29-2-ئۈچ كۆرۈنۈشلۈك شەكىل(ماتىماتىكا ئوقۇتۇش لايىھەسى)
لايىھەلىگۈچى: رىزۋانگۈل
29-2-ئۈچ كۆرۈنۈشلۈك شەكىل(بىر سائەت) دەرس تېمىسى 1.پاراللىل نۇرلار ئارقىلىق جىسىملارنى كۈزەتكەندە ھاسىل بولغان شەكىل كۆرۈنۈش بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش.كۆرۈنۈشنىڭ تىك پىرويىكسىيە بولۇپ ئادەتتە كۆزىمىز بىلەن ئالاھىدە يۆنىلىشتە كۈزەتكەن تەسىراتتىن سەل پەرىقلىنىدىغانلىقىنى چۈشىنىش ، جىسىمنى ھەر قايسى تەرەپلەردىن كۈزىتىشكە يېتەكلەپ ، ماھىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە يېتەكلەش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلاردا ئەستايدىللىق بىلەن شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىش روھىنى يېتىلدۈرۈش. ئوقۇتۇش نىشانى ئۈچ كۆرۈنۈشلۈك شەكىل ئۇقۇمى ۋە ئۇنى سىزىش ئۇسۇلى. مۇھىم نۇقتا ئۈچ كۆرۈنۈشلۈك شەكىلگە ئاساسەن جىسىمنى تەسساۋۇر قىلىش قىيىن نۇقتا ئوقۇغۇچىلارغا جىسىملارنى ھەر خىل يۆنىلىشتە كۈزىتىپ، كۆرۈنۈشىنى سىزدۇرۇش، سېلىشتۇرغۇزۇش ئارقىلىق ئۈچ كۆرۈنۈشلۈك شەكىلنىڭ نېمىلىكى ئوقۇغۇچىلارغاھېس قىلدۇرۇلىدۇ ۋە ئۈچ كۆرۈنۈشلۈك شەكىلنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن جىسىملارنىڭ شەكلىنى تەسساۋۇر قىلىش ئۆگىتىلىدۇ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئوقۇغۇچىلارئاۋال مەلۇم بىر جىسىمنى ھەر خىل يۆنىلىشتە كۈزىتىش، جىسىمنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تېپىش، بۇ ئالاھىدىلىكلەرنى سىزىلغان شەكىللەردە قانداق ئىپادىلەش ئۈستىدە ئويلىنىشقا ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ.ئۈچ كۆرۈنۈشلۈك شەكىلنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن جىسىمنىڭ ھالىتىنى تەسساۋۇر قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ قول سېلىپ ئىشلەش، تەپەككۈر قىلىش ۋە تەسساۋۇر قىلىش ئىقتىدارى جارى قىلدۇرۇلۇپ، ئۆگىنىش ئاكتىپچانلىقى يۇقىرى كۆتىرىلىدۇ. ئۆگىنىش ئۇسۇلى دوسكا كىتاپ، بور، سىزغۇچ، چاشكا،توپ،پىرامىدا، بور قېپى ئوقۇتۇش ۋاستىلىرى 1.ئوقۇغۇچىلاردىن پىرويىكسىيىگە ئائىت سوئال سوراش،بىر دانە چاي قۇتىسىنى ھەر خىل يۆنىلىشتە كۈزىتىش جىسىمنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تېپىش، كۆرۈنۈشىنى سىزدۇرۇش، سېلىشتۇرغۇزۇش ئارقىلىق يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىلىدۇ. 10 مىنۇت ئوقۇتۇش جەريانى (ۋاقىتى) 2.سىزىلغان شەكىللەرنىڭ پەرقىگە ئاساسەن ئوقۇغۇچىلارغا جىسىملارنى ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن كۈزەتسەك كۆرۈنۈشىنىڭ ئوخشاش بولۇشى ناتايىن ئىكەنلىكى، جىسىمنىڭ شەكلىنى ئېنىق ھەم ئىخچام ئەكىس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن ئۇنى ئۈچ كۆرۈنۈشلۈك شەكىل بىلەن تەسۋىرلەيدىغانلىقىمىزنى سۆزلەپ ئۈچ كۆرۈنۈشلۈك شەكىل ئۇقۇمى ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە خۇلاسە قىلىنىدۇ. 5 مىنۇت 3.سىلىندىر، پاراللىلپىپىدلارنىڭ ئۈچ كۆرۈنۈشلۈك شەكلىنى سىزىش ئارقىلىق ئۈچ كۆرۈنۈشلۈك شەكىلنى سىزىش قائىدىسى ئەمىليەتكە بىرلەشتۈرۈپ سۆزلىنىدۇ .ئوقۇغۇچىلارغا كونۇس،شار، پىرامىدا قاتارلىق ئاددىي جىسىملارنىڭ ئۈچ كۆرۈنۈشلۈك شەكىلىنى سىزدۇرۇپ دەرس مۇستەھكەملىنىدۇ. 10 مىنۇت 4. دەرسلىك كىتاپتىكى4-،5-مىساللارئارقىلىق بېرىلگەن ئۈچ كۆرۈنۈشلۈك شەكىلگە ئاساسەن ستېرېئو شەكىلنى تەسساۋۇر قىلىشتا ئالدى بىلەن ئاساسى كۆرۈنۈش،،ئۈستىدىن،سولدىن كۆرۈنۈشىگەئاساسەن جىسىمنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىنى ئايرىم،ئايرىم تەسساۋۇر قىلىۋېلىپ ئاندىن شەكىلنىڭ پۈتۈن گەۋدىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش لازىملىقى ئەمىلى مىساللاربىلەن چۈشەندۈرۈلىدۇ. 8 مىنۇت 5.كۆنۈكمىنىڭ 1-5-مىساللار ئېغىزچە ئىشلىنىپ ئۆتۈلگەن دەرسلەر خۇلاسە قىلىنىدۇ. 6 بىر دانە پاراللىلپىپىدنى قىرلىرى بويىچەن كېسىپ تەكشىلىكتىكى يېيىلمىسىنى ھاسىل قىلىپ كېلىش. تاپشۇرۇق1 مىنۇت 29-2-ئۈچ كۆرۈنۈشلۈك شەكىل ئۈچ كۆرۈنۈشلۈك شەكىلنىڭ ئالاھىدىلىكى، ئوقۇغۇچىلار مەشىقى كۆرسەتمىلىك مىساللار شەكىل سىزىشتىكى تەلەپلەر دوسكا لايىھەسى |