查看完整版本: [-- چىرايلىق ئەتـتـىرگۈل --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مەكتەپ گىزىتى دىن ئۈنچى لەر -> چىرايلىق ئەتـتـىرگۈل [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

كۈمۈش 2012-12-27 00:36

چىرايلىق ئەتـتـىرگۈل

         ئاياللار بايرىمى,جاھاندا پۇلى بارلىكى بارلىق ئادەم گۈل دۇكانلىرىغا يىغىلىۋالغاندەكلا قىلاتتى.گۈل دۇكانلىرىنىڭ يېتىشمەي ،سىرتلاردا دوقمۇش-دوقمۇشلاردا چىلەك كۆتۈرۋېلىپ گۈل سېتىۋاتقانلارنىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ.ئەلۋەتتە،ھەممىلا يەردە كىشىلەر ئون سومغا بىر ئەتتىرگۈل ئالاتتى.
        مەنمۇ غايەت زور ئېقىمغا قوشۇلۇپ،گۈل ئالماقچى بولدۇم.گۈل--قەلىبنىڭ،كۆڭۈلنىڭ سىموۋلى ئەمەسمۇ؟!ئۆچرەت تېگىشكىمۇ ئاز قالدى.ئالدىدا جىددىي ئورىلىۋاتقان گۈللەرگە قارىدىم:
       بىزنىڭ ئۆيدىمۇ بىر تۈپ ئەتتىرگۈل بار.ئەمما ئۇ تۇپراققا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ كەتكەن.يىلتىزى سۈمۈرگەن سۇ ۋە ئوزۇقلۇقلار غوللىرىدىن ئۇرغۇپ چىقىپ ، زىچ ۋە ئۇزۇن تىكەنلەرنى ھاسىل قىلغان،ھەم يوغان ھەم خۇشپۇراق ئېچىلغان...يەردە ياتقان بۇ دۆۋە-دۆۋە يىلتىزسىز ئەتتىرگۈللەرگە ئوخشىمايدۇ. بۇ ئەتتىرگۈللەر يىلتىزسىز بولغىنىغا باقماي،ھەممىسى يۈزىگە چۈمبەل ئوراپ،ئۆزىنىڭ غۇنچە ھالىتىنى ساقلىماقتا،بويلىرى ئۇزۇن ،تىكەنلىرى قىسقا ھەم شالاڭ.گۈلچى ئاۋايلاپ ئالىدۇ-دە،غولىنى بىر سېرىپلا  تىكىنىنى ئېلىۋىتەتتى،زىلۋا بويىنى ئۆلچەم بىلەن كېسىۋىتەتتى.تور چۈمبىلىنى ئېچىپ ،"غۇنچە"نى پۈۋلەپ  يېڭى ئېچىلغان گۈل ھالىتىگە كەلتۈرۈپ،ئۇنىڭغا كۆڭۈل سوۋغىسى گۈللەرگە ئاتاپ تەييارلانغان كىيىمنى كىيدۈرۈپ ، كىپىنەك شەكىللىك بەلبىغىنى چىگىپ قوياتتى.بىلمىدىم،ئەتىرگۈللەر بۇنچە "چىرايلىق"بولغانلىقىدىن خۇشالمىدۇ؟دېققىتىمنى تارتقىنى بولسا بۇ دۇكان لىق ئەتىر پۇرىقى بولسىمۇ،ماڭا تونۇش گۈل ھىدى يوق ئىدى.
     ئۆچرەت ماڭا كەلدى.گۈلچى مەندىن گەپ كۈتەتتى.مەن يەردە ياتقان ئەتتىرگۈلگە يەنە بىر قېتىم قارىدىم.يىلتىزى يوق گۈل ئاسان قۇرۇپ قالىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇرىقى يوق گۈل قانداقمۇ  گۈل ئاتىلالسۇن؟!"گۈل كۆڭۈل سىموۋلى"دېگەن بىلەن ئىپادىلىسەم   مېنىڭ كۆڭلۈم ئۇنچىلىك قىسقا ئەمەس.شۇڭا بۇ پۇراقسىز گۈلنى ئېلىشتىن يالتايدىم-دە،15سومغا بىر تەشتەك گۈل ئالدىم.
    بۇ گۈل تەكچىدىكى گۈللەر  قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.ئۆيدە يەنە بىر  خىل گۈل ھىدى كۆپەيدى.گۈللەر ئادەمگە خۇشاللىق بېغشلايتى.بىر چەتتە بايامقىدەك "چىرايلىق"گۈل تۇراتتى.يېڭى ئېچىلغان غۇنچە شەكلىدە بولسىمۇ،بەرگىلىرى سارغىيىشقا باشلىغان. بۇ خۇددى كىشىلەر ئالدىدا چىراي سارغايتىپ تۇرغان ئەشۇ بىچارە بالىلاردەك ئۆزىنى قۇتۇلدۇرىۋىلىشنى ئۆتۈنمەكتە...ئەمدىلىكتە بولسا....  ھەي،ئۇنىڭ تاشلىۋىتىلىشى ئېنىق،ئۇ تاشلىۋىتىلگەندىن كېيىن كىممۇ "بۇ ئۆيدە بىر چىرايلىق ئەتىرگۈل بار ئىدى"دېيەلىسۇن؟!
    مېنىڭچە باياتتىن بېرى چىرايلىق ياسىنىپ  ئەتىۋارلىنىپ قولدىن-قولغائۆتۈپ،"قەدىرلىنىپ"ساقلانغان بۇ گۈللەر،ئەمدى سەكراتتا يېتىپ،مودىغا ئەگىشىپ ئەتىرگۈللۈك خىسلىتىنى ئۆزگەرتىپ،تىكىنىنى تىك تۇتمىغىنىغا،يىلتىزىدىن ئايرىلغىنىغا پۇشايمان قىلىۋاتىدىغۇ دەيمەن.

ئەكبەرنىياز 2012-12-27 00:54
كۈمۈش ، نەسىرىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ ، ھارمىغايسىز !!!
پەقەت :
قېرىماي ئۆلگەن موماي دېسە ئەڭ توغرا سۈپەتلەش بولاتتى.
مۇشۇ بىر جۈملە سۆزىڭىزنىلا ئانچە چۈشىنىپ كېتەلمىدىم . مەقسىدىڭىزنى چۈشەنگەن بولساممۇ ئەمما ماڭا بۇ بىر جۈملىدە لوگىكىلىق خاتالىق باردەكلا تويۇلدى . يەنە بىر ئويلىنىپ باقامسىز،-يە !؟

كۈمۈش 2012-12-27 01:11
رەخمەت.                                ھازىرغچە ئۇيغۇر تىلىدىمۇ مۇنداق ياخشى تور بەت بارلىكىنى ئۇخماپتىمەن...بەك ياخشى بوپتۇ..

tursun 2012-12-27 10:39
« قېرىماي ئۆلگەن موماي دېسە ئەڭ توغرا سۈپەتلەش بولاتتى...»نىڭ ئورنىغا
«...بۇ خۇددى كىشىلەر ئالدىدا چىراي سارغايتىپ تۇرغان ئەشۇ بىچارە بالىلاردەك ئۆزىنى قۇتۇلدۇرىۋىلىشنى ئۆتۈنمەكتە...ئەمدىلىكتە بولسا.....» دەپ ئالساق قانداق ئەكبەرجان؟ كۈمۈش بۇنىڭغا نىمە دەيدىكىن؟     

لىللا 2012-12-27 11:21
كۈمۈش ، نەسىرلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن . قەلىمىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن .

مەرىپەت0999 2012-12-27 11:30
كۈمۈش،ئالدى بىلەن <تەۋفىق>كە قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!!تولىمۇ ئەھمىيەتلىك تىما يوللاپسىز،قەلىمىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن!!

كۈمۈش 2012-12-27 20:45
پىكىر بەرگىنىڭىزگە رەھمەت

كۈمۈش 2012-12-27 20:47
گەرچە چوڭ نەرسە يېزىپ كېتەلمىسەممۇ،  تىرىشىمەن.     ئىنشائاللا

كۈمۈش 2012-12-27 20:54
تۈزىتىش بەرگىنىڭلارغا رەھمەت.  تۈزىتەي دېگەن،تۈزىتىدىغان  يەرنى تاپالمايۋاتىمەن....    چۈشىنىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن

كۈمۈش 2012-12-27 21:05
ئىنشائاللاھ،  ھارقايسى ئەدەبىياتچىلارنىڭ قىممەتلىك پىكرىگە كۆپ تەشەككۈرلەر. بۇندىن كېيىن يەنىلا يار -يۆلەك بولىشىڭىزلەرنى ئۈمۈد قلىمەن

nadiraay 2012-12-27 21:09
غۇنچە ھالىتىدىن پۇلەپ بىر كۈندىلا گۈل ھالىتىگە ئەكەلسە ۋە قۇرۇپ، سارغىيىپ كەتسە، تاشلىۋېتىلسە.
مەن" قېرىماي ئۆلگەن موماي " دېگەننى " ياشلىق، غۇنچە ھالىتىدىن قىرانلىق دەۋرىگە قەدەم قويمايلا بىراقلا توزۇش، ئاخىرەتنى كۈتۈش دەۋرىگە ئاتلاپ كەتكەن" دەپ چۈشەندىم .
شۇڭا مەن بۇنداق ئاتاشنى  مۇۋاپىق دەپ قارىدىم.     

arzu 2012-12-28 23:37
نەسىرنى ئوبدان يېزىپسىز قىزىم.

شۇ گۈلدەك ياشلىق مەزگىلى بەكمۇ تىز توزۇپ كەتكەن.........

خى 2013-11-12 16:55
مەن دىڭىز بويىدا ئولتۇرۇپ بىر نەرسىگە كۆزۇم چۇشتى ،قارماققا ئۇ بىلىقتەكمۇ،كۆرۇنەتتى يىقىن كەلگەندە قارسام ئۇبىر چۇمۇلە توپى ئىكەن ،بارلىق چۇمۇلە توپى بىر -بىرگە ياپىشىپ بىر كاللەك توپتەك توپ ھاسىل تىپ تۇ مەن ھەيران قالدىم ئۇلار شۇ بىرلىك سەۋەبىدىن ساق قاپتۇ.


查看完整版本: [-- چىرايلىق ئەتـتـىرگۈل --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled