查看完整版本: [-- بۈگۈننىڭ ئۆزى بىر سوۋغا --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مەكتەپ گىزىتى دىن ئۈنچى لەر -> بۈگۈننىڭ ئۆزى بىر سوۋغا [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

istami 2012-12-27 00:57

بۈگۈننىڭ ئۆزى بىر سوۋغا

بۈگۈننىڭ ئۆزى بىر سوۋغا
ئويلاپ بېقىڭ، مەلۇم بىر بانكا ھەركۈنى سەھەردە سىزنىڭ ئامانەت پۇل كىنىشكىڭىزگە 86 مىڭ 400 دوللار پۇل سېلىپ قويدى دەيلۇق، ئەمما كەچ كىرگەندە سىز خەجلەپ بولالمىغان پۇللار ئۆزلۈكىدىن يوقاپ كەتسە سىز قانداق قىلىسىز؟ سىز چوقۇم ئامال تېپىپ پۇلنىڭ ھەممىسىنى ئىشلىتىپ بولۇشنى ئويلايسىز ئەلۋەتتە .
ھەر بىر ئادەمدە مۇشۇنداق بىر بانكا بار ،ئۇنىڭ ئىسمى ۋاقىت
ھەر كۈنى سەھەردە ئۇسىزنىڭ ئامانەت پۇل كىنىشكىڭىزغا 86 مىڭ 400 سېكۇنىتنى سېلىپ قويىدۇ، كەچ كىرگەندە ئۇنى بىراقلا يوق قىلىۋىتىدۇ. ئەگەر سىز مەبلەغ سالماي تۇرۇپ پايدىغا ئېرىشىمەن دىسىڭىز ئۇ چاغدا پۈتۈنلەي زىيان تارىتقان بولىسىز. ئارقىڭىزغا چىكىنىشكە يول يوق ،ھەتتا ئەتىنىڭ يېتىپ كىلىشىگە قارشىلىق كۆرسىتىشكە ئامالىڭىزمۇ يوق. سىز پەقەت بۈگۈنكى ئامانەت پۇلىڭىزغا تايىنىپلا ياشىيالايسىز، ئۇنداقتا؛؛
بىريىلنىڭ قانچىلىك قىممىتى بارلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغان ئادەمدىن سوراڭ .
بىرئاينىڭ قانچىلىك قىممىتى بارلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز بالدۇر تۇغۇپ قويغان ئانىدىن سوراڭ .
بىرھەپتىنىڭ قانچىلىك قىممىتى بارلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز  ھەپتىلىك گىزىت چىقىرىدىغان گېزىتخانىنىڭ تەھرىرىدىن سوراڭ .
بىر سائەتنىڭ قانچىلىك قىممىتى بارلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز  مەشۇقىنى ساقلاۋاتقان يىگىتتىن سوراڭ .
بىر مىنۇتنىڭ قانچىلىك قىممىتى بارلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز  پويىزغا ئۈلگۈرەلمىگەن يولۇچىدىن سوراڭ .
بىر دەقىقىنىڭ قانچىلىك قىممىتى بارلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز  ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مىدالغا ئېرىشكەن تەنھەركەتچىدىن سوراڭ .
يىغىپ ئېتقاندا، ئۆزىڭىزگە تەئەللۇق بولغان ھەر بىر مىنۇتنى قەدىرلەڭ، سىز ئۆزىڭىز بىلەن ۋاقىتتىن ئورتاق بەھرىمان بولىدۇ دەپ قارىغان ئادەم  بىلەن بىرگە بولغاندا ئۇنى ھەسسىلەپ قەدىرلەڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇن، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ .
تۈنۈگۈن ئۇ بىر تارىخ ،ئەتە ئۇ بىر سىر ، ئەمما بۈگۈننىڭ ئۆزى بىر سوۋغا .

مەنبە؛ شىنجاڭ ئاياللىرى

ئەكبەرنىياز 2012-12-27 01:12
ئىستەمى قېرىندىشىمىزنىڭ ئەجرىگە كۆپ رەھمەت ، ھارمىغايسىز !!!
ۋاقىتتىن ئىبارەت بۇ شاش ئاتقا كۆپىنچە ۋاقىتلاردا نۇختا سالالماي قالىمىز ، ئەجەلدىن ئىبارەت بۇ ئاخىرلىشىش نۇقتىسىدا ئىنسان ھامان يېڭىلگۈچى ، ئەمما شائىرىمىز  لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ گېپىچە ئىنسانىيەت مەڭگۈ يېڭىلگۈچى ئەمەس ، چۈنكى ۋاقىت سىزنى ، مېنى ، ئۇنى ، يېڭىۋالغىنى بىلەن ئاخىرقى ھېسابتا ئۇ يەنىلا بىزسىمان ئەۋلادلىرىمىز تەرىپىدىن مۇتلەق يەڭگۈچىلىك سالاھىيىتىنى يوقىتىدۇ . گەپ بىزنىڭ بۇ دۇنيادىن ئالغانلىرىمىزغا چۇشلۇق ئەۋلادلىرىمىزغا قالدۇرۇپ قويۇش-قويالماسلىقىمىز بىلەن زىچ باغلىق بولغان بولىدۇ . شۇڭا بىز ھەر ۋاقىت ئۆزىمىز ھەققىدە ئويلىنىشىمىز لازىمكى ، بىخوتلۇق قىلىشقا قەتئىي ئىمكان يوق !!!

tursungul 2012-12-27 02:10
ئىستەمى ،تېمىڭىز  مېنى  ھايات ،ۋاقىت توغرىسىدا چوڭقۇر ئويلاندۇردى. بولۇپمۇ يىڭى يىل ھارپىسىدا ئۆزۈم بىلەن بىر مەيدان ھېساب-كىتاپ كۈرشى ئېلىپ بېرىش ھىسىياتىغىمۇ  كېلىپ قېلىۋاتىمەن.
‹‹بىر مىنۇت  ـــ بىر تامچە قان››دەيدىكەن.   شۇ  سېكنۇت،مىنۇت،سائات،ئاي ،يىللارنىڭ مەندە قان قەرزى  باردەك قورقۇۋاتىمەن. 

tursun 2012-12-27 10:42
ئىستەمىنىڭ ئۆزگىچە تېمىلىرى ماڭا تولىمۇ ياقتى. بۇ تېمىمۇ شۇنداق جەلپكارلىققا
ئىگە چىقىپتۇ...!تەشەككۇر!     

مەرىپەت0999 2012-12-27 11:20
ئستەمى،بايانلىرىڭىز ھەقىقەتەن كىشىنى ئويلاندۇرىدىكەن-جۇمۇ!!ھارمىغايسىز!!       

ozqan 2012-12-27 19:41
ئىستەمى :   بىزنى ۋاقىتنى قەدىرلەشكە ، ۋاقتىمىزنى چىڭ تۇتۇپ ، ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشكە دەۋەت قىلىدىغان تېمىڭىز ، بىزگە بەرگەن ئىلھامىڭىز ئۈچۈن سىزگە كۆپ رەخمەت ...

ئۇيغۇر 2014-06-14 12:42
مەن ئۆزۈم ئۈستىدە قايتا ئويلىنىپ باقسام بولغۇدەك...

گۈلنىھال 2014-06-14 18:15
بۇ تىما ماڭا شۇنداق تەسىر قىلدى .
دىمەك ، بىز نۇرغۇن نەرسىلەرنى ، نۇرغۇن ۋاقىتنى قەدىرلىمەي ياشاۋېتىپتىمىز ...
شۇلارنى ھېس قىلىشىمغا ياردەم بەرگىنىڭىزگە رەھمەت !


查看完整版本: [-- بۈگۈننىڭ ئۆزى بىر سوۋغا --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled