مۇئەللىم (مەمتېلى تەۋپىق )
مۇئەللىم
زۇلمەت قاراڭغۇغا ئوت ياققۇچى مۇئەللىم ، قارغىش تەككۈر دۈشمەنگە ئوق ئاتقۇچى مۇئەللىم . زۇلۇم بۈگۈن ئىس كەبى تاراپ بۈگۈن ئانا تۇپراققا ، قالدى خەلقىم زۇلمەتتە ئازاپ بىلەن پىراقتا . ھەرجايغا مەن قارىسام ئاچچىق ئەلەم نالە - زار ، تېپىلمىغان زېمىندە بۇ خەلقىمگە غەمگۈزار . ئىس - تۈتەكنىڭ ئىچىدە قالدى خەلقىم بىگۇمان ، ھېچبىر خوۋلۇق بەرمىدى ئۆز يېرىمىز بۇ زامان . ساۋاتسىزلىق، يۇرتۋازلىق بۇزدى بىزنى - سەپداشنى ، بىلەلمىدۇق ئادەمدەك بۇ تۇپراقتا ياشاشنى . ھەرقەدەمدە ھەرجايدا كېرەك بىزگە مۇئەللىم ، قۇتۇلايلى زۇلمەتتىن ئېلىپ ئۇندىن زور بىلىم . مەمتېلى تەۋپىق 1935 - يىلى قەشقەر |