ozqan |
2013-03-01 10:57 |
ئۆزقان نېمە دەيدۇ ؟ (4)
ئۆزقان نېمە دەيدۇ ؟ (4) C-?!S u@
3y&b مەن ئورۇق ، سەن سېمىز ۋە سەن ئورۇق مەن سېمىز w%zRH
f8C 8_!.!Kde | ھەر بىر خىزمەت ئورنىدا بىلىپ بىلمەي ، ۋە ياكى قان-قېنىمىزغا سىڭىپ كەتكەن ، شەخسىيەتچىلىكنىڭ تەسىرى بىلەن « مەن ئورۇق سەن سېمىز ، سايلام جەريانىدا بولسا ، سەن ئورۇق مەن سېمىز » دەيدىغان ناخشىغا ئۇسۇل ئويناپ يۈرگىنىمىزنى ھېس قىلىمىز ... 99EXo+g سەن دەرسنى ياخشى ئۆتىسەن ، بۇ ئوچۇق دەرسنى گورۇپپىغا ۋاكالەتەن سەنلا ئۆتكىنە ... ,]5Ic.};p سېنىڭ خېتىڭ چىرايلىق ، بۇ قېتىمقى دەرس تەييارلىق دەپتىرىنى ئۈلگە ئېلىپ تەكشۈرۈشتە سېنىڭ دەپتىرىڭنىلا كۆرسىتەيلى ... >Ng)k]G سەن سىنپنى ياخشى تۇتۇسەنغۇ ، ئاڭلىسام بۇ سىنىپنى سەن بىلەن ئىككىمىزىن بىرىمىزگە تۇتقۇزارمىش ، سەنلا تۇتۇپ كەتمەمسەن ، ئويۇننىڭ ئورنىدا تۇتۇپ كېتەتتىڭ ، مەنلا تۇتاي دېگىنە بۇ سىنپنى ... Y[SU&LM بۇ پائالىيەتتە رىياسەتچىلىكنى سەنلا قىلغىن ، ئۆزۈڭمۇ بۇنداق ئىشنى كۆپ قىلىپ پىشىلىپ كەتتىڭ ، باشقىلىرىمىز سەنچىلىك قىلالمايمىز ... 4"=Vq5 مانا بۇلار خىزمەت جەريانىدىكى « مەن ئورۇق ، سەن سېمىز» غا مىسال ... `O6:t\d@ ئەمما ، يىل ئاخىرىدا قارىساڭ ، مەيلى قايسىلا جەھەتتىن بولسۇن ئەينى ۋاقىتتا سېنى سەن سېمىز ، سەن ھەممىگە قابىل دېگەنلەر يەنە « سەن ئورۇق ، مەن سېمىز » دەۋاتقان ھەم دېيەلەۋاتقان ... 7P7b8] ئىنسان دېگەن ماختاشقا ، رىغبەتلەندۈرۈشكە ھاۋاغا ، سۇغا مۇھتاج بولغاندەك مۇھتاج بولسا كېرەك ، بەزىلەرنىڭ مانا مۇشۇ ئىشلار سەۋەبلىك خىزمەتتىن ، خىزمەتداشلىرىدىن ، رەھبەرلەردىن رايى يېنىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز ، يەنە بەزىلەرنىڭ بولسا ، خۇددى ئىشلەشكىلا يارالغاندەك ، خۇددى ئۇ ھەقىقەتەن كىتابلاردا دېيىلىۋاتقان ئوت چۆپ يەپ ، ئاق سۈت بېرىدىغان ، ھېچقانداق نەرسىدىن تاماسى يوقتەك تىنىم تاپماي ئىشلەيدىغان كالىدەك روھ ، باشقىلارنى يۇقىرى ئۆرلىتىپ ئۆزى يەنە شۇ ئورنىدا قەھرىتان سوغۇق ۋە پىژغىرىم ئسسىقتا مەردانە تۇرىدىغان قورام تاشتەك بەردەملىك بىلەن ئىشلەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرىمىز ... ئۇلارغا ھەم قايىل بولماي تۇرالمايمىز ... ueG|*[ ئەمما ، مەن ئويلايمەن ، ھەققانىيلىق ، ئاق-قارىنىڭ ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كەتمەسلىكى ، ئەتراپىدىكى ئىشلارنى كۆزىنى قىسۋالماي توغرا كۆرەلەيدىغان ، كىشلەرگە باھا بېرىشتىمۇ يۈرىكىنى تۇتۇپ بېقىپراق ، زادى خىزمەت جەريانىدا كىم ھەقىقىي سېمىز بولدى، كىملەر ھەقىقىي شەرەپكە ئەڭ مۇۋاپىق ، دېگەنلەرنى ئويلىيالايدىغان كولىكتىپقا ، ئەمەلىي ساپاغا ئىگە بولۇش بەكلا مۇھىم ... 6>
{r6ixs1 سەمىمىيلىك ، ھەققانىيلىق ئەنقانىڭ تۇخۇمىغا ئايلىنىپ قالسا ، شەخسىيەتچىلىك « مەن مەركەزچىلىكى » ساختا مالدەك يامراپ كەتسە ، بۇ جەمئىيىتىمىزدىن كۈتىدىغانلىرىمىز ، بالىلىرىمىزدىن كۈتىدىغانلىرىمىز بىزدىن بارغانچە يىراقلاپ كېتەرمۇ ؟ ! /hv#CB>1x ئەنە ئالتۇن يەنە ئالتۇن ، چولپان يەنە چولپان ... ئۇ توپا ئارىسىدىمۇ ، زولمەت قوينىدىمۇ ئۆز جۇلاسىنى يوقاتمايدۇ ... ھەقىقەت ئىگىلىدۇ ، سۇنمايدۇ ... Pgp {$ID Cz^Q5F` AAUyy
:
|
|