tawpek |
2013-03-03 22:28 |
پۇرسەت(يار130)
پۇرسەت ھەر قانداق ئادەمگە كېلىدۇ.ئەمما،ئۇنى چىڭ تۇتالايدىغانلار كۆپ بولمايدۇ.ئادەتتە پۇرسەتنى كۈتۈپ ياشايدىغانلارنىڭ پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ.بۇنىڭدىكى تۈپ سەۋەب،ئۇلاردا باشقىلارغا يېتىشىۋېلىشقا بولغان ئۈمىدنىڭ يوقلىقىدۇر.دۇنيادا مەڭگۈ قولدىن كېتىپ قالغان پۇرسەت بولمايدۇ،ئۇ يەنە كېلىدۇ،بەلكىم بۇرۇنقىدەك ياخشى ھالەتتە كەلمىسىمۇ ھامان كېلىدۇ.ھەر بىر ئادەمگە بىر قېتىملىق ئۆمۈر بېرىلگەن،رىقابەت بىر ئۆمۈرلۈك بولىدۇ،ھامان يېتىشىۋالىسىز،ئۇنىڭدىكى ئالدىنقى شەرت بىكار تۇرماڭ،تىرىشىڭ،ئىزدىنىڭ،ئۆزىڭىزنىڭ ياشلىق باھارىڭىزنى ھەرگىز بىھۇدە ئىسراپ قىلىۋەتمەڭ.باشقىلار چەتئەل تىلى بىلىدۇ،تىرىشچانلىق كۆرسەتسىڭىز سىزمۇ بىلىسىز،ھەتتا ئۇلاردىنمۇ ئېشىپ كېتەلەيسىز.باشقىلار پۇل تېپىۋاتىدۇ سىزدىن باي.ئەمما،بۇ سىزنىڭ مەڭگۈ نامرات ئۆتىدىغانلىقىڭىزنى كۆرسەتمەيدۇ.‹‹قىزىل چىراغ››ئوپىراسىدا ‹‹نامراتلارنىڭ بالىلىرى بالدۇر ئىشقا يارايدۇ››دېگەن گەپ بار.شۇڭا ئاۋۋال ئۆزىڭىزدە ئشەنچ ۋە تىنىمسىز ئىزدىنىش روھى بولۇشى كېرەك.يۈگۈرۈشكە ئاتلىنىش سىزىقى مۇھىم ئەمەس،مۇھىمى توختاپ قالماسلىق. [(]uin+9Q ئەلۋەتتە،باشقلار ئاللىقاچان يولغا چىقىپ بولغان،سىزدىن ئۇزاقلاپ كەتكەن،شۇنداقتىمۇ سىز چامىڭىزنىڭ يېتىشىچە ئىلگىرلەش سۈرئىتىنى قولدىن بېرىپ قويماڭ،دۇنيادا يەتكىلى بولمايدىغان مەنزىل يوق،ئەتراپىڭىزغا قاراپ بېقىڭ ، ھېچبىر قىردىن ئاشالماي يۈرگەندەك قىلغان تەڭتۇشلىرىڭىزنىڭ بوش ۋاقىتلىرىدا بىلىمىنى ئاشۇرۇپ،سىز يېتىشكۈسىز مۇساپىگە ئۇزاپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىسىز.مانا بۇ ئىزچىل ئىلگىرلەشنىڭ جاپالىق تىرىشىشنىڭ مەھسۇلى. (tys7og$' شۇنداقمۇ ياشلىرىمىز باركى،بۇلار بىكار تەلەپلىكنىڭ سەۋەبىنى ئۆزىدىن كۆرمەيدۇ،ھېچنىمىنى ياراتماسلىقنى ئەقىلىقللىق ھېسابلىشىۋېلىشىپ ۋاقىتنى،تىرىشچانلىقنى ھەم پۇرسەت يارىتىشنىڭ ھەممىسىنى ئىنكار قىلىپ،غايىۋى پۇرسەتلەرنى كۈتىدۇ.نەتىجىدە قانداقلارچە قۇرۇتتەك يارامسىز گېپى يوغان بولسىمۇ ئەمەلىيىتى يوق،جەمئىيەتكە يۈك ئادەم بولۇپ قالغانلىقىنى بىلمەي قالىدۇ.يەنە بەزى ياشلىرىمىز ئەمەلىي ھەرىكەتلەردىن كۆرە پىلانلىرىنى كۆز-كۆز قىلىش بىلەن ئاۋارە يۈرىيدۇ.قىلمىغان ۋە قىلالمىغان ئىشلارنىڭ داۋرىڭىنى قىلىش ئاجىزلىقتۇر.ئىقتىدارلىقلار قىلغان ئىشلىرى بىلەن ئىقتىدارسىزلار قىلماقچى بولغانلىرى بىلەن ماختىنىدۇ. *&!&Y*Jzg شۇڭا،ھەر قانداق ئادەمدە ھەممىدىن مۇھىمى ئۆگىنىش ئىقتىدارى بولۇشى كېرەك.ھازىر بىلىم ناھايىتى تېز يېڭىلىنىۋاتقان ۋە ئۆگخنىشكە تېگىشلىك بىلىملەر ئىنتايىن كۆپ بولغان بۇ زاماندا سىزنىڭ بىلمىگىنىڭىز ئەيىب ئەمەس،ئەيىب بىلمىگىنىڭىزنى بىلىۋېلىش ئۈچۈن تىرىشمىغانلىقىڭىزدا.ئۆز ۋەزىپە،مەجبۇرىيىتىڭىزنى ئادا قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغان بىلىم ۋە تېخنىكا ئۆتكىلىنى تېز ھەل قىلالمىغانلىقىڭىزدا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
5@+4>[tw
|
|