查看完整版本: [-- تۆكۈلگىن ياشلىرىم ، تۆكۈلگىن ، تۆكۈلگىن !!!! ئاتەش قىز --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> باشقا ئىجادىيەتلەر -> تۆكۈلگىن ياشلىرىم ، تۆكۈلگىن ، تۆكۈلگىن !!!! ئاتەش قىز [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ataxkiz 2012-12-22 17:44

تۆكۈلگىن ياشلىرىم ، تۆكۈلگىن ، تۆكۈلگىن !!!! ئاتەش قىز

تۆكۈلگىن ياشلىرىم ، تۆكۈلگىن ، تۆكۈلگىن ، تۆكۈلگىن !!!!
ئاتەش قىز
 تۆكۈلگىن ياشلىرىم ، تۆكۈلگىن ، تۆكۈلگىن ! ئىلى دەرياسىنىڭ سۈيىدەك ، تارىم دەرياسىنىڭ سۇلىرىدەك ، سايرام ، بۇغدا كۆلىنىڭ سۇلىرىدەك تۆكۈلگىن ، زەرەپشان دەرياسىدەك تۆكۈلگىن !! سېنىڭگە ئەركىڭگە تاشلىدىم ، كەمتەرلىكىڭنى قوي ، تارتىنىشنى قوي ، ئۆكسۈپ _ ئۆكسۈپ ، ئۆكسۈپ تۆكۈلگىن ! قەلبنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن تۆكۈلگىن ، ئازاپنىڭ ئەڭ ئاچچىق يەرلىرىدىن تۆكۈلگىن ، سېنى ھەرگىزمۇ كۈلكەم بىلەن مەسخىرە ئەيلىمەيمەن ، شاتلىقىم بىلەن ساڭا ھاقارەت قىلماسمەن ، سېنى ئۆزگىلەر ئالدىدا كەمسىتمەسمەن ، تۆكۈلگىن ، پۈتكۈل ، پۈتكۈل روھىيىتىمدىن تۆكۈلگىن ، ئانالارنىڭ ئازاپلىرىدىن تۆكۈلگىن ، ئاتىلارنىڭ ھەسرەتلىرىدىن تۆكۈلگىن ، ئاجىزلارنىڭ غەملىرىدىن تۆكۈلگىن ، يېتىملارنىڭ غەمكىنلىكىدىن تۆكۈلگىن ، يۈرەكنىڭ قات _ قېتىدىن ، سەمىمىي بېتىدىن تۆكۈلگىن !
     يۈرىكى لەختە _ لەختە بولغانلارنى سۆيۈپ تۆكۈلگىن ، ئازاپلىق ئىڭراۋاتقانلاردىن ئۆلۈپ تۆكۈلگىن ، ئۆزگىلەر غەملىرى ئۈچۈن شاتلىنىۋاتقانلاردىن ئۆكسۈپ تۆكۈلگىن ، تۆكۈلگىن ، تۆكۈلگىن ، ئەركىڭ بىلەن تۆكۈلگىن !
   تۆكۈلگىن ياشلىرىم ، مەزمۇت تۆكۈلگىن ، كەڭ زېمىن ساڭا سەينا بولغاي ، مېنىڭ ھەسرەتلىك قەلبىم ساڭا ھەمراھ بولغاي !
يازنىڭ يامغۇرىدەك ، قىشنىڭ ئاپئاق قارلىرىدەك تۆكۈلگىن ، تۆكۈلگىن ، زېمنغا سىڭىپ كەت ، بارچە ئەلەملەرنى ئېلىپ كەت ، ئازاپلىق يۈرەكلەرگە شاتلىغىڭدىن ھەم بېرىپ كەت ! زۆرۈر بولسا گەر مېنىمۇ ھەم ئېلىپ كەت ! تۆكۈلگىن ، مەسۇمە قىزدەك يۈزلىرىڭنى قىزارتماي ، سېنى مەسخىرە ئەيلىگەنلەر ئۈچۈن كۆزلىرىڭنى ئالايتماي ، سېنىڭ تۆكۈلگىنىڭ ئۈچۈن قاقاقلاپ كۈلىۋاتقانلار ئالدىدا چىرايىڭنى زەپىراندەك سارغايتماي تۆكۈلگىن ! ئاۋازلىرىڭنى قويۇپ تۆكۈلگىن ، يۈرەكلىرىڭدىن ئۇخچۇپ _ ئۇخچۇپ تۆكۈلگىن !!!
   تۆكۈلگىن ياشلىرىم ، تۆكۈلگىن ، تۆكۈلگىن ، تۆكۈلگىن !!!

ئەكبەرنىياز 2012-12-22 19:26
تۆكۈلگىن ياشلىرىم ، ئۆز-ئۆزۈڭنى قېزىش يولىدا باسقان قەدەملىرىڭگە تۆكۈلگىن !!! a-,*iK{_u  
بىھۇدە ئاڭلىۋالغان تىل-ئاھانەتلىرىڭ ، چەككەن رىيازەتلىرىڭ ئۈچۈن تۆكۈلگىن !!! r-EIoZ"P  
تۈلكىلىك يوشۇرۇنغان كۈلكىلەرگە دۇچ كېلىپ ،ئۇنى بىلىپ تۇرساڭمۇ يەنىلا ئالىيجانابلىقىڭ بىلەن كەچۈرەلىگەن جاسارىتىڭ ئۈچۈن تۆكۈلگىن !!! ....

gulhan 2012-12-22 19:46
    تۈكۈلگىن ، ياشلىرىم تۈكۈلگىن! ئۆزەمنى ئىزدەش يولىدا ئۇچۇرغان ھاقارەتلىرىم ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ؛ھەقلىق ئۈچۈن تىركىشۋاتقىنىمدا ،تاپانلىرىمغا سانچىلغان تىكەنلەرگە تەنە قىلىپ؛ ئۈمۈتكە ئاشىق قەلبىمگە يامغۇردىن كىيىنكى قۇياشتەك ئۈمۈت تىلەپ ، بارلىق ھەسرەتلىرىمنى يۇيۇش ئۈچۈن تۈكۈلگىن!

ئوتقاشئەرقۇتى 2012-12-22 23:07
بەك ياخشى يېزىپسىز ،ئەكبەر مۇئەللىم بىلەن گۈلخانمۇ ناھايىتى ياخشى ئەگىشىپتۇ ،ھارماڭلار قېرىنداشلىرىم .

tursun 2012-12-24 15:00
بەك ياخشى يىزىپسىز بۇ نەسىرىڭىزنى...قايىلمان...!     

ataxkiz 2014-02-17 14:21
دوستلارنىڭ ياقتۇرغىنىغا كۆپ رەھمەت !


查看完整版本: [-- تۆكۈلگىن ياشلىرىم ، تۆكۈلگىن ، تۆكۈلگىن !!!! ئاتەش قىز --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled