查看完整版本: [-- ئۇيغۇر تىلىدىن لېكسىيە(ئۆمەر ھەسەن)(ئۆزقان) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئۇيغۇرتىلى بىلىملىرى -> ئۇيغۇر تىلىدىن لېكسىيە(ئۆمەر ھەسەن)(ئۆزقان) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tawpek 2013-02-25 13:29

ئۇيغۇر تىلىدىن لېكسىيە(ئۆمەر ھەسەن)(ئۆزقان)

[tz u;/  
    2012-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ تەتقىقات مەركىزىدىن ھامۇتجان ھېكىم مۇئەللىمنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئۈرۈمچىدىكى تولۇق ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرىدىكى تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ، شۇنداقلا ،  پىچان ناھىيەسىدىن كەلگەن بىر قىسىم ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى  مائارىپ تەتقىقات مەركىزىگە جەم بولۇپ ،  بىر نەچچە يىللار جەريانىدا  ئۇيغۇر تىلى جەھەتتىكى بىرلىككە كەلمەيۋاتقان بەزى مەسىلىلەر ھەققىدە ئىزدىنىپ كېلىۋاتقان ئۈرۈمچى شەھەرلىك 61-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئۆمەر ھەسەن مۇئەللىمنىڭ لېكسىيەسىگە داخىل بولدۇق . K?JV ]^  
تۆۋەندە مەن بۇ  لېكسىيەنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىدىن تەۋپىقداشلارنى خەۋەردار قىلىش ئارقىلىق بۇ جەھەتتىكى بەزى مەسىلەرگە كۆپچىلىكنى ئورتاقلاشتۇرماقچى : @Rf^P(  
IE}Sdeqi)  
1. ئارا سوزۇق تاۋۇش « ئې » قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدا يوق ئىدى، بۇ تاۋۇش ئۇيغۇر تىلىدا تاۋشلارنىڭ ئاجىزلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن چاغلاردىن باشلاپ ، جۈملىدىن ، ناۋايى دەۋرلىرىدىن باشلاپ بارلىققا كەلگەن بولۇشى مۇمكىن . مەڭگۈ تاش ئەدەبىي يادىركارلىقلىرىغا قارايدىغان بولساقمۇ « ئې » تاۋۇشىنى ئۇچراتمايمىز . مەڭگۈ تاشلاردا «ئى» تاۋۇشىنىڭ ئىككى خىل تەلەپپۇزدىكى شەكلىنى ئۇچرىتىمىز . يەنى تىل ئارقىغا ۋە تىل ئالدىغا مايىل تەلەپپۇز قىلىنىدىغان ئىككى خىل شەكلى . Qqh^E_O  
يەنى ، دەرسلىك كىتابتا ئېيتىلغىنىدەك ، تەركىبىدە « ئې ، ئى » سوزۇق تاۋۇشىلا بولغان سۆزلەرگە قوشۇمچە قوشۇش توغرا كەلگەندە ، شۇ سۆز تەركىبىدىكى ئۈزۈك تاۋۇش « گ ، ك » لارنىڭ بار يوقلىغا قارايمىز، بۇ ئىككى تاۋۇشتىن بىرسى بار  بولسا ، قوشۇمچە قوشقاندا بۇ سۆزلەرگە تىل ئالدى سوزۇق تاۋشۇلۇق قوشۇمچە قوشۇلدۇ ، ئەگەر « گ ، ك » لار بولمىسا ، قوشۇمچىنىڭ تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلۇق شەكلى ئۇلىنىدۇ . مەسىلەن : w?i)/q  
ئېگىزلىك ، ئېگىزلىكلەر ، ئېگىزدە ، ئېگىزگە . K,]woNxaw  
مىنىستىرلىق ، مىنىستىلىقتا ، مىنىستىرلىققا b=QGbFf  
تىل ئارا سوزۇق تاۋۇشلار تىل  ئالدى سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن بىرگە كەلسە تىل ئالدىغا مايىل ، تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن بىرگە كەلسە تىل ئارقىغا مايىل تەلەپپۇز قىلىنىدۇ . « تىل ئارا سوزۇق تاۋۇش » دېگەنلىك ھەرگىز تىلنىڭ ئوتتۇرسىدىن چىقىرىپ تەلەپپۇز قىلىدىغان تاۋۇش دېگەنلىك ئەمەس ، تىل ئارا سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشىنى تەھلىل قىلغاندا ، ئالدىدىكى بوغۇمدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ تىل ئارقا ياكى تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇش ئىكەنلىكىگە قارايمىز ، ھەم تىل ئارا سوزۇق تاۋۇشلارنى شۇ خىل شەكىل بويىچە تىل ئورنى جەھەتتىن ماسلىشىپ كەلدى دەپ قارايمىز .  مەسىلەن : ئەگ+ىم =ئەگىم ( تىل ئالدى جەھەتتىن ماسلاشتى ) /&!d  
C=_-p"O#  
2. ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشىنى تەھلىل قىلغاندا ، بىر مۇھىم شەرتكە يەنى : قوشۇلغان قوشۇمچىنىڭ ئۈزۈك تاۋۇشنىڭ ماسلىشىشى جەھەتتىن تاللاپ قوشۇلۇش ئىمكانىيىتى بولغان ئىككى خىل ۋاريانتلىق قوشۇمچە بولۇش كېرەكلىكىدىن ئىبارەت شەرتكە چوقۇم چۈشىشى كېرەك .يەنى ، ئېنىقراق قىلىپ ئېيتساق ، « د ، ت ، غ ، ق ، گ ، ك » لار بىلەن باشلانغان قوشۇمچە قوشۇلغان سۆزلەردە ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ . !9 
جاراڭلىق ھەم جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغان ئىككى خىل ۋاريانتى بولمىغان  قوشۇمچىلار سۆزلەرگە ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنىيىتى بويىچە قوشۇلمايدۇ . مەسىلەن : نى ، نىڭ ، ما ، مە ، لار ، لەر ، سا ،سە قوشۇمچىلىر سۆزلەرگە ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنىيىتى بويىچە قوشۇلمايدۇ . جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان سۆزگىمۇ جارڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشقان سۆزگىمۇ قوشۇلىۋېرىدۇ . شۇڭا ، بۇلاردا ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلمەيدۇ . NUNn[c  
i6ypx  
3.  سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىش ئەھۋالى قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدا يوق ئىدى . بۇ  كېيىن بارلىققا كەلگەن ئەھۋال . يېڭى ئىملا قائىدىسىدە « يە » بىلەن ئاياقلاشقان سۆزلەرنى ئاجىزلاشتۇرمايدىكەنمىز ، بۇ ياخشى ئۆزگەرتىش بوپتۇ \gz wsT2&  
-S3+ h$Y8  
4 . شەكلىداش سۆزلەرنى ئايرىشتا سۆزنىڭ تومۇرىغا قارايمىز ، تۈرلەنگەن ياكى ياسالغان سۆز بىلەن تۈپ ھالەتتىكى سۆزنى شەكىلداش سۆز دەپ ئايرىشقا بولمايدۇ .مەسىلەن : يېڭى [چاپىنىمنىڭ يېڭى يىرتىلىپ كەتتى . ئالدىنقى ئەسىردە ئۇ نادىر بىر ئەسىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى . Z2j*%/  
I/b8  
5 . ئەسلى ۋە كۆچمە مەنىلىك سۆزلەرنى ئايرىشتا ئىككىسى ئوتتۇرسىدىكى ماھىيەتلىك باغلىنىشنىڭ بار يوقلىقىغا قارايمىز . بەزىلەر ماۋۇ ئىككى سۆز شەكىلداشمۇ دەپ سوراپتۇ : 7 KdM>1!  
سىر ( بوياق ) ، سىر ( مەخـپىيەتلىك ) 6p6Tse]  
مەنچە بۇلار ئەسلى كۆچمە مەنىدىكى سۆز ئەمەس ، شەكىلداش سۆز g*c\'~f;  
بۇ ئىككى سۆزنى لۇغەتتىمۇ ئايرىم -ئايرىم ئىككى سۆز شەكىلدە تەھلىل قىلغان . بىر ئەسلى مەنىدىن كېلىپ چىققان كۆچمە مەنىلىك سۆز بولسا بۇنداق چۈشەندۈرۈلمەيتتى . %iS]+Sa.K  
R6$F<;nw  
6 . ئاساسىي ۋە ئادەتتىكى لۇغەت تەركىبىگە تەۋە سۆزلەرنى پەرقلەندۈرۈشتە مۇتلەق بىر ئۆلچەم يوق . )W6- h  
تىلىمىزدىكى ئادەتتىكى لۇغەت تەركىبىگە تەۋە سۆزلەرنىڭ سانى ئاساسىي لۇغەت تەركىبىگە كىرىدىغان سۆزلەرنىڭ سانىدىن ھەسسىلەپ كۆپ بولىدۇ . hYv 6-5_  
jv=f@:[`I  
7 . تۈپ سۆزلەر مەنلىك بۆلەككە بۆلۈنمەيدىغان سۆزلەرنىلا كورسىتىدۇ ، شۇڭا ، مېنىڭچە ، تۈرلىگۈچى قوشۇمچىلار قوشۇلغان سۆزلەرنى تۈرلەنگەن سۆز دەپ ئاتىغان مۇۋاپىق . Tocdh.H|  
p{svXP K  
8. بەزى ھەم سۆز ياسايدىغان ھەم سۆز تۈرلەيدىغان قوشۇمچىلار شەكىلداش قوشۇمچىلاردۇر:   P:-/3  
مەسىلەن : بىرىنچى شەخس بىرلىك قوشۇمچىسى « م ، ىم  » لەر تۈرلىگۈچى قوشۇمچە « چىمدى +م = چىمدىم ، بىل+ىم = بىلىم » دېگەن سۆزلەردىكى قوشۇمچە بولسا ياسىغۇچى قوشۇمچە . ;xtb2c8HT  
« ش ، ىش ، ۇش ، ۈش » قوشۇمچىلىرى بولسا ، ئىسىمداش قوشۇمچىسى ، ئۆملۈك دەرىجە قوشۇمچىسى ، بۇيرۇق پېئىل قوشۇمچىسى   مەسىلەن :   BOQV X&g%  
خەت يېزىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا كۆڭلۈمنى ئىپادىلىدىم .   -XIvj'u  
سەنلەر ۋەدىنامىنى دەرھال يېزىش . ( بۇيرۇق راينىڭ سەتلىمە تۈرى )   G /3lX^Z>  
« غا ، قا ، گە ، كە » لەر كېلىش قوشۇمچىسى يەنى ، تۈرلىگۈچى قوشۇمچە بولۇپ ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا ياسىغۇچى قوشۇمچە بولىدۇ : كۈل+كە =كۈلكە ، ئورۇن+دا = ئورۇندا   Jd2Y)  
يۇقىرقىلار ئوخشاش بىر خىل قوشۇمچە بولماستىن شەكىلداش قوشۇمچىلاردۇر .   5qfKV&D  
oqHm:u ^2  
9.  « بار ، يوق ، لازىم ، كېرەك » قاتارلىق سۆزلەر سۈپەتكە تەۋە ، پېئىلغا تەۋە ئەمەس .   *"sDaN0@R  
چۈنكى پېئىل بولۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى شەرتلەر ئادا بولۇشى كېرەك : 1) تۈپ ھالىتىدە بۇيرۇق مەنىسىنى ئىپادىلىيەلىشى كېرەك .   Pc4c Sw#5  
2) تۈپ ھالىتىدە 2-شەخسنى ئىپادىلىيەلىشى كېرەك.   ^K8a#-  
3) ئىسىمداش ، سۈپەتداش ، رەۋىشداشقا ئايلاندۇرغىلى بولۇشى كېرەك .   ~EkGG .  
باشقا ھەرقانداق پېئىلدا مانا مۇشۇ خىل ئەھۋال مەۋجۇت .   pcTX Ty 28  
10 ) « خۇددى » دېگەن سۆز رەۋىشكە تەۋە . قۇيۇپ قويغاندەك ، بەئەينى دېگەن سۆزلەر بىلەن ئوخشاش .   ,;pX.Ob U  
V="f)'S$  
11) « ئا ، ئە ، ي » رەۋىشداش قوشۇمچىسى . بۇيرۇق راي قوشۇمچىسى بىلەن شەكىلداش قوشۇمچە .   vm}.gQ  
ماڭا -ماڭا ، كۆرە -كۆرە ، سۆزلىمەي-سۆزلىمەي  ( رەۋىشداشنىڭ بۇ خىل شەكلى جۈپ سۆز شەكىلدە كېلىدۇ . )   ibUPd."W  
   U I|@5:J  
12 . مۇرەككەپ جۈملىنى مەزمۇن جەھەتتە تۈرگە بۆلۈشكە بولمايدۇ ، بۆلۈش توغرا كەلسە ھەر بىر ئاددىي جۈملىسىنى ئايرىم -ئايرىم سوراپ بۆلدۈرۈش كېرەك .     pFRnPOv  
Eakjsk  
ئۆمەر ھەسەن مۇئەللىمنىڭ بايانلىرىنى ئۆز خاتىرەمگە ئاساسەن يوللىغان بولغاچ بەزى خاتالىقلاردىن ساقلىنالمىغان بولۇشۇم مۇمكىن ، ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا ، كۆپچىلىك  يەنە ئورتاقلاشساق بولىدۇ .   Y,}43a0A  
ئاخىرىدا  شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋىرستىتىدىكى ئابدۇرېھىم مۇئەللىمنىڭ كۆپچىلىكنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەن ۋاقتىدىكى بىر مەسىلىنىمۇ يوللاپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇ :   GhA~PjZS  
سوئال : جۈملىدىكى سۆزلەرنىڭ باغلىنىشىنى سۆزلىگەندە يانداش باغلىنىشتا چوقۇم ئارقىمۇ-ئارقا كەلگەن سۆزلەرنىلا ئايرىشىمىز كېرەكمۇ ياكى باشقا جايدىكى سۆزلەرنىمۇ قوشۇپ ئايرىشقا بولامدۇ ؟   vGp@YABM  
جاۋاب : چوقۇم ئالدى كەينى باغلىنىپ كېلىشى شەرت ئەمەس ، مەسىلەن :   ]r5Xp#q2  
بىز ئۈرۈمچىگە تۆنۈگۈن كەلدۇق .  تۆنۈگۈن بىز ئۈرۈمچىگە كەلدۇق .   b?L43t,  
يۇقىرقى ھەر ئىككىلا جۈملىدە  « تۆنۈگۈن » بىلەن « كەلدۇق » دېگەن ئىككى سۆزنىڭ مۇناسىۋېتى ياندىشىش باغلىنىشقا تەۋە بولىۋېرىدۇ .   uRhH_c-6C  
')~HOCBSE  
ئاخىرىدا ،  لېكسىيەگە قاتناشقان ئوقۇتقۇچىلار نامىدىن ۋە شۇنداقلا تەۋپىق تور بېتىدىكى مۇنبەرداشلار نامىدىن ئۆمەر ھەسەن مۇئەللىمگە ، ئابدۇرېھىم مۇئەللىمگە ، پالىيەتتە نادىر شېئىرلىرى بىلەن بىزنى ھەيرەتتە قالدۇرغان شائىر ئابدۇرېھىم ئابدۇللاغا ( دەرسلىكىمىزگە ئۇنىڭ  « ئېخ ، ئاتىلار »  ،  « دىكابىردا ئۆرۈك گۈللەپتۇ » قاتارلىق شېرلىرى كىرگۈزۈلگەن )  شۇنداقلا ، بىزنى بۇ پائالىيەتكە تەشكىللىگەن ھامۇتجان مۇئەللىملەرگە رەخمەت ئېيتىمەن .   YP97D n  

tawpek 2013-02-25 13:30
ناھايىتى ئەھمىيەتلىك يىغىلىش بوپتۇ ، ئۆزقان مۇئەللىمنىڭ ئەجرىگە كۆپ رەھمەت !!! «مىنستىرلىك» دەمدۇق ياكى « مىنىستىرلىق » دەمدۇق ؟

tawpek 2013-02-25 13:30
ئۆزقان مۇئەللىمنىڭ  ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ تەۋپىقداشلارغا بۇ سوۋغاتنى سۇنغىنىغا كۆپ رەھمەت.   2Z |kf9  
  مەن شۇ قىتىمقى يىغىلىشتىن كىيىن تىل- ئەدەبىيات ئۇقۇتقۇچىلىرىنىڭ زىمىسىدىكى مەسئولىيەتنى تىخىمۇ چوڭقۇ ر چۈشەندىم. شۇنداقلا ئۆزىنى كەسىپكە بېغىشلىغان سىز ۋە  ئۈمەر ھەسەن مۇئەللىم ...لاردەك  تەتقىقاتچى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ روھىدىن تەسىرلەندىم.   سىلەرگە سالامەتلىك تىلەيمەن.

tawpek 2013-02-25 13:31
ماتىرىيالىڭىزنىڭ داۋامىغا تەشنامىز .

tawpek 2013-02-25 13:31
ئەجرىڭىزگە بارىكاللا! تولىمۇ ياخشى ئىش قىپسىز.ياخشىلارغا ناخشىلارمۇ كۆپ بولسۇن!

tawpek 2013-02-25 13:32
« مىنىستىرلىق » دەيدىكەنمىز ئەكبەر مۇئەللىم،ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىززاھلىق لۇغىتى 1090-بەتكە قاراڭ.

tawpek 2013-02-25 13:32
ئۆمەر ھەسەن مۇئەللىم ئۆزى مۇنبەرگە  كىرىپ ، بىز بىلەن پىكىرلەشكەن بولسا بەك ياخشى بولاتتى ...

tawpek 2013-02-25 13:32
ئۆزقان مۇئەللىم،  بىزدەك قاتنىشالمىغان ئوقۇتقۇچىلارنى ئويلاپ، جاپا چەكسىڭىزمۇ ئۆگىنىشتىكى مۇھىم مەزمۇنلارنى مۇنبەرگە يوللاپسىز. سىزگە كۆپ رەھمەت . خاتىرىڭىزدىكى بۇ مەزمۇنلارنى كۆرۇپ بىزمۇ قاتناشقاندەك تەسىراتقا كەلدىم. سىزگە يەنە بىر قېتىم رەخمەت ئېيتىمەن.   m? hX=  
سىز ھەقىقەتەن مەسئۇليەتچان، ئەستادىل ئوقۇتقۇچى. گەرچە ئاشۇ ئوگىنىشكە باشقىلار قاتناشسىمۇ، بىر ۋاراق خەت يازماي، نەگە باردىڭ، مۇھاكىمە يىغىنىغا دەپ قايتىپ كېلىدىغانلارمۇ يوق ئەمەس...

tawpek 2013-02-25 13:33
مۇنبەرنىڭ ئەۋزەللىكى مانا مۇشۇ يەردە، گەرچە بىز لېكسىيەگە قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئىرىشەلمىگەن بولساقمۇ، ئەمما بىز مۇنبەر ئارقىلىق لېكسىيەنىڭ نىگىزلىك مەزمۇنلىرىدىن خەۋەردار بولدۇق، ئۆزقاننىڭ ئەجرىگە رەھمەت!

tawpek 2013-02-25 13:33
ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قائىدىسىدە يوقۇرىدا دىيىلگەندەك «غ ،ق ،گ، ك ،د،ت »بىلەن باشلانغان قوشۇمچىلار تەھلىل قىلىنىدۇ دەپ بۇرۇنمۇ بىر قىتىم دىيىلگەن ھەم بىزمۇ ئوقۇغۇچىلارغا مۇشۇ بويىچە چۈشەندۇرۇپ كەلگەن. بۇ قېتىم تۇرپاندىكى يېغىندا بىر نەپەر سۇئال چىقارغۇچى بۇ سۇئالغا زاڭلىق ئارىلاش نەدە ئۇنداق قائىدە بار ئىكەن دەپ جاۋاپ بەردى. قايتىپ كېلىپ قانداق قېلىشىمنى بىلمەي يۈرگەن ئىدىم . مانا ئەمدى ئايدىڭ بولدى.   {3>^nMv@e  
لىكىن ئاۋۇ بېقىندىلىق باغلىنىشنىڭ يانداش تۈرىدە «ئۇرۇن ،تەرتىپ بويىچە »دېگەن ئۇقۇم بارغۇ دەيمەن. ھەم يىللاردا يوقارقى ئۆلچەم بويىچە مۇئامىلە قىلىپ كېلىۋاتىمىز. ئەگەر يوقۇرىدا دېيىلگەندەك بولسا چاتاق چىقىپ قالارمۇ قانداق ؟

tawpek 2013-02-25 13:34
مېنىڭچە بۇ قائىدە بەزى مىساللارغا پۇت دەسسەپ تۇرالمايدۇ. مەسىلەن:  ئاپام ئاخشام قەشقەردىن كەلگەن.   CT : ac64  
«ئاخشام كەلگەن » دېگەن قورۇلما ياندىشش باغلىنىش(ياندىشش مۇناسىۋىتى)

tawpek 2013-02-25 13:34
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت ،ئويغۇرتىلىدىكى نازۇك مەسلىلەر ھەققىدە بىر سائەت دەرىس ئاڭلىۋالدىم .

tawpek 2013-02-25 13:35
تەۋەررۈك ئانا تىلىمىز ئىزچىل ھالدا مانا مۇشۇنداق، بەلكى بۇنىڭدىنمۇ چوڭقۇرراق تەتقىق قىلىنىشقا مۇھتاج. چۈنكى ئۇ-بىباھا گۆھەرلىرىمىز كۆمۈلۈپ ياتقان غەزىنىنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچى.  بۇ ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك ئىش بولۇپتۇ.   ئەمما شۇنىمۇ چوقۇم ئويلىشىش كېرەككى، تىلىمىزدا تولىمۇ بەك كۆپ ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتىدۇ. يەنى ئىملايىمىزنىڭ تۈزۈك تىكىشى  توختىمايۋاتىدۇ. گەرچە يېڭى ئىملا لۇغىتىمىز  تۈزۈلۈپ بولغان بولسىمۇ! دەرسلىكىمىزدىكى تىل بىلىملىرىگە دائىر مەزمۇن  دەۋر بىلەن ماس قەدەم ئالالمايۋاتىدۇ.  مۇشۇنداق تالاش-تارتىشلىق مەسىلىلەر تىلىمىزنى، بولۇپمۇ دەرسلىكىمىزنى باشقۇرىدىغانلار تەرىپىدىن قېلىپلىشىپ دەرسلىككە كىرگۈزۈلمەيۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن «زىيان بولسا ئۇستامغا»غا بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. يەنى ھەقىقىي زىياننى ئوقۇغۇچى ئۇستاملار بىۋاستە تارتىۋاتىدۇ. ئۆگەتكۈچى ئۇستاملار گاڭگىراۋاتىدۇ........   Jad'8}0J  
  بۇنداق مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولۇپ سېستىمىلىشىشىــــــــــــغا يەنىلا جەريان كېتىدۇ!   $]9d((u4  
   قېنى، دوستلار، بۇ ھەقتە يەنە ئورتاقلىشىپ باقايلـــــــــــــــــــــــــــــــــى!

maaripqi 2013-02-25 21:48
ئۆز قاننىڭ ئەجرىگە رەھمەت.

koksangun 2013-02-26 11:13
بەك مۇھىم مەزمۇنلار باركەن ، مەن يەنىمۇ تەپسىلىي كۆرۈپ بەزى تالاش تارتىش بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى بۇ يىل ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلىرىمغا بىۋاستە كۆرسىتىپ قويىمەن ، ئۆزقاننىڭ ئەجرىگە كۆپ رەھمەت .

ماھى 2013-02-26 13:07
تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى بىلىۋېلىشقا ۋە پايدىلىنىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەزمۇنلاركەن.ئەجرىڭىزگە رەھمەت ئۆزقان.ھارمىغايسىز.

پاراسەت 2014-01-02 17:53
tawpek:ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قائىدىسىدە يوقۇرىدا دىيىلگەندەك «غ ،ق ،گ، ك ،د،ت »بىلەن باشلانغان قوشۇمچىلار تەھلىل قىلىنىدۇ دەپ بۇرۇنمۇ بىر قىت .. (2013-02-25 13:33) 
HAP9XC(F]  
ئوقۇتۇش مۇنبىرىدە كۆپ كۆرۈلىدىغان،ئەمما تالاش-تارتىش كۆپ بولۇۋاتقان بۇ مەسىلە ناھايىتى ئېنىق چۈشەندۈرۈلگەن.مەن ئۆمەر ھەسەن مۇئەللىمنىڭ قارىشىغا تامامەن قوشۇلىمەن.

ياسىنجان510 2014-01-02 23:15
ياخشى لېكسىيە بوپتۇ،خەۋەر تاپالمىغانلىقىمىز ھەم ئارىلىق يىراق بولغانلىقى ئۈچۈن بارالماپتۇق.


查看完整版本: [-- ئۇيغۇر تىلىدىن لېكسىيە(ئۆمەر ھەسەن)(ئۆزقان) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled