tawpek |
2013-03-03 21:44 |
يېڭى قاتناش قائىدىلىرى، شوپۇرلار چوقۇم كورۇڭ!(ئاقلالە)
2013-يىلى 1- ئايدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغان يېڭى قاتناش قائىدىلىرى: 1.قىزىل چىراقنى بۆسۈپ ئۆتسە ، 6 نۇمۇر تارتىلىدۇ، 100 يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. 2.ھاراق ئىچىپ مشىنا ھەيدىسە، 12 نۇمۇر تارتىلىدۇ، 5 يىل ئىچىدە قايتا پىراۋا بېرىلمەيدۇ. 3.شوپۇر بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقىمىسا ،3 نۇمۇر تارتىلىدۇ، 100يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. 4.شوپۇرنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ئادەم بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقىمىسا ، 1 نۇمۇر تارتىلىدۇ، 50 يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. 5. ماشىنا ھەيدەۋېتىپ، تېلىفۇندا سۆزلەشسە، 3 نۇمۇر تارتىلىدۇ، 100 يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. 6.ماشىنا ھەيدەۋېتىپ، تاماكا چەكسە، 1 نۇمۇر تارتىلىدۇ، 100يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. 7.قەستەن ماشىنا تاختىيىنى توسۇۋالسا ، 12 نۇمۇر تارتىلىدۇ، ئەڭ يۇقىرى چەكتە جەرىمانە قويۇلىدۇ. 8.سۇرئەتتىن ئاشۇرۇپ ماشىنا ھەيدىسە ، 6 نۇمۇر تارتىلىدۇ. 9.شوپۇرنىڭ يېنىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغانلارنىڭ يېشى 14 ياشتىن كىچىك بولسا، 6 نۇمۇر تارتىلىدۇ،300 يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. مەن بىلگەنلىرىمنى يوللاپ قويدۇم، ماشىنا ھەيدىگۈچىىلەرنىڭ بۇ قائىدىلەرگە دىققەت قىلىپ، ئورۇنسىز زىياندىن ساقلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.( 9-تۈرگە دىققەت قىلىڭ. ) |
|