭ)،ئەفغان(پىغان،ھەسرەت)،ماقام(مەرتىۋە)،شىۋىقەدىر(بەخت ئىلاھى)،تەلۋەسە(تەلۋە ، مەجنۇن)،قاياش(ھەمرا،ئۆز خلى)،رىزا(رازى)،ئەلۋىدا(خوش)،مەلۇل(غەمكىن)،نىھان(يوشۇرماي.مەخپىي)،تەسەددۇق(قۇربان قىلىش ،بېغىشلاش ،جاننى سەدىقە قىلىش)،گېزى (ۋاقتى)،مىرشەپ(ئامانلىق مۇدىرى)،زىرۇ-زەۋەر(ئوڭ-تەتۈر)،نىزا(زىددىيەت،ئىختىلاپ)،مەھرەم(خىزمەتكار)،سايان(تەرەپ)،،ئالاۋ(ئوت)،قەتلىئام(ئۆلتۈرۈش)،يۇھان(يەھۇدا،ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ خائىن شاگىرتى)،پەيۋەند(ئۆزىنى بېغىشلاش)،نىگاھى(نەزىرى)،يەكمۇ-يەك(ئۇدۇلمۇ-ئۇدۇل،بىرگە بىر)،سۈكۈنات(جىمجىتلىق)،قىيان(تاشقىن،سەل)،ئاساۋ(شاش ،كۆندۈرۈلمىگەن)،ئارغىماق(ئالاھىدە نەسىللىك چاپقۇر ئات)،پېرىخون(باخشى)،رەپتارى(ئەھۋالى)،شىكار(ئوۋ)،مارال
I~'%
(چىشى بۇغا)،ھونۇز(ھازىرغىچە)،ئېرەم(رىۋايەتلەردىكى گۈزەل باغ)،
81gcM?
4.مۇھىم مەزمۇنلىرى:
k$u\\`i]oC
①پىرسۇناژلار ئوبرازى: ئانا-باش ۋە ئىجابى پىرسۇناژ بولۇپ،پەرزەنتىگە ۋاپادار ،لېكىن،ۋەتەن مۇھەببىتىنى ئەڭ يۈكسەك ئورۇنغا قويۇدىغان ئۇلۇغ ئانىلارنىڭ تىپىك ئوبرازى.ئوغۇل- باش ۋە سەلبى پىرسۇناژ بولۇپ ، شەخسى مەنپەئەت ئۈچۈن ئانىسىنى ،ھەتتا،ئانا ۋەتىنىنى سېتىشتىن يانمايدىغان مۇناپىقلارنىڭ ۋەكىلى.تېكىستتىكى ئانا بىلەن ئوغۇلدىن باشقىلارنىڭ ھەممىسى يانداش پىرسۇناژلاردۇر.②ئانىنىڭ باشتا ئوغلىغا يۈرىكىنى تەقدىم قىلىپ ،كېيىن ئۇنى ئۆلتۈرىشىدىكى سەۋەپ: ئانا ئوغلىنىڭ ئارزۇ-ئارمىنى ئۈچۈن قۇربان بېرىشكە رازى بولىدۇكى،ئوغلىنىڭ يامان نىيەت ۋە قارا مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۆز ئېلىنى قۇربان قىلىشنى خالىمايدۇ.شۇڭا ، ئانا دەسلەپتە ئوغلىنىڭ بەخت-تەلىيى ئۈچۈن يۈرىكىنى تەقدىم قىلدى.لېكىن،ئۆز ئېلىگە تىغ كۆتۈرگەن ،خائىنلىق تونىنى كەيگەن ئوغلىنى كۆرگىنىدە خەنجەر تىقىپ جېنىنى ئالدى. ③داستاننىڭ قۇرۇلمىسى:بۇ داستان مۇقەددىمە ۋە خاتىمىدىن باشقا يەنە 8بۆلەكتىن تەشكىل تاپقان. ④"تۈلكە ئۆز ئىنىغا ئۈرسە قوتۇر بولۇر "دېگەن جۈملىنىڭ مەزمۇن ۋە تۈزۈلۈش جەھەتتىكى تەھلىلى: مەزمۇن جەھەتتىن: ئۆز ۋەتىنىگە ساتقىنلىق قىلغان كىشىنىڭ ياخشى كۈن كۆرمەيدىغانلىقى ئىسپاتلاپ بېرىلگەن.تۈزۈلۈش جەھەتتىن بۇ جۈملە بېقىندىلىق مۇرەككەپ جۈملە بولۇپ، 1-ئاددى جۈملە بېقىندۇرغۇچى، 2-ئاددى جۈملە بېقىنغۇچىدۇر.⑤«جان نېمە،جانان نېمە،ۋەتەن نېمە؟...»دېگەن كۇبلېتتىن نېمىنى ھېس قىلىشقا بولىدۇ؟-بۇ كۇبلېتتا ۋەتەننىڭ قىممىتى جان بىلەن جاناننىڭ قىممىتىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقى،ۋەتەن بولمىغاندا جان بىلەن جاناننىڭ كېرىكى قالمايدىغانلىقى ،جان بىلەن جاناننى ئادىمىيلىككە ئىگە قىلغان نەرسىنىڭ ۋىجدان،غۇرۇر ۋە ساداقەت ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ھايات ھەقىقىتى كۆرسىتىپ بېرىلگەن.⑥ئەسەردە ئالغا سۈرۈلگەن ئىددىيە: داستاندا ئاپتور ئانا ۋە بالا ئوبرازىنى چۆرىدەش ئارقىلىق،ئوغۇلغا ئوخشاش شەخسىيەتچى،نائىنساپ ۋەتەن خائىنلىرىنى كۈچلۈك پاش قىلغان.ئانىغا ئوخشاش ۋەتەنپەرۋەر قەيسەر كىشىلەرنى مەدھىيىلىگەن.نادانلىقنىڭ ئەل-ۋەتەننى بالايىئاپەتكە باشلايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
4pvT?s>68
U9
شۇنداق ۋەتەننىڭ ئوغلى ئىدىم مەن
RcZg/{[{
1.ژانېرى:
jL }bGD
شەكىل جەھەتتىن ئەركىن شېئىرغا ، مەزمۇن جەھەتتىن لېرىك شېئىرغا تەۋە
GI+x,p
2.ئاپتورى
InO;DA\
شائىر ئابدۇرەھىم ئابدۇللا 1954-يىلى كەلپىن ناھيىسىدە تۇغۇلغان. 1979-يىلى ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەن.مۇھىم ئەسەرلىرىدىن«بويناق»،«داۋانلىق يوللار»ناملىق ھېكايە-پوۋېستلار توپلىمى نەشىر قىلىنغان.
I7@|{L1|FB
3.يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسى:
O$q xo &
پىنھان(كىشىنىڭ نەزىرى چۈشمەيدىغان، خىلۋەت ،مەخپى)،سۇمبات(تاشقى كۆرۈنۈش،بەدەن،قەددى-قامەت)،مۇردا (ئۆلۈك،جەسەت)،ئىپار(كىيىكنىڭ كىندىكىدىن ئېلىنىدىغان خۇشپۇراق ماددا)،نىمجان(يېرىم جان، چالا ئۆلۈك)،ھونۇز (ھازىرغىچە ، ھېلىغىچە)،زىنھار (ئەسلا،پەقەت)،لىباس(ئۈستى كىيىم)،ۋادەرىخا(ۋاي ئېسىت)
f`$F^=
4.مۇھىم مەزمۇنلىرى:
]u]BxMs
①مەزمۇنى:- بۇ شېئىردا ئانا ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ چەتئەلدە مۇھاجىر بولۇپ ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇرنىڭ تىلى ئارقىلىق ،ئۇنتۇش ئەسلا مۇمكىن بولمايدىغان ۋەتەن مۇھەببىتى ئىپادىلەنگەن ② ئانا ۋەتەننىڭ ھىجران دەردىنى يەتكىچە تارتقان «مەن»ئۆز پىغانىنى قايسى دەرىجىدە يۈكسەكلىككە كۆتۈرىدۇ؟--ۋەتەننىڭ توپىسىنى«ئىپار،ئۇپا،ئوزۇق،قوزۇق،تالقان»دەپ ئۇلۇغلاش ئارقىلىق، ئۆز پىغانىنى شېئىرى يۈكسەكلىككە كۆتۈرگەن ③ «خىيال بىلەن ۋىسال قۇچىمەن،يۇلتۇز بولۇپ ساقىپ چۈشىمەن.ناخشا بىلەن كۈلكە توختىماس،گۈلىستاندەك ئېتىزلىرىڭغا»دېگەن كۇبلېتتا قانداق ھايات كۆرۈنىشى،ئۇيغۇر مىللى پىسخىكىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان؟-ئۇيغۇرلار دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدىغان مىللەت بولۇپ ، ئېتىز –دالىلاردا ئەمگەك قىلىش جەريانىدا «ئورما ناخشىسى»،«لاي-لاي» ۋە باشقا يەرلىك خەلق ناخشىلىرىنى ئىجات قىلىپ،خوشال-خورام ياشايدۇ.بۇ –ئۇلارنىڭ مىللى پىسخىكىسىنى ئىپادىلەيدىغان مۇھىم ھايات كۆرۈنىشى ھىساپلىنىدۇ. ④شائىر مەدھىيىلىگەن توپا نېمە ئۈچۈن شۇ قەدەر مۇقەددەس؟-بۇ توپا شائىرنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن،روھى دۇنياسى باغلانغان،خەلقى ئەسىرلەردىن بۇيان ياشاپ كېلىۋاتقان،مەڭگۈ ئۆگەيلىمەيدىغان،ئەجدادىدىن مىراس قالغان،بېقىپ چوڭ قىلغان ئانا زېمىندۇر.شۇڭا ،بۇ توپا، بۇ زېمىن شۇ قەدەر مۇقەددەس.
UmR\2 cs
xU1_L*tu '
ئانا تۇپراق
0P5s'2w
1. ژانېرى:
'mELW)S
شەكىل جەھەتتىن ۋەزىنلىك شېئىرلارنىڭ مۇرەببە شەكلىگە،مەزمۇنى جەھەتتىن لېرىك شېئىرغا تەۋە
t/wo G9N
2. ئاپتورى
gTS}'w{
ئارىسلان(1946-1996)ئەسلى ئىسمى مۇھەممەت ھوشۇر ،دۆربىلجىن ناھيىسىدىن.شائىر ۋە ئەدەبىي تەرجىمان.ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن«ياشلىق يۇلتۇزلىرى»،«ئۆلمەس تۇيغۇلار»،«يۇلتۇزلار يۇرتى»،زېمىن ئەركىسى»ناملىق شېئىرلار توپلىمى،«ئۇپۇقتىكى سۈرەتلەر »،«كۈلپەتلىك مۇھەببەت»قاتارلىق پوۋېستلىرى ،«قىساس خەنجىرى»ناملىق كىنو سىنارىيەسى بار. بۇ شېئىر 1981-يىلى يېزىلغان بولۇپ ، ئۇنىڭ «ياشلىق يۇلتۇزلىرى»ناملىق توپلىمىدىن قىسقارتىپ ئېلىنغان.
b9xvLR8
3. يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسى:
[;Y,nSw
پىراق (ھىجران)،ئەبەت(مەڭگۈ، ھەمىشە،ئۆمۈرۋايەت)،ئوچۇملاپ(چاڭگاللاپ)،تۈس(رەڭگى ،تاشقى كۆرۈنىشى،قىياپىتى)،يالقۇن(كۆيۇۋاتقان نەرسىدىن كۆتۈرۈلگەن ئوت)،دىماغ(بۇرۇن بوشلۇقى بىلەن ئېغىز بوشلۇقىنىڭ تۇتاشقان جايى)،
@DNwzdP
4.مۇھىم مەزمۇنلىرى:
kaT !
①شېئىرنىڭ 1-كۇبلىتىنى ئاخىرىدا تەكرارلاشتىن قانداق ھېسسىيات ئۈنۈمى يارىتىلغان؟-بۇنداق تەكرارلاش شېئىرىيىتىمىزدىكى بىر خىل شەكىل بولۇپ،مەركىزى ئىددىيەنى تەكىتلەش رولىنى ئوينايدۇ.بېشىدىكى كۇبلېتنى پۈتۈن شېئىرنىڭ مەركىزى ئىددىيىسى دىيىشكە بولىدۇ،ئاخىرىدا بۇنى تەكرارلاش ئارقىلىق ،شائىرنىڭ ئانا تۇپراققا،ئۆز ۋەتىنىگە بولغان چوڭقۇر مېھرى-مۇھەببىتى يەنە بىر قېتىم ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىگە سېلىنىپ،،شېئىردا ئىپادىلەنگەن ۋەتەنپەرۋەرلىك روھ يەنە بىر قېتىم ئەۋجىگە كۆتۈرۈلگەن. ②شائىر نېمە ئۈچۈن«ئانىلار ئۇلۇغدۇر،لېكىن بۇ تۇپراق، شۇ ئۇلۇغ ئانىلارنىڭ ئۆلمەس ئانىسى»دەپ يازىدۇ؟-تۇپراقنىڭ ئۇلۇغلىقىنى تېخىمۇ ئوبرازلاشتۇرۇش،كونكىرىتلاشتۇرۇش ۋە مۇقەددەسلىككە كۆتۈرۈش ئۈچۈن شۇنداق دەپ يازغان. ③ مەركىزى ئىددىيىسى:-شائىر بۇ شېئىردا ئۆزىنىڭ ئانا تۇپراققا، ،شۇنداقلا،ۋەتىنىگە بولغان كۈچلۈك مۇھەببىتى ۋە ئېتىقادىنى تولىمۇ يارقىن ۋە ئوبرازلىق ئىپادىلەپ بەرگەن.
SDc8\ms
aXyFpGdb9
بارماق ھەققىدە پاراڭ
GJ{XlH
1.ژانېرى:
X
مۇھاكىمىلىك نەسىر
P6I
2.ئاپتورى
PfsUe,*
ئەخمەت ئىمىن 1950-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. داڭلىق نەسىرچى ۋە ئەدەبىي تەرجىمان.ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن« قەلب ساداسى»،«باھار تىنىقى»،«مېنىڭ بىر كۈنۈم»،«جۇلدۇر كېپەن خوتۇننىڭ ساداسى»قاتارلىق نەسىرلەر توپلاملىرى بار.بۇ نەسىر «جۇلدۇر كېپەن خوتۇننىڭ ساداسى» ناملىق كىتاپتىن ئېلىنغان.
m^~5Xr"
3.يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسى:
|[0Ijm2
دىقماق(ھەم پاكار ھەم سېمىز،دوغىلاق)،مۇجەسسەم(جەملەنگەن ، يىغىلغان)،خامىرى(بۇرنى)،مەرتىۋىلىك(مەنسەپدار ،ئابرويلۇق)،بېگىز (چەم خۇرۇملارنى ياماش ئۈچۈن تۆشۈك تېشىدىغان موزدۇزلۇق ئەسۋابى)،
GkIhPn(d
4.مۇھىم مەزمۇنلىرى:
Na4O( d`
①قىسقىچە مەزمۇنى: ئاپتور نەسىردە بارماقنىڭ ئېلىش ۋە تۇتۇشتىن ئىبارەت رولىنى تۇتقا قىلىپ،ھاياتلىق ھەقىقىتىنى شەرھىلىگەن.شۇنداقلا،دۇنيانىڭ تەڭشەلمىگەنلىكى،ئۆملۈك،ئىتتىپاقلىقنىڭ رولى ۋە ئەھمىيىتىنى يەكۈنلىگەن.بارماق قانداق بولۇشتىن قەتئىنەز ،يەككە ئايرىم ھالەتتە بىر نەرسىنى تۇتالمايدۇ.ئاپتور بارماقنىڭ مۇشۇ تەرىپى ئارقىلىق،ئىناقسىزلىق،ئىتتىپاقسىزلىقنى تەنقىتلىگەن.بەش بارماقنىڭ بىرىكىشى ئارقىلىق، ھەمكارلىقنىڭ، ئىجىل-ئىناقلىقنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى ،پەقەت ئىتتىپاقلاشقاندىلا يېڭىلمەس كۈچ ھاسىل بولىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ② تېكىستتە ئاپتور بارماقنىڭ رولى ئارقىلىق قانداق تۇرمۇش ھەقىقىتىنى كۆرسىتىپ بەرگەن؟ـــــ ئۆملۈكنىڭ زور كۈچ ۋە ئىمكانىيەت ھاسىل قىلالايدىغانلىقىدىن ئىبارەت بىر ھايات ھەقىقىتىنى ئوتتۇرىغا قويغان.③ ئاخىرقى ئابزاستا بايان قىلىنغان ھېكمەتنى قانداق چۈشىنىسىز؟ ئۆملۈك ۋە دۇنيانىڭ تەڭشەلمىگەنلىكى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە قارىتا قارىشىڭىزنى بايان قىلىڭ:ـــــــ ئاخىرقى ئابزاستىن «ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ يېتەرسىزلىكىنى تەن ئېلىپ، باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ،قىيىنچىلىق ۋە مۈشكۇلاتلارنى بىرلىكتە يېڭىشكە كۈچ چىقىرىش ــــ ئاقىلانىلىك » ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشكا بولىدۇ.
n2~WUK
P+Gz'
چىم
!Eg2#a ?
1. ژانېرى: لېرىك نەسىر
V c;g$Xr[
2. ئاپتورى
Ke:WlDf
نۇرمۇھەممەت توختى 1949-يىلى خوتەن ناھيىسىنىڭ تەۋەككۈل يېزىسىدا تۇغۇلغان.يازغۇچى.«ئۇ دۇنيادىكى سوراق»،«چۆل ئوغلى»،«شەھلا كۆز»قاتارلىق ھېكايە،پوۋېست توپلاملىرى نەشىر قىلىنغان.بۇ ئەسەر ئۇنىڭ «كۈلۈپ كۆرگەنلەر ۋە كۆرۈپ كۈلگەنلەر»ناملىق نەسىر توپلىمىدىن ئېلىنغان.
c&P/v#U_
3. يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسى:
Rc3!u^?u
زەئىپلىك(كۈچسىز،ماغدۇرسىز)،تىلماق(كەسمەك)،شىلماق(نەرسىلەرنىڭ پوستىنى سويۇپ ئالماق)
OSfT\8YA
4.مۇھىم مەزمۇنلىرى:
1Jdx#K
تېكىستتە چىم سىمۋول قىلىنىش ئارقىلىق، ئۇنىڭدىكى ئېسىل روھ ،يەنى، تۇرمۇش تەلىپى ئىنتايىن ئاددى، قانائەتچان،ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ئالاھىدىلىكى بايان قىلىنغان.ئاددى، لېكىن، ھاياتى كۈچى شۇنچە قۇدرەتلىك چىم بىلەن زامانداشلىرىنىڭ ۋۇجۇدىدىكى تۈگىمەس تەلەپلەر ،كىشىنىڭ ئېچىنغۇسى كەلگۈدەك زەئىپلىك سېلىشتۇرۇلغان.بۇ ئارقىلىق كىشىلەرنى ئاددى-ساددا،قانائەتچان بولۇشقا ،ھە دېسىلا ھاياتتىن، تۇرمۇشتىن ئاغرىنىشنىڭ ،تۇرمۇشقا يۇقىرى ئۆلچەم قويۇۋېلىشنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى يەكۈنلەپ،كىشىلەرنى ئۈمىتۋار،قىزغىن پوزىتسىيە بىلەن ياشاشقا رىغبەتلەندۈرگەن.
*]; QPi~
{* :^K\-
تەبەسسۇم
ll1N`ke
1. ژانېرى: لېرىك نەسىر
\<(EV,m2
2. ئاپتورى
`"}).{N]C
ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەدئىمىن(1933-1995)ئاتۇشتىن. ئالىم ۋە شائىر . ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى»،«قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا»،«غەربى يۇرت تاشكېمىر سەنئىتى »،«ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەدئىمىن ئەسەرلىرى»قاتارلىق كىتاپلىرى بار .بۇ تېكىست 1990-يىلى يېزىلغان بولۇپ، «ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەدئىمىن ئەسەرلىرى-2»دىن قىسقارتىپ ئېلىنغان.
hJ]Oa7r
3. يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسى:
X(eW +,H
يالداما(خاتىرە بۇيۇم ، تاش ئابىدە)،تادان(قۇۋ، ھېلىگەر)، ماياك(سىگنال يورۇقلۇقى بار مۇنار،نىشان كۆرسەتكۈچ)،تەبەسسۈم(قۇتقۇقلاش،مۇبارەكلەش)،ئىبارە(بىرەر ئۇقۇمنى بىلدۇرىدىغان بىر ياكى بىردىن ئارتۇق سۆز )،ساھىل(دېڭىز ،دەريا،كۆللەرنىڭ قىرغىقى)،مۇمكىن(ئىمكانىيىتى بار ،ئېھتىماللىقى بار بولغان)،ئىپار –ئەنبىرى(خۇشپۇراق بۇيۇم)
7G^Q2w
4.مۇھىم مەزمۇنلىرى:
iNfAn&
①ئاپتور تەبەسسۇمنى نېمىلەرگە ئوخشاتقان؟مۇشۇنداق ئوخشىتىشلاردىن ئاپتورنىڭ كىشىلىك ھايات ھەققىدىكى قانداق تەسىراتىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ؟ ـــــ تەبەسسۈمنى گۈل-چېچەككە، ئىپار- ئەنبەرگە، ئەڭگۈشتەرگە،مەرۋايىتقا گۈل جىلۋىسىگە،گۈل شىرنىسىگە،گۆھەرگە،ماياكقا،يالقۇنلۇق يۈرەككە،مەلىكىگە، ئالتۇن چىراققا ئوخشاتقان.بو ئوخشىتىشلاردىن ئاپتورنىڭ ئۈمتۋار ھايات پوزىتسىيەسىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.ئاپتورنىڭ قارىشىچە، چىن تەبەسسۇملا يوقالمايدىكەن،ئىنسانىيەت جەمىيىتى ساغلام راۋاجلىنىدۇ. ھەقىقىي،چىن،پاك تەبەسسۇم ھەممە جايدا مەۋجۇت بولىدىكەن،ئۇرۇش،زوراۋانلىق،ئالدامچىلىق،ئېزىش –ئېزىلىشنىڭ بولۇشى مۇمكىن بولماي قالىدۇ. ② ئاپتور«تەبەسسۇمسىز مۇھىت ــ كېسەلچان مۇھىت »دەپ يازغان.سىز ئاپتورنىڭ بۇخىل قارىشىنى قانداق چۈشىنىسىز؟ــــ ھەقىقىي،چىن،پاك ،غەرەزسىز تەبەسسۇم ساغلام قەلبنىڭ مەھسۇلى.ساختا،غەرەزلىك تەبەسسۇم ــ ساغلام بولمىغان،قەلبنىڭ مەھسۇلى.مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، تەبەسسۇمسىز مۇھىت ــ كېسەلچان مۇھىت بولۇپلا قالماي ، ساختا ،غەرەزلىك تەبەسسۇم قاپلىغان مۇھىتمۇ ئوخشاشلا كېسەلچان مۇھىت ھېساپلىنىدۇ.بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان كېسەلچان مۇھىت ئەلۋەتتە، شەخسىيەتچىلىك،مەنپەئەتپەرەسلىك،ئاچكۆزلۈك يامراپ كەتكەن ؛ ئالىجاناپلىق ۋە سەمىمىيلىك ئازلاپ كەتكەن مۇھىتنى كۆرسىتىدۇ.③قىسقىچە مەزمۇنى : ئاپتور نەسىردە تەبەسسۇمنىڭ ئىنساننىڭ مۇھىم خىسلەتلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى ، تەبەسسۇمنىڭ كىشىلەرگە ھۆرمەت ،،پەخىرلىنىش ئاتا قىلىدىغانلىقىنى، خىزمەتكە خوشاللىق، ئائىلىەە ئىناقلىق،بەرىكەت، بەخت ئاتا قىلىدىغانلىقىنى ، تەبەسسۇمسىز ھاياتنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمايدىغانلىقىنى ... ، شۇڭا ئادەم چوقۇم تەبەسسۇم بىلەن ياشىشى كېرەكلىكىنى ، ھاياتقا ،تۇرمۇشقا ، ئائىلىگە ، پەرزەنتىگە تەبەسسۇم بىلەن قاراشنى تەۋسىيە قىلغان.
NiWAJ]Z
?>U=bA
مىڭ بىر كېچە
[U",yN]d
1. ژانېرى: چۆچەك ، مەسەل ، ئەپسانىلەر توپلىمى
|&{S ~^$
2. ئاپتورى: خەلق
x>B\2;
3. يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسى:
h@N C#Iod
دەسمايە(مەبلەغ،قول ئىلكىدىكى نەرسە)، تىللا(ئالتۇن تەڭگە)، شېرىك(ھەمكارلاشقۇچى)،سۈرمە(خىمىيىلىك ئېلمېنت نامى، قاش-كۆزلەرنى زىننەتلەيدىغان گىرىم بۇيۇمى)،قازى(ئىسلام دىنىدىكى سوتچى)، شەرىئەت (ئىسلام دىنى قانۇنى)، كاززاپ(ئالدامچى،ساختىپەز)،دەرقەم(روبىرو،بىر يەردە)،سېرىقتال(باياشات ئەمەس)،سۇبھاناللا(قورقۇش،ئەجەپلىنىش،ھەيران قېلىشنى ئىپادىلەيدىغان ئىملىق سۆز )،مۇدھىش(قورقۇنۇشلۇق،دەھشەتلىك)،لىباس(ئۈست كىيىم)،زىنھار(پەقەت)،دېۋە(ئىسلام رىۋايەتلىرىدىكى ئوتنىڭ تۈتۈنىدىن يارىتىلغان غايەت زور مەخلۇق)،سۇلايمان پەيغەمبەر(ئىسلام رىۋايەتلىرىدىكى ئادەم، ھايۋانات ۋە ئۇچار قاناتلارغا پادىشاھ بولغان پەيغەمبەر)،مەلئۇن(لەنىتى،ئۆلگۈر)،بەيئەت قىلماق(ئىتائەت قىلماق)،كەپشەر(سۇۋاركا،مېتاللارنى بىر بىرىگە ئۇلاش ئىشى)،
g) ^s+Y
4.مۇھىم مەزمۇنلىرى:
7I'C'.6iM
① «مىڭ بىر كېچە»ناملىق مەشھۇر ئەسەرنى تونۇشتۇرۇڭ : «مىڭ بىر كېچە»ــ قەدىمكى ئەرەپلەرنىڭ دۇنياغا مەشھۇر ئەدەبىي ئەسىرى.. ئۇنىڭغا قەدىمكى يېقىن شەرق،ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە باشقا جايلاردىكى مىللەتلەرنىڭ چۆچەك،رىۋايەتلىرى،مەسەل –ھېكايىلىرى توپلانغان.ئۇ ئاجايىپ –غارايىپ فانتازىيەلىك ۋە سېھرى كۈچكە ئېگە. گوركىي ئۇنى «خەللق ئەدەبىياتى تارىخىدىكى بىر سەلتەنەتلىك ئابىدە » دېگەن ئىدى.بۇ ئەسەر بىر ئادەمنىڭ قولىدىن چىقمىغان،بەلكى، ئۇ ئۆتكەن خانىدانلىقلاردىكى ئەرەپ مەدداھلىرىنىڭ تەكرار پىششىقلاپ ئىجاد قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. ئۇ دەسلەپ ئەرەبىستاندا تارقالغان. بۇ تەخمىنەن مىلادىيە 8-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى ئىش بولۇپ، 16-ئەسىردە رەسمى كىتاب قىلىنغان.ئەڭ دەسلەپكى مەنبەسى ـــ «ھەزار ئەپسەنە » (مىڭ ھېكايە)دېگەن بىر پارىس ھېكايىلەر توپلىمى ئېدى.«مىڭ بىر كېچە» دىكى نۇرغۇن ھېكايىلەر باغدادنى پايتەخت قىلغان ئەرەپ ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ گۈللەنگەن دەۋرى ۋە كېيىنكى مىسىر دەۋرىدە بارلىققا كەلگەن. ② «مىڭ بىر كېچە » ھېكايىلىرىنىڭ مەزمۇن جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرى نېمە؟ ــــ بۇ ھېكايىلەردە گۈزەل،پاك مۇھەببەت ۋە نىكاھ مەدھىيىلەنگەن.ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىغان خىلمۇ-خىل تەۋەككۈلچىلىكلەر بايان قىلىنغان. ھەققانىيەتنىڭ رەزىللىك ئۈستىدىن غالىپ كېلىدىغانلىقى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ ، چىنلىق ، ياخشىلىق ، گۈزەللىك كۈيلەنگەن. خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئۇنىڭدا يەنە ھۆكۈمرانلارنىڭ ئەيش-ئىشرەت، كەيپ –ساپاغا بېرىلىشى، ئۆز بېشىمچىلىقى ۋە زوراۋانلىقى پاش قىلىنغان.خەلق ئاممىسىنىڭ غەزەپ-نەپرەت ساداسى ۋە قارشىلىق ئېڭىمۇ ئىپادىلەنگەن. «مىڭ بىر كېچە» ساددا رىئالىزىم بىلەن ئاجايىپ ۋە ئۆزگىرىشچان رومانتىزىمنى بىرلەشتۈرۈشنىڭ مەھسۇلى. ئۇنىڭ خىلمۇ-خىل ھېكايىلىرى رىئال تۇرمۇشنى ئاساس قىلغان. رىئال تۇرمۇش خەلق ئاممىسىنىڭ غايە ۋە ئارزۇ-ئارمانلار ئۈستىدە ئىزدىنىش ھېسسىياتىنى ئىپادىلەشتىكى تەسەۋۋۇر گۈللىرىنى ئېچىلدۇرغان. ئۇلار ئۆزارا ماسلىشىپ ، بىر-بىرىنى تولۇقلىغان. ③ ئەسەرگە نېمە ئۈچۈن «مىڭ بىر كېچە» دەپ ئىسىم قويۇلغان؟ ـــ پادىشاھ شەھرىيار ئايالىنىڭ ئۆزىگە خىيانەت قىلىشى سەۋەپلىك ئاياللاردىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ھەركۈنى بىر خوتۇن ئېلىپ ئەتىسى ئۆلتۈرىۋەتكەن. ۋەزىرنىڭ قىزى شەھرىزاد ئاياللارنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن پادىشاھقا ياتلىق بولۇپ ھەركۈنى ھېكايە سۆزلەش ئارقىلىق ، پادىشاھنى قىزىقتۇرىۋالغان. پادىشاھ ھېكايىنىڭ داۋامىنى ئاڭلاش ئۈچۈن ئۇنى ئۆلتۈرمىگەن. نەتىجىدە ، ھېكايە جەمى مىڭ بىر كېچە داۋاملاشقان . شۇڭا ، بۇ ئەسەرگە « مىڭ بىر كېچە » دەپ ماۋزۇ قويۇلغان.④ «بەش ياشلىق بالىنىڭ ھېكايىسى» دېگەن چۆچەكنىڭ مەزمۇنى نېمە؟ ـــ بۇ چۆچەكتە بىر-بىرىگە ئىشەنمەيدىغان ،ۋۇجۇدى خىيانەتكارلىق تۇيغۇسى بىلەن تولغان تۆت سودىگەرنىڭ بىر بىگۇناھ ئايالنى ئۇۋالچىلىققا قويغانلىقى ، بەش ياشلىق بىر ئوغۇلنىڭ پەم-پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ، سودىگەرلەرنى ئۆزىنىڭ سۆزى بىلەن باپلاپ ، ئايالنى قۇتۇلدۇرۇپ قالغانلىقىدەك ۋەقەلەر ئارقىلىق ، ئەقىل-پاراسەتنىڭ مۇھىملىقى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن. ⑤ «بېلىقچى بىلەن دېۋىنىڭ ھېكايىسى» دە نامرات بېلىقچىنىڭ ئائىلىسىنى قامداش يولىدىكى تىرىشچانلىقى، ئۈمىدۋارلىقى ،ھالاللىقى سەۋرىچانلىقى ، شۇنداقلا، خەتەرگە يولۇققان چاغدىكى تەمكىنلىكى ، ئەقىل-پاراسىتى بايان قىلىنىپ، ئىنسان ئەقلىنىڭ كۇچ-قۇدرىتى نامايەن قىلىنغان.
-z+,j(@
%Z <{CV
غۇنچەم
aVHIU3
1.ژانېرى: دىراممىدىن پارچە
tm5)x^7
2.ئاپتورى:
.l_Nf9=
زۇنۇن قادىرى(1911-1989)دۆربىلجىن ناھيىسىدىن.20-ئەسىر ئۇيغۇر ھېكايىچىلىقى ۋە دىراممىچىلىقىنىڭ ئاساسچىسى.ئۇنىڭ «چېنىقىش» ،«ماغدۇر كەتكەندە»ناملىق ھېكايىلىرى،«غۇنچەم»،«گۈلنىسا» قاتارلىق دىراممىلىرى مەشھۇر. بۇ ئەسەر ئۇنىڭ شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى نەشىر قىلغان «زۇنۇن قادىرى ئەسەرلىرى» ناملىق كىتابىدىن ئېلىنغان.
'nGUm[vh
3. يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسى:
5N$XY@
سىل(تربېركوليۇز )،چىگە(كەندىر قوۋزىقى ،كەندىر پوستى)،بورا(قومۇشتىن توقۇلغان سېلىنچا)،ئاۋۇل(كۆچمەن چارۋىچىلار ئولتۇراقلاشقان قىشلاق)
J_Tz\bZ3)
4.مۇھىم مەزمۇنلىرى:
6];3h>c]N
① بۇ پارچە سىيۇژىتنىڭ قايسى بۆلىكى ھېساپلىنىدۇ؟ بۇ – دىرممىدىكى 3-پەردە2-كۆرۈنۈش بولۇپ، ئەسەر ۋەقەلىكىنىڭ كولمىناتسىيىسى ھېساپلىنىدۇ. ② دېئالوگلاردا پىرسۇناژلارنىڭ قانداق خاراكتىرى يورۇتۇپ بېرىلگەنلكىنى ئېيتىپ بېرىڭ: «...ئۆلگىدەك قامچا يېدىڭ، يەنە نۇرنى ئاغزىڭدىن چۈشۈرمەيسەنغۇ؟»، «تىلىڭ كېسىلمىسۇن يەنە »دېگەن دىئالوگلاردىن شەرۋاننىڭ تولىمۇ قارا نىيەت،شەھۋەتپەرەس ،رەھىمسىز، باشقىلارنى بويسۇندۇرۇپ خارلاشنى يوللۇق دەپ قارايدىغان مۇتىھەم خاراكتىرى يورۇتۇپ بېرىلگەن.«نۇرۇم مېنىڭ بۇلبۇلۇم ، مەن ئۇنىڭ باغرى قان غۇنچىسى، تىلىم سۆزگە كېلىدىكەن ،مەن ئۇنى ئاغزىمدىن چۈشۈرمەيمەن» ، «ئەمدى قورقىدىغان يېرىم قالمىدى، تىلىمنى كېسىپ تاشلىساڭلار دىلىمدا ياد قىلىمەن»دېگەن دىئالوگلاردىن غۇنچەمنىڭ ساددا،ئاقكۆڭۈل ، مۇھەببەتكە سادىق ،ئىرادىلىك، بىچارە، لېكىن قەتئى خاراكتىرى يورۇتۇپ بېرىلگەن.يەنە نۇرغۇن دىئالوگلاردا نۇرۇمنىڭ تەمكىن ،دادىل مەردانە خاراكتىرى يورۇتۇلغان. ئۆمەر شاڭيۇنىڭ ئاچكۆز،زالىم،قارا نىيەت،نەپسانىيەتچى خاراكتىرى يارىتىلغان.باسىتنىڭ تۆۋەننى بېسىپ يۇقىرىغا خوشامەت قىلىدىغان غالچىلىق خاراكتىرى يورۇتۇلغان.سىيىتنىڭ ئەخمەق ،لەقۋا ،پوچى خاراكتىرى يارىتىلغان..ئومۇمەن ، غۇنچەم ،نۇرۇم، پاتەمخان ، مەشرەپ ،زورىخان، تۇرغان ئامانتايلار ئىجابى پىرسۇناژ. شاڭيۇ، شەرۋان ، سىيىت ، باسىت ،ھاشىمبايلار سەلبى پىرسۇناژلاردۇر. ③ غۇنچەمنىڭ ئۆز پاجىئەسىنىڭ سەۋەبىنى ئانىسىدىن كۆرۈشى يېتەرلىكمۇ؟ ـــ يېتەرلىك ئەمەس. غۇنچەم ناھايىتى ساددا بولغانلىقتىن ئۆز پاجىئەسىنىڭ ئىجتىمائى يىلتىزىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يېتەلمىگەن. غۇنچەم پاجىئەسىنىڭ سەۋەبى ــ ئەينى دەۋىردىكى ئادالەتسىز زامان ۋە ئادالەتسىز تۈزۈمدۇر④تېكىسىتتىكى دىئالوگ،مونولوگ، ياندىن بايانلارنى كۆرسىتىپ بېرىڭ: ئۇھ جېنىما!(مونولوگ)، تېكىسىتتە ئۇچرىغان ئاپتور سۆزىنىڭ ھەممىسى ياندىن بايانغا تەۋە. دىئالوگلار مىسالى قىسقارتىلدى.④ غۇنچەم دىراممىسىنىڭ تارىخى ئارقا كۆرۈنىشى : بۇ دىراممىدا 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىكى شىمالى شىنجاڭ يېزىلىرىنىڭ ئومۇمى ۋەزىيىتى، جۈملىدىن، شۇ چاغدىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تۇرمۇشى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان.
{Ba&
|&JeJ0k>~
لەقەم
{CI4AT!?W
1. ژانېرى: ئېتوت
p__wBUB
2. ئاپتورى: شايىم شابايېف__ قازاقىستان دۆلەتلىك ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ ئىجادىيەتچىسى
$Q8 &TM}E
3. يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسى:
توڭكاي(ھىڭگاك چىش)، جىرتاق(قىڭغىر كۆز )
X2Z)> 10
4. مۇھىم مەزمۇنلىرى:
30uPDDvar
① مەركىىزى ئىددىيىسى: بۇ ئېتوتتا ئاتا بالىنىڭ ۋەقەلىكى ئارقىلىق ، تۇرمۇشتىكى يارىماس ئىللەتلەر ،چاكىنىلىقلار قاتتىق تەنقىت قىلىنغان.ئەستايىدىل،مەسئۇلىيەتچان بولۇشنى،ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىققا ئەھمىيەت بېرىشنى ، ئۆزىنى ۋە ئۆزگىلەرنى ھۆرمەت قىلىشنى ،تىل ئەدىپىگە دىققەت قىلىشنى ،ھەركىتى سىلىق-سىپايە بولۇشنى ،باشقىلارنى ئورۇنسىز ئەيىپلەيدىغان، زاڭلىق قىلىدىغان پاسسىپ تۇرمۇش ئۇسۇلىدىن نېرى تۇرۇشنى تەۋسىيە قىلغان.قىسقىسى ،بۇ ئېتوتتا كىشىلەرگە كەلسە-كەلمەس ھالدا سەلبى لەقەملەرنى قويۇشنىڭ مەدەنىيەتسىز ۋە ئەخلاقسىزلىق ھېساپلىنىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئىدىيە ئالغا سۈرۈلگەن.② ئۇيغۇر ئېتوتچىلىقىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ۋە تەرەققىياتى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟ ــ ئۇيغۇر ئېتوتچىلىقىنىڭ شەكىللىنىشىنى 1980-يىللارنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە شىنجاڭ سەھنىلىرىدە ئوينالغان قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئېتوتلىرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.19990-يىللارنىڭ ئالدى-كەينىدە قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ «مېھمان»، «لەقەم»، «تۇغۇلغان كۈن»،« بىر مىنۇت» ،« تېپىشماق»... قاتارلىق ئېتوتلىرى ئۇيغۇر تاماشىبىنلارنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە نائىل بولدى. نەتىجىدە،ئۇيغۇر ئېتوتچىلىقىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس سېلىندى. شۇنىڭ بىلەن تۇرسۇنجان لېتىپ قاتارلىق بىر قىسىم ئېتوت يازغۇچىلىرى ۋە ئادىل مىجىت،خالمۇرات ئۆمەر، ئابدۇكېرىم ئابلىز قاتارلىق تونۇلغان ئېتوت ئارتىسىتلىرى مەيدانغا كەلدى.ھازىر ھەر يىلى ئاز بولغاندا 20دىن ئارتۇق ئېتوت سەھنىلەشتۈرۈلۈپ، تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشمەكتە.③ ئېتوت قانداق ئالاھىدىلىككە ئېگە سەنئەت ئەسىرى؟ ـــ ئېتوت يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئورۇنلىنىدىغان ئوپېرا ۋە دىراممىلاردىن مۇتلەق تۆۋەن تۇرىدۇ.لېكىن ، ئېتوتتىمۇ بەلگىلىك زىددىيەت-توقۇنۇش بولىدۇ.توقۇنۇش ئارقىلىق خاراكتىر يارىتىلىپ، ئىجتىمائى تۇرمۇشنىڭ مەلۇم بۆلىكى ئەكىس ئەتتۈرىلىدۇ.ۋاقىت، ئورۇن ، شارائىتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ.تىلى قىسقا ، ئىخچام ،مېغىزلىق بولۇپ ، جەلىپ قىلارلىق بولىدۇ.تۇرمۇش پۇرىقىنىڭ كۈچلۈكلىكى، ۋەقەنىڭ قىزىقارلىق بولۇشى، تەربىيىۋى ئەھمىيىتىنىڭ كۈچلۈك بولۇشى بىلەن خاراكتىرلىنىدۇ.④ پىرسۇناژلار ئوبرازىنى تەھلىلى قىلىڭ:ــ بالا- شوخ،كەپسىز، ئۆگىنىش قىزغىنلىقى تۆۋەن، ئويۇنقېپى، ئامما، يۇمۇرىستىك ، قىزىقچى خاراكتىرگە ئېگە. دادا- تىلغا ماھىر ، يۇمۇرىستىك سۆزلەيدىغان، باشقىلارنىڭ ئەيىپىنى كۆرسىتىشكە، ئەيىپلەشكە ئامراق ، ئۆز ئەيىپىنى ئاڭلىسا رەنجىيدىغان ئادەم. ئومۇمەن ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ئىنتايىن ساپاسىز ئائىلە بولۇپ ، قىلچىمۇ كۆڭۈللۈك ۋە ئىللىق ئائىلە ئەمەس .
4\&Y;upy+
|A'I!Jm
تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى
Cn3_D
1.ژانېرى: مەڭگۈ تاش تېكىستىدىن پارچە بولۇپ ، 1-شەخس تىلىدا ھەم نەسرىي ھەم نەزمى شەكىلدە ئارىلاش يېزىلغان
)ciP6WzzbI
2.ئاپتورى:
!="q"X/*
تۇنيۇقۇق (668-788) رىئال تارىخى شەخس بولۇپ ،،پەخرى نامى بويلاباغا تارقان . تۈرك خانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى،ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئۆتكەن سىياسىيون،ھەربى ئىستىراتېگىيىچى،مۇتەپەككۇر ۋە ئەدىب. ئۇ ھەربى ئىشلاردا پاراسەتلىك،دۆلەت باشقۇرۇشتا قابىلىيەتلىك،ئەل ۋەتەننىڭ غېمىنى يەيدىغان،راست سۆزلۈك ،چوڭقۇر پىكىرلىك ،ئۆزىگە يۈكسەك ئىشىنىدىغان كىشى.شۇڭا ئۇ ئىلتەرش قاغان،قاباغان خاقان ۋە بىلگە قاغانلارغا باش ۋەزىر بولغان.
(4L/I
3. يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسى:
1}DA| !~
تۇنيۇقۇق(تۇنجى مەرتىۋىدار، بۈيۈك كاتتىباش)، ئوماي(شامان دىنىدىكى ئىنسانلارغا سۇ ۋە تۇپراق ئاتا قىلغۇچى ئىلاھە)، بولچۇ، تەمىر قاپىغ(قەدىمكى يەر-جاي ناملىرى)،يىنچۇ ئۇگۇز(دەريا نامى )،يابغۇ،شاد (ئەمەل نامى)، ساقا، تەزىك، توقرى،سوغداق(قەدىمكى مىللەت ناملىرى)
Yao}Xo9}
4.مۇھىم مەزمۇنلىرى:
={:a N)
① تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى قانداق تاش؟ مەزمۇنى نېمە؟ ـــ تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى مەڭگۈ تاشلارنىڭ تۇنجىسى بولۇپ،ئۇنى تۇنيۇقۇق ئۆزى يازغان ۋە مىلادىيە 716-يىلى ئۆزى چەكتۈرگەن.بۇ مەڭگۈ تاشلارنىڭ تىكلىنىشى ئەجدادلىرىمىزنىڭ تارىخىدا مەڭگۈ تاش تىكلەش ئەنئەنىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە يول ئاچقان.بۇ پارچىدا تۇنيۇقۇقنىڭ بىر قېتىملىق ھەربى يۈرۈشى ،غەلىبىلىك ئۇرۇش قىلىش جەريانى ھەم ئۆزىنىڭ ئوينىغان رولى ھەققىدە قىممەتلىك بايانلار بېرىلگەن.⑵تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى تۈزۈلۈش جەھەتتە قانداق ئالاھىدىلىككە ئېگە؟ـــ پارچىنىڭ سۆز-جۈملىلىرى ئىخچام ھەم مەردانە،مەزمۇنى ئېنىق، بايان ئۇسۇلۇبى راۋان بولۇپ، كىشىگە ھەم تارىخى ساۋاق ھەم خاراكتىر گۈزەللىكى ھەم ئەدەبىي زوق ئاتا قىلىدۇ. ③تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشىنىڭ ھەجمى قانچىلىك ؟ قەيەردىن تېپىلغان؟ ـــ تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى قەدىمكى تۈرك يېزىقىدا ئىككى پارچە مەرمەر تاشقا 62 قۇر خەت قىلىپ ئويۇلغان .1897-يىلى تاشقى موڭغۇلىيەنىڭ ئۇلانباتۇر شاھرىدىن 60كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بايىن چوكتۇ دېگەن جايدىن تېپىلغان.ئۇنىڭ مەزمۇنى نەسرى ھەم نەزمى شەكىلدە ئىپادىلەنگەن.1-شەخس تىلىدا يېزىلغان ④ تېكىستنىڭ تىل ئۇسلۇبىدىن بايقىدىڭىز ؟ ـــ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى شۇكى، قوللىنىلغان جۈملىلەر ئاساسەن ئاددى جۈملە.⑤ تېكىستتە تۇنيۇقۇق ئۆزىنى ماختىغان بولسىمۇ نېمە ئۈچۈن بىزگە غەيرى تۇيۇلمايدۇ؟ ـــ تۇنيۇقۇق ئۆزىنىڭ قىممىتىنى توغرا مۆلچەرلىگەن، كۆپتۈرۈپ يالغانچىلىق قىلمىغان . شۇڭا ، ئۇنىڭ ئۆزىنى ماختاپ يازغان بايانلىرى بىزگە غەلىتە تۇيۇلمايدۇ.
y d97ys
BY6#dlDi
ئىككى تېگىننىڭ ھېكايىسى
wX"hUu
1. ژانېرى : بۇددا دىنىغا ئائىت ھېكايە
EU?qLj':
2. ئاپتورى :
RPz[3y
بۇ كىچىك كىتاپچە شەكىللىك قوليازما بولۇپ ، قاچان ، كىم تەرىپىدىن ، قايسى تىلدىن تەرجىمە قىلىنغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات يوق. قوليازما جەمى 80بەت ، ھەر بىر بەتكە 7-8قۇر خەت يېزىلغان.بۇ قوليازمىنى 1907-1908-يىللىرى فىرانسىيەلىك پېللىئوت دونخۇاڭ مىڭئۆيىدىن ئېلىپ كەتكەن.ھازىر پارىژدىكى دۆلەت مىللى كۈتۈپخانىسىدا ساقلانماقتا.
U6]#RxH
3. يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسى:
0WUBj:@g
تېگىن(شاھزادە)،قارس(بىر خىل رەخت)،چوقار(ھايۋان نامى)،بۇرھان(بۇددا دىنى ئىلاھى)،دوزاخ (جەھەننەم، ئۆلگەن گۇناھكارلار ئازاپ چېكىدىغان جاي)،باراناس(ھىندى يېرىم ئارىلىدىكى بىر دۆلەتنىڭ نامى)،يەرچى(يول بىلگۈچى،يول باشلىغۇچى)،سۇچى(دېڭىزچى،سۇ يولىنى بىلگۈچى)،يارلىق(شاھانە بۇيرۇق)،ئەڭگۈشتەر(خاسىيەتلىك ئۈزۈك)،كوڭخۇ(قەدىمقى ساز)،
pp"X 0
4. مۇھىم مەزمۇنلىرى:
.a*?Pal@@
① قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ ھېكايە بۇددا دىنىنىڭ ماھايانا مەزھىپىگە ئائىت ئەسەرلەرنىڭ ئەڭ تىپىك نامايەندىلىرىدىن بىرى بولۇپ ،ئۇنىڭدا ئىككى تېكىننىڭ خاراكتىر ئالاھىدىلىكى تولۇق يورۇتۇپ بېرىلىش ئارقىلىق ، ماھايانا مەزھىپىنىڭ دىنى تەلىماتلىرى تەرغىپ قىلىنغان. ئەسەردە خەلق ئۈچۈن نىجاتلىق ئىزدەش يولىدا ھېچقانداق خېيىم-خەتەرگە پىسەنت قىلماي كۈرەش قىلغان ئاق نىيەت تېكىننىڭ تەسىرلىك ئوبرازى ئارقىلىق ، خەلقنىڭ تۇرمۇش غايىسى چۈشەندۈرۈلگەن.يەنە بىر تەرەپتىن ، قارا نىيەت تېكىنگە ئوخشاش سۈيقەستچى، ھەسەتخور، شەخسىيەتچى ،چاكىنا ئادەملەرگە نەپرەت ياغدۇرۇلغان.بۇ ئارقىلىق سەمىمىيلىك بىلەن كاززاپلىق، ئوچۇق-يورۇقلۇق بىلەن مەككارلىق، رەھىمدىللىك بىلەن قارا نىيەتلىك، مەرتلىك بىلەن شەخسىيەتچىلىك، كەڭ قورساقلىق بىلەن ئىچى تارلىق بىر-بىرىگە روشەن سېلىشتۇرۇلۇپ، يۈكسەك تۇرمۇش ھەقىقىتى، ئەخلاق پەزىلەتنىڭ ئېنىق ئۆلچىمى ماھىيەتلىك ھالدا يورۇتۇپ بېرىلگەن.كىشىلەرنى ئادالەت ۋە ھەققانىيەت ئۈچۈن ئۆز مەسلىكىدىن يانماسلىققا ئۈندىگەن.ئۆز پايدىسى، شەخسى غەرىزى ئۈچۈن ئىنتىلگەنلەرنىڭ ئاخىرى شەرمەندە ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقى چۈشەندۈرۈپ بېرىلگەن.② ئاق نىيەت تېكىننىڭ بۇددا ئەخلاقى ئۇنىڭ قايسى سۆز-ھەركەتلىرىدە ئىپادىلىنىدۇ؟ ــــ ئاقنىيەت تېكىننىڭ خەزىنىدىكى مال-مۈلۈكلەرنى خەلققە ئۈلەشتۈرۈپ بېرىشى، جاپاكەش ئاۋامنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن چىنتەمەنى ئەڭگۈشتىرىنى تېپىشقا ئاتلىنىشى، ئۈنچە مەرۋايىتلارنى ئىككىلەنمەي ئۇكىسىغا تاپشۇرىشى، ئۆزى يامان ئەھۋالدا قالغاندىمۇ باشقىلارغا ياردەم قىلىپ ياشىشى ،ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلغان ئىنىسىنى ئەپۇ قىلىشى قاتارلىقلار ئۇنىڭ بۇددا ئەخلاقىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.③ ئاق نىيەت تېكىننىڭ دۆلەت خەزىنىسىنى تىلەمچىلەرگە ئايىماي سەدىقە قىلىشىغا قانداق قارايسىز ؟ سىزنىڭچە ، قانداق قىلسا بولاتتى؟ ــــ ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى بۇددا ئەخلاق نۇقتىسىدىن قارىغاندا توغرا بولسىمۇ ، لېكىن ، كېڭەيتىشكە بولمايدۇ. چېكىدىن ئاشقان خەيرى-ئېھسان ھارامتاماق، تەييارتاپ،ھورۇن غۇرۇرسىز ئادەملەرنىڭ تۈركۈملەپ مەيدانغا كېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.ھەقىقەتەن سەدىقىگە لايىق ئاجىز، مېيىپ ، يېتىم ، نامراتلارغا ياردەم قىلىش كېرەك .ئاق نىيەت تېكىن ساداقەتمەن بۇددا مۇخلىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆز ئەقىدىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئەخلاق پىرىنسىپىنى جارى قىلدۇرۇپ ياشىسا بولىدۇ. ئەمما، بىز جەمىيەتنىڭ قانۇنىيىتى دۆلەتنىڭ قانۇنى ، ئەنئەنىۋى مىللى ئەقىدە-ئەخلاقىمىز بويىچە ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرىشىمىز كېرەك.
B]rdgjz*
\`n(JV
"غېرىپ ۋە سەنەم "دىن پارچە
my'nDi
1. ژانېرى: رىيالىستىك خۇسۇسىيەتكە ئېگە خەلق داستانىدىن پارچە
`0d0T~
2. ئاپتورى: خەلق
1WUSp;JMl
3. يېڭى سۆزللەرنىڭ مەنىسى:
|L
ئەلقىسسە(شۇنداق قىلىپ)،سەجدە قىلماق( باش قويماق)،سەير قىلماق(تاماشا قىلماق ،ئايلانماق )،دەرلەر (دەيدۇلەر ، ئېيتىدۇرلەر )،پىغان(نالە-پەريات،ھەسرەت،دەرت-ئەلەم)،پەيمان(قەسەم،ۋەدە)، پەيمانى توشماق(زاۋاللىققا يۈز تۇتماق،يوقىلىش گىرداۋىغا بارماق،كۈنى ئاخىرلاشماق)
W5|{A])N
4. مۇھىم مەزمۇنلىرى:
>q}3#TvP@
① سىز غېرىپنىڭ باغدادقا سۈرگۈن قىلىنىشنىڭ سەۋەبى ھەققىدە نېمىلەرنى ئويلىدىڭىز ؟ ـــ غېرىپنىڭ باغدادقا سۈرگۈن قىلىنىشىدىن شۇنى ھېس قىلىشقا بولىدۇكى، ھاياتتا كۆپ ھاللاردا زوراۋان كۈچلەر ئۆزىنىڭ مەرتىۋىسىگە تايىنىپ، ھەق-ناھەقنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ، ئاجىزلارنى بوزەك قىلىپ، ئۇلارنىڭ بەختسىزلىكى بەدىلىگە ئۆزىنىڭ رەزىل مەقسىدىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئۇرىنىدىغانلىقىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ.② غېرىپنىڭ ئانا تۇپراقتىن ئايرىلىش ئالدىدا سەنەم بىلەن دېيىشكەن گەپلىرى نېمە ئۈچۈن شېئىرى شەكىلدە بېرىلگەن؟ ـــــ ئەگەر نەسرى شەكىلدە بېرىلگەن بولسا ، ئۇنىڭ ئۈنۈمى شېئىرى شەكىلدە بېرىلگەندەك تەسىرلىك ،جانلىق، ھېسسىياتلىق چىقىشى ناتايىن.ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ شېئىرلار ناخشا قىلىپ ئېيتىشقىمۇ ناھايىتى باپ كېلىدۇ. بۇ شېئىرلار ئاھاڭغا سېلىپ ئېيتىلسا ئۇنىڭدىن ھاسىل بولىدىغان ئىستېتىك ئۈنۈم تەسەۋۋۇردىن تاشقىرى بولىدۇ.بۇنى تونۇپ يەتكەن داستانچىلار مانا مۇشۇنداق يۇقىرى ماھارەت بىلەن ۋەقەلىكنى بىر تەرەپ قىلغان. بۇنىڭدىن بىز ئۇيغۇر داستانچىلىرىنىڭ بەدىئى قۇۋۋىتىنى ھېس قىلالايمىز .③ بۇ پارچە سىيۇژىتنىڭ قايسى بۆلىكى ھېساپلىنىدۇ؟ داستاننىڭ مەركىزى ئىددىيىسى نېمە؟ ـــ بۇ پارچە پۇتۈن داستاننىڭ تۈگۈن قىسمى ھېساپلىنىدۇ. ھىقىقىي مۇھەببەتنىڭ پاكلىق ،ساداقەتمەنلىك، رازىمەنلىك ئۈستىگە قۇرۇلۇشى كېرەكلىكى ، بۇ يولدا ھەر قانداق خېيىم-خەتەر مۇشكۇلاتلارغا تىز پۈكمەسلىك لازىملىقى ـــ غېرىپ-سەنەم داستانىدىكى مەركىزى ئىددىيىدۇر.④ داستاننىڭ قۇرۇلمىسىنى تەھلىلى قىلىڭ:ــ بۇ داستان نەسرى بايانلار بىلەن شېئىرىي پارچىلارنىڭ پاراللېل يانداشتۇرىلىشىدىن تۈزۈلگەن. نەسرى بايانلار ۋەقەلىك راۋاجىنى ئىلگىرى سۈرسە، شېئىرى پارچىلار پىرسۇناژلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى يورۇتقان.④ خەلق داستانلىرى دېگەن نېمە؟ قانداق تۈرلىرى بار ؟ قانداق ئالاھىدىلىككە ئېگە؟ ــــ نەسرى بايان ۋە نەزمى تەسۋىرلەر ئارقىلىق مول ئىجتىمائىي تۇرمۇش مەزمۇنىنى ئىپادە قىلىپ بېرىدىغان يىرىك ھەجىمدىكى سىيۇژىتلىق ئەسەرلەر خەلق داستانلىرى دىيىلىدۇ.ئۇ مۇھەببەت داستانلىرى، قەھرىمانلىق داستانلىرى ، تارىخى داستانلار ۋە دىنى داستانلار دەپ تۆت تۈرلۈك بولىدۇ. ئالاھىدىلىكى: 1) نەسىر بىلەن نەزىمنىڭ بىرلەشمىسىدىن تۈزىلىدۇ. 2) ئۇيغۇر خەلق داستانلىرىنىڭ كۆپىنچىسى خەلقارا سىيۇژىتلار ئاساسىدا يارىتىلغان. 3) ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى مول ۋە رەڭگارەڭ ئاھاڭ-كۈيلەرگە ئېگە.4) ئۇيغۇر خەلق داستانلىرىنىڭ تارىخى ئۇزۇن، مەزمۇنى مولدۇر.
CmU@8-1
1c$pz:$vX
pH' Tx>
تۈزگۈچى : مەمتىمىن ياسىن
N.|F8b]v
2013-يىل 1-ئاينىڭ 4-كۈنى
zteu{0
rZUTBLZ`j
ablat0997
2013-03-06 17:52
ناھايىتى كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈپسىز،پايدىلانغۇچىلار سىزدىن چوقۇم كۆپ مىننەتدار بولىدۇ .ئەجرىڭىزگە رەھمەت!
لالىگۈل
2013-03-16 12:15
ناھايىتى ياخشى تەييارلاپسىز.. ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت
داۋامىغا ئىنتىزارمىز
مەلىكەبېلقىس
2013-03-16 22:57
كۆپ ئەجىر قىلپسىز ،ئەجرىڭىزدىن گۈللەر ئۈنسۈن،مەنمۇ مەرىپەت بېغىدىكى بىر باغۋەن بولۇش سۈپتۇم بىلەن نەپ ئالدىم .كۆچەتلەرگە بەخىش ئېتەي ...
تەشنا005
2013-03-18 00:32
ناھايىتى ياخشى تەييارلاپسىز.. ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت.
tawpek
2013-04-13 02:42
مۇنبىرىمىز ئەزاسى مەمتىمىن ياسىننىڭ ئىدى، مۇنبەر كۆچۆش جەريانىدا يۆتكەپ قويغانتىم.
gulhan
2013-04-13 02:48
ئەجىر قىلغانلارغا كۆپ رەھمەت.
"`M~=RiI
بۇ ھەقىيقەتەن خالىس ئەمگەك بوپتۇ.
a;[\ nCK
تەۋپىقداشلارنىڭ ئەڭ سۈيۈملۈك يېرى دەل مىنەتسىزلىكىدە!!!
tawpek
2013-04-13 02:50
9- يىللىقتىكىلەرگە تەييار تاماق .
|47t+[b
;? u cC@
=mLp g4
8- يىللىقنىڭمۇ بولسىچۇ.
نۇرسىمانگۇل
2013-04-13 12:16
ناھايىتى ياخشى تەييارلاپسىز.. ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت
tawpek
2013-04-15 02:28
بولسا ھەممە دەرىسنىڭ مۇشۇنداق بولسا نىمىدىگەن ياخشى بولاتتى ھە!
زۈبەيدە
2013-04-15 11:01
جاپا چىكىپسىز! رەھمەت !
nadiraay
2013-04-15 13:28
رەھىمەت ، مەن ئاللىقاچان پايدىلىنىشنى باشلىۋەتتىم.
مەرىپەت0999
2013-04-15 16:53
ئەجرىڭلارغا مىڭلارچە تەشەككۈر!!
tawpek
2013-04-16 00:38
دەرىسلىك كىتاپ ئۆزگەرسە مۇشۇنداق ئىسىل پايدىلانمىللىرىمىزنىڭمۇ كۇرسى چۈشۈپ كىتەرمۇ ئەمدى.
ئەكبەرنىياز
2013-10-11 22:55
ھەقىقەتەن كۆپ ئەجىر سىڭىپتۇ ، كۆپ رەھمەت !!!
tawpek
2013-11-04 16:56
مەن بۇ مەزمۇنلارنى بىر بەتتىن قىلىپ لاھىيلەپ تەكراردىكى ئوقوغۇچىلارنىڭ يادلىشى ئۈچۈن چىقىرىپ بەردىم.
O>2i)M-h9x
6t`cY
ھەمدە پارچىلاپ مۇنبەرگىمۇ يوللاپ ماڭدىم.
nadiraay
2013-12-25 14:43
كۆپ رەھمەت. ئۆز ۋاقتىدا مەنمۇ بۇ ماتىرىياللاردىن ناھايتى ياخشى پايدىلانغان ئىدىم.
پاراسەت
2014-01-09 12:22
ۋاي جاپاكەش مۇئەللىم،ئەجرىڭىزگە بارىكاللا!
查看完整版本: [--
9-يىللىق 2-مەۋسۇم تىل-ئەدەبىيات مەزمۇنلىرى(لىللا نونى)
--] [--
top
--]
Powered by
phpwind
v8.7
Code ©2003-2011
phpwind
Gzip enabled