查看完整版本: [-- مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تائام –كۆك چۆچۈرە --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مەكتەپ گىزىتى دىن ئۈنچى لەر -> مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تائام –كۆك چۆچۈرە [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

مەھەممەتجان 2012-12-19 21:37

مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تائام –كۆك چۆچۈرە

                   مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تائام –كۆك چۆچۈرە

 

ئەلمىرە ئابدۇرۇپ (غۇلجا شەھەرلىك 8-ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق 2-يىللىق 16-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى)

 

        مەن كىچىكىمدىن تارتىپلا كۆك چۆچۈرىگە ئامراق ئىدىم.ئاپام ھەر يىلى بىدە كۆكلەپ بازاردا سېتىلىۋاتقان مەزگىلدە بازاردىن بىر چوڭ خالتىدا لىق بىدە سېتىۋېلىپ ئېلىپ كېلەتتى،دەل شۇۋاقىتتا مەن بەك خۇشال بولۇپ كېتەتتىم.ھەرقېتىم بىدىنى تازىلاپ،ئادالىغان ۋاقىتتا بىرىنچى بولۇپ تەييارلىنىپ تۇرىدىغىنى يەنىلا مەن ئىدىم .چۈنكى بىدىنى بالدۇراق ئادالاپ بولساق،كۆك چۆچۈرىسىنى بالدۇراق پىشۇرۇپ يىيەلەيمىزـ دە. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بىر كۈن توختىماي بىدە ئادالاپ،كۆك چۆچۈرىسىگە بالدۇراق ئېغىز تېگىشكە ئالدىرايتتىم.  

      بىدىنى تولۇق،پاكىزە ئادالاپ بولغاندىن كىيىن سۇدا پاكىز يۇيۇۋىتىپ، ئاندىن چەيدۇ بىلەن بىدىنى توغراپ ئۇششاق قىلىپ چانايمىز.كىچىك ۋاقتىمدا  بىدە چاناشنى بىلمەيتتىم ھەم ياقتۇرمايتتىم، چەيدۇ بىلەن قولۇمنى كېسىۋالامدىمكىن دەپ بەك ئەندىشە قىلاتتىم. ھازىر بولسا،بىدە چاناشنى ئۈگەندىم ھەم بىدە  چاناشنى بەك ياخشى كۆرىمەن. بەزى قىزلار بىدە چانىسا،قول تېلىپ ئاغىرىپ  كېتىدۇ دەيدىكەن.لېكىن مەن قولۇمنىڭ ئاغرىپ كېتىشىدىن پەقەت ئەنسىرەپ باقمىدىم،مېنىڭ قارىشىمچە بولغاندا،بىدە چاناش بىرخىل ئەمگەك تۈرگە كىرىدۇ،چۈنكى بىدە چانىغان ۋاقىتتا قولىمىز يۇقىرى-تۆۋەن بولۇپ ھەرىكەتلىنىدۇ، بۇ چاغدا قولىمىز ۋە بىلەك موسكۇللىرىمىز ھەرىكەتلىنىپ چىڭىيىدۇ ھەم ساغلام بولىدۇ.  

      بىدە كۆك چۆچۈرىسىنىڭ خۇرۇچلىرى ئىنتايىن ئاددىي بولۇپ،بۇ تائامغا   ئالاھىدە خۇرۇچلارنى ئىشلىتىشنىڭ ھاجىتى يوق.بۇ تائامنى تەييارلاش ئۈچۈن    يىڭى ئادالىنىپ بولغان بىدە كۆك ،ئۇن ۋە ماي بولسىلا بولىدۇ.ئالدى بىلەن     ئادالىنىپ بولغان بىدە كۆكنى چانايمىز،بىدىنى ئۇششاق چاناپ بولغاندىن كىيىن    قازانغا ئازمىقداردا ماي قۇيۇپ،چاناپ تەييارلىۋالغان بىدىنى سىلىپ قورۇيمىز.بىدە كۆك سەل قارامتۇل رەڭگە ئۆزگەرگەن ۋاقىتتا،ئوتنى ئۆچۈرۈپ،قورۇشنى توختىتىمىز. ئاندىن قورۇلغان بىدىنى بىر كورىغا ياكى لېگەنگە ئېلىپ قويۇپ سوۋۇتىمىز.سوۋۇتۇش جەريانىدا بىدىگە قاراپ تۇرىۋالماي،يەنە باشقا تەييارلىقلارنىمۇ قىلىشىمىز  كېرەك.مەسىلەن:قورۇلغان بىدىنى سالىدىغان خېمىر جىلتا بولۇشى كېرەك.خېمىر جىلتىنى تەييارلاش ئۈچۈن ئالدى بىلەن تەڭلىگە يىتەرلىك ئۇن سېلىپ،ئۇن خېمىر بولغۇچىلىك سۇ قۇيۇپ، ئاندىن خېمىرنى يۇغۇرۇپ،نان تاختىغا قويۇپ،نوغۇچ بىلەن خېمىرنى كەڭ يىيىتىپ ئاچىمىز،ئاندىن ئېچىلغان خېمىرنى كىچىك تۆت بۇرجەك شەكىلدە كېسىپ تەييارلىۋالىمىز،ئاندىن كىيىن ئازراق مۇزلىغان بىدە كۆكنى  كىچىك تۆت بۇرجەك كېسىلگەن خېمىر جىلتىلارغا سېلىپ،ئايلاندۇرۇپ چۆچۈرە  شەكلىگە كەلتۈرۈپ تۈگىمىز،ئاندىن تۈگۈلگەن كىچىك-كىچىك چۆچۈرىلەرنى  قازاندا قايناۋاتقان سۇغا سالىمىز ھەم شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قازاننى چۆمۈچتە  ئېلەشتۈرىمىز.چۈنكى قازاننى ئېلەشتۈرمىسەك،چۆچۈرە قازاننېڭ ئاستىغا چۆكۈپ  چاپلىشىپ قالىدۇ.ئاندىن قازانغا ئاز مىقتاردا تۇز سېلىپ ئىلەشتۈرۈپ تەم كىرگۈزىمىز.چۆچۈرىنى 5 ~ 10مىنۇت تۇرغۇزۇپ،چويلا بىلەن سۈزىۋىلىپ،ئاندىن پەتنۇسقا سالساق بولىدۇ.مانا مەن ئەڭ ئامراق كۆك چۆچۈرىسى پىششىپ تەييار بولدى.

     كۆك چۆچۈرىسىنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان پايدىلىق تەرىپى شۇكى، ئۇ  ئادەم بەدىنىدىكى مىكۇرۇپلارنى ئۆلتۈرۈپ قاننى تازلايدۇ،بۆرەكنىڭ قان تازلاش ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ ھەم كۈچەيتىدۇ،ئاندىن ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ نورمال ھەرىكەت قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.كۆك چۆچۈرىسىنىڭ زىيانلىق تەرىپى بولسا،ئادەم بەدىنىنىڭ سوغىنى ئاشۇرىۋىتىدۇ،ئاشقازاننىڭ سوغىنى ئاشۇرۇپ ئىچى سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن كۆك چۆچۈرىسىنى نورمال ھەم مۇۋاپىق ئىستىمال قىلىش  كېرەك.بىر يىلدا ئاز دېگەندە بىر قېتىم،كۆپ دېگەندە ئككى–ئۈچ قېتىم ئىستىمال قىلسا بولىدۇ.بىدىنى ساقلاش ئۇسۇلى: چانالغان بىدىنى خالتىغا سېلىپ،توڭلاتقۇنىڭ توڭلاش ساندۇقىدا توڭلىتىپ قويسا بولىدۇ،قاچان يىگۈسى كەلسە،شۇۋاقىتتا ئېلىپ،تۈگۈپ پىشۇرۇپ يېسە بولىدۇ.

     كۆك چۆچۈرىسىنى يېيىش ئەڭ باپ كېلىدىغان پەسىل ئەتىياز پەسلى،چۈنكى ئەتىيازدا بىدە يىڭى كۆكلىگەن ۋاقىت بولۇپ،بىدە كۆك چۆچۈرىسى يېيىشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى،كۆك چۆچۈرىسىنى باشقا پەسىللەردىمۇ ئىستىمال قىلسا بولىدۇ،ئەمما بىدە كۆكىنىڭ رولى ئەتىيازدا كۆرسىتىدىغان رولىدىن ئازراق تۆۋەن ھەم پەرىقلىق بولىدۇ.

 

ئەكبەرنىياز 2012-12-19 21:42
مەمەتجاننىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بەك تىرىشچانكەن !!! تولۇق 2-يىللىقتا بۇ قەدەر ياخشى ئەسەرلەرنى يازسا ، كەلگۈسىدە داڭلىق يازغۇچى بوپكېتەمدۇ نىمە مەمەتجان مۇئەللىم ، ئوقۇغۇچىلىرىڭىز ؟! ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت !!!

رەيھانگۇل 2012-12-20 01:41
ماقالىنى بەك ياخشى يېزىپتۇ. بۇ ئوقۇغۇچىڭىزغا بولغان يىتەكچىلىكنى كۆچايتىڭ. ئۇنىڭدا ئۈمىد زوركەن .

شۇ تاپتا مېنىڭ كۆك چۇچۇرسى يېگۈم كېلۋاتىدۇ-دېسە...


查看完整版本: [-- مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تائام –كۆك چۆچۈرە --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled