查看完整版本: [-- يىللىق مۇۋاپپىقىيەت حاتىرىسى يىزىپ باقامسىز؟ --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> كۆڭۇلدىكى سۆز -> يىللىق مۇۋاپپىقىيەت حاتىرىسى يىزىپ باقامسىز؟ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

yaxar 2012-12-23 19:04

يىللىق مۇۋاپپىقىيەت حاتىرىسى يىزىپ باقامسىز؟

يىللىق مۇۋاپپىقىيەت حاتىرىسى يىزىپ باقامسىز؟ 1o&zA<+NY  
K+)3 LR^  
        بۉگۉن مىلادىيە 2012- يىلى 12- ئاينىڭ 23- كۉنى، دىمەك يەنە 8 كۉندىن كىيىن مىلادىيە 2013- يىلى 01- ئاينىڭ 01- كۉنى بولىدۇ دىگەن گەپ، شۇنداق قىلىپ بۇ 2012- يىلى قانداق تىز كەلگەن بولسا، يەنە شۇنداق تىز سۉرئەتتە كۆز ئالدىمىزدىن ئۆتۉپ كىتىش ئالدىدا، ياق ئۆمۉر ھىساۋاتىمىزدىن چىقىپ كىتىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ. e:HORc~U  
       بۉگۉن بۇ بىر يىلدا بىزگە بىرىلگەن 365 كۉنلۉك پۇرسەتتىن پەقەت ۋە پەقەت 8 كۉنلا قالدى، ئۆتۉپ كەتكەن بۇ بىر يىل جەريانىدا بىرلىرىمىز كۉتكىنىمىزدىنمۇ كۆپ، ئارزۇ قىلعىنىمىزدىنمۇ ئارتۇق ھاسىلاتقا ئىرىشتۇق، كۉلدۇق، يايرىدۇق، چەكسىز پەحىرلىنىش تۇيعۇسىعا چۆمۉلدۇق، بىرلىرىمىز بۇ بىر يىللىق پىلانىمىزنىمۇ تۉزۉپ بولماي تۇرۇپلا ھىساۋىمىزدىكى 365 كۉندىن ئىحتىيارىمىزدا مانا پەقەتلا 8 كۉنلۉك پۇرسەت قالدى، بۇنىڭعا قاراپ نىمە قىلىشىمىزنى بىلەلمەي گاڭگىراپ تۇرۇپتىمىز. 9]v,3'QI  
       نىمىلا دىگەن بىلەن كەتكىنى كەتتى، ئەمدى ئورنىنى تولدۇرىۋالعىلى بولمايدۇ، لىكىن  كەتكىنى كەتتى، ئەمدى ئورنىنى تولدۇرىۋالعىلى بولمايدۇ دەپلا قويساقمۇ مىنىڭچە ئادىمىيلىك بۇرچىمىزعا حائىنلىق قىلعان بولىمىز. K~d'*J-  
     ئۆتكەن ۋاقىتنىڭ ئورنىنى تولدۇرىۋالعىلى تىحى بولمىسا، قاراپ تۇرساق تىحى بولمىسا، ئۇنداقتا قانداق قىلىش كىرەك؟ 9`Qa/Y!  
       مىنىڭچە ھەربىرىمىز ئۆتكەن بۇ بىر يىلنىڭ ھىساۋىنى قىلىپ كۆرسەك بولىدىعاندەك قىلىدۇ، ئەلۋەتتە بۇ بىر يىل جەريانىدىكى كەتكۉزۉپ قويعان تەرەپلىرىمىز، ئۆتكۉزگەن سەۋەنلىكلىرىمىز ئۆزىمىزگە ئايان، بۇنى ئوچۇق ئاشكارە دەپ يۉرۉشمۇ تازا مۇۋاپىق ئەمەس، لىكىن قولعا كەلتۉرگەن مۇۋاپپىقىيەتلىرىمىزنى حۇلاسىلەپ بىقىش تولىمۇ زۆرۉر، بۇنداق حۇلاسە بىرلىرىمىزنى سۆيۉندۉرسە، بىرلىرىمىزنى چوقۇم تەرلىتىدۇ (ئەلۋەتتە مەنمۇ تەرلەپ ئولتۇرۇپ بۇ قۇرلارنى يىزىۋاتىمەن). 2-@)'6"n  
      مۇنبەرگە ھەربىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ 2012- يىللىق مۇۋاپپىقىيەت حاتىرىسىنى يولاپ باقساق، ۋە مۇۋاپپىقىيەت حاتىرىسى يولاشنى  ھەر يىلى ئۉزۉلدۇرمەي داۋاملاشتۇرۇشقا ئىرادە قىلساق، يىل ئاحىرىدا مۇنبەرداشلارعا ھىساپ بىرىشتە قۇرۇق قول يەرگە قاراپ قىلىشتىن ئەنسىرەپ بولسىمۇ كۉنلىرىمىزنى مەنىلىك ئۆتكۉزۉشىمىزگە تۉرۉتكە بوپ قالاتتىمىكىن دەپ ئويلايمان.   XncX2E4E  
        بولسا بۇ پىكرىمگە ئالدى بىلەن مۇنبىرىمىزدىكى تەۋپىق، كۆكسانعۇن، ئۆزقان، ئاق گۉل، ئۇزچاق، رايھانگۉل ....  قاتارلىق ئوت يۉرەكلەر ئاكتىپ ئاۋاز قوشسا، بىزمۇ ئەگىشىپ ئۇنى- بۇنى دەپ باقساق دىگەن ئۉمىتتىمەن.

uzqak 2012-12-23 19:30
      ھارمىغايسىز  ئەزىز! f$FO 1B)  
داۋاملىق ئويلىمىغان نۇقتىدىن چىقىپ مۇنبەرگە يېڭىلىق ئېلىپ كېلىسىز،  بىر يىل ئىچىدىكى مۇۋاپىقىيەت بىلەن مەغلۇبىيەتنى نىسبەتلەشتۈرسەك نۇرغۇن كىشىلەر مۇۋاپىقىيىتىدىن بەكرەك مەغلۇبىيىتىگە ئېسىلۋالىدۇ. شۇڭا كۆڭۈلسىز بولۇپ قالىدۇ. مۇۋاپىقىيەت قازىنىش ئىستىكى بولغان ھەر قانداق بىر ئادەم ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئەڭ كىچىك مۇۋاپىقىيەتلىرىدىن ھۇزۇرلىنىشنى بىلىشى، ئۇلاردىن خۇشاللىق تېپىشى ئەڭ مۇھىمى يېڭى مۇۋاپىقىيىتىنىڭ خەرىيتىسىنى سىزىپ ئۇنىڭغا ئىنتىلىپ بېقىشى كېرەك. /Pe xtj<  
    بۇ تېمىنى كۆرۈپ بۇ بىر يىلنىڭ بەكلا تېز ئۈتۈپ كەتكىنىگە سەل ئۆكۈندۈم. )P7ep  
   ياشار مۇئەللىم  :ئۆز قىممىتىمىز ، ئەجرىمىز ئۈستىدە قايتا ئويلىنىشقا ئۈندەيدىغان يازمىڭىزغا تەشەككۈر ! ھاياتلىقنىڭ نۇرغۇن ھالقىلىرىدا كۈلكە بىلەن يىغا، ئازاب بىلەن خۇشاللىق ، مەغلۇبىيەت بىلەن مۇۋاپىقىيەت قوشكېزەك كېلىدۇ. ئۇنىڭ ھەر ئىككىسىنى  توغرا قۇبۇل قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگەن ۋاقتىمىز تۇرمۇشقا ئەمىلىي باققان ۋاقتىمىز.   E"'u2jEG^  
قەنى تەۋپىقداشلار بۇ تېمىغا ئاۋاز قۇشۇپ مۇۋاپىقىيەت خاتىرلىرىنى يېزىپ باقسا بىرلىكتە ھۇزۇرلانساق !

ئەكبەرنىياز 2012-12-23 19:47
ياشار مۇئەللىمنىڭ ئۆزگىچە كۆزىتىش ئىقتىدارىغا ئاپىرىن !!! pnuo;rs  
ئىنسان بولغانكەنمىز ئەلۋەتتە ، ماڭغان يولىمىزدىن خۇلاسە چىقىرىپ بېقىشىمىز زۆرۈر ، شۇنداق بولغانىكەن ، بۇ تېمىغا ھەممىمىز سەمىمىيلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىپ ، ئاكتىپ ماسلاشساق ، مېنىڭ بۇ بىر يىلدا قىلغان ئەڭ ئەھمىيەتلىك ئىشلىرىم ئىجادىيەتتە خېلى ئىلگىرلەش قىلدىم ، ھەم يازمىلىرىمنى كەڭ مۇنبەرداشلارغا سۇنۇپ ،ئۇلارنىڭ تەنقىدىي-تەكلىپ پىكىرلىرىنى ئالدىم . ئۇندىن باشقا مەكتەپتە ئۆز خىزمىتىمنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ ئالدىدا يەرگە قاراپ قالمىدىم . ئائىلىدە ئوغلۇمغا ياخشى ئاتا ، ئاپامغا ياخشى بالا بولۇپ ھەر قانداق قىيىنچىلىققا باش ئەگمىدىم . بىر ئەپسۇسلىنىدىغان يېرىم ، يىل بېشىنى سەل ھورۇنلۇق بىلەن ئۆتكۈزۈۋېتىپتىمەن ، شۇڭا ئالدىنقى بىر قانچىلىغان ئايلاردا مېنىڭدىن تۈزۈك ئەسەر چىقمىدى .

natiwan 2012-12-23 20:40
مەن بۇ بىر يىل ئىچىدىكى مەچمىشلىرىمىنى ئەسلىگەنىمدە نۇرغۇنلىغان سەۋەنلىككە يول قويغىنىمنى ھېس قىلدىم. (بولۇپمۇ ئوقۇتۇشتا) ^1~lnD~0  
بۇ قېتىملىق ئويلىنىش مىنى خېلى گاڭگىراتتى دەپ قارىدىم. ?#GTD?3d  
بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق ياخشى ئوقۇتقۇچى بولۇشقا تىرىشىمەن.

ماھى 2012-12-23 23:07
شەخسى مۇۋەپپەقىيەتلىرىمىزنى ئەسلەپ باقىدىغان ئوخشايمىز بۇ تېما ئارقىلىق. j_d}?jh  
مەن ھەر ھالدا بۇ بىر يىلنى مەن ئۈچۈن تولىمۇ مول-ھوسۇللۇق يىل بولدى دەپ قارايمەن.چۈنكى بۇ بىر يىل ئىچىدە يازغان ۋە ئېلان قىلىنغان ئەسەرلىرىم خېلى كۆپ بولدى.دەسلەپتە شېئىرلىرىم «ئاسىيا كىندىكى»،«تۇرپان گېزىتى»،«قىزىلسۇ گېزىتى» قاتارلىق گېزىتلەردە ئېلان قىلىنغان بولسا، بۈگۈن «مۇزات دولقۇنلىرى»ژورنىلىنىڭ 2012-يىللىق 4-سانىدا بىر نەچچە پارچە شېئىرىم ئېلان قىلىندى.بۇ تۈنجى قېتىم ژورنالدا شېئىرىمنىڭ ئېلان قىلىنىشى بولغاچقا،بەكمۇ خۇش بولدۇم.«مەيخې دەرياسى»ناملىق روماننى تەرجىمە قىلىشقا قاتنىشىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇردۇم. تەرجىمە ئەسەرلىرىمنىڭ ئېلان قىلىنىش ئەھۋالىمۇ ياخشى بولدى.بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەردە ،مۇنبىرىمىزنىڭ رولى ھەممىدىن زور بولدى.ھەر قېتىم يازغان ئەسەرلىرىمنى مۇنبەرداشلىرىمنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇپ.ئۇلارنىڭ ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشلىرىگە، قىزغىنىلىق بىلەن مۇنازىرە قىلىشلىرى،تەكلىپ-پىكىرلىرىگە ئېرىشىپ كەلدىم. مۇشۇنداق خالىس ئۇستازلار يىغىلغان بۇ مۇنبەردە ئۇلار بىلەن بىللە پائاليەت ئېلىپ باغىنىمدىن بەك خۇشالمەن.شۇڭا ئۆز نۆۋىتىدە مۇنبەرداشلىرىمغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.ئىشقىلىپ بەزىدە ئانچە-مۇنچە ھورۇنلۇقۇمنىڭ تۇتۇپ قالغىنىنى ھېساپقا ئالمىغاندا ، ھەر ھالدا بۇ يىلنى خېلى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزدۈم دەپ قارايمەن. ئوقۇتۇشنى تىلغا ئالسام  مەكتىۋىمىزدە بۇ يىل ئۆتكۈزۈلگەن بىر قانچە قېتىملىق مۇسابىقىلەردە بىرىنچى بولدۇم.مۇنبىرىمىزدىمۇ تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىمنى ئۆتەپ كەلدىم.ئۆيدە قىزىمغا ھەم ئانا ھەم دادا بولۇپ ،سىرتنىڭمۇ، ئۆينىڭمۇ بارلىق ئىشلىرىنى ئۆزۈم يالغۇز قىلىپ كەلدىم.  K!ILO  
}j2;B 8j  
ئۆزىنى ماختاپلا كەتتى دەپ قالماڭلار،ئەلۋەتتە ئىنسان ياشىغان ئىكەن مۇۋەپپەقىيەت بىلەن بىللە يەنە نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقمۇ، سەۋەنلىكلەرمۇ  بىللە بولىدىكەن،لېكىن مېنىڭ بۇلارنى ئەسلەپ كۆڭلۈمنى يېرىم قىلغۇم يوق.پەقەت شۇ ئوڭۇشسىزلىقلارنى كېيىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىمدا ياخشى بىر تەجرىبە -ساۋاق بولالايدۇ دەپ قارايمەن بەلكىم شۇ تەجرىبە-ساۋاقلار ئىلھاملىرىمنى تېخىمۇ قوزغىۋېتەمدۇ تېخى.

gulhan 2012-12-24 00:57
ياشار مۇئەللىم يارقىن تېمىدىن بېرنى يورۇتۇپ بېرىپتۇ. تۇغرا ،ئىنسان ئۈتكەن كۈنلىرىدىن خۇلاسە قىلىپ ئۆز مۇۋاپىقيەتلىرىنى ،تەجرىبە _ ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەپ تۇرىشى تۇلۇمۇ زۈزۆر . كىچىككىنە نەتىيجىمۇ زور ئۈمۈت ھاسىل قىلغۇچى كۈچتۇر. 7_PY%4T"  
0?oL zw&  
  بۇ  تېما ئارقىلىق مۇنبەردىكى تىنىمسىز ئىزدىنۋاتقان ئەزىزلەرنىڭ مۇۋاپىقيەتلىرىنى كۆرۈپ، ياخشى ئۈلگە تىكلەيدىغان بولدۇق. _cJ)v/]  
LZ_0=Xx%  
  ۋاپادار ئايال،  مەسئولىيەتچان ئانا ، ئىزدىنىشچان ئەدەبىيات ئاشىقى ، مۇنەۋەر ئوقۇتقۇچى ئاق گۈلنىڭ ئەھمىيەتلىك ئۈتكەن 2012 -يىلىدىكى مۇۋاپىقيەتلىرىگە ئاپرىن ئېيتىمەن.  

لىللا 2012-12-24 12:05
ياشار مۇئەللىمنىڭ مۇشۇنداق ياخشى تېمىنى يوللىغىنىغا رەھمەت . شۇنداق ئىنسان ئۆزىنىڭ ھەر بىر باسقان  قەدىمىنى ئويلىنىپ بېسشى ۋە باسقان قەدەملىرىدىن تەجرىبە ساۋاقلىرىنى، مۇۋەپپىيەتلىرىنى يەكۈنلەپ تۇرۇشى كېرەك . مەن سىزنىڭ بۇ تېمىڭىزنى كۆرۈپ ، ئۆزۈمنىڭ بىر يىللىق ھاياتىمنى قايتا تارازىغا سېلىپ كۆردۈم . گەرچە مەن ئاقگۈلدەك كۆپ مول-ھوسۇلغا ئېرىشمىگەن بولساممۇ ،لېكىن مەيلى ئائىلىدە ياكى خىزمەتتە بولسۇن ،ئۆزۈم قىلىشقا تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىمنى ۋە مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىپ كەلدىم. مەسىلەن: ئوماق ئوغلۇم بىر يېرىم ياشقا كىرگۈچە  سۈت ئېمىتىش ، تامىقىنى ئېتىش  ...  قاتارلىقلار ئارقىلىق نورمال ماڭالايدىغان ، سۆزلەرگە ئىنكاس قايتۇرالايدىغان قىلدىم .ھازىر تىلى چىقىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ . بۇ مېنىڭ ئەڭ چوڭ مۇۋاپىقىيىتىم دەپ قارايمەن . كېيىنكى بىر يىلدا تورداشلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ مۇۋاپپىقىيەتلەرگە ئېرىشىشىگە تىلەكداشمەن.  

ozqan 2012-12-24 13:20
ياشار مۇئەللىم : ئەھمىيەتلىك ، جەلپكار تېمىڭىز بىلەن كاللامنى سەگىتىپ قويدىڭىز ، مۇنبەرداشلارغا بۇ تېمىڭىز ئارقىلىق ئۆزى ھەققىدە ئويلىنىپ تۇرۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ، ئۆزىنىڭ بىر مەزگىللىك خىزمەتلىرىدىن خۇلاسە چىقىرىپ مېڭىشتىن ئىبارەت ئۆمۈرلۈك ئۆگىنشتىكى ، ئۆزىگە ئۆزى ھەيدەكچىلىك قىلىشتىكى كەم بولسا بولمايدىغان ئۇسۇلنى تەۋسىيە قىلدىڭىز ... بۇ تەۋسىيەيىڭىزنىڭ خاسىيىتى بىلەن كونا يىلدىن خۇلاسە چىقىرىش ، تەجىربە-ساۋاقنى يەكۈنلەش ۋە يېڭى يىل ھەققىدە پىلان تۈزۈشتىن ئىبارەت ئەھمىيەتلىك ئىشقا دەۋەت قىلدىڭىز ، كۆپتىن-كۆپ تەشەككۈر ئەقلىڭىزگە  ... P 
مەن ئويلىماپتىكەنمەن بۇ نۇقتىنى ، سەگىتكىنىڭىزدىن بەك خۇش بولدۇم ، ئۆزۈم ھەققىدە ئويلىنىشقا پۇرسەت يارىتىپ بەردىڭىز ... [/q Bvuun  
ئاخىرىنى ئويلىنىپ بېقىپ يوللاي ... ( تىلغا ئالغۇدەك كۆپ ئىش يوقلىقىدىن خىجىل بولىۋاتىمەن .)

ماھى 2012-12-24 19:42
سىلەر بۇنداق دېسەڭلار مەن ماختىنىپ كەتكىنىمدىن خىجىل بولىۋاتىمەن جۇمۇ؟

nadiraay 2012-12-24 19:59
بۇ تېمىنى ئوقۇغاندىن كېيىن مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ بۇ بىر يىل ئىچىدىكى نەتىجىلىرىمنى خۇلاسە قىلغۇم كەلدى. مەنمۇ بۇ بىر يىل ئىچىدە ئائىلىدە ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىش، بالا تەربىيلەش ، چوڭلاردىن خەۋەر ئېلىشتەك بۇرچۇمنى ئادا قىلسام، مەكتەپتە  ئەدەبىيات ۋە ماتېماتىكا دەرسى بېرىپ ھەم ئەدەبىياتتىن ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت كېنىشكىسى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىپ مەكتىۋىمىزدىكى تۇنجى قوش سالاھىيەت كېنىشكىسى بار ئوقۇتقۇچى بولدۇم. بۇ يىللىق كەسپىي ئىمتىھاندىمۇ ئەدەبىياتتىن يۇقىرى نومۇر ئېلىپ، خىزمەتداشلىرىمنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتىم.  تەۋپىق مۇنبىرىگە ئەزا بولۇپ كىرىپ، مۇنبەرداشلارنىڭ قوللىشى بىلەن ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچەم يەنىمۇ ئاشتى.

tursun 2012-12-25 11:50
吐尔逊.玉赛音同志的2012学年工作总结 7^#f)Vp  
1,他今年来,认真学习教师职业道德规范、十八大和“三个代表”重要思想,不断提高自己的道德修养和政治理论水平;另一方面,认真学习新课改理论,努力提高业务能力,参加自学考试,努力提高自己的学历水平。通过学习,转变了以前的工作观、学生观,使我对新课改理念有了一个全面的、深入的理解,为本人转变教学观念、改进教学方法打好了基础。今年在工作中,本人能够严格要求自己,时时处处以一个共产党员的标准来要求自己,模范遵守学校的各项规章制度,做到不迟到、不早退,不旷会。另一方面,本人能够严格遵守教师职业道德规范,关心爱护学生,不体罚,变相体罚学生,建立了良好的师生关系,在学生中树立了良好的形象。2,他今年,担任下学期初一(5)和初二(5)班语文课教学工作,初一(5)班的班主任;上学期八年级四班的班主任和语文课。一年来,他以学校及各处组工作计划为指导;以加强师德师风建设,提高师德水平为重点,以提高教育教学成绩为中心,以深化课改实验工作为动力,认真履行岗位职责,较好地完成了工作目标任务。认真参加教研活动,积极参与听课、评课,虚心向同行学习,博采众长,提高教学水平。一年来,他总共听课37节,完成了学校规定的听课任务。3,根据上报的期末成绩统计表,其中重点班级间的比较:初一(5)班最高平均分93分 ,最低平均分63分 ,班级分均分81.2;及格率100%;优秀率最高48%.初二(5)班最高平均分92分 ,最低平均分46分 ,班级分均分68;及格率80%;优秀率10%.总的来看成绩还算理想,但是,各班的差距较大,发展不均衡。 mj$Ucql  
总结,本人辅导24名学生参加在自治区和市级现场写作文比赛中,获得了一,二等奖。校级“爱读书作文比赛”中,6名学生获得了一,二,三等奖,本班“优秀集体”奖。校级开始“真毒法”宣传教育演讲比赛中,两名学生参加,获得了一名学生一等奖,一名学生三等奖,本班“优秀集体”奖。他写的10篇新闻“教育报”和“乌鲁木齐晚报”发表了。 11"r FZ  
本人在2012年4月6日参加新市区教育系统中小学教师母语演讲比赛中,获得了特等奖,本校区级“先进集体”将。他并没有强行禁止部分男女生交往,而是精心地准备了九节主题班会《安全教育 》,《禁毒法》,《宗教教育思想》让学生把这种难言之“情”大方地搬到课堂上来,通过情境假设、表演、讨论、朗诵等方式帮助他们树立崇高的爱情观,正确看待异性之间的好感。他班在校级禁毒演讲比赛中荣获优秀组织奖;2012年4月26日在上级教育部门本校德育验收工作中,被校级领导评为本班的特色板报获得了校级一等奖和班级文化建设中评为优秀模范班级体,“我爱读书”征文活动中荣获校级最佳组织奖。他一直把这句话作为班级管理与教育工作的座右铭,就可能在学生的人生道路上留下深深的烙印,甚至改变他们的一生,结果本班的23名学生参加社会保险和社保,参加率为100%,这样可以完善的保证学生的健康和安全,也取得了校领导的最佳好评;校级“三人”篮球赛男子组第二名。手物品交易活动中荣获校级最佳创意奖,本班校级第五届二手活动“优秀集体”奖 和“模范文明班级”。他公开了“小组竞赛”看读书,听,口语 和书画现场活动.2012年10月1日在他写的4篇格言全国专家格言大赛中获得了金奖,艺术佳在祈福天下大赛获金奖和中国文化和平大使及世界和平艺术家荣誉称号。9月10日在市级优秀班主任称号。乌鲁木齐地区中小学德育研讨活动中一篇论文获得了优秀奖。他指导在班级创建了作品展,荣获栏,红花台,名人名言台,建设文化图书展(一个学生至少可以读18本书),还培养了30多盆花,给学生带来了良好的学习环境。 P~{8L.w!>W  
{aUTTEu  
CnL=s6XD'  
2012年12月20日

uzqak 2012-12-25 21:55
تەۋپىقداشلارنىڭ مۇۋاپىقىيەت خاتىرسىدىن ئىلھاملىنىپ قالدىم . ئاق گۈل سىزنى چىن دىلىمدىن تەبرىكلەيمەن. يەنىمۇ تىرىشىڭ! M\4` S&  
تۇرسۇن مۇئەللىمنىڭ خۇلاسىسىنى ساقلاپ قويدۇم.گەرچە ھەمىمىز ئالدىراش بولساقمۇ ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ ئىشلىگەن خىزمەتلىرىڭلاردىن  سۆيۈندۈم. يېڭى بىر يىلدا تېخىمۇ كۆپ نەتىيجىلەرگە ئېرشىشىڭلارغا تىلەكداشمەن!

tursungul 2012-12-25 22:32
ئەقلىڭىزگە بارىكاللا ياشار مۇئەللىم، پىكرىڭىز شۇنداق ئورۇنلۇق. =W3 K 6w  
بىراق مەن  بۇ بىر يىلدا زادى نىمە ئىش قىلدىم  ؟توغرا، مېنىڭ بۇ بىر يىلدىكى نەتىجەم قايسى؟....

tursun 2012-12-26 11:28
تۇرسۇنگۇل مۇئەللىم،سىز شۇنداق ئەسلىسىڭىز سىزنىڭ 2012-يىلىدا قولغا a4:GGzt  
كەلتۇرگەن نەتىجىلىرىڭىز ئاز ئەمەس،مەيلى ئوقۇتۇشتا بولسۇن،ئوقۇتۇش،ئەخلاق &'6/H/J  
تەربىيە تەتقىقاتىدا بولسۇن،ئىجادىيەت جەھەتتىن بولسۇن ياكى تەۋفىقداشلار ئۈچۈن Jg#0g eU  
قىلغان ئىزدىنىشلىرىڭىز بولسۇن ھەممە جەھەتتە سىز باسقان ئاجايىپ كاتتا ~'M 
قەدەملەر،ئۇنىڭ كەينىدە مۆھۈردەك بىسىلغان ئىزنالار ئەۋلاتلارنى،تەۋفىقداشلارنى Pmv@  
ھەمدە كەسپداشلىرىڭىزنىڭ قايىللىقىنى قوزغىدى،قىنى مەرھەمەت قىلىپ،قەلەم 7z? ;z 
تەۋرىتىپ بىقىڭ....!؟     

ماھى 2013-12-29 21:46
بۇ تېما ئارقىلىق ئۆتۈپ كېتىۋاتقان 2013-يىلنى يەنە بىر خۇلاسىلاپ باقساق بولغىدەك.

مىېھرىما 2014-01-21 11:20
رەھمەت ھارمىغايسىز


查看完整版本: [-- يىللىق مۇۋاپپىقىيەت حاتىرىسى يىزىپ باقامسىز؟ --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled