查看完整版本: [-- مۇنبەرداشلارغا ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبەر ئۇقتۇرۇشلىرى -> مۇنبەرداشلارغا ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

arzu 2010-07-21 13:06

مۇنبەرداشلارغا ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش

مۇنبەرداشلارغا ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش


قەدىرلىك دوستلار:

مۇنبىرىمىز تېخى ئالدىنقى كۈنىلا يورۇق دۇنياغا قايتا كۆز ئاچتى، بۇ ئىككى - ئۈچ كۈن ئىچىدىكى ئەھۋال ھەممەيلەننى خېلى خوشال قىلىدۇ. ئەزا سانىمۇ كۆپىيىۋاتىدۇ، تېما- ئىنكاسلارمۇ كۆپىيىۋاتىدۇ، مەزمۇنى موللىشىۋاتىدۇ. شۇڭا، مۇنبىرىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئوڭۇشلۇق يۈكسېلىشىنى كۆزدە تۇتۇپ ، سەمىڭلارغا شۇنى سالماقچىمىز:

1. تورداشلارنىڭ پارتىنىڭ قانۇن - سىيەسەتلىرىگە زىت بولغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ھەم ئۆزئارا ئىتتىپاقلىققا خىلاپ تېما ، ئىنكاسلارنى يوللاپ قويۇشتىن قەتئىي ساقلىنىشىنى ئالاھىدە ئۇقتۇرىمىز. ئەسكەرتىشكە خىلاپلىق قىلغۇچىلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، بېكىتىمىز ھېچقانداق قانۇنىي جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.

2. يوللانغان ھەرقانداق تېمىنىڭ مەنبەسى بولۇشى تەلەپ قىلىدۇ، ( ئىجادىي ئەسەرمۇ شۇنىڭ ئىچىدە)  بۈگۈندىن باشلاپ مۇنبەر قەرەللىك - قەرەلسىز تازلىنىپ تۇرىدۇ، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھەرقانداق تېما بىر يولى ئۆچۈرىلىدۇ ھەم تېما ئىگىسىگە ئۇقتۇرۇشمۇ قىلىنمايدۇ. ( ئىجادىي ئەسەرمۇ شۇنىڭ ئىچىدە)

3. بېكىتىمىز مائارىپ تور بېكىتى بولغاچقا، مائارىپقا ۋە ئوقۇتۇش   تەتقىقاتىغا ئائىت مەزمۇنلارنىڭ كۆپرەك بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇ سەۋەپتىن بۇنىڭدىن كېيىن يوللىنىدىغان تېمىلار:
(1)  مائارىپقا،  ئوقۇتۇش تەتقىقاتىغا ئائىت تېمىلار.
(2) كۆڭۈل ئىچىش خارەكتىردىكى ، ساغلام مەزمۇندىكى تېمىلار بولىشى كېرەك.

4. يۇقۇرىدا دېيىلگەنلەردىن سېرت مەزمۇندىكى ئەسەرلەر بولسا ئەھمىيىتى يوق دەپ قارالغانلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆچۈرىلىدۇ، بولۇپمۇ مۇشۇ تېما يوللانغاندىن باشلاپ " ئۇيغۇر "  قالپىقى قويۇلۇپ يېزىلغان تېمىلار چوقۇم ئۆچۈرىلىدۇ،  ئىگىسىگە ئۇقتۇرۇش قىلىنمايدۇ، خەۋەردار بولۇپ قىلىڭ. بۇ ھەرگىزمۇ قورقۇنچاقلىقتىن ئەمەس، بېكىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ھەم زور كۆپچىلىكنىڭ ئەمىنلىكى ئۈچۈندۇر.

5. ئۈچ كۇبلىتتىن ئاز شېئىرلار، بىرەر -  ئىككى يۇمۇرلارنى ئايرىم تېما قىلىپ يوللىماڭ،  مۇنبەر يېڭى تېمىلار رايونىدا شۇنداق تېمىلار بولسا، داۋامىغا ئىنكاس شەكلىدە يوللىسىڭىزمۇ يەنىلا سىزنىڭ يازمىڭىز ھېسابلىنىدۇ.

6 . يوللىغان تېمىڭىزغا ماس سەھىپە تاللاش ھەرۋاقىت سەمىڭىزدە بولسۇن.

7. يوللىغان تېمىلىرىڭىزنى چوقۇم ئۆزىڭىز زاپاسلاپ ساقلىۋىلىڭ، مۇنبەر نەشرىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش مەشغۇلاتلىرى ئېلىپ بېرىلغاندا يوقاپ كېتىشى مۈمكىن. شۇنداقلا، بوشلۇقنى تېجەش يۈزىسىدىن ۋاقتى ئۆتكەن ئەھمىيىتى ئانچە قالمىغان تېمىلار، ئېچىلماس بوپ قالغان تېمىلار ئوچۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. تېما ئىگىسىگە ئۇقتۇرۇلمايدۇ.

8. تەۋپىق ئەپەندىگە تەكلىپ: باش بەتتىكى " مىللىي مائارىپ " دېگەن چوڭ خەتلەردىكى "مىللىي"  سۆزىنى ئېلىۋىتىشىڭىزنى ئەسكەرتىمەن. ئۇ بولمىسىمۇ كۆپچىلىك يەنىلا مەنىنى چۈشىنەلەيدۇ.

 قالغان قىستۇرمىلار بولسا، داۋاملىق ئىنكاس شەكلىدە قوشۇلىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ چوقۇم دىققەت قىشىنى ئەسكەرتىمىز.



 ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش قىلىندى.



تەۋپىق مۇنبىرى ئىشخانىسى

2010.7.21

oguzyar 2010-07-21 13:10
ياخشى بوپتۇ، ئارزۇخانىڭ تەلەپلىرىنى چوقۇم ئورۇنلايمىز.

layli 2010-07-21 13:30
ياخشى تەكلىپ - پىكىرلەركەن ھەدە ....چۇقۇم دىققەت قىلىمىز .

padixa 2010-07-21 14:26
مەنمۇ چۇقۇم دىققەت  قىلىمەن.

qartikin 2010-07-21 20:12
ناھايىتى ياخشى ئەسكەرتىش بوپتۇ رەھمەت.

tawpek 2010-07-21 21:40
ئۇستىدىكى رەسىم پەقەت ۋاقىت قىسلىقى تۇپەيلى شۇنداق بوپ قالدى، مۇنبىرىمىز بۇندىن كىيىن مەيلى مەزمۇن ياكى سىرىتقى كۆرنىشى جەھەتتىن بولمىسۇن داۋاملىق مۇكەممەللەشتۇرلىدۇ.

سەھىپىلەر ئاساسەن تولوقلاندى، مۇشۇ يەردە بار سەھىپىلەرگە ماس تىمىلار يوللىنىدۇ، ئاساسەن ئارزۇ ئىيىتقاندەك
مۇنبىرىمىز مائارىپ بايلىقى بىلەن ئىجادى ئەسەرلەرنى ئاساس مەخسەت قىلىدۇ، تورداشلار ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ قەلەم قۇۋۋىتىمىزنى تىخىمۇ ياخشىلىساق دىگەننى ئۈمۈت قىلىمىز،
باشقا ئەھمىيەتسىز تىمىلارنىڭ بولىشىنى ئۈمۈت قىلمايمىز، ئالاھىدە تەرەققى قىپ كىتىش بىزنىڭ  ئارزۇيىمىز  ئەمەس پەقەت كىرگەن ھەربىر ئەزانىڭ مەنىۋىيتىنى بىيىتىدىغان ئىللىق ئائىلىسى  بوپ چىقالىسا شۇ كۇپايە.

قانۇن ئىڭى مەسىلىسىگە كەلگگندە ئارزۇ ئىيىتقاندەك ئالاھىدە سەگەك بولىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمىز.
ئاددىسى  مەن جىنىمدا مۇنبەرگە كىرىپ چىققان ھەربىر كىشىنىڭ (ئەزا بولمىغانلارنىڭمۇ) قايسى تىمىلارنى كۆرگىننى ، كومپىيۇتىر ئىكرانىنىڭ نەچچە سۇڭ ئىكەنلىكىنى ۋە شۇنىڭغا ئائىت نۇرغۇن مەلۇماتلارنى بىلىپ تۇرالايمەن.

tutya 2010-07-22 21:46
ھەممەيلەننىڭ دىققەت قىلغىنى ياخشى...

kapetan 2010-07-22 23:32
مەنمۇ  شۇنداق ئويلايمەن!

AnHaRi 2010-07-30 01:49
ھەممەيلەننىڭ دىققەت قىلغىنى ياخشى !!!

akram 2010-08-18 11:50
مۇسۇلماندارچىلىق ئاست ئاستا  دىگەندەك  ھەممە ئىشلار ئالدىرماي ئوڭشىلىپ كىتىدۇ

tawpek 2010-10-26 14:39
باشقا تىلدا يىزىلغان يازمىنى كۆرگەن ھامان خەۋەر قىلىڭ.
كىيۇ كىيۇ  136257746
تىلفۇن: 13399792951

gulbar 2010-11-10 21:54
ياخشى تەكلىپ پىكىرلەر بولسا بەرسەم دەيمەن ، لىكىن ئاڭلايدىغان ئادەم چىقماسلىقىدىن ئەنسىرەپ شۇ .

tawpek 2011-07-15 10:45
ئارزۇ ھەدىمىزنىڭ بۇيىلدىكى يىڭى تەكلىپلىرىنى يەنە ئاڭلىغۇمىز بار.

sannada 2011-07-15 14:23
.<< تەۋپىق ئەپەندىگە تەكلىپ: باش بەتتىكى " مىللىي مائارىپ " دېگەن چوڭ خەتلەردىكى "مىللىي"  سۆزىنى ئېلىۋىتىشىڭىزنى ئەسكەرتىمەن. ئۇ بولمىسىمۇ كۆپچىلىك يەنىلا مەنىنى چۈشىنەلەيدۇ.>> دېگەنگە .
  بۇ خەتنى ئېلۋىتىشنىڭ نېمە زۆرۈريىتى  بار  .  مىللىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش   مەملىكىتىمىزنى مائارىپ  ئىشلىردىكى مۇھىم   تۇتقا  تۇرسا . بۇنچىلىك نەرسىلەرگە   ئىسىلۋالمايلى . سىزنىڭ   مۇشۇ گېپىڭىز ئۈزى خاتا .

tawpek 2011-07-15 18:44
ئارزۇ ھەدىمىز شۇ نوختىنى ئوتورغا قويغاندا ۋەزىيەت شۇنداقراق ئىدى، لىكىن ھازىر سەننەدە مۇئەللىم ئىيىتقاندەك.


查看完整版本: [-- مۇنبەرداشلارغا ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled