2013شەخىسنىڭ ئوقوتۇش خىزمەت پىلانى
ئوتتۇرا مەكتەپ 2012~2013- ئوقوش يىلى2-ماۋسۇملۇق شەخىسنىڭ ئوقوتۇش خىزمەت پىلانى
中学2012-2013学年
第 二 学 期 个 人 工 作 计划
ئوتتۇرا مەكتەپ:
ئۆمەرجان مەمەت
2013 -يىل 2-ئاينىڭ 24-كۈنى
2013~2012-ئوقوش يىلى 2-ماۋسۇملۇق ئوقوتۇش خىزمەت پىلانى
مەن 2013~2012-ئوقوش يىلى 2-ماۋسۇملۇق ئوقوتۇش جەريانىدا تولۇق 3-يىللىق سىنىپلارنىڭ تەنتەربىيە دەرىسىنى ئۇتۇش،ئەخلاق-تەربىيە بۇلۇمنىڭ ئەزاسى،ئۇغۇللار ياتاقنى باشقۇرۇش ۋەزىپىسنى ئۆز ئۈستۈمگە ئالغان بولۇپ، خىزمەتلەر جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارنى ئەتىراپلىق تەرەققى قىلدۇرۇش ۋە قابىليەت، ماھارەت، قىممەت قارىشىنى ئۇزلۇكسىز يۇقىرى كۆتىرىش ئۇچۇن تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەيمەن.
بىرىنچى: سىياسى ئىددىيۋى جەھەتتە:
1. پارتىيە 18-قۇرۇلتاي روھىنى ياخشى ئۇگۇنۇپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتينىڭ نوۋەتتىكى مائارىپ ئىسلاھاتىغا ماسلىشىپ ئوقوتۇش ئىلىپ بىرىش بىلەن بىرگە يۇقىرىنىڭ ھەرخىل ھۆججەت ۋە يوليورۇقلىرىنى ئەستايىدىل ئۇگنىپ ۋە خىزمەتلىرىمگە يىتەكچى ئىددىيە قىلىمەن. ئىلمىي تەرەققىيات قارشىنى چوڭقۇر ئۈگۈنۈپ ئۆز ئەمەلىيتىم ئارقىلىق ئىلمىي ئوقۇتۇش ئىلىپ بارىمەن.
2. «ۋەتەننى قىزغىن سۇيۇپ، گۇزەل يۇرىت قۇرۇپ چىقىش››تەربىيىسى قاتارلىق تۈرلۈك تەربىيە پائالىيەتلىرى داۋامىدا ئۆزەمنىڭ سىياسى جەھەتتىكى ئالاھىدە ئاكتىپچانلىقىمىنى ياخشى نامايەن قىلىمەن.ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارغا بولغان سىياسى-ئىدىيە ۋە تۈرلۈك تەربىيىلەرنى ئىلمىي ۋە سىستېمىلىق ئىشلەپ، دىنىنىڭ تەسىرىنى چەكلەش، ئوقۇغۇچىلاردا كوممۇنىزملىق غايە ئىتىقاد تۇرغۇزۇش ۋە ئۇنى مۇستەھكەملەش جەھەتتە تەشۋىق- تەربىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمەن.
3.قانۇن تۈزۈم ئىڭىمنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ،سىياسىي ساپا ۋە سىياسىي پەرىق ئىتىش ئىقتىدارىمنى ئۆزلۇكسىز مۇستەھكەملەپ«بىرگە قارشى تۇرۇپ،ئىككىگە ئەھمىيەت بىرىش،ئۇچنى ئىلگىرى سۇرۇش»،«4نى سۆزلەش»،«4نى تونۇش»،«ئۈچ ئايرىلالماسلىق»«ئالتە ياخشى» قاتارلىق تەربيە پائالىيەتلىرى ئارقىلىق سىياسىي ئىڭىم يۇقىرى كۆتۈرىمەن ،ۋەشۇنىڭ بىلەن بىرگە ئوقوغۇچىلارغا مۇقىملىقنى قوغداش ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش تەربىيسنى ياخشى ئىشلەپ ،مۇقىملىق ،ئىتتىپاقلىقنىڭ ئامەت ،مۇقىمسىزلىق ،بۆلگۈنچىلىكنىڭ ئاپەت ئىكەنلىكى ئوزۇممۇ ھەقىقىي تونۇش بىلەن بىرگە ۋە ئوقۇغۇچىلارغا تونۇتىمەن ،بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىللەت بۆلگۈنچىلىكى ۋە قانۇنسىز دىننى پائالىيەتنىڭ زىيىنىدىن ساقلاپ ئۇلارنىڭ سوتسىيالىستىك مائارىپنىڭ تەلىپىگە ماس تەرەققىي قىلىشىغا ئاساس سالىمەن.
4. يىڭى دەرس ئىسلاھاتى ئىددىيسىنى گەۋدىلەندۇرۇپ، نەزىرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۇرۇشكە ئەھمىيەت بىرىپ ئوقوغۇچىلارنىڭ ئونۋىرسال بىلىم سەۋيسىنى يۇقىرى كۆتىرىشكە تىرىشىمەن.
ئىككىنچى: قابىلىيەت جەھەتتە:
5. خىزمەتتە مەسئوليەتچان بولۇپ،مەكتەپ پارتىيە ياچىكىسى، مەمۇرىيتى ئورۇنلاشتۇرغان تۇرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنلاش جەھەتتە ئەستايىدىللىق بىلەن موئامىلە قىلىپ بولۇپمۇ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۇش ،ئادەم تەربىيلەش جەھەتلەردە كەلگۈسىنى كۆزلەپ، جان-دىل بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەنپەئەتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، قىلچىمۇ شەخسى مەنپەت قوغلاشماي ئۆزەمىنىڭ ھەقىقى خەلق ئوقوتقۇچىلىق خىسلىتىمنى نامايەن قىلىپ، مەكتەپنىڭ تۇرلۇك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشگە تىرىشىمەن.
6 .تەشكىلنىڭ خىزمەت تەقسىماتىغا ئاڭلىق بويسۇنۇپ، زېھنىمنى خىزمەتكە قارىتىپ، جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ ئىشلەيمەن. مەكتەپنىڭ ئوقوتۇش سۈپىتىنى ئۆستۆرۇش، مەكتەپنىڭ سىياسى، ئىجتىمائى مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلشتا تىگىشلىك بۇرچۇمنى ئادا قىلىمەن، ئستىلدا دۇرۇس بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىي ئەخلاقىغا ئاڭلىق رىئايە قىلىپ،پارتىيە ئەزاسىغا خاس خسلىتىمنى ھەر ۋاقىت جارى قىلدۇرۇپ ماڭىمەن .
7. مەن بۇ بىر ماۋسۇم جەريانىدا دەرىس بىلەن بىرگە ئەخلاق-تەربىيە بۇلۇمنىڭ ئەزاسى،ئۇغۇللار ياتاقنى باشقۇرۇش ۋەزىپىسنى خىزمەتلىرنى ئۆز ئۈستۈمگە ئالغان بولۇپ، بۇ جەريانىدا مەكتەپ مەمۇرىيتى ئورۇنلاشتۇرغان ھەر تۈرلۈك خىزمەتلەردە ياخشى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن.
8. ئۆزۈمنىڭ كەسپىي سەۋىيەمنى ئۈزلۈكسىز يىڭىلاپ، دەرىسلىك ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوقۇ-ئوقۇتۇشتا يىڭىلىق يارتىشقا ئەھمىيەت بىرىپ. دەرىس بەرگەن سىنىپلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىششكە تىرىشىمەن.
ئۈچىنچى: تىرىشچانلىق جەھەتتە:
9.تەنتەربىيە دەرسىنى يىڭى دەرىس ئسلاھاتىنىڭ تەلىۋى بۇيىچە ئۇتۇشنى قۇلغا كەلتۇرۇپ،ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئەتىراپلىق يىتىلىشى ئۇچۇن يىقىندىن كۇچ چىقىرىپ،بار بۇلغان شارائىتلاردىن تۇلۇق پايدىلىنىپ تەنتەربىيە دەرسنىڭ ئۇنىمىنى يۇقىرى كۇتۇرۇشكە تىرىشىمەن .‹‹قۇياش تەنتەربىيىسى›› پائالىيىتىنى ياخشى ئىلىپ بىرىىپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۇندە بىر سائەت تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بىلەن ئاكتىپ شۇغۇللىنىشنى قۇلغا كەلتۇرىمەن.
10. تۈرلۈك ئۇسۇللارنى قوللۇنۇپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ تەنتەربىيە دەرسىنى ئۇگۇنۇش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۇپ ، تەجرىبە ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ ئوقۇتۇش سۈپتىنى ئۆستۈرۈشنىڭ تۈرلۈك چارە تەبىرلىرىنى يەكۈنلەپ، ھەمدە ئۆزۈمنىڭ كەسپىي سەۋىيەمنى، ئوقۇتۇش ئىقتىدارىمنى يۇقىرى كۆتۈرۇشكە تىرىشىمەن.
تۆتىنچى: نەتىجە جەھەتتە:
11.ئەخلاق-تەربىيە بۇلۇم ئۇرۇنلاشتۇرغان تۇرلۇك سىياسى ئۇگنىشلەرگە تۇلۇق قاتنىشىپ،ياخشى ئۇنۇمنى قۇلغا كەلتۇرىمەن،دۇجۇرنىلك ئۇرۇنلاشتۇرۇش،ماتىرىيال تەييالاش،ئايلىق خۇلاسە چىقرىش ئشلىرىنى ياخشى ئۇرۇندايمەن.
12. ئوقوغۇچىلارنىڭ ئونۋىرسال بىلم ساپاسىنى يۇقىرى كۆتىرىش، نەزىرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۇرۇش، مەسىللەرنى تەھلىل قىلىش ۋە ئۆزى قول سىلىپ مەشىق ئىشلەش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىمەن.
13.تەنتەربىيە كەسپىگە ئمتىھان بىرىدىغان ئۇقۇغۇچىلارنى تەربىيلەشنى چىڭ تۇتۇپ،ئۇلارنىڭ ئالى مەكتەپ تەنتەربىيە كەسپى ئمتىھانىدا ياخشى نەتىجىنى قۇلغا كەلتۇرۇشىگە تىرشچانلىق كۆرسىتىپ،ئۇقۇغۇچىلارنى مەشىقىگە سىلىش ئشلىرىنى ياخشى ئشلەيمەن.
14. ياتاق باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ھەر تەرەپلىمە تەربىيىنى ياخشى ئىلىپ بىرىپ بىخەتەرلىك، دىن، يۇقۇملۇق كىسەللىك قاتارلىق چوڭ ئىشلاردا مەسىلە پەيدا بۇلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىمەن.
15. مەكتەپنىڭ ھەرتۈرلۈك خىزمەتلىرىدە ئەستايىدىل بولۇپ، مەكتىپىمىزنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمەتلىرنى يۈكسەلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرىپ، ھەر تۈرلۈك مەكتەپ تاپشۇرغان ۋەزىپىلەرنى ئەستايىدىل ياخشى ئورۇندايمەن.
16.دەرىستىن سىرتقى تۇرلۇك تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ۋە مۇسابىقىلەرنى تەشكىللەپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئەتىراپلىق يىتىلىشى ئۇچۇن ياخشى ئاساس سالىمەن.
17.نوۋرۇزبايرىمى ۋەياشلاربايرىمىنى تەبىرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ۋالىبۇل-ۋاسكىتبۇل مۇسابىقىلىرى ئۇتكۇزىلىدۇ.مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلار كاماندىسىنى تەشكىلەپ مۇنتىزىم مەشىقلەندۇرۇلۇپ تۇرلۇك مۇسابىقىلەرگە قاتناشتۇرۇپ ياخشى نەتىجىلەرنى قۇلغا كەلتۇرۇشكە تىرىشىمەن.
مەن بۇندىن كىيىن تىخىمۇ تىرىشىپ، خىزمەتلەردە باشتىن ئاخىر ئەستايىدىل بولۇپ، مەكتەپ پارتىيە ياچىكىسى ۋە مەمۇرىيتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرغان ھەربىر ۋەزىپىسنى قاتتىق ئىجىرا قىلىپ، مەكتىپىمىزنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرنىڭ تىخىمۇ يۈكسىلىشى، مەكتىپىمىز تەنتەربىيە ئوقۇتۇش سۈپتىنىڭ تىخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ئۈچۈن تىرىشىپ بىر كىشلىك ھەسسە قوشىمەن.
تەنتەربىيە ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسىدىن:
ئۆمەرجان مەمەت
2013 –يىل2-ئاينىڭ 42-كۈنى
|